2020/12/04 18:45

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


قەشقەرىيە ئوسمانىلارغا بەيئەت قىلغاننىڭ بەدىلىنى يوقىلىش بىلەن تۆلىگەن

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2020/08/10 06:17

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى


قەشقەرىيە ئوسمانىلارغا بەيئەت قىلغاننىڭ بەدىلىنى يوقىلىش بىلەن تۆلىگەن :

كىرىش سۆز ئورنىدا : 

رۇسلارنىڭ تارىخىي قارىشى ۋە تارىخنى بۈگۈنى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش روھى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار ۋازارىتى ئۈلۈشكۈن 3 - مارت تارقاتقان 1877 - 1878 - يىلدىكى چاررۇسىيە - ئوسمانىيە ئۇرۇشى ھەققىدىكى بايانلار تۈركلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى  قوزغىغان بولۇپ ، مەزكۇر ئۇرۇشقا « بەختسىز قەشقەرىيە » نىڭ يىمىرىلىش سىرلىرىمۇ يوشۇرۇنغان . ئورۇسلارنىڭ 1877 - يىلى 22 - ئاپرىل كاۋكاز ۋە بالقان ئارقىلىق  ئوسمانىلارغا ئۇرۇش ئېلان قىلىشى ، زوزۇڭتاڭنىڭ تۇرپانغا ھۇجۇم قىلىشىنى تارىخىي پۇرسەت بىلەن تەمىنلىگەن . چۈنكى زورۇڭتاڭ گەرچە 1876 - يىلىدىن باشلاپ قۇمۇلدا پۇرسەت كۈتكەن بولسىمۇ ، ئەمما تارىم ۋادىسىغا كىرىشتە چوقۇم رۇسىيە بىلەن ئەنگلىيە رۇخسەت قىلمىسا بولمايتتى . بەدۆلەت نىمجان ئوسمانىلارغا بەيئەت قىلغاچقا، چاررۇسىيە ئۇنىڭ ئارقا تەرەپتىن پاراكەندە قىلىشىدىن ئەنسىرەپ زورۇڭتاڭغا يېشىل چىراق يېقىپ بەرگەننى ئاز دەپ، يەنە ئاشلىق بىلەن تەمىنلىگەن . بىردىنلا پاسسىپ ئورۇنغا چۈشكەن ئەنگلىيەمۇ ئوخشاشلا يۈز ئۆرۈپ ، زوزۇڭتاڭنى قوللاشقا ئۆتكەن . بۇ قېتىمقى ئۇرۇش 1877 - يىلى ئاپرىلدىن 1878 - يىلى 1 - مارتقىچە داۋام قىلغان. ئوسمانىلار كاۋكاز ۋە بالقاندا تەڭلا ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولغان. بەختكە يارىشا غازى ئوسمان پاشا ئورۇسلارنى ئىستانبۇلغا 40 كىلومېتىر يېقىن جايدا 40 نەچچە كۈن توسۇپ قېلىپ دۆلەتنى مۇنقەرزلىكتىن ساقلاپ قالغان . ئوسمانىلار ئامالسىز « سان سېتېفانو كېلىشىمى » قوبۇل قىلغان. ئەمما باشقا جاھانگىرلار ئورۇسلارنىڭ تۈركلەرنى ئوڭچە يۇتۇۋېلىشىغا چىداپ تۇرالماي بىسماركنى ئارىغا سېلىپ « بېرلىن يىغىنى » ئارقىلىق ئوسمانىلارنى مۇنقەرز بولۇشتىن ساقلاپ قالغان.

ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ يىمىرىلىشى 1878 - يىلدىكى « سان - سېتېفانو كېلىشىمى» بىلەن باشلانغان بولۇپ ، بىسماركنىڭ تەشەببۇسى ** بىلەن شۇ يىلى قايتا ئېچىلغان« بېرلىن يىغىنى» سەۋەپلىك ساقلىنىپ قالغان . شۇنىڭدىن كېيىن
1876 - يىلى 31 - ئاۋغۇست تەختكە چىققان
سۇلتان ئابدۇلھەمىتخان 2 ئۇدا 30 يىللىق سون نىسپىي تىنچلىق ۋە گۈللىنىش دەۋرى ياراتقان.

** چاررۇسىيە 1877 - يىلى 22 - ئاپرىلدا يەنە ئۇرۇش قوزغىغان. شەرقتە قارس ۋە ئەرزۇرۇمنى، غەرپتە بۇلغارىيەنى ئېلىپ، ئىستانبۇلغا 40 كىلومېتىر قالغىچە قىستاپ كەلگەن. نەتىجىدە 1878 - يىلى 1 - مارت ئىككى دۆلەت تەڭسىز كېلىشىم تۈزگەن. بىراق چوڭ دۆلەتلەر قارشى چىققان. شۇڭا بىسمارك شۇ يىلى يازدا « بېرلىن يىغىنى» ئېچىپ، بوسنىيەنىڭ غەربىي شىمالىنى ئاۋستىرىيەگە كېسىپ بەرگەن. سېربلار، بۇلغارلار ۋە ئالبانلارغا ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىلگەن. ئەنگلىيە سىپرۇس ئارىلىنى ئىشغال قىلىۋالغان .

مەزكۇر مەغلۇبىيەت ئوسمانىلار ئىچىدە تۈرك مىللەتچىلىك ئېقىمىنى پەيدا قىلغان . ئۇلار ، پەقە تۈرك مىللەتچىلىكىلا غەربىي ئاسىيانىڭ كېسەل كۆرپىسىگە ئايلىنىپ قالغان نىمجان ئوسمان ئىمپىرىيىسىنى قايتىدىن قۇدرەتلىك ھالغا كەلتۈرەلەيدۇ دەپ قاتتىق ئىشىنەتتى.

بىراق 1908 - يىلى ھەربىي تەرەپ ئىسيان كۆتۈرۈپ ، 24 - ئىيۇل سۇلتاننى قايتىدىن 1876 - يىلى ئېلان قىلغان مەشرۇتىيەتنى ئېلان قىلىشقا مەجبۇرلىغان . ئۇلار بۇنىڭ بىلەنلا قالماي ، 1909 - يىلى 31 - مارت ۋەقەسىنى باھانە قىلىپ ، شۇ يىلى 27 - ئاپرىل سۇلتاننى تەختتىن چۈشۈرۈپ ، ئىنىسى مۇھەممەد رەشادنى تەختكە چىقىرىدۇ . ئەمەلىيەتتە بۇ دۆلەت ، تالات پاشا ، ئەنۋەر پاشا ۋە جامال پاشالارنىڭ قولىغا ئۆتىدۇ .

بۇ ئۈچ پاشانىڭ توققۇز يىللىق سەلتەنەت دەۋرىدە « تەرابۇلۇس غەرب ( لىۋىيە) ئۇرۇشى » دا ئىتالىيە تەرىپىدىن ، « ئىككى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشى » بۇلغارىيە ، يۇنان ، سېربىيە ۋە ماكېدونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھۇجۇملىرىدا كۆپ چىقىمغا ئۇچراپ ، ئۆزىنى ئوڭشاشقا ئۈلگۈرمەيلا 1 - دۇنيا ئۇرۇشىغا كىرىپ كېتىدۇ.

نەتىجىدە ئابدۇلھەمىتخان تىكلىگەن 30 يىللىق كۈچلۈك سەلتەنەت بىراقلا تارىخقا ئايلىنىدۇ. دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغان ئوسمانىلارنى ئانتانتا دۆلەتلىرى ئېغىر جازالايدۇ . ئۇنىڭ ياۋروپا ، ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى بارلىق زېمىنلىرى ئەنگلىيە ، فرانسىيە ، ئىتالىيە ۋە يۇناننىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىدۇ

2020 - يىلى 5 - مارت ( سىتالىن ئۆلگەن كۈن)

مۇقەددىمە :

ئورۇس - تۈرك ئۇرۇشلىرى بىزگە نېمىنى ئۆگىتىدۇ ؟؟؟

1380 - يىللاردىكى ئەمىر تۆمۈرنىڭ ئالتۇن ئوردا بىلەن ۋەتىنىمىزدىكى چاغاتاي خانلىقىغا قاراتقان خورىتىش ئۇرۇشلىرى شەرقتە خىتاي مىڭ خانلىقى بىلەن غەرپتە ئورۇس خانلىقىنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىشىغا سەۋەپچى بولدى . ئوسمانىلارنىڭ ياش ھەم ھاكاۋۇر سۇلتانىمۇ ئەمىر تۆمۈر بىلەن ئۇرۇشۇپ ئەسىرگە چۈشۈپ ، دۆلىتى مۇنقەرز بولدى . ياۋروپا ئەللىرى ئارام ئېلىۋېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. 1450 - يىللىرى تۆمۈر ئەۋلادىدىن ئەبۇ سەئىدخان قۇدرەت تاپتى . 1460 - يىللىرى تۇغلۇق تۆمۈرخان ئەۋلادلىرىدىن يۇنۇسخان قۇدرەت تاپتى . 1470 - يىللىرى ئوسمان بەگ ئەۋلادىدىن مۇھەممەدخان ( فاتىھ ) قۇدرەت تاپتى . يامان يېرى بۇ چاغلاردا ئالتۇن ئوردا خاراپلاشتى . 1482 - يىلى ئورۇسلار ئاخىرى ئالتۇن ئوردىنىڭ ئىز باسارى بولغان قازان تاتار خانلىقىغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈپ باش كۆتۈرۈۋالدى. 1547 - يىلى تۇنجى چار پادىشاھلىقىنى قۇرۇۋالدى . 1552 - يىلى ئۆكتەبىردە قازاننى ، 1558 - يىلى يازدا ئاستراخاننى يۇتۇۋالدى . ئوسمانىلار سۇلتانى سۇلايمانخان ئورۇسلارنى تارمار قىلماقچى بولغاندا ، ئۇنىڭ ئامراق ئورۇس خوتۇنى ھۈررەم خاتۇن سۇلتاننى سافاۋىلار ۋە بالقان ئەللىرىگە ئەسكەر تارتىشقا كۆندۈرۈپ ، ئورۇسلار ئۈچۈن تارىخىي تۆھپە كۆرسەتتى . نەتىجىدە سۇلتان سۇلايمان تۈركلەر ئۈچۈن ئەڭ خەتەرلىك رەقىپكە ئايلانغان ئورۇسلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئۈلگۈرمەيلا 1566 - يىلى 7 - سېنتەبىر ۋېنگرىيەدە قازا قىلدى . ئوسمانىلار ئاستراخاننى قولغا ئېلىش ئۈچۈن 1568 - يىلدىن 1570 - يىلغىچە ئىككى يىل ئۇرۇش قىلدى . بىراق ناچار ھاۋارايى تۈپەيلى ئوسمانىلار قوشۇنى چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى . بۇ زىياننى تولدۇرۇش ئۈچۈن، قىرىم قاغانلىقى بىلەن ھەمكارلىشىپ ، ئۇدۇل موسكۋاغا يۈرۈش قىلىپ ، 1571 - يىلى مايدا چارپادىشاھ پايتەختىنى ۋە كېرمىل سارىيىنى كۆيدۈرۈپ ، يۈز مىڭ قۇل تۇتۇپ قايتىپ كەتكەن . ئورۇسلارنى تۈپتىن يوقاتماي پەقەت پۇل ۋە قۇل بىلەن قانائەت قىلىپ بولدى قىلغان تۈركلەر ۋە تاتارلار كېيىنكى 333 يىلدا غايەت زور ئېغىر بەدەل تۆلىدى. ئورۇسلار پۇرسەت كۈتۈپ ، 1681 - يىلى ئوسمانىلارغا ئۇرۇش ئېلان قىلدى . ئەمما بۇ ئۇرۇش تېخى ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا ، ئوسمانىلار 1683 - ۋېناغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشى قوزغاپ ، تاكى 1688 - يىلغىچە پاتقاققا پېتىپ قالدى . بۇ جەرياندا 1686 - يىلى پۈتۈن ياۋروپا ئەللىرى ئوسمانىلارغا قارشى مۇقەددەس ئىتتىپاق بەرپا قىلدى . چارپادىشاھ پېتىرمۇ بۇ ئىتتىپاققا قاتنىشىپ ، قارا دېڭىزغا چىقىشتىكى ئازاق ۋە قىرىمنى يۇتۇۋېلىش ئۈچۈن ئۇرۇش قوزغىدى . ئۇ ھەتتا 1662 - يىلى باتۇر قونتاجىنىڭ ( غالداننىڭ دادىسى ) زۇلۇملىرىغا چىدىماي ۋولگا دەرياسى ۋادىسىغا قېچىپ كەلگەن تۇرغۇت موڭغۇللىرىنى ئوسمانىلارغا قارشى ئۇرۇشتا سالدى . بۇ ئۇرۇش 1710 - يىلى پېتىرنىڭ ئەسىرگە چۈشۈپ قېلىشى بىلەن ئاخىرلاشتى . تاتارلار پېتىرنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇدۇل موسكۋاغا يۈرۈش قىلىپ ، ئورۇسلارنى خەرىتىدىن يوق قىلىۋېتىشنى كۈچەپ تۇرسىمۇ ، بىراق تۈركلەر تاتارلارنىڭ گېپىنى ئاڭلىماي يەنىلا نۇرغۇن پۇل تۆلەش بەدىلىگە پېتىرنى قويۇپ بەرگەن . پۇلغا ئامراق تۈركلەر بۇنىڭ بەدىلىنىمۇ 222 يىل ئۇدا تۆلەپ كەلدى . پېتىرمۇ ۋەدىسىدە تۇرۇپ ، بۈيۈك شىمال ئۇرۇشى قوزغاپ ، بالتىق دېڭىزىغا چىقىش ئېغىزىغا ئېرىشىپ ، ئۆز نامى بىلەن پېتىربۇرگ شەھىرىنى قۇرۇپ چىقتى . بىراق ئۇ 12 سىياسىي ۋەسىيەت قالدۇرۇپ، ئوسمانىلارنى چوقۇم يوق قىلىپ ، ئافرىقا ، ھىندىستان ۋە ھىندى ئوكيانغىچە ئىشغال قىلىشنى ۋەسىيەت قىلىپ ئۆلدى . 1772 - يىلى ئۇرۇش قايتا باشلاندى . 1774 - يىلى ئۇدا مەغلۇپ بولغان ئوسمانىلار ئاخىرى قىرىمنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلدى . 1783 - يىلى ئايال پادىشاھ يېكاتېرىنا قىرىمنى يۇتۇۋالدى . ئۇرۇش يەنە باشلىنىپ كەتتى . ئورۇسلار يەنە غەلىبە قىلدى . 1784 - 6 - يانۋار كېلىشىم تۈزۈلدى . بىراق 1787 - 1789 - يىللىرى يەنە ئۇرۇش باشلىنىپ ، ئورۇسلار ئۇدا غەلىبە قىلىپ ، ئوسمانىلارنى قارا دېڭىزنىڭ شىمالى ۋە كاۋكاز تاغلىرىنىڭ شىمالىدىن قوغلاپ چىقاردى . 1810 - يىلى ئورۇسلار كاۋكاز تاغلىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ ، باكۇ ۋە تىبلىسنى ئىشغال قىلدى . 1828 - يىلى قاچارلارنى مەغلۇپ قىلىپ ، پۈتۈن تاشقى كاۋكازنى يۇتۇۋالدى . ئاندىن 1848 - يىلغىچە ئورۇسلار قازاقلارنى باستۇرۇش بىلەن بەنت بولۇپ يېڭى ئۇرۇش قوزغىيالمىدى . 1849 - 1851 - يىللىرى ياۋروپا باھارىنى باستۇرۇپ بەردى . 1853 - يىلى قىرىم ئۇرۇشى باشلىنىپ ، تەلىيى كاج كەلگەن ئورۇسلار 1856 - يىلى تەسلىم بولدى . بىراق بۇنىڭ بەدىلىگە كاۋكاز خەلقلىرىنى ۋە مەركىزىي ئاسىيانى ئىشغال قىلىۋالدى . 1864 - يىلى يۈز يىللىق كاۋكاز ئۇرۇشى ئاخىرلاشتى . دەل شۇ يىلى سادىر پالۋان باشچىلىقىدا ئىلىدىكى خەلقىمىز قوزغىلىپ مەنچىڭ خانلىقىنىڭ 102 يىللىق مۇستەملىكە ئاپپاراتىنى يوق قىلدى . چاررۇسىيە دەرھال 1865 - يىلى تاشكەنتنى ، 1866 - يىلى ئۆزبېكىستان چوڭلۇقىدىكى زېمىنىمىزنى يۇتۇۋالغاندىن كېيىن ، 1867 - يىلى ئىيۇندا تۈركىستان گوبېرناتۇرلىقىنى قۇرۇۋالدى . 1877 - يىلغىچە قوقان ، بۇخارا ، خىۋە ۋە ئىلى سۇلتانلىقىنى يۇتۇۋالدى . زوزۇڭتاڭمۇ 1878 - يىلى تارىم ۋە جۇڭغار ۋادىسىنى بېسىۋالدى . ئورۇسلارمۇ 1877 - 1878 - يىلدىكى ئۇرۇشتا ئوسمانىلارنىڭ شەرقىدىكى ئەرزۇرۇم ۋە قارس ۋىلايەتلىرىنى يۇتۇۋالدى . ئاخىرىدا 1915 - يىلى سارىقامىش ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىپ ، تاكى 1916 - يىلى يازغىچە يەنىمۇ قىستاپ كېلىپ ، پۈتۈن ئاناتولىيەنى ئىشغال قىلىش خەۋپى تۇغۇلغاندا ، قىرغىزىستان خەلقى ئىسيان كۆتۈرۈپ ، ئارمىيە باستۇرۇش ئۈچۈن قايتۇرۇلغان . ئۇندىن باشقا گېرمانلاردىن ئەجەللىك زەربە يەپ لىڭشىپ قالغان چاررۇسىيە 1917 - يىلى فېۋرالدا ھەربىيلەر تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان . ئەمما ئۇلارنى شۇ يىلى 7 - نويابىر قىزىل بولشېۋىكلار ئاغدۇرغان . 1918 - يىلى قوقان مۇختارىياتى قانلىق ئۇجۇقتۇرۇلغان . 1919 - يىلى كاۋكاز رايونى قانلىق بويسۇندۇرۇلغان . 1920 - يىلى پامىر بىلەن بۇخارا خانلىقى يۇتۇۋېلىنىپ، ئورۇس چېگرىسى ئافغانىستانغا تۇتاشقان . 1920 - يىلدىن 2020 - يىلغىچە ئورۇسلارنىڭ تۈركلەرنى قانداق ھاقارەت قىلىپ كەمسىتىپ كەلگەنلىكى تارىخىي ئارخىپلاردا ساماندەك كۆپ .

خۇلاسە : رەھىم قىلمايدىغانلارغا رەھىم قىلغاننىڭ ، پۇلغا ۋە قۇلغا تويمىغاننىڭ ، ئۆزىنى چوڭ چاغلىغاننىڭ ۋە ھاكاۋۇرلۇق قىلغاننىڭ بەدىلى مۇشۇنداق ئېغىر بولىدۇ .

دودايېفمۇ تۈركلەرنىڭ سەلتەنەت دەۋرى بىلەن ئاسارەت دەۋرىنى سېلىشتۇرغاندا دەل مۇشۇ ئىللەتلەر بىلەن بىللە يەنە ئۇلاردىكى تەپرىقىچىلىك ۋە شەخسىيەتچىلىكنىڭمۇ ئۇلارنى يۈز يىللاپ خار قىلغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ.

ئىككى ئەشەددىي رەقىپ ۋە ئۆز ئارا دۈشمەن بولغان تۈرك ۋە ئورۇسلارغا قاراپ ئىبرەت ئېلىشىمىز كېرەك . ناۋادا بىزمۇ تۈركلەردەك خاتالىق سادىر قىلساق ، بەدىلىنى يەنىلا خەلقىمىز ئۆتەيدۇ . تۈركىي مىللەتلەردىكى جانغا زامىن خۇي ھەممىگە ئورتاق بولۇپ ، ئۇلار تارىخىي خاتالىقلارنى داۋاملىق سادىر قىلىپ كەلمەكتە .

سايرام ئوغلانى.

2020 - يىلى 7 - ماي.  پەيشەنبە.

1 . پاجىئەنىڭ باشلىنىشى : سۇلتان ئابدۇلئەزىزنىڭ ئۆلۈمىدىن ياقۇپبەگنىڭ ئۆلۈمىگىچە بولغان ئېچىنىشلىق قىسمەتلەر

1876 - يىلى ئوسمانىلار تارىخىدا ، شۇنداقلا ئۇنىڭغا بەيئەت قىلغان قەشقەرىيە خانلىقى تارىخىدا ھالقىلىق بىر يىل ئىدى. شەرقتە مەنچىڭ ئەمەلدارى زوزۇڭتاڭ ياپونغا قارشى تۇرۇش كېرەكمۇ ياكى ئۇيغۇرىستاننى قايتا يۇتۇۋېلىش كېرەكمۇ ؟! مۇنازىرىسىدە باش ۋەزىر لى خۇڭجاڭنى يېڭىپ ، كەڭسۇدا قورال زاۋۇتى قۇرۇپ ، ئالدىنقى سەپ قوشۇنى 1876 - يىلى قۇمۇلغا قىستاپ كېلىۋاتقان ، بەدۆلەت ئۇلارغا قارشى ئەسكەر تارتىپ ، كورلىغا كەلگەن ، چاررۇسىيەمۇ شۇ يىلى 5 - فېۋرال قوقان خانلىقىنى تولۇق يۇتۇۋېلىپ ، قەشقەرىيەگە چىشىنى بىلەۋاتقان مۇرەككەپ ئەھۋالدا ئىدى . مەنچىڭ، چاررۇسىيە ۋە ئەنگلىيە ھەممىسىنىڭ ۋەتىنىمىزگە قارىتا ئايرىم چوتى بار ئىدى . زوزۇڭتاڭ گەرچە مەنچىڭ خانىنى غەرپكە ئەسكەر تارتىشتا قايىل قىلغان بولسىمۇ ، ئەمما بەدۆلەتنى ئېتىراپ قىلغان چاررۇسىيە ۋە ئەنگلىيەنىڭ تولۇق رازىلىقىغا ئېرىشمىگەن ئىدى . ئېيىق بىلەن شىرمۇ زوزۇڭتاڭنىڭ زادى قانچىلىك ئىستىقبالى بارلىقىنى بىلمەيتتى . شۇڭا ئۇلار ئالدى بىلەن سۈكۈت قىلىپ ، بەدۆلەت ۋە زوزۇڭتاڭنىڭ قايسىسىنىڭ يېڭىدىغانلىقىغا قاراپ ئىش كۆرمەكچى بولدى . بۇنى سېزىپ قالغان زوزۇڭتاڭ بەدۆلەت بىلەن سوقۇشۇپ قېلىشتىن ساقلىنىپ ، « ئاۋۋال شىمالنى ، ئاندىن جەنۇپنى يۇتۇۋېلىش ، ئاستا ئىلگىرىلەپ تېز جەڭ قىلىش » دېگەن تاكتىكىنى ئىشلىتىپ ،  ئالدى بىلەن قۇمۇل ، بارىكۆل ، مورى ، جىمىسار ، ئالتاي ، تارباغاتاي قاتارلىق جايلارنى تىنىچ يۇتۇۋېلىپلا جىم تۇرۇۋېلىپ ، بەش يىلدىن بېرى چاررۇسىيە ئىشغال قىلىپ تۇرغان ئىلى سۇلتانلىقى بىلەن بىۋاستە ئالاقە يولى ئاچتى . دەل شۇ مىنۇتلاردا ئوسمان ئىمپىرىيىسىدە زور ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ ، بەدۆلەتنى ئەمەلىي قوللىغان سۇلتان ئۆلتۈرۈلدى . 1876 - يىلى 30 - ماي ھەربىي نازىر ھۈسسەيىن ئاۋنى پاشا بىلەن ئۇنىڭ شېرىكلىرى ھەربىي ئۆزگىرىش قىلىپ ، تولما باغچە ساراينى قورشاۋغا ئالدى . سۇلتان بىھۇدە قان تۆكۈلۈشنى خالىماي ، مۇھاپىزەتچىلىرىنى ئوق چىقارغىلى قويماي تەسلىم بولدى . ئىككى كۈندىن كېيىن ئىسيانچىلار سۇلتاننى دېڭىز يولى ئارقىلىق توپقاپى سارىيىغا يوشۇرۇن ئەكىلىپ ، 4 - ئىيۇن تۆت نەپەر نىقاپلىق قاتىل ياللاپ ، بىلەكلىرىنى قايچا بىلەن كېسىپ ، قانسىرىتىپ ئۆلتۈردى . شۇ ھامان ئوسمانىلار ۋەزىيىتى قاتتىق داۋالغۇپ كەتتى . يېڭى سۇلتان مۇراد 5 پالەچ بولغاچقا ، ئۇنىڭ ئىنىسى ئابدۇلھەمىد2 شۇ يىلى 31 - ئاۋغۇست سۇلتان بولدى . ئۇ تاغىسىنىڭ قاتىللىرى ۋە ئىسلاھات تەرەپدارى مىتخات پاشا بىلەن مۇرەسسە قىلىشقا مەجبۇر بولدى . سۇلتان ئالمىشىپ ، تاشقى ئىشلار سىياسىتىمۇ ئۆزگەردى . بۇرۇنقى ئەنگلىيە ۋە رۇسىيە بىلەن ئىناق ئۆتۈش دەۋرى ئاخىرلىشىپ ، گېرمان - ئوسمان ئىتتىپاقى پەيدا بولدى . ئورۇسلار دەرھال چاتاق چىقىرىپ ، شۇ باھانىدە ئۇرۇش ئېلان قىلدى . 1877 - يىلى 22 - ئاپرىل ئۇرۇش كاۋكاز ۋە بالقان سېپىدە تەڭلا باشلاندى . ئايال پادىشاھنىڭ تەكرار قارشى تۇرۇشىغا قارىماي ، مۇسۇلمانلارغا قاتتىق ئۆچ ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئورۇسلارنى ئاكتىپ قوللىدى . قەشقەرىيەنى قوللايدىغان ئىككى جاھانگىر بىردىنلا قەشقەرىيەنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىپ قالدى . بىر يىلدىن بېرى بەدۆلەتكە ئۇرۇش ئاچالماي يا ئالدىغا يا كەينىگە يانالمىغان زوزۇڭتاڭنىڭ پەۋقۇلئاددە تەلىيى كەلدى . ئورۇسلار بۇ قېتىم ئۇنىڭغا ئىلىدىن نۇرغۇن ئاشلىق سېتىپ بېرىشكە قوشۇلدى . ئەنگلىيەمۇ رۇسىيەنى چەكلەشتە مانجۇرلار ياخشى نامزات دەپ قاراپ ئۇلارنى قورال ۋە پۇل بىلەن قوللىدى . شۇڭا زوزۇڭتاڭ يۈرەكلىك ھالدا 1877 - يىلى 14 - ماي *** بەدۆلەتنىڭ ئالدىنقى سەپ ئىستىھكامى تۇرپانغا قورشاپ ھۇجۇم قىلدى . بەدۆلەت بىردىنلا ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانىدى. چاررۇسىيە - ئوسمانىيە ئۇرۇشى باشلىنىپلا ، قەشقەر شەھىرى خەۋپتە قالدى . چۈنكى چاررۇسىيە بىر بۆلۈك قوشۇننى قوقاندىن قەشقەرگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ئاجراتقان ئىدى . بەدۆلەت بۇ چاغدا كورلىدا ئىدى . شەرقتە زوزۇڭتاڭ ، غەرپتە ئورۇسلار ئۇنى تەڭلا ئىسكەنجىگە ئېلىۋالغان ئىدى . تەلىيىگە بۇ قېتىم قوقاندا ئىسيان چىقىپ، چاررۇسىيە ئوسمانىلارغا بەيئەت قىلغان بەدۆلەتكە ئۆزى ھۇجۇم قىلالمىغان بولسىمۇ ، ئەمما زوزۇڭتاڭنى كۈشكۈرتۈپ ئۇتۇق قازاندى . ھالقىلىق پەيتتە 1877 - يىلى 29 - ماي بەدۆلەت تۇيۇقسىز ئۆلدى . ئۇنىڭ ئۆلۈمى كېيىنكى ئىشلارنى بەلگىلىۋەتتى . ئەسلىدە بەش يىلدا ئىشغال قىلىشنى پىلان قىلغان زوزۇڭتاڭ شۇ يىل ئاخىرىغىچە قەشقەرگىچە ئىشغال قىلىپ بولدى . گەرچە 1877 - يىلى سېنتەبىردە ، بەدۆلەتنىڭ ئارغۇبۇلاقتا پوستتا تۇرغان چېگرا قاراۋۇلى قاسىم پولگان زادىلا چېكىنىشكە ئۇنىماي ، ئەنگلىيەچە پاسوندا  ئىشلەنگەن ئىككى تال زامانىۋى بەش ئاتار قورالى بىلەنلا زوزۇڭتاڭ ئارمىيىسىنى ئۆزى يالغۇز ئۇدا ئىككى ھەپتە توسۇپ قالغان بولسىمۇ ، بىراق ئۆزى يالغۇزلۇق قىلدى . شۇنداقتىمۇ ئۇ ئەپلىك جايدا تۇرۇۋېلىپ ، بېشىنى كۆتۈرگەن ھەر قانداق مەنچىڭ ئەسكىرىنى شۇ ھامان ئېتىۋەتكەن .
« چېرىك ئاتىدۇ تاشقا ، سادىر ئاتىدۇ باشقا » تاكتىكىسى تەكرارلانغان . زوزۇڭتاڭ ئاخىرى قاسىم پولگاننى يوق قىلىش ئۈچۈن ئىلغار مىنامىيوت ئېلىپ كېلىپ ، قەيەردىن ئوق ئېتىلسا شۇ تەرەپنى ئوققا تۇتقان . ئەمما قاسىم پولگان يەنىلا قۇتۇلۇپ قالغان . ئوقى تۈگىگەندە ئۇدا ئۇخلىماي چارچاپ ھالى قالمىغان پولگان خۇداغا ئىلتىجا قىلىپ، جەسىتىنىڭمۇ دۈشمەن قولىغا چۈشۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن دۇئا قىلغان . نەتىجىدە قاتتىق يامغۇر يېغىپ ، سەلگە ئايلىنىپ ، پالۋاننى ئۆز ۋەتىنى قوينىغا ئالغان . مىڭ تەستە قاراشەھەرگە يېتىپ كەلگەن مەنچىڭ قوشۇنى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قايدۇ دەرياسىنىڭ سۈيىگە غەرق قىلىنغان . غالجىرلاشقان مانجۇرلار شۇ ئەلپازى بىلەن تارىم ۋادىسىدا زور قىرغىن قىلىپ ، ئاقسۇدىلا دەريالاردىن ئۈچ يىل سۇ ئىچەلمەس قىلىۋەتكەن . ئۈچ يىل سۇ ئورنىدا قان ۋە تاپ ئاققان .

ئوسمانىلارمۇ ئۇدا مەغلۇپ بولۇپ ، ئورۇسلار ئىستانبۇلغا 40 نەچچە كىلومېتىر قالغۇچە قىستاپ كېلىپ يوقىلاي دېگەندە ، گېرمانىيە ئارىلىشىپ ، بېرلىن يىغىنى بىلەن ئۇنى مۇنقەرزلىكتىن ساقلاپ قالدى . بەلكىم ئۇنىڭ ئاران ئۆزىنى ساقلاپ قېلىشى ۋە زوزۇڭتاڭنى قوللاپ تۇرغان ئىككى كۈشەندىسىنىڭ سەۋەبىدىنمىكىن ئەيتاۋۇر ، شۇ يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇرلار ۋە قەشقەرىيەنى ئوسمانىلار ئۇنتۇپ كەتكەن . ھەتتا ئاغزاكى بايانات بېرىپ بولسىمۇ ، مەنچىڭ خانلىقىنىڭ ئۆزىگە بەيئەت قىلغان زېمىنننى ئىشغال قىلىۋالغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپمۇ قويمىغان . بۇمۇ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرسە كېرەك . ھەر ھالدا 1876 - يىلى 4 - ئىيۇن ئۆلتۈرۈلگەن سۇلتان ئىنتايىن پەرھىزكار ۋە سىياسىيون سۇلتان بولۇپ ، ئاجىز دۆلىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تەختكە چىققان 1861 - يىلدىن تاكى 1876 - يىلغىچە ھېچكىم بىلەن ئۇرۇشمىغان . 1867 - يىلى يارۋوپا ئەللىرىنى زىيارەت قىلغان تۇنجى سۇلتان بولۇپ قالغان . بۇ جەرياندا نۇرغۇن پادىشاھلارنى گەپ بىلەنلا ئۇرۇشماسلىققا قايىل قىلغان . شۇڭا ئۇنىڭ ھەيۋىسى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا كۈچلۈك بولغان . بەلكىم سۇلتان ئابدۇلئەزىز ئۆلتۈرۈلمىگەن بولسا ، يېڭى ھاكىمىيەت چاررۇسىيە بىلەن ئەنگلىيەگە سوغۇق باقمىغان ، زوزۇڭتاڭمۇ چارىسىز تارىم ۋادىسىغا بېسىپ كىرەلمىگەن ، يۇتۇۋالغان تەقدىردىمۇ ئوسمانىلارنىڭ دىپلوماتىيە قارشىلىقىغا دۇچ كەلگەن بولار ئىدى . ئەمما 1877 - 1878 - يىللاردىكى ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيەت ، 1884 - يىلغىچە ئەمەلىي ھوقۇقى تولۇق ئەمەس قورچاق سۇلتانغا ئايلانغان جىيەنى قەشقەرىيە ئۈچۈن ئەمەس ، ھەتتا ئۆزىنىڭ زېمىنلىرى ئۈچۈنمۇ بايانات بېرەلمەس ھالدا ئىدى . تەقدىرنىڭ مۇشۇنداق ئۇدۇل كېلىپ قېلىشى ، شور پېشانىلىقىمىزنىڭ دەستىدىن 1881 - يىلى 14 - فېۋرال پېتىربۇرگ كېلىشىمى ئىمزالىنىپ، بىپايان مەركىزىي ئاسىيانى ئورۇسلار بىلەن خىتايلاشقان مەنجۇرلار بۆلۈشۈۋالدى . 140 يىللىق پالاكەت باشلاندى . بەزى مەنبەلەردە خەلقىمىزنىڭ تەقدىرى 1689 - يىلى بۈيۈك پېتىر بىلەن كاڭشى ئارىسىدا تۈزۈلگەن ، 1738 - يىلى چيەنلۇڭ بىلەن ئورۇسلار ئارىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىملەردىلا بەلگىلىنىپ بولغان . يەنى ھەر ئىككى تەرەپ قالماق خانلىقىنى ، غالدان قونتاجى ، سېۋان ئاراپتان ، غالدان سېرىن قاتارلىق كۈچلۈك تۆرىلەرنى يوق قىلىش ئارقىلىق ، 1740 - يىلى مانجۇرلار قالماقلارنىڭ تەڭ يېرىم زېمىنىنى كېلىشىم ئارقىلىق يۇتۇۋالغان . 1745 - يىلى غالدان سېرىن ( سېۋان ئاراپتاننىڭ ئوغلى ) ئۆلۈپلا قالماقلار ئاجىزلىشىپ كەتكەن . 1755 - يىلى چىيەنلۇڭ ئىلىنى ئىشغال قىلىپ ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىدىكى قۇمۇل، تۇرپان ، بەشبالىق ، ئالتاي ۋە ئىلىنى ئىگىلەپ ، 1759 - يىلى تارىم ۋادىسىنى يۇتۇۋالغان . ئىككى دۈشمەننىڭ ئالدى بىلەن قالماقلارنى ، ئاندىن ئۇلارنىڭ بېقىندىلىرىنى بۆلۈشۈۋېلىش ھەرىكىتى 1881 - يىلى ئاخىرلاشقان . 1884 - يىلى ۋەتىنىمىز مەنچىڭ خانلىقىنىڭ ئۆلكىسى قىلىۋېتىلگەن .

1888 - يىلى ئاۋغۇستتا، پېكىنگە بارغان بىر چارپادىشاھ مۇھاپىزەتچى ئەسكىرى بۇ يەرگە قايتا دەپنە قىلىنغان بەدۆلەت ياقۇپبەگنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلغىلى كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە مەنچىڭ خانلىقى بۇ قەبرىگە ھېچقانداق قەبرە تېشى ئورنىتىش ياكى تەرجىمىھالىنى يېزىپ ئابىدە تىكلەشنى
قەتئىي مەنئىي قىلغان !
بەدۆلەت 1877 - يىلى 29 - ماي كورلىدا زەھەرلىنىپ قازا قىلغاندىن كېيىن، كىچىك ئوغلى مېيتىنى قەشقەرگە ئېلىپ كەلگەن. ئارزۇسى بويىچە قەشقەر ھەزرەت مازىرىغا دەپنە قىلىنغان. 1877 - يىلى 17 - دېكابىر زوزۇڭتاڭ ئارمىيىسى قەشقەرگە كىردى. قوماندانى دۇڭفۇشياڭ قەشقەردىكى خەلقنى قىيناپ يۈرۈپ، بەدۆلەتنىڭ قەيەرگە دەپنە قىلىنغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىپ، ھېيتگاھ مەيدانىدا ئاۋامنى توپلاپ، ئالدى بىلەن جەسەتنىڭ كاللىسى چاپتۇرۇپ، ئاندىن ئۇنى كۆيدۈرۋەتكەنىدى. ئاخىرىدا جەسەت كۈللىرى توپلىنىپ، پېكىنگە ئەۋەتىلگەن ئىكەن.

« يېقىندا مەلۇم بولغان ئاخباراتلارغا قارىغاندا ، خىتايلار ئەمدى قەشقەرىيە ئاھالىسىغا يۇمشاق قوللۇق قىلىشنى توختاتقان.بۇنىڭ ئورنىغا ھەددى - ھېساپسىز ئالۋاڭ - ياساق، ھاشار - سەيسە، تۈرلۈك تۈمەن باج ، غەللە - پاراقلارنى خەلققە يۈكلىگەن . ئۆلۈم جازاسى بېرىش يەنە يېڭىۋاشتىن يولغا قويۇلغان. خەلق ئىچىدە خىتايلارغا قارشى نارازىلىق سادالىرى كۈندىن كۈنگە ئۇلغىيىشقا باشلىغان. نۇرغۇن كىشىلەر ياقۇپبەگنى ھەسرەت بىلەن ئەسلىگەن».
كروپاتكىننىڭ « قەشقەرىيە » ناملىق كىتابىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قۇرلىرى

2 . قەشقەرىيە دۆلىتىنىڭ تەقدىرى :

بەدۆلەت 1867 - يىلى ئىيۇلدا راشىدىن خوجىنى يوقاتقاندىن كېيىن، پۈتكۈل تارىم ۋادىسىنىڭ بىردىنبىر ھۆكۈمرانىغا ئايلىنىپ، قەشقەرىيە دۆلىتىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتكەن.
1870 - يىلى ئۆزى بىۋاستە قوشۇن تارتىپ، ئاچكۆز ۋە ھىلىگەر داۋۇت خەلىپىنى يوقىتىپ، 1871 - يىلى تۇرپان ۋە ئۈرۈمچىنى قولغا ئالغان. ماناس ئىلى سۇلتانلىقى بىلەن قەشقەرىيە دۆلىتىنىڭ چېگراسى بولۇپ قالغان.
1873 - يىلى ماناسنى زوزۇڭتاڭدىن قېچىپ كەلگەن بەيياڭخۇغا تاپشۇرغان. يەرلىك تۇڭگانلار نارازى بولۇپ، 1876 - يىلى زوزۇڭتاڭغا تەسلىم بولغان. بەيياڭخۇ مانجۇرلارغا قارشى تۇڭگانلارنى باشلاپ، قاراشەھەرگە چېكىنىپ، بەدۆلەتنىڭ چېگرا مۇداپىئە كوماندىرى بولغان. 1877 - يىلى ماي ئاخىرىدا بەدۆلەت قازا قىلغاندىن كېيىن، زوزۇڭتاڭ بىلەن سوقۇشقاچ چېكىنىپ، شۇ يىلى دېكابىردا بەدۆلەتنىڭ ئوغلى بەگقۇلىبەگ بىلەن قوقانغا قېچىپ كەتكەن. زوزۇڭتاڭ قەشقەرىيە دۆلىتىنى يىقىتىپ بولۇپ، رۇسلارغا تەھدىت سېلىشقا باشلىغاندا، تۈركىستان ھەربىي ۋالىيسى كاۋفمان چارپادىشاھقا تەكلىپ بېرىپ، قەشقەردە بەگقۇلىبەگ باشچىلىقىدا قەشقەرىيە ئۇيغۇر دۆلىتى، ماناستا بەيياڭخۇنى خان قىلىپ، جۇڭغارىيە دۆلىتى قۇرۇش پىلانىنى ئېيتقان . بىراق بۇ پىلاننى بىلىۋالغان مانجۇرلار دەرھال ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، ھازىرقى ئۆزبېكىستان چوڭلۇقىدىكى ئۇيغۇر زېمىنىنى چاررۇسىيەگە بېرىۋېتىش ۋە ئۇرۇش تۆلىمى تۆلەش شەرتى بىلەن ئىلىنى سېتىۋالغان. ئاخىرىدا 1881 - يىلى 24 - فېۋرال تۈركىستاننى بۆلۈشۈش نىشان قىلىنغان پېتىربۇرگ كېلىشىمى ئىمزالىنىپ، تۆت مىليون كۋادرات كېلومېتىر بىپايان زېمىن چاررۇسىيەگە ، ئىككى مىليون كىۋادرات كلومېتىر بىپايان زېمىن مانجۇرلارغا تەۋە بولغان. شۇنداق قىلىپ، بېرىتانىيە ۋە چاررۇسىيىنىڭ ياردىمىدە، پۇرسەتپەرەس مانجۇرلار ۋەتىنىمىزنى قايتا ئىشغال قىلىپ، خىتاي گېنىرالى زوزۇڭتاڭنىڭ ۋاستىسى بىلەن ۋەتىنىمىزگە خىتايلارنى جەلپ قىلىشقا باشلىغان. 1884 - يىلى نويابىردا زوزۇڭتاڭ ۋەتىنىمىزنى شىنجاڭ دەپ ئاتاپ رەسمىي مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىنى باشلىغان.

3 .  زوزۇڭتاڭ ئىستىلاسىدىن كېيىنكى 70 يىل ئەڭ ئاخىرقى 70 يىلىق قىزىل قىيامەتكە يول ئاچقان :

زوزۇڭتاڭ دەۋرىدە يەرلىك بەگلەر بىكار قىلىنىپ ، ئاققۇن خىتايلار چوڭ ھوقۇق تۇتۇشقا باشلىغان . ئەمما ئۈنۈمى ياخشى بولماي قېلىپ ، 1900 - يىلدىن كېيىن يۈننەن قاتارلىق جايلاردىن تۇڭگان مىلىتارىستلىرىنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىپ ئۈنۈم قازانغان . چۈنكى تۇڭگانلار مۇسۇلمان بولغاچقا ، جاھالەت پىرلىرى نادان خەلقىمىزنىڭ ئېڭىغا
 : « پادىشاھقا ئىتائەت قىلىش پەرز » دېگەن قۇللۇق روھىنى يەنە دىن نامىدىن سىڭدۈرگەن.
خەلقىمىزنىڭ ئۇدا ئىككى ئەسىر توختىماي سىڭدۈرۈلگەن خاتا ۋە بۇرمىلانغان پىكىرلەرنىڭ تەسىرىدە 1912 - يىلدىن 1924 - يىلغىچە چوڭ ئاخۇن مافۇشىڭ ( تۇلۇم چاشقان ماتىتەي )نىڭ ، 1924 - يىلدىن 1933 - يىلغىچە كىچىك ئاخۇن ماشاۋۋۇ ( ئورۇق چاشقان مادوتەي ) نىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا رازى بولۇپ ، ئەڭ ئالتۇن تارىخىي پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويغان . چۈنكى بۇ چاغدا سىتالىن تېخى 1921 - يىلى قوزغالغان باسمىچىلار ھەرىكىتىنى باستۇرۇپ بولالمىغان ئىدى . ئەنگلىيەمۇ 1924 - يىلى قوزغالغان زور قوزغىلاڭنى باستۇرۇش بىلەن ئالدىراش ئىدى . ھېچقايسىسى قول تىقىشقا ئۈلگۈرەلمەيتتى . ئەمما دەل ئەنە شۇ ھالقىلىق 1924 - يىلى 14 - ئاۋغۇست كۈنى، سەئىدىيە سەلتەنەتى گۇمران بولۇپ، جاھالەت ۋە ئاسارەت ئاستىدا 300 يىل خورلانغان خەلقنى ئويغىتىپ ، يېڭى ئەسىردىكى ئىلغار مىللەتلەرگە يېتىشىۋېلىش ھەرىكىتىنى خېلىلا ئۇتۇقلۇق ئېلىپ بېرىۋاتقان يېتۈك مەنىۋىي داھىي سوۋېت ۋە ئېنگىلىز كونسۇللىرىنىڭ كۈشكۈرتىشى ، شاپتۇل داموللىدەك ئىچى قوتۇر ھەسەتخورلارنىڭ قوللىشى ، ئۆمەر بايدەك ئاچكۆز بايلارنىڭ قاتىل ياللىشى ۋە نادان بىر تەلۋىنىڭ ئىجرا قىلىشىدا قەستلەپ يوق قىلىنغان . نەتىجىدە توققۇز يىل كېچىكىپ كەتكەن مىللىي مۇستەقىللىق ئىنقىلابى ئەمدىلا غەلىبە قىلىپ ، قەشقەردە 1933 - يىلى تۇنجى جۇمھۇرىيىتىمىز قۇرۇلغاندا ، ئاللىبۇرۇن قەددىنى رۇسلىۋالغان سىتالىن تۇڭگان باندىت ماجوڭيىڭنىڭ قولى بىلەن 84 كۈندىن كېيىن قەشقەردىكى ھاكىمىيەتنى مۇنقەرز قىلغان .

ئۇنىڭدىن كېيىن خورلۇق تېخىمۇ كۈچەيگەن.
1930 - يىللىرى سۇنجۇڭسەننىڭ سۈرىتىگە تازىم قىلىشقا مەجبۇرلانغان خەلقىمىز ، 1937 - يىلدىن باشلاپ سىتالىن بىلەن شېڭ شىسەي جاللاتنىڭ سۈرىتىگە تازىم قىلىشقا مەجبۇر بولغان . 1949 - يىلغىچە جەنۇپتىكى يەتتە ۋىلايەت خەلقى گومىنداڭغا ساداقەت كۆرسىتىشكە مەجبۇرلانغان بولسا ، 1949 - يىلدىن كېيىن ماۋ نىڭ سۈرىتىگە چوقۇنۇشقا مەجبۇرلانغاننى ئاز دەپ ، ئۆزىنىڭ قىممەت قاراشلىرىنى ۋە مۆتىۋەرلىرىنى ئۆزلىرى دەپسەندە قىلىشقا مەجبۇرلاندى . بولۇپمۇ يېقىنقى 70 يىلدا تارتقان خورلۇق تارىختىن بۇيانقى بارلىق خورلۇقلاردىن ئېشىپ كەتتى .

يۈز يىل بۇرۇن ۋەتىنىمىزدە زىيارەتتە بولغان تاتار نۇشىرۋان يائوشېفمۇ بۇ ھەقتە قاتتىق كايىغان .
ئەمما ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى يېقىنقى ئۈچ ئەسىردىن بېرى ، يا نەپسانىيەتچى قارا قورساقلار ( بۇرۇن تالاي بۇزۇقچىلىقلارنى قىلىپ ، ھازىر خىتايغا يەم بوپكەتكەن بىر قىسىم قاشتاشچىلارغا ئوخشاش ) ، يا ئىشغالچى ھاكىمىيەتكە سادىق غالچىلار (  ھەر خىل ۋاڭلار ۋە ئۆمەربايغا ئوخشاش مىللىي مۇناپىقلار) ، ۋە ياكى دۈشمەن بىر قوللۇق سەمرىتكەن ساداقەتمەنلەر( قورچاق ئەمەلدارلارنىڭ يېقىنلىرى ۋە بىۋاستە جەمەتلىرى ) نىڭ چاڭگىلىدا بولۇپ كەلگەچكە، ئۇلارنىڭ پۇلىنىڭ خەلقىمىزگە قىلچە پايدىسى تەگمىگەن . 1830 - يىللاردا يەكەندىكى ئاچكۆز باي رۇستەم ئامباللىقنى پۇلغا سېتىۋېلىپ ، خەلقىمىزنى قان يىغلىتىپ يۈرۈپ، خەجلىگەن پۇلىنى ھەسسە قاتلىۋالغان . 1900 - يىللىرى قۇمۇل ۋاڭى شامەخسۇت قۇمۇلدىكى ئۇيغۇر خەلقىدىن شوراپ تاپقان ھارام پۇللارنى تارتۇق قىلىش ئارقىلىق مەنچىڭ ئوردىسىدا يۇقىرى شۆھرەت تاپقان . 
1920 - يىللىرى ئۆمەر باي ، قەشقەر ،خوتەن ۋە ئاقسۇنىڭ باجلىرىنى ياڭ زېڭشىڭغا بىراقلا تۆلەپ، ئارقىدىن ئۆزى خەلقتىن ھەسسىلەپ يىغىپ تىقىلىپ كەتكەن . ئابدۇقادىر داموللام مائارىپ ئۈچۈن ئىئانە سورىسا بەش تىللامۇ بەرمىگەن . تۇنجى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندا ، رەھبەرلەر چىرايلىق گەپ قىلىپ ئېرىشەلمىگەن پۇللارغا. شېڭ شىسەي 1937 - يىلى ئۆمەر باينى ئۆلتۈرۈپ ، مۇسادىرە قىلىنغان ھېساپسىز بايلىقلار بىلەن سىتالىندىن قەرز ئالغان بەش مىليون رۇبلى ئالتۇننى تۆلىگەن . 1949 - يىلدىن كېيىنكى ئىپلاسلارنى دېمەيلا قويايلى !

يېتىم مىللىتىنىڭ ھەققىنى يەۋېلىپ، ئۇلارنى ئەبەدىي خارلىتا قالدۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشقانلارغا قۇرئان كەرىم مۇنداق ھۆكۈم قىلىۋەتكەن : « زۇلۇم قىلىپ يېتىملەرنىڭ مال ـ مۈلكىنى (ناھەق) يەۋالىدىغانلار، شۈبھىسىزكى، قورسىقىغا (قىيامەت كۈنى يېنىپ تۇرىدىغان) ئوتنى يەۋالغان بولىدۇ، ئۇلار يېنىپ تۇرغان ئوتقا (يەنى دوزاخقا) كىرىدۇ[10]. سۈرە نىسا 10 - ئايەت.

ھەر ھالدا خەلقىمىز ئىچىدە خوتەن شاھى ھەبىبۇللا مۇپتى ھاجىغا ئوخشاش، مۇسابايلارغا ئوخشاش ئاز ساندىكى خەلقىدىن شۈلۈپ ئالمايدىغان ، ئۇلارنىڭ ھەققىگە قىلچە چاڭ سالمايدىغان ، ئىشغالچى ھاكىمىيەت بىلەن بىرلىشىپ خەلقىنىڭ قېنىنى شورىمايدىغان ، بەلكى خەلقىنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان ئاز ساندىكى ۋەتەنپەرۋەر بايلارنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماي داۋام قىلىشى بىلەن خەلقىمىز ھەر ھالدا يېڭى ئەسىرگە ئۇلىشالىغان . ئەمما كېيىنكى بايلار مىللەتنىڭ غېمىدىن كۆپرەك شەخسىي غېمىغا بەكرەك ئەھمىيەت بەرگەننى ئاز دەپ ، بارا - بارا ئۆزىنى خەلقىدىن ئايرىپ قارايدىغان خاھىش ئەۋج ئېلىپ كەتكەچكە ، ئاقىۋەت « پۇلنى تېپىشنى بىلگەن بىلەن ، قانداق خەجلەشنى بىلمەيدىغان قارا قورساق بايلار » پۇللىرى بىلەن قوشۇلۇپ يەۋېتىلدى . باندىتلار خەلقنىڭ قېنىنى ئۆزلىرى بىۋاستە شورىماي ، ئەنە شۇلارغا شوراتقۇزۇپ، بىر چالمىدا نەچچە پاختەك سوقتى . كېيىنچە ئۇلارنى يوقىتىش شۇنچە ئاسان بولدى . چۈنكى
« ئارىنى بۇزۇش ھىلىسى » نەتىجىسىدە خەلق ۋە بايلارنىڭ ئارىسىدىكى ھاڭ چوڭىيىپ كەتكەن ئىدى . شۇڭا ئۇلارنىڭ يوقىلىشىمۇ شۇنچە ئاسان بولدى . بۇمۇ قاراقچىلىقنىڭ يېڭى ئۇسۇلى بولسا كېرەك .

ئىسلام دىنىدا قىيامەت كۈنىدىكى ھېساپتا ئەڭ بۇرۇن ئېغىر سوراققا تارتىلىدىغان ئۈچ تۈرلۈك كىشىلەر ، ئالىملار ، بايلار ۋە جەڭچىلەر بولۇپ ، بۇ ئۈچ خىل ئادەم يۇقىرىدا نېتانىياخۇ كۈچەپ تەشۋىق قىلغان تۆت خىل يىمىرىلمەس كۈچكە ۋەكىللىك قىلىدىغان كىشىلەردۇر . دىنىي ئالىملار ۋە مەنىۋىي داھىيلار شۇ مىللەتنىڭ مەنىۋىي كۈچىگە ۋەكىللىك قىلسا ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى دۇنياۋى پەنلەردە ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتتە پىشقان ئالىملار شۇ مىللەتنىڭ سىياسىي كۈچىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ . بايلار شۇ مىللەتنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىگە ۋەكىللىك قىلسا ، جەڭچىلەر شۇ مىللەتنىڭ ھەربىي كۈچىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ .

تارىخىي شەخسلەرگە ئىچكى - تاشقى دۇنيا ۋەزىيىتى ۋە ئەينى ۋاقىتتىكى تارىخىي شارائىتنى چىقىش قىلماي تۇرۇپ باھا بەرگەندە ئاسانلا خاتالىق يۈز بېرىدۇ . ئۇندىن باشقا چوڭ مەسئۇلىيەتنى بىر ئادەمگە ئارتىپ قويىدىغان خاھىش پەيدا بولىدۇ . شۇ دەۋرە ھەققىدە بىر ئاكادېمىك ئەسەر يېزىلسا بەلكىم ئون توملۇق ئىبرەتلىك دىۋان پۈتۈپ چىقىشى مۇمكىن .

ئىزاھات :

*** 1877 - يىلى 14 - ماي زوزۇڭتاڭ قوشۇنى تۇرپاننى يۈرەكلىك قورشىۋالغان.  ئەمما بەدۆلەت نېمە ئۈچۈندۇر ئوغلى ھەققۇلىبەگ بىلەن ھېكىمخان تۆرىنى تۇرپاندىن قاراشەھەرگە   چېكىنىشكە بۇيرىغان . ئۇلارمۇ نائىلاج 30 يىلغا يەتكىدەك  ئاشلىق ۋە ئوتۇن - سامانغا ئوت قويۇپ بېرىپ چېكىنگەن . بىراق بەدۆلەتنىڭ غەزىپىدىن قورقۇپ ، كورلىغا بارغىلى جۈرئەت قىلالمىغان. بەدۆلەتمۇ تۇيۇقسىزلا 29 - ماي قازا قىلغان . نەتىجىدە 6 - ئىيۇن كورلىدىكى قەشقەرىيە قوشۇنى ھېكىمخان تۆرەمنى پادىشاھ قىلىپ تىكلىگەن . قەشقەردىكى بەدۆلەتنىڭ چوڭ ئوغلى بەگقۇلىبەگ تۆرەمنى ئېتىراپ قىلماي، ئاقسۇغا يۈرۈش قىلغان. ئاقىۋەت ئىككى تەرەپ ئۇرۇشۇپ، ئېغىر چىقىم يەپ، بىر قىسمى ئۇچتۇرپان ئارقىلىق قوقانغا كەتكەن. بۇ چاغدا نىياز ھېكىمبەگمۇ توپىلاڭ كۆتۈرۈپ ، خوتەندە مۇستەقىللىق جاكارلىغان. شۇنداق قىلىپ ، ئۇيغۇر تارىخىنىڭ ئاچچىق ۋە قانلىق سەھىپىلىرى قايتىدىن باشلانغان.

سايرام ئوغلانى. 

سۇلتان ئابدۇلئەزخاننىڭ ئۆلتۈرۈلگىنىگە 144 يىل توشقان كۈن . 1876 - 4 - ئىيۇن + 2020 - 4 - ئىيۇن = 144يىل.

1864 - يىلدىكى بۈيۈك ئىنقىلاپنىڭ 156 يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن يېزىلدى.
( 1864 - يىلى 4 - 6 - ئىيۇن كۈنلىرى تارىم ۋادىسىدا باشلانغان مىللىي مۇستەقىللىق ئىنقىلابلىرى 1867 - يىلى قەشقەرىيە خانلىقى ۋە ئىلى سۇلتانلىقىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈردى )

سايرام ئوغلانى 

پايدىلانغان ماتېرياللار :

چاررۇسىيە - ئوسمانىيە ئۇرۇشلىرى قامۇسى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى تور بېتى

ئوسمانىلار سۇلتانلىرىنىڭ تەرجىمىھالى

تۈرك تارىخى

ئوسمانىلاردا مەشرۇتىيەت ئېلان قىلىش

ياش ئوسمانىلار ۋە ياش تۈركلەر

سۇلتان ئابدۇلھەمىدخان

ماۋرائۇننەھىر ( بۇخارا ) تارىخى

ۋېكىپىدىيا

تىنجىماس ئۇيغۇر دىيارى

ئۇيغۇرلار تارىخىدا ئۆتكەن دۆلەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ قانۇنى ئاساسلىرى.

تۈركىستان ھەربىي گوبېرناتورلۇقى تارىخى.

زوزۇڭتاڭ ھەققىدە قىسسە.

بەيياڭخۇنىڭ تەرجىمىھالى 

چىڭ خاندانلىقىنىڭ تۇڭگانلارنى تىنجىتىشى.

ئىلى سانغۇن مەھكىمىسى يىلنامىسى.

2020 - يىلى 4 - ئىيۇن. پەيشەنبە.