2020/11/27 23:30

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


غېرىپ قۇش

يوللىغۇچى: Rana Aybala Yashar, 2019/08/04 11:15

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

Rana Aybala Yashar

 
شەرق تامان ئۇچقان غېرىپ قۇش،
سالامىمنى بىرگە ئېلىپ كەت.
تىلەكلىرىم بولسۇن يوللۇقۇم،
غېرىپلىقنى ماڭا قويۇپ كەت.
 
مەھەللەمنىڭ ئىنسانلىرىغا،
ياۋروپادىن ھۇزۇر ئېلىپ كەت.
قوشۇپ بىرەي بىر مىسقال ئۈمۈت،
چۈشكۈنلۈكنى ماڭا قويۇپ كەت.
 
غېرىپ دادام مۈكچەيگەن بىلى،
تىمەنلىكنى بىرگە ئېلىپ كەت.
ئانام بەلكى كۆرمەس يىراقنى،
كۆز نۇرۇمنى بىرگە ئېلىپ كەت.
 
مەرھۇملارنىڭ روھى شاتلانسۇن،
دۇئايىمنى بىرگە ئېلىپ كەت،
يىتىملەرنىڭ ئاقمىسۇن يېشى،
سەبىرنىمۇ بىللە ئېلىپ كەت.
 
چۆچەكتىكى چىن تۆمۈر باتۇر،
تەييار تۇرسۇن،پەرمان ئېلىپ كەت.
قەپەستىكى نۇزۇگۇملارغا،
ھۆرلۈكۈمنى بىرەي ئېلىپ كەت.
 
رازىلىقىن سوراپ ئانامنىڭ،
مەكتۇپ يازدىم بىرگە ئېلىپ كەت.
رازى بولسۇن دادام ھەققىگە،
ئۆزۈرۈمنى قوشۇپ ئېلىپ كەت.
 
بالىلىقتا ئوينىغان دوستلار،
ئامانمىدۇر،سالام ئېلىپ كەت.
تەلىم بەرگەن ھەقتىن ئۇستازىم،
رەھمىتىمنى بىرگە ئېلىپ كەت.
 
ئامانمىدۇر ئانا تۇپرىقىم،
كۆز يېشىمنى بىرگە ئېلىپ كەت.
ياقا يۇرتتا غېرىپ قالدى دەپ،
ھەسرىتىمنى بىللە ئېلىپ كەت.
 
قەھرىتانغا ئۇچقان غېرىپ قۇش،
باھارىمنى قوشۇپ ئېلىپ كەت.
يىراقلاردىن، ئۈمۈتكە تولغان،
تەبەسسۇمنى بىرگە ئېلىپ كەت.
 
رەنا ئايبالا  ياشار