2020/10/20 13:02

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


ئەرگىنەقۇن داستانى ۋە بۈگۈنكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەرگىنەقۇن داستانىنى قايتىلاش روھى

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2020/03/20 05:23

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى

« ئەرگىنەقۇن داستانى -- ھۆرلۈك، ئازاتلىق  ئۈچۈن بەدەل تۆلەپ ، قىساس ئېلىش بىلەن ئاخىرلىشىدىغان ئىبرەت خارەكتېرلىق ھەقىقىي داستان !  ئۇيغۇرلار 21 - ئەسىردىكى ئەرگىنەقۇن داستانىنى قانلىرى بىلەن يېزىۋاتماقتا»:

  مىلادى 14 - ئەسىردە داڭلىق ئىلخانىيلار تارىخچىسى « رەشىدۇددىن / 1247 - 1318/» تەرىپىدىن يېزىلغان « جامىئۇتتاۋارىخ» ناملىق تارىخ كىتابىنىڭ 1 - توم « موڭغۇل تارىخى»،
1 - باپ « تۈرك ۋە موڭغۇل قەبىلىلىرىنىڭ تارىخى» دېگەن باپتا موڭغۇللارنىڭ يارالمىش ئەپسانىسى سۈپىتىدە ئالاھىدا تىلغا ئالغان، مىلادى 17 - ئەسىردە ئۆتكەن شايبانىلاردىن كېلىپ چىققان خارەزم پادىشاھى ئەبۇلغازى باھادىرخان « شەجەرەئى تۈرك» ناملىق تارىخ كىتابىدا موڭغۇللارنىڭ يارىتىلىش رىۋايىتى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان، باشقا مەنبەلەردە قەدىمقى تۈرك داستانى دەپ تونۇلغان داڭلىق داستان دەل « ئەرگىنەقۇن داستانى» دۇر .

يۇقىرىقى ئىككى مەنبەدە « نۆكۈز ۋە قىيان ئىسىملىك ئىككى قېرىنداش خوتۇنلىرى بولۇپ، تۆت كىشى دۈشمەنلىرىنىڭ قىرىپ تاشلىشىدىن قېچىپ، ئەرگىنەقۇن دەپ ئاتالغان تار ۋە تىك قىيالىق، پۈتۈن چۆرىسى تاغلار بىلەن ئورالغان سىرلىق جىلغىغا مۆكۈنگەن. ئۇلار تاكى ساق 400 يىل ئۆتكىچە  بۇ جايدا دۇنيادىن پىنھان ياشاپ كۆپەيگەن. ئاخىرى ئۇرۇق - ئەۋلادى كۆپىيىپ، جىلغىغا سىغماي قالغاندا ئادەتتىن تاشقىرى كۈچ سەرپ قىلىپ، جىلغىدىن تاشقى دۇنياغا چىقىپ كەتكەن». ئەرگىنەقۇندىن باشلاپ چىققان يول باشلىغۇچىنىڭ « بۆرتەچىن» ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان./ تارىخچىلار بۇنىڭ تاغنى ئېرىتىپ يول ئاچقان تۆمۈرچى، يول باشلاپ ماڭغان كۆك بۆرە ياكى كۆك بۆرىگە ئەگىشىپ، قەۋمىنى ئەرگىنەقۇندىن سىرتقى دۇنياغا ئېلىپ چىققان قومانداننىڭ ئىسمى ئىكەنلىكىدە ئوخشىمىغان قاراشلاردا بولغان/. باشقا مەنبەلەردە « ئەرگىنەقۇندا ياشىغانلارنىڭ دەل كۆكتۈركلەرنىڭ ئەجدادى  ئىكەنلىكى، ئەسلىدە ئۇلارنىڭ خوشنا ئەل / خىتايلار بولىشى مۇمكىن. چۈنكى ھېچقانداق بىر مىللەت يەنە بىر مىللەتنى تۈپتىن قۇرۇتۇپ تاشلىغان ئەمەس/ تەرىپىدىن پۈتۈنلەي قىرىپ تاشلىنىپ، پەقەت ئىككى جۈپ تەلەيلىك ئەر - خوتۇنلاردىن قايتا كۆپەيگەنلىكى، ئەتراپى تاغلار بىلەن قورشالغاچقا ئەرگىنەقۇندىن چىقىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى ، ئاخىرىدا بۇلارنىڭ چوڭ بىر گۈلخان يېقىپ، تاغلارنى ئېرىتىپ مىڭ تەستە بۇ جايدىن چىقىپ كەتكەنلىكى » بايان قىلىنىدۇ.

بىراق بۇ داستان كۆكتۈركلەرنىڭ يارالمىش داستانلىرىغا بەكلا ئوخشىشىپ كەتكەچكە، نۇرغۇن تۈرك تارىخشۇناسلار بۇنى كۆكتۈركلەرنىڭ داستانى دەپ چىڭ تۇرماقتا.

ئۇندىن باشقا « تالات سەئىد ھالمان» بۇ داستاننىڭ « ئەپسانىۋى كۆكبۆرە داستانىنىڭ كېڭەيتىلگەن شەكلى ئىكەنلىكى، بۇ داستاننىڭ ئەپسانىۋى تۈس ئالغان كۆكبۆرىنىڭ ياردىمىدە دۈشمەن قولىدا نەسلى قۇرۇپ كېتىشتىن ساقلىنىپ قالغان، كېيىن يەنە شۇ كۆكبۆرىنىڭ ياردىمىدە ئەرگىنەقۇنغا يەرلىشىپ، ئاخىرىدا يەنە شۇ بۆرە تەرىپىدىن قايتا ئەرگىنەقۇندىن قايتىپ چىققان بىر تۈركىي قەۋمنىڭ ھېكايىسى دەپ چىڭ تۇرماقتا.

باشقا مەنبەلەردە ھەم موڭغۇللار ھەم تۈركلەرگە ئورتاق بولغان تارىخي ۋەقە سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنىپ كەلمەكتە. تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى باھار بايرىمى بولغان « نورۇز بايرىمى»نىڭ بۇ تارىخىي ۋەقە بىلەن زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.

ئۇنداقتا ئەرگىنەقۇن داستانى كىمگە ئائىت داستان؟ ئەرگىنەقۇن داستانىنىڭ تېمىسى نېمە؟

بۇ داستاننى تۇنجى قەلەمگە ئالغان كىشى دەل ئىلخانىيلار / 1265 - 1355/ تارىخچىسى « رەشىدۇددىن ھەمەدانى» دۇر. پارسچە يېزىلغان بۇ ئەسەر موڭغۇلچىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىن « ئەرگىنەقۇن داستانى» زور دەرىجىدە موڭغۇللاشتۇرۋېتىلگەن. بەلكىم بۇ شۇ ۋاقىتتىكى موڭغۇل خانلىرىنىڭ ئىستىكى بويىچە بولغان بولسا كېرەك.

« جامىئۇتتاۋارىخ»نىڭ كىرىش سۆزىدە « ئەسلىدە موڭغۇل ئۇلۇسى تۈرك قەۋملىرىنڭ بىر پارچىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ قىياپەتلىرى ۋە تىللىرى ئوخشاش ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى بۇلغار / بۇلجا/ خاننىڭ نەسلىدىن كۆپەيگەنلەر ئىدى. بۇلغارخان بارلىق تۈرك ئۇلۇسلىرىنىڭ ئاتىسى بولۇپ، ئۇنىڭدىن تاكى ئەرگىنەقۇن ۋەقەسىگىچە بولغان ئۇزۇن تارىخىي دەۋردە تۈركلەردە نە يېزىق، نە كىتاپلىرى بولمىغاچ بۇ تارىخلاردىن پەقەت ئازغىنا ئۈزۈندىلەر پەقەت نەسىلدىن نەسىلگە ئاغزاكى يەتكۈزۈلۈپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ ياشايدىغان جايلىرى بەكلا يېقىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ نەدىن نەگىچە پائالىيەت قىلغىنىنى شۇلارنىڭ ئۆزىدىن بىلىنىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئانا ۋەتىنى ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدىن خىتايغا، يەنىمۇ شەرقتە جۇرجىتلار زېمىنىغىچە سوزۇلغان.نۆۋەتتە بۇ جايلارنىڭ ھەممىسىگە ئۇلۇغ موغۇلىستان نامى بېرىلمەكتە. 1302 - يىلى». /  ئاپتور بۇ تارىخىي ئەسىرىنى تۇنجى مۇسۇلمان بولغان ئىلخانىيلار خانى « مەھمۇد قازانخان» دەۋرىدە، يەنى 1302 - يىلى  باشلاپ، ئولجايتۇخان زامانىدا، يەنى 1310 - يىلى تاماملىغان. ئالىمنىڭ روھى شاد بولغاي!.

1 -  « ئەرگىنەقۇنغا پاناھ تارتىپ كىرىش» :

ئەڭ دەسلەپ موڭغۇل نامى بېرىلگەن بىر قەۋم ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 2000 يىل ئىلگىرى تۇنجى قېتىم باشقا تۈرك ئۇلۇسلىرى بىلەن دۈشمەنلىشىدىغان ھالغا كەلدى. بۇلار ئارىسىدىكى دۈشمەنلىك شۇ دەرىجىدە كۈچىيىپ كەتتىكى، ھەر ئىككى تەرەپ قارشى تەرەپنى تۈپتىن قۇرۇتۇشقا بەل باغلىغانىدى.
تارىخىي مەنبەلەردە تۈركلەر بۇ موڭغۇللارنى مەغلۇپ قىلىپ، پۈتۈنلەي قىرىپ تاشلىغان.بۇ  قىرغىندىن پەقەتلا ئىككى يېشىغا يەتكەن قىز بىلەن ئىككىلا ئەر كىشى قۇتۇلۇپ قالغان. ئۇلار مەۋجۇتلۇقىنى قوغداش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن يىراقلارغا قاراپ قاچقان. نەتىجىدە تار ۋە تىك قىيالىق بىر جايغا كېلىپ، مۆكۈنگەنىكەن. قارىسا بۇ جاينىڭ ھەممە تەرىپى تىك قىيالىق تاغلار بىلەن ئورالغان. پەقەت بىرلا تار ۋە تىك كېچىك بار بولۇپ، بۇ يەردىن كىرىش ياكى چىقىش ئوخشاشلا خەتەرلىك ئىدى. ئۇلار بۇ جاينىمۇ تاشلار بىلەن توسۇپ، تۈركلەرنىڭ بىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇ جاينى « ئەرگىنەقۇن » دەپ ئاتىغان. « قون : تاغ باغرى، تاغ بېلى، يول، قانال» دېگەن مەنىلەردە، « ئەرگىنە : ئېگىز ھەم تىك جاي» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان سۆزدۇر.

ھايات قالغان ئىككى ئەرنىڭ ئىسمى « نۆكۈز » ۋە « قىيان » بولۇپ، ئۇلار بىللە قۇتقۇزۇپ ئېلىپ كەلگەن ئىككى قىز بىلەن ئۆيلىنىپ، بۇ جايدا قايتىدىن كۆپىيىپ، ئاۋۇشقا باشلىدى.
يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن بۇلار شۇنچىلىك ئاۋۇپ كەتتىكى، جەمەتلەر، ئۇرۇقلار ۋە ئايماقلار  پەيدا بولدى. نەسەپ جەھەتتىن ۋە نىكاھلىنىش جەھەتتىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن بىر قاندىن تۆرەلگەن جەمەتلەرگە « ئوباق » دەپ نام بېرىلدى. كېيىنچە ئوباقلارمۇ ئۆز ئىچىدىن يەنە بۆلۈنۈشكە باشلىدى. ئۇلار مەيلى قانچىلىك بۆلۈنۈپ، تۈرلىنىپ كەتسۇن، بەرىبىر ئۆز ئارا قېرىنداشلاردىن ئىدى. شۇڭلاشقا بۇ قان - قېرىنداشلار قارشى تەرەپنى بىردەك « موڭغۇل: يەنى بۆلۈنگەن، تۈرلەنگەن،قاتلانغان» دېگەن نام بىلەن ئاتاشقا باشلىدى.

« موڭغۇل سۆزى  موڭ+ غول بىرىكمىسىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، سۈزۈك، چاققان ۋە ساپ نەسىللىك » دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ.

« قىيان » سۆزى موڭغۇلچىدا « تاغلارنىڭ ئۈستىدىن تۆۋەنگە شىددەت بىلەن ئاققان سەل ۋە كەلكۈن دېگەن مەنىنى، شۇنداقلا كەسكىن، قاتتىق، مۇستەھكەم، يېنىك ، چاققان، چەبدەس، تېتىك ۋە كۈچلۈك دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ». ھەيران قالارلىقى بۇ سۆز ئۇيغۇرچىدىمۇ دەل شۇ مەنىنى ئىپادىلەيدۇ.
« بۇ جايدا موڭغۇللار بۇ قىسسىدىكى قەھرىمانلارنى موڭغۇل دېيىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ھامىنى تۈركلەر ئۈستىدىن غالىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ، تۈركلەرنىڭ مەنىۋىيىتىنى سۇندۇرۇپ، جەڭگىۋارلىقىنى يوقىتىشنى نىشان قىلغان. ئەمما موڭغۇللار، تۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلار تارىخىنى ۋاراقلاپ كۆرسەك بۇ قىسسىدىكى قەھرىمانلارنىڭ دەل ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداتلىرى ئىكەنلىكى ئاشكارا مەخپىيەتلىك بولۇپ قالىدۇ. قورقۇنچاق تۈركلەر ئانا ۋەتىنىنى تاشلاپ غەرپكە قاچتى.ئۇندىن بۇرۇن ھونلار، ئاۋارلار، بۇلغارلار ۋە پەچەنەكلەر قاچتى. بىراق ئۇيغۇرلار 3 مىڭ يىلىدىن بېرى ئانا ۋەتىنىنى تاشلاپ قاچماي جان تىكىپ قوغدىغاچقا، كۆپ ھاللاردا كۈچلۈك دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن نەچچە قېتىم نەسلى قۇرۇتۇلۇپ، ھالاكەتلىك تەقدىرگە دۇچار بولدى.  / ھازىرمۇ گېرمانىيىدەك 5 چىقىدىغان بىپايان زېمىننىڭ ئىگىسى بولۇپ تۇرماقتا/ بەختكە يارىشا ھەر قېتىم ئاللاھ ئىگىمىز ئەزىز مىللىتىمىزنى مۆجىزىلەرچە ساقلاپ قېلىپ، دۇنيانىڭ نەرىدە زۇلۇم ئەۋج ئالسا، جەڭگىۋار ئەجداتلىرىمىزنى شۇ جايغا ئەۋەتىپ، ئادالەت بىلەن جاھانغا ھۆكۈمدار قىلدى. ئارىدىن ساق ئىككى مىڭ يىل ئۆتۈپ ئەزىز مىللىتىمىز يەنە بىر قېتىم« ئەرگىنەقۇن داستانى» يارىتىشقا مەجبۇر بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. بىزنىڭ بۇ قېتىملىق
« ئەرگىنەقۇن ھاياتىمىز» مىللىتىمىزنى قايتا بىر قېتىم ئاپىرىدە قىلىپ، تارىختىن بۇيانقى قىساسىمىزنى ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
قەتئىي ئۈمۈتسىزلىنىشكە بولمايدۇ. ھازىرقى چەتئەلدىكى سانىمىز بىلەنلا پۈتۈن دۇنيانى خانىۋەيران قىلىۋېتەلەيمىز! ئۆزىمىزنى بۇنداق كەمسىتمەيلى! بىز ئۆزىمىزنى قايتا تونۇغان كۈنى خىتايلار بىز يېتىپ بارماستا ھەر قېتىمقى مەغلۇبىيىتىگە ئوخشاش ئۆزىنى ئۆزى ئۆلتۈرۋالىدۇ. ئەڭ سۈيۈملۈك كىشىلەر مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتلەردە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ! ئەڭ پەسكەش ۋە ئەڭ بەتبەخت خائىنلارمۇ مۇشۇ دەۋردە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ!
كىم بولۇشنى ھەر كىم ئۆزى تاللىۋالسۇن!

2 - « ئەرگىنەقۇندىن نەرە تارتىپ چىقىش»

جىلغىدىكىلەر بۇ جايدا ئۇدا 500يىلغا يېقىن تۇرۇپ قالغاچقا، جاھان ئەمدى ئۇلارغا تار كەلدى.ياشاش تەس كەلدى. يەنە ئامال تاپمىسا  مۇناسىۋەت بۇزۇلۇپ، ئىچكى ئۇرۇش يۈز بېرىشىدىن  ئەنسىرىگەن ئاقساقاللار يىغىلىپ، بۇ يەردىن قانداق چىقىپ كېتىش توغرىلىق كېڭەش ئۆتكۈزدى. تۆت ئەتراپى تاغ بىلەن ئورالغان بۇ جىلغىنىڭ پەقەتلا بىر كىشىلىك تىك قىيالىقا خەتەرلىك چىغىر يول بار ئىدى. بىراق بۇنچە كۆپ كىشىنىڭ بۇ يەردىن چىقىپ كېتەلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئاخىرى ئۇلار غەيرەتكە كېلىپ، تار كېچىك جايلاشقان « تۆمۈر تاغ» نى ئېرىتىپ، يول ئېچىپ چىقىپ كەتمەكچى بولدى. چۈنكى بۇلار بۇرۇندىنلا بۇ جايدىن تۆمۈر مەدەنلىرىنى تېرىپ ئەكىلىپ، تۆمۈردىن ھەر خىل قوراللارنى ياسايتتى. بۇلار ئاز چاغدا ئەرگىنەقۇن سۇلىرى ۋە يايلاقلىرى مول، دەل - دەرەخلىرى بۈك - باراقسان، ئوۋ ھايۋانلىرى بەكلا كۆپ باياشات ۋە ھاۋالىق جاي ئىدى. بىراق ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تەبىئىي بايلىقلار يېتىشمەي، جاھان ئۇلارغا تار كەلگەنىدى.

نەتىجىدە ھەممە ھەرىكەتكە كېلىپ، تاغلاردەك ئوتۇن دۆۋىلەپ، كۆمۈردەك كۆيۈشچان مەدەنلەرنى بىر يەرگە توپلاپ، تۆمۈر تاغنى ئېرىتىشكە تەييارلىق قالدى. ئوتنى پۈۋلەش ئۈچۈن ئەنئەنىۋى تۆمۈرچىلىرىمىز ئىشلىتىپ كەلگەن پۈۋلەش، يەل چىقىرىش سايمىنى « كۆرەك » ياساشقا توغرا كەلدى. بۇلار كۆرەكنى ياساش ئۈچۈنلا 75 ئات ۋە ئۆكۈزنى سويۇپ، تېرىسىنى ئاشلاپ قۇرۇتۇپ، غايەت زور كۆرەك ياساپ چىقتى. ئاخىرىدا ئوت يېقىلدى. كىشىلەر بار كۈچى بىلەن كۆرەكنى بېسىپ، بار كۈچى بىلەن تۆمۈر تاغنى ئېرىتىشكە باشلىدى. نەتىجىدە تاغلار قىپقىزىل ھالغا كېلىپ، تۆمۈرلەر ئېرىپ كەتتى. شۇ پۇرسەتتە تۆمۈرچىلەر تەييار تۆمۈردىن نۇرغۇن قوراللارنى ياساپ چىقتى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئېچىلغان چوڭ بوشلۇقتىن  چۈمۈلىدەك چىقىپ، ئەتراپقا سەلدەك يامراپ، ھەر تەرەپكە تارقىلىپ، ئۆز ئاۋۇللىرىنى قۇرۇپ چىقتى.

« تۈرك ئەپسانىلىرى : 1 - جىلىد ، پروففېسسۇر دوكتۇر باھائىددىن ئۆگەل ».

  يەنە بىر مەنبەدە :
ئوغۇزخاننىڭ ئەۋلادى ئىلخان موڭغۇلىستاننىڭ  ھۆكۈمرانى بولغان دەۋرىدە تاتارلارنىڭ خانى سېۋىنچ / سۈيۈنچەك خان/ خان موڭغۇل ۋادىسىغا ھۇجۇم قىلدى. ئۇ ئەتراپتىكى قىرغىز ۋە باشقا قەۋملەردىن ياردەم ئالغاچقا ئىلخان ھۆكۈمرانلىقىدىكى بارلىق ئۇلۇسلارنى قىرىپ تاشلايدۇ. ئۇنىڭ قىرغىنچىلىقىدىن پەقەت ئىلخاننىڭ كىچىك ئوغلى « قىيان » ۋە ئايالى، ھەمدە « جىيەنى نۆكۈز ۋە ئايالى» قېچىپ قۇتۇلۇپ قالدى. ئۇلار بىر قاچقانچە دەل ھېلىقى ئاسمان پەلەك تاغلارنىڭ بېلىدىكى تار يول بىلەن مىڭ تەسلىكتە ئىچىگە كىرىۋالدى. كېچىككە كىرىپ قارىغۇدەك بولسا، خۇددى بېھىش كەبى، ئاقار سۇلۇق، چەشمە بۇلاقلىق، مېۋىلەر ۋە دەرەخلەر مول، ئوۋ ھايۋانلىرى ئېشىپ - تېشىپ تۇرغان بىر گۈزەل جايغا كېلىپ قالغانىدى. ئۇلار دەرھال خۇداغا شۈكرى - مەدھىيە ئوقۇپ، بۇ يەردە قېلىشنى قارار قىلدى. بۇ جاينى خۇددى بەلۋاغ شەكلىدە ئوراپ تۇرغان تاغلارغا قاراپ، « ئەرگىنە » سۆزىنى،  تىك ۋە يارلىق مەنىسىدىكى « قون» سۆزى بىلەن قوشۇپ « ئەرگىنەقون» نامى بىلەن ئاتاشتى.

كېيىنچە بۇلار كۆپىيىپ سىرتقا چىقىپ كېتىش ئۈچۈن يول ئىزدەشتى. بىراق ئاتا - بوۋىلىرى كىرگەن يولنىڭ ئورنىنى بۇلار بىلمەيتتى.ئىزدەپ - ئىزدەپ ئاخىرى بىر تۆمۈرچىنىڭ مەسلىھەتى بىلەن تاغلارنىڭ بىرىدىكى تۆمۈر توساقنى ئېرىتپ، بىر يۈكلۈك تۆگە بىمالال ماڭالايدىغان ئېچىلغان جايدىن قوراللىنىپ سىرتقا چىقىشتى.
ئاندىن ئەسلىدىكى ئاتا - بوۋىلىرى ياشىغان يۇرتلارغا قايتىپ كېلىپ، دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقامىنى ئالدى.

ئۇلار ئەرگىنەقۇندىن چىققان 21 - مارت كۈنىنى
« قايتا تىرىلىش بايرىمى» سۈپىتىدە تەبرىكلەپ كەلدى. شۇندىن بېرى ھەر يىلى 21 - مارتتا خاقانلار ، ئاندىن بەگلەر بىر پارچە تۆمۈرنى ئېرىتىپ، تۆمۈر قىپقىزىل رەڭگە كىرگەندە ئۇنى تۆمۈر دۆشە « سەندەل» ئۈستىگە قويۇپ، شۇ تۆمۈرنى سوقۇپ، قىلىچ ياسايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئەرگىنەقۇندىكى تۆمۈر تاغنى ئېرىتكەن، شۇ تۆمۈر بىلەن ياسىغان قوراللىرى ئارقىلىق ئاتا - بوۋىلىرنىڭ قىساسىنى ئالغان ئەجداتلىرىنى ياد ئېتىپ كەلگەن. ھازىرمۇ نورۇز بايرىمى ئىزچىل خاتىرلىنىپ كەلمەكتە. ئەپسۇس ئۇيغۇرلار دۆلىتىنى يوقىتىپ قويغاندىن كېيىن، بۇ بايرام پەقەتلا دېھقانچىلىقنى كۈيلەيدىغان بايرامغا ئايلىنىپ قالدى.

شۇڭلاشقا بايرامنىڭ مۇنۇ تارىخىي ئارقا كۆرۈنىشىنى ھەممەيلەن بىلىۋالغاي! بالىلىرىنى ياخشى تەربىيلىگەي ! بوشراق - يەپ ئىچىپ، ئاساسلىق زېھنىنى بالىلارنىڭ مەنىۋىي بايلىقىنى ئاشۇرۇشقا ۋە ئەقلىنى ئېچىشقا بەكرەك كۈچىگەي ! بۇ بايرامنى يەپ - ئىچىش بايرىمىغا ئايلاندۇرۋېلىش يەنە بىر ئىسراپچىلىقنى پەيداقىلغانلىق ! مىللەت نەقەدەر خەتەرلىك بىر ھالدا تۇرسا، تەدبىر تۈزۈشنىڭ ئورنىغا كۈلكە - چاخچاق بىلەن بۇ كۈننى بىھۇدە ئۆتكۈزۈۋېتىش يارىماسلىقتىن، ھەتتا خائىنلىقتىن دېرەك بېرىدۇ!

خۇلاسە قىلغاندا  :

بۇ قىسسىنى ئوقۇپ چىققان ھەر قانداق بىر ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ دەۋاسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتمىغاي ! ھەر ۋاقىت ئاللاھنىڭ چىقىش يولى بېرىدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشەنگەي!
مۇشۇلارچىلىك غەيرەت كۆرسىتىپ، ۋەتەندىكى « ھالاكەت جىلغىسىغا سولانغان خەلقىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن قاتتىق تىرىشىشى كېرەك». ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلار ھەممىگە مەلۇملۇق.

بۇ رىۋايەتنى مىلادى 1247 - يىلى ھەمەداندا تۇغۇلۇپ، 1258 - يىلى ھىلاكۇ تەرىپىدىن « ئالامۇت / ئۆلۈم قەلئەسى» دە ئەسىرگە چۈشۈپ، كېيىنچە ھىلاكۇ قۇرغان ئىلخانىيلار خانلىقىنىڭ 2 - خانى « ھىلاكۇ ئوغلى ئاباقا /1265 - 1282/» نىڭ ئوردا تېۋىپى بولغان. ئاندىن كېيىن 1294 - يىلى تۇنجى مۇسۇلمان ئىلخانىيلار خانى مەھمۇد قازانخان دەۋرىدىن ، يەنى 1297 - يىلدىن باشلاپ تاكى قازانخان ئۆلگىچە ۋەزىر بولغان. « قازانخان /1294 - 1303/» دىن كېيىن، ئوغلى « ئولجايتۇخان / 1303 - 1316/» نىڭ ۋەزىرى بولغان يېتۈك ئالىم ۋە تارىخشۇناس « رەشىدۇددىن ئىبنى فەزلۇللاھ ھەمەدانى» 1310 - يىلى پۈتتۈرگەن
« تارىخلار جەمگاھى » ناملىق ئەسىرىدە تۇنجى بولۇپ قەلەمگە ئالغان. ئاندىن كېيىن
1545 - يىلى مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆراگانى بۇ ئەسەردىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ،« تارىخى رەشىدى» ، ئەبۇلغازى باھادىرخان 1600 - يىللاردا « شەجەرەئى تۈرك»، ئاخىرىدا موللا مۇسا سايردمى « تارىخى ئەمىنىيە» بىلەن« تارىخىي ھەمىدى» دە بۇ ئەسەردىن پايدىلانغان. موللا مۇسا سايرامى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرگىنەقۇن قىسسسى بىلەن موڭغۇللارنىڭ يارالمىش قىسسىسى « ئالانقۇۋا ئەپسانىسى» نىڭ ئىككى خىل نەرسە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئاخىرىدا مەن بۇ ئەسەرنى ئاپتور ۋاپاتىدىن دەل 701 - يىل كېيىن، ھەيدەر كۆراگان ۋاپاتىدىن ساق، 468 يىل كېيىن، ھەمدە موللا مۇسا سايرامى ۋاپاتىدىن توپتوغرا  102 يىلدىن كېيىن، 2019 - يىلى 21 - مارت قايتا ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇم !

بۇ ئەسەرنىڭ ئاپتورىنىڭ ھاياتى تولىمۇ پاجىئەلىك ئاخىرلاشقان. ئالىمنىڭ ئۈچ ئەۋلاد ئىلخانىيلار خانلىرى ئالدىدىكى نوپۇزى باشقا دۆلەت ئەرباپلىرىنىنىڭ ھەسىتىنى قوزغىغان.
ئۇلار بىرلىشىپ پادىشاھقا ئەرز قىلىپ، مىلادى 1305 - يىلى تۇنجى قېتىم ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى. چۈنكى ئولجايتۇخان ئالىم ئەمەل قىلىدىغان ھەنەپى مەزھىپىدىن شىئە مەزھىپىگە  كۆچكەچكە، ئەتراپتىكى باشقا ھوقۇقدارلار ئۇنى پادىشاھقا چېقىشتۇرۇپ غەلىبە قىلغانىدى. بىراق كېيىنچە پادىشاھ ئۇنىڭ ھېچبىر گۇناھى يوقلىقىنى ئېنىقلاپ، ئۇنى تېخىمۇ ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەن. نەتىجىدە ئالىم يەنە بىر قېتىم ناھەق قارىلىنىپ 1311 - يىلى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان. كېيىن پادىشاھ يەنە خاتا قىلغىنىنى بايقاپ، ئۇنى قايتا ئەتىۋارلىدى. 1316 - يىلى ئولجايتۇخان ئۆلۈپ، ئوغلى ئەبۇ سەئىد باھادىرخان / 1316 - 1335/» خان بولۇپ، ئۇنى يەنە ۋەزىر قىلىپ ئىشلەتتى. بۇنىڭغا چىدىمىغان ھەسەتخورلار يەنە بىر ۋەزىرنىڭ قوللىشىدا خانغا ئالىمنىڭ ئەينى ۋاقىتتا دادىسى ئولجايتۇنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرگەن ئاتالمىش جىنايىتىنى توقۇپ چىقىپ قارا چاپلىدى. نادان بالا پادىشاھ غەزەپلىنىپ، تەپتىش قىلمايلا، ئالىم بىلەن 16 ياشلىق ئوغلى ئىززىددىن ئىبراھىمنى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆلتۈرۋەتتى. ئالىمنى بولسا 1318 - يىلى 18 - ئىيۇل تەبرىزدە تۇرغان يېرىدىن قولغا ئېلىپ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىپ، جەسىتىنى پارچىلاپ، ھەر بىر ئۆلكىگە بىردىن ئەۋەتىپ، سازايە قىلىپ، ئاندىن كۆمۈۋەتتى.

ئاخىرىدا نادان پادىشاھ توۋا قىلىپ، خاتالىقىنى تونۇغان. 1327 - يىلى ئالىمنىڭ يەنە بىر ئوغلى « غىياسىددىن» نى ۋەزىر قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئالىمنىڭ ئوغۇللىرى دادىسىنىڭ جەسىتىنى ھەممە جايلاردىن تاپتۇرۇپ كېلىپ، دادىسى ئەينى ۋاقىتتا پايتەخت تەبرىزدە ئۆزى ئۈچۈن تەييارلىغان قەبرىگە قويۇپ، قايتا دەپنە قىلغان.

ئالىمنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ تىرىشچانلىقىدا 1330 - يىلى تۈگىشىپ كېتەي دېگەن ئىلخانىيلار خانلىقى تاكى 1355 - يىلغىچە داۋاملاشقان. ئەمما ئىلخانىلارغا قاراشلىق ھازىرقى تۈركىيە ئۇيغۇر سەردار ئالائىددىن ئەرەتنانىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەن .

سالجۇقىلاردىن كېيىن ، ئوسمانىلاردىن بۇرۇن ئاناتولىيەدە تۇنجى دۆلەت قۇرغانلار ئۇيغۇرلاردۇر :

ئانادولۇ، يەنە بىر ئىسمى "كىچىك ئاسيا" بولسا قارا دىڭىز، ئاق دىڭىز ۋە ئەگە دىڭىزىنىڭ ئارىسىدىكى تۈركىيەنىڭ مۇھىم بىر تارىخىي بۆلىكىدۇر. گەرچە تۈركلەرنىڭ بۇ رايۇنغا مىلادىدىن بۇرۇن 2000-1000- يىللىرى كەلگەنلىكى قەيت قىلىنسىمۇ، نۇرغۇن تارىخچىلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمىغان. پەقەت 4- ئەسىردىن كىيىن غەربىي ھونلارنىڭ كاپكازدىن ئۆتۈپ ئانادولۇغا كىرگەنلىكى قەلەمگە ئىلىنىدۇ. قۇتلۇق بىلگە قاغان قۇرغان ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ يىقىلىشى ۋە مۇڭغۇللارنىڭ باستۇرۇپ كىرىشىدىن كىيىنكى بۈيۈك كۆچۈشى ۋە سەلجۇقىيلارنىڭ قوشۇن ئەۋەتىشى، ئەڭ ئاخىرىدا 1071- يىلى مالازگىرت ئۇرۇشى نەتىجىسىدە مۇسۇلمان تۈركلەر ئانادولۇغا رەسمىي تۈركۈملەپ كۆچۈشكە باشلايدۇ. ئەلۋەتتە، بۇلار ئارىسىدا ئۇيغۇرلارمۇ بار. ئۇلارنىڭ ۋەكىل خاراكتىرلىك شەخسى سۈپىتىدە سۇلتان ئالاھىددىن ئاراتنانى تىلغا ئىلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇ. ئۇ ئانادولۇ زىمىنىدا ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىدىن بۇرۇن دۆلەت قۇرغان ئۇيغۇردۇر. ( turan1001 توردىشىمىز تۈركىيە يازغۇچىسى كامال گۆدەنىڭ "سۇلتان ئالاھىددىن ئەرەتنا" دىگەن كىتاپچىسىنىڭ 2009-يىلى مىللەتلەر خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ بولغانلىقىنى ماڭا ئىيتىپ ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇزۇن توختالمايمەن. قىزىققۇچىلارنىڭ ئوقۇپ كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن ! )

سۇلتان ئالاھىددىن ئاراتنا (1327-1352) - سەلجۇقىي دۆلىتى يىمىرىلىپ، ئانادولۇ مۇڭغۇل ئېلىخانلىلارنىڭ ئېستىلاسىغا دۇچ كەلگەندىن كىيىن، ئالاھىددىن ئاراتنا ئېلىخان دۆلىتىنىڭ ئانادولۇدىكى ئۇيغۇر ۋالىيسى بولۇپ تەيىنلىنىدۇ، ۋە كىيىن مۇستەقىللىق ئىلان قىلىپ باشتا سىۋاسنى، كىيىن قەيسەرىنى پايتەخت قىلىپ 1327-يىلى " ئاراتنا دۆلىتى" ياكى بەگلىكىنى قۇرىدۇ. ئۆزى ئۇيغۇر بولغاچ، ئەتراپىغا نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى يىغىپ، ئانادولۇغا يەرلەشتۇرىدۇ. ئاراتنا دۆلىتىنىڭ ئىگەللىگەن زىمىن تەۋەلىكى سىۋاس، قەيسەرى، ئاماسيا، توكات، چورۇم، دەۋەلى، قاراھىسار، ئەنقەرە، زىلە، جانىق، ئۈرگۈپ، نىدە، ئاق ساراي، ئەرزىنجان، نىكسار، خارپۇت، كىرشەھەر، نەۋشەھەر، سامسۇن، ئەرزۇرۇم، مەرزىفۇن، شەرقىي قاراھىسار ۋە دارەندە قاتارلىق شەھەرلەردۇر. ئانادولۇدا ئۆز ۋاقتىدا باشقا بەگلىكلەرمۇ تەڭ مەۋجۇد بولۇپ، كۆپ ۋاقىتلاردا تىنچلىق ئىچىدە ياشىغان. ئۆز دەۋرىدە ناھايىتى ئادىل ۋە شەپقەتلىك ھۆكۈم سۈرگەن بولۇپ، خەلقى تەرىپىدىن "ياخشىلىق سۆيەر سۇلتان" دەپ تەرىپلەنگەن. ئۆز نامىدا پۇل بىسىپ تارقاتقان. ئۇ 1352- يىلى ۋابا كىسىلى بىلەن ۋاپات بولىدۇ ھەم قەيسەرى شەھىرىگە دەپنە قىلىنىدۇ. ھازىرمۇ قەبرىسى قەيسەرى شەھىرىدە مەۋجۇدتۇر. ئالاھىددىندىن كىيىن ئوغلى غىياسىدىن مەھمەت (1352-1354) تەخت ۋارىسى بولدى، ئۇنىڭدىن كىيىن نۆۋەتلىشىپ ئىززەتتىن جافەر باي (1354-1355)، غىياسىدىن مەھمەت-2 (1355-1365)، ئالاھىددىن ئەلى (1365-1380) لەر تەختكە چىقتى. نىھايەت، ئاخىرقى پادىشاھى مەھمەت-2 (1380-1381) بىلەن " ئاراتنا بەگلىكى"نىڭ يىرىم ئەسىرلىك ھۆكۈمدارلىقى ئاخىرلاشتى. قىزىق يېرى ، ھازىرمۇ قەيسەرى شەھىرى ئىستانبۇلدىن قالسىلا ئۇيغۇرلار ئەڭ زىچ توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان شەھەردۇر . بۇ شەھەرگە ۋەتىنىمىزدىن قېچىپ چىقىپ يەرلەشكەن تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇرلار 1954 - يىلى ئەدنان مەندەرەس ھۆكۈمىتى دەۋرىدە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرالار باشچىلىقىدا تۇنجى تۈركۈمدە دەل مۇشۇ قەيسەرى شەھىرىگە يەرلەشتۈرۈلگەن .

ئالىمنىڭ ۋاپاتىنىڭ 701 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن « ئەرگىنەقۇن ۋەقەسى» نى بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمە!
ئاللاھ ئالىمنىڭ روھىنى شاد قىلسۇن!
بىزلەرنى بۇ ۋەقەدىن ئىبرەت ئېلىشقا نېسىپ قىلسۇن! « يېڭى ئەرگىنەقۇن داستانى » يازايلى ! غەلىبە ھامان بىزگە مەنسۇ پ!
« نورۇز بايرىمىنى مۇشۇ ۋەقەنى ئەسلەش ئاساسىدا تەدبىر تۈزۈپ ئۆتكۈزەيلى !

ھەممىڭلارغا پېقىر سايرام ئوغلانىدىن نورۇزلۇق سوۋغات بوپقالسۇن! نورۇز مۇبارەك!

سايرام ئوغلانى

« ھالاكەت جىلغىسى»

2019- يىلى 3 - 21 - مارت پەيشەنبە

2020 - يىلى 3 - 21 - مارت. شەنبە.