2020/07/04 07:34

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


مۇستەقىل بولۇشتا ئاكىسىراپ قالغان خەلقىمىزگە ياپونىيە خاقان ئىمپورت قىلىپ بەرگەن

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2020/01/13 11:53

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى


ئاكىسىراۋاتقان خەلقىمىز ئۈچۈن ياپونىيەنىڭ خاقان ئىمپورت قىلىپ بېرىشى

بىز ئۆتكەن ئەسىردە شۇنچىلىك ئاكىسىراپ ھەم گاڭگىراپ يۈرۈپ ، تۇڭگان مادوتەي بىلەن ماتىتەيگە مۇسۇلمان پادىشاھ دەپ تولۇق بويسۇندۇق . ئەمما ئۇنىڭ ئۈستىدە خىتاي ياڭ زېڭشىڭ بار ئىدى . 19 - ئەسىردە بولسا خوجا ۋەلىخان تۆرە قەشقەردە خەلقىمىزنىڭ بېشىدا كاللا مۇنارى ياسىسا ، يەنە مەيلى دېدۇق . ئۇ مانجۇرلار كەلگەندە قوقانغا قېچىپ كەتتى . ئەمما كەلگۈلۈك يەنىلا خەلقىمىزگە كەلدى . بىزنىڭ 1830 - يىلدىن 1930 - يىلغىچە بولغان تارىخىمىز ۋە مىللىي پىسخىكىمىزدىكى ئۆزىنى كەمسىتىپ ئۆزگىنى چوڭ ۋە ئۇلۇغ بىلىدىغان « يىراقتىكى موللام چوڭ موللام ، يېقىندىكى موللام يوق موللام » دەيدىغان ئاكىسىراش خاھىشىنى توغرا خۇلاسىلەپ چىقىپ ياپونلار مەركىزىي ئاسىيادىكى خەلقىمىز ئۈچۈن يىراق غەربىي ئاسىيادىن خاقان ئىمپورت قىلىپ بەرگەن . ئەمما پىلان ئەمەلگە ئاشمىغان .

قانداقلا بولمىسۇن ياپونىيە ۋەتىنىمىز ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئەمەلىي چوڭ پىلان تۈزگەن. ئەقىللىق ياپونلار ئوسمانلى خان جەمەتى بىلەن بولغان قۇيۇق مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان شاھزادە مۇھەممەد ئابدۇكېرەمنى توكيوغا تەكلىپ قىلىپ ئەكىلىپ، خۇددى ئاخىرقى مەنچىڭ بالا پادىشاھى ئەيسىنگورۇ پۇيىنى 1932 - يىلى مارتتا مانجۇرىيەگە پادىشاھ قىلغاندەك، بۇ ئاخىرقى ئوسمانلى شاھزادىسىنى شەرقىي تۈركىستان سۇلتانى قىلماقچى بولغان.  شاھزادە 1933 - يىلى ئەتىيازدىن يازغىچە نەچچە ئاي يىراق شەرقتە تۇرۇپ قالغان. ئەمما تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە باشقا ئۇرۇق - تۇققانلىرىنىڭ نەسىھىتى بىلەن ئابدۇكېرەم ئامېرىكىغا قېچىپ كەتكەن. 1933 - يىلى 15 - ئاۋغۇست سابىت داموللام قەشقەرنى قايتا قولىغا ئېلىپ، 10 - سېنتەبىردىن 10 - نويابىرغىچە ئوبدان تەييارلىق قىلىپ، شۇ يىلى 12 - نويابىر يەكشەنبە كۈنى جۇمھۇرىيەت ئېلان قىلىپ، مۇستەقىللىق جاكارلىغان. شاھزادە بولسا ئۇزۇن ئۆتمەي، 1935 - يىلى 3 - ئاۋغۇست نيۇيوركتىكى مېھمانخانىسىدا سىرلىق ھالدا ئېتىپ تاشلانغان. ھازىرغىچە ئۇنىڭ ياپونىيە خادىملىرى تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلانغىنى ئېقىپ يۈرسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ھايات نەۋرىسى بوۋىسىنىڭ سوۋېت ئىستىخباراتى قولىدا قەستلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

شاھزادە ئابدۇكېرەم سابىق ئوسمانلى سۇلتانى 2 - ئابدۇلھەمىتخاننىڭ نەۋرىسى بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسى مۇھەممەد سېلىم سۇلتاننىڭ چوڭ ئوغلى ئىدى . دادىسى 1870 - يىلى 11 - يانۋار خان سارىيىدا تۇغۇلغان . 1876 - يىلى 31 - ئاۋغۇست ئۇنىڭ دادىسى ئابدۇلھەمىتخان تەختكە چىققان . 1922 - يىلى سۈرگۈن قىلىنىپ ، 1937 - يىلى 4 - ماي بېيرۇتتا قازا قىلغان. ئۇنىڭ بىردىنبىر ئوغلى ئابدۇكېرەم  1906 - يىلى 26 - ئىيۇن بېشىكتاشتىكى خان سارىيىدا تۇغۇلغان. بوۋىسى 1918 - يىلى 10 - فېۋرال قازا قىلغان. 1922 - يىلى نويابىردا خان جەمەتى چەتئەللەرگە سۈرگۈن قىلىنغان. تاغىسى سۇلتان 6 - مۇھەممەد ئىتالىيەگە ، ئابدۇكېرەم ۋە دادىسى بېيرۇتقا سۈرگۈن قىلىنغان. ئۇ يالغۇز ئوغۇل ئىدى. كېيىنچە ياپونىيە 1933 - يىلى ئەتىيازدا ئۇنى توكيوغا تەكلىپ قىلىپ ئەكەلگەن. ئەمما ئۇ شۇ يىل ئاخىرىدا تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە تۇققانلىرىنىڭ نەسىھىتى بىلەن ئامېرىكىغا قېچىپ كەتكەن . ياپونلار قاتتىق غەزەپلەنگەن. ئەمما سوۋېت ك گ ب خادىملىرى ئۇنىڭ ئىزىغا چۈشۈپ ، 1935 - يىلى 3 - ئاۋغۇست نيۇيوركتىكى مېھمانخانىسىدا ئۇنى ئېتىپ تاشلىغان . ۋەقە تېخىچە سىر پېتى تۇرماقتا .

ئۇنىڭ بىردىنبىر ئوغلى دۈندار ئوسمان ئوغلى 1930 - يىلى 30 - دېكابىر شامدا تۇغۇلغان بولۇپ ، ئۇ 2017 - يىلى 6 - يانۋار ئوسمانىلار جەمەتىنىڭ ئاقساقىلى بولغان . ھازىر 90 ياشتا.دەمەشىقتە ياشايدۇ.

يۇقىرىقى مەزمۇنلار سىتالىننىڭ نېمە ئۈچۈن 1933 - يىلدىكى جۇمھۇرىيەتتىن شۇنچە چۆچۈپ كەتكىنىنى، 1934 - 1937 - يىللاردىكى مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىمىزنى باستۇرغانلىقىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنىشىدۇر . دەل مۇشۇ سەۋەپ شېڭ شىسەينىڭ « ياپونىيە شىنجاڭدا سوۋېتقا قارشى 2 - مانجۇرىيە قۇرۇپ چىقماقچى » دەپ سىتالىنغا چېقىمچىلىق قىلىشىغا تۈرتكە بولسا ، سىتالىننىڭ ئارقا ھويلىسىدا يېڭى ئوسمانلىنىڭ تىرىلىشىنى خالىمىغانلىقى تۈپەيلى، شېڭ شىسەينى قوللىشىغا تۈرتكە بولغان.

سۈرەتتە : شاھزادە ئابدۇكېرەم توكيودا ياپون قوغدىغۇچىلىرى بىلەن بىللە . 1933 - يىلى .


ياپونىيەنى ۋەتىنىمىزگە قىزىقتۇرغان ئىشلارنىڭ بىر قىسىم تارىخىي ئارقا كۆرۈنىشى :

1 . « بۇخارا خانلىقى » نىڭ يوقىلىشى ۋە باسمىچىلار ھەرىكىتى :

بۇخارا خانلىقىنىڭ ئەمىر لەشكىرى ئىبراھىم پاشا : ئۇ 1889 - يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، ئاخىرقى بۇخارا ئەمىرى ئالىمخانغا خىزمەت قىلغان . 1920 - يىلى 1 - سېنتەبىر بۇخارا قىزىل ئارمىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇ قالدۇق قوشۇن بىلەن ئافغانىستانغا چېكىنگەن. 1921 - يىلى باھاردا ئۇ جانلىق تاكتىكا قوللىنىپ، شەرقىي بۇخارانى قايتۇرۇپ ئالغان. ئەمما شۇ يىلى كۈزدە ئۆزىدىن كۆپ كۈچلۈك بولغان فېرۇنزى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، ئافغانىستانغا قايتا چېكىنىشكە مەغلۇپ بولغان. ئافغان شاھى ھەبىبۇللاخان 1919 - يىلى ئوۋغا چىققاندا ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئافغان ۋەزىيىتى كەسكىنلىشىپ، بارلىق چېگرالارنى قوغدىغۇدەك ھالى قالمىغان. سوۋېتنىڭ بېسىپ كىرىشىدىن ئەنسىرىگەن ئەنگلىيە 1921 - يىلى ئافغانىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىپلا قالماي، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى باستۇرۇشتا لېنىن بىلەن ھەمكارلاشقان . بۇ ھال ئۇزۇندىن بېرى ۋەزىيەتنى كۆزىتىۋاتقان ئەنۋەر پاشانىڭ بۇخارا تەۋەسىگە كېلىپ، سوۋېتقا قارشى ئۇرۇش ئېچىشىغا سەۋەپ بولغان . ئەنگلىيە ئەشەددىي رەقىبى ئەنۋەر پاشانىڭ ھىندىستان - ئافغانىستان پاسىلىدا تىرىلىشىنى پەقەتلا خالىمىغان. نەتىجىدە بۇخارا ئەمىرى بىلەن ئەنۋەر پاشا ئوتتۇرىسىغا گۇمان سېلىپ يۈرۈپ، ئىككى قوشۇننى پارچىلاپ، ئىبراھىم پاشانى 1921 - يىلى كۈزدە تارمار قىلىپ، ئافغانىستانغا قوغلىغان. ئەنۋەر پاشانى 1922 - يىلى 4 - ئاۋغۇست قۇربان ھېيت كۈنى پامىر ئېتەكلىرىدە ئېتىۋەتكەن. ئالدانغانلىقىنى ھېس قىلغان ئىبراھىم پاشا 1924 - 1926 - يىللىرى تەكرار ئامۇ دەرياسىدىن ئۆتۈپ، ئانا ۋەتىنىنى قايتا قولغا ئېلىش ئۈچۈن كۈچىگەن. ئەمما سوۋېت ھۆكۈمىتى يېڭى ئافغان شاھى ئامانۇللاھنى سېتىۋېلىپ، بۇخارالىقلارنى مىدىرلىيالماس قىلىۋەتكەن. شۇڭلاشقا ئامانۇللاھنىڭ غەرپچە ئىسلاھاتى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئافغانىستان 1929 - يىلى ئىچكى ئۇرۇش قاينىمىغا كىرىپ قالغان. ئىبراھىم پاشا ئۆكتىچىلەر قاتارىدا ساتقۇن ھاكىمىيەتكە قارشى تۇرغان. 1931 - يىلى ئەسلىدە كونا شاھنى ئاغدۇرۇپ تەختكە چىققان نادىر شاھ سوۋېتنىڭ بېسىمىغا بەرداشلىق بېرەلمەي ، شۇ يىلى ئىيۇندا سەردار ئىبراھىمنى تاشكەنتكە ئەۋەتىپ بەرگەن . سىتالىن ئۇنى 31 - ئاۋغۇست دارغا ئاسقان .

2 . ئەنۋەر پاشا ۋە تۇنجى جۇمھۇرىيىتىمىز :

شۇنداق قىلىپ 1932 - يىلىغا كەلگەندە ئاتالمىش « باسمىچىلار ھەرىكىتى » باستۇرۇلۇپ، 1921 - يىلدىن 1931 - يىلغىچە داۋالغۇپ تۇرغان ئوتتۇرا ئاسىيا تەلتۆكۈس رۇسلارنىڭ قولىغا ئۆتكەن.
ئەمما سىتالىن ئەمدى ئۇھ دەپ تۇرسا ، 1932 - يىلى مارتتا ياپونىيە چاقماق تېزلىكىدە مانجۇرىيەنى ئىشغال قىلىپ، مۇستەقىل مانجۇرىيە دۆلىتىنى قۇرۇپ چىققان . سىتالىن جاسۇسلىرى ئارقىلىق ياپونىيەنىڭ « پانموڭغۇلىزىم ۋە پانتۈركىزىم پىلانى» بارلىقىنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتكەن. ياپونىيەمۇ ئوسمانلى شاھى ئابدۇلھەمىتخاننىڭ نەۋرىسى شاھزادە ئابدۇكېرەمنى تەكلىپ قىلىپ، ۋەتىنىمىزگە سۇلتان قىلماقچى بولغان. دەل شۇ ۋاقىتتا ياپون مۇشاۋىرنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلغان قاراقچى ماجۇڭيىڭ ۋەتىنىمىزگە بېسىپ كىرگەن. 1933 - يىلى ما بىلەن شېڭ ماماتلىق جەڭ قىلغان . جاللات شېڭ شىسەي ماجۇڭيىڭنىڭ ياپون مۇشاۋىرىنى تۇتۇۋېلىپ، سىتالىنغا ھەدەپ « ياپونىيە ئۇيغۇرىستاندا ئىككىنچى مانجۇرىيەنى قۇرۇپ چىقماقچى !» دەپ يالغان ئېيتىپ، يېڭىلا ئېرىشكەن تەختىنى ساقلاپ قالماقچى بولغان. ئەمما سىتالىن سالماق ھالدا ۋەزىيەتنى داۋاملىق كۆزەتكەن. 1933 - يىلى 12 - نويابىر قەشقەردە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشى بىلەنلا سىتالىن تېخىمۇ چۆچۈپ كەتكەن. چۈنكى، جۇمھۇرىيەت تەركىبىدىكى غوللۇق شەخسلەر ۋە دۆلەت ئارمىيىسى دەل سىتالىن قاچۇرۇپ قويغان باسمىچىلارنىڭ سەركىلىرى ۋە پىشقانلىرىدىن تەركىپ تاپقانىدى. سىتالىن بۇ ئەھۋالدىن بەكلا بىئارام بولغان . گەرچە ئۇنىڭ موڭغۇلىيەدە ئاساسى كۈچلۈك بولسىمۇ ، ئەمما ۋەتىنىمىزدە ئۆزىگە سادىق بىر گۇماشتا تاللاش ئۈچۈن « خوجىنىياز ھاجى »،« ماجۇڭيىڭ » ، « شېڭ شىسەي » ، « يولۋاس » ، « مامۇت سىجاڭ » ، « سابىت دامولام » ۋە « خوتەنى مەمتىمىن ھەزرەت » لەرنى كۆزەتكەن. ئاخىرىدا پەقەت ئۈچلا نامزات قېپقالغان. ئەمما شېڭ شىسەي بارلىق مىكىرلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ماجۇڭيىڭنى ياپونغا باغلاپ سىتالىننىڭ ئۆزىگە ياردەم قىلىشىنى ئارزۇ قىلغان . خوجىنىياز ھاجى بولسا، ھەم بۇ جاينىڭ خوجايىنى ۋە خوجايىن مىللەتنىڭ ئاقساقىلى بولغاچقا، ئۇنىڭ ئەمەلىي كۈچى ۋە ئىمكانىيىتى زور ئىدى. ئەمما ئاققۇن شېڭ شىسەي بىلەن قالدۇق مانجۇر - خىتاي باندىتلىرى بولسا كەلگۈندىلەر ۋە باسقۇنچىلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ نە ئەمەلىي ئاساسى نە ئارقا سەپ تەمىناتى يوق ئىدى . شۇڭا سىتالىن ئالدىراپ شېڭ شىسەيگە مايىل بولماي، ھەر تەرەپنى ساقلاپ قېلىش يولىنى تۇتۇپ يەنە بىر مەزگىل كۆزىتىپ باقتى . بۇ ۋاقىتتا ۋەتىنىمىزگە كۆز تىكىپ تۇرغان گومىنداڭنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى ئۈرۈمچىگە كەلدى. شېڭ شىسەي سىتالىنغا « ئەگەر مېنى قوبۇل قىلمىساڭ، مەن ئامالسىز بۇلارنىڭ قوينىغا كىرىمە » دېگەندەك شەپىنى بەردى . ھەمدە قۇۋلۇق بىلەن ئويۇن ئويناپ، گومىنداڭ ئەلچىسىنى تۇتقۇن قىلىپ، ياپونىيەنىڭ بۈيۈك ئاسىيا پىلانىنىڭ سوۋېتقا بەك زىيانلىق ئىكەنلىكىنى كۈچەپ پەش قىلىپ يۈرۈۋاتقاندا، تۇيۇقسىز قەشقەردە قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەت سىتالىننى كەسكىن قارار بېرىشكە قىستىدى . ئەمما سىتالىن نە ئۆزى باستۇرۇپ كىرىپ، بۇ دۆلەتنى يوقىتىشقا ئامالسىز ئىدى. نە شېڭ شىسەينىڭ كۈچى بىلەن ئۇنى يوقىتىشقا تېخىمۇ ئىمكان يوق ئىدى . بىردىنبىر ھەل قىلىش چارىسى « خىتايلارنىڭ ئۆز يېغىدا ئۆز گۆشىنى قورۇش تەدبىرى ئىدى » . يەنى ئىسلام دىنىغا ئىخلاس قىلىدىغان ئۇيغۇرلارغا ئىسلامنى قورال قىلىۋالغان تۇڭگانلارنى سالدى. بۇندىن بۇرۇنقى مانجۇرلار، ياڭ زېڭشىنلارمۇ شۇ ئۇسۇل بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنى قولدا تۇتۇپ تۇرغانىدى. ھەتتا تۇڭگان لى شۇفۇ « قۇرئان تۇتۇپ قەسەم قىلىپ » ساددا تۆمۈر خەلىپىنى ئالداپ تاغدىن چۈشۈرۈپ، ئۆلتۈرگەنىدى . سېيت نوچى ئۆزى مۇسۇلمان دەپ ئىشەنچ قىلغان مادوتەيدىن ئۆلۈم خېتىنى ئېلىپ، ماتىتەيگە ئەكىلىپ بەرگەن ئىدى. تارىخ يەنە تەكرارلاندى. يەنە كېلىپ، تېخىمۇ پاجىئەلىك بىر شەكىلدە تەكرارلاندى.

ھازىرقى خىتاي تۈزگەن ساختا كىتاپلاردا ئىزچىل « سىتالىن تۇڭگانلارنىڭ كەڭسۇغا چېكىنىش يولىنى توسۇپ، ئۇلارنى بىپايان تارىم ۋادىسىغا چېكىنىشكە مەجبۇر قىلغان » دەپ جار سالىدۇ. ئەمما يېقىندا ياپونىيەدىكى بىر ئۇيغۇر قىزى ئاشكارىلىغان مەخپىي ھۆججەتتە ماجۇڭيىڭنىڭ
خىتاي ھاكىمىيىتى بىلەن كېلىشىم تۈزگەنلىكى، « قارا خىتايلار پەقەت تۇڭگانلارغا ئۆز يۇرتلىرىدا ئەركىن ياشاش ھوقۇقىنىلا بەرسە، ئۆزىنىڭ ھەر ۋاقىت پىرقە دۆلەت ئۈچۈن قان كېچىپ ئۇرۇش قىلىدىغىنىنى ئىپادىلىگەن » . نەتىجىدە جاڭ كەيشى ئۇنى تەكلىپ قىلىپ، ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇتۇپ، 36 - دېۋىزىيە قۇرۇشقا رۇخسەت قىلىپ، قورال - ياراق بىلەن تەمىنلىگەن. تۈلكە ماجۇڭيىڭ جاڭ كەيشىنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن شۇ ئەتراپتىكى كومپارتىيە كۈچلىرىگە زەربە بەرگەن. جاڭ كەيشىمۇ كەلگۈسىدە ئۇنى كوممۇنستلار بىلەن غەربىي شىمالنى بېسىپ ياتقان تاغىسى ۋە رەقىبى مابۇفاڭغا قارشى ئۇرۇشقا سېلىشنى پىلانلىغان. ماجۇڭيىڭ يەنە قىزىل خىتاي كومپارتىيە بىلەنمۇ ئوخشاش مەخپىي كېلىشىم تۈزگەن. چۈنكى ئۇ قاراخىتاي گومىنداڭنىڭ ئىستىقبالىغا باشتىن - ئاخىرى گۇمان بىلەن قارىغان.

ھىلىگەر ماجۇڭيىڭ جاللات شېڭ شىسەيدىن قېلىشمىغۇدەك دەرىجىدە كارامىتىنى ئىشقا سېلىپ، سىتالىنغا شېڭ شىسەينىڭ ياپونىيەدە قۇرۇقلۇق ئارمىيە ھەربىي مەكتىپىدە ئوقۇغان ھەقىقىي ياپونپەرەست بىرى ئىكەنلىكىنى دەپ سىتالىننى ئارىسالدى قىلغان. شۇنىڭ بىلەن سىتالىن ھەم ماجۇڭيىڭنى ، ھەم شېڭ شىسەينى ساقلاپ قېلىپ، ئوبدان تەكشۈرۈپ، ئاندىن ئىككىسىنىڭ بىرىنى تاللىۋالماقچى بولغان. شۇڭا ئالدى بىلەن ماجۇڭيىڭ بىلەن خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئارىسىنى بۇزۇپ، ئىككى مۇسۇلمان مىللەتنىڭ بىرلىشىۋېلىپ، تارىم ۋادىسىنى مەركەز قىلغان مۇستەقىل ھاكىمىيەت قۇرۇپ چىقىشىدىن ساقلانغان. چۈنكى ئىككىسى راس بىرلىشىۋالسا، شېڭ شىسەينى بىردەمدىلا ئۇجۇقتۇراتتى. سىتالىن چارىسىز قالاتتى. ئەمما سىتالىن شۇ قەدەر ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇردىكى، ئارىنى بۇزۇش ھىلىسى ئۆزى ئويلىغاندىنمۇ زور ئۈنۈمگە ئېرىشتى . 1933 - يىلى 4 - ئىيۇن شېڭ شىسەي « خوجىنىياز ھاجىنىڭ جىمىسار ۋەقەسى تۈپەيلى ماجۇڭيىڭ بىلەن يىرىكلىشىپ قالغانلىقىدىن پايدىلىنىپ، سوۋېت كونسۇلىنى ئىشقا سېلىپ جىمىسار كېلىشىمىنى تۈزدى ».
شۇنىڭ بىلەن ئىتتىپاقداشلار ئايرىلىپ، تۇڭگانلار داۋاملىق ئۈرۈمچىگە يۈرۈش قىلدى. ئۇيغۇرلار قوشۇننى باشلاپ، توقسۇن ۋە قاراشەھەر بىلەن كورلىغا كەتتى. كېلىشىم بويىچە شېڭ شىسەي شىمالنى، خوجىنىياز ھاجى جەنۇپنى سورايدىغان بولغان ئىدى.

تۇڭگان 36 - دېۋىزىيىسىنىڭ ئاقىۋىتى :

1931 - يىلى قۇمۇل تاغلىرىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ زۇلۇمغا قارشى ئىنقىلابى پارتلاپ، ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇنىڭ ئوت - يالقۇنى پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلىگە تۇتۇشىدۇ. ئىنقىلابنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئوق - دورا ۋە ھەربىي تاكتىكا جەھەتلەردىكى قىيىنچىلىقلىرى تۈپەيلى ئۆزلىرى بىلەن دىنداش بولغان ما جۇڭيىڭنىڭ تۇڭگان قوشۇنىدىن ياردەم سوراشقا مەجبۇر بولىدۇ. بۇ ئىش چىقىش يولى ئىزدەپ يۈرگەن ما جۇڭيىڭغا يېڭى پۇرسەت ئاتا قىلىدۇ. شۇندىن باشلاپ قەلبىگە سىياسىي قارا نىيەت پۈككەن ما جۇڭيىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇب - شىمالىدا قۇيۇندەك قۇتراپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 1930 - يىللاردىكى مىللىي مۇستەقىللىق ئىنقىلابلىرىغا مۆلچەرلىگۈسىز زىيانلارنى سالدى. ئۇ خوجانىياز ھاجى باشلىق ئۇيغۇر قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ يېتەكچىلىرىگە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىشىپ جىن شۇرېن، شېڭ شىسەي قاتارلىق خىتاي مىلىتارىستلىرىنى يوقۇتىدىغانلىقىنى، ئاندىن ئۇيغۇر ئېلىنى بازا قىلىپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى ئاخىرىدا چېگراسىنى تاكى ھەرەمگىچە تۇتاشتۇرۇپ بۈيۈك بىر مۇسۇلمانلار دۆلىتى قۇرماقچى ئىكەنلىكى ھەققىدە پو ئاتسا، خىتاي دائىرىلىرىگە ئۆزىنىڭ گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئېتىراپ قىلغان 36 - دىۋىزىيەنىڭ قوماندانى ئىكەنلىكىنى، بۆلگۈنچى كۈچلەرنى يوقۇتۇپ ھەرۋاقىت خىتاينىڭ بىرلىكىنى قوغدايدىغانلىقى ھەققىدە لاپ ئۇرىدۇ.

ما جۇڭيىڭنىڭ قارا نىيىتى ۋە قۇۋلۇق - شۇملۇقلىرىنى يەتكىچە ھېس قىلغان ئۇيغۇر قوزغىلاڭچىلىرى ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ چىقىدۇ. 1934 - يىلى يانۋاردا ما جۇڭيڭنىڭ ئۈرۈمچىگە قىلغان شىددەتلىك ھۇجۇمى چېگرىدىن يوشۇرۇن كىرگەن سوۋېت قىزىل ئارمىيەسىنىڭ كۈچى بىلەن تارمار قىلىنىدۇ. مەغلۇبىيەتلىك تەقدىرگە يۈز تۇتقان ماجۇڭيىڭ قالدۇق قوشۇنىنى باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىغا چېكىنىدۇ ھەمدە بارغانلا يېرىدە ئۇيغۇر قوزغىلاڭچى قوشۇنلىرىغا ئوت ئېچىپ، بىگۇناھ خەلقنى قىرغىن قىلىدۇ. سوۋېت قىزىل ئارمىيەسى بىلەن شېڭ شىسەي قوشۇنلىرىنىڭ تاپ بېسىپ قىلغان ھۇجۇملىرىدا جەنۇبتىمۇ پۇت دەسسەپ تۇرالمىغان ماجۇڭيىڭ ئامالسىز 1934 - يىلىنىڭ ئىيۇن ئايلىرىدا بىرقانچە يېقىن ئادەملىرى بىلەن قەشقەردىن يوشۇرۇنچە ئايرىلىپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ قالدۇق قوشۇنلىرى ما خۇسەننىڭ قوماندانلىقىدا خوتەنگە يۆتكىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قاغىلىقنى پاسىل قىلغان ھالدا شەرقتە تاكى چارقىلىققىچە سوزۇلغان خوتەن رايونى ما خۇسەن قوماندانلىقىدىكى تۇڭگان قوشۇنلىرىنىڭ كونترۇللىقىغا، جەنۇبتا يەركەن، قەشقەردىن تارتىپ پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىي ۋە شەرقىي رايونلىرى شېڭ شىسەينىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتىدۇ.

ما جۇڭيىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆزىنى تارمار كەلتۈرگەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا كېتىشنى تاللىۋالدى؟ ئايرۇپىلان ۋە تانكىلارنىڭ ھىمايىسى بىلەن نەچچە مىڭ ئادەمدىن تەشكىللەنگەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ موتورلاشقان قىزىل ئارمىيىسى قەشقەرگىچە قوغلاپ كەلگەن تۇرۇقلۇق نېمە ئۈچۈن تۇڭگان قوشۇنلىرىنى تولۇق يوقاتماي ئۇلارنى خوتەن بوستانلىقىغا يېڭى خوجايىن قىلپ قويىدۇ؟ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئىنقىلابى ۋە دۆلەت قۇرۇش ئارزۇسىغا قارشى چىقىپ شېڭ شىسەيدەك مىلىتارىستنى يۆلەپ تۇرغۇزغان سوۋېتلەر ئىتتىپاقى يەنە نېمە ئۈچۈن خوتەندە ما خۇسەننىڭ تۇڭگان قوشۇنلىرىنى ساقلاپ قالدى؟

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 1930 - يىللاردىكى مۇرەككەپ سىياسىي ۋەزىيىتىگە چېتىلىدىغان يۇقىرىقى بىر قاتار سىرلار تارىخنىڭ جاۋاب بېرىشىنى كۈتۈپ تۇرماقتا.

1934 - يىلى ياز بىلەن كۈزنىڭ ئارىلىقىدا سىرلىق كېلىشىملەر بويىچە خوتەنگە سۈرۈلگەن تۇڭگان 36 - دىۋىزىيەسى ما خۇسەننىڭ قوماندانلىقىدا تەكلىماكاننىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىدىكى بىر پارچە زېمىندا ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي دىكتاتۇرلۇق تۈزۈمىدىكى رېجىمىنى تۇرغۇزدى. 1934 - يىلى كۈزدىن 1937 - يىلى كۈزگىچە تۇڭگان قوشۇنلىرىنىڭ ھەربىي كۈچىگە تايىنىپ خوتەن بوستانلىقىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ماخۇسەننىڭ ھەربىي ھاكىمىيىتى غەرب مەنبەلىرىدە «تۇڭگانىستان»، «تۇڭگانىيە» ۋە «تۇڭگان جۇمھۇرىيىتى» دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتالدى. ئۆز دەۋرىدە ما خۇسەن ھۆكۈمرانلىقىدىكى خوتەننى زىيارەت قىلغان چەتئەللىكلەردىن ئەنگىلىيەلىك گىللېت، فىلچنېر، مايلارت، پېتېر فلېمىڭ، گېرمانيىەلىك ھېسسىگ ۋە ئامېرىكىلىق ئەھمەد كامال قاتارلىقلار ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى بۇ پەۋقۇلئاددە ھەربىي رېجىم ھەققىدە خاتىرىلەر قالدۇردى. ۋاھالەنكى، خىتاي مەنبەلىرى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەخپىي ئارخىپلىرى تېخى ئاشكارا بولمىغاچقا ئاتالمىش «تۇڭگانىستان»نىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىكى سىرلار يەنىلا دۇنيا جامائەتچىلىكىگە قاراڭغۇ ھالەتتە تۇرماقتا.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھازىرقى زامان تارىخىغا دائىر بەزى تارىخىي ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە ستالىن ۋە سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ما خۇسەن قوماندانلىقىدىكى تۇڭگان قوشۇنلىرىنى خوتەندە ساقلاپ قېلىشىدا مۇنداق ئۈچ خىل سەۋەبنىڭ بولۇشى پەرەز قىلىنماقتا. بىرىنچىدىن، ستالىن گەرچە شېڭ شىسەينى يۆلەپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەختىگە چىقارغان ۋە سوۋېتكە مايىل ۋەزىيەتنى ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆز دەۋرىدە ياپونىيەدە ھەربىي ئۇنىۋېرسىتېت پۈتتۈرگەن شېڭ شىسەيدىن يەنىلا خاتىرجەم بولالمىغان. ناۋادا شىڭ شېسەي ستالىندىن يۈز ئۆرۈپ گومىنداڭ تەرەپكە مايىل بولۇش ئېھتېمالى كۆرۈلسە ما خۇسەننىڭ خوتەندىكى تۇڭگان ئارمىيەسىنى ئىشقا سېلىپ تاقابىل تۇرۇش پىلانى بولغان. ئىككىنچىدىن، خوجانىياز ھاجىنىڭ ئۇيغۇر قوشۇنلىرى مەھمۇت مۇھىتىنىڭ قوماندانلىقىدا «ئۇيغۇر ئاتلىق ئەسكەرلەر 6 - دىۋىزىيەسى»نامى بىلەن قايتا رەتلىنىپ قەشقەردە تۇرۇۋاتقان بولغاچقا بۇنىڭدىن شېڭ شىسەيمۇ، سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ خاتىرجەم ئەمەس ئىدى. شۇ سەۋەپتىن ئەگەر مەھمۇت مۇھىتى قايتا قوزغىلاڭ قىلىپ قالسا خوتەندىكى ما خۇسەن قىسىملىرى ئارقىلىق تاقابىل تۇرماقچى بولغان. ئۈچىنچىدىن، ئەگەر ياپونىيە ئارمىيىسى لەنجۇدىن ئۆتۈپ ئۇيغۇر ئېلىگە كىرىش ئېھتېمالى كۆرۈلسە ما خۇسەن قوشۇنلىرىنى ياپونغا قارشى ئۇرۇشقا سالماقچى بولغان.

مەيلى قانداقلا نۇقتىدىن بولمىسۇن، سوۋېتلەر ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ ئارقا ھويلىسى بولغان ئۇيغۇر ئېلىدا ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ۋاسىتە تاللىماي تەدبىر ئالغان. ئۆز دەۋرىدە «دۇنيادىكى ئېزىلگەن مىللەتلەرنىڭ مىللىي ئازاتلىق كۈرۈشلىرىگە ياردەم قىلىمىز» دەپ جار سالغان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شېڭ شىسەيدەك جاللاتنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا يۆلەپ تۇرغۇزۇشى، قەشقەردە قۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» نى پىلان بىلەن يوقۇتۇشى، خوجانىياز ھاجى باشلىق ئۇيغۇر قوزغىلاڭچىلىرىغا چىرايلىق ۋەدىلەرنى بېرىپ ئالدىشى ئاخىرىدا ئۇلارنى شېڭ شىسەينىڭ قولى بىلەن بىر - بىرلەپ ئۆلتۈرۈشى شۇنىڭدەك ما خۇسەندەك بىر باندىتنى خوتەن خەلقىنىڭ شىللىسىغا نەچچە يىللاپ مىندۈرۈپ قويۇشتەك بىر قاتار تارىخىي رېئاللىقلار يوقۇرىقى پەرەزلەرنىڭ ئاساسسىز ئەمەسلىكىنى كۆرسەتمەكتە.

ماخۇسەننىڭ خوتەندىكى ھەربىي ھاكىمىيىتى قانداق ھاكىمىيەت؟ ئۇ قانداق قىلىپ ئاھالىسىنىڭ 99 پىرسەنتتىن كۆپرەكىنى يەرلىك ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلىدىغان خوتەن بوستانلىقىنى بىر دىۋىزىيە تۇڭگان ئەسكەرلىرى بىلەن تۇتۇپ تۇرالىدى؟

ئۆز دەۋرىدە خوتەننى زىيارەت قىلغان چەتئەللىكلەرنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ما خۇسەننىڭ خوتەندىكى ھاكىمىيىتى تىپىك ھەربىي دىكتاتۇرلۇق خاراكتېرىنى ئالغان. ئۇنىڭ قول ئاستىدا 10 مىڭدىن 15 مىڭغىچە ئەسكەر بار بولۇپ ئاساسلىق قىسمى تۇڭگانلاردىن، قالغان قىسمى يەرلىك ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەسكەرلىككە تۇتۇش بىلەن تەشكىللەنگەن. تەخمىنەن 80 پىرسەت ئەسكەرلىرى قۇراللىق، قالغانلىرى يەرلىك ئاددىي قۇراللار بىلەن قۇراللانغان ئىكەن. ھەربىي تەمىناتىنى پۈتۈنلەي خوتەن خەلقىنى بۇلاش - تالاش ھەمدە مەجبۇرىي ئالۋاڭ - سېلىق سېلىش ئارقىلىق ھەل قىلغان. ما خۇسەن دەسلەپكى يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقىدا «گۆرۈ» ھېسابىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ما جۇڭيىڭدىن كۆرسەتمە ئېلىپ تۇرغان. كېيىنچە ما جۇڭيىڭنىڭ خەت ۋە تېلېگرامما ئارقىلىق ئەۋەتكەن پەرمانلىرىغا پىسەنت قىلماي ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرگەن. تۇڭگانلارنىڭ ھەربىي كۈچكە تايىنىپ خوتەندە تىكلىگەن بۇ ھاكىمىيىتىنى قانداق نامدا ئاتىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇماتلار كەمچىل. ئامما ما خۇسەننىڭ يوشۇرۇن ھالدا نەنجىڭدىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەنمۇ ئالاقىلاردا بولغانلىقى، ئۆز ئەسكەرلىرىنى يەنىلا «36 - دىۋىزىيە» نامى بىلەن ئاتىغانلىقى مەلۇم. ئەمما ئۆز دەۋرىدە ما جۇڭيىڭ كۆڭلىگە پۈككەن سىياسىي قارانىيەتنىڭ يوشۇرۇن ھالدا ما خۇسەندىمۇ كۆرۈلگەنلىكى مەلۇم. ئەھمەد كامال ئۆزىنىڭ «تەبەسسۈم يۈتكەن زېمىن» ناملىق كىتابىدا 1935 - يىلىنىڭ ياز پەسلىدە ما خۇسەننىڭ ئۆزىنى ئەسلىدىكى خوتەن ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ يەر ئاستىغا جايلاشقان خەزىنىسىگە باشلاپ كىرگەنلىكىنى، ئۇ يەردە بىرنەچچە ھارۋا توشقۇدەك ئالتۇن - كۆمۈش ۋە قىممەت باھالىق جاۋاھىراتلارنىڭ بارلىقىنى، ما خۇسەننىڭ بۇ بايلىقلارغا ئامېرىكىدىن ئىلغار قۇراللار سېتىۋېلىپ، ئاۋۋال ئۇيغۇر ئېلىنى ئىشغال قىلماقچى بولغانلىقىنى، ئاندىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلىپ ھەرەمگىچە سوزۇلغان كۈچلۈك بىر مۇسۇلمانلار دۆلىتى قۇرۇش پىلانى بارلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىدۇ.

1937 - يىلنىڭ ئاپرېل ئېيىدا مەھمۇت مۇھىتىنىڭ چەتئەلگە چىقىپ كېتىشى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ۋەزىيەتنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. ۋەزىيەتنى خاتا مۆلچەرلىگەن ما خۇسەن مەھمۇت مۇھىتىنىڭ قالدۇق قىسىملىرى بىلەن بىرلىشىپ شېڭ شىسەيگە قارشى جازا يۈرۈشى قوزغايدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى بۇنىڭغا تاقەت قىلىپ تۇرالماي تورغات ئېغىزى ئارقىلىق پۈتۈنلەي ماشىنىلاشقان قىزىل ئارمىيە ئەسكەرلىرىنى كىرگۈزىدۇ. ئايرۇپىلان، تانكا ۋە زەمبىرەكلەر بىلەن قۇراللانغان سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى ما خۇسەننىڭ تۇڭگان قىسىملىرىنى قىسقا مۇددەت ئىچىدە تولۇق تارمار قىلىدۇ. شۇ يىلى كۈزدە ما خۇسەن خوتەن خەلقىدىن بۇلاپ - تالىغان ئالتۇن - كۈمۈشلىرىنى ئېلىپ ھىندىستانغا قاچىدۇ. ئۇنىڭ قالدۇق ئەسكەرلىرى سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ ئىز بېسىپ قىلغان ھۇجۇملىرىدا بىتچىت بولۇپ تولۇق يوقۇتىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ خوتەن خەلقىنى ئۈچ يىللاپ قان يىغلاتقان ما خۇسەننىڭ ھەربىي ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلىشىدۇ. 1934 - يىلىدىن 1937 - يىلىغىچە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي بۆلىكىدە سىرلىق يوسۇندا ئوتتۇرىغا چىققان ئاتالمىش «تۇڭگانىستان» مۇ شۇنىڭ بىلەن بەربات بولىدۇ.

ماجۇڭيىڭ رىزاخان ئىران قۇرغاندەك، تۇران قۇرماقچى بولغان :

خىتايلار، تۇڭگانلار ۋە يەرلىك تۈركلەردىن (ئۇيغۇرلاردىن ) ئاڭلىغىنىمىزغا ئاساسەن ئېيتقاندا، ماجۇڭيىڭنىڭ پىلانلىرى گۈلدۈرمامىدەك جاھاننى ئاستىن -ئۈستۈن قىلىۋېتەتتى. ئۇ چىڭگىزخاندەك قۇدرەتلىك جاھانكەش بولۇشقا ئىنتىلىدۇكى، ھەرگىزمۇ تېمۇرلەڭدەك بىتەلەي ئات بولۇپ قېلىشنى خالىمايتتى. ئاقساق تېمۇر پۈتكۈل غەربىي ئاسىيانى بوي سۇندۇرۇپ، مىڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى يوڭلېغا جەڭ ئېلان قىلغان ۋاقتىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەممە يېرىدە ۋە دۇنخۇاڭدىن سۇجۇغىچە بولغان جايلاردا ئۇنىڭ ئىشپىيونلىرى ۋە خەۋەرچىلىرى بارىدى. بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىسى ماجۇڭيىڭنىڭ ئىشتىھاسى چوڭ بولۇپ، ئاۋۋال شەرقىي تۈركىستاننى ۋە كەڭسۇنى ئىگىلەشنى ئاندىن كاسپىي دېڭىزىغىچە بولغان ئىراننىڭ چېگرىسىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى جايلارنى مۇستەملىكە قىلىشنى كۆڭلىگە پۈككەنىدى. ئۇ ئۆزى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ مەقسىدى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈرك دۇنياسىنى ئۆز ئالقىنىغا ئېلىش، بۇنىڭ بىلەن ئۆزى ئىران پادىشاھى رىزا شاھقا ئوخشاش تۇران بولماقچى ئىدى. ***

***( 1878 - يىلى 15 - مارت رىزاخان پەھلىۋى مازانداراندا تۇغۇلغان . كېيىنچە ھەربىيلىك مەنسىپى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ ، 1923 - يىلى 28 - ئۆكتەبىردىن 1925 - يىلى 1 - نويابىرغىچە قاچار خانلىقىنىڭ باش ۋەزىرى بولغان . ئاندىن شۇ يىلى 12 - دېكابىر ئەھمەد شاھ قاچارنى ئاغدۇرۇپ ، 15 - دېكابىردىن 1941 - يىلى 16 - سېنتەبىر چېرچىل بىلەن سىتالىن قولىدا ئاغدۇرۇلغىچە ئىراندا سەلتەنەت سۈرگەن . ئىككى جاھانگىر 25 - ئاۋغۇست تۇيۇقسىز بېسىپ كىرىپ ، ئۇنى ئاغدۇرغانىدى . شۇ قېتىملىق ھەربىي ئۆزگىرىشتە تۇتقۇن قىلىنىپ جەنۇبىي ئافرىقىغا سۈرگۈن قىلىنغان ، 1926 - يىلى 24 - ئاپرىل تاج كىيگەن بۇ سەلتەنەتلىك شاھ يىراق ئافرىقىدا 1944 - يىلى 26 - ئىيۇل 66 يېشىدا قازا قىلدى . ئۇنىڭ ئوغلىمۇ 61 يېشىدا يىراق قاھىرەدە 1980 - يىلى 27 - ئىيۇل قازا قىلدى . ئۇ 1934 - يىلى 27 - دېكابىر پېرسىيە نامىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ئىران نامىنى رەسمىي تىرىلدۈرگەن . باندىت ماجۇڭيىڭ شۇنى كۆزدە تۇتقان . شۇڭا ئەمەل - مەنسەپ ۋە قۇرۇق نام - شۆھرەت قوغلىشىۋاتقان نادان ئۇيغۇرلار بۇ ئاتا - بالىدىن ئىبرەت ئالسۇن ! ).

ماجۇڭيىڭنىڭ دۈشمەنلىرى، خىتايلار، روسلار، تۈركلەر( ئۇيغۇرلار) تۈرگۈتلەر ۋە تۇڭگان ئاسىيلىرى بىردەك ئۇنى بىزنىڭ يۈك ماشىنىمىز بىلەن كۇچاغا كەلگەندە مەغلۇپ بولىدۇ دەپ ئويلاشقانىدى. كەينى تەرەپتىن شىمالىي ئارمىيە قىسمى قاراشەر ۋە كورلىنى بېسىپ كېلىۋاتاتتى. ئالدى تەرەپتىن ئىلى قوشۇنلىرى تەڭرى تېغىنى بويلاپ، ئاقسۇ ۋە بايغا قاراپ كېلىۋاتاتتى. بۇ فىرونتتا يەنە خوجا نىياز ھاجىنىڭ قوشۇنلىرىمۇ بارىدى، بۇ خىل ۋەزىيەت ئۇرۇش سەنئىتىنىڭ بىر كارتىنىسى ئىدى. ماجۇڭيىڭنىڭ تاغدىن ئارتىلىپ شىمالغا قېچىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بىردىن -بىر قاچىدىغان يول جەنۇپقا قاراپ يول ئېلىش ئىدى. ماجۇڭيىڭنىڭ ئۆتمۈشىنى بىلگەنلەر ئۇنىڭ بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا چوقۇم يەنە جېنىنى ئېلىپ قاچالايدىغانلىغا ئىشىنەتتى. ئۇ، بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا بىردىن غايىپ بولۇپ، نىقاپلىنىپ يوشۇرىنىۋالىدۇ، تاكى ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ ئەھۋال ياخشىلانغانغا قەدەر. قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا ماجۇڭيىڭ ھاياتلا بولسا، ئوتتۇرا ئاسىيادا تېنچلىق بولمايتتى.
شىۋېتسىيىلىك ئېكىسپىدىتسىيىچى سۋېن ھېدىن يازغان، 1935-يىلى نەشر قىلىنغان شىۋېت تىلىدىكى
«ماجۇڭيىڭنىڭ قېچىشى» ناملىق كىتاپتىن ئاپتورنىڭ ماجۇڭيىڭ ھەققىدىكى بايانى
شىۋېتچىدىن زۇلھايات ئۆتكۈر تەرجىمىسى

ئۇيغۇر تارىخ تەتىقاتچىسى ھىدېيۇكى ماقالىسىدە ماجۇڭيىڭنىڭ بۇ خىل چۇس خاراكتېرىنى ياپونىيىلىك ھەربىي گېنېرال ئودا نوبۇناگاغا ئوخشايدۇ دەپ تەسۋىرلىگەن.

تارىخچى ھىدېيۇكى ماقالىسىدە خوتەن ئەمىرى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ھەققىدە توختىلىپ بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلغان:تارىخىي مەلۇماتلاردا دېيىلىشىچە،يىپەك يولىدىكى بوستانلىق ئىچىدىكى خوتەندە مۇدەررىس ئۆلۈما مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا باشچىلىقىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلۈپ،قوزغىلاڭ غەلبىگە ئېرىشىپ،مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا خوتەندە خوتەن ئىسلام خانلىقى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان.ۋە ئۆزى شۇ خانلىقنىڭ ئەمىرى دەپ تونۇلغان. خوتەن ئىسلام خانلىقى ھىلال ئاي،يۇلتۇزلار چۈشۈرۈلگەن يېشىل بايراقنى دۆلەت بايرىقى قىلغان.مۇسۇلمانلار كالېندارىنى قوللانغان.ئۇلار خوتەن چەرچەن،چاقىلىق قاتارلىق جايلارنى ئۆزىگە تەۋە قىلغان. ئۇيغۇرلارنىڭ نامى ياپونىيىدە ئانچە تونۇش بولمىغان.لېكىن خوتەن ئەمىرى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا بولسا ياپونلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ دوستلۇق ئورنىتىشىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان كىشى بولۇپ،ئۇ ئەڭ دەسلەپ ياپونلار بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتقان كىشى.شۇڭا ئۇنى ياپون - ئۇيغۇر دوستلۇق تارىخىدا ھەرگىز ئۇنتۇشقا بولمايدۇ.ئۇنى چوقۇم ئەسلەشكە تېگىشلىك شەخس.


ئۇنداقتا بىزنى ئورۇسلارلا ساتتىمۇ ياكى بىز ئۇلارنى سېتىشقا مەجبۇرلىدۇقمۇ !؟ ( تارىخ مانا ):

1944 - يىلى 5 - فېۋرالدىن 14 - نويابىرغىچە سىتالىن ۋە مولوتوف باشچىلىقىدىكى سوۋېت ھۆكۈمىتى ۋولگا دەرياسى بويىدىكى يەرلىك گېرمانلار ، قىرىم ۋە قازان تاتارلىرى،ھەمدە شىمالىي كاۋكازدىكى چېچېن ، ئاۋار ، قۇمۇق ، قالماق، بالقار ، قارا چاي ، چېركەس ، ئادېگا ، ۋە بىر قىسىم ئەزەرى قاتارلىق خەلقلەرنى ئانا يۇرتىدىن يىراق سىبىرىيە ۋە قازاق دالىسى ، ھەتتا ساخالىنغا قەدەر سۈرگۈن قىلىپ ، يۇقىرىقى مۇنبەت ۋە ئىستراتېگىيىلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم بولغان قىرىم ، ئۇرال ۋە كاۋكازلارغا كۆپلەپ رۇس ۋە ئۇكرائىنالىق ئاققۇنلارنى كۆچۈرۈپ كېلىپ ، مەزكۇر جايلارنىڭ نوپۇس تەڭپۇڭلىقىنى بۇزۇپ تاشلىغانىدى . سۈرگۈن قىلىنغانلار ئىنتايىن ناچار شارائىت ۋە قەھرىتان سوغۇقتا ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن يۈك پويىزلىرىدا توشۇلۇش جەريانىدا كۆپ ساندىكى ياشانغان كىشىلەر ۋە بالىلار ئۆلۈپ كەتكەن . ئۇلار سىبىرىيەدە قاتتىق ۋە ھەقسىز ئەمگەك قىلىشقا مەجبۇر بولغان . 1945 - يىلى ئاۋغۇستتا سىتالىن ئىككى يېرىم مىليون ئەسكەر ئەۋەتىپ ، مانجۇرىيە( 1932 - 1945)نى ئاغدۇرۇپ، مانجۇرىيەنى تاكى 1946 - يىل ئاخىرىغىچە ئىشغال قىلىپ تۇرغان . ئۇ يەردە ئەسىرگە چۈشكەن ياپونىيە كانتون ئارمىيىسىنىڭ 600 مىڭ ئەسكىرىنى سىتالىن زورلاپ سىبىرىيەگە ئېلىپ كەتكەن . نەتىجىدە يۇقىرىقى بىچارە خەلقلەر سوۋېت ئەسكەرلىرى يىراق شەرقتىن قايتىپ كەتكىچە ئاشلىقتىن قاتتىق قىسىلغان . 600 مىڭ ياپونىيە كانتون ئارمىيىسىمۇ قاتتىق ئەمگەككە سېلىنغاندىن كېيىن، « ئاشلىق يېتىشمىدى » دېگەن باھانە بىلەن قىرىۋېتىلگەن. ياپون ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ جەسىتىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ ، ئەمما سىتالىن ياپونلارنىڭ ئۆلۈك جەسەتلىرىنىمۇ بوش قويۇۋەتمىگەن . رۇسلار ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىدىن « سوپۇن » ياساپ ئىشلەتكەن . پەقەت ئاز ساندىكى كونا جەسەتلەرنى كۆيدۈرۈپ ، بىر كېمە جەسەت كۈلىنى ياپونىيەگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن . ياپونلار بۇ ئەسكەرلەر ئۈچۈن مەخسۇس ئىبادەتخانا ياسىتىپ ، ئۇلارنى ياد ئېتىپ كەلگەن . مانا يۇقىرىقى 1944 - 1945 - 1946 - يىللىرى قاتتىققول ۋە رەھىمسىز سىتالىن كاۋكازىيە، قىرىم - ئۇرال ۋە سىبىرىيەدىكى ۋەھشىيلىكلىرىنىڭ ئەكسىچە ئىككىنچى قېتىملىق جۇمھۇرىيىتىمىزنى قۇرۇپ چىقىشىمىزغا ياردەم بېرىپلا قالماي ، يەنە 1945 - يىلى 14 - ئاۋغۇست دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ قالغان بولسىمۇ ، شۇ كۈنى موسكۋادا « سوۋېت - خىتاي دوستلۇقى » كېلىشىمى تۈزۈلگەن بولسىمۇ ، يەنە ساق بىر ئاي پۇرسەت بېرىپ، ئارمىيىمىزنىڭ 14 - سېنتەبىرگە قەدەر ئىلىدىن باشقا ئالتاي ۋە تارباغاتاي قاتارلىق بىپايان زېمىنلارنى ئازات قىلىپ، ئۈرۈمچىگە 120 كىلومېتىر ( ئىككى سائەتلىك يول ) كېلىدىغان ماناس دەرياسى بويىغىچە قىستاپ كېلىشىگە رۇخسەت قىلغان . كېيىنچە ئامېرىكا ۋە گومىنداڭنىڭ بېسىمى بىلەن گەرچە شىمالىي سەپتە ئارمىيەنى ماناس دەرياسى بويىدا توختىتىپ قويغان بولسىمۇ ، ئەمما تاشقورغاندا قايتا يېڭى ئىنقىلاپ قوزغاپ ، 1 - سېنتەبىردىن تاكى 1946 - يىلى يانۋارغىچە قەشقەر شەھىرىدىن باشقا پۈتۈن قەشقەر ۋىلايىتىنى ئازات قىلىپ ، خوتەننى ئازات قىلىشقا كۈچى يەتكىدەك ھالەتتە كەلگىچە قوللاپ تۇرغان . ئەمما سوۋېت تەرەپ خۇددى 1933 - يىلدىكىدەك ئۆزى كۈتكەن پوزىتسىيەگە ئېرىشىپ بولالماي ، يەنە بىر قېتىم بىزدىن ۋاز كەچكەن . گەرچە 1946 - يىلى باشلانغان « سوغۇق ئۇرۇش » سەۋەبىدىن 1947 - 1948 - يىللىرى قايتا تارىخىي پۇرسەت كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما رەھبەرلىرىمىز ئۆز ئىچىدە ئىدىيە ئۇرۇشى قىلىپ ، خەلقنى قايمۇقتۇرۇپ پۇرسەتنى قاچۇرۇپ قويغان .
ئەسلىدە بۇنداق ئىدىيە ئۇرۇشىنى ئامېرىكىغا ئوخشاش تولۇق مۇستەقىل بولۇپ ، ئاندىن تالاشسىمۇ كېچىكمەيتتى . بىراق ئۇلار ئىككى قۇتۇپ ، ھەتتا ئۈچ قۇتۇپ بولۇپ تالىشىپ ، بىر پۈتۈن خىتايغا قارشى خەلقىمىزنى، ھەم خىتايغا ، ھەم سوۋېتقا ھەم مۇستەقىللىققا ھەم ئاپتونۇمىيەچىلىككە قارشى بۆلۈپ تاشلىغان . نەتىجىدە خىتايلار ئاخىرى غەلىبە قىلغان .
نەبىجان تۇرسۇن ئاكىنىڭ « چوڭ شاھمات تاختىسىدىكى قىسمەتلەر » ناملىق تارىخىي ئەسىرىنىڭ بىرىنچى قىسمىدا بۇنى ئېچىنىپ تۇرۇپ پاكىتلىق ئوتتۇرىغا قويغان . ھەتتا تۈلكە جاڭ جىجۇڭمۇ بۇنىڭدىن قانداق پايدىلىنىپ ، ۋەتىنىمىزنىڭ قولدىن چىقىپ كېتىشىنى توسۇپ قالغانلىقىنى ماختىنىپ تۇرۇپ ئېتىراپ قىلغان .

يۈز يىللىق ئاكىسىراش يەتمىدىمۇ !؟ يەنە كىمنى ئاكا تۇتىمەن دەپ مىللەتنى قايتا پالەچ قىلىپ قۇربان قىلماقچى !؟

( كۆك ئەرۋاھ )

1934 - يىلى 27 - دېكابىر رىزاخان پەھلىۋى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، پېرسىيە نامىنى « ئىران » غا ئۆزگەرتكەن. ئۆزىنى شاھىنشاھ دەپ ئاتىغان .  تۆت كۈندىن كېيىن 1935  ـ يىلى  1 ـ يانۋار تۈركىيە داھىيسى مۇستاپا كامالغا تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدىن « تۈركىيەدىكى تۈركلەرنىڭ ئاتىسى» مەنىسىدىكى« ئاتا تۈرك»نامى بېرىلگەن . مۇستاپا كامال پاشا
 1 - دۇنيا ئۇرۇشى ۋە مىللىي مۇستەقىللىق ئۇرۇشىدا تۈركىيەنى مۇنقەرز بولۇشتىن ساقلاپ قالغان تۆھپىكار بولسا، رىزاخان پەھلىۋى تۈركلەرنىڭ ئىراندىكى مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بېرىپ ، ئۆزىنى ئىراننىڭ خوجايىنى دەپ قارايدىغان پارس مىللىتىنى ۋە ئارىئان نامىنى تىرىلدۈرۈپ، تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئوتتۇرىدا بىر پارس سەلتەنىتىنى تىكلەپ چىققان ئىران پارس قەھرىمانى ئىدى .
دېمەك پارسلار بىلەن تۈركلەر 1935 - يىلىلا مىللىي ئىپتىخارلىق روھىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە يەتكەن.

ئەمما ئەزىزانە قەشقەردە خەلقىمىز 1924 -يىلى 300 يىللىق جاھالەت ئۇيقۇسىدىن ئويغاتقان ئۇلۇغ داھىيسى ئابدۇقادىر داموللامنى قوغداپ قالالمىغان . نەتىجىدە جاھالەت قايتىدىن شۇ قەدەر كۈچىيىپ كەتكەنكى ، 1931 - يىلى قەشقەرگە كەلگەن مۇسا جارۇللاھ « ئىسلام بۇ يەرگە كەينىچە كىرىپتۇ !» دەپ ياقىسىنى چىشلەپ قالغان . 1932 - يىلى بۈيۈك ياپونىيە ئاكىسىراپ قالغان خەلقىمىزگە يىراق تۈركىيەدىن خاقان ئىمپورت قىلىپ، ئەزىز ۋەتىنىمىزگە سۇلتان قىلىشقا تەييارلانغان. 1933 - يىلى ئىيۇلدا تۆمۈر سىجاڭ قەشقەردە مادوتەينىڭ تامغىسىنى تارتىۋېلىپ شەھەردە ئۈچ كۈن كۆز - كۆز قىلىپ ، ئۆزىنى سىلىڭ ياكى سىجاڭ دەپ ئاتىغان . 1933 - يىلى ئىيۇندا خوجىنىياز ھاجى ماجۇڭيىڭنىڭ ناچار قىلمىشىغا قاتتىق غەزەپلىنىپلا ، « شېڭ شىسەي بىلەن بىرلەشكىنىم بىرلەشكەن!» دەپ چىڭ تۇرۇپ 4 - ئىيۇن « ئۆلۈمنامىسىگە قول قويۇۋەتكەن » . 1934 - يىلى بىزنىڭ ھەممە ئاتامانلارنى بىر - بىرىنىڭ قولى بىلەن جايلاپ تەختكە چىققان قۇۋ جاللات شېڭ شىسەي
1937 - يىلدىن 1944 - يىلغىچە بىزنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى سەركىلەرنىڭ ھەممىسىنى يوقاتقان .

دېمەك ئاكىسىراش خاھىشى مۇستەقىل دۆلەتنىڭ پىرىزىدېنتلىقىنى دۈشمەننىڭ قورچاق مەنسىپىگە تىگىشىۋېتىشتەك پاجىئەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ خەلقىمىزنىڭ يېقىنقى يۈز يىللىق قورقۇنچلۇق تەقدىرىگە يول ئېچىپ قويغان . بۇ  مەنىدىن 20 - ئەسىر تارىخىدا ھەم جاھالەت پىرلىرى ھەم چەتئەل جاھانگىرلىرى بىلەن مۇرەسسە قىلماي ، 300 يىل نىمجان بولۇپ جاھالەتكە پاتقان خەلقنى ھاياتى ئارقىلىق سىلكىپ ، قېنى ئارقىلىق ئويغىتىپ چىققان مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللامدىن كېيىنكى ھېچبىر يولباشچىمىزنى « داھىي » دەپ ئاتىغىلى بولمايدۇ . بەلكى ئۇلار « دىنىي يولباشچى » ، « جامائەت ئەربابى» ،« يۇرت ئاقساقىلى» ، « قوزغىلاڭ پېشۋاسى » ۋە « خەلق رەھبىرى » بولۇشقا لايىق . ئازات قاسىم ئاكا توغرا ئېيتىدۇ . بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتنى ئازاتكامنىڭ شۇ مەزمۇندىكى ئەسىرىدىن ئوقۇۋېلىڭ!   

شۇنداق بولغاندا خەلقىمىز ۋە مىللىتىمىز يۇقىرىقى ئابدۇقادىر داموللام ، مۇستاپا كامال پاشا ۋە رىزاخان پەھلىۋىدەك يۈز يىلدا بىر چىقىدىغان داھىيلاردىن  مەھرۇم ھالدا يۈز يىلدەك تېڭىرقاپ يۈرۈپ مىڭ تەستە يېڭى ئەسىرگە ئۇلاشتى . ئەمدى بىزدىنمۇ « ئاتا ئۇيغۇر » نامىغا لايىق بىر سىياسىي داھىي  ئوتتۇرىغا  چىقىشى كېرەك  ! ئەمدى ئاكىسىراش خاھىشىغا قەتئىي ھالدا خاتىمە بەرمىسەك ، كېلەچەك تەقدىرىمىز يەنىلا ھازىرقىدەك ماماتلىق پەيتلەردىمۇ ئاقمىغان دۆلەت ھاكىمىيەتلىرىنىڭ قولىدىكى قىممەت باھالىق تاۋار بولۇپ كېتىۋېرىدۇ .

مەرھۇم مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئەپەندىنىڭ بىر مەشھۇر گېپىنى ئاڭلىدىم : « ئەگەر شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى تۈركىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى يوقىتىشقا سەۋەپ بوپقالسا ، بىز تۈركىيەنىڭ بەقاسى ( ساقلىنىپ قېلىشى ) ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىن ۋاز كېچىمىز ! » . بۇ گەپ ئەينى ۋاقىتتىكى مۇھاجىرلارنى قوينىغا ئالغان تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ھاياجانلاندۇرۇش ئۈچۈن ئېيتىلغان بولسا ، بۈگۈن ئۇ گەپنى تۈپ پىرىنسىپ قىلىپ كۆتۈرۈپ چىقىدىغان كالتە پەم ۋە تەپەككۇرسىز تەقلىدچىلەر پەيدا بولۇۋاتىدۇ . مەرھۇمغا ياغقان تاپا تەنىلەرنىڭ گۇناھىمۇ دەل مۇشۇ كالتەپەملەرگە بولىدۇ . بۇ گەپنىڭ ھەم ۋاختى ھەم قىممىتى ئۆتتى . شۇڭا ئۆزىمىزنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقى ۋە مىللىي مەنپەئەتىگە زىيانلىق ھەر قانداق پىكىردىن كەسكىن ۋاز كېچىپ ، تېزدىن ئۆزىمىزگە خاس يولىمىزنى ۋە پىرىنسىپلىرىمىزنى ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك !

ئۇنۇتمايلى ، داھىي خەلقنى ئەمەس ، خەلق داھىينى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ . ۋەزىيەت قاتتىق كەسكىنلىشىپ ، دوست - دۈشمەن ئېنىق بولغانسىرى ھەر كىمنىڭ ئەسلى قىياپىتى ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ . قېنى ئەمىسە ، ھەممىمىز يېڭى ئەسىردىكى ھەقىقىي داھىيمىزنى بايقاپ چىقايلى ! يېڭى يىلدا يېڭىچە پىلان بىلەن ئىشنى باشلاپ كېتەيلى !

يۈز يىللىق ئاكىسىراشتىن خۇلاسە شۇ بولدىكى ، « ئۆزىنى كەمسىتكەننى خەخ تېزەك قىلىپ تېپىدۇ  . ئاكىسىراپ قالغاننى خەخ ئېشەك قىلىپ مىنىدۇ ».  سايرام ئوغلانى   .

2020 - يىلى 1 - ئاينىڭ 14 - كۈنى كېچە 01:01:01 دە تاماملاندى . ( سەيشەنبە ).