2020/10/30 02:34

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


ئۇقۇملاردا قايمۇقۇش ۋە مىتافىزىك سىياسەت

يوللىغۇچى: Umun, 2020/06/23 22:20

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

Umun

ئۇقۇملاردا قايمۇقۇش ۋە مىتافىزىك سىياسەت

ئۇمۇن

ئىتنىك، ئۇلۇس،  مۇستەقىللىق... دىگەندەك ئۇقۇملارنىڭ دەبدەبىسى كىشىلەرنىڭ سىياسىي ئارزۇسىنى قاندۇرۇپ، سىياسىي چۈشكۈنلۈكتىن كىلىپ چىققان روھى ئاچلىقىغا تەسەللى بۇلۇشتىن باشقىغا يارىمايۋاتقانلىقى كىشىنى ئىچىندۈرىدۇ.
تاياقنى بولىشىغىچە يەپ، يۈزى ـ كۆزى قانغا مىلىنىپ ياتقان ئايالنىڭ ئۆيىدە لىبرال فەمىنىزىم بىلەن رادىكال فەمىنىزىمنىڭ پەرقىنى چۈشۈنۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىدىن ئۆتە ھەجىۋى ھالەت بولمىسا كىرەك.
ئەلۋەتتە، ئىجدىمائىي ۋە سىياسىي ئاتالغۇلارنى چۈشۈنۈش ۋە ئۈگۈنۈش موھىم. لىكىن تاياق يەۋاتقان چىغىڭىزدا دەبدەبىلىك ئۇقۇملارنى تالاش ـ تارتىش قىلىشنىڭ تاياقتىن قۇتىلىشىڭىزغا پايدىسى يوق. تاياقتىن كىيىنكى ئەھۋالىڭىزنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ، تەسەۋۋۇر ۋە ئارزۇلىرىڭىز بىلەن باشقىلارنىڭ تەسەۋۋۇر ۋە ئارزۇلىرىنى جەڭگە سىلىشىڭىز سىزنى كىلىۋاتقان پەشۋادىن قوغداپ قالالمايدۇ.
مۇستەقىللىق، ئاپتونومىيە، فىدراتسىيە دىگەندەك ئۇقۇملار تاياق توختاپ سىزگە تاللاش پۇرسىتى بىرىلگەندە تالىشىدىغان ئۇقۇملار، ئىتنىك ياكى ئۇلۇس دىگەندەك تىرمىنلار دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش جەريانىدا تارتىشىدىغان تىمىلار.
مۇش ـ پەشۋادا ئۆلۈپ كىتىش ئىھتىماللىقىڭىز يوق ئەمەس. ئۆلۈپ كەتسىڭىز مۇستەقىللىقنىڭمۇ، فىدراتسىيە ياكى ئۇلۇس ئۇقۇملىرىڭىزنىڭمۇ ئەھمىيىتى قالمايدۇ.
ھازىر تاياق يەۋاتقىنىمىزنى قۇبۇل قىلىپ تاياق يەۋاتقان رىئاللىقىمىزنى ئاشكارلاپ، تاياقنى توختۇتۇش ئەڭ موھىم خىزمەت نىشانىمىز بولىشى كىرەك. شۇڭا ئۇقۇم تالىشىشنىڭ، سىياسىي ئىرادىلەردە مۇسابىقىلىشىشنىڭ ھىچقانداق ئەھمىيىتى يوق.
مۇستەقىللىق، فىدىراتسىيە، ئاپتونومىيە دىگەندەك سىياسىي ئىرادىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئىچىنىشلىق ۋەزىيىتى خەلقارا جەمئىيەت تەرىپىدىن تەستىقلىنىپ، خەلقارا سىياسىي سىستىما تەرىپىدىن ئۇيغۇر رايونىنىڭ سىياسىي ئورنى تالاش تارتىشقا ئىچىلمىغۇچى چەتئەلدىكى تۆت ئۇيغۇر، بەش-ئالتە تەشكىلاتىنىڭ يۇقارقىدەك سىياسىي ئارزۇلىرى ھىچكىمنىڭ دىققىتىنى تارتمايدۇ، ھىچقانداق ئەھمىيەت تەشكىللىمەيدۇ.
ئۇلۇس،ئىتنىك دىگەندەك ئۇقۇملارنى (شەرقى تۈركىستان,ئۇيغۇرىيە ياكى ياكى ئۇيغۇر رايونى)دىكى جەمىيەتنىڭ ئىدولوگىيىلىك بىرلىكىنى ئىنشاھ قىلىشتا ئۆلچەم قىلىش مەسىلىسى سىياسىي جەھەتتىن ئۆز_ئۆزىنى ئىدارە قىلىدىغان سىياسىي كۈچ(دۆلەت) تەلەپ قىلمىغۇچە ياكى دۆلەتنىڭ تەشكىللىشى بولماي تۇرۇپ «ئۇلۇسمۇ،ئىتنىكمۇ» دەپ ئويلىشىڭىزنىڭ ياكى تالاش تارتىش قىلىشنىڭ مەنىسى يوق. دۆلەتنىڭ سىياسىي ھاكىممۇتلەقلىقى بولماي تۇرۇپ،ئۇلۇس ئىتنىك، دىگەندەك ئۇقۇملارنىڭ رىئال قىممىتىمۇ يوق.
بىر تەشكىلاتىنىڭ ياكى سىياسىي داۋانىڭ ئۇلۇس ياكى ئىتنىك دىگەندەك جەمئىيەتنىڭ سىياسىي كاتوگورىيىسىنى تاللاش مەجبۇرىيىتى يوق. چۈنكى سىياسىي داۋا ياكى تەشكىلات دۆلەت ئەمەس، سىياسىي داۋا سىياسىي پائالىيىتىنى، تەشكىلات پائالىيەت تەشكىللەش فۇنكىسىيىسىنى تولۇق جارى قىلدۇرىشى ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ مۇۋەپپەقىيىتى.

سىياسى ئىرادە مىتافىزىك تونغا ئورالغاندا، سياسىي تەدبىرىڭىز دوگمىلاشقان بولىدۇ. ھەرخىل سىياسىي ئاتالغۇلار، سىياسىي نەزىرىيىلەر بىزنىڭ نىشانىمىز ئەمەس. بىز سىياسىي نەزىرىيىلەرگە ياكى سىياسىي ئاتالغۇلارغا چوقۇنۇش ئۈچۈن سىياسىي پائالىيەت قىلمايمىز. ئەكسىچە سىياسىي پائالىيىتىمىزنى ئۈنۈملۈك قىلىش ئۈچۈن ئاتالغۇلاردىن، سىياسىي نەزىرىيەلەردىن پايدىلىنىمىز.
 سىياسىي نىشانغا يىتىش ئۈچۈن سىياسىي پائالىيەتنىڭ سىستىمىلىشى ۋە كەسپىيلىشىشى شەرت. سىياسىي ئاتالغۇ ۋە سىياسىي نەزىرىيىلەر نىشان ياكى نەتىجە ئەمەس، سىياسىي نىشانىمىزغا يىتىشتىكى ۋاستە.
ھەرقانداق سىياسىي ۋەقە ياكى ئىجدىمائىي مەسىلىنىڭ ئۆزىگە خاس ھەل قىلىش ئۇسۇلى ۋە ئۆز ئىچىدە لوگىكىسى بولىدۇ. بىر سىياسىي ۋەقەنى ياكى ئىجدىمائىي مەسىلىنى باشقا ئىجدىمائىي ۋە سىياسىي مەسىلە بىلەن سىلىشتۇرۇپ ئوخشىماسلىقلارنى پەرىقلەندۈرۈش كىرەك، لىكىن ھەرقانداق سىياسىي ۋەقە ياكى ئىجدىمائىي مەسىلە، ئۆزىدىن باشقا ھەرقانداق مەسىلىدىن پەرىقلىق. تارىخنىڭ تەكرارلانمايدىغانلىقىنى، ھەرقانداق سىياسىي ۋە ئىجدىمائىي مەسىلىنىڭ ئۆزىگە خاس ھەل قىلىش ئۇسۇلى ياكى لوگىكىلىق جەريانى بولىدىغانلىقىنى ئاڭقىرىش لازىم.
شۇڭا سىياسىي ۋەزىيىتىمىزنى كۈزەتكەندە ۋە ھەل قىلىش چارىسى ئىزدىگەندە سىياسىي نەزىرىيە ۋە سىياسىي ئاتالغۇلارنى خۇدالاشتۇرىۋىلىشتىن ساقلىنىش لازىم.

مۇستەقىللىق،  ئاپتونومىيە دىگەندەك سىياسىي ئىرادە ياكى ئىتنىك، ئۇلۇس دىگەندەك دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئىجدىمائىي مودىلىنى تەشكىللەش جەريانى ھازىرقى ئۇيغۇر سىياسىي كىلىماتىنىڭ رىئاللىقىدىن ئىنتايىن ئۇزاق.
ئۆزىنىڭ تاياق يەۋاتقىنىنى دۇنياغا تولۇق ئاڭلىتالمىغان بىر گۇرۇپنىڭ سىياسىي ئىرادىسىگە تاللاش سۇنغان بىر سىياسىي كۈچ مەۋجۇت ئەمەس، قۇرۇلمىغان دۆلەتنىڭ ئىجدىمائىي مودىلىنى تەشكىللەش ئۇرىنىشى رىئاللىقتىن چەتنىگەنلىك. سىياسىي ئاتالغۇلارنىڭ سىياسى قىلىقلىرىمىزنى مىتافىزىك ۋە دوگما خارەكتىرگە نىقتاپ قويىشىغا رۇخسەت قىلماسلىق، رىئال ۋەقەلەرگە، رىئال مەسىلىلەرگە رىئال مۇئامىلە قىلىشنى تەشەببۇس قىلىش لازىم.
رىئال ئەھمىيىتى ياكى رىئال نەتىجىسى بولمىغان ھەرقانداق سىياسىي ئاتالغۇ ۋە سىياسىي ھەركەت ئەھمىيەتسىزدۇر.
ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي بولمىغان ئىتنىك گۇرۇپلارنىڭ خىتاينىڭ توتالىتەر سىستىمىسى تەرىپىدىن ئىتنىك قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى خەلقاراغا ئاڭلىتىش ۋە خەلقارادا كۈچلۈك جامائەت پىكرى ھاسىل قىلىش بىردىن بىر رىئال خىزمىتىمىزدۇر.
رىئال ئۈنۈم ۋە رىئال نەتىجىنى قوغلاشماي، دەبدەبىلىك ئۇقۇملار ئارىسىدا ئۆزىنى بوغۇش ئەقىل بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان مىڭىنىڭ ئىنكاسى.
مۇستەقىللىق سىزنىڭ سىياسىي ئىرادىڭىز، ئاپتونومىيە ياكى فىدراتسىيەمۇ سىزنىڭ سىياسىي ئىرادىڭىز لىكىن مەۋجۇت ۋەزىيەتنىڭ سىزدىن تەلەپ قىلىدىغىنى سىزنىڭ سىياسىي ئىرادىڭىز ئەمەس. بەكى سىز ئۇچراۋاتقان سىياسىي زۇلۇمنىڭ رىئاللىقىنى قانچىلىك ئاشكارلىيالىغىنىڭىزدا.
خىتاي دۆلەت سىستىمىسىنىڭ خارەكتىرى ئۇيغۇر قاتارلىق ئىتنىك گۇرۇپلارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ. سىز مىليارتتىن كۆپ خىتاينى دۈشمەن ھالىغا ئورنىتىۋىلىش ئارقىلىق ھىچقانداق نەتىجىگە ئىرىشەلمەيسىز. لىكىن خىتاينىڭ كۈلتۈرى، خىتاينىڭ قانۇنى، خىتاي جەمىيىتىنىڭ كومىنىستىك دۆلەت دىكتاتورلىقى ئاستىدىكى رىئاللىقى، خىتاينىڭ دۆلەت سىستىمىسى، خىتاينىڭ ئاخباراتى، خىتاي دىكتاتورلىقىدىكى تارىخ پەلسەپەسىنىڭ سىياسىي تەرەپبازلىقى قاتارلىق تەرەپلەرنى تەنقىت قىلسىڭىز بولىدۇ. شەخىسنى ياكى مىللەتنى ئەمەس، شەخىس ۋە مىللەتنىڭ پۈتۈن تەنقىت قىلىنىدىغان تەرەپلىرىنى رىئال ۋە ئىلمىي نۇقتىنەزەردە تەنقىت قىلسىڭىز تامامەن بولىدۇ.
دىمۇكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۇقۇملىرى مودا دەۋىردە دىمۇكراتىيەنىڭ ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۇقۇملىرىنىڭ رىئاللىقىمىزنى ئاشكارلاش پوتانسىيالىدىن تولۇق پايدىلىنىشىمىز لازىم.
يىغىنچالىغاندا سىياسىي مۇساپىمىزدە بىزگە مۇستەقىللىق ياكى ئاپتونومىيە دىگەندەك چىگرالىرى ئىنىق بەلگىلەنگەن تاللاش سۇنىلىشى ئىھتىماللىقتىن ئىنتايىن يىراق. تىخىمۇ مۇرەككەپ سىياسىي جەرياندا تىخىمۇ پىراتىك تاللاشلارغا دۇچ كىلىمىز ياكى مەجبۇرلىنىمىز. باسىدىغان مۇساپىنى ۋاقتى كەلمىگۈچە بىلگىنى بولمايدۇ. ئىتنىك ياكى ئۇلۇسقا ئوخشاش دۆلەتنىڭ ئىدولوگىيىلىك بىرلىكىنى ئىنشاھ قىلىش جەريانىنى ئانالىز قىلىشمۇ ھازىرقى رىئاللىقىمىزغا نىسبەتەن ئىنتايىن فانتاستىك. ئالدىمىزدا ئەمەلىيلەشمىگەن بىرمۇنچە ۋەقە بار، ئۆچرەتنىڭ ئالدىدىكى ۋەقەلەرگە دىققىتىمىزنى يىغماي پارالىل رىئاللىقتىكى خىيالىي مەزمۇنلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ نەتىجىگە ئىرىشكەن بولمايدۇ.
سىياسىي پائالىيەتلەردە دەبدەبىلىك ئۇقۇملارنى تەكرارلاپ مۇتىخەسىستەك كۆرۈنگىنى بولۇش ئەلۋەتتە مۇمكىن. ھەقىقى مۇتىخەسىس، ھەقىقى زىيالىيلارنىڭ ئوبرازىنى ئوغۇرلاش ئارقىلىق غەلبە قازانغاندەك تۇيغۇغا چۆمۈلۈپ، دۆتلىكى سەۋەپلىك پارچىلانغان ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىگە  تەسەللى بىرىش ئارقىلىق ھاياتىنى مەنىلىك قىلىشقا تىرىشىدىغان كىشىلەر مەۋجۇت. بۇ خىل پىسخىك دىۋەڭلەرنىڭ چۈشەنمىسىمۇ ياتلىۋالغان ئۇقۇملىرىغا ھەيرانلىق بىلەن مۆلدۈرلەپ، ھاياجانلىنىدىغان كىشىلەرمۇ كۆپ.
مۇھىم بولغىنى رىئاللىقنىڭ ئىچىدە ياشاش. ئەلۋەتتە ئىلمىي نۇقتىنەزەردە ئىشلەتكەن ئۇقۇملارنىڭ ئاساسى خاراكتىرىنى چۈشۈنۈش،توغرا ئىزاھات بىرىش لازىم. بۇنۇڭلۇق بىلەن بىرلىكتە ئۇقۇملارنىڭ جەمىيەتنىڭ رىئاللىقى بىلەن توغرا كوردىنات قىلىنغانلىقىنى تەستىقلىغۇدەك بىلىم بولۇشى كىرەك.