2020/11/27 17:30

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


يالتا روھى ۋە ياپونىيەنىڭ تەسلىم بولۇشىدىن كېيىنكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرى1

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2020/08/15 16:40

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى

يالتا روھى ۋە ياپونىيەنىڭ تەسلىم بولۇشىدىن كېيىنكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرى

يالتا يىغىدىن بۇرۇنقى ئومۇمىي ۋەزىيىتىمىز :

« 1938 - 1945 - يىللاردىكى دۇنيا ئۇرۇشى ۋە ئۇرۇشتىن يىراق مەركىزى ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرى»:

1910 - يىلى ياپونىيە كورىيە يېرىم ئارىلىنى ئىگىلەپ،
1928 - يىلى جاڭ كەيشى نەنجىڭدا ھەربىي ئۆزگىرىش قىلىپ،« جۇڭخا مىنگو»نى قۇردى. ئامېرىكا بۇ دۆلەتنى قوللىدى. بىراق خىتايلار زادىلا قەددىنى كۆتۈرەلمىگەچكە، چاققان چىققان ياپونىيە 1931 - يىلى كورىيەدىن مانجۇرىيىگە بېسىپ كىردى. سىتالىننىڭ يۈرىكى دۈپۈلدەشكە باشلىدى. 1932 - يىلى 3 - مارتتا مانجۇرىيە دۆلىتى قۇرۇلدى. 1937 - يىلى 7 - ئىيۇل ياپونىيە گومىنداڭ ھاكىمىيىتىگە ئومۇمىي ھۇجۇم قوزغىدى. 1938 - يىلى گېرمانىيە چاقماق تېزلىكىدە ئاۋستىرىيە ۋە چېخوسلوۋاكىيىنى ئىگىلەپ، پولشا بىلەن فرانسىيىگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلاندى. سىتالىن ھەم شەرقتىن ھەم غەرپتىن پۇراۋاتقان دۇنيا ئۇرۇشى ھىدىنى سېزىپ قالغاچقا، ئۇرۇش ئۆزىگە تۇتىشىپ كېتىشتىن ئىلگىرى دەرھال پۈتۈن سوۋېت دائىرىسىدە 1936 - يىلدىن 1939 - يىلغىچە چوڭ تازىلاش ھەرىكىتى قوزغاپ، ئارمىيىدىن پارتىيىگىچە، كادىرلاردىن ئاۋامغىچە مىليونلىغان سەرخىللارنى ئۆلتۈرۋەتتى. 1938 - يىلى ئاپرىلدىن باشلاپ سىتالىن فىنلاندىيىگە ئېغىر شەرتلەرنى قويۇپ كېلىشىم تۈزمەكچى بولدى. بىراق نەتىجە چىقىرالمىدى. 1939 - يىلى 23 - ئاۋغۇست موسكۋادا « سوۋېت - گېرمانىيە ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق كېلىشىمى» نى ئىمزالىدى. گېرمانىيە كېلىشىم بويىچە 1939 - يىلى 1 - سىنتەبىر پولشاغا غەرپتىن ھۇجۇم قىلدى. سىتالىن 17 - سىنتەبىر شەرقتىن ھۇجۇم قىلىپ پولشانى مۇنقەرز قىلدى. 1939 - يىلى 9 - ئۆكتەبىر 1938 - يىلى ئاپرىلدىكى سۆھبەتنى قايتا قوزغاتتى. بىراق يەنىلا نەتىجە چىقمىدى.
14 - ئۆكتەبىر سىتالىن فىنلاندىيە قولتۇقىنىڭ ئاچقۇچى بولغان ھانكو پورتىنى ئىجارە ئېلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنداق بولغاندا گېرمانىيىنىڭ سوۋېتنى فىنلاندىيە قولتۇقىدا قورشاۋغا ئېلىشى مۇمكىن بولمايتتى. ئۇندىن باشقا سىتالىن 2750 كۋادرات كىلومېتىر فىنلاندىيە زېمىنىنى 5527 كۇۋادرات كېلومېتىر سوۋېت زېمىنىغا تېگىشىپ، لېنىنگراتقا 30 كىلومېتىرلا كېلىدىغان كارىلىيە رايونىنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىپ، گېرمانىيىدىن مۇداپىئەلەنمەكچى بولغان. بىراق فىنلاندىيە يەنە رەت قىلغاچقا،
سىتالىن 28 - نويابىر ئەسلىدىكى 1932 - يىلى ئىمزالانغان « سوۋېت - فىنلاندىيە ئۆز ئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق كېلىشىمى » نى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلاپ، 30 - نويابىر ھېچبىر تەييارلىقسىز ھالدا « قىشلىق ئۇرۇش» نى باشلىغان. نەتىجىدە چوڭ تازىلاش ھەرىكىتىنىڭ ئەكس تەسىرى تېزلا كۆرۈلگەن. 1940 - يىلى 13 - مارتقىچە داۋام قىلغان بۇ ئۇرۇشتا سىتالىن 320 مىڭ ئەسكىرىدىن ئايرىلغان. 5570 ئەسكىرى ئەسىرگە چۈشكەن. 3543 تانكىسى پاچاقلاپ تاشلانغان. 515 ئايروپىلانى ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن. فىنلاندىيىدىن بولسا 26 مىڭ ئەسكەر چىقىم بولغان. مىڭ ئەسكەر ئەسىرگە چۈشكەن. 43 مىڭ ئەسكەر يارىلانغان. 30 تانكا ۋە 62 ئايروپىلان زىيان تارتقان. مىڭدەك ئاۋام بومباردىماندا قازا قىلغان . خەلقئارا ئىتتىپاق سىتالىننىڭ بۇ قىلمىشىنى ئەيىپلەپ، 1939 - يىلى 14 - دېكابىر سوۋېتنى ئىتتىپاقتىن قوغلاپ چىقىرىپ، فىنلاندىيىگە ياردەم بېرىشكە چاقىرغان.

ماننېرھېيىمنىڭ قوماندانلىقىدا فىنلاندىيە خەلقى ئاز كۈچ بىلەنلا سىتالىغا يۇقىرىقىدەك ئېغىر تالاپەت يەتكۈزگەن./ شۇڭلاشقا ۋەتەندە خىتايلار ئىزچىل بۇ قىشلىق ئۇرۇشنى يوشۇرۇپ كەلدى. ۋەتەندىكى خىتايلار تۈزگەن دۇنيا تارىخىغا بۇ ئۇرۇش كىرگۈزۈلمىگەنىدى/. بەزى مەنبەلەردە بۇ ۋاقىتتا موسكۋا ئەمگەكچىلەر ئۇنۋېرسىتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان مەرھۇم ئەخمەتجان قاسىمىمۇ بۇ قېتىمقى قىشلىق ئۇرۇشقا قاتنىشىپ، ئېغىر يارىلىنىپ، 1940 - يىلى ئەتىيازدا كاۋكازدا داۋالىنىپ ساقايغان. ئوق تېگىپ كەتكەن كۆزى سەل قىسىق دېيىلىدۇ/.

1940 - يىلى 13 - مارت ئۇرۇش توختاپ، سىتالىن فىنلاندىيىنىڭ ئۇرۇشتىن ئىلگىرىكى 11% زېمىنىغىلا ئېرىشكەن. ئەمما خەلقئاردىكى ئابرۇيى ۋە ھەيۋىسى يەر بىلەن يەكسان بولغان.

« قىشلىق ئۇرۇشتىكى قاتتىق مەغلۇبىيەت قىزىل ئارمىيىنىڭ نەقەدەر ئېچىنىشلىق ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئىسپاتلىدى».

سىتالىن ئەمدى پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىپ، ياپونىيە بىلەنمۇ تېنچلىق كېلىشىمى تۈزۈشكە ئالدىرىدى. نەتىجىدە 1941 - يىلى 13- ئاپرىل موسكۋادا « سوۋېت ياپونىيە بىتەرەپلىك ۋە تېنچلىق كېلىشىمى » ئىمزالاندى.

سىتالىن 1931 - يىلى ياپونلار مانجۇرىيىگە كىرگەندىلا يۈرىكى دۈپۈلدەشكە باشلىغانىدى.
ئەمدى ئۇھ دەپ تۇرغاندا 1941 - يىلى 22 - ئىيۇن يېرىم كېچىدە گېتلىر 3 مىليون قۇدرەتلىك ئەسكىرى كۈچى بىلەن ئۈچ سەپ بويىچە سوۋېتقا بېسىپ كىردى. ھەر قايسى سەپ قوشۇنلىرى يىل ئاخىرىغىچە ئايرىم - ئايرىم ھالدا لېنىنگراد، موسكۋا ۋە كېيىۋغا يېتىپ كەلدى.

ياپونىيە 1941 - يىلى 7 - دېكابىر ھاۋايدىكى پئورل - خاربور پورتىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئامېرىكىنى دۇنيا ئۇرۇشىغا سۆرەپ كىردى.
شۇنىڭ بىلەن سىتالىنغا پۇرسەت كەلدى.

1942 - يىلدىن 1945- يىلى 9 - ماي گېرمانىيە مەغلۇپ بولغىچە، روزۋېلىت، چېرچىل ۋە سىتالىن كۆپ قېتىم يىغىن ئېچىپ، يېڭى دۇنيا تەرتىپىنى تۈزۈپ، دۇنيانى يەڭ ئىچىدە بۆلۈشتى.

ۋەتىنىمىز گەرچە ئۇرۇش مەيدانىدىن يىراق بولسىمۇ ، بىراق 1941 - 1943 - يىللاردىكى ئامېرىكا - سوۋېت ئىتتىپاقداشلىقىنىڭ قۇربانى بولۇپ، سىتالىننىڭ رازىلىقى، ئامېرىكىنىڭ قوللىشى، جاللات شېڭنىڭ ئارتىسلىقى بىلەن گومىنداڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى. 1944 - 1945 - يىللىرى جاڭ كەيشىدىن مانجۇرىيە ۋە موڭغۇلىيىدىكى مەنپەئەتلىرىنى ئېتىراپ قىلدۇرالمىغان سىتالىن ئۇيغۇرلارنى قوللاپ، 1944 - يىلى 12- نويابىر غۇلجىدا 2 - جۇمھۇرىيەتنى قۇرۇشىغا يول قويدى.

1945 - يىلى فېۋرالدىكى يالتا يىغىنىنىڭ روھى بويىچە سىتالىن « گېرمانىيە مەغلۇپ بولۇپ، ئۈچ ئاي ئىچىدە ياپونىيىگە قارشى ئۇرۇشقا كىرىدىغانلىقى» توغرىلىق ۋەدە بەردى. بىراق جاڭ كەيشى، 9 - ماي بېرلىن ئېلىنغاندىن كېيىنمۇ سىتالىننىڭ موڭغۇلىيە ، يىراق شەرق ۋەمانجۇرىيىدىكى مەنپەئەتى توغرىلىق ئىپادە بىلدۈرمىگەچكە، 2 - ئايدىن بېرى جەڭگە كىرگىلى قويمىغان ئۇيغۇرلارغا  6 - ئايدا قايتا ھۇجۇمغا ئۆتۈش رۇخسىتى بەردى. نەتىجىدە ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان مىللىي ئازاتلىق ئارمىيىسى ئىككى
ئاي ئىچىدىلا شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىنى ئازات قىلدى. جەنۇپتا ئاقسۇ ئازات بولاي دېدى.

1945 - يىلى 12 - ئاپرىل روزۋېلىت ۋاپات بولۇپ، ترۇمېن ئورنىغا چىققان. 9 - ماي سىتالىن بېرلىننى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن،
ترۇمېن 22 - ماي « كوممۇنىزىم خەتىرىگە قارشى پىلانى» نى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنىڭ بىلەن روزۋېلىت ۋاختىدىكى ئىككى قۇتۇپ ئىتتىپاقلىقى يىمىرىلىشكە باشلىغان. ئىيۇلدا ئامېرىكا ئاتوم بومبىسىنى ئۇتۇقلۇق سىناق قىلغاندىن كېيىن، ترۇمېن يىراق شەرققە ئەسكەر توپلاۋاتقان سىتالىننى ئاگاھلاندۇرغان. 6 - ئاۋغۇست خروشىماغا ئاتوم بومبىسى تاشلىغان.
سىتالىن 7 - ئاۋغۇست « 1941 - يىلى 13 - ئاپرىلدىكى سوۋېت - ياپون تېنچلىق كېلىشمى» نى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىغان. 8 - ئاۋغۇست يەنە بىر ئاتوم بومبىسى ناگاساكىغا چۈشكەن. سىتالىن ترۇمېننىڭ تەكرار ئاگاھلاندۇرىشىغا پەرۋا قىلماي، « يالتا يىغىنىدىكى مەنپەئەتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش» ئۈچۈن، شۇ كۈنىلا مانجۇرىيىنى قورشاۋغا ئالغان ئىككى يېرىم مىليون ئەسكىرىگە بۇيرۇق بەرگەن. قىزىل ئارمىيە 9 - ئاۋغۇستتىن 14 - ئاۋغۇستقىچە بولغان ئالتە كۈن ئىچىدىلا پۈتكۈل مانجۇرىيىنى ئىشغال قىلىپ، بىر يېرىم مىليون كىشىلىك كانتون ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان. 14 - ئاۋغۇست ياپونىيە شەرتسىز تەسلىم بولغانلىقىنى جاكارلىغان. سىتالىن شۇ كۈنىلا موسكۋادا « سوۋېت - خىتاي دوستلۇق كېلىشىمى » نى ئىمزالاپ، جاڭ كەيشىنى تېزرەك ئىپادە بىلدرۈشكە زورلاش ئۈچۈن، مىللىي ئارمىيىنى تاكى 9 - سېنتەبىر ماناس دەرياسى بويىغىچە بېرىشىغا سۈكۈت قىلغان.
ئۈرۈمچىدىكى جۇشاۋلىياڭ 11 - سېنتەبىر چۇڭچىڭغا ئۇدا ئۈچ قېتىم جىددىي مەكتۇپ يوللاپ :« ئەھۋال بەكلا خەتەرلىك ! ئۇلار 120 كىلومېتىر ئالغا ئىلگىرلىسىلا ئۈرۈمچى قولدىن كېتىدۇ! ئۇيغۇرلار مۇستەقىل بولۇشقا 120 كىلومېتىرلا قالدى. مەن ئاز ساندىكى ئەسكەرلىرىم بىلەن دۆلەت ئۈچۈن قۇربان بولۇش يولىنى تۇتتۇم! ئالىيلىرى تېزدىن چارىسىنى قىلىپ، ياردەم قىلغايلا !» دېگەن.
ئاخىرى جاڭ كەيشى سىتالىندىن ياردەم تەلەپ قىلغان. نەتىجىدە سىتالىن پالىنوف ئارقىلىق مىللىي ئارمىيەنى ماناس دەريا بويىدا توختىتپ قويغان. 15 - ئۆكتەبىردىن 1946 - يىلى ئىيۇنغىچە سوزۇلغان سۆھبەتلەر ئارقىلىق، 1 - ئىيۇل « بىرلەشمە ھۆكۈمەت » قۇرۇلغان. ئون كۈندىن كېيىن ئۈرۈمچىدە مېدال تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. ھەتتا ئەلىخان تۆرەمگە مېدال ئېلان قىلىنغان. بىراق غۇلجىدا،
ئەلىخان تۆرەم 13 - ئىيۇل مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش باھانىسىدە زىس ماشىنا بىلەن ئالمۇتىغا ئېلىپ كېتىلگەنىدى./ بۇ ئىشلارنى ئۈرۈمچىدىكى ۋەكىللەر تېخى بىلمەيتتى/. 1947 - يىلى 25 - فېۋرال ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئەخمەتجان قاسىمىنى ئۆلتۈرۈش سۇيقەستى بىتچىت بولدى. بىراق ۋەزىيەت كەسكىنلىشىپ كەتتى.
چۈنكى جاڭ كەيشى ترۇمېننىڭ قوللىشىدا 1946 - يىلى 6 - ئايدا كومپارتىيىگە ھۇجۇم باشلىغانىدى.

ترۇمېننىڭ قاتتىق قوللۇقى ۋە كوممۇنىزىمغا، سوۋېتقا قارشى ھەرىكەتلىرى ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرىنى تېخىمۇ تۇيۇق يولغا باشلاپ قويدى.

1946 - يىلغىچە نىسبەتەن سىتالىننىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن جۇمھۇرىيىتىمىز 1948 - يىلى ئەسلىدە سىتالىن مانجۇرىيەدە قالدۇرۇپ كەتكەن قوراللار ئارقىلىق گومىنداڭنى مەغلۇپ قىلىپ، كۈنسىرى جەنۇپقا قاراپ يۈرۈش قىلىۋاتقان كوممۇنىستلارنىڭ سەۋەبىدىن 1949  - يىلى سېنتەبىردە قايتا قۇربانلىق قىلىنىپ، 70 يىللىق قىزىل قىيامەتنى باشلىدى.

« فرانكىلىن روزۋېلىتنىڭ ۋاپاتى ۋە ھاررىي ترۇمېننىڭ سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرىگە كۆرسەتكەن تەسىرى»
توغرىلىق يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىشىمىز كېرەك « دەۋاگەر يۇۋاش بولسا، قازى مۇتەھەم بولىدۇ» ! « بىزمۇ قۇياش ئاستىدىكى زېمىندىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، ئادەمدەك ياشاشنى تەلەپ قىلىمىز! شۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلىمىز!»

1 . « يالتا يىغىنى روھى ۋە سوۋېت - خىتاي دوستلۇقى » :

« يالتا يىغىنى » روھىغا ئاساسەن سىتالىن ئۈچ ئاي ئىچىدە ياپونلارغا ئۇرۇش ئېلان قىلىدىغان بولغان . بۇنىڭ مۇھىم شەرتى خىتاينىڭ سىتالىن ئوتتۇرىغا قويغان بارلىق تەلەپلىرىگە شەرتسىز قوشۇلۇشى ئىدى . ئەمما ئامېرىكىنىڭ ئىككى ئاتوم بومبىسى ، ھەمدە سىتالىننىڭ 8 - ئاۋغۇست ئىككى يېرىم مىليون ئەسكەر بىلەن مانجۇرىيەگە باستۇرۇپ كىرىپ، 19 - ئاۋغۇستقىچە مانجۇرىيەنى تولۇق ئىشغال قىلىشى ، ئەسلىدە بەش يىلدا مەغلۇپ قىلىش بەلگىلەنگەن ياپونىيە ئارمىيىسىنى 14 - ئاۋغۇست تەسلىم بولۇشقا مەجبۇرلىغان .
ياپونلارنىڭ بالدۇر تەسلىم بولۇشى مىللىي مۇستەقىللىقىمىز ئۈچۈن ئەڭ چوڭ پالاكەت بولغان . خىتاي تارىخچىلىرىمۇ بۇنى ئوچۇق ئېتىراپ قىلغان . شۇ  كۈنى موسكۋادا
« سوۋېت - خىتاي دوستلۇقى كېلىشىمى » تۈزۈلگەن . ئەمما سىتالىن ئارمىيىمىزنىڭ تاكى 14 - سېنتەبىر ماناس دەرياسى بويىغىچە ئىلگىرلىشىنى توسمىغان . پەقەت 11 - 12 - 13 - سېنتەبىر ۋەتىنىمىزدىكى ئىشغالچى خىتاي گېنىرالى جۇشاۋلىياڭ جاڭ كەيشىدىن ئۈچ قېتىم جىددىي قۇتقۇزۇش تەلەپ قىلغاندىن كېيىنلا،جاڭ كەيشى بىر تەرەپتىن ئۈرۈمچىگە تۈلكە جاڭ جىجۇڭنى ئەۋەتىپ سوۋېت كونسۇلى ئارقىلىق سىتالىنغا يالۋۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكىنىڭ ۋاستىسىدا سىتالىننىڭ بارلىق مەنپەئەتلىرىگە ماقۇل بولغان . نەتىجىدە
15 - سېنتەبىر موسكۋادا مۇھىم يىغىن ئېچىلىپ، « ماناس دەرياسى بويىدا توختاپ قېلىش » قارارى ماقۇللانغان . لېكىن سىتالىن جاڭ كەيشىنى تېخىمۇ تېزراق تىز پۈكتۈرۈش ئۈچۈن شىمالدىكى ئارمىيەنى توختىتىپ قويۇپ، جەنۇپتىكى پامىر تاغلىرىدا يېڭى ئىنقىلاپ چىقارغان . ئۇلار 111 كۈن ئىچىدىلا قەشقەر ۋە يەكەن شەھىرىدىن باشقا ئاساسلىق قەشقەر تەۋەسىنى قولغا ئېلىپ بولغان .

جاڭ كەيشى ئاخىرى موڭغۇلىيەنى سىتالىندىن تالاشماي، تاشقى مانجۇرىيەنى ئېتىراپ قىلىپ ، ( 1860 - يىلى ئىشغال قىلىنغان . 1922 - يىلى سۇنجۇڭشەن تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان )، سىتالىننىڭ يىراق شەرق ۋە لۇشۈن پورتىدىكى ئىمتىيازىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغاندىن كېيىن ، سىتالىن ھەم ماۋ باشلىق خىتاي كامىنىسلىرىنى ھەم ئىلىدىكى مۇستەقىل جۇمھۇرىيىتىمىزنى قوللىمايدىغان بولغان . ( دېمەك سىتالىن يالغۇز بىزنىلا ئەمەس، خىتاي كومپارتىيىسىنىمۇ ئالىي مەنپەئەتى ئۈچۈن كۆزىنى مىت قىلماي گومىنداڭغا سېتىۋەتكەن . بۇ قىلمىش ماۋنىڭ سىتالىندىن يۈز ئۆرۈشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق تۆت سەۋەپنىڭ بىرى ئىدى ) . تىرومىن باشلىق
ئامېرىكىمۇ جاڭ بىلەن ماۋنى ياراشتۇرغان.

1945 يىلى - 12 - ئاۋغۇست ، سىتالىن شىمالى كورىيەنى ئىشغال قىلغان. ئەمما ياپونىيە 14 - چېسلا تەسلىم بولغاچقا، جەنۇبى كورىيەنى ئىشغال قىلىشقا ئۈلگۈرەلمىگەن. سىتالىن 9 - چېسلا مانجۇرىيەگە باستۇرۇپ كىرگەن ئىدى.
14 - ئاۋغۇست موسكۋادا « سوۋېت - خىتاي دوستلۇق كېلىشىمى » ئىمزالانغان . بىراق سىتالىن مەنپەئەتىنى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن مىللىي ئارمىيەنىڭ تاكى 14 - سېنتەبىرگىچە ئىلگىرىلىشىنى ، يەنە كېلىپ جىڭ بىلەن شىخۇنى ئېلىپ، ماناس دەرياسى بويىغىچە بېسىپ كېلىشنى توسمىغان . 11 - سېنتەبىر داڭلىق خىتاي گېنىرالى جۇشاۋلىياڭ جاڭ كەيشىدىن قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلغان. 12 - سېنتەبىر جاڭ كەيشى سىتالىنغا يالۋۇرۇپ، تۈلكە جاڭ جىجۇڭنى 13 - سېنتەبىر ئۈرۈمچىگە ئەۋەتكەن . سىتالىن ئىلى كونسۇلى ئارقىلىق گومىنداڭنى خاتىرجەم قىلغان . 14 - سېنتەبىر گومىنداڭ سىتالىننىڭ بارلىق مەنپەئەتىگە    تولۇق كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى قايتا - قايتا تەكىتلىگەندىن كېيىن ، 15 - سېنتەبىر موسكۋادا يىغىن ئېچىلىپ **،« ماناس دەرياسى بويىدا توختاپ قېلىش » توغرىلىق قارار چىقىرىلغان . 15 - ئۆكتەبىر سۆھبەت باشلانغان . 1946 - يىلى 6 - ئىيۇن بىتىم تۈزۈلگەن. 28 - ئىيۇن جۇمھۇرىيەت نامى ئەمەلدىن قالغان. ئارقىدىنلا ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئارىسىدا سوغۇق ئۇرۇش ئەۋجىگە چىققان . بۇ ۋەزىيەت 1947 - يىلى يازدا گومىنداڭنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىگە ئومۇمىي ھۇجۇم قىلىشىغا تۈرتكە بولغان . ھىلىگەر ماۋ بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ، سىتالىننىڭ قايتىدىن ئېتىۋارىغا ئېرىشكەن. ( ئەمما بىزنىڭ لېدىرلار سىتالىنغا ياخشىچاق بولۇش تۈگۈل ، ئۇ چىن قەلبىدىن قاتتىق يامان كۆرىدىغان تۈركچىلىكنى كەڭ تارقىتىپ ، سىتالىننىڭ غەزىپىنى كۈچەيتكەن ) . ھىلىگەر ماۋ يەنە بىر تەرەپتىن تېخى دۆلەت قۇرماي تۇرۇپلا، 1947 - يىلى مايدا « ئىچكى موڭغۇل ئاپتونۇم رايونى » قۇرۇپ بېرىپ، ئىچكى موڭغۇلنى بازا قىلىپ، سىتالىن مانجۇرىيەدە تاشلاپ بەرگەن قوراللار بىلەن ئۇرۇش قىلغان . سىتالىنمۇ ئۇنى 12 - ماي تاشقى موڭغۇلنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرلىغان. ماۋ غىڭ قىلماستىن سىتالىننىڭ ئارزۇسى بويىچە ئىش قىلغان . شۇڭلاشقا سىتالىن قايتىدىن ئۇيغۇر مىللىي ئارمىيىنى قوزغاپ، گومىنداڭنىڭ ۋەتىنىمىزدىكى ئامېرىكىچە قوراللانغان ئەڭ سەرخىل 100 مىڭ ئەسكىرىنى ئىسكەنجىگە ئېلىپ، تۇتۇپ تۇرۇپ، ماۋنىڭ غەلىبە قىلىشىغا ئاساس يارىتىپ بەرگەن .

دېمەك ، بىز سىياسەت ئويناشتا شېڭ شىسەي بىلەن ماۋ زېدوڭچىلىك بولالمىغان . شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ سايىسىدە دۇنيادىكى ئەڭ پەس بىر قەۋم پۈتۈن دۇنيانى يۇتقۇدەك ھالغا كەلدى. ئەمما بىزنىڭ خەلقىمىز « ئۆز ۋەتىنىدە تۇتقۇن، چەتئەللەردە قاچقۇنغا ئايلاندى » .

2 . ياپونىيەنىڭ تەسلىم بولۇشىدىن بۈگۈنگىچە ئۇيغۇر تەقدىرى:

ئەجەبا ھازىر سوغۇق ئۇرۇش ئورنىغا قىزىق ئۇرۇش ئەڭ ياخشى تاللاش بوپقالدىمۇ ؟! بىز بۇ چاغدا نېمە قىلماقچى؟

ئەسلىدە گېرمانىيە ، ئىتالىيە ۋە ياپونىيە فاشستلىرىغا قارشى ئىتتىپاقداش بولغان ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇرۇشتىن كېيىنكى دۇنيا تەرتىپىنى بېكىتىشتە كېلىشەلمەي ، يېڭى رەقىپلەرگە ئايلىنىپ قالغان . روزۋېلتنىڭ 1945 - يىلى ئاپرىلدا ئۆلۈپ كېتىشى بىلەن سوغۇق ئۇرۇش باشلىنىپ كەتكەن .

1945 - يىلى 17 - ئىيۇل پوتسىدام يىغىنىدا ياپونلارغا قارشى ھەربىي ياردەم تەلەپ قىلىپ سىتالىنغا يالۋۇرغان تىرۇمېن بىر ئاي ئۆتمەيلا ياپونىيەگە تاشلىغان ئىككى ئاتوم بومبىسىنىڭ ئۈنۈم بەرگىنىنى كۆرۈپ ، سىتالىننى يىراق شەرققە ئەسكەر يۆتكەشتىن تۇسۇشقا باشلىغان . بىراق سىتالىن پەرۋا قىلماي، يالتا يىغىنىدىكى مەنپەئەتلىرىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكا ئاتوم بومبىسى تاشلىغان كۈنىلا ياپونىيەگە ئۇرۇش ئېلان قىلىپ ، يىراق شەرققە ئىككى يېرىم مىليون ئەسكەر بىلەن باستۇرۇپ كېلىپ ، 9 - ئاۋغۇستتىن 18 - ئاۋغۇستقىچىلا مانجۇرىيە ( 1932 - 1945) دۆلىتىنى ئىشغال قىلىپ بولغان . ياپونىيەمۇ 14 - ئاۋغۇست ئامېرىكا بىلەن تەسلىم بولۇش كېلىشىمىگە ئىمزا قويغان . ئەسلى پىلاندا 1950 - يىلغىچە مەغلۇپ قىلىش مۆلچەرلەنگەن ياپونىيەنىڭ بۇنداق تېزلا تەسلىم بولۇشى ھەم سىتالىن ھەم تىرۇمېننىڭ پىلانلىرىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىۋەتكەن . ئەڭ چوڭ پايدىنى خىتاي فاشست دۆلىتى ( 1928 - 1949 ) ئالغان . چۈنكى خىتايمۇ ياپونغا قارشى ئىتتىپاقداش ئەللەر قاتارىدا بولۇپ ، ياپونىيە تەسلىم بولغان كۈنى موسكۋادا « سوۋېت - خىتاي دوستلۇق كېلىشىمى » ئىمزالانغان .

سىتالىن يىراق شەرقتىكى مەنپەئەتلىرىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ھەم قىزىل خىتاي باندىتلىرىنى ھەم بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇربان قىلىپ ، جاڭ كەيشىنى ئېتىراپ قىلغان . ئەمما خىتاينى يەنىمۇ يول قويۇشقا مەجبۇرلاش ئۈچۈن ، مىللىي ئارمىيىمىزنىڭ تاكى 14 - سېنتەبىرگە قەدەر ساق بىر ئاي ئۇرۇش قىلىپ ، ماناس دەرياسى بويىغىچە ئازات قىلىشىغا يول قويغان . ئەينى ۋاقىتتا جاڭ كەيشى بىر تەرەپتىن تىرۇمېنغا يالۋۇرسا ، يەنە بىر تەرەپتىن تۈلكە جاڭ جىجۇڭنى 12 - سېنتەبىر ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىپ ، سىتالىنغا ئۇدا يالۋۇرۇپ ، ئۇنىڭ مانجۇرىيە ، لۇشۈن پورتى ۋە سېرىق دېڭىزدىكى تەلەپلىرىگە تولۇق قوشۇلغان. شۇندىلا سىتالىن 15 - سېنتەبىر ماناس دەرياسى بويىدا ئارمىيىمىزنى توختىتىپ قويغان .

بىراق 1946 - يىلدىن باشلاپ ئامېرىكا سوۋېت تەرەپنى مانجۇرىيە، ۋەتىنىمىز ۋە ئىراندىن سىقىپ چىقىرىش ئۈچۈن كۆپ بېسىم قىلغان . سىتالىن كاۋكازدىكى ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ۋە يىراق شەرقتىكى تەسىرىنىڭ نىسبەتەن ئاجىز بولۇشى سەۋەبىدىن يول قويۇپ ، 1946 - يىلى ئىيۇلدا بارلىق ئالاھىدە خادىملىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىش بىلەن بىرگە ، ئەلىخان تۆرىنى بىللە ئېلىپ كەتكەن . ئاۋغۇستتا مانجۇرىيەنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن . يەنە شۇ يىلى كۈزدە ئىراننىڭ غەربىدە قۇرغان « بۈيۈك غەربىي ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتى» نى ئىرانغا تاشلاپ بەرگەن . ئىران شاھى مۇھەممەد رىزا پەھلىۋى ئامېرىكىنىڭ قوللىشى بىلەن شۇ يىلى 11 - نويابىر تەبرىزنى ئىشغال قىلىپ بۇ دۆلەتنى يوقاتقان . ھازىرمۇ ئىراندا ئەزەربەيجان مىللىتى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 40% نى ئىگىلەيدىغان بولۇپ ، ئۇلارنىڭ سانى پارسلارنىڭ سانىدىنمۇ كۆپ . سىتالىن يىراق شەرقتە، ۋەتىنىمىزدە ۋە ئىراندا ئامېرىكا بىلەن خىتايغا يول قويغان بولسىمۇ ، ئەمما ئۇنىڭ بەدىلىگە شەرقىي ياۋروپا ئەللىرىنى تولۇق ئىشغال قىلىۋالغان . ئامېرىكا دەرھال غەربىي ياۋروپا ئەللىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، گېرمانىيەنى پاسىل قىلىپ سىتالىن بىلەن تىركەشكەن .

ياۋروپادىكى سۈركىلىش ئاسىيادىمۇ تەسىرىنى كۆرسىتىپ ، 1947 - يىلى باھاردا جاڭ كەيشى ئامېرىكىنىڭ قوللىشىدا قىزىل خىتايلارغا ئومۇمىي ھۇجۇم قوزغىغان . ماۋ دەرھال شىمالغا قېچىپ بېرىپ ، موڭغۇللارنى ئالداپ،
تېخى دۆلەت قۇرماي تۇرۇپلا شۇ يىلى مايدا
« ئىچكى موڭغۇل ئاپتونۇم رايونى » نى قۇرۇپ بەرگەن . سىتالىن گەرچە 1946 - يىلغىچە بېسىپ ياتقان مانجۇرىيەنى جاڭ كەيشىگە تاشلاپ بەرگەن بولسىمۇ ، ئەمما شۇ چاغدا ئېلىپ كەلگەن قورال - ياراقلارنى موڭغۇللارنىڭ قولى بىلەن خىتاي كوممۇنىستلىرىغا يەتكۈزۈپ بەرگەن . بىراق پۈتۈنلەي ئامېرىكىچە زامانىۋى قوراللار بىلەن قوراللانغان گومىنداڭ ئارمىيىسى 1947 - 1948 - يىللىرى ماۋنى ئاساسەن تارمار قىلىش نىشانىغا يېقىنلاشقان . سىتالىن 1947 - يىلى ئاۋغۇستتا ئەخمەتجان قاسىمى غۇلجىغا قايتىپ كېتىپ ، ئاتالمىش « بىرلەشمە ھۆكۈمەت» يىمىرىلگەندىن كېيىن ، قايتىدىن مىللىي ئارمىيەنىڭ سانىنى كۆپەيتىشكە بۇيرۇپ، بىزنى قايتىدىن قوراللاندۇرغان . ئۇ چاغدا سىتالىن ئۆزىمۇ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئامېرىكا قوللىغان گومىنداڭغا قارشى غەلىبە قىلىشىغا تازا ئىشەنمىگەچ ، ھەر ھالدا پۈتۈن خىتاينى تارتقۇزۇپ قويغاندىن ، ئارقا ھويلىسى بولغان ۋەتىنىمىزنى بولسىمۇ قولىدا ساقلاپ قېلىپ ، ۋەتىنىمىزنى ئامېرىكىنىڭ تەسىرىدىن يىراق تۇتماقچى بولغان .

ئەڭ ئەجەللىك خاتالىق دەل شۇ چاغدا سادىر بولغان . ئالتۇن پۇرسەتمۇ دەل شۇ ۋاقىتتا قولدىن كەتكەن . ھىلىگەر ماۋ ئۇرۇش ئارقىلىق گومىنداڭنى يېڭىشكە كۆزى يەتمەي ، ھىلە - مىكىر ئارقىلىق « دۆلەتنىڭ بىرلىكى ئۈچۈن بىرلىشەيلى ! » شوئارىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، 1946 - 1948 - يىللاردىكى ھالاكەت خەۋپىنى يوق قىلغان . تۇنجى بولۇپ 1949 - يىلى يانۋاردا تۈلكە جاڭ جىجۇڭ تەسلىم بولغان . ئۇنىڭ ۋاستىسىدە پېكىننى ساقلاپ تۇرۇۋاتقان گومىنداڭ گېنىرالى فۇزويى بىر پاي ئوق ئاتمايلا، ئامېرىكىچە قوراللانغان نەچچە يۈز مىڭ سەر خىل خىتاي ئەسكىرىنى ماۋغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن . شۇنىڭ بىلەن ئارىدىكى تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلغان. ماۋ سىتالىندىن مانجۇرىيە ئارقىلىق بىۋاستە ھەربىي ياردەم ئالالايدىغان بولغان . تولىمۇ ئەپسۇس ، يۇقىرىقى ئۈچ يىلدا بىز ۋەتىنىمىزدە ئىككى قۇتۇپ بولۇپ ئىدىيە كۈرىشىگە پېتىپ قالغان بولۇپ ، ئەسلىدە بىر پۈتۈن تاجاۋۇزچى خىتايغا قارشى بولغان خەلقىمىز بىردىنلا تېڭىرقاپ ، ھەم سوۋېتقا ھەم خىتايغا قارشى ئىككى بۆلەككە بۆلۈنۈپ كەتكەن. قارا خىتاي بىلەن قىزىل خىتاي دۆلىتىنىڭ ئالىي مەنپەئەتى ئۈچۈن بىرلىشەلىگەنيۇ ، بىزنىڭ رەھبەرلىرىمىز « ئۈچ ۋىلايەت تەرەپ » ، « يەتتە ۋىلايەت تەرەپ » بولۇشۇپ ئۆز ئارا ئىدىيە ئۇرۇشى قىلىپ ، دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن پايدىلىنىپ كەتكەن . ھەتتا موسكۋامۇ بۇ ھەقتە
« پانتۈركىزىم ئەنقەرەدىن ئۈرۈمچىگە يۆتكەلدى » دەپ ئوچۇق بايانات ئېلان قىلىپ ، بىزدىن سوۋۇپ كېتىشكە باشلىغان . ۋەتىنىمىزدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ئىدىلوگىيىلىك پىكىرنىڭ يامراپ كېتىشى سىتالىننىڭ خىتاي كومپارتىيىسىنى قوللاش سالمىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن .

1949 - يىلى يانۋاردا ماۋ پېكىننى ئىشغال قىلغان ھامان ، سىتالىن ئەڭ يېقىن ئادىمى ئاناستاس مىكوياننى مەخپىي زىيارەتكە ئەۋەتكەن . ۋەتىنىمىزنىڭ تەقدىرىمۇ ئەنە شۇ زىيارەت بىلەن بېكىتىلىشكە باشلىغان . مىكويان ھەتتا ماۋغا ۋەتىنىمىزدىكى مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىمىزنى قوللىغانلىقىنى يوشۇرغان . بۇمۇ سىتالىننىڭ ماۋدىن بەكرەك بىز بىلەن يېقىنلىقىنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى . ھەم ماۋنىڭ ئالاقىسىدىن بىزنىڭ ئالاقىمىزنىڭ بۇرۇنلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنىڭ پاكىتى . ماۋ بۇ قېتىم سىتالىننى زىيارەت قىلىش ئىستىكىنى بايان قىلغان . ئەمما سىتالىن رەت قىلغان.ئۇ ماۋغا تېزدىن يىل ئاخىرىغىچە قىزىل خىتاي دۆلىتىنى قۇرۇش، ئاندىن زىيارەتكە كېلىش كېرەكلىكى ھەققىدە كۆرسەتمە بەرگەن . شۇڭا ماۋ شۇ بويىچە بىر قاتار ھىلە - مىكىرلەر ئارقىلىق گومىنداڭنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم ۋەتەنپەرۋەر ۋە مەنسەپپەرەس خىتايلارنى ئىندەككە كەلتۈرۈش يولى ئارقىلىق ، مۇنتىزىم ئىككى مىليون ئەسكىرى بار گومىنداڭنى 36 تەدبىر بىلەنلا پارچىلاپ تارمار قىلغان .

1949 - يىلى 1 - ئۆكتەبىر گەرچە قىزىل خىتاي دۆلىتى قۇرۇلغان بولسىمۇ ، ئەمما ۋەتىنىمىزدە ھەم ئىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىسى، ھەم جەنۇپتىكى يەتتە ۋىلايەت ئاممىسى بۇ ئىشلاردىن خەۋەرسىز ئىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋەتىنىمىز تېخىچە قىزىل خىتاي دۆلىتىنىڭ خەرىتىسىدە يوق ئىدى . نامدا تەسلىم بولغان گومىنداڭمۇ ئالدىراپ بۇ جاينى قىزىل خىتايغا تاپشۇرۇپ بەرمەيتتى . ئىلىدىكى تەرەپمۇ بۇ قىزىل خىتاينى ئېتىراپ قىلمايتتى . چۈنكى ئۇلار تېخىچە ئەخمەتجان قاسىمىنى رەھبىرىمىز دەپ بىلەتتى .  پېكىندىكى سەيپىدىنمۇ ئۇ چاغدا پەقەت ئۆزىگىلا ۋەكىللىك قىلاتتى . ھەرگىزمۇ خەلقىمىزگە ۋەكىللىك قىلالمايتتى . ئەمما سىتالىن ئويۇننى شۇنچىلىك ماھىرلىق بىلەن ئوينىغان ، خىتايلارمۇ شۇنچىلىك ئۇستىلىق بىلەن رول ئالغانكى ، ھازىرغىچە مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىمىزنى خىتايلارنىڭ گومىنداڭنى ئۆرۈش ھەرىكىتى بىلەن بىر قاتاردا ساناش كاللىمىزغا قەدەر سىڭدۈرۈلگەن .

ئۇنىڭ ئۈستىگە سىتالىن ئامېرىكا تەرەپنىڭ خىتاينىڭ غەربىدىكى بەش ما فامىلىلىك مىلىتارست تۇڭگاننى ۋەتىنىمىزگە توپلاپ ، خەلقىمىز بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ ، بىر ئىسلام دۆلىتى قۇرۇش پىلانىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىنلا ، ھەم ماۋنى تېزدىن دۆلەت قۇرۇشقا قىستىغان ، ھەم رەھبەرلىرىمىزنى چاقىرىپ ، ئۇلارنى خىتاي كومپارتىيسى بىلەن ھەمكارلىشىشقا قىستىغان . ئۇلارنىڭ سىرلىق ئۆلتۈرۈلگەنلىكىلا ئۇلارنىڭ سىتالىنغا قارشى چىققانلىقىنىڭ ئىسپاتى . ماۋ دۆلەت قۇرۇپ، ئەسلىدە 1950 - يىلى ئىشغال قىلىش پىلانىنى سىتالىنغا يەتكۈزۈپ ، ھازىرچە ھەم قاتناش قورالى ھەم ھەربىي قورال - ياراقلار كەمچىل دېگەن باھانىنى كۆرسەتكەن . شۇڭا سىتالىن ئالاھىدە ھەربىي ئايروپىلان ئەۋەتىپ خىتاي ئەسكەرلىرىنى ۋەتىنىمىزگە توشۇغان . شۇنداق قىلىپ تەلىيى ئوڭدىن كەلگەن خىتايلار شۇ يىلى 10 - ئۆكتەبىر ھەم قۇرۇقلۇق ھەم ھاۋادىن تەڭلا سەددىچىندىن چۈمۈلىدەك چىقىشقا باشلىغان . خەلقىمىز نېمە بولغىنىنى ئاڭقىرىپ بولغۇچە ، ئۇلار ئىككى ئاي ئىچىدىلا بىياپان ۋەتىنىمىزگە ئورۇنلىشىپ بولغان . گومىنداڭ ئەسكەرلىرى قورالسىزلاندۇرۇلۇپ ، يىغىۋېلىش لاگىرلىرىغا قامىلىپ ئەمگەككە سېلىنغان . مىللىي ئارمىيەنى 1949 - يىلى 25 - دېكابىرغا كەلگەندىلا ئاندىن ئۈرۈمچىگە كىرگىلى قويغان . بۇ دېگەنلىك « مەن ئۈرۈمچىنى گومىنداڭدىن 17 - ئۆكتەبىر تارتىۋېلىپ ئازات قىلدىم. سەن تەييارغا ھەييار بولۇپ 25 - دېكابىر كىردىڭ» دېگەنلىك ئىدى. خەلقئارا سىياسەت مانا مۇشۇنداق رەزىل ۋە مەينەت ئىدى . بۇندىن بۇرۇن 1946 - يىلى 28 - ئاۋغۇست غۇلجىغا كەلگەن تۈلكە جاڭ جىجۇڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى چۈشۈرگۈزۈپ ، ئاندىن ئايروپىلاندىن چۈشۈشتە ئۇتۇق قازانغان ئىدى.

3 . « گومىنداڭنىڭ پانتۈركىزىم قارتىنى ئوينىشى ۋە چوڭ قىماردىكى پاجىئەلىك ئۇتتۇرۇش » :

قۇۋ ۋە ھىلىگەر گومىنداڭمۇ بىزنىڭ سىتالىننىڭ نەزىرىدىكى ئورنىمىزنى ۋە ئېتىبارىمىزنى يوق قىلىش ئۈچۈن پانتۈركىزىمچى ئۈچ ئەپەندىنى ۋەتىنىمىزنىڭ ئەمەلدارلىرى قىلىپ سايلاپ، 1947 - يىلى 28 - مايدىن ئېتىبارەن سىياسىي جەھەتتە خەلقىمىزنىڭ ئىككىگە پارچىلىنىشى ۋە سىتالىننىڭ ئۇيغۇرلاردىن بىئارام بولۇپ، ئىلىدىن يەنئەنگە مايىل بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان . 1949 - يىلى ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان گومىنداڭنىڭ گۇمران بولىدىغانلىقىنى سېزىپ، غەربىي شىمالدىكى بەش ما فامىلىلىك تۇڭگاننى ۋەتىنىمىزگە چېكىندۈرۈپ، ئىسلام دۆلىتى قۇرۇپ، ۋەتىنىمىزنى تەسىرى ئاستىدا تۇتماقچى بولغان. بۇ خەۋەردىن چۆچىگەن سىتالىن ئامېرىكىنىڭ ئارقا ھويلىسىدا پەيدا بولۇشىنى توسۇش ئۈچۈن دەرھال ماۋنى شۇ يىلى ئۆكتەبىرگىچە دۆلەت قۇرۇپ بولۇشقا قىستاپ،  بىر تەرەپتىن ئايروپىلان چىقىرىپ، لاتا خەيلىك، شۇم نىيەتلىك خىتاي باندىتلىرىنى ۋەتىنىمىزگە توشۇسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىگە سادىق بولغان رەھبەرلىرىمىزنى كۆزىنى مىت قىلمايلا بىر تەرەپ قىلىۋەتكەن . نەتىجىدە 70 يىللىق پالاكەت باشلانغان.

شۇنداق قىلىپ، شەرقتە ياپونىيەنىڭ كۈچىيىشى رۇسلارنى يۈز يىلدىن بېرى خىتاي بىلەن دوست بولۇشقا مەجبۇرلىسا، غەرپتە گېرمانىيەنىڭ قايتا كۈچىيىشى رۇسلارنىڭ ئەنگلىيە بىلەن قايتىدىن يارىشىپ، ئىتتىپاقداش بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. نەتىجىدە، ۋەتىنىمىز 1870 - يىللىرى
« چاررۇسىيە بىلەن ئەنگلىيە ئارىسىدىكى يۈز يىللىق بۈيۈك ئويۇن » نىڭ قۇربانلىقى بولۇپ، مانجۇرلارغا بېرىۋېتىلگەن بولسا، 1921 - يىلى ياپونىيەگە قارشى ئىتتىپاقداشتىن مەھرۇم قالماسلىق ئۈچۈن لېنىن ۋەتىنىمىزدىكى مىللىي مۇستەقىللىق ئىنقىلابىنى ئەمەلدى قالدۇردى. 1934 - يىلى ئارقا ھويلىسىدىلا دۈشمەنلىرىنى قوينىغا ئالغان ، كوممۇنىزىمغا ۋە جاھانگىرلىككە قارشى بولغان تۇنجى جۇمھۇرىيىتىمىزنى سىتالىن « ياپون تەھدىتى ۋە مانجۇرىيە دۆلىتى تەجرىبىسى »نىڭ قايتىلىنىشىدىن قورقۇپ خائىن تۇڭگانلارنىڭ قورال كۈچى بىلەن يوقاتقان بولسا، 1944 - يىلى ئۆزى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن 2 - جۇمھۇرىيىتىمىزنى يەنىلا ئۆزىنىڭ ئەڭ ئالىي دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن قۇربان قىلىپ يوقىتىۋەتتى .

قىسقىسى ، يىراقتىكى ياپونىيەنىڭ كۈچىيىشى، تېخىمۇ يىراقتىكى گېرمانىيەنىڭ قايتا تىرىلىشى، ئۇنىڭدىنمۇ يىراق ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە بىلەن تاسادىپىي ھالدا بىردىنلا مەنپەئەتىمىزنىڭ بىر يەرگە كېلىپ قېلىشى سىتالىننى كەسكىنلىك بىلەن ئىش كۆرۈشكە مەجبۇرلىدى. ئۇ ھەتتا ئۆزىگە ئەڭ سادىق بولغان جۇمھۇرىيەت رەھبەرلىرىنى سىرلىق ھالدا يوق قىلىۋەتتى. پۈتۈن ئىشلار بىر ئاي ئىچىدىلا تاماملاندى. 25 - ئاۋغۇست ئايروپىلان ۋەقەسى خەۋىرى ئوتتۇرىغا چىقىپ دەل بىر ئاي بولغاندا، يەنى 26 - سېنتەبىر ۋەتىنىمىزنىڭ جەنۇبىدىكى يەتتە ۋىلايەتنى ئىشغال قىلىپ تۇرغان گومىنداڭ تاجاۋۇزچىلىرى گۇڭسەنداڭغا تەسلىم بولدى. 17 - ئۆكتەبىر ئىلى ئاسمىنىدا لەپىلدىگەن ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقمۇ چۈشۈرۈلدى . مانا بۇ يىل بۇ پالاكەتلىك ۋە ھاقارەتلىك تارىخىمىزغا دەل 71 يىل توشۇپ قاپتۇ .

داۋامى :

http://munber.iuyghur.com/index.php?topic=537.0