2020/06/04 22:37

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


ئاچارچىلىقتىن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قەدەر55 يىل ۋە ماماتلىق قىيىن تاللاش

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2020/03/28 03:13

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى

« 1962 - 1964 - يىللاردىكى ئىلى - چۆچەك ۋەقەسى»

1 . پاجىئەنىڭ باشلىنىشى : سىتالىننىڭ ئۆلۈمى :

1945 - يىلى 9 - ماي سوۋېت ئورۇسلارنىڭ
« ئۇلۇغ ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى » تولۇق غەلىبىگە ئېرىشكەن كۈن . گېتلىر 1941 - يىلى 22 - ئىيۇن كېچە سوۋېتقا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغاندىن باشلاپ، شۇ يىل ئاخىرىدىكى لېنىنگراد ، موسكۋا ۋە كىيېۋ قورشاۋلىرى ، ئۇندىن كېيىنكى قىرىمدىن ئۇرال ۋە كاۋكازغىچە سوزۇلغان دەھشەتلىك ئۇرۇشلار ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپاقى « سىتالىنگراد ئۇرۇشى » دا گېرمانىيە ئارمىيىسىنى ئاخىرى تارمار قىلىشقا باشلىغان . شۇندىن كېيىن گېتلىر مۇداپىئەگە ، سىتالىن ھۇجۇم قىلىشقا ئۆتكەن . مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە خائىنلىق قىلغان شېڭ شىسەي سىتالىننىڭ غەزىپىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان . زورۇڭتاڭنىڭ چاررۇسىيەگە قىلغان خىيانىتىنى ئوبدان بىلىدىغان سىتالىننىڭ شۇ كۈندىن باشلاپلا ھەر قانداق خىتايغا بولغان ئىشەنچىسى يوق بولغان . بۇنىڭ تەسىرى سىتالىننىڭ 1949 - يىلى 25 - دېكابىردىن 25 - فېۋرالغىچە ئىككى ئاي ئىشىك ئالدىدا ساقلاپ تۇرغان ماۋنى ئاران ئىككى قېتىم قوبۇل قىلغانلىقى ، قوبۇل قىلغاندىمۇ ئۇنى يېرىم كېچىدە قاتتىق چارچىتىپ قۇبۇل قىلغاننى ئاز دەپ ، ئۇنىڭغا ناھايىتى سوغۇق مۇئامىلە قىلغان . ھەتتا شېڭ شىسەي ئېرىشكەن ئىمتىيازنىڭ بىرىگىمۇ ماۋ ئېرىشەلمىگەن . بۇ ھاقارەت ماۋنىڭ 1953 - يىلى 5 - مارت سىتالىن ئۆلگەن ھامان ئۇنىڭدىن مەخپىي ھالدا پۈتۈنلەي يۈز ئۆرۈشىنى ،
1956 - يىلى خىروششېف سىتالىننى ئوچۇق تەنقىدلەشكە باشلىغاندىن كېيىن ، ۋەتىنىمىزدىكى سىتالىن ئارقا تېرەك بولغان جۇمھۇرىيەتنىڭ قالدۇق رەھبەرلىرىنى 1957 - يىلدىن 1959 - يىلغىچە تولۇق يوقىتىشى ۋە مىللىي ئارمىيەنى 1962 - يىلدىكى غەلبىلىك ھىندىستان ئۇرۇشىدىن كېيىن تارقىتىۋېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان . مەرھۇم ئابدۇرەھىم ئەيسا ئەپەندىنىڭ 1957 - يىلى يانۋاردا سىرلىق ھالدا ئۆلتۈرۈپ تاشلىنىشى يېڭى بالا - قازانىڭ باشلىنىش ئىدى خالاس .

2 . چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش كەلتۈرۈپ چىقارغان سۈنئىي ئاچارچىلىق ۋە بۇنىڭ بەدىلىنى خەلقىمىزگە ئۆتىتىش جىنايىتى :

1958-يىلدىن 1962-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا، دېھقانچىلىقنى كوللىكتىپلاشتۇرۇش ۋە چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش نەتىجىسىدە، خىتاي دۆلىتى چوڭ ئاچارچىلىقنى باشتىن كەچۈردى. 1959-يىلدىن 1961-يىلغىچە ، خىتايدا ئۇدا نەچچە يىل ئاشلىق يېتىشمەسلىك ۋە ئاچارچىلىقتىن نوپۇس شىددەت بىلەن ئازىيۋاتقان شارائىت ئاستىدا، خىتاي چەتئەلدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرگە زور مىقتاردا ئاشلىق ياردەم قىلغان.  خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئوچۇق ئارخىپىدا مۇنداق خاتىرلەنگەن: 1960-يىلى ، ئافرىقىدىكى كىنىيەگە توشۇلغان 10 مىڭ توننا گۈرۈچتىن باشقا ، 15000 توننا بۇغداي ئالبانىيەگە توشۇلدى.  1961-يىلى 8-ئايدا يېزىلغان بىر پارچە خەتتە لائوسنىڭ  9-ئاينىڭ بېشىدا ئاشلىق تېرىشقا ماسلىشىش ئۈچۈن ، خىتاي لائوسقا ياردەم قىلماقچى بولغان  ئىككى توننا ئەلا سۈپەتلىك نەننىڭ گۈرۈچ ئۇرۇقىنى تېز يەتكۈزۈپ بېرىشى تەلەپ قىلىنغان ؛ يېرىم ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن ، يەنە بىر پارچە خەتتە  لائوس خىتايدىن ئونىنچى ئايدا تېرىش ئۈچۈن يەنە 15 توننىدىن 20 توننىغىچە نەننىڭ ئۇرىقى تەلەپ قىلغان. بۇنىڭغا قارىتا خىتاي يانماي 15 توننا ياردەم قىلغان. بۇ ۋەقەلەر، بۇ ياردەملەر خىتايدا چوڭ ئاچارچىلىق يۈز بېرىپ ، خىتاي بىر بىرىنى يەپ جان بېقىش باسقۇچىغا كېلىپ قالغاندا يۈز بەرگەن . مۇشۇ مەزگىلدىلا خىتايدا 40 مىليون ئادەم ئاچارچىلىق ياكى باشقا سەۋەپتىن قىرىلىپ كەتكەن . بۇنى دۇنيامۇ بىلىدۇ. ئەمما ماۋزېدوڭنىڭ رەسىمى تىئەنمېندا ئېسىقلىق . ئاشلىق قالمىدى دەپ 40 مىليون ئادەم ئۆلەۋاتسا، ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن چەتئەلگە زور مىقتاردا ئاشلىق ياردەم قىلالىغان خىتاينىڭ قولىدىن يەنە قانداق رەززىللىكلەر كەلمەس ؟دىمەك، سىز ، بىز خىتاينى ۋەيران بولىۋاتىدۇ دەپ ئويلايمىز. ئەمما ھىلىگەر خىتاي بولسا ئۆزىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۋاتىدۇ.

1963 - يىلى 17 - ئۆكتەبىر باندىتلار ياردەم بەرگەن 900 مىڭ توننا گۈرۈچ كۇباغا يېتىپ كەلگەن . ئەڭ يامان يېرى ، بۇ چاغدا پۈتۈن خىتايدىلا ئەمەس، بەلكى ئەزەلدىن ئاچارچىلىق بولۇپ باقمىغان جەننەت كەبى ۋەتىنىمىزنىڭ جەنۇبىدا ھەر كۈنى 10 مىڭدىن 50 مىڭغىچە كىشى قاتتىق ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىۋاتقانىدى . چۈنكى خىتايلار ئاللىبۇرۇن پۈتۈن ئاشلىقنى يىغىۋالغان بولۇپ ، خەلقىمىزگە بېرىلگەن جان ساقلاش نورمىسى يۈز گىرامغىمۇ يەتمىگەن. شىمالدا بولسا خەلق 1962 - 1964 - يىللىرى ئاچلىققا چىدىماي سوۋېت تەرەپكە چىقىپ كەتكەن .

مەنمۇ بىر نۇقتىنى قوشۇپ قوياي . 1960 - يىلى ماۋ زېدوڭ جەنۇپتىكى مەلۇم خوشنىسى ( لائوسمۇ ياكى ۋېيتناممۇ تازا ئېسىمدە قالماپتۇ ) ياردەم تەلەپ قىلىپ كەلگەندە ، نەخ مەيداندا كالۋالىشىپ بىر خانە ئارتۇق دەپ قويغان . تەرجىمان بۇنى تەرجىمە قىلغاندا ، ئەسلى تەلەپتىن ئون ھەسسە يۇقىرى ياردەمگە ئېرىشكىنىنى ھېس قىلغان چەتئەل ۋەكىللىرى ماۋنىڭ قوللىرىغا سۆيۈپ كەتكەن .
بىراق خىتاي ئەمەلدارلىرىنى غەم باسقان . دۆلەت قىيىن ئەھۋالدا ، ئەمما رەئىس خاتا سۆزلەپ قويدى . ئۇنىڭ ئابرۇيى دۆلەتنىڭ ئىناۋىتى تۇرسا ، ئۇنى قانداقمۇ خاتا سۆزلەپ قويدى دېگىلى بولسۇن !؟؟ 
شۇ ھامان ۋاڭ جېن بىر تەكلىپ بىر تەكلىپ بېرىپ ، ئۆزىنىڭ ئورنىغا سەپلەنگەن ئاتالمىش ئاپتونۇم رايون سېكرىتارى ۋاڭ ئېنماۋنى ۋەتىنىمىزدە ئاشلىق يىغدۇرۇپ ، ماۋنىڭ ئاغزىدىن خاتا چىقىپ كەتكەن زور قىسىم ئاشلىقنى تەمىنلەپ بەرمەكچى بولىدۇ . ئۇ ھەتتا شۇ يەردىلا ۋەتىنىمىز ۋە خەلقىمىز نامىدىن « ماۋ جۇشىنى خىجىل قىلمايمىز ! بىز شىنجياڭ خەلقى بۇ ۋەزىپىنى ئاشۇرۇپ ئورۇنلايمىز !» دەپ ۋەدە بېرىپ ، ئاشلىق يىغىشقا باشلايدۇ . خەلقىمىز 1957 - 1959 - يىللاردىكى قورقۇنچ سەۋەبىدىن ھېچبىر قارشىلىق قىلماي ، ئاشلىقلارنى تاپشۇرۇپ بېرىدۇ . 1961 - يىلى ئەزەلدىن ئاچارچىلىق بولۇپ باقمىغان ۋەتىنىمىزدە تۇنجى قېتىم كەڭ كۆلەمدە ئاچارچىلىق باشلىنىدۇ . 1962 - يىلى باھاردا ئاقسۇدىكى ئەڭ ئاۋات ۋە باي ناھىيىلەردىن بىرى بولغان باي ناھىيىسىدە ھەر كۈنى ئون مىڭدىن ئادەملەر ئۆلۈپ كېتىشكە باشلايدۇ . خەلق ئاشلىق ئامبىرى ئالدىغا يىغىلىپ يىغا - زارە قىلىشىدۇ . ئەمما ئىككى قوراللىق ئەسكەر ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپمۇ قويمايدۇ . جان ئاچچىقىدا بىر مۇشت ئاتقۇدەكمۇ ماغدۇرى قالمىغان خەلق مانا مۇشۇنداق قىرىلىپ تۈگەيدۇ . بۇ ئەھۋال ئاقسۇ ۋە قەشقەرگە ئورۇنلاشقان سابىق شەرقىي مىللىي ئارمىيىسى قوماندانلىرىنىڭ غەزىپىنى قوزغايدۇ . خىتاينىڭ تەلىيىگە مىللىي ئارمىيەدىن ئاسانلا قۇتۇلۇش پۇرسىتى كېلىدۇ . 1962 - يىلى ئۆكتەبىر ھىندىستان ئۇرۇشى باشلىنىدۇ . خىتايلار مىللىي ئارمىيەنى بىراقلا يوقالسۇن دەپ ، ناچار كىلىماتلىق ئالى ئېگىزلىكى ئارقىلىق كەشمىرگە ھۇجۇم قىلدۇرىدۇ . ئۇندىن باشقا ۋەتىنىمىزدىكى ئۆزىگە خەۋپلىك دەپ قارىغان بارلىق ياشلارنى پىدائىي دەپ تىزىملاپ ئۇلار بىلەن بىللە ئەۋەتىدۇ . ئەمما سەرخىل خىتاي ئارمىيىسى تىبەتنىڭ جەنۇبىدىكى شارائىتى ياخشى جايدا ئۇرۇش قىلىدۇ . بىر ئاي ئىچىدىلا كۈتۈلمىگەن نەتىجە يۈز بېرىدۇ . غەربىي ئۇرۇش سېپىدە مىللىي ئارمىيە كەشمىرنى ئازات قىلىپ ، يەرلىك خەلقنىڭ قوللىشىدا ھىندىستاننىڭ يېڭىلمەس قوشۇنى « بېتى دىۋىزىيىسى » نى بىتچىت قىلىپ ، يېڭى دېھلىغا 300 نەچچە كېلومېتىر كەلگىچە قىستاپ كېلىدۇ . نېھرو ئامېرىكىدىن ياردەم تەلەپ قىلىدۇ . كېننىدى دەرھال تەيۋەن بوغۇزىدىكى « بۈركۈت چۈجىسى » ناملىق ئاۋىئاماتكىنى ئەۋەتىپ ، خىتايغا ھەيۋە قىلىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي ئارمىيىسى شەرقىي ئۇرۇش سېپىدە قاتتىق مەغلۇپ بولۇپ ، دالاى لاما تۇغۇلغان جەنۇبىي تىبەت ( ئاقسايچىندىن ئۈچ ھەسسە چوڭ )نى قولدىن بېرىپ قويىدۇ . شۇڭا ماۋ دەرھال مىللىي ئارمىيەنى زورلاپ چېكىندۈرىدۇ . سەگەك بىر قىسىم كىشىلەر « ماناس دەرياسى پاجىئەسى » نى ئەسلەپ ، كەشمىردە قېپقالىدۇ . قايتىپ كەلگەنلەرنى ھەر خىل باھانىلەر بىلەن يوق قىلىپ ئۈلگۈرگەن خىتاي ، 1963 - يىلى مىللىي ئارمىيەنى ئالدى بىلەن « شىمالىي شىنجياڭ دالا ئارمىيىسى » گە قوشۇۋېتىپ ،  1965 - يىلى پۈتۈنلەي بىكار قىلىدۇ . ئاخىرىدا قوراللىق كۈچىدىن مەھرۇم قالغان خەلقىمىزنى تۈپتىن يوقىتىش ئۈچۈن 1966 - يىلى « مەينەت ئىنقىلابى » نى باشلاپ كېتىدۇ .    ئەھۋاللار قايتا - قايتا تەكرارلىنىۋاتىدۇ.

3 . ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن كۆچۈشمۇ ياكى ئالدىن پىلانلانغان « دالاينى قاچۇرۇش دانا  تاكتىكىسى » مۇ !؟

ئاچارچىلىق بۇ ۋەقەنىڭ تاشقى كۆرۈنىشى. ئەمدى بۇنىڭ مەخپىي يۈزىگە كەلسەك، بۇ ۋەقەدە1881 -  يىلدىكى يەنە بىر ئورتاق سۇيقەست قايتا تەكرارلانغان خالاس .
1881 - يىلى 24 - فېۋرال پېتىربۇرگتا «  ئىلى شەرتنامىسى» ئىمزالىنىپ،  چاررۇسىيە ئىلى تارانچىلىرى ئارقىلىق يەتتىسۇدىكى نۇرغۇن بوز يەرلەرنى ئېچىشنى پىلانلىغان. شۇنىڭ بىلەن پەقەت ئىلى تۇپرىقى مانجۇلارغا قالىدىغان، ئادەم ۋە چارۋىلار ئىككى دۆلەتنىڭ بىرىنى تاللىسا بولىدىغان بولغاچقا، رۇسلار ھەدەپ، خەلقنى مانجۇلارنىڭ قىرغىن قىلىشىدىن قورقۇتۇپ دېگۈدەك ئالماتا تەرەپلەرگە جەلپ قىلىپ« كۆچ - كۆچ» پەيدا قىلغان. شۇنىڭ بىلەن چاررۇسىيە ھېچبىر ئوتتۇرا ئاسىيالىق مىللەتنى ئىشلىتىپ پەقەت ئۆزلەشتۈرەلمىگەن يەرلەرنى ئۇيغۇرلار بوستانلىقلارغا ئايلاندۇرغان. داڭلىق شائىرىمىز بىلال نازىمىمۇ بۇ كۆچ - كۆچتە كۆچۈپ كەتكەن.

ئارىدىن 80 يىل  ئۆتۈپ، بۇ ئويۇن يەنە ئوينالغان. ئىلى ۋادىسى 1944 - يىلى ئاخىرقى دۆلىتىمىز قۇرۇلغان جاي بولغاچ « ئازاتلىقنىڭ، ھۆرلۈكنىڭ تەمىنى تېتىغانلار» ھەر ۋاقىت خىتايلارنىڭ ئوۋ نىشانىغا ئايلانغان. بولۇپمۇ 1953 - يىلى سىتالىن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن  سوۋېت تەرەپ قوللىغان ئىلى ئەرباپلىرى ۋە سابىق جۇمھۇرىيەت رەھبەرلىرى ئارقا - ئارقىدىن ھالاك قىلىنغان. ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ 1957 - يىلى 17 - يانۋار ئۆز ياتىقىدا سىرلىق ھالدا بوغۇزلىنىپ ئۆلتۈرۈلۈشى بۇ پاجىئەنىڭ ئومۇميۈزلۈك باشلىنىشى ئىدى .

1959 - يىلى مارتتا دالاي لامانى ئۇتۇقلۇق قاچۇرۋەتكەن كومپارتىيە،« يولۋاسنى تاغدىن ئايرىش ھىلىسىنى ئىلىدا قايتا قوللاندى». چۈنكى ئەينى ۋاقىتتا سوۋېتتىمۇ ئاشلىق كەمچىل بولۇپ، ئۇلارنىڭ دېھقانلارغا بەكلا ئېھتىياجى باتتى. خىتايلار بولسا ئىلىدىكى بارلىق خوجايىن خەلقنىڭ غايەت زور مىللىي مەۋجۇتلىقىدىن بىئارام ئىدى. لېكىن ئۇلارنى سەۋەپسىز بىراقلا يوق قىلالمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىي ئۆلكىلىرى خىتايلارنىڭ غەرپكە يۈرۈش قىلىشتىكى سەكرەش تاختىسى ئىدى . تارىم ۋادىسىدا ئىككى مىڭ يىل ئۇرۇنۇپمۇ غەرپكە بېسىپ كىرەلمىگەن خىتاي ئاخىرى تارىخىي تەجرىبە - ساۋاقلارنى قوبۇل قىلىپ ، تارىم ۋادىسىنى ئاتوم سىناق مەيدانى ۋە غايەت زور ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرۇپ ، خەلقىمىزنى شۇ يەردىلا يوقىتىش ئىستراتېگىيىسىنى قوللانغان بولسا، شىمالدىكى جايلاردا خەلقىمىزنى قوغلىۋېتىش ئىستراتېگىىيىسى قوللاندى . بۇمۇ خىتاينىڭ شىمالدىكى بارلىق ئىستراتېگىيىلىك جايلارنى ئىلى قازاق ئاپتونۇم ئوبلاستى تەۋەسىگە قوشۇۋېتىش ، ئۇيغۇرلارنى پەقەت تارىم ۋادىسىدىكى چەتئەل بىلەن چېگراسى يوق ئىچكى قۇملۇقلاردىلا تىزگىنلىشى ئەسلىدە مۇشۇ زور پىلاننىڭ مۇقەددىمىسى ئىدى .  مۇشۇ ئورتاق مەنپەئەت بۇ ئىككى دۆلەت ئىستىخباراتىنى « ئادەم قاچۇرۇش» پىلانىنى تۈزۈشكە تۈرتكە بولدى. نەتىجىدە 1962 - يىلى ۋەتىنىمىزدە ئاچارچىلىق باشلىنىپ، نۇرغۇن ئادەملەر قىرىلىپ كەتتى. لېكىن ئىلى ھەر ھالدا مۇنبەت زېمىن بولغاچ، باشقا جايلاردىكىدەك كۈندە ئون مىڭلاپ ئادەم ئۆلىدىغان ئىش يۈز بەرمىدى. بۇ يىلى چېگرىدىن چىقىپ كەتكەنلەرمۇ تاز ا كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى. خىتاينىڭ تەلىيىگە 1962 - يىلى كۈزدە خىتاي - ھىندىستان ئۇرۇشى پارتلىدى.
بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، نىمشېھىت قاتارلىق ئويغاق ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى ۋە سابىق شەرقىي تۈركىستان ئارمىيىسىنى ئۇرۇشتا يوق بولسۇن دەپ، خەتەرلىك ئالى تاغلىرىدىن ئاقسايچىن ئارقىلىق كەشمىرگە ئەۋەتتى. بىراق ئويلىمىغان يەردىن خىتاي ئازاتلىق ئارمىيىسى تىبەتتە ئېغىر مەغلۇپ بولۇپ، دالا لاما تۇغۇلغان « جەنۇبىي تىبەت» قولدىن كەتكەن. قىزىق يېرى قالاق قوراللار بىلەن ئۆلسۇن دەپ مۇنداقلا ئەۋەتىلگەن  ئۇيغۇر قوشۇنلىرى ھىندىستاننىڭ يېڭىلمەس قوشۇنى « بېتى دېۋىزىيىسى»  نى بىتچىت قىلىپ، كەشمىرنى ئازات قىلغان. ئاندىن يەرلىك خەلقنىڭ قوللىشىدا پايتەخت يېڭى دېھلىگە 200 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغىچە قىستاپ كەلگەن. نېھرۇ ئامېرىكىدىن ياردەم تەلەپ قىلغان. كېننىدى ھىندى ئوكيانغا « بۈركۈت چۈجىسى » ناملىق ئاۋىئاماتكىنى ئەۋەتكەن.
تۇيۇقسىز جۇئىنلەي بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، غەلىبەسېرى ئىلگىرلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان شىمالىي يۆنىلىش قوشۇنىنى دەرھال چېكىنىشكە  بۇيرۇق قىلغان.
نەتىجىدە  ئۇيغۇرلار خۇددى 1945 - يىلى ماناس دەرياسىدىن چېكىنگەندەك، شىمالىي ھىندىستاندىن چېكىنىپ چىققان. ئاز ساندىكى سەزگۈر ئەسكەرلەر  كەشمىردە قېپقالغان. 1963 - يىلى ئاچارچىلىق تېخىمۇ كۈچەيگەن.
نەتىجىدە 1964- يىلى مارتتىن ئىيۇنغىچە ئىلى خەلقى توپ - توپ ھالدا سوۋېتقا چىقىپ كەتكەن. ھەر ئىككى تەرەپ قانائەت ھاسىل قىلغاندىن كېيىن 1964 - يىلى 28 - ماي خىتاي تەرەپ ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم مۇھاجىرنى ئوققا تۇتۇپ،قورغاس چېگرىسىنى تاقىغان. ئارقىدىنلا بوش قالغان قورۇلارغا ئاققۇنلارنى كۆچۈرۈپ، نارازى بولغانلارنى قاماققا ئالغان. ھىندىستان ئۇرۇ ئۇرۇشىدا  زەپەر قۇچۇپ، « ئاقسايچىن»نى قايتۇرۋالغان مىللىي ئارمىيىنى 1965 - يىلى « دالا ئارمىيىسى ئالاھىدە كورپۇسى » دېگەن قۇرۇق نام بىلەن يوق قىلىۋەتكەن. ئاندىن خاتىرجەم ھالدا 1966 - يىلى مايدا ئاتالمىش « مەدەنىيەت ئىنقىلابى» نى باشلىغان.

2019 - 28 - مارت .

4 . ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىدىكى ئاچارچىلىقنىڭ يەنە بىر سەۋەبى ۋە چوڭ قىماردا پاجىئەلىك ئۇتتۇرۇش :

بۇندىن توپتوغرا 70 يىل بۇرۇنقى كۈندە، يەنى 1949 - يىلى 29 -ئاۋغۇست سىتالىن تۇنجى ئاتوم بومبىسىنى ئۇتۇقلۇق سىناق قىلىپ، 1945 - يىلى ئىيۇلدا ئامېرىكا تۇنجى ئاتوم سىنىقى قىلغاندىن كېيىنكى ئىككىنچى ئاتوم چوڭ دۆلىتىگە ئايلانغان. 1949 - يىلدىن 1989 - يىلغىچە 468 قېتىم ھەر خىل زەھەرلىك يادرو سىنىقى قىلىنىپ، مۇھىت ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان. بۇنىڭ ئىچىدە 1949 - يىلدىن 1963 - يىلغىچە ئارىدىلا سىناق قىلىنغان ئاتوم بومبىلىرىنىڭ ۋەيران قىلىش ۋە مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىش كۈچى خىروشىماغا تاشلانغان ئاتومدىن 2500 ھەسسە ئېشىپ كەتكەن. ئاقىۋەت ، شەرقىي قازاقىستان ۋە بىزنىڭ ئالتاي ۋە ئىلى ۋادىسى بۇ ۋابانىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، تارىختىن بۇيان پەقەت ئاچارچىلىق كۆرۈلۈپ باقمىغان جەننەت كەبى ئىلى ۋە چۆچەكتە 1962 - يىلى چوڭ ئاچارچىلىق پەيدا بولغان. خىتايلارنىڭ بۇزغۇنچىلىقىدىن باشقا، بۇ ئاتوم سىناقلىرىمۇ چوڭ ئاچارچىلىققا بىۋاستە تەسىر كۆرسەتكەن . نەزەربايېۋ 1991 - يىلى تەختكە چىقىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا بۇ جاينى تاقىۋەتكەن. دوكتۇر نەبىجان تۇرسۇن ئاكا « ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئۆلۈمى ۋە تۆت كۈن كېيىنكى سىتالىننىڭ ئاتوم بومبىسى » ناملىق ئاكادېمىك ئەسىرىدە سىتالىننىڭ ئاتوم ياسايدىغان ئۇراننى ۋەتىنىمىزدىن تاپقانلىقى، شۇ ۋەجىدىن جۇمھۇرىيىتىمىزنى تاكى 1949 - يىلغىچە ساقلاپ قېلىپ، ئازات جايلارغا خىتايلارنى كىرگۈزمىگەنلىكى، پەقەتلا 1949 - يىلى ماۋنىڭ گومىنداڭ ئۈستىدىن تولۇق غەلىبە قىلىشى مۇقىملىشىپ قالغان چاغدىلا ئاندىن رەھبەرلىرىمىزنى بىراقلا ئۇجۇقتۇرغانلىقى، سوغۇق ئۇرۇشنىڭ باشلىنىپ كېتىپ،
1947 - يىلىلا موسكۋانىڭ « پانتۈركىزىم ئەنقەرەدىن ئۈرۈمچىگە يۆتكەلدى » دەپ خۇلاسە چىقىرىپ، ئۈچ ئەپەندىنىڭ ھەرىكىتىدىن قاتتىق نارازى بولغانلىقىنى ئاشكارا ئىپادىلىگەنلىكى، خىتايلارنىڭمۇ ئۈچ ئەپەندىدىن پايدىلىنىپ سوۋېتقا قارشى تۇرغانلىقى، ئاقىۋەت گومىنداڭ بىلەن گۇڭسەنداڭنىڭ شۇ يىلى ئۆكتەبىردە تىل بىرىكتۈرۈپ، بىراقلا ھەم ئىلىدىكى جۇمھۇرىيەت تەرەپدارلىرى ھەم ئۈچ ئەپەندى تەرەپدارلىرىنى يوق قىلغانلىقىنى ئوچۇقلىغانىدى.

خاتىمە : 

« سۇ كەلگىچە توغان سال ! ياۋ كەلگىچە توساق سال ! »

يېقىندىن بېرى « ئۇيغۇر » نامى ۋە « شەرقىي تۈركىستان نامى توغرىلىق تالاش - تارتىشلار يەنە كۈچىيىپ قالدى . يازمىلاردىكى مەركىزىي ئىدىيە بىر ياندا قېلىپ ، مۇشۇ تالاش - تارتىش ھەممىنى يۇتۇۋەتتى . شۇڭا بۇندىن 74 يىل بۇرۇنقى ئاچچىق ساۋاقنى ، ھەم دۈشمەن كۈچلەرنىڭ ھازىرقى ئەلپازىنى قىسقىچە پۇرىتىپ قويۇشنى زۆرۈر تاپتۇق .

موسكۋادىكى كۆپ قىسىم مەشھۇر بىنالاردا بىر كېچىدىلا جوزېف سىتالىننىڭ رەسىمى پەيدا بولۇپ قالغان . رەسىمدە « مەن پات ئارىدا قايتىپ كېلىمەن ! » دېگەن خەتلەرمۇ يېزىلغان ئىكەن . شۇئان ئورۇسلار ئىچىدە ئىككى قۇتۇپ شەكىللىنىپ ، مۇنازىرە باشلانغان . سىتالىن 1878 - يىلى 21 - دېكابىر تۇغۇلغان بولۇپ ، بۇ غەلىتە ۋەقەنىڭ ئۇنىڭ 141 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىدىن كېيىنلا ئوتتۇرىغا چىقىشى ئاۋامنى ئويغا سالماقتا .  چۈنكى بۇ يەردە بىر ئىش بار:
1961 - يىلى 31 - ئۆكتەبىر : « ئۇرۇش جىنايەتلىرى » بىلەن ئەيىپلەنگەندىن كېيىن، سىتالىننىڭ جەسىتى قىزىل مەيداندىكى لېنىننىڭ يېنىدىن كولىنىپ ئېلىنىپ موسكۋا ئەتراپىدىكى چەت بىر  مازارلىققا كۆچۈرۈۋېتىلگەن. كىم بىلىدۇ ، پۇتىن تېخى مۇشۇ ئىش توغرىلىق ئەلرايىنى بىلىپ باقماقچى بولۇۋاتامدۇ!؟ ئۇ 22 - دېكابىر يىل ئاخىرىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا لېنىننىڭ جەسىتىنى كېرمىل سارىيىدىن يۆتكىۋېتىش توغرىلىق سوئالغا « ھازىرچە ئەھمىيىتى يوق ! » ( يەنى ۋاختى كەلگەندە ) دەپلا جاۋاپ بەردى . چۈنكى ئۇ ھازىرقى مەكتەپتىكى تارىخ كىتاپلىرىغا ئوچۇقلا ۋىلادىمىر لېنىننى « ۋەتەن خائىنى »  دەپ كىرگۈزۈپ بولدى . ۋىلادىمىر پۇتىن لېنىنغا قاتتىق نارازى ، ئەمما سىتالىندىن قاتتىق رازىلىقىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىدى . ئۇنداقتا لېنىننىڭ گۇناھى نېمە ئىدى!؟
ئۇنىڭ گۇناھى ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان « ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى » بولۇپ ، باشقىلاردەك يالغان شوئار بولماستىن ،بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيادا بەش مىللىي دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە 1991 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىپ كېتىشىگە ، ئورۇسلارنىڭ كۆپ قىسىم مۇستەملىكە يېرىدىن ئايرىلىپ قېلىشتا لېنىننىڭ تۆھپىسى زور دەپ قارايدۇ پۇتىن . بەلكىم لېنىن ئۆلگىلى يۈز يىل توشقان 2024 - يىلى يانۋاردا پۇتىن لېنىننى سارايدىن قوغلاپ ، سىتالىننى قايتا كېرمىل سارىيىغا دەپنە قىلىشى مۇمكىن . يۇقىرىقى سىتالىن ۋەقەسى ۋە ئۇنىڭدىكى
« مەن پات ئارىدا قايتىپ  كېلىمەن ! » دېگەن سادا بەلكىم پۇتىننىڭ ئەلرايىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن بىر قوللۇق پىلانلىغان تەجرىبە خاراكتېرلىق ۋەقە بولۇشى مۇمكىن . بۇنداق تەجرىبىنى باندىتلار ۋەتىنىمىزدە تەكرار سىناق قىلىۋېرىپ ، ئۇتۇق قازىنىپ كەلدى . ئۇلار ئۆلمىگەن ئادەمنى ئۆلدى قىلىپ ، جەمئىيەتنىڭ ئىنكاسىغا بېقىپ ئىش تۇتتى . بۇ پەقەت بىر مىسال  خالاس !

لېنىننىڭ شاپائىتىدىن قۇرۇلغان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە سىتالىننىڭ جاھىللىقىدىن يوق قىلىنغان ئىككى جۇمھۇرىيىتىمىز :

ھازىرقى زاماندا « تۈرك » نامى تۈركىيەدىكى 90 مىليون ئاھالىنى كۆرسىتىدۇ . تۈرك دۇنياسى ھازىر پەقەت مەدەنىيەت ئاتالغۇسى ، سىياسىي ياكى مىللىي ئاتالغۇ ئەمەس . پەقەت 1924 - يىلدىن بۇرۇنلا تۈركلەرنىڭ ئۈممەت ئاتالغۇسى ئىدى .

ئومۇمەن ، سوۋېت تەسىرىدىن بۇرۇنقى يىللار،
يەنى 1924 - يىلدىن بۇرۇنقى « تۈرك » دېگەن نام پۈتكۈل تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ ھەم سىياسىي ھەم مىللىي نامى ئىدى . 1924 - يىلدىن كېيىن مۇستاپا كامال ئاتا تۈرك « تۈرك » نامىنى ھەم مىللەت نامى ھەم دۆلەت نامى قىلىپ تاللاپ ، ئەسلى « تۈرك» ئاتالغۇسىنىڭ جۇغراپىيە-سىياسىي ۋە مىللىي قاراتمىلىقىنى ئەدىرنەدىن ئەرزۇرۇمغىچە بولغان ئالىقانچىلىك جايغا تارايتىپ قويدى. ھازىرمۇ دۇنيا « تۈرك» دېسە شۇنداق ئېتىراپ قىلىدۇ . ئورۇسلارمۇ 1924 - يىلى مەركىزىي  ئاسىيادىكى بەش چوڭ تۈركىي خەلقنى بەش خىل ئەنئەنىۋى ئېتنىك نام بىلەن ئاتاپ ، غەربىي تۈركىستاندا بەش مىللىي دۆلەت قۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويدى . نەتىجىدە قازاق ، ئۆزبېك ، تۈركمەن، ھەتتا قىرغىزلارمۇ مىللەت نامىنى تېز ئېتىراپ قىلىپ دۆلىتىنى قۇرۇۋالدى . ئۇيغۇر خەلقىنى قادىر ھاجى دېگەن بەتبەخت :« قەشقەرلىكلەر بىلەن تارانچىلار بىر مىللەت ئەمەس !» دەپ بىلجىرلاپ قايمۇقتۇرۇپ، 1921 - 1923 - يىللاردىكى ئالتۇن پۇرسەتنى ئۆتكۈزۈۋەتتى . نەتىجىدە پەرغانىدىكى ئۈچ مىليون ئۇيغۇر خەلقى دۆلەت قۇرۇش شەرتىگە توشمىغان ( 250 مىڭ نوپۇسى بولۇشى كېرەك ) ئۆزبېكىستان دۆلىتىگە ئۆزبېك دەپ تىزىملاندى. ھېساپتا ئۇيغۇرلار يەنىلا ئۆزبېكستان دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچى تۆھپىكارلىرى . بىچارە ئۇيغۇرلار قادىر ھاجى مەلئۇن بىلەن مەرھۇم ئابدۇللا روزىباقى ئوتتۇرىسىدا ئىككىلىنىپ يۈرۈپ، ئاقىۋەت 1924 - يىلى خۇددى ھازىرقى پەلەستىنگە ئوخشاش سىتالىن تەرىپىدىن دۆلەت قۇرۇش ھوقۇقى چەكلەندى. ھازىرمۇ دەل شۇ قادىر ھاجىنىڭ ئىز باسارلىرى ئانچە - مۇنچە چۇقان كۆتۈرۈپ قويۇۋاتىدۇ . ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ لېنىنغا قاتتىق ئۆچمەنلىك قىلىشى ، ھەتتا ئۇنى ئوچۇق « ۋەتەن خائىنى» دەپ جاكارلىشى ئەمەلىيەتتە لېنىن بېكىتكەن پىرىنسىپلارنىڭ 1924 - يىلدا
چاررۇسىيە مۇستەملىكىسىنى باشتىن كەچۈرگەن تۈركىستان رايونىدا بەش مىللىي دۆلەتنىڭ ئۇلىنى قوپۇرۇۋېلىش پۇرسىتىنى بەرگەنلىكى ، كېيىنچە ئۇلارنىڭ شۇ ئاساسقا ۋە پىرىنسىپلارغا تايىنىپ تۇرۇپ ، 1991 - يىلى تولۇق ئايرىلىپ چىقىپ ، ھازىرقى ئورۇسلارنىڭ تارىختىن بۇيانقى كېڭەيمىچىلىك نەتىجىلىرىنى يوققا چىقارغانلىقى ئىدى . شۇڭا ۋىلادىمىر پۇتىن ئىزچىل ۋىلادىمىر لېنىننى يامان كۆرۈپ كەلدى ، ھەمدە ئۇنى سوۋېتنىڭ پارچىلىنىشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق جىنايەتچى دەپ قارىدى . ئۇ كۆپ قېتىم « سىز نېمىگە ئەڭ قايغۇرىسىز ؟» دەپ سورالسا ، شۇئان « سوۋېتنىڭ پارچىلىنىپ كەتكىنىگە ! » دەپ جاۋاپ بېرىپ كەلدى .

ئۇنداقتا ئۇ سىتالىنغا نېمىشقا ئامراق !؟

چۈنكى لېنىن ئەينى ۋاقىتتا ۋەتىنىمىزدە بىر مۇستەقىل ئۇيغۇر دۆلىتى قۇرۇشنى قوللىمىغان بولسىمۇ ، ئەمما ئوتتۇرا ئاسىيادا بۇ پىلاننى يولغا قويغان . ھەتتا 1921 - يىلدىن 1923 - يىلغىچە ساق ئۈچ يىل مۆھلەت ۋە پۇرسەت بەرگەن .

« تۈركىيە » نامىدا بىر دۆلەت قۇرۇلغان زامان،
ئورۇسلار مەركىزىي  ئاسىيادىكى بەش چوڭ تۈركىي خەلقنى بەش خىل ئەنئەنىۋى ئېتنىك نام بىلەن ئاتاپ ، غەربىي تۈركىستاندا بەش مىللىي دۆلەت قۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويدى . نەتىجىدە قازاق ، ئۆزبېك ، تۈركمەن، ھەتتا قىرغىزلارمۇ مىللەت نامىنى تېز ئېتىراپ قىلىپ دۆلىتىنى قۇرۇۋالدى . ئۇيغۇر خەلقىنى قادىر ھاجى دېگەن بەتبەخت :« قەشقەرلىكلەر بىلەن تارانچىلار بىر مىللەت ئەمەس !» دەپ بىلجىرلاپ قايمۇقتۇرۇپ، 1921 - 1923 - يىللاردىكى ئالتۇن پۇرسەتنى ئۆتكۈزۈۋەتتى .

سىتالىننىڭ 1924 - يىلى 5 - ئىيۇل سەھەر
« تۈركىستان»  نامىنى قەتئىي مەنئىي قىلىپ ، « ئوتتۇرا ئاسىيا » ئاتالغۇسىغا كۆچۈرۈشىنىڭ چوڭقۇر تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى بار ئىدى . چاررۇسىيە 1867 - يىلى 22 - ئىيۇن قۇرغان
« تۈركىستان ھەربىي ۋالىيلىقى » كېيىنچە قوقان ، بۇخارا ۋە خىۋە ئۇرۇشقاق خانلىقلىرى ئاھالىسىنىڭ بىرلىككە كېلىشىگە ئىجابىي تەسىر كۆرسەتكەچكە، ئۇنىڭ ئۈستىگە 1921 - يىلى ئەنۋەر پاشا قوزغىغان بۈيۈك تۇران ئازاتلىقى « تۈركىستان » بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ ، تاكى 1932 - يىلغىچە سىتالىننى ھالسىراتقاچقا، لېنىن ئۆلۈشتىن 82 كۈن بۇرۇن قۇرۇلغان « تۈركىيە » مۇ سىتالىننى چۆچۈتكەچكە، لېنىن ئۆلۈپ ئالتە ئاي ئىچىدىلا سىتالىن يۇقىرىقى قارارنى چىقاردى . قەشقەرگە قېچىپ كەلگەن قاچاق ئوسمانىلار پاشالىرى ۋە تۈركىستان باسمىچى قىسىملىرىنىڭ بېسىمى بىلەن « شەرقىي تۈركىستان » دەپ قۇرغان دۆلىتىمىز شۇ كۈندىن باشلاپ سىتالىننىڭ يۈرىكىنى تاتىلاشقا باشلاپ، ئاخىرى تۇڭگاننىڭ قولى بىلەن يوقىتىۋەتتى . ئۇنداقتا سىتالىن ھەجەپ 2 - جۇمھۇرىيەتنىڭ شۇ ئىسىمدا بولۇشىغا نارازى بولماپتىكەنغۇ !؟ دەپ سورالسا ، جاۋاپ شۇكى ،  1944 - يىلدىن كېيىنكى سىتالىن دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك شەخس . ئۇ 1933 - يىلدىكى ئاجىز سىتالىن ئەمەس . شۇڭا ئۇ ھەر ھالدا بۇ ئىسىمدىن بەك قورقۇپ كەتمىگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەينى ۋاقىتتىكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ ئىنىسى بولغاچقا ، سىتالىن ئەلۋەتتە قانداقلا قىلىپ بولسۇن ،بىزنى ساقلاپ قالماقچى بولغان . ئەمما شۇ چاغدىمۇ جان تالىشىۋاتقان گومىنداڭ خەلقىمىزنى
ئۆز ئارا « سوۋېتپەرەس قىزىل پاچاقلار» ، « گومىنداڭچى ئۇلۇسچىلار » دەپ ئىككىگە بۆلۈۋېتىپ، خىتايغا قارشى نىشاننى ئىچىمىزگە بۇرىۋەتكەن . كەسكىن ئىدىيە كۈرىشىگە دىققەت قىلىۋاتقان موسكۋا ھەتتا « پانتۈركىزىم ئەنقەرەدىن ئۈرۈمچىگە يۆتكەلدى !» دەپ نارازى بولغان . شۇنداق قىلىپ ، گومىنداڭ تۈركچىلىك قارتىنى ياخشى ئويناپ ، بىر تەرەپتىن ئىلى تەرەپنىڭ سىتالىن ئالدىدىكى ئىناۋىتىنى يوق قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىنى قوللاش سۈرئىتىنى كۈچەيتىۋەتكەن . ئاقىۋەت ھېچقايسى تەرەپ ياخشى كۈن كۆرمىدى . قارا خىتاي بىلەن قىزىل خىتاي بىرلىشىپ، جۇمھۇرىيەتچىلەرنى سىتالىن بىلەن بىرلىشىپ يوق قىلدى . ئۈچ ئەپەندى ئېقىمىنى چەتكە قوغلىۋەتتى . ئىككى يولۋاس سوقۇشسا ئەلۋەتتە توڭگۇزغا پايدا بولىدۇ . بىز ماركىغا ئېسىلىۋېلىپ يۈرگەندە ، خەخ « نېمە بولسا بولسۇن، دۆلىتىم بار بولسۇن! » دەپ تۆمۈرنى قىزىقىدا سوقۇۋالغان . بىز پەلەستىنگە ئوخشاش كاجلىق قىلىپ ، « ياق ، مەن رازى بولمىغان شەكىلدە ھۆر بولمايمە ! » دەپ يۈرۈپ، ھەم ۋەتەنسىز ھەم كىملىكسىز قالدۇق ئاخىرى!  ئىبرەت ئالماي، يەنە قايتىلاۋېرىدىغان گەپما تارىخىي ئەخمەقلىقنى !؟

ئاقساقاللار ياخشىسى تەرەپ تۇتماي ، بىر تەرەپكە ئاغماي ، دۆلەت نامىنى كۈچەيتىمەن دەپ مىللەت نامىنى ئىنكار قىلماستىن ، ياكى ئەكسىچە مىللەت نامىغا چىڭ ئېسىلىمەن دەپ ھازىر خەلقئاراغا تونۇشلۇق ۋەتىنىمىزنىڭ نامىنى ئىنكار قىلىدىغان خاھىشتىن يىراق ھالدا،
ئۇيغۇردىكى ھەممە پىكىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر بۈيۈك ئىدىيەنى روياپقا چىقارسۇن !

ھېلىقى « ئۇيغۇر » نامىنى ھېلى خىتايغا ، ھېلى ئورۇسقا باغلاپ ، مىللەت نامىنى ھاقارەتلەپ، ئېتىبارسىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ ، زىددىيەتنى پەيدا قىلغان ئەرباپ ئەڭ ياخشىسى ئۆزى بۇزغان ئىشنى ئۆزى تۈزىسۇن ! بىز ئەمدى ناقابىل كىشىلەرنىڭ ھەر ئىككى ئۇيغۇر ئىدىلوگىيىسىنى ئۆز ئارا سوقۇشتۇرۇپ ، ئۈچىنچى بىر تەرەپكە سېتىلىپ كېتىش خەۋپى پەيدا قىلىشىغا يول قويمايمىز ! 

قاچاندىن بېرى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بىلەن مەمتېلى ئەپەندىنى ، نەزەرخوجا بىلەن قۇتلۇق ھاجى شەۋقىنى ، ئابدۇللا روزىباقى بىلەن مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللامنى بىر - بىرىدىن ئاجرىتىۋەتتۇق . بالا - قازا شۇ كۈندىن باشلاپ بېشىمىزدىن كەتمىدى . ئۇيغۇر خەلقى ھازىر چولتا ئوڭچىل تەرەپباز ۋە ئاقسا سولچىل ئاشقۇن ئاقساقاللارغا ئەمەس ، بەلكى يۇقىرىقى ئەزىمەتلەرنىڭ ھەممىسىگە ئىگە چىقىپ ، بىر مۇكەممەل مىللىي مەپكۇرە ( ئىدىئولوگىيە )نى خەلقىمىز ئىچىدە ئومۇملاشتۇرالايدىغان دانا بىر رەھبەرگە ، يولباشچىغا مۇھتاج ! بىز مەسىلە پەيدا قىلىدىغانلارغا ئەمەس ، بەلكى مەسىلە ھەل قىلالايدىغانلارغا تولىمۇ ئېھتىياجلىق !

1 - رەسىم : سىتالىننىڭ قايتا تىرىلىش شەپىسى بېرىلگەن سىمۋوللۇق بايراق .

2 - رەسىم : رۇقىيە تۇردۇش خانىم يازغان ، ئىككى - ئۈچ كۈنگىچە ئىستانبۇلدا خەلقىمىز بىلەن يۈز كۆرىشىدىغان ، مەزكۇر تېما بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان رېتسىپلىق يېڭى كىتاب .


2019 - يىلى 25 - دېكابىر      چارشەنبە

خۇلاسە : تارىخ تەكرارلانماقتا . بۇرۇنقىلار ھەر ھالدا ئىككىلا قۇتۇپقا بۆلۈنۈپ كېتىپتىكەن . ھەر ھالدا قولىدا مۇستەقىل دۆلەت قۇرغۇدەك، خىتايدىن مۇستەقىل بولغىدەك كۈچى بار ئىكەن. ئەمما ھازىر ھېچقانچە شارائىتى ۋە كۈچى بولماي تۇرۇپ، نەچچە ئون پىرقىگە بۆلۈنۈپ كېتىپ بارىمىز. ۋاختى كەلگەندە خەخ يەنە ئوينىۋېتىپ، ئويۇن ئاخىرلاشقاندا ئۇجۇقتۇرۇۋەتسە ، ئەزىز خەلقىمىز نەسلى قۇرۇش بىلەن بەدەل تۆلەيدۇ . 2020 - يىلى كىرگەندىن بۇيان ئۈچ ئاي ئىچىدىلا ئومۇمىي دۇنيا ۋەزىيىتى 33 قېتىم ئۆزگىرىپ بولدى . بۇ دېگەنلىك ، ھەر ئۈچ كۈندە دۇنيا ۋەزىيتىدە بىر قېتىم كەسكىن ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ . بۇنداق تېز رېتىم تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان بولۇپ ، مۇشۇ سۈرئەتتە كېتىۋەرسە ، چوقۇم چوڭ بىر توقۇنۇش چىقىپ ، يېڭى دۇنيا تەرتىپى قايتا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ . يېڭى دۇنياۋى تەرتىپنىڭ نەزەرىيىسى ۋە بارلىق تەپسىلاتلىرى بۇرۇنلا پۈتتۈرۈپ بولۇنغان بولۇپ ، بىز تېخىچە ئۇ تەرتىپتىكى ئورنىمىزنىڭ قانداقلىقىنى بىلمەي يۈرىمىز . بىز شۇنچىلىك بىپەرۋاكى ، ھازىر ئۆزىمىزنىڭ ، دادىمىزنىڭ ، بوۋىمىزنىڭ كىملىكىنى ئۇنتۇپ كەتكەن ، ئۆزىمىزنىڭ نېمە ۋەزىپىمىز بارلىقىنىمۇ بىلمەيدىغان يەردە ،  قانداقمۇ بۇنداق ماماتلىق ئىشلارغا قانداقمۇ جىددىي قارىغىلى بولسۇن !؟

نەچچە كۈن بۇرۇن ئاكتىپ ئېنىرگىيىلىك جانلىق ياشلاردىن دوستىمىز خالمۇرات ئۇيغۇر ئەلسۆي بىر ئېسىل يازما سۇندى . ئۇنىڭدا مىللىي روھ، مىللىي ئىرادە ۋە مىللىي مەنپەئەت ئۇقۇملىرى ۋە نەزەرىيەلىرى ئوبدان يورۇتۇپ بېرىلگەندىن سىرت ، يەنە ھازىر قانداق تەشكىللىنىش ۋە قايسى شەكىلدە ھەرىكەتلىنىشتىن ئىبارەت سېستىمىلىق بىر پىلان يورۇتۇپ بېرىلگەن . باشقا ئوخشىمىغان پىلانلار ۋە ئىستراتېگىيەلەر ئوتتۇرىغا چىققۇچە ، شۇ پىلاننى ھەر تەرەپتىن ئوبدان ئانالىز قىلىپ ، ۋاختىدا ھەرىكەتكە ئۆتىشىمىز كېرەك . ئەينى ۋاقىتتىمۇ سىتالىن
« گېپى ۋە تەسىرى ئاجىزلاپ كېتىشتىن ئەنسىرەپ » ، شېڭ شىسەيگە قارشى ئاكتىپ پىدائىيلارنى تاكى 1944 - يىلى قىرىمنى ۋە شەرقىي ياۋروپانى قايتۇرۇۋالغۇچە ئالمائاتادا توختىتىپ قويغان . ئەگەر ئۇلارنى 1942 - يىلى شېڭ غالچا يۈز ئۆرىگەن چاغدىلا قوللىغان بولسا ، خەلقىمىز 1943 - يىلى ئاخىرىغىچىلا ۋەتىنىمىزنى پۈتۈنلەي ئازات قىلىپ بولغان بولاتتى . ئەمما ئۇ يىللىرى سىتالىنىنىڭ گېتلىر ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىغا ئۆزىمۇ دېگەندەك ئىشەنمەيدىغان بولغاچقا ، يېڭى قۇرۇلغان دۆلىتىمىزنىڭ « تۇران » غا ئايلىنىپ ، خۇددى
« ئىران » شاھى رىزاخانغا ئوخشاش گېتلىر بىلەن ھەمكارلىشىپ ، شەرق ۋە غەرپتىن تەڭلا ھۇجۇم قىلىپ سوۋېت ئىتتىپاقىنى ھالاك قىلىۋېتىش خەۋپىنى يوققا چىقارمىغان . چۈنكى سوۋېت ئىشغالىيىتىدىكى بارلىق قازاق ، تاتار ، قىرغىز ، ئۆزبەك ، تۈركمەن ۋە تاجىك خەلقلىرىنى خەلقىمىز قان - قېرىنداشلىرى دەپ قارايتتى . ئۇنىڭ ئۈستىگە دەل مۇشۇ خەلقلەردىن تەركىپ تاپقان « ھون قىسمى » ياكى « تۈركىستان بېرىگادىسى » گېتلىر ئارمىيىسى تەركىبىدە شەرقىي ياۋروپادا ئورۇسلارنى ئېغىر چىقىمغا ئۇچرىتىۋاتاتتى . سوۋېت ئارمىيىسىدىكى مەركىزىي ئاسىيالىق تۈركىي خەلقلەردىن بولغان ئەسكەرلەرنىڭمۇ تۈركىستان بېرىگادىسىغا تەسلىم بولۇپ كېتىش ئەھۋاللىرى كۆپىيىپ كەتكەن ئىدى . شۇڭا قاقۋاش سىتالىن پەقەت 1944 - يىلىغا كەلگەندىلا ئاندىن بىزنى كۈچلۈك قوللاشقا باشلىغان . چۈنكى سىتالىن شۇ يىلدىن باشلاپ روزۋېلت بىلەن چېرچىلنى بېسىپ چۈشۈپ ، دۇنيانىڭ تەنھا ئىمپىراتورىغا ئايلانغان ئىدى . يەر شارىدا ئۇنىڭغا قارشى چىققۇدەك ھېچبىر كۈچ قالمىغان ئىدى . سىتالىن شۇ يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى شۇنچىلىك ھاقارەت قىلدىكى، 150 كىشىگە يېقىن ئەزەربايجان مۇھاجىرلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىشكە مەجبۇر قىلىپ ، ئۇلارنى چېگرادىلا تۈركلەر ئالدىدا ئوققا تۇتۇپ قىرىپ تاشلىغان . تۈركىيە غىڭ قىلالمىغان .

ھازىرمۇ ئەھۋال دەل شۇنداق . زامانىمىزدىكى سىتالىنلار مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دەل ۋاختىدا قەھرىمانلىق كۆرسىتىپ مەركىزىي ئاسىيادا قايتا نوپۇز تىكلىۋېلىشىنى خالاپ كەتمەيدۇ . شۇڭا بىزنى ئەللەيلەپ يۈرۈپ ، ئاخىرىدا « جاپانى بىز تارتساق ، ھالاۋىتىنى سىلەر كۆرمەكچىمۇ !؟ » دەپ غەزەپ بىلەن بىرنى ھومىيىپ ، تەقدىرىمىزنى يەنىلا ئۆزىگە سادىق بىرەر كۈچكە تۇتقۇزۇپ قويماقچى . ھازىر بەك نازۇك ۋاقىت . ھەم دۇنياۋى چوتىمىز ھەم ئىچكى ھېسابىمىز بولۇشى كېرەك . ئىچ كىيىمنى ھېچكىم كۆرمەيدۇ . ئەمما تاشقى كىيىمنى ياراشتۇرۇپ كىيىپ، ئاكتىپلىق بىلەن ھەر يەردىكى ئىجابىي كۈچلەرنىڭ يېنىدىن ئورۇن ئېلىشىمىز كېرەك . ۋاختى كەلگەندە خۇددى 1942 - يىلىغا قەدەر ئەنگلىيەگە تايىنىپ ، كۆزلىگەن نىشانىغا يېتەلمىگەن يەھۇدىلار بىر ئۆرۈلۈپلا ، ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك يېڭى كۈچ ئامېرىكىنىڭ پېشىنى تۇتۇپلا ، 1947 - يىلى تۇنجى ب د ت يىغىنى ئارقىلىق ئىشىنى ئوڭشاپ ، 1948 - يىلى 14 - ماي دۆلىتىنى قۇرۇۋالدى . ئەلۋەتتە ، ئۇنىڭ ئالدىدا ئۇلار زور بەدەل تۆلىدى . ھەممە كۈچلەر ئۈچۈن ئىشلىدى ، ئەمما ئاخىرىدا ئۆز مىللىي مەنپەئەتى نەدە بولسا شۇنىڭ كويىغىلا كىردى . ھازىر بىزدە نە پىلان ، نە تاكتىكا ، نە ئۈچ خىل مۇساپىلىك ئىستراتېگىيە ھېچقايسىسى يوق . خالمۇرات ئەپەندىنىڭ يازمىسىنى چوڭقۇر ئويلىنىپ ئوقۇپ چىقىڭلار ! بولۇپمۇ بىزدىكى
دوست ۋە دۈشمەن چۈشەنچىسىنىڭ نەقەدەر ئاددىي سەۋىيىدە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ ، خەلقئارادا يېتىم قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ بۇرچى بولۇشى كېرەك !

« مىللىي مەنپەئەت ۋە مىللىي بىرلىك » :

http://munber.iuyghur.com/index.php?topic=514.0

ئاقىلغا ئىشارەت . تارىخىمىزدىن ئىبرەت ئالايلى!

سايرام ئوغلانى 

2020 - يىلى 28 - مارت.  تۇمانلىق شەنبە.