2020/10/27 05:21

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


ئوغلىمەن

يوللىغۇچى: قۇددۇس ھافىز, 2020/03/17 02:56

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

قۇددۇس ھافىز



ئوغلىمەن

قەدىردان ئاتا ۋە ئانا ئوغلىمەن ،
ئۇرغۇيدۇ تۇمۇرۇمدا ئىماننىڭ قېنى ،
قەدىردان ئاتا ۋە ئانا ئوغلىمەن ،
ئۇرغۇيدۇ تۇمۇرۇمدا ۋىژداننىڭ قېنى .

شۇ ئىمان ، ۋىژداننىڭ ھىكمىتى شولكى ،
كۆيمەكتە ژۈرىگىم ۋەتىنىم ئۈچۈن ،
شۇ ئىمان ، ۋىژداننىڭ ھىكمىتى شولكى ،
كۆيمەكتە ژۈرىگىم مىللىتىم ئۈچۈن .

بۇ اللە بېغىشلىغان ئەقىدە ، ئىلھام ،
مەڭگۈلۈك بەختىمنىڭ نۇرى ، مەشئىلى .
سادىقمەن شۇڭىمۇ اللە ئەمرىگە ،
ئۇ ھالسىز زۇلمەتتۇر ھاياتىم مەنزىلى .

گەر شۇنداق بولمىسا دەيمەن ئۆزۈمنى ،
سېپى ئۆزىدىن ھارامدىن بولغان !
ياۋلارغا خوش - خوش دەپ ، مەھكۇم ، قۇل بولۇپ ،
خائىنلىق ، ساتقىنلىق يۇلىدا ماڭغان .

زادى بۇ قانداق ھال ؟ ــ ئېقىل ئالارمۇ ؟
سۈتى پاك ئىنسانغا ۋە يارىشارمۇ ؟
ــ ئەقلىدىن ئازغان بۇ ماڭقۇرت ئىنسانغا ،
خالايىق ھۆرمەتتە ، خۇش قارىشارمۇ ؟

ياق !
    ئەسلا !!
       ۋە قەھرى غەزەپ ياغىدۇ !!!
ھەمدە مىڭ نالەتلەر ئوتتەك ياقىدۇ .
خەلقنىڭ بەختىگە سالغان زەھىرىڭ ،
ئۆزۈڭگە يانىدۇ ، دەھشەت چاقىدۇ !!!

بىلگىن ئۇ ئاق سۈتنىڭ قىسمىتى ئەمەس ،
كى ئىمان ، ۋىژداننىڭ ھىكمىتى ئەمەس .
ھۇشيار بول !
   ئاچ كۆزۈڭ !!
ئويلانغىن چۇڭقۇر !!!
قۇلچۇلۇق ــ ياشاشنىڭ قىممىتى ئەمەس !!!

باق ، ئەنە ! ـ ئىشەكنى ھەركىم مىنىدۇ ،
قەيەرگە « ماڭ ! » دېسە قاتراپ ماڭىدۇ .
ــ قارشىلىق كۆرسەتمەس ، تىپچەكلىمەس ھەم !
دۆت ئىشەك شۇ يولدىن قۇساق باقىدۇ .

ۋە لېكىن ئىشەككە بۇ بەك ھاقارەت (؟)
يارىلىش شۇنداقكەن ئاڭا نە ئامال ؟!
ھېلىمۇ ياخشىكى ، دىھقان ، چارۋىچى ،
نەپ ئالار يۈرگۈنچە تاغۇ - تاش ، جاڭگال .

چۈشەنسەك بەزىلەر كۆرىنە ئادەم ،
ۋە لېكىن قىلمىشى ئىشەكتىن بەتەر .
ــ گەر ئاڭا « خۇجايىن » قىلسا بىر « ئەمىر » ،
« لەببەي ! » دەر ۋە دەرھال ناھەق قان ئىچەر !

مۇشۇ خىل قۇللارنىڭ دەردۇ - بالاسى ،
تارىختا يۈز بەرگەن ھەددى - ھېساپسىز .
ھېلى ھەم ئاز ئەمەس پۇل ، ئەمەل ئۈچۈن ،
قۇللارچە ياشىغان قانخور ئىمانسىز !!!

ژۈرىگىم قاخشايدۇ ، زارلايدۇ ھەر چاغ ،
دېگۈنچە جىسمىمغا چۈشتى قانلىق داغ .
قوترىغان چىل بۈرى ، لالما قاۋانلار
دەستىدىن بولسۇنمۇ ۋەيران چاھار باغ !

ئويلۇنۇپ ئەلەمدىن كۆزۈم قانلىق ياش ،
جان ۋەتەن ، ئېزىزان مىللىتىم ئۈچۈن .
ۋەتىنىم ، مىللىتىم ــ شۇ گۈلزارلىقنىڭ ،
بى قارا ئاشىغى بولغۇنۇم ئۈچۈن .

شۇ ئوتلۇق سۆيگۈمدىن مىسرالار تۈزۈپ ،
كى « دېڭىز تەكتىدىن مۇجەۋھەر » سۈزۈپ .
دەيمەن :  خوش ، مەرھەمەت ئەي ئېزىز خەلقىم !
كەتكەيمەن ئوتۇڭدا كۆيۈپ جان ئۈزۈپ !!!

ئاللاھىم !
ساقلىغىن رەزىل قىسسمەتتىن ،
كى ئىمان ، ۋىژداندىن ئايرىما ئەبەت .
گۈل دىيار ۋەسلىگە چاچاي خۇشپۇراق ،
تىلەيمەن ، ــ بوپ قالماي شۇم بۇيا پەقەت !

ئۆلۈمنىڭ نۆۋىتى كەلسە ئەگەردە ،
رازىلىق بىلدۈرۈپ بارىمەن ساڭا .
بۇ دۇنيا بىر ئۆتەڭ ، راھىتى چەكلىك ،
زەپ گۈزەل جەننىتىڭ ئەۋزەلدۇر ماڭا !

شۇڭىمۇ ئىشرەتلىك چاغلار ياراشماس ،
ۋەتىنىم ، مىللىتىم پىداكارىمەن .
شۇڭىمۇ مۇشكۈللەر ، بەلكى تۈرمىلەر ،
ئالدىدا قورققۇم يوق ، مەردان بارىمەن .


شۇنداقكى ، ۋەتىنىم ، مىللىتىم ئۈچۈن ،
تەييارمەن نى مۈشكۈل خەۋپ - خەتەرگە .
مەن ئۆلسەم مېنىڭدەك نەچچە مىڭ ئەۋلات ،
ئاتقۇسى ئۆزىنى شانلىق زەپەرگە !

ھەق ئۈچۈن ئاققان قان ئاچىدۇ گۈللەر ،
ئۇ بەلكى ئەمىرىڭ ، بۇيۇك ئىمتىھان !
ئاللاھىم !
        قولىمىزدا قۇرئانى كالام !
ئىشەنچ زور ئاشماققا مەغرۇر تاغ - داۋان !
ياسايمىز !
      مىسلى گۈزەل باغۇ ـ- گۈلىستان !!!

تۈركىيە ــ ئىستانبۇل
2007 . 10 . 10