2020/06/01 22:59

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ 8 - ئاپرىلدىكى خەتەرلىك باياناتى ئەسلەتكەن تارىخ

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2020/04/09 07:19

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى


ئۇيغۇرلار كىملەر ئىدى !؟ چارپادىشاھلار ۋە سىتالىن نېمە ئۈچۈن ئۇلاردىن بىئارام ئىدى !؟

تۈركىي تىللار دىۋانىدا شانلىق تارىخى بار، دۆلىتى بار، قەھرىمانلىق سۈپەتلىرى بىلەن تەرىپلەنگەن ئەزىز مىللىتىمىز ئەڭ كېچىكتى دېگەندىمۇ مىلادىدىن بۇرۇنقى 678 - يىلدىن بېرى ھازىرقى ۋەتىنىمىز، ئوتتۇرا ئاسىيا، ۋە موڭغۇل دالالىرىدا سەلتەنەت سۈرۈپ كەلگەن ئىدى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 4 - ئەسىردە يۈز بەرگەن « ئىسكەندەرنىڭ يۈرۈشلىرى » دىن كېيىن، تۈركىي خەلقلەرنىڭ سەلتەنەت قۇياشى موڭغۇلىيەدە پارلىدى. مىلادى 6 - ئەسىردە ئالتايدىكى ئەرگىنەقۇن تۈركلىرى ئاتلىق ئۇيغۇر ئەسكەرلىرىگە تايىنىپ، ھازىرقى رۇسىيەدەك كېڭىيىپ، ئاسىيانىڭ ئوتتۇرىدا باش كۆتۈردى.
744 - يىلى قاغانلىق كۆكتۈركلەرنىڭ قولىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ قولىغا ئۆتتى. ئۇلارنىڭ غەرپتىكى ئىككى كۈچلۈك قېرىندىشى قارلۇقلار بىلەن ئوغۇزلارمۇ پەقەت « يابغۇ » نامىنى قوللاندى.
839 - يىلى ئورخۇندىكى قاغانلىق يىمىرىلىپ، 840 - يىلى قاغانلىققا قاراشلىق كەڭسۇ - كۆكنۇر ، جۇڭغارىيە، يەتتە سۇ ۋە تارىم ۋادىسىدا
كەڭسۇ ئۇيغۇر خانلىقى / 840 - 1036/،  ئىدىقۇت ئۇيغۇر ئېلى / 840 - 1394/  ۋە قاراخانىيلار خانلىقى / 840 - 1212/ قۇرۇلدى. 
880 - يىلى قاراخان بىلگە كۆل قادىرخان قارلۇق يابغۇسىنىڭ ئاستانىسى « بالاساغۇن» نى ئىگىلەپ، ئاندىن كېيىن ياغلاقار ئۇرۇقىدىن بولغان ئىدىقۇت ۋە ئۇدۇن خانلىرىنى قايتىدىن بېقىندۇرۇپ، كۆكتۈرك قاغانلىقى، ئۇيغۇر قاغانلىقىدىن كېيىنكى ئۈچىنچى قاغانلىق « قارا خانىيلار قاغانلىقى » نى بارلىققا كەلتۈردى.  قارلۇقلار « يابغۇ » نامى بىلەن قوشۇلۇپ، كېيىنچە باشقا قەبىلىلەر بىلەن بىرلىكتە ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئېتنىك ئەجداتلىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى. ھازىرقى تۈركمەنىستاندا تۇرۇۋاتقان ئوغۇزلار يەنىلا « يابغۇ» لۇق نامىنى ساقلاپ، ئۆزلىرىنى قاغان دەپ ئاتىمىدى. چۈنكى شەرقتە قاراخانىيلار قاغانلىقى، غەرپتە ھازار قاغانلىقى بار ئىدى. ئوغۇز يابغۇلىقى / 750 - 1056/ مىلادى 960 - يىلى بىر مەزگىل قاراخانىيلارغا تەۋەلىك بىلدۈرگەن.

1134 - يىلى قاراخىتايلارنىڭ ئىستىلاسىغا دۇچ كېلىپ، 1141 - يىلدىن باشلاپ بېقىندى ھالغا چۈشۈپ قالغان. بىراق ئىچكى جەھەتتە داۋاملىق مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قالغان.
كۈچلۈكنىڭ 1212 - 1216 - يىللىرىدىكى زۇلۇملىرى سەۋەبىدىن، ئىدىقۇت خانى بارچۇق ئارت تېكىن 1209 - يىلى چىڭگىزخانغا بەيئەت قىلىپ، 1218 - يىلى جەبە نويانغا يول باشلاپ، تارىم ۋادىسى ۋە پەرغانە ۋادىسىدىكى قان - قېرىنداشلىرىنى قاراخىتاي زۇلۇمىدىن تولۇق قۇتقۇزۇپ، ئۇيغۇر تارىخىدا شانلىق بىر سەھىپە ئاچتى.

موڭغۇل ئىمپېرىيىسى ئۇيغۇرلارغا بەكرەك تايانغاچقا، ئۇنىڭ غەلىبىسىنى ماھىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ غەلىبىسى دەپ ئاتاشقىمۇ بولىدۇ. بۇ يەردە شۇنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش زۆرۈركى، موڭغۇل ئىمپېرىيىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ھەتتا موڭغۇل ئىمپېرىيىسىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل خانلىق قۇرۇش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەن. بۇنىڭغا غەربىي ئاسىيادا قۇرۇلغان ئەرتىنە(ئەراتنا) خانلىقىنى مىسال قىلىشقا بولىدۇ. بۇ خانلىقنى ئىلخانىيلارنىڭ ئاناتولىيىدىكى باش ۋالىسى ئەرتىنە قۇرغان. ئەسلىدە ئاناتولىيە 1242 - يىلدىكى كۆسەي تاغ ئۇرۇشىدىن كېيىن، موڭغۇل ھىلاكۇخانغا قارام ئەلگە ئايلانغان. 1258 - يىلى ھىلاكۇخان باغداتنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، ھەر قايسى قەبىلىلەر ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغان. ھىلاكۇخان 1256 - يىلى ئىلخانىيلار خانلىقىنى قۇرۇپ، 1265 - يىلى ئۆلگەن. ئۇنىڭ ئەۋلادى مەھمۇد قازانخان 1295 - يىلى مۇسۇلمان بولغان. ئۇنىڭ ئوغلى ئولجايتۇخان ئۇيغۇر سەركەردە ئەراتنانى ھازىرقى تۈركىيەنىڭ باش ۋالىيسى قىلىپ ئەۋەتكەن. ئەرتىنە ئەسلىدە مىلادى 1327- يىلى ئاناتولىيىگە باش ۋالى بولۇپ تەيىنلىگەن. ئىلخانىيلارنىڭ ئاخىرقى قۇدرەتلىق خانى ئەبۇ سەئىدخان ۋاپات بولۇشىغىلا، ئەراتنابەگ  مىلادى 1335- يىلى ئىسيان كۆتۈرۈپ مۇستەقىللىق ئىلان قىلغان. بۇ خانلىق مىلادى 1381- يىلىغىچە46 يىل ھۆكۈم سۈرگەن. بۇ خانلىقتا ئەرتىنە (1335-1352- يىللار)، غىياسىدىن(1352- 1365- يىللار)، ئالائىددىن (1365- 1380-يىللار)، مۇھەممەد(1380- يىلى) ۋە قىلىچ ئارسلان(1380-1381- يىللار) قاتارلىق بەش كىشى تەختتە ئولتۇرغان. بۇ خانلىق ئەڭ كۈچەيگەن مەزگىلدە زىمىنى ئاناتولىيىگە تولۇق كېڭەيگەن. ئەراتنانىڭ دەۋرىدە ئەڭ كۈچلۈك دەپ قارالغان قارامان ئوغۇللىرى، چوپان ئوغۇللىرى، ئوسمان ئوغۇللىرىمۇ بىردەك ئەراتناخانغا بويسۇنغان. بەلكىم ئوسمانىلارنىڭ 1362 - يىلى پايتەختىنى ئاسىيادىكى « بۇرسا » دىن ، ياۋروپا تەرەپتىكى « ئەدىرنە» گە كۆچۈرۈشى ئەراتنا خانلىقىنىڭ بېسىمىدىن بولسا كېرەك!

1221 - يىلدىن 1331 - يىلغىچە بىپايان ۋەتىنىمىز ئىسلام دۇنياسىدىكى بارلىق چارىسىز كىشىلەر قېچىپ كېلىپ پاناھلىنىدىغان بىخەتەر جايغا ئايلانغان. ئۇنىڭدىن كېيىنكى يۈز يىلدا يۈەن سۇلالىسى، ئۆگۈدەي خانلىقى، ئالتۇن ئوردا ۋە ئىلخانىيلار بىلەن بولغان ئۇرۇشلار، ئاخىرىدا ئەمىر تۆمۈر بىلەن بولغان 20 يىللىق ئۇرۇش جەريانىدا تۇرغۇنلۇقتا تۇرۇپ قالغان. ئەمما خىزىر خوجىنىڭ تىرىشچانلىقىدا 10 يىللىق تىنچلىققا ئېرىشىپ، چاغاتاي خانلىقى قايتا قۇدرەت تاپقان. 1414 - يىلدىن 1514 - يىلغىچە خانلىق ئۈچكە بۆلۈنۈپ كېتىپ، تارىم ۋادىسى يەكەننى مەركەز قىلغان مىرزا ئابابەكرى قولىدا، تۇرپان - قۇمۇل، جۇڭغارىيە ۋە ئىلى ۋادىسى سۇلتان ئەھمەدخاننىڭ قولىدا، يەتتە سۇ، جەنۇبىي قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان تاشكەنتنى مەركەز قىلغان مەھمۇدخان قولىدا بولغان.

1514 - يىلى سەئىدخان يەكەندە « سەئىدىيە خانلىقى / 1514 - 1684/ نى قۇرغاندىن كېيىن، پامىردىن ئالتايغىچە، ئىلىدىن كەشمىرگىچە، ئالمائاتادىن دەشتئاتاغىچە بولغان ئىككى يېرىم مىليون كۋادرات كېلومېتىرلىق بىپايان ۋەتەن قايتا بىرلىككە كېلىپ، خەلقىمىز ئەڭ ئاخىرقى مەدەنىيەت گۈللىنىش باسقۇچىغا قەدەم قويغان. غەرپتىكى بارلىق موڭغۇللار يوقىلىپ كەتكەن، ئەمما ئۇيغۇر بىلەن خوشنا ياشىغان موڭغۇللار ساقلىنىپ قالغان. ئۇيغۇرلار موڭغۇللارنىڭ ئۇستازى ۋە مەمۇرىي ھۆكۈمرانلىرى بولغان.

تولىمۇ ئەپسۇس ، تارىخنىڭ چاقى 1619 - يىلغا كەلگەندە ۋەتىنىمىزنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى بىردىنلا كەسكىنلىشىپ، ھەممە جاينى قان ھىدى باستى. 1618 - يىلى شۇجائىددىن ئەھمەدخان قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ھەر قايسى شاھزادىلەر تەخت تالىشىش ئۈچۈن ھەر قانداق ۋاستىنى قوللاندى. بۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان « ئىشقىيە » ۋە « ئىسھاقىيە » مەزھىپى دەرھال بىردىن تەرەپنى قوللاپ، ئاق تاغلىق ۋە قاراتاغلىق ئىكككى قۇتۇپنى تەشكىل قىلدى. گەرچە ئابدۇرېشىتخاننىڭ نەۋرىسى ئابدۇللاخان 1638 - يىلى سەئىدىيە خانلىقىنى قايتا بىرلىككە كەلتۈرگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ چاغدا كۈچلۈك ئىككى دۈشمەن ئىشىك ئالدىمىزغىلا كېلىپ قالغانىدى. ئۇلارنىڭ بىرى 1628 - يىلى ئالتايدىن ئېشىپ، تارباغاتايغا يەرلەشكەن « قالماقلار » يەنى جۇڭغارلار، يەنە بىرى 1719 - يىلى قۇمۇلغا پۇتىنى تىقىۋېلىپ، 1759 - يىلى ۋەتىنىمىزنى ئىشغال قىلغان خىتايلاشقان مانجۇرلار ئىدى. 1678 - يىلى جۇڭغار خانى غالدان قونتاجى 5 - دالاي لاما نىڭ تەلىپى بويىچە ، ئافاق خوجىنىڭ يول باشلىشىدا ۋەتىنىمىزگە تاجاۋۇز قىلىپ كىردى.
1684 - يىلى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى تولۇق باستۇرۇپ، ئۈچ يىل تەييارلىق قىلىپ،1689 - يىلى مانجۇرلارنى يۇتۇۋېلىش ئۈچۈن ئاتلاندى.
1713 - يىلى جۇڭغار خانى سېۋان ئاراپتان قارا تاغلىق دانىيال خوجىنىڭ ياردىمىدە قايتا بىر قېتىم ئىشغال قىلدى. 1735 - يىلى غالدان سېرىن يەنە بىر قېتىم ئىشغال قىلدى. 1757 - يىلى قايتا مۇستەقىللىق ئېلان قىلىندى. بىراق جۇڭغارلارنى يوقاتقان مانجۇرلار قاراتاغلىق قۇمۇل، تۇرپان خوجىلىرىنىڭ ياردىمىدە 1759 - يىلى 5  - ئىيۇل پايتەخت يەكەننى ئىشغال قىلىپ، بەش كۈن قەتلىئام ۋە بۇلاڭ - تالاڭ يۈرگۈزدى. 11 - ئىيۇل ئۇرۇشتا ئەسىرگە چۈشكەن قارشىلىق قىلغان خەلقنى كوللېكتىپ قىرغىن قىلىپ، قانلىق ھۆكۈمرانلىقىنى باشلىدى. مانا بۈگۈن / 11 - ئىيۇل/ 260 يىللىق خورلۇق باشلانغان ماتەم كۈنىدۇر.

پۇتىننىڭ ئىچىنى ئاچچچىق قىلغان تارىخ :

كۆكتۈرك خانلىقى پارچىلانغاندىن كېيىن، ئەسلىدە ئاۋارلار بىر مەزگىل ھۆكۈم سۈرگەن قارا دېڭىزنىڭ شىمالىدا، ھازارلار باش كۆتۈرۈپ، ئۇرالنىڭ شەرقىدىكى قۇبارت قاغان قۇرغان بۈيۈك بۇلغار دۆلىتى / 630 - 665 / نى ئۆزىگە قوشۇۋېلىپ، ھازار قاغانلىقى / 650 - 965/ نى قۇردى. بوشناقلارنىڭ ئەجداتلىرى بولغان پەچەنەكلەر، بۇلغارلار ۋە قىپچاقلار ھازارلارنىڭ ئاساسلىق ھەربىي كۈچى بولۇپ قالدى. ھازار قاغانى 742 - يىلى يەھۇدى دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بەلگىلىدى. ھازارلار 950 - يىلدىن باشلاپ، غەرپتە رۇسلار، جەنۇپتا شەرقىي رىم، شەرقتە پەچەنەكلەرنىڭ ئورتاق زەربىسىگە ئۇچراپ، 965 - يىلى قاغانلىقى يوق بولغان. 1018 - يىلغىچە ئورنىنى بۇلغار خانلىقى باسقان. 1018 - يىلدىن 1238 - يىلغىچە بۇلغار خانلىقىنىڭ ئورنىنى قىپچاق خانلىقى باسقان. قىپچاقلار 1039 - يىلى قىرىمنى شەرقىي رىم قولىدىن تارتىۋېلىپ، ئىسلاملاشتۇرغان. شۇنىڭ بىلەن رۇسلار شەرقتە قىپچاقلار، غەرپتە پەچەنەكلەردىن مۇداپىئە كۆرىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان.

كېيىنچە ھازار خانلىقى ئاجىزلىشىپ، بۇرۇنقى بۈيۈك بۇلغار خانلىقى تىرىلىپ، 1 - بۇلغار ئىمپىرىيىسىنى قۇردى. ئۇندىن كېيىن 
1030 - يىلى قالدۇق ھازار خانلىقى توختىماي غەرپكە سىلجىۋاتقان پەچەنەكلەر ، جەنۇپقا كېڭىيىۋاتقان كىيېۋ رۇسىيىسى ، ۋە « يۈزسىز ئىتتىپاقداش » ۋىزانتىيەنىڭ بىرلەشمە ھۇجۇمى سەۋەپلىك مۇنقەرىز بولدى . ئۇلارنىڭ تارىخىي ئورنى قىپچاقلارغا قالدى.

ئۇنداقتا بۇلغارلار كىملەر !؟؟

بۇلغارلار :

ئىلخانىيلار تارىخچىسى راشىدىن يازغان
« جامىئۇتتاۋارىخ»نىڭ كىرىش سۆزىدە « ئەسلىدە موڭغۇل ئۇلۇسى تۈرك قەۋملىرىنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ قىياپەتلىرى ۋە تىللىرى ئوخشاش ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى بۇلغار / بۇلجا/ خاننىڭ نەسلىدىن كۆپەيگەنلەر ئىدى. بۇلغارخان بارلىق تۈرك ئۇلۇسلىرىنىڭ ئاتىسى بولۇپ، ئۇنىڭدىن تاكى ئەرگىنەقۇن ۋەقەسىگىچە بولغان ئۇزۇن تارىخىي دەۋردە تۈركلەردە نە يېزىق، نە كىتاپلىرى بولمىغاچ بۇ تارىخلاردىن پەقەت ئازغىنا ئۈزۈندىلەر پەقەت نەسىلدىن نەسىلگە ئاغزاكى يەتكۈزۈلۈپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ ياشايدىغان جايلىرى بەكلا يېقىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ نەدىن نەگىچە پائالىيەت قىلغىنىنى شۇلارنىڭ ئۆزىدىن بىلىنىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئانا ۋەتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنىدىن خىتايغا، يەنىمۇ شەرقتە جۇرجىتلار زېمىنىغىچە سوزۇلغان.نۆۋەتتە بۇ جايلارنىڭ ھەممىسىگە ئۇلۇغ موغۇلىستان نامى بېرىلمەكتە. 1302 - يىلى». /  ئاپتور بۇ تارىخىي ئەسىرىنى تۇنجى مۇسۇلمان بولغان ئىلخانىيلار خانى « مەھمۇد قازانخان» دەۋرىدە، يەنى 1302 - يىلى  باشلاپ، ئولجايتۇخان زامانىدا، يەنى 1310 - يىلى تاماملىغان. ئالىمنىڭ روھى شاد بولغاي!.

بۇلغارلار، شەرقىي رىم يەنى ۋىزانتىيە تارىخىي ماتېرىياللىرىدا بۇ قەبىلە مىلادىيە 480- ( يەنە بىر قاراشتا 482-) يىلى تۇنجى قېتىم تىلغا ئېلىنغان. بۇ قەبىلە ئون ئۇيغۇرلار كاۋكازنىڭ شىمالى ۋە ۋولگا دەرياسىنىڭ غەربىگە يېتىپ كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي پەيدا بولغان. بۇ قەبىلىنىڭ تۇرغان جايى باشقا قەبىلىلەرنىڭ تۇرغان جايىغا قارىغاندا غەربكە ئەڭ يېقىن بولۇپ، ئۇلار كاۋكازدىن تاكى دوناي دەرياسىنىڭ ساھىلىغىچە سوزۇلغان. خېلى چوڭ رايون شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ شىمالىي چېگرىسىغا تۇتاشقان.
ۋىزانتىيە تارىخىي ماتېرىياللىرىدا ئېيتىلىشىچە، بۇ قەبىلە مىلادىيە VII ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، قارا دېڭىزنىڭ شىمالىدا «بۈيۈك بۇلغارىيە» / 630 - 665 / بۈيۈك قاغانى قۇبارت قاغاندۇر/
‏ (Lagrande Bulgaria) دەپ ئاتالغان بىر دۆلەت قۇرغان. كېيىن ئۇلار ئون ئۇيغۇر ئىتتىپاقىغا قوشۇلۇپ كەتكەن. «بۇلغار» دېگەن نام «بەلغۇر» يەنى «بەش ئوغرى» ياكى «بەش ئوغۇز» دېگەنلىك، دېگەن قاراش بار. مىلادىيە 469- يىلى ياۋروپا ھون ئىمپېرىيىسى ئاغدۇرۇلغاندا ھونلار ئاتىللانىڭ كىچىك ئوغلى ئېرنەك باشچىلىقىدا ئون ئوغۇرىيىگە كۆچۈپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ تەركىبىگە قوشۇلغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئون ئوغۇرلار ئۆزلىرىنى «ھونۇغۇرلار» دەپمۇ ئاتاشقان . كېيىن «ئون ئوغۇرلار» بۇلغار دېگەن نامنى ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي ئىتتىپاقىنىڭ نامى سۈپىتىدىمۇ قوللانغان. نەتىجىدە نامدا ھازار خانلىقىغا بېقىنىدىغان، ئەمەلىيەتتە كۈچلۈك ئاساسى بار ئېدىل بۇلغار دۆلىتى / 665 - 1291 / بارلىققا كەلگەن. 922 - يىلى 12 - ماي ۋولگا بۇلغار خانلىقى دۆلەت بويىچە ئىسلامغا كىرگەن. « 922 - يىلى 12 - ماي يەكشەنبە كۈنى ، ئايلاپ يولىغا تەلمۈرگەن ئابباسىيلار ئەلچىلەر ئۆمىكى خەلىپىنىڭ تەبرىك مەكتۇپىنى ئېلىپ كەلگەن. بۇلغار خانى تەۋەسىدىكى بارلىق قەۋملىرىگە باش بولۇپ شۇ كۈنىلا ئىسلام دىنىغا كىرگەن».

922 - يىلى ئىسلام دىنىغا كىرگەندىن كېيىن، قىپچاقلارغىمۇ تەسىر كۆرسىتىپ، 1018 - يىلى يىقىلغۇچە يۈز يىل جەرياندا ئۇلارنى ئىسلامغا كىرگۈزۈپ بولغان. ھەتتا كىيېۋ رۇس كېنەزى ۋىلادىمىر 962 - يىلى بۇلغار خانلىقىغا ئەلچى ئەۋەتىپ، مۇسۇلمان بولغىلى تاسلا قالغان ئىكەن. ** 

** 962 ـ يىلى تۇنجى رۇس كېنەزى ۋىلادىمىر
ۋولگا بۇلغار خانلىقى(922 ـ يىلدىن باشلاپ ئىسلام دىنىغا كىرگەن)،غەربىي رىم (كاتولىك مەزھىپىدە)،ۋە شەرقىي رىم (ھازىرقى رۇسلارنىڭ ئەنئەنىۋى خىرىستىئان مەزھىپى)گە
ئەلچى ئەۋەتىپ،رۇسلارنى ساماۋى دىنلارنىڭ بىرىگە كىرگۈزۈپ بىرلەشتۈرۈشكە بەل باغلىغان.( ئەلچىلەر رىمدىكى مۇخلىسلارنىڭ بەك ھۇرۇن ئىكەنلىكى،ئىبادەتكە بەكلا سۇسلۇق قىلىدىغانلىقى،بۇلغارلارنىڭ رۇسلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ھاراق بىلەن توڭگۇز گۆشىنى ئىستىمال قىلىشنى چەكلەيدىغانلىقى،
ئاياسوفىيە چېركاۋىدىكى دىنىي پائالىيەتلەرگە ھەتتا ئىمپىراتوردىن ئاددىي پۇقرالارغىچە قىزغىن ئىشتىراك قىلىدىغانلىقىنى مەلۇم قىلغان.نەتىجىدە ۋىلادىمىر رۇسلارنى شەرقىي
رىمنىڭ مەزھىپى بولغان ئوردوتوكس مەزھىپىگە مەجبۇرىي كىرگۈزۈپ،تارىختىكى تۇنجى رۇس دۆلىتى ــ كىيېۋ رۇس خانلىقى
(965 ـ 1237)نى قۇرۇپ چىققان.بۇ دۆلەت
ئالتۇن ئوردا( 1237 ـ 1501) خانى باتۇخان قولىدا مۇنقەرز بولغان).

كېيىنچە بۇلغارلار ھازىرقى بۇلغارىيىنى مەركەز قىلىپ، بالقاندا ئىككىنچى بۇلغار خانلىقىنى قۇرۇپ چىققان. بۇ خانلىق 1394 - يىلى سۇلتان 1 - بايەزىد قولىدا مۇنقەرز بولغان.

1870 ـ يىلى سۇلتان ئابدۇلئەزىزخان( 1861 ـ
1876)بۇلغارىيە چېركاۋىنىڭ ئىستانبۇل چېركاۋىدىن مۇستەقىل ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان.

1876 - يىلى سۇلتان ئابدۇلئەزىزخان قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن. بۇلغارلار توپىلاڭ كۆتۈرگەن. ئاخىرى 1878 - يىلى كېنەزلىك ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. 1908 - يىلى ئىستانبۇلدىكى ھەربىي ئۆزگىرىشتىن پايدىلىنىپ، تولۇق مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن. 1912 - يىلى تۇنجى بالقان ئۇرۇشىدا ئىستانبۇلدىن باشقا بارلىق ئوسمانلى تۇپرىقىنى ئىشغال قىلىۋالغان. 1913 - يىلى ئەنۋەر پاشا ھازىرقى خەرىتىگىچە بولغان جايلارنى قايتۇرۇۋالغان. دۇنيا ئۇرۇشىدا ئۆزئارا ئىتتىپاقداش بولۇپ، تەڭ يېڭىلىپ جازالانغان. يېقىنقى يۈز يىللىق تارىخى ھەممىگە مەلۇم.

ئۇنداقتا پۇتىن غەزەپ بىلەن تىلغا ئېلىپ، خىتاي ۋىرۇسىغا ئوخشاتقان پېچەنەكلەر ۋە كۇمانلار ( قىپچاقلار ) كىم !؟

پەچەنەكلەر :

پەچەنەكلەر ھازار خانلىقىنىڭ جەڭگىۋار ھەربىي كۈچى بولۇپ، ھازىر خانلىقى زەئىپلىشىشكە باشلىغان چاغدا، پەچەنەك خانلىقى / 860 - 1091 / نى قۇرۇپ چىقتى . بۇلغار خانلىقى ۋە پەچەنەك خانلىقى ئىچىدە راۋاجلىنىپ، يېڭى مۇسۇلمان بولغان بوشناقلار 1030 - يىلدىن 1090 - يىلغىچە ئۇدا غەرپكە كۆچتى. مەھمۇد كاشغەرىي 1060 - يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرى يىراق ئۇرال ۋە  قارا دېڭىزنىڭ شىمالىغىچە بېرىپ، ئاخىرقى پەچەنەك ئايماقلىرىدىن ئۇچۇر ئىگىلەپ، ئۇلارنى دىۋانغا پۈتتى. 1071 - يىلى 26 - ئاۋغۇست جۈمە « مالازگىرت ئۇرۇشى » دا شەرقىي رىم ئىمپىرىيىسى تەركىبىدىكى قابىل مەرگەنلەر بولغان پەچەنەك ئوقياچىلىرى ۋە ئارغىماقلىق چەۋەندازلىرى تۇيۇقسىز ئوقلىرىنى شەرقىي رىم تەرەپكە ياغدۇرۇپ، ئالپ ئارسلاننىڭ زەپەر قۇچۇشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى. سەلتەنەتلىك پېچەنەكلەر كېيىنچە
1030 - يىلدىن 1091 - يىلغىچە ئۇدا غەرپكە كۆچۈپ يۈرۈپ، بالقاندىكى ھەر قايسى مىللەتلەرگە سىڭىپ كەتتى. ئاز ساندىكى ئەۋلاتلىرى مىلادى 12 - ئەسىردە ھازىرقى بوسنىيەدە « بوسنىيە بەگلىكى » نى قۇرۇپ ، پەيدىنپەي زورىيىپ، جەنۇبىي ياۋروپادىكى بۇلغارلار، ھونگىرلار، سېربلار ۋە ئوسمانىلار بىلەن تەڭ قاتاردىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. 1463 - يىلى سۇلتان مۇھەممەد فاتىھ بوسنىيە دۆلىتىنى  ئوسمانلى زېمىنىغا قوشۇۋالدى. شۇنىڭ بىلەن بوسنىيە تاكى 1908 - يىلى ئاۋستىرىيە/ ھونگرىيە ئىمپىرىيىسى تەرىپىدىن ئىگىلەنگەنگە قەدەر 445 يىل ئوسمانلى زېمىنى بولغان. تۈركلەر بۇ جايدا ئىسلامنى تارقاتقاندا بوشناقلار ئىسلامنى ئاللىبۇرۇن ئۇنتۇپ كەتكەن بولۇپ ، پەقەت بىر قىسمى ئۆرپ - ئادەت ئورنىدا ساقلىنىپ قالغان. شۇڭلاشقا ئۇلار تېزلا قايتا يېڭىدىن ئىسلاملاشقان. بىر قىسمى خىرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا سەۋەپ بولغان « سارايېۋو شەھىرى » دەل ھازىرقى بوسنىيەنىڭ پايتەختى « ساراي بوسنا  » ئىدى. 1914 - يىلى 28 - ئىيۇن ئاۋستىرىيە - ھونگرىيە ئىمپىرىيىسى تەخت ۋارىسىنى بىر سېرب ئاشقۇن سارايېۋودا ئېتىۋەتكەن. نەتىجىدە شۇ يىلى 28 - ئىيۇل 1 - دۇنيا ئۇرۇشى باشلىنىپ كەتكەن.

قىپچاقلار ( كۇمانلار ) :

قىپچاقلار ئەڭ ئاۋۋال مىلادىدىن بۇرۇن 1- ئەسىردىن باشلاپ تارىخى خاتىرىلەردە كۆرۈنۈشكە باشلىغانىدى. بىر چوڭ تۈرك توپلىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇندىن كېيىنكى ياۋرو-ئاسىيا دالاسىنىڭ 2000 يىللىق تارىخىغا سالماق تەسىر كۆرسەتتى. مەيلى قىپچاقلار قۇرغان ھىندىستان دېھلى سۇلتانلىقى، مىسىر مەملۇكىيلەر خانلىقى ، ئۆزبېك خانلىقى، قازاق خانلىقى بولسۇن ۋە ياكى ئاتىللا قوشۇنى، موڭغۇل ئىمپېىرىيىسى قوشۇنى، رىم ئىمپېىرىيىسى قوشۇنى ئىچىدىكى قىپچاقلار بولسۇن شۇ دەۋىرنىڭ تارىخى ۋەزىيىتى، سىياسىي تىرىتورىيىسىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتتى. موڭغۇل ئىستىلاسىدىن بۇرۇنقى قىپچاقلار 9 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ سامانىلار ، قاراخانىلار ۋە بۇلغارلارنىڭ  ھىممىتىدە ئىسلاملىشىپ، 1019 - يىلدىن 1234 - يىلغىچە دەشتى قىپچاقتا ھۆكۈمران بولدى. ئۇندىن كېيىن بىر قىسمى موڭغۇللارغا باش ئەگدى. زور بىر قىسمى ھونگىرىيەگە كۆچۈپ، پوشتا يايلىقىدا ماكانلاشتى. كېيىنچە ھونگىرلار، بۇلغارلار ۋە بوشناقلارغا قوشۇلۇپ كەتتى.

1223 - يىلى 1 - ئىيۇن ئەسلىدە ۋەتىنىمىزنى قاراخىتايلاردىن ئازات قىلغان جەبە نويان بىلەن نىلقىدا ئىزى قالغان سۇبوتاي ( سوبوتاي بىلەن جەبە ئورخۇن ئۇيغۇرلىرىدىن شاخلاپ چىققان ساپ تۈركىي قەۋمدىن كېلىپ چىققان نويانلار) باشچىلىقىدىكى بۈيۈك موڭغۇل قوشۇنى ئىدىقۇت ئۇيغۇر چەۋەندازلىرىنىڭ يول باشلىشىدا يىراق دەشتى قىپچاقنى بېسىپ ئۆتۈپ، ھازىرقى جەنۇبىي رۇسىيەدىكى كالكا دەرياسى بويىدا كىيېۋ رۇس ئىمپىرىيىسى بىلەن شىددەتلىك جەڭ قىلغان.« ئەسلىدە خارەزىمشاھنىڭ قىپچاق قەبىلىلىرىگە قوغلاپ زەربە بېرىۋاتقان موڭغۇللار تۇيۇقسىز ئالدىن ئۆزىنى كۈتۈپ تۇرغان رۇس - قىپچاق بىرلەشمە قوشۇنىغا دۇچ كەلگەن. تۇنجى ئۇرۇش 31 - ماي باشلىنىپ، نەچچە كۈنلۈك شىددەتلىك جەڭدىن كېيىن، موڭغۇل قوشۇنى رۇسلارنى پۈتۈنلەي قىرىپ تاشلاپ، ئەتراپتىكى شەھەرلەرنى تۈزلىۋەتكەن. 1236 - يىلى باتۇخان ئېتىل بويىدا ئالتۇن ئوردا خانلىقىنى قۇرغاندىن كېيىن، تارىختىكى تۇنجى رۇس دۆلىتىنى 1241 - يىلى يوقىتىپ، ياۋروپاغا ئىچكىرىلەپ كىرىپ ، پۈتۈن ياۋروپا تاۋاقتىكى ئاشقا ئايلانغان . لېكىن قاغان ئۆگۈدەينىڭ ئۆلۈمى تۈپەيلى، 1242 - يىلى نائىلاج قاغان سايلاش ئۈچۈن چېكىنىپ كەتكەن».

بىرىنچى قېتىملىق غەربكە يۈرۈش تولۇق غەلىبە  قىلغاندىن كىيىن، 1235 -يىلى موڭغۇل قوشۇنى جوچىنىڭ ئىككىنچى ئوغلى باتۇخاننىڭ قوماندانلىقىدا ئىككىنچى قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك غەربكە يۈرۈشىنى باشلىدى. 1236- يىلى ھازار دېڭىزىنىڭ شىمالىغا يېتىپ كېلىپ ئېتىل بۇلغارلىرىنىڭ بىپايان زېمىنىنى بېسىۋالدى، ئارقىدىن قىپچاق يايلاقلىرى، ئورۇس ، پەچەنەك، چېركەس زېمىنلىرىنى كونتىرول قىلدى. بۇنىڭ بىلەن بىر پۈتۈن قىپچاق زېمىنلىرى موڭغۇل ئىمپېىرىيىسىنىڭ تېرىتورىيىسى ئىچىگە كىردى. 1242 - يىلى ياۋروپادىكى ئۇرۇش مەيدانلىرىدىن قايتقان باتۇخان ئېتىل بويىدىكى سارايدا رەسمىي ھالدا ئالتۇن ئوردا خانلىقىنى قۇردى .تارىخىي ئەسەرلەردە بۇ خانلىق جوچى ئۇلۇسى، قىپچاق خانلىقى دەپمۇ ئاتالدى. 1501 - يىلى قىپچاق خانلىقى / ئالتۇن ئوردۇ / يىمىرىلىپ، جەنۇبىي رۇسىيەدە قازان، قىرىم ۋە ئاستراخاندىن ئىبارەت ئۈچ تاتار خانلىقى ھۆكۈم سۈردى. بۇلارنى رۇسلار 1552 - يىلدىن 1783 - يىلغىچە بىر - بىرلەپ يۇتۇۋالدى. شەرققە كۆچكەن قىپچاقلار ئەينى ۋاقىتتىكى ۋەتىنىمىزگە تەۋە يەتتە سۇنى ئارىيەت ئېلىپ، 1465 - يىلى قازاق خانلىقىنى قۇردى. ئۆزبېكخاننىڭ ئەۋلادى شايبانىخان چاغاتاي سۇلتانى مەھمۇدخانغا بەيئەت قىلىپ ، ئۇنىڭ قوشۇنىنى ئىشلىتىپ 1498 - يىلى سەمەرقەندنى ئەمىر تۆمۈرنىڭ ئەۋلادلىرىدىن تارتىۋېلىپلا، يۈز ئۆرۈپ، ھازىرقى ئۆزبېكىستاندا شايبانىلار دۆلىتى / 1498 - 1598/ نى قۇردى. ئاخىرقى شايبانى خانى ئابدۇللاخان ۋەتىنىمىزگە ھۇجۇم قىلىپ، يەكەندە ئېغىر مەغلۇپ بولۇپ، شۇ يىلى ئۆلۈپ كېتىپ، يۈز يىللىق داۋالغۇشتىن كېيىن تۆمۈر ئەۋلادىدىن شاھرۇخ بەگ 1710 - يىلى قوقان خانلىقىنى قۇردى. 1876 - يىلى چاررۇسىيە تولۇق يۇتۇۋالدى. كېيىنكى 150 يىللىق سۈنئىي بېسىملار تۈپەيلى قىپچاق قەۋمى قازاقىستاننى مەركەز قىلىپ، دەشتى قىپچاق ۋە سىبىرىيەدە ھەر خىل يېڭى مىللەتلەرنى تەشكىل قىلدى.

خاتىمە : 

ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە ئورۇسلار ئۇنتىيالمىغان ئاچچىق تارىخنىڭ يىغىنچاق باش - ئاخىرى :

موسكۋا (رېيتېر ئاگېنتلىقى) خەۋىرى: پرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىن 8 - ئاپرىل چارشەنبە كۈنى روسىيەنىڭ تاجىسىمان ۋىرۇسقا قارشى كۈرىشىنى ئوتتۇرا ئەسىردىكى تاجاۋۇزچىلارغا قارشى ئېلىپ بارغان كۈرىشىنى سېلىشتۇرۇپ ، كەلگۈسى بىر نەچچە ھەپتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

پۇتىن تەكىتلەپ 11-ۋە 12-ئەسىرلەردە روسىيەنىڭ تاجاۋۇزچى تۈرك كۆچمەنلىرى بىلەن بولغان جەڭلىرىگە مۇراجىئەت قىلدى. ( ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇشنى شۇلارغا قارشى تۇرۇشقا ئوخشاتتى ).

 «ھەممە ئىشلار ئۆتۈپ كېتىدۇ ، بۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ.  دۆلىتىمىز بىر نەچچە قېتىم ئېغىر سىناقلارنى باشتىن كەچۈردى: ئورۇسلار ، پېچېنەكلەر ۋە كۇمانلار تەرىپىدىن ئازابلانغان ۋاقىتتا ، روسىيە ھەممە ئىشقا سەۋرچانلىق بىلەن تاقابىل تۇردى ».

 «بىز بۇ تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىمىز.  بىز ھەممىنى يېڭىمىز »

ئۇنداقتا پېچەنەكلەر ۋە كۇمانلار كىملەر !؟ ئۇيغۇر بىلەن تاتار نېمىشقا دۆلەتسىز قالدى !؟  ئورۇسلار نېمە ئۈچۈن 500 يىلدىلا يۈز مىليوندەك تۈركىي خەلقنى قىرىۋەتتى !؟؟ تارىخ جاۋاپ بەرسۇن : 

ھەزرىتى مەھمۇد كاشغەرىي 1070 - يىلى قارا دېڭىز بويلىرىدا ئۇچۇر توپلاۋاتقان چاغدا، بىزنىڭ تۇققانلاردىن پېچەنەكلەر ، ئورۇسلارنى ئېغىر تالاپەت تارتقۇزۇپ، 1090 - يىلى قىرىمنى ئىستىلا قىلىپ، ئىسلاملاشتۇرغان . 1090 - يىلدىن كېيىن  پېچەنەكلەر غەرپكە يۈرۈش قىلىپ، شەرقىي ياۋروپانى ئىگىلىگەن. مالازگىرت ئۇرۇشىدا ئەنە شۇ جەسۇر پېچەنەكلەر شەرقىي رىم ئارمىيىسىدىن سالجۇقىلارغا ئېغىپ كەتكەچكە، ئۇرۇشتا ئالپ ئارسلان غەلىبە قىلغان. دېمەك، ئۇلار 1070 - يىلدىن بۇرۇنلا شەرقىي رىم تەۋەسىگە كىرىشكە باشلىغان. ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەۋلادلىرى بوشناقلاردىن ئورۇسلارنىڭ بوۋىلىرى سېربلار 1992 - 1995 - يىللىرى ئىرقىي قىرغىنچلىق قىلىپ ئۆچ ئالدى. ئورۇسلار ھەر ۋاقىت بۇنداق قىرغىنچىلىقنى قوللاپ ، 1091 - 1095 - يىللىرىدىكى ئۆچىنى ئالدى.

1221 - يىلى چىڭگىزخان مەركىزىي ئاسىيانى ئىشغال قىلغاندا، ئەسلىدە قاراخانىلار ۋە خارەزىمگە قاراشلىق قىپچاقلار قارا دېڭىز تەرەپكە سۈرۈلگەن . ئۇندىن بۇرۇنلا قارا دېڭىز تەۋەسىگە جايلىشىپ، ئورۇسلارنىڭ ئەدىپىنى بېرىپ كەلگەن كۇمانلار تېخىمۇ غەرپكە سۈرۈلۈپ ، بۇرۇنقى بۇلغارلار بىلەن بىرلىشىپ بۇلغارىيە بىلەن ۋېنگرىيەنى سورىغان . شۇڭا ئورۇسلار ھەر ئىككى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان بۇلغار ۋە ۋېنگىر خەلقىنى ئېغىر باستۇردى . 1848 - يىلدىكى باستۇرۇشنى مەن ئىككى يىلدىن بېرى دەپ كەلدىم .

گەرچە پېچەنەكلەر بىلەن كۇمانلار ئورۇسلارنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقاتماي، غەرپكە سۈرۈلۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئورۇس خانلىقىنى 1223 - يىلى چىڭگىزخاننىڭ چوڭ ئوغلى جوچىخان باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر - تاتار بىرلەشمە ئارمىيىسى قىپچاقلارنى قوغلاپ كەلگەندە ،  كالكا دەرياسى بويىدا ئورۇس - قىپچاق بىرلەشمە ئارمىيىسىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن ، ئۆگەدەي قاغان قۇرۇلتاي چاقىرىپ ، ئىسلام دۇنياسىغا جازا يۈرۈشى قىلىش  ھەققىدە قۇرۇلتاي ئاچقان. قۇرۇلتايدا ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىرى بىلەن قەشقەر ۋە سەمەرقەندتىكى ئۇيغۇر ۋە تۈرك نويانلار قارشى چىقىپ، ئىسلام دۇنياسىغا ئۇرۇش ئاچسا، موڭغۇل قوشۇنلىرىنىڭ 70% نى ئىگىلەيدىغان مەركىزىي ئاسىيالىق مۇسۇلمان ئەسكەرلەرنىڭ ئىسيان كۆتۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قاغاننى ئورۇسلارغا ۋە ياۋروپاغا ئەسكەر تارتىشقا كۆندۈرگەن . 1236 - يىلى جوچىخان ئوغلى باتۇخان ئۇيغۇرلاردىن بىر زەربىدار  ئەترەتنى يول باشلىتىپ، 1237 - يىلى ئورۇسلارغا ھۇجۇم قىلغان . 1238 - يىلى ۋىلادىمىر كىنەزى ئىسكەندەر تەسلىم بولغان. ئەمما قىرىم ۋە كىيېۋدىكى ئورۇسخان قارشى چىققان. ئاقىۋەت، 1239 - يىلى قىرىمنى ئىشغال قىلىپ، 1240 - يىلى ئورۇسلارنى مۇنقەرز قىلغان باتۇخان يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ، ئۇكرائىنا ئارقىلىق شەرقىي ياۋروپاغا كىرىپ ، 1241 - يىلى پۈتۈن شەرقىي ياۋروپانى ئىشغال قىلغان . 1242 - يىلى پولشانى ئېلىپ ، مۇقەددەس رىم ئىمپىراتورى ئاستانىسى بېرلىن بىلەن رىمغا يۈرۈش قىلماقچى بولغاندا ، ئۆگەدەينىڭ قازا قىلغان خەۋىرى كېلىپ، ئامالسىز چېكىنىپ كەتكەن. غەربىي ياۋروپا ئىشغالىيەتتىن قۇتۇلۇپ قالغان .ئىسكەندەر تاكى 1260 - يىللىرى ئۆلگىچە سادىق بولۇپ، ئورۇس خەلقىنى ساقلاپ قالغان . ئورۇسلار 1382 - يىلى ئەمىر تۆمۈر ئالتۇن ئوردۇغا ھۇجۇم قىلغان پۇرسەتتە ، بىر قېتىم باش كۆتۈرگەن . ئالتۇن ئوردا خانى توختامىشخان 1383 - يىلى خىزىر خوجا ۋە ئەمىر قەمەرىدىن باشچىلىقىدىكى شەرقىي چاغاتاي خانلىقى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ ، ئورۇسلارنى قايتا ئەل قىلغان. كېيىنكى يۈز يىلدا ئالتۇن ئوردا ھەم تۆمۈرنىڭ ، ھەم سىلاۋىيان خەلقلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىدا ئۈچ تاتار خانلىقىغا پارچىلىنىپ كەتكەن . 1455 - يىلى ئۇلاردىن قازاقلار بۆلۈنۈپ، يەتتە سۇغا كېلىپ، يۇنۇسخان بىلەن ئىتتىپاقلاشقان. 1456 - يىلى ئالتۇن ئوردا خانى ئوبۇلخەيرىخان ئۆلگەن. شۇنىڭ بىلەن ھاكىمىيەت ئۆزبېكلەردىن تاتارلارغا ئۆتكەن . ئورۇسلار بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، 1482 - يىلى ئاخىرى ئىسيان كۆتۈرۈپ، قازان خانلىقىغا بويسۇنماي، 1547 - يىلى تۇنجى چارپادىشاھلىقنى قۇرۇپ، 1552 - يىلى قازاننى ، 1558 - يىلى ئاستراخاننى ئىشغال قىلغان . ھەتتا سۇلتان سۇلايمانمۇ بۇ شەھەرنى قايتۇرۇپ ئالالمىغان. ئۇنىڭ ئورۇس خوتۇنى ھۈررەم سۇلتان ئورۇسلارنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، سۇلتاننى ھەمىشە ئىران ۋە ياۋروپاغا  يۈرۈش قىلىشقا كۆندۈرگەن . شۇنداق قىلىپ ئورۇسلار شىمالىي ئاسىيانى ئىشغال قىلىۋالغان. كېيىنكى بەش يۈز يىلدا ئوسمانىلار ئۆزى بىلەن تۆر تالاشقان مەركىزي ئاسىيا ئەللىرىنىڭ ئورۇسلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشىگە ئىچىدە خۇش بولغان. ئەمما كىم بىلسۇن، ئورۇسلار ئۇلارنى يوقىتىپ بولۇپلا، 333 يىلدىن بېرى تۈركلەرنى قان قۇستۇرۇپ كەلمەكتە . تارىختا ئۆزلىرىنى ئۇزاق سورىغان ۋە دۆلىتىنى يىقىتقان ئۇيغۇرلار بىلەن تاتارلارغا قاتتىق دۈشمەنلىك قىلىشى ، ھەر ئىككى جۇمھۇرىيەتنى يىقىتىشىدىمۇ بۇ تارىخىي ئامىللار رول ئوينىغان .

پۇتىن يۇقىرىقى بايانلىرى بىلەن بۇندىن كېيىن تۈركلەرگە يەنە خېلى تالاپەت سالىدىغانلىقىنى پەش قىلىپ قويۇپتۇ . دىققەت قىلىش كېرەك بۇنىڭ ھەر بىر سۆزىگە . ئورۇسلاردىكى تۈرك ، تاتار  ۋە دۈشمەنلىكى ئاخىرلىشىدىغاندەك ئەمەس . شۇڭا چوتنى ئويلاپ سوققان ياخشى.
ئاشقۇن پۇتىننىڭ يۇقىرىقى باياناتنى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىق خاتىرە كۈنىدە بېرىشىمۇ مەنچە تاسادىپىيلىق ئەمەس . خىتايلارنى تارمار قىلماي تۇرۇپ ئورۇسلارنى دۈشمەن دەپ قارىمايمىز . ئەمما ھەر ۋاقىت ئۇنىڭدىن پەخەس بولۇشنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەك !

« ئېيىقنىڭ دوستلۇقى قورسىقى ئاچقۇچە ». ئەجداتلار سۆزى. 

2020 - يىلى 9 - ئاپرىل.  پەيشەنبە.

1991 - 1998 - يىللىرى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچار بولغان بوشناقلار ۋە 2017 - 2020 - يىللىرى ئومۇميۈزلۈك ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتى ، ھەمدە ئۇيغۇرلار - تاتارلار ، پېچەنەكلەر - بوشناقلار، قىپچاقلار - ئۆزبېكلەر ، بۇلغارلار - ھازارلار ، ئورخۇن ئۇيغۇرلىرى - موڭغۇللار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئورۇسلار بىلەن بولغان تارىخىي مۇناسىۋىتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ، تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى زىيارەت قىلىڭ . شۇندىلا نېمە ئۈچۈن يۇقىرىقى مىللەتلەرنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن قۇتۇلالمىغانلىقى ۋە بۇنىڭ كەينىدە ئورۇسلارنىڭ ھەر ۋاقىت قولى بارلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلەلەيسىز :

http://munber.iuyghur.com/index.php?topic=248.0. ( 1 - قىسىم ).

http://munber.iuyghur.com/index.php?topic=249.0.  ( 2 - قىسىم). 

يۇقىرىقى ئۇلىنىشتا بىز بۇ يازمىدا ئىلگىرى سۈرگەن بارلىق تارىخىي مەلۇماتلارنىڭ مەنبەسى ئەسكەرتىلگەن . 

2020 - يىلى 9 - ئاپرىل. جىمجىت پەيشەنبە.