2020/12/04 19:00

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


مىللىي مەنپەئەت ۋە مىللىي بىرلىك

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2020/03/28 03:53

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى



مىللىي مەنپەئەت ۋە مىللىي بىرلىك

(خالمۇرات ئۇيغۇرنىڭ سىياسىي تەپەككۇرىنى چۈشەنمەكچى بولسىڭىز، بۇ ماقالىنى ئوقۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن، رەھمەت)

ئاپتور: خالمۇرات ئۇيغۇر ئەلسۆي

تىل ئىنسانلارنىڭ ئالاقە ۋاستىسى ۋە ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي توپلارغا ئايرىلىشىنىڭ شەرت ۋە پاسىللىرىنىڭ بىرى. مەسىلەن بىز ئۇيغۇر تىلىدا مەيلى قەشقەردىن كېلەيلى ياكى تۇرپاندىن، بىر بىرىمىزنىڭ تىلىنى چۈشىنەلەيمىز، ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان شېئىرلاردىن ھوزۇرلىنالايمىز، ئۇيغۇرچە كىتابلاردىكى تەپەككۇر ۋە ھېسسىياتقا ئورتاق تەۋرىنىشتە بۇلالايمىز. بۇ بىزنى ئىجتىمائىي جەھەتتىن، روھىي جەھەتتىن ۋە ئالاقە جەھەتتىن باشقىلاردىن ئايرىپ تۇرىدۇ. بۇنىڭغا بىزنىڭ ياشايدىغان تۇپرىقىمىزنى پاسىل قىلغاندا، بىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىمىز تېخىمۇ ئېنىق بولىدۇ. پاسىلنى ئېنىقلاشتا ئۆزىمىزنىڭ شارائىتى، قوشنىلارنىڭ شارائىتى، قوشنىلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ۋە زامان تەقەززاسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. يەنى ئۆزىمىزنىڭ كۈچى ئۆزىمىز ئارزۇ قىلغان پاسىلنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولۇپ، كۈچسىز بولساق، پاسىلسىز، ئىگىلىك ھوقۇقىسىز ۋە ھەتتا مەۋجۇتلۇق كىرىزىسىگە پاتقان ھالدا ئىڭراپ قالىمىز. مىللىي مەنپەئەت دېگىنىمىز دەل زامان، ماكان ۋە ئۆز شارائىتىمىزغا باغلىق ھالدا قىسقا مۇددەتلىك ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك دەپ بەلگىلىنىدۇ. كېيىنكى تەرەققىياتلار شۇ دەۋردىكى مۇھىت، شارائىت ۋە كۈچلەر ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقلاردەك مۇمكىنچىلىكلەرگە ئاساسەن تەڭشىلىدۇ ۋە تەڭپۇڭلىشىدۇ. شۇڭا، بىر مىللەتنىڭ مىللىي مەنپەئەتى پەقەت ئۆزىگىلا ئەمەس، بەلكى زامان، ماكان، شارائىت ۋە كۈچلەر تەڭپۇڭلىقىغا باغلىق ھالدا، شۇ مىللەتنىڭ ئارزۇ ئىستەكلىرىنى شۇنداق تەڭلۇڭلۇقتا قانداق گەۋدىلەندۈرۈشكە بولغان تىرىشىشىدا ئىپادىلىنىدۇ.
مىللىتىمىزنىڭ ھازىرقى شارائىتىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى ئانالىز قىلغىنىمىزدا، ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان شەرقىي تۈركىستانلىقلار يەتمىش يىل بۇرۇن دۆلىتىنىڭ پاسىلىدىن ئايرىلغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە ئۆزى بىلەن خەقنىڭ ئارىسىدىكى پەرقلەرنى ئېنىقلايدىغان تىلى، دىنىي ئېتىقادى، ئۆرۈپ- ئادەتلىرى، يوسۇنلىرى، مۇراسىملىرى، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرى ۋە مىجەز خاراكتېرىدىكى پاسىلاردىنمۇ مەھرۇم قېلىنىش تەھدىتى ئاستىدا تۇرماقتا. بىر مىللەت ئىككى باسقۇچلۇق تاجاۋۇزغا ئۇچىرايدۇ، بىرىنچى باسقۇچتا دۆلىتىنىڭ چىگراسىنى يۇقىتىپ، باشقا بىر دۆلەتنىڭ مۇستەملىكىسى، ئاپتونۇم رايۇنى ياكى ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى، ياكى ئۇنىڭدىنمۇ تۆۋەن بىرلىكى قاتارىدا تېرىتورىسيىگە قوشۇۋېلىنىپ، ئىگىلىك ھوقۇقىنى پۈتۈنلەي يۇقىتىدۇ. ئىككىنچى باسقۇچتا بولسا، ئۇ مىللەتنىڭ ئەزالىرى ئۆز ۋەتىنىدىن، يەنى ئۆز مىللىتى مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان رايۇنلاردىن كۆچۈپ چىقىپ كېتىپ، ياتلار كۆپ سانلىق بولغان تۇپراقلارغا كېتىدۇ، شۇ يېڭى يۇرتلىرىدا شۇ يەردىكى كۆپ سانلىقلارغا ماسلىشىپ، سىڭىشىپ، ئۆزىنىڭ كىملىك پاسىلىنى يۇقىتىدۇ. ئۆز ۋەتىنىدە قالغانلىرى بولسا، مىللىي كىملىكىدىن ئېتنىك كىملىك دەرىجىسىگە چۈشىدۇ. مىللىي كىملىكىنى ئېنىقلاپ تۇرىدىغان پاسىللاردىن ئايرىلىپ، ئۆزىنى بېسىۋالغان مىللەتكە پۈتۈنلەي سىڭىشىپ كېتىدۇ. مۇشۇ ئىككى باسقۇچلۇق تاجاۋۇز تاماملانغاندىن كېيىن، ئۇ مىللەت تارىختىن ھەقىقىي مەنىدە يوق بولىدۇ. ئۇيغۇرلار ئاساسلىق ئاھالىسى بولغان شەرقىي تۈركىستانلىقلار دەل ئىككىنچى باسقۇچتا ئۆزىنى ساقلاش كۈرىشىنى يەتمىش يىلدىن ئارتۇق داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، سوۋىتلەر ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، خىتاي دۆلىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئىقتىساد گۈللىنىشىدىن تۇغۇلغۇسى بولغان مىللەتچىلىك ئېڭىدىن مىللىي مەنپەئەت ئېڭىنىڭ شەكىللىنىشىنى توسۇش ۋە ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى خىتاي دۆلىتىگە بارلىق پاسىللىرىنى بۇزۇپ تاشلىغان ھالدا قېتىۋېلىش مەقسىتىدە خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى كۈچلەندۈرىدۇ ۋە تېزلەشتۈرىدۇ.
دېمەك بىزنىڭ مىللىي مەنپەئەتىمىز دېگىنىمىز، ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان شەرقىي تۈركىستان ئۇلۇسىنىڭ  مەۋجۇتلىقىنىڭ ئاداققىچە داۋام قىلىشى، بۇنىڭ ئۈچۈن پاسىللىرىمىز ئېنىق بولۇشى، ھەر ئىككى باسقۇچلۇق پاسىلىمىز بار بولۇشى ۋە كۈچلۈك بولۇشى كېرەك. ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان شەرقىي تۈركىستان ئۇلۇسىنىڭ مىللىي مەۋجۇتلىقىنى ئاداققىچە داۋام قىلىش ئۈچۈن دۆلەت چىگىرىمىز بولۇشى كېرەك.  دېمەكچى، بىرىنچى باسقۇچلۇق پاسىلىمىز يوق ھالەتتە، ئىككىنچى باسقۇچلۇق پاسىلىمىزنى ساقلىشىمىز، ياكى ئۇنى ساقلايمەن دېيىشىمىز شارائىتىمىزغا ۋە مۇھىتىمىزغا ماس كەلمەيدۇ. چۈنكى، بىزنىڭ ئىككىنچى باسقۇچلۇق پاسىلىمىزنى يوق قىلماسلىق تىرىشچانلىقىمىز، مەيلى ئۇ سىياسىي غەرەزدە بولسۇن، ياكى مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن بولسۇن، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ نەزىرىدە خرىس دەپ قارىلىدۇ. مانا بۇ نىمە ئۈچۈن جازا لاگېرلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنىڭ، دىنىي ئۆلىمالارنىڭ ۋە ئۇستازلارنىڭ تۈرمىلەرگە سولىنىشىنىڭ، تىلىمىزنىڭ، دىنىمىزنىڭ، مەدەنىيىتىمىزنىڭ زەربىگە ئۇچرىشىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ۋە ئەڭ نىگىزلىك سەۋەبى. خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىن ئىلغارلىقى ئەمەس، خىتاي تىلىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىن كۈچلۈكلىكى ئەمەس، دىنسىزلىقنىڭ دىنىي ئېتىقادى بولۇشتىن ئاقىللىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ ئىككىنچى باسقۇچلۇق پاسىلىمىزنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، خۇددىي بىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ چىگراسىنى يوق قىلغىنىغا ئوخشاش، بىزنىڭ روھىمىزدىكى چىگرادىن بۆسۈپ كىرىپ، بىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىمىزنى يوق قىلىش ئۈچۈندۇر. بۇ قانداقتۇر تارىخي ئۆچىنى ئېلىش ھەركىتى ئەمەس، شۇنداق تارىخلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق، ئۆز خەلقىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىشەنمەسلىك، كەمسىتىش ۋە ياتلاش خاراكتېرىنى يېتىلدۈرۈش ئارقىلىق، ئاممىۋىي گىپنوس قىلىپ، ئاممىۋىي قوللاشقا ئېرىشىپ، بۈيۈك خىتاي مىللىي مەنپەئەتىنى قانائەتكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈندۇر. بىز بۇنىڭغا پەقەتلا غەزەپ بىلەن ياكى نەپرەت بىلەن جاۋاب بەرسەك، دۈشمەن بىلەن بىر سەۋىيىدە بولالماي قالىمىز، تەقدىرىمىز مەغلۇبىيەت بىلەن تاماملىنىپ قېلىشى مۇمكىن. بىزدە دۈشمەنگە بولغان غەزەپ بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مىللىي مەنپەئىتىمىزنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىش ئەڭ ئەقەللىي ۋە ئەڭ تۆۋەن قىزىل سىزىقىمىز بولۇشى كېرەك.
بىز كىم؟ <بىز> كەلىمىسىگە سىياسىي بىر تەبىرنى ئېنىقلىشىمىز، بىزنىڭ دۈشمەن ۋە باشقىلار بىلەن چىگرايىمىزنى ئايرىشىمىزنىڭ ئاساسى. ئۆزىمىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمەي تۇرۇپ، دۈشمەننىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىيالمايمىز، دۈشمەننىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمەي تۇرۇپ، كۈرەش ۋە رىقابەتنىڭ ئارىسىدىكى پەرق مۈجىمەل بولۇپ قالىدۇ. مېنىڭ چۈشەنچەمدىكى بىز ئىككى تۈرلۈك ئېنىقلاش ئارقىلىق تەبىر بېرىلىدۇ. بىرىنچىسى، خىتاينىڭ ئىككىنچى باسقۇچلۇق پاسىلىمىزنى بىتچىت قىلماقچى بولغان پىلانىدا نىشان قىلغان بارلىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار. ئىككىنچىسى، بىزنىڭ ئىككىنچى پاسىلىمىزنى قوغداش، مىللىي مەۋجۇتلىقىمىزنىڭ ئاداققىچە داۋام قىلىشى ئۈچۈن، بىرىنچى پاسىلىمىزنى شەكىللەندۈرۈش زۆرۈرۈيىتىدىكى كۆرىشىمىزگە قاتناشقان، ياردەمدە بولغان بارلىق كىشىلەر. شۇ ئىككى شەرتكە چۈشكەنلەر بىز بولسا، بىزنىڭ ئارىمىزدىن بىز بولماي قالىدىغان كىشىلەر تۆۋەندىكى ئىككى شەرت بىلەن بىز بولماي قالىدۇ. بىرىنچىسى، ئىككىنچى پاسىلىمىزدىن ۋاز كېچىش تەرەپدارلىرى ۋە ئىككىنچى پاسىلىمىزنىڭ يۇقىلىشى ئۈچۈن قىلىنغان ھەركەتلەرگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشقۇچىلار. ئىككىنچىسى، بىرىنچى پاسىلىمىزنى قىزىل سىزىقى قىلمىغان، ئۇنى قايتا بەرپا قىلىش كۆرۈشىگە قارشىلىق، توسقۇنلۇق ھەتتا دۈشمەنلىك قىلغان، ياكى دۈشمەنلىك قىلىۋاتقان ياكى كەلگۈسىدە دۈشمەن بولۇش ئېھتىمالى مۇقەررەرلەر بىلەن سەپداش ياكى يولداش بولغانلار. يۇقىرىدىكى تۆت شەرت ئارقىلىق بىز ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلىيالايمىز ۋە مىللىي كۈرەش يولىمىزدا دوستلىرىمىزنى دۈشمەندىن، يولداشلىرىمىزنى ياتلاردىن ئايرىۋالالايمىز.
بىزدىن باشقىلارنى كاتىگورىيىلەرگە ئايرىش تەقەززايىمىز ۋە ئېھتىياجىمىز بار. ئۇلارنى دۈشمەن، دۈشمەننىڭ دوستى، بىتەرەپ، بىز تەرەپ ۋە دوستلىرىمىز، يەنى ئىتتىپاقداشلىرىمىز دەپ بەش تۈرگە ئايرىشىمىز لازىم. شۇنداق بولغاندىلا كىم بىلەن قانداق مۇئامىلىدە بولۇشنى بىلىمىز. قانداق مۇئامىلىدە بولۇشنى بىلىش بىزنىڭ قانداق قىلغاندا مىللىي بىرلىكنى شەكىللەندۈرۈشىمىزنىڭ ئالدىنقى شەرتىدۇر.
دۈشمەنلىرىمىز مىللەت تەركىبى، دۆلەت تەركىبى، سىياسىي قارىشى ياكى دىنىي ئېتىقادى بىلەن ئۆلچەنمەستىن، بەلكى بىزنىڭ ئىككى پاسىلىمىزنى قۇرۇپ چىقىشىمىز ۋە قوغدىشىمىزغا مىللىي مەنپەئەتى زىت توپلۇم ياكى شەخس بولۇپ، دۈشمەننى بىزنىڭ ھەركەتلىرىمىزگە بولغان مۇئامىلىسىگە ئاساسەن ئاكتىپ دۈشمەن، پاسسىپ دۈشمەن ۋە كەلگۈسى دۈشمەن دەپ ئۈچ تۈرگە ئايرىشىمىز لازىم. شۇنداق قىلغاندا دۈشمەننى مۇھىت ۋە شارائىتلارغا ئاساسەن ئايرىپ مۇئامىلە قىلالايمىز، سىتراتېگىيىلىك قەدەم باسقۇچلار بويىچە تەدبىر ۋە مۇداپىئە پىلانى تۇرغۇزالايمىز، ئىجرا قىلالايمىز. ئاكتىپ دۈشمەن بىزنىڭ ئىككىنچى پاسىلىمىزنى بىتچىت قىلىشقا تىرىشىۋاتقان، ئۇنى پىلان قىلغان، ئىجرا قىلغان، ياكى ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۇنىڭغا شېرىك بولغانلاردۇر. بۇگۈنكى كۈنىمىزدە بۇ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى، خىتاي دۆلىتى ھۆكۈمەت ئاپپاراتى، ھەربىي كۈچى، ئىقتىسادىي گەۋدىلىرى ۋە شۇ سېستىمىدا ئىشلەۋاتقان، شۇ سېستىمىدىن پايدا ئېلىۋاتقان، بىۋاستە ۋە ۋاستىلىك مەنپەئەتلىنىۋاتقان بارلىق توپلۇملار ۋە شەخسلەردۇر. پاسسىپ دۈشمەن بولسا، شۇ سېستىمىدىن ۋاستىلىك ھالدا مەقسەتسىز مەنپەئەتلىنىۋاتقان، ئەمما بىزنىڭ ئىككى باسقۇچلۇق پاسىلىمىزنى قۇرۇپ چىقىش ۋە قوغداش ھەركىتىمىزگە قارشىلىق ھەركىتىدە بولمايدىغان، ياكى مەلۇم شەرتلەر ئاستىدا چېكىنىپ چىقىدىغان توپلۇملار ۋە كىشىلەردۇر. دۈشمەننىڭ دوستلىرى بىزنىڭ ئىككى باسقۇچلۇق پاسىلىمىزنى قۇرۇپ چىقىش ۋە قوغداش ھەركىتىمىزدە دۈشمىنىمىزگە ئىقتىسادىي، سىياسىي، دىنىي، دېپلوماتىك ياكى مەجبۇرىيەت نۇقتىسىدىن ھەمكارلىشىدىغان، بىۋاستە قاتنىشىدىغان ياكى ياردەمدە بولىدىغان گەۋدىلەر، توپلۇملار ۋە شەخسلەردۇر. بىتەرەپلەر بىزنىڭ ئىككى باسقۇچلۇق پاسىلىمىزنىڭ ئىككىنچى باسقۇچلۇق پاسىلنى قوغداش ھەركىتىمىزنى قوللايدىغان، مەسىلەن خىتاينىڭ بىزنى خىتايلاشتۇرۇش ھەركەتلىرىگە قارشى تۇرىدىغان، بىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىمىزنى قوغداش ھەركەتلىرىمىزگە بوشلۇق يارىتىپ بېرىدىغان، ئەمما بىزنىڭ بىرىنچى باسقۇچلۇق پاسىلىمىزنى شەكىللەندۈرۈشتە خىتاي بىلەن بولغان سىياسىي، دېپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنى سەۋەب قىلىپ ياردەمدە بولمايدىغان، ھەتتا قارشى تۇرىدىغان گەۋدىلەر، توپلۇملار ۋە شەخسلەردۇر. ئەپسۇسكى، ھازىرقى خەلقئارا مۇھىتتا بىتەرەپ بولىۋاتقانلارنى بىزنىڭ بىزتەرەپ ياكى دوستىمىز، يەنى ئىتتىپاقدىشىمىزدەك چۈشۈنۈپ قېلىۋاتىمىز. 
بىزنىڭ مىللىي بىرلىكىمىز بىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىمىزنى ۋە دۈشمەننى ئېنىق بىلگەن ئاساستا، ئىچكى مۇناسىۋەتلىرىمىزدە ئوخشىمىغان گۇرۇھلار، پارتىيىلەر ۋە مەزھەپلەر ئارىسىدىكى پەرقلەرگە مۇئامىلە قىلغاندا، مىللىي مەنپەئەتىمىزنى قىزىل سىزىق قىلغان ھالدا، مۇئامىلە ۋە مۇناسىۋەتلەردە بولۇشىمىزنى كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭ ھازىرقى شارائىتىمىزدە ئوخشىمىغان قاراشلار ئارىسىدىكى پەرقلەرنىڭ چوڭ بولۇشى، كىشىلەرنىڭ سىياسىي قاراشلىرى سەۋەبىدىن ئوخشىمىغان گۇرۇھلارنىڭ ياكى پارتىيىلەرنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشىش دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى بولماسلىقى، ئوخشىمىغان قاراشلار ئارىسىدا دىئالوگلارنىڭ بولماسلىقىدىن، ئارىسىدىكى پەرقلەرنى چۈشۈنۈپ، پەرقلىرىنى روشەنلەشتۈرمەسلىكىدىن سىرت، ئومۇمىي خەلقتە سىياسىي ئىدىلوگىيە ۋە قاراشلارغا، گۇرۇھ ۋە پارتىيىلەرگە بولغان قاراشنىڭ ئېنىقسىزلىقى، ياكى شەكىللەنمەسلىكىمۇ مۇھىم سەۋەبتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن سىياسىي قاراشلار ۋە ئىدىلوگىيە توغۇرلۇق تالاش تارتىشلاردا بولىۋاتقان ئاكتىپلارنىڭ، يىتەكچىلەرنىڭ ياكى رەھبەرلەرنىڭ سىياسەت نەزىرىيىسىگە ئائىت بىلىملەرنى ئىگەللىشى، قاراشلارنى كەسپىي ۋە ئىلمىي شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇشى لازىم.
بىزگە بىر لىدىر ئەمەس، ئەمەلىي ئىش قىلىدىغان يۈزلىگەن، ھەتتا مىڭلىغان ئەمەلىيەتچى ھەركەتچىلەر كېرەك. ئىنساندىن بولغان، كۈچنى مەركەزگە مەركەزلەشتۈرگەن لىدىر ئەمەس، بەلكى شۇ ھەركەتچىلەرنى سىتخىيلىك ھالدا بىرلىككە كەلتۈرىدىغان سېستىما، چوڭ سۈرەتكە چۈشۈدىغان سىتراتېگىيە پىلانى كېرەك. شۇنداق بىر پىلەننىڭ ئىنچىگە دېتاللىرى ۋە تەپسىلاتىنى ھەرقايسى گۇرۇھلار، پارتىيىلەر ياكى شەخسلەر ئۆزنىڭ شارائىتى، زامان ۋە ماكان تەمىنلىگەن مۇمكىنچىلىكلەر، ۋە ئۆزىنىڭ تالانتىغا، قابىلىيىتىگە ئاساسەن تۈزسە، بىرلىك گۇرۇھلار، پارتىيىلەر ۋە شەخسلەر ئوخشاش يۆنۈلۈشتە، ئوخشىمىغان شەكىلدىكى ياكى تۈرلەر بويىچە خورىزونتال ھەركەت قىلساق بولىدۇ. بىرىنچى باسقۇچلۇق پاسىلىمىز بولغۇسى دۆلىتىمىزنىڭ تۈزۈلمىسىنى بىز پادىشاھلىق قۇرۇشنى نىشان قىلىپ ئەمەس، بەلكىم دېموكراتىك، يەنى ۋەتەنداشلارنىڭ ئىرادىسىغا ۋەكىللىك قىلغۇچى مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ قارار ئېلىشى، سىياسەت بەلگىلىشى ۋە قانۇن چىقىرىشىنى دۆلەت تۈزۈلمىسى قىلغان، خەلقنىڭ ئىرادىسى ئارقىلىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈلىدىغان، ھاكىمىيەتتە قانۇن چىقارغۇچىلار، سوتچىلار ۋە ئىجراچىلارنىڭ ھوقۇقلىرى مۇستەقىل ئىجرا بولىدىغان، شۇ سېستىمىنى خەلقنىڭ كۆزۈتۈش ھوقۇقىنى جارىي قىلدۇرىش مېخانىسمىنىڭ ئۇل تېشى بولغان يىغىلىش ھوقۇقى، سۆز ئەركىنلىكى ۋە مېدىيا ئەركىنلىكى بولغان ھەقىقىي ئەركىن بىر جۇمھۇرىيەت قۇرۇشتۇر. ئاۋتوكراتىيە ئەمەس، بەلكى دېموكراتىيە بەرپا قىلىش بىزنىڭ بىرىنچى باسقۇچلۇق پاسىلىمىزنى قۇرۇشنىڭ ئەمەلىي ھەركەت پىلانىدۇر. ئۇيغۇرنىڭ لېدىر ساقلىشى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى جەريانىدا يەھۇدىيلارنىڭ مەسىھنى ساقلىشى بىلەن ئوخشاش. كۈتۈشنى ئەمەس، كۆرەشنى تاللىغاندىلا قۇتۇلالايمىز. كۈرەش تۆت باسقۇچلۇق ھەركەت پىلانى بولۇپ، ئۇلار قارشىلىق، قۇتۇلۇش، قۇرۇش ۋە قوغداشتىن ئىبارەتتۇر. قارشىلىق مىللىي مەۋجۇتلىقىمىزنى يۇقىتىش ئۈچۈن ئىككىنچى پاسىلىمىزنى بىتچىت قىلماقچى بولغان بارلىق ھەركەتلەرگە بارلىق مۇمكىنچىلىكلەر بىلەن ھەرخىل شەكىللەردە ئېلىپ بېرىلىدىغان قارشىلىق ھەركەتلىرى، ئوپېراتسىيىلىرى بولۇپ، ئۇنىڭ قانداق شەكىلدە بولۇشى زامان، ماكان ۋە شارائىتقا قاراپ بەلگىلىنىدۇ ياكى تاللىنىدۇ. قۇتۇلۇش ھەركىتى قارشىلىق ھەركىتى بىلەن بىر ۋاقىتتا ئېلىپ بېلىدۇ، ياكى قارشىلىق ھەركىتى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەركەت بولۇش، مەقسەت بىرىنچى باسقۇچلۇق پاسىلىمىزنى شەكىللەندۈرۈپ، مىللىي پاسىلىمىزنى، يەنى مىللىي مەۋجۇتلۇق پاسىلىمىزنى تولۇق شەكىللەندۈرۈشنى مەقسەت ۋە نىشان قىلغان قارشىلىق ھەركىتىدۇر. ئۇنىڭ شەكلى زامان، ماكان ۋە شارائىتقا قاراپ بەلگىلىنىدۇ ياكى تاللىنىدۇ. قۇرۇش باسقۇچى قۇتۇلۇش باسقۇچىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدىن باشلاپ داۋام قىلىدىغان ھەركەت بولۇپ، دۆلەت گەۋدىسى شەكىللەندۈرۈش بىلەن بىرگە، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە دېپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى شەكىللەندۈرۈشكە ئوخشاش قۇرۇلما ۋە تەرتىپ قۇرۇلۇشلىرىدىن سىرت، تىرانسپورت، سۇ، ئىلىكتىرك، كۈندىلىك بۇيۇملار، سانائەت، ئاشلىق ۋە ئەقىل قاتارلىق يۇمشاق ۋە قاتتىق دېتال قۇرۇلۇشلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قۇرۇلۇش باسقۇچىنىڭ ئاياقلىشىش چېكى تاكى ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ داۋام قىلىشىغا قەدەر داۋام قىلىدۇ. ۋە بۇ باسقۇچ قوغداش باسقۇچىنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك بولۇشىغا بىۋاستە تەسىر قىلىدىغان بولۇپ، قوغداش مىللىي مەۋجۇتلىقىمىزنى ساقلاشنىڭ ئىككى پاسىلىنى قوغداشنى ئۆزىنىڭ بىردىنبىر نىشانى قىلغان مىللىي قوغدىنىش مېخانىزمىدىن ئىبارەتتۇر.
مەنچە ئىدىلوگىيىدە بىرلىككە كېلىۋېلىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق، مىللىي مەنپەتىمىزنىڭ يۈكسەك ۋە مۇقەددەسلىكىنى ئاساسىي سىزىق قىلغان ئاساستا، ئوخشىمىغان ئىدىلوگىيىلەر بىلەن مىللەتكە ساداقەت ۋە خىزمەت قىلساق بولىدۇ. بەش يېرىم مىليۇنلۇق فىنلاندىيىدە ئون نەچچى پارتىيە ئون نەچچە ئىدىلوگىيە ئاساسىدا قۇرۇلغان بولسىمۇ، ھەممىسى مىللىي مەنپەتنى يۈكسەك بىلىپ، بىرلىكتە مىللەتكە ۋە دۆلەتكە ساداقەتتە بولماقتا ۋە خىزمەت قىلماقتا. بىر ئىدىلوگىيىگىلا يىغىلىش پەقەت فاشىستىك ياكى كوممۇنىستىك ئىدىلوگىيىسىگە ئوخشاش ھاكىممۇتلەقلىك دىكتاتۇرلۇقنى ئۆزىنىڭ خاراكتېرى قىلغان ئاۋتوكراسىيىلىك ياكى دېكتاتۇر دۆلەتلەردىلا ئەمەلگە ئاشقان.
مەن ئارزۇ قىلىدىغان شەرقىي تۈركىستان بىر پارتىيىلىك خىتاي ياكى شىمالىي كورىيە مودىلىدا ئەمەس، بەلكى ئونلىغان ئوغۇز تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ بىر يەرگە يىغىلىپ توي ۋە قۇرۇلتاي چاقىرىپ مەسلىھەتتە قارار پىچىدىغان ۋە چىقىرىدىغان، ئۇيغۇرنىڭ ئەنئەنىسى بولغان باراۋەرلىك تۈزۈلمىسىدىكى كۆپ پارتىيىلىك دۆلەتتۇر.
شۇڭا ئاۋۋال ئىدىيەنى ياكى لىدىرنى بىرلىككە كەلتۈرەيلى دەپ، ئىشنىڭ بېشىغا ئىش قوشۇۋېلىش، مەنچە بىزنىڭ رىئاللىقىمىزغا ئۇيغۇن ئەمەس. پەقەتلا بىرلا ئىدىلوگىيىگە ياكى بىرلا ھاكىممۇتلەق شەخسكە بەيئەت قىلىشى ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتىگە ئۇيغۇن ئەمەس. بىر ئۆيدە تۇغۇلغان بالىلاردىمۇ پىكىر ئايرىمىچىلىقى بولىدىغان ئىنسان تەبىئىتىگە يات يولدا، ئىدىيىنى ھەممىمىز ئوخشاش بىر خىللا قىلىمىز دېيىشىمىز مېنىڭ شەخسىي قارىشىمدا توغرا ئەمەس.
مېنىڭ چۈشىنىشىمچە، ئىدىلوگىيە دىگىنى ئىجتىمايى ۋە ئىقتىسادى مۇناسىۋەتلەردىكى ۋەزىپە، ھوقۇق ۋە مەنپەئەت تەقسىماتىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇللىرىنىڭ يىغىندىسى. مەسىلەن كونسىرۋاتىزم ھوقۇقنىڭ ھۆكۈمەتكە مەركەزلىشىشىنى تەرغىپ قىلسا، لىبىرالىزم ئىندىۋىدۇئاللار ھوقۇقىنىڭ دەخلىسىزلىكىنى، ھوقۇقنىڭ كوللىكتىپ ياكى ھۆكۈمەتكە تەقسىملىنىشىنىڭ چەكلىنىشىنى تەرغىپ قىلىدۇ. ئىقتىسادى مۇناسىۋەتلەردە ئوڭچىلار شەخسىي مۈلۈكچىلىكنى ۋە ئىجتىمايى ۋەزىپە ۋە مەسۇلىيەتلەرنى شەخسلەرنىڭ، يەنى كاپىتال ئىگىلىرىنىڭ ئۈستىگە ئارتماسلىقىنى تەرغىپ قىلسا، سولچىلار ئىجتىماي ۋەزىپىلەر تەقسىماتىدا كاپىتالىستلارنىڭ، ھۆكۈمەتنىڭ ۋە كوللىكتىپنىڭ مەسئ‍ۇلىيىتى بارلىقىنى تەرغىپ قىلىدۇ. يەنى، ئاممىۋىي پاراۋانلىقنى تەرغىپ قىلىدۇ.ئىدىيە بىرەر ئىشقا ياكى قارارغا بولغان شەخسنىڭ كاللىسىدا شەكىللەنگەن باھادىن ئىبارەت. ئىدىيىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئۇ كىشىنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى، ئىدىلوگىيە مايىللىقى قاتارلىقلار تەسىر قىلىدۇ.شۇڭا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىدىلوگىيىدە بىرلىككە كېلىش دېگىنىنى مەن تازا چۈشۈنەلمەيمەن. ھەممىمىز ئوڭچى بولۇشىمىز، ياكى سولچى بولۇشىمىز كىرەكمۇ؟ كونسېرۋاتىپ ياكى لىبىرال بولۇشىمىز كېرەكمۇ؟ ئىنسانلار ئۇ جەھەتتە مۇتلەق بىرلىككە پەقەت ئاۋتوكراتىك، دېكتاتۇر تۈزۈلمىدىلا بىر يەرگە مەجبۇرىي كېلىشى مۇمكىن.
كونسېرۋاتىسم شەخسىي كارخانىلارنى، يەنى كاپىتالىستلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى ، شەخسىي ئىگىدارلىق ھوقۇقى ۋە ئىجتىمائىي مۇتەئەسسىپ ياكى ئەنئەنىۋىي ئىدىيىلەرنى قوللايدىغان سىياسىي كۆز قاراشلارنى كۆزدە تۇتىدۇ. سىياسىي كومپاستا بولسا ھوقۇق تەقسىماتىدا كوللىكتىپ ياكى تەشكىللىق ھوقۇقنىڭ شەخسىي ھوقۇقتىن ئۈستۈنلىكىنى تەرغىپ قىلىدۇ. لىبىرالىزىم دەل ئۇنىڭ ئەكسىنچە بولۇپ، كوللىكتىۋىزملىق، يەنى سانى كۆپنىڭ ئەمەس، بەلكى شەخسلەرنىڭ ھوقۇقلىرىنىڭ كوللىكتىپ ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچىلەر بىلەن باراۋەرلىك مۇناسىۋىتىنى تەرغىپ قىلىدىغان ئىدىلوگىيە. ئاۋتوكراتسىيە دېگەنلىك دېموكراتسيىنىڭ ئەكسى بولۇپ، يالغۇز بىر شەخسنىڭ لىدىرلىك ئورنىدا تۇرۇپ بارلىق قارارلارنى ئۆز خاھىشى بويىچە چىقىرىدىغان ھۆكۈمەت سېستىمىسىنى كۆرسۈتىدۇ. بۇ يەردە دىكتاتورلۇق بىلەن پەرقىنى دېسەم، ئاۋتوكراتسىيە دېكتاتورلۇقنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، دېكتاتورلۇقتا ھوقۇق مەركەزگە مەركەزلىشىش جەھەتتىن ئاۋتوكراتسىيە بىلەن ئوخشاش بولسىمۇ، ئەمما ھوقۇق تەقسىماتىدا مەركەزدە بىر شەخس، جەمەت ياكى گۇرۇھ بولىدۇ، ئۇلار ئۆزىنىڭ ھوقۇقلىرىنى خەلقتىن يۇقىرى ۋە خەلق ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇقىغا ئىگە دەپ قارايدۇ. بۇ ئاتالغۇلارنى بىلىشىمچە ئۇيغۇرچىدىمۇ ئوخشاش ئاتايدۇ، ئەمما ۋەتەندە خىتاينىڭ ئوقۇتۇش سېستىمىسىنى ئىشلىتىدىغان ئانا تىللىق مەكتەپلەردە بىز ئۆگەنگەن سىياسەت ياكى جەمئىيەت نەزەرىيىسى دېگەندەك دەرسلىكلەردە سوتسىيالىستىك نۇقتىنەزەردىن سۆزلەنگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلتىرا يەنى ئاشۇرما سولچى كونسېرۋاتىزملىق نەزەر بىلەن چۈشەندۈرۈلۈش مەقسىتىدە، يۇقىرىدا دېيىلگەندەك تەبىرلەر بىتەرەپ ھالدا چۈشەندۈرۈلمىگەن. بۇ خىل  پەقەتلا بىر خىل ئىدىلوگىيىنى ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئىنداكتىناسيون دەيدۇ.
زامان، ماكان ۋە شارائىت تەقەززاسى بىلەن، بىزنىڭ ھەممىزنىڭ بىر يەرگە بىر سېۋەتكە يىغىلىۋېلىشتەك شەكلىي بىرلىكنى تەرغىپ قىلىشىمىز، قارشىلىق ھەركىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە ۋە كەلگۈسى قۇرۇلغۇسى دۆلىتىمىزنىڭ كۆپ پارتىيىلىك دېموكراتىك تۈزۈلمىدىكى دۆلەت بولۇشىغا پايدىسىز بولۇشى مۇمكىن. بىزنىڭ ئوخشىمىغان ئىدىلوگىيىلەر، قاراشلار ياكى قارشىلىق ھەركىتىنىڭ شەكىللىرى ئاساسىدا ئوخشىمىغان گۇرۇھلارغا، گۇرۇپپىلارغا، پارتىيىلەرگە ياكى تەشكىلاتلارغا ئايرىلغان ھالدا، مىللىي مەنپەئەتىمىزنى قىزىل سىزىق قىلىپ، ئوخشىمىغان شەكىلدە ھەركەت قىلىشىمىز، دۈشمەننىڭ زىيانكەشلىك قىلىش، توسقۇنلۇق قىلىش، ئىچكى بۇزغۇنچىلىق قىلىش قاتارلىق ھەركەتلىرىگە توسقۇنلۇق ۋە تېخىمۇ مۇرەككەپ رىقابەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. شۇ ئوخشىمىغان گۇرۇھلار، گۇرۇپپىلار، پارتىيىلەر، تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر ئارىسىدىكى دىئالوگنى بەرپا قىلىش، بىزنىڭ سىتخىيلىك ھالدا ئىچكى بىرلىك شەكىللەندۈرۈشىمىزنىڭ مېخانىزمىدۇر. شۇنداق بىر دىئالوگ سورۇنى بىزنىڭ مىللىي مەنپەئەتىمىزنى قانائەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەركەتلىرىمىزنىڭ يىغىندا تەسىرىنى پىلان، ئانالىز ۋە كېلىشىم قىلىدىغان سۇپىمىز بولۇپ، بۇ ئاتا بوۋىلىرىمىزدىن قالغان بەگلىكلەرنىڭ يىغىلىپ توي ياكى قۇرۇلتاي چاقىرىپ، مىللىتىمىزگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ئىچكى ۋە سىرتقى مەسىلىلەرنى مۇنازىرە قىلىدىغان، قارار ئالىدىغان ۋە چارىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان پارلامېنتىمىز بولۇشى مۇمكىن. مىللىي بىرلىكىمىز بىرىمىزنىڭ يەنە بىرىمىزنى قايىل قىلىپ ئۆز توپىمىزغا قوشۇۋېلىشىمىز بىلەن ئەمەس، بەلكى ئوخشىماسلىقلىرىمىز بىلەن بىر يەرگە كېلىپ، ئوخشاش نىشانغا ئوخشىمىغان تەرەپلەردىن ئوخشىمىغان شەكىلدىكى ھەركەتلەردە ئىلگىرىشىمىزنى كۆرسۈتىدۇ. ئوخشىمىغان نۇقتىنەزەردە، ئوخشىمىغان ئىدىلوگىيىدە بولساقمۇ، بىزنىڭ نىشانىمىز مىللىي مەنپەئەتىمىزنى قانائەتلەندۈرۈشتۇر. شۇنداق بولغاندىلا مىللىي بىرلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز، ئوخشىماسلىقلىرىمىزنى كۈچكە، پەرقىمىزنى پاراسەتكە ئايلاندۇرالايمىز، بىرلىككە كېلەلەيمىز.

https://www.akademiye.org/ug/?p=156786

1934 - يىلى 26 - مارت يېڭىساردا قولدىن كەتكەن ھۆرلۈك
ۋە 2020 - يىلى 26 - مارت بالتىقتا ئويغانغان مىللىي روھ:

گەرچە دوستۇم خالمۇرات ئۇيغۇرنىڭ ھەممە تەشەببۇسىغا تولۇق قوشۇلۇپ كەتمىسەممۇ ، لېكىن ۋەتەندە قىل ئۈستىدە قالغان مىللىي مەۋجۇتلۇقىمىز ۋە چەتئەللەردە تۇزدەك ئېرىپ كېتىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان خەلقىمىزنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ۋاستە تاللىماي كۈرەش قىلىش مېنىڭ ئۆزگەرمەس مەيدانىم . مىللىي مەنپەئەت ئاساسىدا ھەر تۈرلۈك ئۇسۇللارنى سىناپ باققاننىڭ زىيىنى يوق . بەزىدە ئىنسان شۇنچىلىك قېلىن ۋە داپشاق بولۇۋالىدۇكى ، پەقەتلا چىرايلىق گەپ ئاڭلىمايدۇ . بىزدەك قاششاقلىققا كۆنۈپ قالغان توپلۇمنى بەزىدە زورلۇق ۋاستىلەر بىلەن مەشىق قىلدۇرماي ئامال يوق . ئالايلۇق ، گېنىرال پاتتون ئەينى ۋاقىتتا پاراشوت زاۋۇتى باشلىقىنى پاراشوتلارنىڭ سۈپىتىنى 99.9% گە يەتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغان . ئەمما ئۇ باشلىق پەقەت 89 % گە يەتكۈزگىلى بولىدىغانلىقىدا چىڭ تۇرغان. گېنىرال شۇئان ھەر قېتىمدا ياسالغان پاراشوتلاردىن مەلۇم بىرىدە ئۇ باشلىقنى ھاۋادىن تاشلاپ سىناق قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن . شۇنىڭ بىلەن پاراشوتلارنىڭ سۈپىتى پاتتون تەلەپ قىلغان ئۆلچەمگە يەتكەن . شەرق ( مۇسۇلمان ) ئەللىرىدە كۆپىنچە ھالدا دېموكراتىيە مەلۇم بىرەر قاتتىققول مۇستەبىتنىڭ قولىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان . چۈنكى غەرپچە يۇمشاق كۈچ ۋە يۇمشاق ۋاستە بىلەن ئۇزۇندىن بېرى ئۆزىنى ئوڭشاپ بولالمىغان بىر توپنى بىراقلا دېموكراتىيە تۈزۈمىگە سىلجىتقىلى بولمايدۇ . ئەمما سىناپ باققاننىڭ زىيىنى يوق . دوستۇم خالمۇرات قاراشلىرىنى شۇنداق دېموكراتىيەگە تويۇندۇرۇپ بايان قىپتۇ . شۇڭا خەلقىمىز لىدېرىنى ياكى داھىيسىنى كۈرەش قىلىش جەريانىدا ئۆزلىرى تېپىۋالسۇن. ئۇيغۇر مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتى بىرلا كېمىگە قىستلىشىپ چىقىۋالماسلىقى كېرەك ! چۈنكى ئۇ كېمە چۈكۈپ كەتسە ، ھەممىسى چۆكۈپ كېتىدۇ . ( خۇددى قۇتلۇق ھۆرىيەت ھەرىكىتىمىز تۈركىيەدە ئاق پارتىيەنىڭ كېمىسىگە چىقىرىپ قويۇلغاندەك ) . ئەجداتلىرىمىز ھەر ھالدا ئويۇننىڭ بېشىنى قاملاشتۇرۇپ ئوينىيالىغان . ئەمما ئاخىرىدا مىللىي مەنپەئەت بىر يەردە قېلىپ ، ھەر ئىككى تەرەپ خوجايىن كۈچلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن بىلىپ - بىلمەي چېپىپ قويغان . نەتىجىدە خىتايلار چاققان چىقىپ قارا خىتاي بىلەن قىزىل خىتاي بىرلىشىۋالغان . ئەگەر بىز ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆز ئارا بىرلىشىۋالغان بولساق، سىتالىنمۇ ئامالسىز بىزنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان بولاتتى. خۇلاسە ، بۇ چاقىرىق يېتەرلىك بوپتۇ . ئەمدى بۇنى ئىجرا قىلىدىغان تۈمەنلىگەن يىگىتلەرگە ئېھتىياج زور . بۇنى سىناپ باققاندىن كېيىن ، ئاندىن داۋاملىق كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىپ ماڭساق بولىدۇ . ئەگەر دوستۇم خالمۇرات ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي پىسخىكىسىنى مەندىن توغرا يەكۈنلەپ چىققان بولسا ، بۇ ئىش ئۇتۇقلۇق يۈرۈشۈپ كېتىدۇ . ئەگەر مەن ھەقلىق چىقىپ قالسام، ئۇ چاغدا داۋاملىق تەجرىبە - ساۋاق ئاساسىدا پىلاننى تۈزىتىپ ، يېڭىلاپ ماڭساق بولىدۇ .

مىلادى 1934 - يىلى 26 - مارت قۇربان ھېيت كۈنى ئەمدىلا بۇرۇتلىرى خەت تارتقان ئىككى ئاكا - ئۇكا ئەمىرلەر باشچىلىقىدا 20 - 35 ياشلار چامىسىدىكى بەش يۈزدەك شىرمەت يىگىتلەر ۋەتىنىمىزنىڭ مىللىي مۇستەقىللىقى ۋە شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى ۋاقىتلىق پايتەختى يەكەننى مۇداپىئە قىلىش يولىدا قەشقەردىكى يېڭىسار سېپىلى ئىچىدە خىتايدىن بېسىپ كىرىپ ، شېڭ شىسەي ۋە ئورۇسلارنىڭ ئىستىكى بىلەن بىرىنچى جۇمھۇرىيىتىمىزنى ئاغدۇرۇش ئۈچۈن كەلگەن تۇڭگان 36 - دېۋىزىيىسى بىلەن دەھشەتلىك قۇچاقلاشما جەڭ قىلىپ، ھەممىسى شېھىت بولغان ئىدى . بۈگۈن قارلىق جۇدۇندا كۆڭلىمىزدىمۇ جۇت ئۇرۇۋاتقاندا بۇ يازمىنى كۆرۈپ كۆڭلىمىز كۆتۈرۈلۈپ قالدى. دوستۇم خالمۇرات ئۇيغۇر كەبى يىگىتلىرىمىز تۈمەنلەپ يېتىشىپ چىقسۇن ! ھازىرلىنايلى ، ئەمدى نۆۋەت چوقۇم بىزنىڭكى ئىنشائاللاھ ! خۇدا بىزگە نۇسرەت بەرگەي !

سايرام ئوغلانى.   

2020 - يىلى 26 - مارت.  قارلىق پەيشەنبە.