2020/06/04 23:22

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


خوجىنىياز ھاجى ۋە شەرىپقان تۆرەمنىڭ 8 يىلدىن كېيىن ئوقۇلغان غايىبانە مېيت نامىزى

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2020/04/12 12:10

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى


« سەككىز يىلدىن كېيىن ئوقۇلغان جىنازا نامىزى ۋە دەپنە مۇراسىمى» :

1947 - يىلى 4- ئاينىڭ 11 - كۈنى، يەنى ھىجىرىيە 1366 - يىلى 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى جۈمە : ئۈرۈمچى شەھەر كوچىلىرى ئاپئاق سەللە ئورىغان مويىسپىتلەر ، ئاق باغلىغان ئىشچى - خىزمەتچى ، ھۈنەرۋەن كاسىپلار ، ئاق لېچەك سالغان مەزلۇملار ، رەت - رەت تىزىلىپ پلاكات كۆتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ماتەم بەلگىسى تاقىغان شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى ۋە ئوماق بالىلار بىلەن تولغانىدى . كوچا - كوچىدىن ئايىغى ئۈزۈلمەي چىقىۋاتقان خەلق توپى ماتەم مۇراسىمى مەيدانىغا قاراپ ئاقماقتا ئىدى .
نەچچە مىڭ ئادەم توپلانغان ماتەم مۇراسىمى مەيدانىدا پىغانلىق يىغا ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى .
رەئىس سەھنىسى ئۈستىگە تارتىلغان پلاكاتقا : ‹‹ مەرھۇم خوجىنىياز ھاجىم ۋە شېرىپخان تۆرىلەرنىڭ ماتەم مۇراسىمى ›› دەپ يېزىلغان ئىدى .
رەئىس سەھنىسىدە  شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ رەھبەرلىرى ، ئۆلكە بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ ھەيئەت ئەزالىرى ، ئىنقىلابىي ياشلار ۋەكىللىرى ، ھەربىيلەر ، ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى ، ئەينى ۋاقىتتا قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىغا قاتناشقان كىشىلەر ماتەم بىلدۈرۈپ سۈكۈتتە تۇراتتى .

بۇ ماتەم مۇراسىمى  شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلغانىدى ،
ئەخمەتجان قاسىمى تەزىيە نۇتقىدا قۇمۇل دېھقانلار ئىنقىلابى ۋە خوجىنىياز ھاجىمنىڭ پائالىيىتى توغرىسىدا قىسقىچە توختالغاندىن كېيىن ، ئۆلكىمىزدە ئەسىرلەپ ھۆكۈم سۈرگەن فېئوداللىق ئىستىبداتلىق تۈزۈم ۋە ئۇنىڭ ئىجراچىسى بولغان ياڭ زېڭشىن ، جىن شۇرىندىن ئىبارەت ئىستىبدات ھاكىمىيەتنىڭ خەلققە كەلتۈرگەن بالايى - ئاپىتى ، زۇلۇمغا قارشى قوزغالغان قۇمۇل خەلقىنىڭ جىن شۇرىننىڭ ئىستىبدات ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغانلىقى ، ئۇنىڭ مېۋىسىگە ئىگە بولۇۋالغان جاللات شىڭ شىسەينىڭ ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان 10 يىل جەريانىدا خەلققە كەلتۈرگەن ئازاب - ئوقۇبەتلىرى ئۈستىدە توختىلىپ : قۇمۇل دېھقانلار ئىنقىلابى فېئودال ئىستىبدات ھاكىمىيەتنىڭ زۇلۇمىغا قارشى قوزغالغان ئىنقىلاب ، بۇ ئىنقىلاب  ۋەتىنىمىزنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ھەر قانداق ئىنقىلابتىن ئىلغار دەۋر بۆلگۈچ ئىنقىلابتۇر . ئۇ ، خەلقىمىزنىڭ ئىستىبدات ھاكىمىيەتكە قارشى كۈرىشىنىڭ باشلىمىسى ، خەلقمىز بۇ ئىنقىلابنى مەڭگۈ قەدىرلەيدۇ ، ئىنقىلاب يولىدا قۇربان بولغان شېھىتلەرنى مەڭگۈ ئەسلەيدۇ ، خوجىنىياز ھاجىم مەڭگۈ ھايات ! دەپ ئۈنلۈك خىتاب قىلدى ،
شىڭ شىسەي ۋە ئىستىبدات ھاكىمىيەتكە قارشى توۋلانغان غەزەپلىك شوئارلار ۋە ‹‹ ئامىن ›› ساداسى ئۈرۈمچىنى لەرزىگە كەلتۈردى .
خوجىنىياز ھاجىم بىلەن شېرىپخان تۆرىنىڭ جەسىتى شامالباغ ( ھازىرقى رادىئو ئىستانسى يېنى ) دىكى شېھىتلىككە قاراپ داغدۇغا ۋە يىغا - زارە بىلەن ئېلىپ كېتىلدى.

ئۇنداقتا بۇلار كىملەر !؟ نېمە ئۈچۈن بۇلارنىڭ مېيت نامىزى ۋە دەپنە مۇراسىمى بەش يىلدىن كېيىن ئاندىن ئۆتكۈزۈلدى!؟

خوجىنىياز ھاجى ھەممىمىزگە تونۇشلۇق كىشى:
1934 - يىلى 13 - ئاپرىل تۇنجى جۇمھۇرىيەت مۇنقەرز بولۇپ، ئۈچ ئاي ئارىسالدى بولۇپ قالغان خوجىنىياز ھاجى ئاخىرى شۇ يىلى 8 - ئايدا ئۆز ئايىغى بىلەن ئۈرۈمچىگە كەلدى. شۇنىڭ بىلەن تاكى 1937 - يىلى يازغىچە نىسبەتەن تىنچ ئۆتۈپ، 1937 - يىلى مايدا گېنىرال ئابدۇنىياز بىلەن ماخۇسەن شېڭ شىسەيگە جازا يۈرۈشى قىلىپ، ئىككى ئاي ئىچىدىلا پۈتۈن تارىم ۋادىسىنى قايتۇرۋالدى.

ئاقىۋەت سىتالىن بۇ قېتىم ماتورلاشقان زامانىۋى ئارمىيە ئەۋەتىپ، 22 - سېنتەبىرگە قەدەر 8000 ئۇيغۇر ئەسكەر، 5610 تۇڭگان ئەسكەرنى ئۆلتۈرۈپ، ئەركىنلىك ئىنقىلابىنى ئۇجۇقتۇردى. شېڭ شىسەي بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، شۇ يىلى ئۆكتەبىردى باشلاپ بارلىق ئەرباپلىرىمىزنى قولغا ئالدى. 12 - ئۆكتەبىر خوجىنىياز ھاجى قولغا ئېلىنىپ، 1938 - يىلى دېكابىردا ماشاۋۋۇ قاتارلىق 108 داڭدار شەخسلەر بىلەن بىللە بوغۇپ ئۆلتۈرۈلدى.

گەرچە شېڭ 1939 - يىلى ئۆكتەبىردە ئۇيغۇر ، قازاق ۋە موڭغۇللارنىڭ ئاقساقاللىرىنى يىغىنغا چاقىرىپ تۇتقۇن قىلماقچى بولغان بولسىمۇ، بىراق شەرىپقان تۆرىنىڭ ئىناۋىتى قازاق خەلقىنىڭ ئىچىدە تولىمۇ يۇقىرى بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە سوۋېتمۇ بۇنداق نازۇك ئىشتا ئۇنى قوللاپ كەتمەيدىغان بولغاچقا، ئامالسىز بىر مەزگىل ئۇنى قەستلىيەلمەيدۇ. / شەرىپقخان تۆرە كۆگەبايئوغلى: شەرقىي تۈركىستان قازاقلىرىنىڭ خان نەسلىدىن كەلگەن ئېسىلزادىلىرىدىن بولۇپ، 1900 - يىلى ئالتايدا تۇغۇلغان. 1933 ـ يىلى ئالتاي رايونىغا ۋالىي بولغان. 1940 ـ يىلى 11 - ئاپرىل تۇتقۇن قىلىنىپ، 1942 - يىلى ئاپرىلدا شېڭ شىسەي زىندانلىرىدا شېھىت قىلىنغان /

1937 - 1939 - يىللاردىكى چوڭ تازىلاش تۈگىمەيلا، جاللات شېڭ 1940 - يىلى يەنە بىر قېتىملىق تازىلاشنى باشلىدى. بۇنىڭغا قارشى ئۇيغۇرلاردا قارشىلىق قىلغۇدەك مادار قالمىدى.
چۈنكى ئاللىبۇرۇن مىللەتنىڭ ئەڭ قىممەتلىك ئاقساقاللىرى، رەھبەرلىرى ۋە مائارىپچىلىرىدىن 250 مىڭ كىشى ئۆلتۈرۈلۈپ، ئۇيغۇرلار چارىسىز ھالغا چۈشۈپ قېلىپ، قوزغىلاڭ قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمىگەنىدى.شۇڭا
1940 - يىلى فېۋرالدا ئالتاي خەلقى قوزغىلاڭ كۆتۈردى. بۇنى پۇرسەت بىلگەن جاللات شېڭ « يىغىن » باھانىسىدە ئالتاي قازاقلىرىنىڭ ئاقساقىلى، ئالتاي ۋالىيسى ۋە ھەربىي باش قوماندانى شەرىفخان تۆرىنى ئۈرۈمچىگە ئالداپ كېلىپ، 1940 - يىلى 11 - ئاپرىل تۈرمىگە تاشلىدى. شۇ قاتاردا ئىلى، ئالتاي، تۇرپان - قۇمۇل، كورلا - ئاقسۇ ۋە خوتەن قەشقەردىن يۈزمىڭلىغان كىشىلەر تۇتقۇن قىلىنىپ، مەخپىي ئۆلتۈرۈلدى.

دېمەك ۋەتەن ۋە دۆلەت، ھۆرلۈك ۋە ئازاتلىق،
مۇستەقىللىق ۋە ئەركىنلىك شۇنچىلىك مۇھىم ئىكەنكى، بۇنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويغانلار نە ھاياتىدا نە ئۆلگەندە ئارامىدا ياتالمايدىكەن.

يەنە قاچانغىچە « ۋەتىنىمزدە تۇتقۇن، چەتئەللەردە قاچقۇن بولۇپ ياشاۋېرىمىز!؟».

داھىيلىرىمىزنىڭ قەبرىلىرىگە، ھەتتا مىڭ يىللىق تەۋەررۈك مەسچىتلىرىمىزگە ئىگە چىقالمىدۇق!
« كالىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن موزاينىڭ بېشىغا كېلىدۇ». ئۇنداقتا بىزنىڭ تىرىكلىكىمىزنىڭ ۋەتەندىكى خەلقىمىزگە ھېچ پايدىسى بولمىسا، دېمەك ئۆلۈكىمىز توڭگۇزدىنمۇ بەتتەر خار بولىدۇ دېگەن گەپ !

قېنى ئەمىسە، سوئاللار ۋە جاۋاپلار سىلەرگە قالدى ! كىم بولۇش، نېمەقىلىش، نېمە يېيىش ۋە نېمە كىيىشنى ئۆزۈڭلار قارار قىلىڭلار !

سايرام ئوغلانى

2019 - يىلى 4 - 11 - ئاپرىل پەيشەنبە