2020/12/01 01:12

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


گوگۇلنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا شېرىك بولۇشىدىن « توۋا قىلىشى » غىچە بولغان تارىخ2

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2020/02/28 15:43

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى

يازمىنىڭ بېشى ( ئۇلىنىشى ) :

http://munber.iuyghur.com/index.php?topic=504.0

3 . گوگىل خۇاۋېي بىلەن ھەمكارلىقىنى توختاتتى :

2019 - يىلى 20 - ماي گوگۇل خۇاۋېينى ئاندرويىد بىلەن تەمىنلەشنى توختاتتى . بۇ خەۋەر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى خېلىلا خۇشال قىلدى . چۈنكى بۇ گوگۇل شىركىتىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئەڭ چوڭ توغرا قارارى ئىدى.

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سودا ئۇرۇشى داۋاملىشىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە دۇنياغا داڭلىق ئامېرىكا شىركىتى گوگىل ئامېرىكا پىرېزىدېنتى تىرامپنىڭ تەلىپى بويىچە خىتاينىڭ خۇۋاۋىي شىركىتى بىلەن بولغان يۇمشاق دېتال، قاتتىق دېتال ۋە تېخنىكا مۇلازىمىتى جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى توختاتتى.
 
بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا خۇۋاۋېي مەھسۇلاتى ئىشلەتكۈچىلەر Google Play ماگىزىنى، Gmail، ئىزدەش، گوگۇل ئالبومى، YouTube قاتارلىق بىر قاتار ئەپلەر ۋە مۇلازىمەتلەرنى قايتا
زىيارەت قىلالمايدۇ.
ئەڭ بىۋاستە تەسىرگە ئۇچىرايدىغان بىر تەرىپى بولسا، خۇاۋېي گوگىل ئاندرويد مەشغۇلات سىستېمىسىغا قارىتا يېڭىلاش ۋە زىيارەت قىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولىدۇ.  پەقەت ئوچۇق كودلۇق نۇسخىسىنى ئىشلىتەلەيدۇ. 

‏ TheVerge گۇگېل ئورگان تەرەپتىن بۇ ئىشنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلىدى .

گوگۇل تولۇق نەشىرىدىكى ئاندرويدنى خۇاۋېيغا تەمىنلەشنى توختاتقانلىق خەۋىرى تارقالغاندىن بۇيان، خۇاۋېي ئۆزى ياساۋاتقان خۇڭ مېڭ 鸿蒙 سىستېمىسى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى ئاندىرويىدنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇردىغان سىستېما دەپ قارىدى ، ھەتتا ئاندىرويىدنى ئۈزۈل - كېسىل شاللىۋېتىشنى ئۈمىد قىلدى ، لېكىن بۇ خۇاۋېينىڭ پىلانى ئەمەس .

خۇاۋېينىڭ مۇدىرى ۋە ئالىي دەرىجىلىك مۇئاۋىن لىدىرى چېن لىفاڭ بۈگۈن زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا ، خۇاۋېينىڭ خۇڭمېڭ مەشغۇلات سىستېمىسى يانفون ئۈچۈن لايىھەلەنمىگەن ، خۇاۋېي يانفونى داۋاملىق گوگۇلنىڭ ئاندىرويىد مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىدۇ دېدى.
چېن لىفاڭ يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى : يېقىندا رەسمىي تاپشۇرغان خۇڭمېڭ مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ تاۋار ماركىسى ئاساسلىقى سانائەتتە ئىشلىتىلىدۇ.

خۇاۋېينىڭ لىدېرى لياڭ خۇا ئىلگىرى مۇنداق دېگەن: خۇڭمېڭ نەرسە تورى ئۈچۈن لايھىلەنگەن مەشغۇلات سىستېمىسى بولۇپ ، ئاساسلىقى ئاپتوماتىك ھەيدەش ، يىراق مۇساپىلىك داۋالاش قاتارلىق ساھەلەرگە ئىشلىتىلىدۇ، ئامېرىكا خۇاۋېينى ئاندىرويىد ئىشلىتىشكە يول قويمىسا، خۇڭمېڭ سىستېمىسنى يانفون ساھەسىگە تەرەققىي قىلدۇرۇلدىغانلىقى تېخى جەزملەشمىدى.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: خۇاۋېي يانفونى يەنىلا ئېچىۋېتىلگەن ئاندىرويىد سىستېمىسى ۋە ئېكولوگىيەسىنى ئالدىنقى تاللاش قىلىدۇ.
ئۇنىڭدىن ئىلگىرى  رېن جېڭفېي چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ، خۇڭمېڭ سىستېمىسىنىڭ پەيدا بولۇشى يانفون ئۈچۈن ئەمەس ، بەلكى نەرسە تورى ئۈچۈن بولۇپ ، ئۇنى 5 مىللىسېكۇنت ئىچىدە كونترول قىلغىلى ، ھەتتا مىللىسېكۇنت دەرىجىسىدىن دەقىقە دەرىجىسىگىچە كونترول قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان .

گوگۇلنىڭ خۇاۋېينى ئاندرويد بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىشىنىڭ سەۋەبى ۋە ئەكس تەسىرى :

ئاندرويد سېستىمىسى ئىشلىتىدىغان خۇاۋېي يانفونى، گوگۇل مۇلازىمىتىنى ئىشىلتىشتىن توختىتىلىدۇ.
رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارلىشىچە، گوگۇل ئانا شىركىتى Alphabet تېرامپنىڭ تەلىپى بويىچە، خۇاۋېي بىلەن مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ۋە مۇلازىمەت، قاتتىق دېتال، يۇمشاق دېتال ۋە تېخنىكا مۇلازىمەتلىرىنى توختاتتى. بۇ گوگىل قارمىقىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون مەشغۇلات سىستېمىسى: ئاندىرويىد ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
  ئەڭ بىۋاستە تەسىرگە ئۇچىرايدىغان بىر تەرىپى بولسا، خۇاۋېي گوگىل ئاندرويد مەشغۇلات سىستېمىسىغا قارىتا يېڭىلاش ۋە زىيارەت قىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولىدۇ.  پەقەت ئوچۇق كودلۇق نۇسخىسىنى ئىشلىتەلەيدۇ.  Google Play ماگىزىنى، Gmail، خەرىتە، YouTube قاتارلىق ئەپ ۋە مۇلازىمەتلىرىنىمۇ قايتا ئىشلىتەلمەيدۇ. بۇنى چەت ئەلدىكى خۇاۋېي تېلېفون ئابونتلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىر كېچىدىلا يان تېلېفون پالەچ بولۇپ قالدى دېسەكمۇ بولىدۇ.  لېكىن بۇ بەلكىم تېخىمۇ يامان تەسىرنىڭ باشلىنىشى بولۇشى مۇمكىن.  خۇاۋېي يەتتە يىل بۇرۇن تەييارلىق قىلىۋاتقان« زاپاس چاق» مەشغۇلات سىستېمىسى ھازىر ئوخشاشلا بىر كېچىدە رەسمىيلىشىشكە دۇچ كەلدى. 

گوگىل مۇلازىمىتى ئىشلىتىشنى چەكلەش

5-ئاينىڭ 15-كۈنى، تىرامپ مەمۇرىي بۇيرۇققا ئىمزا قويۇپ، ئامېرىكىنىڭ جىددىي ھالەتكە كىرىشىنى تەلەپ قىلدى، ئامېرىكا كارخانىلىرى دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان كارخانىلار ئىشلەپچىقارغان تېلېگراف ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەتسە بولمايدۇ.
  يەنە تېخى، بىر تەرەپتىن ئامېرىكا كارخانىلىرى ئىشلەتسە بولمايدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ئېمبارگو يۈرگۈزۈشتىن دېرەك بېرىدۇ
  كىمگە قارىتىلغان؟  خۇاۋېيغا .
  بۇنىڭدىن بۇرۇن، خۇاۋىي بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۆزەك قاتارلىق يادرولۇق كەسىپ قاتلىمىدا كۆپ يىللىق زاپاس چاقى «خەيسى (海思)» نى بىر كېچىدە رەسمىيلەشتۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ ئۆزەك جەھەتتە بوينىنى قىسىشىغا يول قويمىغانىدى.
  لېكىن ئويلىمىغان يەردىن تىرامپ يەنە، ئۆزەك بولۇپلا قالماستىن، يەنە قاتتىق دېتال، يۇمشاق دېتال ۋە مۇلازىمەت قاتارلىقلاردىن قول سېلىۋاتىدۇ.
  ھازىر، گۇگېل ئىمبارگو(توشۇشنى چەكلەش) يۈرگۈزۈپ، ئاندرويىدنى جىددىيچىلىك ئورۇۋالدى. 

تەسىرى

ئاندرويد ئوچۇق مەنبەلىك تۈرگە تەۋە بولغاچقا، نۆۋەتتە تېخى ئىشلىتىش چەكلەنگەن مەشغۇلات سىستېمىسى ئەمەس.

  لېكىن يېڭىلاش ھوقۇقى قاتارلىقلار كېسىۋېتىلگەن بولۇپ، خۇاۋېي پەقەت ئوچۇق مەنبەلىك نۇسخىسى يېڭىلانغاندىن كېيىن ئاندىن ئاندرويىدنىڭ بىخەتەرلىك جەھەتتىكى مۇھىم يېڭىلىنىشلارنى يېڭىلىيالايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى خۇاۋېي بىلەن ئاندرويد تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق سىستېما زاكاز قىلغان بولۇپ، ھازىرچە كونكرېت تەسىرى ئېنىق ئەمەس ئىدى. ھالبۇكى، خۇاۋېي تېلېفونىنىڭ چەتئەلدىكى ئىشلەتكۈچىلىرى بىۋاسىتە تەسىرگە ئۇچرايدۇ. چەتئەلدىكى سېتىلىش مىقدارى ئوخشاشلا كۈچلۈك بولغان خۇاۋېي تېلېفونىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، گوگىل مۇلازىمىتىنىڭ بىر كېچىدىلا ئۈزۈلۈپ قېلىشى، چەتئەلدىكى ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ تېلىفونى تېزلا پالەچ بولۇپ قالدۇ.

‏  Google Play ماگىزىنى، Gmail، ئىزدەش، گوگۇل ئالبومى، YouTube قاتارلىق بىر قاتار ئەپلەر ۋە مۇلازىمەتلەرنى قايتا زىيارەت قىلغىلى بولمايدۇ.  TheVerge گۇگېل ئورگان تەرەپتىن بۇ ئىشنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلىدى.

نۆۋەتتە، خۇاۋېي پەقەت Android نىڭ ئاشكارا نۇسخىسىنىلا ئىشلىتەلەيدۇ، ئەمما گوگىلنىڭ مەخسۇس ئەپلىرىنى ۋە مۇلازىمىتىنى زىيارەت قىلالمايدۇ. دېمەك، خۇاۋېينىڭ كېيىنكى نۇسخىدىكى Android يانفونىغا Google ئەپلىرىنى قاچىلاش مۇمكىن ئەمەس. تەسىرى تېخىمۇ چوڭ بولغىنى خۇاۋېي GMS كېلىشىمى ئىشلىتىشنى چەكلەش، چەتئەلدە سېتىلىۋاتقان Android يانفونلىرى GMSنىڭ ئۇقتۇرۇش يوللىشى، ئابونتلار سانلىق مەلۇمات بۇلۇت ساقلاش قاتارلىق مۇلازىمەتلىرىنى تەمىنلەشكە بېقىنىدۇ.

  چۈنكى بۇ مۇلازىمەتلەر ئوچۇق مەنبە ئىجازەتنامىسى دائىرىسىدە ئەمەس، بۇ جەھەتتىن Google بىلەن سودا كېلىشىمى تۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ. لېكىن Android سىستېمىسىنىڭ ئۆزىنى يەنە داۋاملىق ئىشلىتەلەيدۇ، خۇاۋېي Android نىڭ ئوچۇق مەنبەلىك تۈرى ئارقىلىق داۋاملىق Android مەشغۇلات سىستېمىسىنى ھەقسىز ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشەلەيدۇ. 

خۇاۋېينىڭ مۇئاۋىن باش مۇدىرى شۈ جىجۈن بۇ يىل 3-ئايدا رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: « مەيلى قانداق ئىش يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، Android مەھەللىسىدە ھەر قانداق شىركەتنىڭ ئوچۇق مەنبە ئىجازەتنامىسىنى زىيارەت قىلىشىنى توسۇشقا قانۇنلۇق ھوقۇقى يوق »

  بۇ ئىش خىتاي بازىرىغا ناھايىتى ئاز تەسىر كۆرسىتىدۇ، چۈنكى خىتايدا سېتىلىۋاتقان Android يانفونىدا گوگىل مۇلازىمىتى ۋە ئەپلىرىنى ئىشلىتىش ھاجەتسىز، بۇنىڭ ئۈچۈن باشقا ئالماشتۇرما نەرسىلەر بار. ئەمما ياۋروپادا سېتىلىۋاتقان خۇاۋېي يانفونلىرى گوگۇلنىڭ ھوقۇقىغا ئېرىشەلمەيدۇ.  ياۋروپامۇ خۇاۋېينىڭ ئىككىنچى چوڭ بازىرى بولۇپ، بۇنىڭلىق بىلەن ئېغىر زەربىگە ئۇچرىشى مۇمكىن.  يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا خۇاۋېي تېلېفونلىرىنىڭ خەلقئارالىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ياۋروپا شەھەرلىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. 
   
چەتئەللىك تورداشلار بۇ توغىرىسىدا سۆزلەپ:
بۇ مەلۇم دەرىجىدە ئالما ۋە باشقا يانفون زاۋۇتلىرىغا پايدىلىق، خۇاۋېي يانفونلىرىنىڭ فوتو ئاپپارات سەۋىيەسى باشقا رىقابەتچىلىرىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەنتى، ئەگەر خۇاۋېينىڭ گوگىل مۇلازىمىتى ئىشلىتىلىشى مەنئى قىلىنسا ، باشقا زاۋۇتلارغا ئارام ئېلىۋېلىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ.

  بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئۈچۈن خۇاۋېينىڭ ئامېرىكىدا سېتىشىنى چەكلەش بۇ بىر ئىش، ئەمما ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خۇاۋېي بىلەن ھەمكارلىشىشىنى چەكلەپ قويۇش، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ رىقابەت كۈچىنى تۆۋەنلىتىدۇ

ھەتتا، خۇاۋېي نۆۋەتتە سېتىلىۋاتقان يانفونلارمۇ چەكلەش بۇيرۇقىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى مۇمكىن.  گەرچە ھازىر خۇاۋېي يانفون ئابونتلىرىنىڭ Google Play دۇكىنىنى زىيارەت قىلىش ھوقۇقى بار، ھەمدە يەنىلا گوگىل تەمىنلىگەن ئەپلەرنى چۈشۈرۈپ يېڭىلالايدۇ. لېكىن بۇ ئەپلەر مەشغۇلات سىستېمىسىغا ئوخشىمايدۇ، ئۇلارنىڭ يېڭىلىنىشىغا ئادەتتە يانفون سودىگەرلىرى ۋە تېلېگراف شىركەتلىرى مەسئۇل بولىدۇ، خۇاۋېي ئامېرىكا تەرىپىدىن قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلسە بۇ يېڭىلاشلارغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. 

خۇاۋېينىڭ زاپاس سىستېمىسى

لېكىن بۇ خۇاۋېينى يىقىتالمايدۇ.
  خۇاۋىي ئىستېمالچىلار كەسپىنىڭ باش لىدىرى يۈ چېڭدۇڭ، بۇرۇن گەپ قىلىپ:  بىز ئۆزىمىزنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسىنى تەييارلاپ بولدۇق.  ئەگەر بۇ سېستىمىلارنى داۋاملىق ئىشلەتكىلى بولمىسا بىز B پىلاننى باشلاشقا تەييارلىق قىلىمىز.

  يۈ چېڭدۇڭ تەكىتلەپ يەنە مۇنداق دېدى: « خۇاۋېي ھەقىقەتەن زاپاس سىستېمىسى بار، لېكىن پەقەت زۆرۈر ئەھۋالدا ئىشلىتىلىدۇ.  راستىنى ئېيتقاندا، بىزنىڭ ئىشلەتكىمىز يوق. »
ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ زاپاس سىستېمىمۇ رېن جېڭفىينىڭ كۆپ يىل ئىلگىرى سۇ كەلگۈچە توغان سالغانلىقىنىڭ نەتىجىسى
  بىزنىڭ ھازىرقى تېرمىنال مەشغۇلات سىستېمىمىز ئىستىراتىگىيەنى چىقىش قىلغان بولۇپ، ئەگەر ئۇلار تۇيۇقسىز بىزنىڭ ئاشلىقلىرىمىزنى ئۈزىۋەتسە، Android سىستېمىسىنى ماڭا ئىشلەتكىلى قويمايدۇ، Windows Phone 8 نىمۇ ئىشلەتكىلى قويمايدۇ، بۇنداق بولسا بىز ئەخمەق بولغان بولمامدۇق؟  .... بىزنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسى ياسىشىمىز، ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆزەك ياسىشىمىز بىلەن ئوخشاش قائىدە. ئاساسلىقى باشقىلارنىڭ بىزنىڭ ئىشلىتىشىمىزگە قوشۇلۇشى، لېكىن بۇ بىزنىڭ ئاشلىقىمىزنى ئۈزۈش بولالمايدۇ.  ئاشلىقىمىز ئۈزۈلۈپ قالغاندا، زاپاس سېستىما لازىم بولىدۇ.
ھازىر، رېن جېڭفېينىڭ غېمى رېئاللىققا ئايلاندى.

4 . گوگۇلنىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن ئون يىل كېيىنكى كېچىكىپ چىقىرىغان توغرا قارارى :

گۇگۇل شىركىتى خىتايغا «ئۇچار ئەجدىھا» يۇمتالى ئىشلەپ بېرىشنى توختىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

خىتاي دائىرىلىرى خەلقئارا تور بېكەتلىرىگە قارىتىلغان قامال قىلىشنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى «فېيىسبوك»، «يوۇتۇبە» «تۋىتتېىر» قاتارلىق ئاممىۋى تور بېكەتلىرىنىڭ خىتايدىكى مۇلازىمىتىنى تاقىغان ۋە كۆپلىگەن خەلقئارا ئاگېنتلىقلارنىڭ خىتايدىكى تور بېكەتلىرىنى چەكلىگەن ئىدى.

«خەلقئارا تىبەت تورى» نىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 19-ئىيۇن كۈنى گۇگۇلنىڭ سان-فرانسىسكودىكى باش شىركىتىدە ئېچىلغان پايچىلار يىغىنىدا گۇگۇل شىركىتىنىڭ باش لېدىرى كېنت ۋالكېر مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، خىتايغا «ئۇچار ئەجدىھا» يۇمتالىنى ئىشلەپ بېرىش پىلاننىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2019 - يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى سان-فرانسىسكودىكى گۇگۇل شىركىتىنىڭ باش شتابىدا يىغىن ئېچىلىۋاتقان مەزگىلدە چەتئەللەردىكى خىتايغا قارشى ئۆكتىچى تەشكىلاتلاردىن ئەركىن تىبەت تورى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە خەلقئارا ئىستېمالچىلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ چاقىرىقى بىلەن ئامېرىكانىڭ سان-فارانسىسكو، نيو-يورك، كانادانىڭ تورۇنتو، فرانسىيەنىڭ پارىژ، ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي قاتارلىق شەھەرلەردىكى گۇگۇل شىركەتلىرىنىڭ ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن.

19-ئىيۇن كۈنى چۈشتىن كېيىن كانادانىڭ تورۇنتو شەھىرىدىكى گۇگۇل شىركىتىنىڭ ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر نارازىلىق پائالىيىتىگە كانادادىكى ئەركىن تىبەت ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتى، كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى ۋە خىتاي دېموكراتلىرى ۋەكىللىرىدىن خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شېڭ شۆ خانىم شۇنىڭدەك بىر قىسىم پائالىيەتچىلەر قاتناشقان.

كانادادىكى «ئەركىن تىبەت ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتى» مەسئۇلى سونام تسو نامايىش مەيدانىدا گۇگۇل شىركىتى خىتاي ئۈچۈن ياساپ بېرىۋاتقان «ئۇچار ئەجدىھا» يۇمتالىنىڭ يامان ئاقىۋىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، نۇتۇق سۆزلىگەن.

ئۇ سۆزىدە گۇگۇل شىركىتىنى «خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ قول چومىقىغا ئايلىنىپ قالماسلىق» قا چاقىرغان. ئۇ يەنە ئەگەر گۇگۇل شىركىتى خىتاينىڭ تەلىپى بويىچە «ئۇچار ئەجدىھا» يۇمتالىنى ئىشلەپ بازارغا سالسا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى پىكىر ئېقىمىدىكىلەرنى نازارەت قىلىش، تۇتقۇن قىلىش، ھەتتا چېگرا ئاتلاپ چەتئەللەردە خىتايغا قارشى پائالىيەتتە بولۇۋاتقان تىبەت، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە ئۆكتىچىلەرگە قول سوزۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يۇمتالدىن پايدىلىنىپ، ئۆكتىچىلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى توپلايدىغانلىقى، ئۇلارغا ھەر خىل جىنايى بەتناملارنى ئارتىپ ئۇلارنى چېگرا ئاتلاپ تۇتقۇن قىلىشى ئۈچۈن ئاسانلىق يارىتىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ يەنە بۇنىڭ پۈتكۈل يەر شارىدىكى ئىنسانلارنىڭ ئىنتېرنېت تورىدىكى ئەركىن ئالاقىسىغا تەھدىت خاراكتېرلىك يامان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.

كانادادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تۇيغۇن ئابدۇۋېلى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، گۇگۇلنىڭ كانادادىكى شىركىتىنىڭ ئالدىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان نارازىلىق نامايىشى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇ بۇ قېتىمقى نارازىلىق نامايىشىنى ئەركىن تىبەت تورى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن كانادادىكى ئەركىن تىبەت ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتىنىڭ تەشكىللىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

كانادادىكى خىتاي دېموكراتلىرىدىن خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شېڭ شۆ خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى ۋە بۇ قېتىم ئۆزلىرى ئېلىپ بېرىۋاتقان نارازىلىق پائالىيىتى ھەمدە ئۇنىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختالدى.

ئىلگىرىكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، گۇگۇل شىركىتىنىڭ خىتاي ئىچىدە گۇگۇل ماتورى ئارقىلىق ئىزدەش تېخنىكىسىغا ياردەم بېرىدىغان «ئۇچار ئەجدىھا» يۇمتالىنى ياساش پىلانى 2018-يىلىنىڭ 7-ۋە 8-ئاي مەزگىللىرىدە ئاشكارىلانغان. گۇگۇل تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2018-يىل 9-ئاينىڭ 27-كۈنى گۇگۇلنىڭ كېيس ئەنرايت ئىسىملىك بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى گۇگۇل شىركىتىنىڭ 2017-يىل ئەتىيازدىن باشلاپ مەزكۇر پىلان ھەققىدە ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇلتۇردىن بۇيانقى خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىدە يەنە گۇگۇلنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بىر قىسىم خىزمەتچىلەر مەزكۇر پىلانغا نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن.

چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خىتاي دېموكراتچىلىرىنىڭ تەشكىلاتلىرى، خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىمۇ نارازىلىق باياناتلار ئېلان قىلىپ، گۇگۇل شىركىتىنى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلاشماسلىققا چاقىرغان. ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە بىر قىسىم ئەمەلدارلارمۇ 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ گۇگۇل شىركىتىنى ئاگاھلاندۇرغان. «تىبەت ئاۋازى» تورىنىڭ 2018-يىل 12-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى خەۋىرىدە گۇگۇل شىركىتىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ نارازىلىقى سەۋەبىدىن مەزكۇر پىلاننىڭ ۋاقتىنچە توختىتىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

5  . خىتاينىڭ «ياغاچ ئات» ناملىق ۋىرۇسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغانلىقى ئاشكارىلاندى

گوگۇل شىركىتى يېقىندا «ياغاچ ئات» ناملىق مەخسۇس ئايفون قوللانغۇچى ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان بىر خىتاي جاسۇسلۇق ۋىرۇسىنى بايقىغان.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گوگۇل شىركىتى بۇ ۋىرۇسنىڭ بەزى زىيانلىق تور بەتلىرىگە يوشۇرۇنغانلىقى، ئۇنىڭ بۇ تور بەتلىرىگە كىرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئايفونىغا يۇقۇپ، ئايفوندىكى سانلىق ئۇچۇرلارنى ئوغرىلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ ئۇچۇرنى ئامېرىكادىكى «فوربېس» ۋە «تەك كرانچ» ناملىق بىر تېخنىكا تورى ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرىدىكى خەۋىرىدە ئاشكارىلىغان. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ جاسۇسلۇق ۋىرۇسى مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ ئايفونىغا يۇقىدىكەن. خەۋەردە بۇ ۋىرۇسنىڭ ئايفون ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئايفوندىكى مەۋجۇت بىخەتەرلىك بوشلۇقىدىن پايدىلىنىپ، ئايفون ئىشلەتكۈچىنىڭ سۈرەت، ۋاتسئاپ، تېلېگرامما، ئايمەساج قاتارلىق ئالاقە يۇمتاللىرىدىكى ئۇچۇرلىرىنى شۇنداقلا ئىشلەتكۈچىنىڭ ئورنى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئوغرىلىغان بولۇشى مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەردە تەكىتلىنىشىچە، گوگۇل شىركىتىدىكى مۇتەخەسسىسلەر بۇ ۋىرۇسنى بايقاپ، ئەھۋالنى «ئالما» شىركىتىگە مەلۇم قىلغان. «ئالما» بۇ يىل 2‏-ئايدا بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئايفوندىكى بۇ بوشلۇقنى ئېتىۋەتكەن. لېكىن گوگۇل شىركىتى ئايفون ئىشلەتكۈچى قانچە ئۇيغۇرنىڭ ۋە كونكرېت قايسى ئابونتلارنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، گوگۇل شىركىتى ئۆتكەن ھەپتە بۇنىڭغا دائىر بەزى تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا پەقەت «‹بەزى ئىجتىمائىي توپلار› نىڭ ئايفون سانلىق ئۇچۇرى ئوغرىلانغان بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر ئابونت يۇقۇملانغان بىرەر تور بېكىتىگە كىرگەن بولسا، ئۇ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلانغان بولۇشى ۋە ھۇجۇمدا ھەر ھەپتىسى نەچچە مىڭ ئابونت تەسىرگە ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىن،» دېيىلگەن.

«فوربېس» ژۇرنىلىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، «ئالما» شىركىتىنىڭ ئايفونى بۇ ۋىرۇسنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولۇپلا قالماي، گوگۇلنىڭ ئاندروئىد سىستېمىسى ۋە مىكروسوفتنىڭ windows سىستېمىسىنى ئورناتقان كومپيۇتېرلارمۇ بۇ ۋىرۇسنىڭ ھۇجۇم نىشانى ئىكەن.

خاتىمە :

خۇلاسە قىلغاندا 2006 - يىلدىن بېرى خىتايغا كىرگەن گوگۇل شىركىتى گەرچە 2009 - يىلدىكى ئۈرۈمچى قەتلىئامىدىن كېيىن بىر مەزگىل « يامانغا يانتاياق بولماسلىق » شوئارى جاكارلاپ  ، 2010 - يىلى مارتتا خىتايدىن چېكىنىپ خوڭكۇڭغا يەرلەشكەن بولسىمۇ ، بىراق بەش يىل بولمايلا پۇلنىڭ ۋە خىتايدىن كېلىدىغان مەنپەئەتنىڭ قۇلى بولۇشنى تاللاپ،
2015 - يىلى كۈزدىن باشلاپ خىتايغا قايتىپ كەلگەن . ئەمما گوگۇلنىڭ خىتاي تەرەپ بىلەن ھەمكارلىشىپ ، ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان خەلقىمىزنى 2017 - يىلدىن باشلاپ قاتتىق باستۇرۇپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىشتىكى تارىخىي سۇيقەستلىرىگە پائال ماسلىشىپ، خىتاينى ھەر خىل تېخنىكىلار ۋە شەخسىي ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگەن جىنايەتلىرى 2018 - يىلدىكى ئامېرىكا - خىتاي سودا ئۇرۇشى نەتىجىسىدە ئارقا - ئارقىدىن پاش بولۇشقا باشلىغاندىن كېيىن ، گوگۇل شىركىتى قاتتىق شەرمەندە بولۇشقا باشلىغان . مۇھاجىرەتتىكى غەزەپلەنگەن خەلقىمىز شىركەتنىڭ بۇ تارىخىي شەرمەندىچىلىكلىرىگە قارشى كۈچلۈك نارازىلىق ھەرىكىتى قوزغىغان . ئۇ ھەرىكەتلەرنىڭ بىر قىسمى يۇقىرىقى خەۋەرلەردە بېرىلدى .

ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر مىسال : 2018 - يىلى 12 - ئايدا گوگۇل شىركىتى ئامېرىكا ئەدىلىيە ئاپپاراتى تەرىپىدىن سوراق قىلىنىۋاتقاندا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنى قۇرۇپ ، ئۇيغۇر - خىتاي ئاخبارات ئۇرۇشىنى قوزغاپ يۇقىرى پەللىگە چىقارغان تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان قېرىندىشىم نەخ مەيدانغا « خىتاي بايرىقى بىلەن بويالغان گوگۇل لەۋھەسى » نى كۆتۈرۈپ بۆسۈپ كىرگەن . بۇ بىر پارچە رەسىمدە مەقسەت - مۇددىئا شۇنداق جانلىق ئەكس ئەتكەن بولۇپ، كۆپلىگەن دۇنياۋى مېدىيالار بۇنى كەڭ تارقاتقان ئىدى .

شۇنداق قىلىپ ، 2018 - يىلىدىن باشلاپ شەرمەندە بولۇشقا باشلىغان گوگۇل شىركىتى 2019 - يىلىدىن باشلاپ خىتايغا قارشى قاتتىق قوللۇق قىلىشقا مەجبۇر بولۇشقا باشلىغان . بۇ خىل « قىلمىشىدىن خىجىللىق ھېس قىلىش تۇيغۇسى » 2020 - يىلى 26 - فېۋرال گوگۇل شىركىتىنىڭ تەنتەنە بىلەن « گوگۇل تەرجىمان » غا ئۇيغۇر تىلىنى كىرگۈزۈپ ، ئۇنىڭدىكى دۇنياۋى تىللارنىڭ سانىنى 108 گە يەتكۈزگەن.

دېمەك ، دوستۇم خالمۇراتنىڭ تەرىپى بويىچە ئېيتقاندا « دۇنيادا 195 مۇستەقىل دۆلەت بار، گوگىل تەرجىماندا بولسا 108 تىل بار، ئۇنىڭ بىرى ئۇيغۇرچە ❤️ » بولۇپ ، بۇ توغرا مەشغۇلات خىتايدا ئۇيغۇر تىلى چەكلەنگەن، ئۇيغۇرچە كىتاپلار يىغىۋېلىنىپ،يازغۇچىلار تۈرمىلەرگە قامالغان بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى 2016-يىلى كۈزدە ھۆججەت چىقىرىپ، ئۇيغۇر تىلىنى مائارىپ ساھەسىدىن پۈتۈنلەي چەكلىگەن ئىدى. 2017 - يىلى سېنتەبىردىن باشلاپ ، ئۇيغۇر تىلى ئۆز ۋەتىنىدە خۇددى ئۆزى خەلقىگە ئوخشاشلا « تۇتقۇن » غا ئايلانغان . ئەمما مۇھاجىرەتتىكى ئانا تىل سۆيگۈسى كۈچلۈك پىداكار ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ ۋە جەسۇر خانىم - قىزلىرىمىزنىڭ غايەت زور تىرىشچانلىقى ئاستىدا ئۇيغۇر تىلىمىز « چەتئەلدە قاچقۇن ۋە تاشلاندۇق تىل » غا ئايلىنىپ قېلىش خەۋپىدىن قۇتۇلغانىدى .
21 - قېتىملىق ئانا تىل كۈنى ھارپىسىدا « ئىمان گوش » ناملىق بىر مەخلۇق ئۇيغۇر تىلىنى 2020 - يىللىق تىزىملىكتىن چىقىرىۋەتكەن . يەنى ، تارىخىي تەرتىپ بويىچە ھېساپلىغاندا
2010- يىلى 94، 2019- يىلى 89- ئورۇندىكى ئۇيغۇرتىلىنى ، بەتبەخت (Iman Ghosh)ئىمان گوش2020 -يىلى يوققا چىقىرىۋەتكەن .
ئەسلى ئۇلىنىش ئادرېسلىرى  :

https://en.wikipedia.org/wiki/List_of_languages_by_number_of_native_speakers

https://www.visualcapitalist.com/100-most-spoken-languages/?fbclid=IwAR1bn-bFdyt9BcOde8qZZsswK3GXyu3LLQr1ftOG6kgiyiJPDgZao2HtyMs

2020 - يىلى 20 - فېۋرال ، يەنى 21 - قېتىملىق خەلقئارا ئانا تىلى كۈنى ھارپىسى مەن بۇ خەۋەردىن قاتتىق بىئارام بولدۇم . چوڭقر ئويلىغانسىرى تېخىمۇ غەزەپلىنىپ ، ئاۋۇ « پىشماس گوشباش » قا رەددىيە بېرىشىمنى ياكى ۋەتەندىكى مىللىي مەۋجۇتلۇقىمىزنى ھەر كۈنى ھالاكەتكە قىستاۋاتقان ئەشەددىي ئىشغالچى باندىتلار بىلەن مۇھاجىرەتتىكى تېخىچە كىملىك ۋە مەۋجۇتلۇق كىرىزىسىنى ھېس قىلىمىغان نادان قېرىنداشلىرىمنىڭ پاتاڭلىرىدىن سىلكىپ ياقىسىنى بوغۇشۇمنى بىلمەيلا قالغان ئىدىم . بەختكە يارىشا 26 - فېۋرال گوگۇل شىركىتى يۇقىرىقى خۇش خەۋىرى ئارقىلىق بىئاراملىقنى قىسمەن يوق قىلدى . ھازىر دۇنيادا 200 گە يېقىن مۇستەقىل دۆلەت ، 2000 دەك ھەر خىل تىللار بار . ئەمما ئۇيغۇر تىلىمىز 2010 - يىلى دۇنيادا 94 - ئورۇننى قولدىن بەرمىگەن بولسا ، 2019 - يىلى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ 89 - ئورۇنغا كەلگەن .
دېمەك ، دۇنيادىكى « ئەڭ چوڭ دۆلەتسىز مىللەت - ئۇيغۇرلار » ( كۇردلار دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ دۆلەتسىز مىللەت ) گەرچە 70 يىلدىن بېرى دۆلىتىدىن مەھرۇم قالغان بولسىمۇ ، بىراق مۆجىزىلەرچە ئانا تىلىنى ۋە ئۇنىڭ ئەدەبىي تىلدىكى جانلىق ئىپادىسى بولغان « خاقانىيە يېزىقى » نى شۇ پېتى ساقلاپ كېلىپ ، ئۇيغۇر تىلىنى دۇنيادىكى 195 دۆلەت خەلقى ئىچىدە 89 - ئورۇندا ساقلاپ كەلمەكتە .

ئانا تىلىمىزنى قوغداشنى ئالدى بىلەن ئۆزىمىز ۋە ئائىلىمىزدىن باشلاپ ، ئاندىن ئۇنى تېزدىن مائارىپ ۋە تەلىم - تەربىيە ساھەسىدە قايتا ئومۇملاشتۇرۇپ ، ئاخىرىدا ئانا تىلىمىزنى دۇنياۋى تىللار قاتارىدىن ئورۇن ئالدۇرۇپ، سىياسەت ۋە دىپلوماتىيە ئىشلىرىدا كەم بولسا بولمايدىغان تىللاردىن بىرى قىلىپ ئېتىراپ قىلدۇرۇش ئۈچۈن كۈچىشىمىز كېرەك . ئەمما ۋەتەندىكى خەلقىمىز بىلەن بولغان پەرقىمىزنى زورايتىش ئۈچۈن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئانا تىلىمىزنى « تۈركلەشتۈرۈش » ،
« خىتايلاشتۇرۇش » ، « ئەبجەشلەشتۈرۈش» قاتارلىق شالغۇتلاشتۇرۇش سۇيقەستلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك. ۋەتەندىكى خەلقىمىز بىلەن پەرق پەيدا قىلىپ ، كېيىنكى ئىشلارغا توسالغۇ پەيدا قىلىدىغان ھاياجانلىق چاقىرىقلارغا پەرۋا قىلماسلىق كېرەك ! بۇ كەمگىچە يوقاتقىنىمىز يېتەرلىك ! ئەمدى قولىمىزدا قالغاننى چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك ! ھەر قانداق ئىسلاھاتنىڭ ۋاختى بولىدۇ ! كەڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر خەلقىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئەمەس ، ئەكسىچە تېخىمۇ بۆلۈنمە ھالەتتىكى ئۇششاق گۇرۇھلارغا ۋە ئېقىملارغا پارچىلىۋېتىشقا سەۋەپ بولىدىغان بارلىق ئاتالمىش ئىسلاھاتلار ، ئىسلاھات ماركىسى بىلەن بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئۇرۇنۇشلىرى ھامان مەغلۇپ بولىدۇ ! بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلارنى ئانا تىلىنى قوغداش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت قولىدىن كەلگىنىچە ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىق قىلىمىز! ئانا تىلنى قوغدىغانلىق مىللىي مەۋجۇتلۇقىمىز ۋە مىللىي كىملىكىمىزنى قوغدىغانلىق ! ئانا تىلنى قوغدىغانلىق دىنىمىزنى قوغدىغانلىق ! ئانا تىلنى قوغدىغانلىق ئۆزگىچە مىللىي مەدەنىيىتىمىزنى قوغدىغانلىق ! ئانا تىلنى قوغدىغانلىق ئۆرپ - ئادەتلىرىمىزنى قوغدىغانلىق ! ئانا تىلنى قوغدىغانلىق تارىخىمىزنى ۋە ئەخلاقىمىزنى قوغدىغانلىق ! قىسقىسى ئانا تىلنى قوغدىغانلىق بارلىق قىممەت قاراشلىرىمىزنى ۋە ئەبەدىي ھۆرلۈكىمىزنى قوغدىغانلىقتۇر  !

سايرام ئوغلانى.