2020/10/29 11:54

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


70 يىل بۇرۇنقى بۈگۈنكى كۈن( 15 - ئاپرىل )دە غۇلجىغا ئېلىپ كېلىنگەن سىرلىق جەسەت

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2020/04/15 11:38

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى

ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ دەپ جاكارلانغان تونۇغىلى بولمايدىغان جەسەتنىڭ غۇلجىغا قايتۇرۇپ كېلىنىشى :

تارىختىكى بۈگۈن : 15 - ئاپرىل.

ئىلاۋە : مەرھۇم خەلق رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمى 1914 - يىلى 14 - ئاپرىل غۇلجىدا تۇغۇلغان . موسكۋادا ئوقۇغان . بەزى مەنبەلەرگە قارىغاندا قىشلىق ئۇرۇشقا قاتناشقان . كاۋكازدا قىسقا مەزگىل داۋالانغاندىن كېيىن چۆچەك ئارقىلىق ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن . نەچچە ئاي بولمايلا شېڭ شىسەي تەرىپىدىن تۈرمىگە تاشلانغان . 1944 - يىلى 12 - نويابىر غۇلجا شەھىرىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندا ، جۇمھۇر رەئىس ئەلىخان تۆرەمنىڭ كاتىپى بولغان . ئارقىدىنلا ھەربىي بۆلۈم باشلىقى بولغان . 1945 - يىلى 17 - ئۆكتەبىردىن 1946 - يىلى 22 - ئىيۇنغىچە سوزۇلغان مارافونچە سۆھبەتتە باش ۋەكىل بولغان . 1946 - يىلى 12 - ئىيۇل ئەلىخان تۆرەم ئوغرىلاپ كېتىلگەندىن كېيىن ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىنىڭ يېگانە رەھبىرىگە ئايلانغان . 1947 - يىلى يازدا ئاتالمىش بىرلەشمە ھۆكۈمەت يىمىرىلگەندىن كېيىن ، 12 - ئاۋغۇست غۇلجىغا قايتىپ كېلىپ،سىتالىننىڭ ياردىمى بىلەن مىللىي ئارمىيەنى قايتىدىن كېڭەيتىپ ، ئۇرۇش ھالىتىگە ئۆتكۈزگەن . 1949 - يىلى ۋەزىيەت بىراقلا ئۆزگىرىپ ، شۇ يىلى 22 - ئاۋغۇست غۇللجىدىن ئالمائاتاغا قاراپ يولغا چىققان. ئارقىدىنلا 25 - ئاۋغۇست كۈنى ئاتالمىش ئايروپىلان ۋەقەسىدە قازا قىلغانلىق خەۋىرى تارقالغان . 1950 - يىلى 14 - فېۋرال موسكۋادا سوۋېت - خىتاي مەخپىي كېلىشىمى ئىمزالانغاندىن كېيىنلا ئاندىن ئورۇسلار مەرھۇم ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ جەسىتىنى تاپشۇرۇپ بېرىشكە قوشۇلغان . 14 - ئاپرىل بەش نەپەر ئادەمنىڭ تونۇغۇسىز بولۇپ كەتكەن جەسىتى بىلەن ئابدۇكېرىم ئابباسوفنىڭ بۇزۇلمىغان جەسىتى مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن يولغا چىقىپ ، 15 - ئاپرىل غۇلجىغا ئېلىپ كېلىنگەن . ئەينى ۋاقىتتىكى سىياسىي تەقدىرىمىز قانداق سىرلىق ھەل قىلىنغان بولسا ، رەھبەرلىرىمىزنىڭ ئۆلۈمىمۇ ھازىرغىچە شۇنداق سىرلىق ھالەتتە تۇرماقتا .

پاجىئەنىڭ باشلىنىشى : سىتالىننىڭ تۇيۇقسىز خەلقىمىزگە يۈزسىزلىك قىلىشى

سىتالىننىڭ دىپلوماتىك ياردىمىدىن كېيىن
جاڭ كەيشى موڭغۇلىيەنى سىتالىندىن تالاشماي، تاشقى مانجۇرىيەنى ئېتىراپ قىلىپ ، سىتالىننىڭ يىراق شەرق ۋە لۇشۈن پورتىدىكى ئىمتىيازىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغاندىن كېيىن ، سىتالىن ھەم ماۋ باشلىق خىتاي كامىنىسلىرىنى ھەم ئىلىدىكى مۇستەقىل جۇمھۇرىيىتىمىزنى قوللىمايدىغان بولغان . خىتاينىڭ ئارقا تېرىكى
ئامېرىكىمۇ جاڭ بىلەن ماۋنى ياراشتۇرغان.

1945 - يىلنىڭ ئاخىرىدىن 1946 - يىلى يازغىچە سوزۇلغان يارىشىش مۇساپىسى « گومىنداڭ بىلەن گۇڭسەنداڭ ، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدا قىسقا مەزگىل ۋاقىتلىق يالغان تىنچلىق پەيدا قىلدى». ئارقىدىنلا ھەممە ئىش بۇزۇلدى.
1946 - يىلى يازدا تاماملانغان بۇ بىرلىشىش 1947 - يىلى مايدا يىمىرىلدى . سوۋېت بىلەن غەرپ ئوتتۇرىسىدا  سوغۇق ئۇرۇش باشلاندى . ئاتالمىش بىرلەشمە ھۆكۈمەت يىمىرىلدى . سىتالىن قايتا ئىلىدىكى مىللىي ئارمىيەنى كۈچەيتىپ ،يېڭى رەقىبى ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ غالچىسى گومىنداڭنىڭ ئامېرىكىچە قوراللانغان 100 مىڭ سەرخىل ئەسكىرىگە قارشى قويدى . ئەمما 1947 - 1949 - يىللىرىدىكى بىردىنبىر
ئەڭ ئاخىرقى تارىخىي پۇرسەت خەلقىمىزنىڭ
« ئۇلۇسچى » ۋە « مىللىي جۇمھۇرىيەتچى»
ئىدىيىۋى تالاش - تارتىشى بىلەن بەربات بولدى.

1949 - يىلى ماۋنىڭ جاڭنى يوقىتىشى ئېنىق بوپقالغان ۋەزىيەتتە، سىتالىننىڭ ۋەتىنىمىزنى داۋاملىق قوللىشى ياكى ئۆزىگە قوشۇۋېلىشىنىڭ  ھاجىتى قالمىدى . يانۋارنىڭ ئاخىرىدىن فېۋرال باشلىرىغىچە مىكويان خىتايغا كەلدى . ئىيۇلدا لىيۇشاۋچى موسكۋاغا باردى . ئاۋغۇستتا خىتاي جاسۇسى دېڭ لىچۈن  موسكۋادىن ئالمائاتا ئارقىلىق غۇلجىغا  كەلدى .  سۇيقەستلەر باشلىنىپ كەتتى .
25 - ئاۋغۇست رەھبەرلەر غايىپ بوپكەتتى .
26 - سېنتەبىر قارا خىتايلار قىزىل خىتايلارغا تەسلىم بولدى . 17 - ئۆكتەبىر تاجاۋۇزچىلار كەلدى . شۇنداق قىلىپ ، سوغۇق ئۇرۇش پارتلاپ تېخى ئۈچ يىل توشمايلا ، ۋەتىنىمىز ۋە خەلقىمىز مۇستەملىكە ئاستىغا چۈشۈپ قالدى. ئەسلىدە مانجۇرلار ۋە ياپونلارنىڭ ھەربىي مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى خىتايلار بىردىنلا مۇستەملىكە قىلغۇچى كۈچكە ئايلاندى. بۇ تارىخىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ھاقارەت بوپقالدى.

ئۈرۈمچى سۆھبىتىدىن ئىشغالىيەتكىچە بولغان تۆت يىلدىكى بىر قىسىم زور ئىشلار :

1945 - يىلى 4 - فېۋرال باشلانغان يالتا يىغىنىدا، سالامەتلىكى بەكلا ناچارلىشىپ كەتكەن روزۋېلت، چارچاپ كەتكەن چېرچىل، ھەيۋىسى يۇقىرى پەللىگە يەتكەن سىتالىنغا ئۇتتۇرۇپ قويغان . 12 - فېۋرال يالتا كېلىشىمى ئىمزالىنىپ ، سىتالىن ئەڭ چوڭ ئۇتقۇچى بوپقالغان. سىتالىننىڭ تەلىيىگە ، يالتا يىغىنىدىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي روزۋېلت ئاپرىلدا ئۆلۈپ كەتكەن . چېرچىلمۇ 16 - ئىيۇل موللاق ئاتقان . نەتىجىدە 1945 - يىلى 17 - ئىيۇل ئېچىلغان پوتسدام يىغىنىدا ترۇمېن ۋە يېڭى ئەنگلىيە باش ۋەزىرى سىتالىن بىلەن قايتا كېڭەش ئۆتكۈزگەن.
سىتالىن بىر ئاي ئىچىدە مانجۇرىيەگە قوشۇن چىقىرىشقا ۋەدە بەرگەن . بۇنىڭدىن بىر ئاي بۇرۇن ( 8 - ئىيۇن ) جاڭ كەيشى يالتا كېلىشىمىدىن خېلىلا كېچىكىپ خەۋەر تاپقان بولسىمۇ ، ئەمما سىتالىننىڭ بارلىق تەلەپلىرىگە ماقۇل بولمىغاچقا ، سىتالىن شۇ يىلى ئاپرىلدا توختىتىپ قويغان جۇمھۇرىيەت قۇرۇقلۇق ئارمىيىمىزنى كەڭ كۆلەمدە ئۈچ سەپ بويىچە خىتايغا قارشى ئاتلاندۇرغان ۋە قوراللاندۇرغان. ئەسكەرلىرىمىز ئىيۇلدا جەنۇبىي سەپتە سوپاخۇن باشچىلىقىدا تەڭرىتاغدىن ئېشىپ ئاقسۇغا يۈرۈش قىلغان . ئوتتۇرا سەپتە جىڭ ۋە شىخونى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە كىرىشكە تەييارلانغان . شىمالىي سەپتە ئوسمان باتۇر بىلەن ئۇچرىشىپ ئالتايدىكى بارلىق خىتاي ئەسكىرىنى يوقاتقان . گەرچە ياپونىيە مۇددەتتىن بۇرۇن تەسلىم بولۇپ ، « سوۋېت - خىتاي دوستلۇق كېلىشىمى » 14 - ئاۋغۇستتىلا ئىمزالانغان بولسىمۇ ، ئەمما سىتالىن خىتاينى تېخىمۇ يول قويۇشقا مەجبۇرلاش ئۈچۈن مىللىي ئارمىيىمىزنى 14 - سېنتەبىرگىچە يەنە بىر ئاي ئۇرۇشتىن توسماي ، « ئىككى سائەتتىلا ئۈرۈمچى ئازات بولىدىغان ، يىل ئاخىرىغىچە پۈتۈن ۋەتىنىمىز ئازات بولىدىغان » ۋەزىيەتنى پەيدا قىلغان . ئەمما 15 - سېنتەبىر خىتاينىڭ يالۋۇرۇشى بىلەن ئارمىيىمىزنى ماناس دەرياسى بويىدا رەسمىي توختىتىپ قويغان .

ئەسلىدە 1945 - يىلى ئۆكتەبىردە سۆھبەتكە مەجبۇرلانغان ئۇيغۇرلاردا 1946 - يىلى 6 - ئىيۇن سىتالىننىڭ بېسىمى بىلەن مۇستەقىللىق ئەمەلدىن قېلىپ ، 11 ماددىلىق بىتىم تۈزۈلۈپ، 28 - ئىيۇن غۇلجا شەھىرىدە 2 - جۇمھۇرىيەت تارقىتىۋېتىلىپ ، 1 - ئىيۇل ئاتالمىش بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغانىدى. بىراق گومىنداڭ شۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تېز سۈرئەتتە 1946 - يىلى نويابىرغىچە بولغان بىر يىل ئىچىدىلا ئىشغالچى قوشۇنىنى 100 مىڭغا يەتكۈزدى.
سابىق شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسى  بولسا دەل ئەكسىچە 10مىڭغا قىسقارتىلدى.

چېرچىلنىڭ ئامېرىكىدىكى « تۆمۈر پەردە نۇتقى » دىن كېيىن ، خىتاي ، كورىيە ، مانجۇرىيە ، موڭغۇلىيە ھەمدە قۇتلۇق ۋەتىنىمىز غەرپ بىلەن سوۋېتلەرنىڭ كۈچ سىنىشىش ئورنىغا ئايلىنىپ قالدى . ئامېرىكا قوللاۋاتقان گومىنداڭ 1946 - يىلى ئۆكتەبىردىكى كېلىشىمنى يىرتىپ تاشلاپ ، ئەسلىدە سىتالىن جاڭ كەيشىگە سېتىۋەتكەن خىتاي كومپارتىيىسىگە قارشى 1947 - يىلى مايدا ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇمغا ئۆتكەن . بۇنىڭ تەسىرى موڭغۇلىيە بىلەن ۋەتىنىمىزدىمۇ ئوچۇق كۆرۈنگەن بولۇپ ،
1947 - يىلى 12- ماي موڭغۇلىيىنىڭ مۇستەقىللىقى قايتا جاكارلانغان. ( 1912 - يىلى 12 - فېۋرال مەنچىڭ خانلىقى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، تاشقى موڭغۇل گېگەنى چاررۇسىيىنىڭ قوللىشى بىلەن شۇ يىلىلا مىللىي مۇستەقىللىق جاكارلىغان. بىراق قوللىغۇچىسى چاررۇسىيە 1917 - يىلى يوقالغاچقا، ئارقا تېرىكى يوق پۇرسەت كۈتۈپ، 1924 - يىلى ئىيۇلدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشىدا قايتا مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان. 1945 - يىلى سىتالىن ئۇيغۇرىستاننى قۇربان قىلىپ، جاڭ كەيشىگە موڭغۇلىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغۇزغان). 1947 - يىلى سىتالىن، كۈنسىرى گومىنداڭدىن يېڭىلىپ شىمالغا قېچىۋاتقان ماۋزېدوڭنى موڭغۇلىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى يەنە بىر قېتىم ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرلىغان . ۋەتىنىمىزدە بولسا، گومىنداڭ ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، موڭغۇلىيە مۇستەقىل بولۇپ 10 كۈن ئۆتۈپلا مەسئۇت بايقۇزىنى باشلىق قىلىپ، سوۋېت ۋە ئىلى تەرەپكە پانتۈركىزىم قارتى بىلەن قارشى تۇرغان. نەتىجىدە بۇ ئويۇننىڭ خەتەرلىك ئاقىۋىتىنى ھېس قىلالمىغان رەھبەرلىرىمىز ئىككى يىل ئۆز ئارا « قىزىل پاچاق كوممۇنستلار، ئەشەددىي سوۋېتپەرەسلەر»، « ئاپتونومىيەچىلەر، سادىق خىتايپەرەسلەر» دەپ قالپاق ئىجاد قىلىپ، تارىخىي پۇرسەتنى قاچۇرۇپ قويدى. ئەينى ۋاقىتتا ماۋنىڭ ئىستىقبالى ئېنىق ئەمەس ئىدى. بىراق 1949 - يىلى كىرىشى بىلەن ماۋ مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. تۈلكە جاڭ جىجۇڭمۇ سىتالىننىڭ خاھىشى بويىچە مەسئۇتنى ئېلىپ تاشلاپ، سىتالىنچى ۋە ماۋچى بۇرھان شەھىدىنى باشلىق قىلدى. دەل شۇ مىنۇتلاردا مىكويان شىبەيپودا زىيارەتتە بولدى. ئىيۇلدا ليۇشاۋچى موسكۋادا زىيارەتتە بولدى. كېيىنكى ئايدا سۇيقەست باشلىنىپ، ئەخماتجان قاسىمى قاتارلىق ئىلى تەرەپ ئېچىنىشلىق يوقىتىلدى. ئۈچ ئەپەندى باشلىق مىللەتچىلەر لاداق يولى ئارقىلىق كەشمىرگە قاچتى. خەلقىمىز 70 يىللىق قىزىل قىيامەتنى باشلىدى».

1947 - يىلى 28 - ماي بىرلەشمە ھۆكۈمەت ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق يىغىنىنى ئاچتى. شۇندىن كېيىنلا مەزكۇر ھۆكۈمەت سوغۇق ئۇرۇشنىڭ تەسىرىدە نەچچە ئاي ئىچىدىلا يىمىرىلدى .
1947 - يىلى 12 - ئاۋغۇست ئەخمەتجان قاسىمى ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا قايتىپ كەتتى.
ئۇزاققا قالماي، باشقا يەتتە ۋىلايەتنىڭ ئۇيغۇر ۋەكىللىرىمۇ غۇلجىغا كېلىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارغا يەنە بىر قېتىم تارىخىي پۇرسەت كەلدى . شۇنىڭ بىلەن 1947 - يىلى سېنتەبىردىن 1949 - يىلى 26 - سېنتەبىر ۋەتىنىمىزدە تۇرۇۋاتقان 100 مىڭ كىشىلىك گومىنداڭ ئارمىيىسى كومپارتىيىگە تەسلىم بولغىچە ساق ئىككى يىل ئىلى تەرەپ بىلەن گومىنداڭ تەرەپ قايتىدىن ئۇرۇش ھالىتىگە ئۆتتى. سىتالىننىڭ ئەخمەتجان قاسىمىغا بىۋاستە كۆرسەتمە بېرىشى بىلەن مىللىي ئارمىيىمۇ قايتىدىن كۈچەيتىلىپ، سانى تولۇقلاندى. ئەمما بۇ ئالتۇن پۇرسەت كەلگەن ئىككى يىلدا خەلقىمىز « گومىنداڭچى ئۈچ ئەپەندى تەرەپ » ، « سوۋېتچى ئىلى تەرەپ » ، « بىتەرەپ تەرەپ » ۋە « خىتاي كومپارتىيسى تەرەپ » تىن ئىبارەت تۆت قۇتۇپقا بۆلۈنۈپ ، ئۆز ئارا كۈرەش قىلىپ ، سىتالىننى بەكلا ئۈمۈدسىزلەندۈرگەن . شۇنىڭ بىلەن ئەسلىدە سىتالىن ساقلاپ قالماقچى بولغان جۇمھۇرىيىتىمىز ۋە قوراللىق قىسىملار خەلقىمىزنى ھۆرلۈككە چىقىرىدىغان كۈچ بولۇشتىن مەھرۇم بولۇپ ، گومىنداڭنىڭ ئەڭ سەرخىل 100 مىڭ ئەسكىرىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، ماۋزېدوڭنىڭ غەلىبە قىلىشىغا ماسلىشىپ بەرگەن كوزىر ۋە پېشكىغا ئايلىنىپ قالغان . ھىلىگەر ماۋمۇ شۇ پۇرسەتتە سىتالىننىڭ قايتىدىن ئىشەنچىسىگە ئېرىشىۋالغان.

ئەڭ ئاخىرىدا 1948 - يىل ئاخىرىدا كومپارتىيە مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەندىن كېيىن ، سىتالىننىڭ ۋەتىنىمىزنى مۇستەقىل ساقلاپ  قېلىش ياكى ئۆزىگە قوشۇۋېلىشنىڭ ھاجىتى قالمىدى . بۇ ئەھۋالدا سىتالىن كەسكىن ۋەزىيەتتە كەسكىن قارار چىقاردى  . 1949 - يىلى يانۋاردا مىكويان شىبەيپودا زىيارەتتە بولدى. ئايدا مولوتۇف زىيارەتكە كەلدى. ئىيۇلدا ليۇشاۋچى موسكۋادا زىيارەتتە بولدى. 14 - ئاۋغۇست دېڭ لىچۈننىڭ غۇلجىغا كىرىشى بىلەن ئويۇن باشلاندى. 17 - ئاۋغۇست سۆھبەتلەشتى. 19 - ئاۋغۇست ھىلىگەر ماۋدىن
« ساختا چاقىرىق» كەلدى. 23 - ئاۋغۇست ئە. قاسىمى باشلىق رەھبەرلەر ئالمۇتىغا كەتتى. 24 - ئاۋغۇستتىكى سىرلىق سۆھبەتتىن كېيىن، سوۋېت تەرەپ، ئۇلارنىڭ 25 - ئاۋغۇست ئۆلگەنلىكىنى، خىتايلار 27 - ئاۋغۇست ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
11 - سىنتەبىر سەيپىدىن ئەزىزى بېيجىنگە باردى. 26 - سىنتەبىر ۋەتىنىمىزدىكى ئىشغالچى گومىنداڭ كومپارتىيەگە تەسلىم بولدى. 1 - ئۆكتەبىر قىزىل خىتاي دۆلىتى قۇرۇلدى . سىتالىن ماۋنى مەجبۇرلاپ ، يىل ئاخىرىغىچە قوراللىق ئىشغال قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈردى . ماۋ قاتناش ۋە يېقىلغۇنى باھانە قىلغاندا ، سىتالىن مەخسۇس ئايروپىلان ئەۋەتىپ ، 10 - ئۆكتەبىردىن 22 - دېكابىرغىچە نەچچە يۈز مىڭ توننا قورال - ياراق ۋە چىغ چاپانلىق خىتاي ئەسكەرلىرىنى ۋەتىنىمىزگە توشۇپ بەردى . ۋاڭ جېننىڭ ئالدىن يۈرەر قىسمى 10 - سەددىچىندىن چىقىپ ، 20 - ئۆكتەبىر ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى . شۇنداق قىلىپ ، سىتالىننىڭ بىۋاستە ياردىمىدە جاللات
ۋاڭ جېن ئۈچ مىڭ ئاقساق - چولاق ئەسكەر بىلەن 30 مىڭ ئەسكىرىمىز بار ۋەتىنىمىزگە بەھۇزۇر كىردى. تاجاۋۇزچى قىزىل ئارمىيە ئۈرۈمچىگە كىرىپ ساق ئىككى ئايدىن كېيىن، ئاندىن مىللىي ئارمىيە 25- دېكابىر ئۈرۈمچىگە كىردى. تېخىمۇ ئەلەم بولغىنى تېخى شۇ يىلى 14 - ئاۋغۇست موسكۋادىن غۇلجىغا يېتىپ كەلگەن كومپارتىيە جاسۇسى دېڭ لىچۈن غۇلجىدا لەپىلدەۋاتقان مۇبارەك كۆك بايراقنى 17 - ئۆكتەبىر كۈنى چۈشۈرۈگۈزگەن . بۇ قۇتلۇق بايراق تۇنجى قېتىم 1946 - يىلى 28 - ئاۋغۇست تۈلكە جاڭ جىجۇڭ غۇلجىغا زىيارەتكە كەلگەندە بىر قېتىم چۈشۈرۈلگەنىدى. ئۇندىن باشقا جاللات ۋاڭ جېن 1949 - يىلى 12 - نويابىر شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ بەش يىللىق خاتىرە كۈنىگە ئۈلگۈرۈپ غۇلجىغا بېرىپ ، دۆلىتىمىز قۇرۇلغان قۇتلۇق كۈننى خىتايلارنىڭ بىزنى قايتا ئىشغال قىلىۋالغان كۈنىگە ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنغان .

سىرلىق غايىپ بولغان رەھبەرلەر ۋە سىرلىق غايىپ بولغان مىللىي مۇستەقىللىقىمىز :

يۇقىرىقى سىرلىق غايىپ بولۇش ۋە جىددىي ئىشغال قىلىشتىن كېيىن ماۋ زېدوڭ نەچچە يىلدىن بېرى ئارزۇ قىلىۋاتقان سىتالىننىڭ ئالدىغا سالامغا بېرىش شەرىپىگە ئېرىشكەن . ماۋ خوجايىنى سىتالىننىڭ ياردىمى بىلەن 12 - دېكابىر ۋەتىنىمىزنى ئۇتۇقلۇق ئىشغال قىلغاندىن كېيىنلا ، چوڭ بىر ئۆمەك باشلاپ سىتالىننىڭ 71 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىگە ئۈلگۈرۈپ موسكۋاغا يېتىپ كەلگەن . ئەمما جاللات شېڭ شىسەينى 1937 - يىلى بىر ئاي ئىچىدىلا ئۇدا تۆت قېتىم قوبۇل قىلىپ قىزغىن مۇئامىلە قىلغان سىتالىن ھىلىگەر ماۋنى ئىككى ئاي ئىچىدە ئاران ئىككى قېتىملا قوبۇل قىلغان بولۇپ ، تۇنجى قېتىم 71 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىدە بارلىق چەتئەللىك مېھمانلار ئۇزاپ بولغاندىن كېيىن ، يېرىم كۈن ساقلاتقان ماۋنى كېچە سائەت بىر يېرىمدا قوبۇل قىلغان . بۇ ئۇچرىشىشتا سىتالىن ئۇنىڭغا پەقەتلا قاپىقىنى ئاچمىغان بولۇپ ، ئەقىللىق جۇ ئېنلەي خىتاي 5 - فېۋرال سەيپىدىن ئەزىزىنى بىللە ئېلىپ كېلىپ، سىتالىننىڭ بارلىق تەلەپلىرىگە شەرتسىز قوشۇلغاندىن كېيىنلا ، ئاندىن سىتالىن قاپىقىنى ئاچقان . نەتىجىدە تەقدىرىمىزنى بېكىتكەن 30 يىللىق مەخپىي كېلىشىم  14 - فېۋرال ئىمزالانغان . سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ موسكۋاغا ئېلىپ كېلىنىشى يەنىلا سىتالىننىڭ نىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن .

قىزىق نۇقتا شۇكى، ئەنە شۇ 2-ئاينىڭ 14-كۈنى «سوۋېت-خىتاي دوستلۇق، ھەمكارلىق ۋە ئۆزارا ياردەم بېرىش شەرتنامىسى» ئىمزالىنىپ بولۇپلا سوۋېتلىكلەر سەيپىدىن ئەزىزگە ئەخمەتجان قاسىمىلارنىڭ جەسەتلىرى تېپىلغانلىقىنى ۋە خالىسا ئېلىپ كەتسە بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 1950-يىلى، 27-مارت كۈنى سەيپىدىن ئەزىز سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ ھەمكارلىقى ئاساسىدا «شىنجاڭدا رەڭلىك مېتال شىركىتى ۋە نېفىت شىركىتى قۇرۇش»تىن ئىبارەت ئىككى كېلىشىمگە ئىمزا قويۇپ بولغاندىن كېيىنلا، سوۋېت تەرەپ سەيپىدىن ئەزىزگە ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ جەسەتلىرىنى ئەينەك ساندۇققا سېلىپ تەييارلاپ، 4-ئاينىڭ 14 - كۈنى تاپشۇرۇپ بەردى ۋە مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن 15 - ئاپرىل غۇلجىغا ئەكېلىپ بەردى. بۇ ۋاقىتتا ھەممە ئىشلار ئاخىرلاشقان شۇنىڭدەك ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ غۇلجىدىن ئايرىلغىنىغا 6 ئايدىن ئاشقانىدى.
دېمەك، رۇسلارنىڭ يېڭىدىن ئاشكارىلىشىچە، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ ئولتۇرغان ئايروپىلانى 1949-يىلى، 25-ئاۋغۇست كۈنى بايقال كۆلى بويىدىكى بۇرياتىيە جۇمھۇريىتى تەۋەسىدىكى قابان تېغىنىڭ خابار داۋان دېگەن يېرىگە چۈشۈپ كېتىپ، كۆيگەندىن كېيىنمۇ ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى شۇ تاغىدىكى ئادەم ئالدىراپ بارالمايدىغان، يىرتقۇچ ھايۋانلارغا تولغان ئورمانلىق داۋاندا ھەپتىلەر ياتقاندىن كېيىن، سوۋېت دۆلەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ چۈشۈلۈپ، ئالتە ئاي ساقلىنىپ، پەقەت يېڭىچە سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى رەسمىي شەكىللىنىپ بولۇنغاندىن كېيىنلا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يىغا-زارە، نالە -پەريادلار بىلەن دەپنە قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.


ئەخمەتجان قاسىمى :   مۇستەملىكە تارىخىدىكى  ئەڭ جەزبىدار ئۇيغۇر رەھبىرى 
                                    (1قىسىم)

نەبىجان تۇرسۇن (  تارىخ پەنلىرى دوكتورى)

كىرىش سۆز  ئورنىدا

بۈگۈن، مىلادىيە 2020-يىلى، 4-ئاينىڭ 15-كۈنى   ئەخمەتجان قاسىمى دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 106-يىلى.  بۇ كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ زاتنى خاتىرىلەش، ياد ئېتىش، ئۇ رەھبەرلىك قىلغان مۇستەقىللىق ۋە ئازادلىق ئىنقىلابىنى ئەسلەش ھەم شۇ دەۋر ھەققىدە ئەتراپلىق، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈش ناھايىتى مۇھىم. ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ھايات غەلىبىسى ۋە ھايات تراگېدىيەسى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ  مۇستەقىللىق غەلىبە شاتلىقى بىلەن مەھكۇملۇق تراگېدىيەسىنىڭ  يالدامىسىدۇر ! ئەخمەتجان قاسىمىنى ئەسلەش ۋە ياد ئېتىش ئۇيغۇرلۇقنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى  ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن ئەڭ ئېچىنغانلار، ئۇنى ئەڭ سېغىنغانلار ۋە بۈگۈن ئۇنى ئەسلىگەنلەرنىڭ يەنىلا ئۇيغۇرلار  ئۆزلىرى ئىكەنلىكى كۆرسەتتى.
ئۇنداقتا ئەخمەتجان قاسىمى كىم؟  ئۇ كىمنىڭ دوستى؟  كىمنىڭ رەھبىرى ۋە كىمنىڭ  دۈشمىنى ؟
بۇ سوئالغا ئالدى بىلەن  خىتاينىڭ بۇرمىلانغان،   ساقتىكار تارىخىي  ھۆججەتلىرى ۋە باھالىرى  ئەمەس ۋە ياكى  بۈگۈنكى ئادەملەر ئەمەس ، بەلكى  ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى بىرگە قۇرۇپ، بىرگە كۈرەش قىلغان سەپداشلىرى  جاۋاب بەرىشكە ئەڭ  لاياقەتلىكتۇر ! دېمەك،  بۇ سوئالغا ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ  5يىللىق كۈرەش  سەپدېشى،  شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىنىڭ پولكوۋنىكى، مىللىي ئارمىيە ئىستىخبارات بۆلۈمى باشلىقى، 1950-1980-يىللاردىكى  خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق دۈشمەنلىرىدىن بىرى زىيا سەمەدى ( 1914-2000) ئۆزىنىڭ « « ئەخمەت ئەپەندى» ناملىق بىئوگراپىيەلىك رومانى ئارقىلىق جاۋاب بەرگەن بولسا،  ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئەڭ يېقىن سەپدېشى ، 1944-يىلى، 12-نويابىر كۈنى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ باش كاتىپى، « ئازادلىق تەشكىلاتى»نىڭ ئەزاسى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدە ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن بىرلىكتە بارلىق  ھۆكۈمەت ئىشلىرىنىڭ پروگراممىلىرىنى تۈزگەن ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمى ( 1914-2005) ئەپەندىنىڭ ھايات ۋاقتىدا كەمىنە نەبىجان تۇرسۇنغا قالدۇرغان :  «ئەخمەتجان قاسىمىدەك قابىل ۋە خەلق سۆيگەن ئۇيغۇر رەھبىرى  تېخى يېتىشىپ چىقمدى. مۇنداق داھىيلار بىر قانچە يۈز يىللاردا بىر قېتىم چىقسا كېرەك، مەن پۈتۈن ھاياتىمدا نى-نى ئوغلانلارنى، مانا مەن دېگەن داڭلىق رەھبەرلەرنى كۆردۈم. لېكىن ھازىرغىچە ئەخمەتجاندەك رەھبەرنى تېخى كۆرۈپ باقمىدىم. ئەخمەتجاندەك ئاق كۆڭۈل، ساپ نىيەت، راستچىل،   ئەخلاق-پەزىلەتلىك، بىرلا كۆرگەن ئادەمنى ئۆزىگە تارتىۋالالايدىغان، ئىنتايىن بىلىملىك، سىياسىيون، ناتىق، قەيسەر، دۈشمەنگە ئىگىلمەس ، باشقىلار ئۈچۈن ئۆلۈشكە تەييار، خەلقى ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلۈمگە ئاتىغان ۋە ئۆلۈمگە ھەر ۋاقىت تەييار تۇرالايدىغان، باشقىلار يىغلىمىسۇن، ئازابلانمىسۇن ئۇنىڭ ئورنىغا مەن ئازابلىناي ، مەن يىغلاي دەيدىغان مۇنداق ئىنسان بالىسىنى تېخى مەن كۆرمىدىم» دېگەن سۆزلىرىدىن باشقا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ئەلىخان تۆرىنىڭ « ئەخمەتجان ئارىمىزدىكى  بىر گۆھەر» دېگەن  ئەينى ۋاقىتتا ئىنقىلاب رەھبەرلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان سۆزلىرى ئەڭ كۈچلۈك جاۋابلار  بولسا كېرەك.
بىراق ، ئەخمەتجان قاسىمى ھاياتىدا ھېچقاچان ئۆزىنى « مەن داھىي»،« مەن رەھبەر » دەپ ماختىنىپ باقمىغان. ئۇ باشتىن ئاخىرى مەن « خەلقىمنىڭ خىزمەتكارى»لا دېگەن ئىدى.  ئۇيغۇر خەلقى يېقىنقى 150  يىللىق تارىخىدا ھېچقاچان بىرەر رەھبەرنى ئەخمەتجان قاسىمىنى ئۆز خوشاللىق ئىختىيارلىرى بىلەن  ماشىنىسى بىلەن  قوشۇپ كۆتۈرگەندەك كۆتۈرۈپ باقمىغان، مۇنداق ئالى ھۆرمەت بۇ 150 يىلدا پەقەت بىرلا ئەخمەتجان قاسىمىغا مەنسۇپ بولدى ! ئەخمەتجان قاسىمى ئوخشاشلا تالاشتا قالغان رەھبەر ئىدى.ئەخمەتجان قاسىمىنى خىتاي  سىياسىيونلىرى 70 يىل تالىشىپمۇ ئۆزىنىڭ قىلالمىدى !
شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى 1884-يىلىدىن ھازىرغىچە بولغان خىتاي تارىخىدا  1947-يىلى 25-فېۋرال كۈنى ئۈرۈمچىدە 10 مىڭ خىتاي پۇقراسى ۋە ھەربىي-ساقچىلىرى  كوچىغا چىقىپ « يوقالسۇن ئەخمەتجان !»، « ئەخمەتجاننى ئۆلتۈرەيلى» دەپ شوئار توۋلاپ نامايىش قىلىش ۋەقەسى بىرلا قېتىم يۈز بەردى. مۇنداق 10 مىڭ خىتاينىڭ نامايىشچىسىنىڭ « يوقالسۇن  ئەخمەتجان »، « ئەخمەتجاننى ئۆلتۈرەيلى» دېگەندەك  چوقان-سۈرەنلىرىگە  تېخى بىرەر ئۇيغۇر سازاۋەر بولۇپ باقمىدى.
 1878-يىلى يەتتە شەھەر ئۇيغۇر دۆلىتى  يوقىتىلىپ، 1884-يىلى مانجۇ-چىڭ ھاكىمىيىتى  ئىشغال قىلىنغان بۇ زېمىننى  تىپىك مۇستەملىكە مەنىسىنىڭ گۇۋاھچىسى بولغان- « يېڭى  چېگرا»-  يەنى « شىنجاڭ» نامى ئاستىدا باشقۇرۇشنى باشلىغاندىن بۇيانقى ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرلۈك كۈرەشلىرى تارىخىي مۇساپىسىدە  ئۇيغۇر خەلقى ھېچقاچان كۈرەش قىلىشتىن توختاپ قالمىدى. سانساناقسىز قۇربانلارنى بەردى ۋە غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈردى ھەن مەغلۇپ بولدى. ئەنە شۇ كۈرەشلەردە  كۆپلىگەن خەلق باتۇرلىرى، خەلق يېتەكچىلىرى، قوماندانلار، سىياسىيونلار يېتىشىپ چىقتى. بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن قانچىلىغان تەرجىمھاللار توپلىمىنى تۈزۈش مۇنكىن.  شۇنى ئەسكەرتىش زۆرۈركى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ  ئازغىنا كەم بىر  يېرىم ئەسىرلىك مۇستەملىكە تارىخى جەريانى  ئىنتايىن قىيىن، مۇرەككەپ ئىچكى ۋە تاشقى زىددىيەتلەر، ئىنتايىن مۇرەككەپ خەلقارالىق مۇناسىۋەت توقۇنۇشلىرى قاتارلىقلارغا دۇچ كەلدى. مانا بۇ مۇرەككەپ كۈرەش مۇساپىسىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن ھەر خىل ۋاسىتىلەر، يوللار، نۇقتىنەزەرلەر، ئىدىيەلەر قوللىنىلدى. ئەخمەتجان قاسىمى ئەنە  شۇ    ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدى -كەينىدىكى دۇنياۋى  مۇناسىۋەتلەرنىڭ قايتا شەكىللىنىشى ۋە ئۆزگىرىشى جەريانىدىكى   مۇناسىۋەتلەرگە قاراپ، كۈرەش ئۇسۇلىنى تاللىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ  تەقدىرى ئۈستىدە ئىزدەنگۈچى ۋە يېتەكچىلىك قىلغۇچى رەھبەر ئىدى خالاس!
(داۋامى بار )

قوشۇمچە :
ماۋ زېدۇڭنى خاپا قىلغان ستالىننىڭ تۆت خىل خاتالىقى

"بوشۈن" تورىدا ئېلان قىلىنغان "جۇڭگو - سوۋېت مۇناسىۋەتلىرى چوڭ ئىشلىرى بايانى" ناملىق كىتابتىن نەقىل كەلتۈرۈلگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ماۋزېدۇڭ ئەينى ۋاقىتتا ستالىندىن قاتتىق نارازى بولغان بولۇپ، ئۇ ستالىننى جۇڭگو ئىنقىلابى مەسىلىسىدە ئاساسلىق تۆت خىل خاتالىق ئۆتكۈزدى دەپ ئەيىبلىگەن. بىراق، ئۇ ستالىن ھايات ۋاقتىدا بۇنى ئاغزىدىن چىقىرالمىغان بولۇپ، پەقەت ستالىن ئۆلۈپ، خرۇشېۋ ستالىننى تەنقىد قىلغاندىن كېيىنلا ئېيتالىغان.

ماۋزېدۇڭنىڭ قارىشىچە، ستالىننىڭ ئۆتكۈزگەن ئاساسلىق تۆت خىل خاتالىقى شۇكى، بىرىنچىدىن ستالىن 30 - يىللاردا ۋاڭ مىڭنى قوللاپ، ئۇنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىگە رەھبەرلىك قىلىپ، خاتالىق ئۆتكۈزۈشىگە سەۋەب بولغان. ئىككىنچىدىن، ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە ستالىننىڭ يەنە ۋاڭ مىڭنى موسكۋادىن يەنئەنگە ئەۋەتكەنلىكى. ئۈچىنچىدىن ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ستالىننىڭ جۇڭگونى پۈتۈنلەي ئامېرىكىغا ۋە جاڭكەيشىگە بېرىۋېتىشنى قارار قىلىشى. تۆتىنچىدىن ستالىننىڭ ماۋ زېدۇڭنى يېرىم تېتو ھېسابلىغانلىقى قاتارلىقلاردۇر.

مەزكۇر ماقالىدە نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ماۋزېدۇڭ ستالىننىڭ جۇڭگو كوممۇنىستلار پارتىيىسىگە ئىشەنمىگەنلىكى، ئۇنىڭ ئۆزىنى ئاسىيانىڭ تېتوسى دېگەنلىكى سەۋەبىدىن بۇ ئىشنىڭ ئۇنىڭ قەلبىدە ئالتە يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ساقلانغانلىقىنى ئېيتقان ئىكەن. ماۋزېدۇڭ يەنە 1949 - يىلى 12 - ئايدا ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىم موسكۋانى زىيارەت قىلغاندا ستالىننىڭ ئۆزىگە سوغۇق مۇئامىلە قىلغانلىقىنى ئۇنتالمىغان بولۇپ، ئۇ موسكۋادا ئۈچ ئاي تۇرۇش جەريانىدا كۆپ بىئاراملىق ھېس قىلغان. ئۇ چاغدا ماۋزېدۇڭ ستالىننىڭ 71 ياشلىق مۇراسىمىغا قاتناشقان بولۇپ، ئۇ ستالىندىن جۇڭگو - سوۋېت دوستلۇق كېلىشىمى تۈزۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ستالىن بۇنىڭغا بىراقلا قوشۇلماي، ۋاقىتنى سوزغان.

بۇ يىل 5 - مارت سىتالىن ئۆلگەن كۈندە موسكۋاغا زىيارەتكە كەلگەن ئەردوغاننىڭ ئوسال ئەھۋالدا قالغانلىقىنى ماۋنىڭ 1950 - يىلى 25 - دېكابىردىكى ئوسال ئەھۋالغا قالغىنىغا ئوخشاتقان بولۇپ ، ئەردوغانغا قارشى ئەرەب مېدىيالىرى ۋە رۇسلارنىڭ مېدىيالىرى قەستەن كۆپتۈرمە ئۇچۇرلار بىلەن ئاۋامنى قايمۇقتۇرۇپ ، ئەردوغاننىڭ ئوسال ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىدىن تەنتەنە قىلغان .  تەھلىلچىلەر بۇنى سىتالىننىڭ 1949 - يىلى دېكابىردا 71 ياشقا توشقان كۈنىدە ماۋ زېدوڭنى قەستەن يېرىم كۈن ساقلىتىپ ، بارلىق مېھمانلار ئۇزىغاندا ، كېچە سائەت بىر يېرىمدا ئاندىن قوبۇل قىلغانلىقىغا ئوخشاتقان .

ستالىن ئۇيغۇرىستاننى ماۋ زېدوڭغا بىكارغا بەرمىگەن

سىتالىن ئۇزۇن مۇددەتلىك سۈكۈتتىن كېيىن، ئاخىرى خىتاي بىلەن كېلىشىم تۈزۈشكە ۋە خىتايغا زور مىقداردا ئىقتىسادىي، تېخنىكا ۋە باشقا جەھەتلەردىن ياردەم بېرىشكە قوشۇلغان. ئەمما، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ماۋ زېدۇڭنى بىر قانچە مەسىلىلەردە يول قويۇشقا مەجبۇر قىلغان. ستالىن "شىنجاڭ مەسىلىسى"دە ماۋ زېدۇڭنى كان مەھسۇلاتلىرى ۋە نېفىت ساھەسى بويىچە ئىككى بىرلەشمە شىركەت قۇرۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ جايدا ئىمتىيازىنى تىكلىشىگە مەجبۇر قىلغان.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە شەرقىي شىمال تۆمۈر يولىنى ئىككى تەرەپ بىرلىكتە باشقۇرۇش، لۈشۈن پورتىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دېڭىز ئارمىيە بازىسى قىلىش مەسىلىلەردە قەتئىي تەلەپ قىلغان بولۇپ، ماۋزېدۇڭ بۇنىڭغا قوشۇلماسلىققا ئامالسىز قالغان. قىسقىسى ، ستالىن 1949 - يىلى ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتايدىكى مۇستەقىل ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدىن قېلىپ، مىللىي ئارمىيىنىڭ خىتاي ئارمىيىسى تەركىبىگە كىرىشى، بۇرھان شەھىدى ۋە تاۋ سىيۈئې قاتارلىق گومىنداڭ ھەربىي - سىياسىي ئەمەلدارلىرىنىڭ تەسلىم بولۇپ، ئازادلىق ئارمىيىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئىگىلىشىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان بولۇپ، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىگە كىرگۈزۈلىشىدىكى مۇھىم ئامىل بولۇپ قالغاندىن سىرت يەنە شەرقىي شىمالغىمۇ قوشۇن كىرگۈزۈپ، ئۇ يەردىن ياپونىيىنى قوغلىغان ئىدى.

"ماۋزېدۇڭ بىلىنمىگەن ھېكايە" ناملىق كىتابتا يېزىلىشىچە، ماۋزېدۇڭ موسكۋادا ستالىن بىلەن سۆھبەتلەشكەندە ھەتتا "شىنجاڭنى مۇستەملىكە" دەپ ئاتىغاندىن سىرت يەنە تاشقى موڭغۇلىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنىمۇ ئىزھار قىلغان. ستالىن بۇ بەدەللىرى ئۈچۈن ماۋ زېدۇڭنى ئۆزىنىڭ ئالدىدا ياشىسۇن ستالىن دەپ توۋلاشقا، ئۆزىنى مەدھىيىلەپ ماقالە يېزىشقا مەجبۇر قىلغان. ئەمما ئۇ ئۆلگەندىن ۋە جۇڭگونىڭ ئىگىلىكىنى تىكلىۋالغاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگوغا ئاكىلارچە مۇئامىلە قىلىشىغا يول قويماي، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈشكە ھەتتا ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش قىلىشقىمۇ تەييارلانغان.

"بوشۈن" تورىدىكى ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، قىسقىسى، ستالىننىڭ ماۋ زېدۇڭنى كۆزگە ئىلمىغانلىقى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەنە شۇنداق ئاكىلارچە مۇئامىلە قىلىشى، ماۋزېدۇڭنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورۇنلاشقان بولۇپ، بۇ ئاخىرىدا بۇ دۆلەت بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى بۇزۇۋېتىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان ئىكەن.

يۇقىرىقى بارلىق مەزمۇنلار تارىخ پەنلىرى دوكتۇرى نەبىجان تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ شۇ ھەقتىكى ئەسەرلىرىدىن ئۈزۈپ قىسقارتىپ ئېلىندى .

سايرام ئوغلانى.

2020 - يىلى 15 - ئاپرىل.