2020/05/27 10:58

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


سېيت نوچى، مافۇشىڭ ۋە ماشاۋۋۇ توغرىسىدا قىسقىچە تارىخىي مەلۇمات

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2020/05/21 11:23

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى

« ئابدۇقادىر داموللام، سېيت نوچى، ماشاۋۋۇ ۋە مافۇشىڭ توغرىسىدا قىسقىچە تارىخىي مەلۇمات»

8 - ئاپرىل تولىمۇ ھاياجانلىق كۈن، شۇنداقلا سېيت نوچى
ھىجىرىيە 1334 - يىلى جامادىيەل ئاخىر 4 - كۈنى، يەنى
1916 - يىلى 8 - ئاپرىل ئۇچتۇرپان ئامبىلى ماشاۋۋۇنىڭ* ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ ، ئاز كۈنلەردىن كېيىن ئۆلۈم خېتىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈن. شۇڭلاشقا بۇ كۈن ھەم خۇشاللىق بىلەن يارىمىزنى مەلھەملەيدىغان كۈن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن كاللىمىزنى سىلكىۋېتىپ، ئوخشاش تارىخىي خاتالىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغان كۈندۇر .  2019 - 8 - ئاپرىل
سايرام ئوغلانى

** ماشاۋۋۇ / 1874 - 1937/ ئەسلى يۈننەنلىك تۇڭگان بولۇپ، قانخور ياڭزېڭشىننىڭ يۇرتدىشى بولغاچقا، ھەم ئىسلام دىنىنىڭ مەلۇم سوپىزىم مەزھىپىنىڭ پىرى بولغاچقا، ياڭ ئۇنى ئۇيغۇرلارغا قارشى ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەن. ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولغاچقا، 1912 - يىلى سەييارە تۇتۇق بولۇۋالغان ياڭ ئۇنى 1914 - يىلى كۇچاغا ئامبال قىلغان. ئارقىدىنلا ئۇنى ماتىتەي بىلەن بىللە قەشقەرنى گىلاۋخۇيچى ياڭ زەنشۈدىن تارتىۋېلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن.
شۇ جەرياندا ئۇ 1915 - يىلى قەشقەر كونىشەھەرگە ئامبال بولۇپ، كۆزىگە سىغمىغان ئۇيغۇرلارنى يوقىتىپ، پەقەت سېيت نوچىنى ئۆلتۈرۈشكە باھانە تاپالماي تۇرغاندا،مەزھەپ ئىختىلاپى تۈپەيلى ماتىتەي ئۇنى قەشقەردىن قوغلاپ چىقارغان. ياڭ ئۇنى يەنە ئەتىۋارلاپ، 1915 - يىلنىڭ ئاخىرى ئۇچتۇرپان ئامبىلى قىلىپ قويغان. سېيت نوچى 1915 - 1916 - يىلدىكى ئاقسۇ ۋە كورلا ساياھىتىدە شۇ جايلاردىكى مۇشتۇمزور لۈكچەكلەر ۋە ئۆكتەم ئەمەلدارلارنى ئەدەپلەپ خەلقنىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەن. ئۇنى ھېچكىم ئەيۋەشكە كەلتۈرۈشكە جۈرئەت قىلالمىغاندا، ئۇنى ياخشى بىلىدىغان ماشاۋۋۇ يالغان دوستلۇق ئىزھار قىلىپ، ئۇنى ئۇچتۇرپانغا چىللاپ ئەكەلگەن. ئوبدان كۈتۈپ، نەچچە ئاي ئەسكەر مەشقاۋۇلى قىلىپ كۆڭلىنى ئېلىپ، ئاخىرىدا سېيت نوچى قەشقەرگە قايتىپ كېتىشنى قارار قىلغاندا، ئۇنى يەنە تۇتۇپ قېلىشقا جۈرئەت قىلالماي، ئەينى ۋاقىتتىكى ئۆلۈم قالپىقى بولغان « توردىن چۈشۈپ قالغان گلاۋخۇيچى» دېگەن بەتنام بىلەن قارىلاپ، قەشقەرگە بارغان ھامان ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش توغرىلىق ماتىتەيگە خەت يېزىپ بەرگەن. ساددا سېيت نوچى بىر ھەپتە تەييارلىق قىلىپ، تېز يول يۈرۈپ، قەشقەرگە يېتىپ كەلگەن. ئۇ كېلىپلا بىر كۈن ئانىسى، ئاكىسى ۋە يۇرتداشلىرى بىلەن ھال - مۇڭ بولۇپ،
ھاردۇق چىقارغاندىن كېيىن قەشقەر ئامبىلى ماتىتەيگە ماشاۋۋۇنىڭ « ئامانەت خېتى» نى تاپشۇرغان. ماتىتەي خەتنى ئوقۇپ يايراپ كەتكەن. چۈنكى ساددا سېيت نوچى ئۆز ئۆلۈم خېتىنى ئۆزى ئېلىپ كەلگەنىدى. رەقىبى ماشاۋۋۇ بولسا نوچىنى ئۆلتۈرۈشكە باھانە تېپىپ بەرگەنىدى. ياڭ زېڭشىڭ 1913 - يىلى تۆمۈر خەلىپىنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، دەرھال ئىلىدىكى تەسلىم بولغان ھوقۇقدار خىتايلارنى ۋە گېلاۋخۇيچىلارنى تازىلاشقا باشلىغان. سېيت نوچى ئۆمرىدە كۆرۈپ باقمىغان خەخلەرنىڭ شايكىسى دەپ قارىلىنىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان. ۋەقەدىن خەۋەر تاپقان قەشقەر بۈيۈك مۇپتىسى ئابدۇقادىر داموللام سېيت نوچىنى قۇتقۇزۇپ قېلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ يەتكەچكە، سېيت نوچىغا « قەشقەر خەلقى » گە خىتاپ قىلىشنى بۇيرىغان. نوچى خەلققە ئابدۇقادىر  داموللام ئۆگەتكەن تەسىرلىك نەسىھەتنى جۈمەگە يىغىلغان ئاۋامغا ۋەسىيەت سۈپىتىدە تەقدىم قىلغان. جۈمە نامىزى ئوقۇلغاندىن كېيىن، سېيت نوچى ھېيتگاھ مەيدانىدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. نامىزىنى ئابدۇقادىر داموللام چۈشۈرگەن. بۇ قايغۇلۇق ۋە تراگېدىيىلىك ۋەقە ھىجىرىيە 1334 - يىلى شابان ئېيىنىڭ 22 - كۈنى، يەنى 1916 - يىلى 22 - ئىيۇن جۈمە، رامىزانغا بىر ھەپتە قالغاندا يۈز بەرگەن. كېيىنچە
ماشاۋۋۇ بۇيرۇق بويىچە 1924 - يىلى 31 - ماي تۇيۇقسىز بېسىپ كېلىپ، قەشقەرنى ئىشغال قىلىپ، 2 - ئىيۇن ماتىتەينى يېڭىشەھەر مەيدانىدا ئۆلتۈرۈپ، قەشقەرنىڭ دوتىيىگە ئايلانغان. 1924 - يىلى 14 - ئاۋغۇست قەشقەردىكى مىللىي ۋە دىنىي ئويغىتىش بايراقدارى، يېتۈك داھىي، كەسكىن ئىسلاھاتچى ئابدۇقادىر داموللاممۇ دەل مۇشۇ لەنىتى ماشاۋۋۇنىڭ بىۋاستە قول تىقىپ، پەردە ئارقىسىدىن كۈشكۈرتىشى بىلەن ئۆز ئۆيىدە شېھىت قىلىنغان. ماشاۋۋۇ، ياڭزېڭشىن، سوۋېت كونسۇلى، ئېنگلىزلار ، ۋەتەن خائىنلىرى ۋە يەرلىك مىللىي مۇناپىقلارنىڭ ۋەكىللىرى بولغان شاپتۇل داموللا، ئۆمەر باي، ئەھمەد مەزىن قاتارلىق كۆپ خىل ئىچكى ۋە تاشقى دۈشمەنلەرنىڭ ئورتاق سۇيقەست قىلىشى نەتىجىسىدە، 300 يىلدىن بېرى ئۇخلاۋاتقان ئۇيغۇر مىللىتىنى ئويغاتقان، مىللتىمىزنىڭ بۈگۈنگە ئۇلىشىشىغا ئاساس سالغان، ئىككى قېتىملىق جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ مەنىۋى ئۇلىنى قوپۇرۇپ، لاياقەتلىك ئىز باسارلارنى تەربىيلەپ يېتىشتۈرگەن داھىيمىز ئابدۇقادىر داموللام مانا مۇشۇنداق كۆپ خىل دۈشمەن كۈچلەرنىڭ ھەمكارلىقىدا قەستلەپ ئۆلتۈزۈلدى.

تارىخ تەكرارلانماقتا ! جاھالەت كۈچلىرى ھالا مىللىتىمىزنى كونا قاپقانغا قايتا دەسسىتىشكە ئۇرۇنماقتا !

2019 - يىلى 8 - ئاپرىل  دۈشەنبە