2020/07/04 08:34

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


خەلقئارا ئانا تىل كۈنىدە خەلقىمىزگە ئاتالغان ھەق ۋە نەق گەپلەر

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2020/02/21 04:44

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى






خەلقئارا ئانا تىل كۈنىدىكى ئەسلەتمىلەر ، كۆرسەتمىلەر ۋە بىر قىسىم مۇھىم چاقىرىقلار

مۇقەددىمە ۋە كىرىش سۆز ئورنىدا :

ئۇيغۇرلار « ئانا تىلىمىز » دەپ پەخىرلىنىۋاتقان
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ( ھەر خىل ئۆزگىچە يەرلىك شېۋىلىرىنى تولۇق ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) ئەسلىدە توپتوغرا مىڭ يىل بۇرۇن ئەجداتلىرىمىز تەرىپىدىن « خاقانىيە تىلى » دەپ ئاتالغان قۇتلۇق تىل ۋە ئۇنى يېزىقتا ئىپادىلىگۈچى ۋاسىتە بولغان « خاقانىيە يېزىقى » ھەزرىتى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ( 906 - 956 ) بىلەن ئۇستازى ئەبۇ نەسىر سامانى ( 888 - 952) 940 - يىللىرى قۇرۇپ چىققان قاغانلىق ئالىي بىلىم يۇرتى « ساچىيە مەدرىسىسى » تەرىپىدىن پۈتۈن قاغانلىق تەۋەسىگە تارقىتىلغان ۋە ئومۇملاشتۇرۇلغان ئەدەبىي يېزىق بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا يالغۇز قاراخانىلارنىڭ مىللىي يېزىقى بولۇپلا قالماي ، ئۇلارنىڭ تەسىرىدە ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان غەزنەۋىلەر ۋە سالجۇقىلارنىڭمۇ ئەدەبىي يېزىقىغا ئايلانغان ئىدى . ھەزرىتى مەھمۇد كاشغەرىي 1072 - يىلى 25 - يانۋار قۇتلۇق قۇتلۇق جۈمە كۈنى باغدات شەھىرىدە تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ مۇقەدىمىسىنى يېزىۋاتقاندا خاقانىيە تىلىنىڭ باشقا يەرلىك شېۋىلەردىن پەرقلىق بولغان تەرىپى ھەققىدە ئوچۇق مۇنداق ئۇچۇر بەرگەن:
« تۈرك تىللىرىنىڭ ئەڭ پاساھەتلىكى ۋە تولۇق تەلەپپۇز قىلىنىدىغىنى شەك - شۈبھىسىز كاشغەر تۈركچىسىدۇر ! تىلغا ئەڭ يېنىك ۋە كەمتۈك تەلەپپۇز قىلىنىدىغىنى ئوغۇز تۈركچىسىدۇر ! » . بىز بۇ قىممەتلىك تارىخىي ئۇچۇرلاردىن ئەينى ۋاقىتتىكى خاقانىيە تىلىمىزنىڭ بارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئەدەبىي تىلى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدۇق . ئۇندىن باشقا كېيىنكى چاغاتاي تىلى ۋە ئوسمانلى تىلى قاتارلىقلارنىڭ خاقانىيە تىلىنىڭ راۋاجى ۋە داۋامى ئىكەنلىكى تارىخچىلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان ھەقىقەت . ئەردوغان چېغىدا تېخىچە ئاشۇ ئوسمانلى تىلى ۋە ئوسمانلى يېزىقىنى قايتا مائارىپ ساھەسىگە كىرگۈزۈپ بولالماي ئاۋارە. ئەمما ئۇيغۇر خەلقى يېقىنقى مىڭ يىلدىن بېرى ھەر خىل ئىسسسىق - سوغۇقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ ، خاقانىيە تىلى ۋە خاقانىيە يېزىقىنى تۈرلۈك چارىلەر بىلەن ساقلاپ قالدى. باندىتلارنىڭ 1960 - يىللىرى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم يېزىقنى مەجبۇرىي ئۆزگەرتىپ ، ئۆزىگە سىڭدۈرۈپ يوقىتىش سۇيقەستىنىمۇ خەلقىمىز 1980 - يىلغا كەلگەندە تولۇق بىتچىت قىلدى.

 1 . ئانا تىلىمىزنىڭ ۋە ئۇنى ئىپادىلىگۈچى تەۋەررۈك يېزىقىمىزنىڭ قىممىتى نەدە !؟؟

ئانا تىلىمىزنى يېقىنقى مىڭ يىلدىن بېرى راۋان ئىپادىلەپ ، ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتى ۋە ئۇنىڭ يارقىن نامايەندىسى بولغان ئۇيغۇر - ئىسلام مەدەنىيىتىگە ئۇل سالغان تەۋەررۈك يېزىقىمىز « ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى » بولسا سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاندىن مەلىكۇل مەشرىق يۈسۈپ قادىرخانغىچە بولغان يۈز يىلدا پۇختا قېلىپلىشىپ « خاقانىيە يېزىقى » دەپ ئاتالغان بولسا ، كېيىنچە « چاغاتاي يېزىقى » نامى بىلەن 20 - ئەسىرگىچە داۋام قىلغان . يېقىنقى يۈز يىلدا خۇددى ئىگىلىرىدەك دەھشەتلىك بالا - قازالارنى بېشىدىن كەچۈرگەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىمىز يەنىلا شۇ پېتى ھەر قايسى مەتبۇئاتلار ، گېزىت - ژۇرناللار ۋە تاراتقۇلاردا ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى داۋام قىلماقتا . ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ئۇيغۇرچە بۆلۈمىمۇ دەل مۇشۇ تەۋەررۈك يېزىقتا ھەر كۈنى ئەزىز خەلقىمىزگە دۇنيادىكى بارلىق ئۆزگىرىشلەر ۋە ئاخباراتلارنى دەل ۋاختىدا تەمىنلەپ بېرىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا . ھەممىمىز ئانا تىلىمىزنى قوغداش ئۈچۈن كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە تىرىشايلى ! مىڭ يىلدىن بېرى ئانا تىلىمىزنىڭ جانلىق ۋە ئەدەبىي يېزىقى بولۇپ كەلگەن « خاقانىيە يېزىقى » نى ئۇيغۇر خەلقى ھەر خىل چارىلەر بىلەن ساقلاپ قالغان بولسا، غەرپتە بوشناقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بالقانلىقلار ، تۈركلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاناتولىيە خەلقى، چېچەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كاۋكازلىقلار مەزكۇر خاقانىيە يېزىقىنىڭ راۋاجى بولغان ئوسمانىيە يېزىقىنى ئۇنتۇپ كېتىشتى . ھازىرمۇ ئۇلار لاتىن يېزىقى ياكى كېرىل يېزىقى ئارقىلىق ئانا تىلىنى ئىپادىلەپ كەلمەكتە . شەرقتە خاقانىيە يېزىقىنىڭ ئۇرالدىن ئالتايغىچە قوللىنىپ كېلىنگەن راۋاجى « چاغاتاي يېزىقى » نى قوللىنىپ كېلىۋاتقان تاتارلار ۋە مەركىزىي ئاسىيادىكى قېرىنداش خوشنا مىللەتلەرمۇ ئۆز يېزىقىنى ساقلاپ قالالماي ئورۇسچە ئېلىپبە ئاساسىدىكى كېرىل يېزىقى بىلەن ئانا تىلىنى ئىپادىلەپ كەلمەكتە . قىسقىسى ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئارزۇ قىلىدىغان يېزىقى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلار ھازىر ئىشلىتىۋاتقان يېزىقتۇر . بۇ نۇقتىدىن ھەر بىر ئۇيغۇر ئىپتىخارلىق ۋە شەرەپ ھېس قىلىشى ، مىڭ يىلدىن بۇيان ئانا تىلىمىزنى ئۆز مىللىي يېزىقىمىز بىلەن قوغداپ كەلگەن بارلىق نامسىز قەھرىمانلار ياكى داڭلىق قەھرىمانلىرىمىزنى ۋە تۆھپىكارلىرىمىزنى ھۆرمەت بىلەن ياد ئېتىپ تۇرۇشى لازىم ! ئۇلارنىڭ ھازىرقى ۋارىسلىرىنى
پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ - قۇۋۋەتلىشى كېرەك ! شۇندىلا ئانا تىلىمىزنىڭ ئىستىقبالى ۋە كېلەچىكىدىن سۆز قىلغىلى بولىدۇ .

2020 - يىلى 21 - فېۋرال. قۇتلۇق جۈمە. 
سايرام ئوغلانى .

2 . تىبەت زىيالىسىدىن ئون يىل بۇرۇنقى ئاگاھلاندۇرۇش :

تىبەت يازغۇچىسى ۋوئېسېر: 'تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تىل مەدەنىيىتى ۋەيران بولماقتا'

تىبەت ئايال يازغۇچىسى ۋوئېسېر ئۆزىنىڭ يېڭى كىتابى "توربوتتىكى بىرنەچچە يىل" دا، نۇقتىلىق ھالدا تىبەت ھەم ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن بۇ 60 يىلدىن بۇيان ۋەيرانچىلىققا ئۇچراش ئەھۋالى ھەققىدە توختالغان.

ۋوئېسېر تىبەت مەدەنىيىتىنى قوغداش تەشەببۇس قىلىنغان يازمىلىرى بىلەن تىبەتلەر ئارىسىدىلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارادىمۇ تونۇلغان يازغۇچى.

يازغۇچى ۋوئېسېر كىتابىنىڭ "يۈرەكنىڭ بېغىشى" ناملىق كىرىش سۆز قىسمىدا، ئۆزىنىڭ تىبەت ھەم ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللارغا ئاساسەن، ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بۇ ئىككى خەلقنىڭ تىل - يېزىق، ئۆرۈپ - ئادەت مەدەنىيىتىدە يۈز بەرگەن پاجىئەلىك قىسمەتلەر ھەققىدە توختالغان.

ۋوئېسېر ئۆز يازمىسىدا يەنە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن تارىخىدا، ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەر ھەم بۇ مىللەتلەرنىڭ ئانا تىلى، يېزىقى، مەدەنىيىتى قاتارلىقلارنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى ھەققىدە توختىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەيدۇ.

"ئەجەبا بىزنىڭ تىنچ يوسۇندا مەجبۇرى ئۆزگەرتىلگەن يېزىقىمىز، تىلىمىز ھەققىدىكى تارىخ ۋە بېشىمىزدىن كەچۈرگەن ئاچچىق قىسمەتلەرنى يېزىشقا ھەققىمىز يوقمۇ؟ مەن خوتەننىڭ نىيە ناھىيىسىگە ساياھەت ئۈچۈن بارغان چېغىمدا، بۇ ناھىيىنىڭ مەركىزىگە تىكلەنگەن خاتىرە مۇنارنى كۆرگەن ئىدىم. قىزىل سىردا سىرلانغان بۇ مۇنارنىڭ چوققىسىدا قىزىل بايراقلار بىلەن ئورالغان ماۋزېدوڭنىڭ ھەيكىلى تۇرۇپتۇ، مۇنارنىڭ ئوتتۇرىسىغا خىتاي يېزىقى ھەم مەن بىلمەيدىغان لاتىن يېزىقى بىلەن ' يېتەكچى ئىدىيىمىزنىڭ ئاساسى ماركسىزم ئىدىيىسى، بىزگە يېتەكچىلىك قىلغۇچى يادرو كۈچ جۇڭگو كوممۇنىست پارتىيىسى' دەپ يېزىلىپتۇ. مۇنار ئاستىغا بولسا مۇنارىنىڭ 1968 - يىلى بىنا قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلىپتۇ. قارىغاندا مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ بوران - چاپقۇنلىرى پۈتۈن خىتايغا تۇتاشقان ئىكەن، مەن بۇ مۇناردىكى يازمىدىن مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى قىزىل تېررورلۇق ھەممە يەرنى قاپلىغان مەنزىرىنى يەنە بىر قېتىم كۆرگەندەك بولدۇم."

ۋوئېسېر بايانىنى داۋاملاشتۇرۇپ، 1968 - يىلى تىبەتنىڭ لخاسا شەھىرىدە يۈز بەرگەن "قىزىل تېررورلۇق" ۋە ئۇيغۇر، موڭغۇل، قازاق قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ يېزىقى مەجبۇرى ھالدا ئىسلاھ قىلىنغىنى ئۈچۈن، بۇ مىللەتلەر مەدەنىيىتىدە يۈز بەرگەن پاجىئەلەرنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: "مېنىڭ ئىگىلىشىمچە، 1968 - يىلى ئىككى گۇرۇھ ئوتتۇرىسىدىكى ئەلەم كۈرىشى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن ئىكەن. بۇ دەۋردە خىتايلار بىلەن تىبەتلەر تارىختىكى ئەڭ ئىتتىپاق ھالەتتە ياشىغان بولۇپ، بۇ يىللاردا كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى يېقىنلىقنى بەلگىلەشتە، مىللەت ئايرىمىلىقى ئەمەس بەلكى سىنىپ ئايرىمىلىقى ئۆلچەم قىلىنغان ئىكەن. ئەمما، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت بۇ يىللاردا قانداق بولدى، بۇنى تازا بىلەلمىدىم. ئەمما مېنىڭ ئەڭ ياخشى بىلىدىغىنىم شۇ بولدىكى مۇنارغا يېزىلغان بۇ يېزىق ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى دەپ ئاتىلىدىكەن. 1960 يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرى تېڭىلغان بۇ يېزىق، ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن زادىلا قوبۇل قىلىنمىغىنى ئۈچۈن، 1982 - يىلى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ؛ ئەسلىدىكى ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدا ئىشلىنىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر يېزىقى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ئىكەن. ئەممۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرى تاڭغان بۇ يېزىق سەۋەبىدىن 20 يىل بۇ خىل يېڭىچە يېزىقتا تەربىيىلەنگەن بىر ئەۋلاد ئۇيغۇرلار بىر كېچىدىلا ساۋاتسىزلار قوشۇنىغا قېتىلغان. ئەينى چاغدا ئۇيغۇرلاردىن باشقا قازاقلار، موڭغۇللار ئىشلىتىپ كەلگەن يېڭى يېزىقمۇ ئوخشاش قىسمەتكە يولۇقتى. ئاتالمىش مۇتەخەسسىسلەرمۇ بۇنىڭ 50 يىلدىن بۇيانقى خىتاينىڭ تىل - يېزىق سىياسىتىدە ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىنىڭ ئەڭ جانلىق ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر ئەلۋەتتە!"

ۋېئوسېر كىرىش سۆز قىسمىنىڭ ئاخىرىدىكى بايانلاردا، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇرلار ھەم تىبەتلەر ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان "قوش تىللىق مائارىپ ئىسلاھاتى" نامىدىكى "مىللىي مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش" سىياسىتىنى تەنقىدلىگەن.

"ئەجەبا تىبەت مىللىتى ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى تىل مەدەنىيىتىدىكى گۈزەللىكنى نەپىسلىكنى يوقاتقاندىلا ئاندىن قەد كۆتۈرەلەمدىكەن؟ گەرچە بۇ خىل تىنچلىق ئىچىدىكى تىبەت يېزىق مەدەنىيىتىنى ئىسلاھ قىلىش شامىلى ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ دەۋر تىبەت مەدەنىيىتى ئۈچۈن ئەڭ زور يوقىتىش بولدى. ئەمما، ھازىر جۇڭگو ھۆكۈمىتى يەنىمۇ يۇقىرى ئامال - چارىلەرنى ئويلاپ چىقىپ، خىتاي بولمىغان تىبەت، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنى ئۆز ئانا تىلى ھەم يېزىقىدىن يىراقلاشتۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ! ئۇلار ھازىر بىز ئىچىشنى رەت قىلغان شارابنى' ئىچىشنى خالىساڭمۇ ئىچىسەن، خالىمىساڭمۇ ئىچىسەن!' دەپ بىزنى مەجبۇرلاۋاتىدۇ."

ئاپتور ۋوئېسېر ئۆز كىتابى"توربوتتىكى بىرنەچچە يىل" نىڭ كىرىش سۆز قىسمىنى مۇنداق جۈملىلەر بىلەن ئاخىرلاشتۇرىدۇ.

"تىل ۋە يېزىق بىر مىللەتنىڭ جېنى، خىتاي ھۆكۈمىتى باشقا مىللەتلەرنىڭ تىلىنى يېزىقىنى ھۆرمەت قىلىشى كېرەك ئىدى. ئەمما، ئۇلار خەنجەرنى يۈرەكنىڭ بېغىشىغا سانجىماقتا. مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇر ۋە موڭغۇل دوستلىرىمدىن ئۆز يېزىقلىرىنىڭ مەجبۇرى ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى پاجىئەلەرنى ئاڭلىدىم. تىبەت تىلى گرامماتىكىسىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، خىتاي تىلىغا يېقىنلاشتۇرۇلۇش جەريانىنى ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزدۈم. ھازىر ئەينى يىللىرى گرامماتىكىمىز ئۆزگەرتىلىپ، خىتاي تىلىغا يېقىنلاشتۇرۇلغان تىبەت تىلىمىز ھەققىدە خەلق ئارىسىدا ئاچچىق يۇمۇرلار، مەسخىرە - لەتىپىلەر ئېقىپ يۈرۈپتۇ. ئەجەبا بۇ ھۆكۈمەت ئەمدى بىزنىڭ ئۆز ئانا تىلىمىزنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنسا بۇنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولار؟!"

3 . ئۇيغۇر زىيالىسىنىڭ ئۈرۈمچى قەتلىئامىدىن ئون يىل كېيىنكى ئانا تىلىنىڭ تەقدىرى  ھەققىدىكى ئەندىشىلىرى :

«ئۇيغۇر تىلى ئۇيغۇر ئېلىدا مائارىپ ساھەسىدىن سىقىپ چىقىرىلغان، يۈزلىگەن ئۇيغۇر سەرخىللىرى تۈرمىلەرگە تاشلانغان، ئۇيغۇر تىللىق ئەسەرلەر چەكلەنگەن ياكى يىغىپ كېتىلگەن، ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ تىلى بوغۇلغان بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر تىلىنىڭ كەلگۈسى توغرىلىق پىكىر يۈرگۈزگىنىمدە ۋۇجۇدۇمنى ۋەھىمە باسىدۇ،» دەيدۇ ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور مەمتىمىن ئەلا. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە يەنە بەلكىم بۇ تۇيغۇ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاپ تۇرغۇچى بارلىق ئۇيغۇر تەپەككۇر ئىگىلىرىگە ئورتاق بولسا كېرەك. ( 2017 - يىلى 5 - ئىيۇل ئۇقتۇرۇش چىقىرىلىپ ، شۇ يىلى سېنتەبىردىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلى ۋەتىنىمىزدىكى بارلىق مائارىپ ئاپپاراتلىرى ۋە مەكتەپلەردە قەتئىي چەكلەندى ) .

ئۇيغۇر تىلى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە خىرىسقا يولۇقۇۋاتقان زامانىمىزدا بۇ تىلنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر خەلقى نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك !؟ نېمىلەرنى قىلالىشىمىز مۇمكىن؟ 

4  . كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇر ئانا تىل مائارىپىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە نېمە دەيدۇ؟

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قىلىش مەسىلىسى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى تەرىپىدىن ھەر ۋاقىت مۇھىم مەسىلە سۈپىتىدە قارالماقتا.

نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە «ئۇيغۇر ئوقۇ مەكتىپى»، «تاڭنۇرى مائارىپى»، «ئايخان مائارىپى»، «ھېرا ئۇيغۇر مەكتىپى» قاتارلىق مەكتەپلەر ئاكتىپ پائالىيەت كۆرسەتمەكتە.

ئىگىلىشىمىزچە، «ئۇيغۇر ئوقۇ مەكتىپى» يېتىم ۋە يوقسۇل ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلەشنى ئاساس قىلغان ياتاقلىق مەكتەپ بولۇپ، مەكتەپتە 6 ياشتىن 12 ياشقىچە بولغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىدىن 50 نەپىرى ئوقۇيدىكەن.

«ئايخان مائارىپى» ۋە «ئايخان فوندى» تېببىي پەنلەر ماگىستىرى مۇيەسسەر ئابدۇلئەھەد خەندان يېتەكچىلىكىدە قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىر 47 ئوقۇغۇچىسى، مۇقىم مۇئەللىمدىن ئىككىسى ۋە تەربىيەلىنىۋاتقان مۇئەللىملەردىن تۆتى بار ئىكەن.

«ھىرا ئۇيغۇر مەكتىپى» بولسا 500 كۋادرات مېتىر كۆلەمگە ئىگە مەكتەپ بولۇپ، توققۇز نەپەر ئوقۇتقۇچىسى بار ئىكەن. نۆۋەتتە چەتئەل تىللىرى، كومپيۇتېر كۇرسانتلىرى ۋە ئانا تىل باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ، 200 نەپەرگە يېقىن ئوقۇغۇچى تەربىيەلەنمەكتىكەن.

كۆزەتكۈچلەرنىڭ قارىشىچە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى گۈللەندۈرۈش ۋە بۇ ئارقىلىق مىللىي كىملىكنى ساقلاپ قىلىش بۈگۈنكى سىياسىي رېئاللىقتا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەردىن بىرى ئىكەن.

ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىم ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «يېقىنقى يىللاردا شەرقى تۈركىستاندىن نۇرغۇنلىغان قېرىنداشلىرىمىز سىياسىي ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى چەتئەللەرگە چىقىپ يەرلەشتى. ھازىر چەتئەللەردە ئۇيغۇر جەمئىيىتى شەكىللەندى. ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقنى قوغداش ئۈچۈن ئانا تىل مائارىپىغا، مىللىي كىملىككە موھتاج بولۇۋاتىدۇ. ئۆسمۈرلىرىمىزگە ئانا تىلنى، مىللىي ئۆرۈپ-ئادەتلىرىمىزنى، مىللىي مەدەنىيىتىمىزنى ئۆگىتىش مۇھىم ئىشلاردىن بىرى بولۇپ قالدى. بۇ شەرقى تۈركىستان داۋاسىنىڭ ئىزچىللىقى ۋە كېلەچىكى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.»

مۇھاجىرەتتىكى مىللىي مائارىپتا ساقلانغان مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، مائارىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى ئانا تىل مائارىپى ۋاسىتىسى بىلەن كۈچەيتىش نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار جىددىي كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئانا تىل كۇرسلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى بىلىش ۋە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلەش ئۈچۈن «ئايخان مائارىپى» ۋە «ئايخان فوندى» ئارقىلىق مىللىي مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مۇيەسسەر ئابدۇلئەھەد (خەندان) خانىمنى زىيارەت قىلدۇق.

مۇيەسسەر خانىم ئانا تىل مائارىپىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر توغرىسىدا سورىغان سوئالىمىزغا ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇپ، مۇنداق دېدى: «ھازىر ئانا تىل ئوقۇتۇشىدىكى بىز دۇچ كېلىدىغان چوڭ قىيىنچىلىقلاردىن بىرى مۇئەللىم كەمچىللىكى بولۇپ، ئانا تىلىدا پىششىق ۋە دەرس ئۆتەلەيدىغان مۇئەللىملەر ئاز. تىل-ئەدەبىيات كەسپىنىڭ ئەھلىلىرى يوق دېيەرلىك. شۇڭا مۇئەللىم تەربىيەلەشنى ئوقۇغۇچى تەربىيەلەشتىن مۇھىمراق ۋەزىپە دەپ ئويلايمەن. ھازىر ساۋات چىقىرىش ئۈچۈن ماتېرىيال مەنبەسى بەك كەڭرى، بىراق ساۋاتى چىقىپ بولغان بالىلار ئۈچۈن دەسلەپتە ئۆزىمىز ماتېرىيال تۈزدۇق. ۋەتەندە نەشر قىلىنغان ئەدەبىيات كىتابلىرىدىكى بەزى مەزمۇنلارنى چىقىرىۋېتىپ قوللىنىشقا مەجبۇر بولۇۋاتىمىز. مۇھاجىرەتتىكى بالىلارغا ماس كېلىدىغان، سىستېمىلىق تۈزۈلگەن ئەدەبىيات ماتېرىياللىرى يوق دېيىشكە بولىدۇ. مائارىپىمىزنىڭ ئاز-تولا ئىئانىدىن باشقا، سىرتتىن كېلىدىغان ئىقتىسادىي مەنبەسى يوق. ئاتا-ئانىلاردىن ماتېرىيال ھەققى ئۈچۈن پەقەت ئايدا 50 لىرا ئېلىنىدۇ، باشقا چىقىملارنى ئۆز كىرىمىمنىڭ بىر قىسمى بىلەن تەسىس قىلغان ‹ئايخان فوندى› ئارقىلىق قامداپ كېلىۋاتىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن تېخى مۇقىم ئورنىمىز يوق، ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ سىنىپلىرىدىن ئىجارە ئېلىپ دەرس ئۆتۈۋاتىمىز. قىسقىسى، بالىلارنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا تۈزۈلگەن سىستېمىلىق بىر ئانا تىل مائارىپ ئەندىزىسىگە ئېھتىياجىمىز بار.»

«ئانا تىل مائارىپىنىڭ كېلەچىكى ۋە تەرەققىيات يۈزلىنىشى ئۈچۈن پۇقراۋى تەشكىلاتلارنىڭ رولى نېمە؟ مىللىي مائارىپتا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قانداق خىزمەتلەرنى ئىلىپ بېرىۋاتىدۇ؟» دېگەن مەسىلىلەرگە جاۋاب تېپىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندىمنى زىيارەت قىلدۇق. قاراخان ئەپەندىم بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«دۇنيانىڭ ھەر قايسىي جايلىرىدىكى شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتلىرى مىللىي كىملىكنى ساقلاش ۋە ئۇيغۇر ئانا تىلىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان ئاساستا ئانا تىل سىنىپلىرىنى ئىچىۋاتىدۇ. ئېلىپبە ۋە بالىلار كىتابلىرى، ھەر خىل ئۇيغۇرچە كىتابلارنى كۆپلەپ نەشر قىلىۋاتىدۇ. بىز ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى قوغداش، ياش ئۆسمۈرلەرگە ئۇيغۇر ئانا تىلىنى تېخىمۇ سىستېمىلىق ئۆگىتىش ئۈچۈن 2-ئايدا بىرلىكتە ئۇيغۇر ئانا تىل كومىتېتىنى قۇرۇپ چىققانىدۇق. ئۇيغۇر ئانا تىل كومىتېتى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ، بولۇپمۇ ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ ئوقۇۋاتقان دەرسلىك كىتابلىرىنى ئۆلچەملىك ھالدا تۈزۈپ چىقىش، ئانا تىل سىنىپلىرىنى كۆپلەپ ئىچىش ۋە سىستېمىلىق بىر شەكىلدە ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەپ چىقىشنى مەقسەت قىلىپ قۇرۇلغان. ھازىرغىچە بولغان يەتتە ئاي جەريانىدا بۇ خىزمەتلەر پەيدىن-پەي ئىلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. مائارىپ خىزمىتى ناھايىتى جاپالىق، مۇشەققەتلىك خىزمەت. بۇنى تېخىمۇ سۈپەتلىك ۋە ئىلمىي ئىلىپ بېرىش ئۈچۈن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى زىممىسىگە چۈشكەن ۋەزىپىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ.»

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئانا تىل مائارىپىنىڭ راۋاجلىنىشى پۇقراۋى تەشكىلاتلار بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك ھەمكارلىقى ۋە تىرىشچانلىقىغا موھتاج. ئۇيغۇر ئانا تىل مائارىپىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى، پۇقراۋى تەشكىلاتلارنىڭ تەشكىللىشى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە ئېھتىياجلىق.

ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىم مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا چاقىرىق قىلىپ مۇنداق دېدى: «ھازىر تۈركىيەدە ۋە باشقا دۆلەتلەردە ئۆسمۈرلىرىمىزگە ئانا تىل ئۆگىتىش ئۈچۈن كۇرسلار ئىچىلدى ۋە ئىچىلىۋاتىدۇ. بۇ مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش كېرەك بولغان ئوقۇشلۇق ۋە دەرسلىكلەر تۈزۈلۈشى كېرەك. بۇ مەقسەت بىلەن بۇ يىل 2-ئايدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەمكارلىشىپ ئۇيغۇر ئانا تىل كومىتېتىنى قۇرغان ئىدى. ھازىر بۇ كومىتېت بىرلىككە كەلگەن ئېلىپبە كىتابى تۈزۈشكە ۋە بىر يۈرۈش سىستېمىلاشقان دەرسلىك كىتاب تۈزۈشكە تىرىشىۋاتىدۇ. مەن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن قېرىنداشلىرىمىزنى بۇ ئىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشكە، قوللاشقا ۋە ياردەم قىلىشقا چاقىرىمەن.»

5 . ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى يىغىنىدا «ئۇيغۇر ئانا تىلى كومىتېتى» قۇرۇلدى

«ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى: خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى» تېمىسىدىكى يىغىن 2019-يىلى 23 - 24-فېۋرال كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى .

ئۇيغۇر دىيارىدا ئانا تىلدىكى، يەنى ئۇيغۇر تىلىدىكى مائارىپ پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ ئۇيغۇرلار خىتايچە مائارىپ تەربىيەسى ئېلىشقا مەجبۇرلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە «ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى: خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى» تېمىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا «ئۇيغۇر ئانا تىل كومىتېتى» قۇرۇلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا چاقىرىلغان مۇھاكىمە يىغىنىغا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، ئەنگلىيە، شىۋېتسىيە، نورۋېگىيە، ياپونىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن كەلگەن 30 زىيالىي ئىشتىراك قىلدى. 23-24 فېۋرال كۈنلىرى ئىستانبۇل گولدەن مېھمانخانىسىدا چاقىرىلغان مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى دۇچار بولۇۋاتقان خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر مائارىپى دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى، ئۇيغۇر مائارىپى دۇچار بولۇۋاتقان خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى قاتارلىق تېمىلاردا ئەتراپلىق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى ئابدۇلخەمىت قاراخان ئەپەندى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتى كۈنسايىن ئېغىرلىشىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنى ئانا تىلىنى ئۇنتۇلدۇرۇشقا، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىدىن يىراقلاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈنلەردە «ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى: خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى» تېمىسىدا يىغىن چاقىرىشتىكى مەقسەت ھەققىدە توختالدى.

ئۇ، يىغىندا نۇقتىلىق ھالدا ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇر مائارىپى دۇچار بولۇۋاتقان خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى توغرىسىدا تەپسىلىي مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۇزاكىرىسى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر تىلىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن «ئۇيغۇر ئانا تىل كومىتېتى» قۇرۇلدى. كومىتېتنىڭ مۇدىرلىقىغا ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى سايلاندى. ئابدۇلخەمىت قاراخان ئەپەندى بىزگە مۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى يىغىندا مەزكۇر كومىتېتنىڭ بۇندىن كېيىن ئانا تىلنى قوغداپ قېلىش جەھەتتە مۇھىم خىزمەتلەرنى قىلىدىغانلىقىنى، دەرسلىك كىتابلىرى تۈزىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بۇ خىزمەتنى قوللىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

قازاقىستان چەتئەلدە ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر مائارىپىدا مۇھىم رول ئويناپ كەلمەكتە. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇغۇچى سانىمۇ كۈنسايىن ئازىيىۋاتقان بولۇپ، يىغىندا بۇ ھەقتىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى. قازاقىستاندىن كېلىپ مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقان قازاقىستاندىكى سۇلايمان دەمىرەل ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دىلنۇر قاسىموۋا خانىم بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

بۇ قېتىمقى يىغىن 2017-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدىكى درىسسېل ئۇنىۋېرسىتېتىدا چاقىرىلغان «چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مائارىپى» ماۋزۇلۇق يىغىندىن كېيىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن چاقىرىلغان مەخسۇس ئۇيغۇر مائارىپى توغرىسىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق يىغىن ھېسابلىنىدۇ.

مەزكۇر يىغىندىن ئىككى كۈن ئىلگىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 21-فېۋرال «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئانا تىلى يۈزلىنىۋاتقان خەتەرلىك ۋەزىيەتنى تەكىتلىدى.

مەزكۇر باياناتتا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كۆپ يىللاردىن بېرى «قوش تىل مائارىپى» نامى ئاستىدا ئۇيغۇر تىلىنى چەتكە قېقىش ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاي تىلىنى دەسسىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ كەلگەنلىكى، ئەمما كېيىنكى ئىككى يىلدىن بېرى بولسا ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەكتەپلەردە پۈتۈنلەي چەكلەنگەنلىكى بايان قىلىنغان.

باياناتتا بۇنىڭغا خوتەن ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى ئۆتكەن يىلى مەكتەپلەردە مەيلى دەرسخانا، مەيلى مەكتەپ قورۇسىدا بولسۇن ئۇيغۇر تىلىنى قەتئىي ئىشلەتمەسلىك ھەققىدە ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇش پاكىت قىلىپ كۆرسىتىلگەن.

6 . دىنىي زاتلاردىن ئانا تىلنى قوغداش ھەققىدە مۇھىم ۋە تەخىرسىز چاقىرىق :

ئانا تىلنى قوغداش ئۆزىمىزنى قوغدىغانلىقتۇر
مۇھەممەد يۈسۈپ
شەكسىزكى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ئىماندىن قالسا، ئۆگىتىش ئەڭ زۆرۈر بولغان نەرسە ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىلى بولغان ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىتىشتىن ئىبارەتتۇر. بالىلارغا ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىتىش خۇددى ئۇلارغا قۇرئان ئۆگىتىش زۆرۈر بولغاندەك زۆرۈردۇر.
ئىسلامدا مىللەتچىلىك يوق. ئەمما ئىسلامدا مىللەتلەرنىڭ تىلىنى، ئۆزگىچىلىكىنى ساقلاپ قېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش بار. ئەمما بىر مۇسۇلمان مىللەتنىڭ تىلى مۇسۇلمان ئەمەس مىللەتلەرنىڭ تىلى ئاستىدا ئاستا-ئاستا ئىستېمالدىن قېلىش، ھەتتا يوقىلىپ كېتىش خەۋپىگە ئۇچرىغان ۋاقىتتا بۇ تىلنى قوغداپ قېلىشنى پەرز دەرىجىسىدىكى زۆرۈرىيەت دېسەك ھەرگىز ئاشۇرۇۋەتكەن بولمايمىز. 
چۈنكى مەزكۇر مۇسۇلمان مىللەت ئەگەر ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنى قوللىنىش ئورنىغا، مۇسۇلمان ئەمەس مىللەتلەرنىڭ تىلىنى قوللىنىشقا ئۆتكەن ۋاقتىدا، ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ۋە ئىسلامىي ئەخلاقىنىمۇ ئاستا-ئاستا قولدىن بېرىپ قويۇشقا قاراپ يول ئالغان بولىدۇ. مۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان بىر مىللەتنى ۋە ئۇنىڭ تىلىنى ساقلاپ قېلىش شۇ مىللەت خەلقى ئۈچۈن دىنىي ۋە مىللىي مەجبۇرىيەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
دىنىنى ۋە ئانا تىلىنى جان تىكىپ قوغداش مەسىلىدە چەتئەللەردە، خۇسۇسەن ياۋروپا ۋە ئامېرىكىغا ئوخشىغان خەلقى مۇسۇلمان ئەمەس دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە ۋەزىپىسى ھەقىقەتەن ئېغىردۇر. ئۇيغۇرلار نەدە بولسا بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر بولۇپ ياشىشى ۋە ئەجدادلىرىنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىشى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادى بىلەن ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىشى ئىنتايىن زۆرۈردۇر.
دۈشمىنىمىز بىزدىن بۇرۇن بىلىپ يەتكەن ھەقىقەت
بىزنى ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىتىنى مىللەت سۈپىتىدە يوق قىلىۋېتىش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەن رەزىل چارە - تەدبىرلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقان قىزىل خىتاي ھاكىمىيىتى بىر مىللەتنى مىللەت سۈپىتىدە ساقلاپ قالىدىغان ئاساسلىق ئەنگۈشتەرنىڭ تىل بىلەن دىن ئىكەنلىكىنى ۋە بىزنى يوق قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن دىنىمىز بىلەن تىلىمىزنى يوق قىلىش شەرت ئىكەنلىكىنى ئاللىبۇرۇن بىلىپ يەتكەن. شۇڭا، ئۇلار بىزنىڭ بۇ ئىككى ئەنگۈشتەرىمىزگە جېنىنىڭ بارىچە ھۇجۇم قىلدى. ئانا ۋەتەندە دىنىمىز بىلەن تىلىمىز بۇ شەكىلدە چەكلەندى. ئەپسۇسكى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئۆز ئانا تىلىمىزنى ئۆز ئىختىيارىمىز بىلەن يوق قىلىپ كېتىۋاتىمىز. چۈنكى بىز دىنىمىزغا ئەھمىيەت بەرگەن بولساقمۇ تىلىمىزغا ئەھمىيەت بەرمىدۇق. پەرزەنتلىرىمىز ئۇيغۇرچە گەپ قىلىشنىڭ ئورنىغا بىزگە چەتئەل تىلىدا سۆزلەپ بەرسە، بىز ئۇلار بىلەن پەخىرلىنىپ كەتتۇق.
تىلىمىز بىزنى قوغدايدۇ
بىر مىللەتنىڭ تىلى شۇ مىللەتنىڭ يەرشارىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ كاپالىتىدۇر. بىز ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن، ئانا تىلىمىزنى ساقلاپ قالغانلىق ھەم مىللىتىمىزنى، ھەم دىنىمىزنى قوغداپ قالغانلىقتۇر. ھەر قانداق مىللەت ئۆزىنىڭ تىلى بىلەن تونۇلىدۇ ۋە ئۆز مەۋجۇدىيىتىنى ساقلاپ قالالايدۇ. شۇنىڭدەك تىل ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ روناق تېپىشىغا، ياكى ئەكسىچە دۇنيا يۈزىدىن غايىب بولۇپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدىغان ئامىلدۇر.
تىل--مىللەت دېمەكتۇر. مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىمۇ تىل ۋاسىتىسىگە مۇناسىۋەتلىك. ئۆز ئانا تىلىنى بىلمەيدىغان بالىنىڭ مىجەز-خۇلقىمۇ ئۆزى سۆزلىشىپ يۈرگەن تىلدىكى غەيرى مىللەتنىڭ ئۆزگىچىلىكىگە ماس شەكىللىنىدۇ. دېمەك، ئۆز ئانا تىلىنى بىلمىگەن بالا ئۆز خەلقىنىڭ دىنىنى، مىللىي ئەنئەنىسىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ۋە بارچە ئۆزگىچىلىكلىرىنى تونۇمايدىغان بولۇپ ئۆسىدۇ. كىچىك بىر مىسال: مۇنداق بالا كىچىكنى ئاسراش، چوڭغا ھۆرمەت قىلىش دېگەندەك مىللىي ۋە دىنىي قائىدە-يوسۇنلاردىنمۇ پەرۋاسىز ئۆسىدۇ. بۇ ئىشتىكى چوڭ مەسئۇلىيەت ۋە جاۋابكارلىق يەنىلا ئاتا- ئانىلارنىڭ ئۈستىگە يۈكلىنىدۇ.
كۆپ تىل بىلىش كىشىنىڭ بىلىم- سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى بولۇشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىدا شەك يوق. ئەلۋەتتە، ئۇنى ئالقىشلاشقا ئەرزىيدۇ. لېكىن باشقا تىلنىڭ ھورىغا جىمىقىپ، ئۆز ئانا تىلىنى ئۇنتۇپ كېتىش، ياكى ئۇنى ئۆگەنمەسلىك ئۆز مىللىتى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن كەچۈرگۈسىز جىنايەتتۇر.
ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ مۇقەددەەس بۇرچى
شەكسىز ھەقىقەت شۇكى، ھازىرقى زاماندا ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ باش تارتالمايدىغان مەجبۇيىتى پەرزەنتلىرىگە ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىشنى ۋە يېزىشنى ئۆگىتىشتۇر. بۇنى ھەرقانداق ئۇيغۇر قىلالايدۇ. مەلۇمكى، تىل - يېزىق ئىنسانلارنىڭ ئالاقىلىشىش قورالىدۇر. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ناۋادا ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەشنى ياكى ئۇيغۇر تىلىدا يېزىش ۋە ئوقۇشنى بىلمىسە، ئۇلار نېمە بىلەن ئۆزىنى ئۇيغۇر مىللىتىگە مەنسۇپ قىلالايدۇ؟ نېمە بىلەن ئۇيغۇر دەۋاسىنى ياڭرىتالايدۇ؟ دۇنيانىڭ ھەرقايسىو جايلىرىغا تارقىلىپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشى ۋە مىللىي ئۆزگىچىلىكىنى ساقلاپ قېلىشى ئۈچۈن بولمىسا بولمايدىغان زۆرۈر نەرسە ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقىدۇر. 
بالىلار ئالىي مەكتەپلەرگە كېتىشتىن بۇرۇن ھەربىر ئاتا-ئانا ئۇلارغا ئۆزلىرى خالىغان نەرسىلەرنى ئۆگىتىۋالالايدۇ. ئەمما بالىلار ئالىي مەكتەپلەرگە كەتكەندىن كېيىن، ئۇلارغا ئاتا-ئانىنىڭ چىشى پاتمايدۇ، ھەم ئۇلارنى كۆزىتىپ بولالمايدۇ. شۇڭا، ئەڭ ياخشى ۋە ئەپلىك پۇرسەت بالىلارغا كىچىك يېشىدىنلا ئىمان، ئىسلام ئۆگىتىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر تىلىنى ئوقۇش ۋە يېزىشنى ئۆگىتىشتۇر. 
مۇقەددەس ئامانەت
تۈركىيەدىكى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە، مەدرىسىلىرىدە ۋە قۇرئان كۇرسىلىرىدا كۈنلۈك دەرسلىك ئىچىگە ئۇيغۇر تىل - يېزىقى، ئۇيغۇر تارىخى، شەرقىي تۈركىستان جۇغراپىيەسى، ئۇيغۇر ئۆرپ- ئادەتلىرى قاتارلىق دەرسلىكلەرنى كىرگۈزۈش ئىنتايىن زۆرۈر مەسئۇلىيەت ۋە ئامانەتتۇر. بىز بۇ مەسىلىنى كۆپ قېتىم تەۋسىيە قىلغان بولدۇق. ئەمما ئەپسۇسكى، ۋەزىيەت يەنە بۇرۇنقىسىدىن كۆپ ئۆزگەرمەي كېتىپ بارماقتا. 
ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدىكى ھەربىر ئاتا-ئانا ئۈچۈن، ھەربىر مۇئەللىم ئۇستاز ۋە ھەربىر تەربىيەچى ئۈچۈن باش تارتىپ بولالمايدىغان مەسئۇلىيەت ۋە مۇقەددەس ئامانەت بالىلارغا ئۇيغۇر تىل - يېزىقىنى ئۆگىتىشتۇر. بۇ ئەينى ۋاقىتتا خىتاينىڭ بىزنىڭ تىلىمىزنى ۋە يېزىقىمىزنى پۈتۈنلەي يوق قىلىۋېتىش سىياسىتىگە قولىمىزدىن كېلىشىچە تاقابىل تۇرغانلىق بولىدۇ. ئۇيغۇر ئاتا- ئانىلار پەرزەنتلىرىگە ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقىنى ئۆگىتىشتىن ئىبارەت بۇ مۇقەددەس ۋەزىپىنى ئورۇندىماي تۇرۇپ، بالىلىرىنى قانچىلىك ياخشى بېقىپ كەتسۇن، قانچىلىك ياخشى ئوقۇتۇپ كەتسۇن، ئۇيغۇر ئۇستازلار ئوقۇغۇچىلارنى قانچىلىك ياخشى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن بولۇپ كەتسۇن، ئۇلار نۆۋەتتىكى ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغان ۋە بوينىدىكى ئامانەتنى ئادا قىلمىغان بولىدۇ. بۇ ھەربىر ئۇيغۇر باش قاتۇرۇشقا تېگىشلىك مۇھىم مۇئەممادۇر.

خۇلاسە ۋە تەخىرسىز چاقىرىق :

بىر تىل بىر مىللىي كىملىكنىڭ سىمۋولى. دۇنيادىكى نۇرغۇن تىللارنىڭ تېز سۈرئەتتە يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قېلىشى، بەزى تىللارنىڭ ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاجىزلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىشى، بەزى تىللارنىڭ ئەركىن تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئىگە بولالماسلىقى خەلقئارادىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى قوغداش ئىدىيىسىنىڭ كۈچىيىشى نەتىجىسىدە 1999-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى «خەلقئارالىق ئانا تىل بايرىمى» بارلىققا كەلدى. جۈملىدىن يېقىنقى يىللاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان قوش تىل مائارىپى ۋە باشقا مىللىي سىياسەتلىرىنىڭ تەسىرىدە، ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەۋجۇتلۇقى خەۋپكە دۇچ كەلدى. ئۇزۇن ئۆتمەي 2017 - يىلىدىن باشلاپ  « ئۇيغۇرلار ئۆز ۋەتىنىدە تۇتقۇن ، چەتئەللەردە قاچقۇن» غا ئايلىنىپ قالغاندىن كېيىن ، 1020 - يىللىرى
« ئەرەب تىلى بىلەن بەيگىگە چۈشكەن ئۇيغۇر تىلى ئۆز ۋەتىنىدە پۈتۈنلەي چەكلەندى » . بۇ ئانا تىل كرىزىسى ئۇيغۇرلاردا مىللەت ، دىن ۋە تىل كىملىكىنى چۆرىدىگەن ھالدا «ئانا تىلنى قوغداش ھەرىكىتىنى» مەيدانغا كەلتۈردى.

مانا بىز بۈگۈن قۇتلۇق جۈمە كۈنىگە توغرا كەلگەن 21 - فېۋرالدا 21 - قېتىملىق خەلقئارا ئانا تىل كۈنىنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرۇپتىمىز . بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ئانا تىلىمىزنى قوغداش ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلاۋاتقان جاپاكەش ئوقۇتقۇچى - ئۇستازلار، ساخاۋەتچى بايلار ، ئانا تىلىنى پۇختا ئۆگىنىشكە تىرىشىۋاتقان كېلەچەكنىڭ ئۈمۈدى بولغان ياش - ئۆسمۈرلەر ، مەسئۇلىيەتچان ۋە جاپاكەش ئاتا - ئانىلار ،جۈملىدىن ئانا تىلنى قوغداش ئۈچۈن تىنىمسىز ھەرىكەت قىلىۋاتقان ، بۇ ھەقتە كاللا قاتۇرۇۋاتقان بارلىق قېرىنداشلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمىز .

ئانا تىلىمىزنى قوغداشنى ئالدى بىلەن ئۆزىمىز ۋە ئائىلىمىزدىن باشلاپ ، ئاندىن ئۇنى تېزدىن مائارىپ ۋە تەلىم - تەربىيە ساھەسىدە قايتا ئومۇملاشتۇرۇپ ، ئاخىرىدا ئانا تىلىمىزنى دۇنياۋى تىللار قاتارىدىن ئورۇن ئالدۇرۇپ، سىياسەت ۋە دىپلوماتىيە ئىشلىرىدا كەم بولسا بولمايدىغان تىللاردىن بىرى قىلىپ ئېتىراپ قىلدۇرۇش ئۈچۈن كۈچىشىمىز كېرەك . ئەمما ۋەتەندىكى خەلقىمىز بىلەن بولغان پەرقىمىزنى زورايتىش ئۈچۈن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئانا تىلىمىزنى « تۈركلەشتۈرۈش » ،
« خىتايلاشتۇرۇش » ، « ئەبجەشلەشتۈرۈش» قاتارلىق شالغۇتلاشتۇرۇش سۇيقەستلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك. ۋەتەندىكى خەلقىمىز بىلەن پەرق پەيدا قىلىپ ، كېيىنكى ئىشلارغا توسالغۇ پەيدا قىلىدىغان ھاياجانلىق چاقىرىقلارغا پەرۋا قىلماسلىق كېرەك ! بۇ كەمگىچە يوقاتقىنىمىز يېتەرلىك ! ئەمدى قولىمىزدا قالغاننى چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك ! ھەر قانداق ئىسلاھاتنىڭ ۋاختى بولىدۇ ! كەڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر خەلقىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئەمەس ، ئەكسىچە تېخىمۇ بۆلۈنمە ھالەتتىكى ئۇششاق گۇرۇھلارغا ۋە ئېقىملارغا پارچىلىۋېتىشقا سەۋەپ بولىدىغان بارلىق ئاتالمىش ئىسلاھاتلار ، ئىسلاھات ماركىسى بىلەن بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئۇرۇنۇشلىرى ھامان مەغلۇپ بولىدۇ ! بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلارنى ئانا تىلىنى قوغداش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت قولىدىن كەلگىنىچە ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىق قىلىمىز! ئانا تىلنى قوغدىغانلىق مىللىي مەۋجۇتلۇقىمىز ۋە مىللىي كىملىكىمىزنى قوغدىغانلىق ! ئانا تىلنى قوغدىغانلىق دىنىمىزنى قوغدىغانلىق ! ئانا تىلنى قوغدىغانلىق ئۆزگىچە مىللىي مەدەنىيىتىمىزنى قوغدىغانلىق ! ئانا تىلنى قوغدىغانلىق ئۆرپ - ئادەتلىرىمىزنى قوغدىغانلىق ! ئانا تىلنى قوغدىغانلىق تارىخىمىزنى ۋە ئەخلاقىمىزنى قوغدىغانلىق ! قىسقىسى ئانا تىلنى قوغدىغانلىق بارلىق قىممەت قاراشلىرىمىزنى ۋە ئەبەدىي ھۆرلۈكىمىزنى قوغدىغانلىقتۇر  !
 
ئۇيغۇر تارىخى سەھىپىسى

مەنبەلەر :

1 . دوكتۇر نەبىجان تۇرسۇننىڭ ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدىكى ئاكادېمىك ئەسەرلىرى .

2 . ئەركىن ئاسىيا تورىدا ئانا تىل ھەققىدە ئېلان قىلىنغان بىر قىسىم يازمىلار .

3 . بىر قىسىم جامائەت ئەرباپلىرىنىڭ شەخسىي سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان ئانا تىلنى قوغداش ھەققىدىكى چاقىرىقلىرى .

4 . ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېكىتى .

5 . ئۇيغۇر يىلنامىسى .

6 . تۈرك ئېنسكلوپىدىيىسى . 

2020 - يىلى 21 - فېۋرال. قۇتلۇق جۈمە.