2020/11/25 05:41

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


ئۇيغۇر روھى 9-سان :تاھىر ئىمىن : ئىككى مۇھىم تەشەببۇس

يوللىغۇچى: Tahir Imin, 2020/06/19 10:38

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

Tahir Imin

ئۇيغۇر روھى : 9-سان: ئىككى مۇھىم تەشەببۇس

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان.

1-تەشەببۇس: ئامېرىكا-ئۇيغۇر دوسلۇق كۈنى تەشەببۇسى

تىرامپ «ئۇيغۇر قانۇنى»غا ئىمزا قويۇپ،رەسمى قانۇنغا ئايلانغان كۇنى-ئۇيغۇر -ئامېرىكا دوسلۇق خاتىرە كۇنىدۇر.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن كۆرسەتكەن ئ‍نسانى ياردىمىگە تەشەككۇر ئىيتىش ۋە ئىككى تەرەپ ۋە ئىككى خەلق ئوتتۇرسدىكى كەلگۈسى ھەمكارلىقنى كۇچەيتىش ئۈچۈن، ئامېرىكا پىرەزدىنتى دونالد تىرامپنىڭ «ئۇيغۇر ئ‍نسان ھەقلىرى سياسىتى قانۇنى»غا ئىمزا قويغان كۈنىنى -ئامېرىكا-ئۇيغۇر دوسلۇق خاتىرە كۈنى قىلىپ تەبرىكلەش -ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كەلگۇسى ئۈچۈن پايدىلىق ھەرىكەت بولۇپ قالغۇسى.«ئ‍ۇيغۇر قانۇنى »-ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن ئىنتايىن ئەھمىيەتلىكتۇر.ۋە بۇ قانۇن ماقۇللانغان كۇن-ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بۇگۇنكى زامان تارىخىدىكى ئۇنتۇلغۇسز مۇھىم كۇن بولۇپ قالغۇسدۇر.شۇڭا بۇ كۈنى-ئامېرىكا-ئۇيغۇر دوسلۇق كۇنى قىلىپ تەبرىكلەش مىللى مەنپەئىتىمىزگە ئۇيغۇن تەشەببۇس دەپ قارايمەن.
كۆپچىلىك بۇ كۇنى-تۇرلۇك ئۇسۇللار بىلەن ئامېرىكىغا بولغان مىننەتدارلىقى ۋە

2-ختتاي كومپارتىيەسنىڭ قۇرۇلغان كۇنى -«ختتاي ۋېرۇسىدا ئۆلگەنلەر خاتىرە كۈنى» قىلىپ تەبرىكلەش تەشەببۇسى:
ختتاي ۋېرۇسى دۇنيادا مىلىيونلىغان ئ‍نسانلارنى ھاياتىدىن ئايرىدى. ئ‍نسانىيەتكە ئېيتىپ تۇگەتكۇسز بالايى-ئاپەتلەرنى ئىلىپ كەلدى.
بۇ بالايى-ئاپەتلەرگە ختتاي كومپارتىيەسى جاۋاپكار بولۇپ، ختاينىڭ كېسەللىكنى قەستەن يوشۇرۇشى، ھەتتا ۋىرۇس ئ‍شلەپچىقىرىىپ تارقتىشى-دۇنيانى غەزەپلەندۇرمەكتە. لىكىن نۇرغۇن ئ‍نسانلار بۇنى ئۇنتۇپ قىلىشقا باشلىدى،ختتاي تەشۋىقات ۋە ياردەم ئارقىلىق ئۆز جىنايتىنى ياپماقچى، مەسئۇلىيەتتىن قاچماقچى بولدى. مۇشۇنداق پەيتتە،بىز بۇ ختتاي ۋىرۇسنى -ختتاينىڭ پشانىسغا مەڭگۇلۇك ئۇرۇىتىشىمىز كىرەك. ختتاينىڭ ئ‍نسانىيەتكە ،مەدەنىىيەتكە،ئەركىنلىككە تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئەسلتىدىغان مۇھىم بەلگە بولۇشى كىرەك.
ختتاي ۋېرۇسى بىلەن ئۆلگەن بىگۇناھ كىشلەرنى تۆۋەندىكى كۇنلەردە ياد ئېتىش بەك مۇھىم سياسى ئەھمىيەتكە ئىگە.

1-ھەر يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى:
شى جىن پىڭنىڭ تۇغۇلغان كۇنى (1953-يىلى،6-ئاينىڭ 15-كۈنى )
2-ھەر يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۇنى :
ختتاي كومپارتىيەسنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى كۇنى :(1921-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى)
3-ھەر يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۇنى
ختتاي خلق جۇمھۇرىيتىنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى كۇنى (1949-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى )

مەن بارلىق دوسلارنىڭ بۇ ئىككى تەشەببۇسقا تۇرلۇك شەكىللەردە ئاۋاز قوشۇشنى، ۋىدىئو، يازما، سۇرەت، لايىھە ئارقىلىق خاتىرىلىشنى ئۇمىد قىلىمەن.بۇ مىللىتىمىز ئۇچۇن خەيرلىك ھەرىكەتتىن ئىبارەت. قانچە كۆپ ھەرىكەت قىلساق شۇنچە كۆپ نەتىجىگە ئىرىشمىز. ئەگەر ھەممىمىز تەڭ ھەرىكەتكە ئ‍ۆتسەك،تېخىمۇ كۆپ كىشنى ھەرىكەتلەندۇرەلەيمىز.
ئەسلى ئىلان قىلىنغان ۋاقتى:14-ئىيۇن يەكشەنبە،ئىلان قىلىنغان ئادېرسى:https://www.facebook.com/1117218518/posts/10215981272500791/?d=n
يوۋ تۇب ئادېرسى:https://youtu.be/gK06ipAHLJA