2020/12/04 17:49

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تۇغلۇق تۆمۈرخان ۋە ئەمىر تۆمۈر ئەۋلادلىرىنىڭ تۇران ۋە ھىندىستاندىكى سەلتەنىتى 1

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2020/09/15 07:02

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى


تۇغلۇق تۆمۈرخان ۋە ئەمىر تۆمۈر نەسلىنىڭ مەركىزىي ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئۈچ ئەسىرلىك سەلتەنىتى :

مۇقەددىمە :

چىڭگىزخاننىڭ 1221 - يىلى مەركىزىي ئاسىيا بوستانلىقلىرىنى تولۇق ئىستىلا قىلىشى بىلەن مەزكۇر رايوندا ئۈچ ئەسىر داۋام قىلغان تۈرك - ئىسلام مەدەنىيىتى ئاجىزلىشىپ ، ئۈچ ئەسىرگە سوزۇلغان چىڭگىز ئەۋلادلىرىنىڭ تىنىمسىز ئۇرۇشلىرى يۈز بەردى . ئاقىۋەت چىڭگىزخان نەسلىدىن مۇسۇلمان بولۇپ ، تۈركلەشكەن ۋە ئۇيغۇرلاشقان ئەۋلادىلىرىدىن تۇغلۇق تۆمۈرخان بىلەن ئۇنىڭ نەۋكىرى ئەمىر تۆمۈر ئەۋلادلىرى بىرلىشىپ ، مەركىزىي ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيادا ئۈچ ئەسىر داۋام قىلغان ئاخىرقى قېتىملىق مىللىي مەدەنىيەت ۋە شانلىق سەلتەنەتنى ۋۇجۇتقا كەلتۈردى. بىراق يىراق غەرپتىن دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇق ئارقىلىق ھەدەپ شەرققە كېڭەيمىچىلىك قىلىۋاتقان ئەنگلىيە ۋە چاررۇسىيە تاجاۋۇزچىلىرى بۇ ئىككى شانلىق تارىخ ياراتقان ئىككى دۆلەتنىڭ تەۋەسىنى يەڭ ئىچىدە بۆلۈشۈپ ، كۈچى يەتمىگەن ئەڭ چوڭ پارچىسى بولغان ھازىرقى قالدۇق ۋەتىنىمىزنى نىمجان ۋە خىتايلىشىۋاتقان مەنچىڭ خانلىقىغا بېقىندۇرۇپ بەردى. خەلقىمىز ھازىرغىچە بۇ خاتالىقنىڭ بەدىلىنى 150 يىللاپ ئېغىر ئۆتىمەكتە.

ھەيران قالارلىقى ، مەيلى تۇغلۇق تۆمۈرخان ، مەيلى ئەمىر تۆمۈر ئەۋلادلىرى ، مەيلى تارىختىكى ئۇيغۇر - ئۆزبېك قاغانلىرى بولسۇن، مەيلى تۈرك - تاتار ، ئاۋار - ھازار قاغانلىرى بولسۇن ، مەيلى قالماق - قازاق قاغانلىرى بولسۇن، ھەتتا ئۇيغۇر نەسىللىك قاراخانىيلار جەمەتى بىلەن ھازار نەسىللىك سالجۇقىلار جەمەتى بولسۇن ، مەيلى قاراخانىلارنىڭ بۇلاپ كېتىلگەن بەگزادىلىرى غەزنەۋىلەر ۋە بۇلغار خانلىرى بولسۇن ، ھەممىسىنىڭ يا ئالپ ئەرتۇڭا قاغان ، يا ئوغۇز قاغان ، يا ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇن ئۇيغۇر قاغانلىقىنى قۇرغان قاراخاننىڭ نەسلىدىن ئىكەنلىكى ئاشكارا بولماقتا .

خۇلاسە قىلغاندا ، قارا قويچىلارنى ئوسمانىلار بىلەن سافاۋىلار يوقاتتى . ئۇ ئىككى تۈرك ئېلى بىر - بىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ ئۆزلىرىنى ئۆزىلىرى يوقاتتى . 150 يىللىق ئوسمانلى - سافاۋى ئۇرۇشى چاررۇسىيە بىلەن غەربىي ياۋروپانىڭ كۈچىيىپ ، تاتارلارنىڭ مۇنقەرز بولۇشى ، ئوسمانىلارنىڭ كېسەل كۆرپىسى بولۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى .

مەركىزىي ئاسىيادا تۇغلۇق تۆمۈرخان ۋە ئەمىر تۆمۈر ئەۋلادلىرى ھەم ئۆز ئارا ھەم قالماقلار بىلەن ئۇدا سۇقۇشۇپ يۈرۈپ تەڭ ھالاك بولدى . ئۇلاردىن كېيىن ئۇيغۇرلار بىلەن قازاقلار بىرلىكتە قالماقلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىشتى.
ئەمما يېقىنقى 300 يىلدا يامرىغان جاھالەت ۋە تۇرغۇنلۇق قالماقلارنىڭ ۋەتىنىمىزگە كۆچۈپ كېلىشىگە شارائىت يارىتىپ قويدى . ئاقىۋەت قالماققا تۇتۇلۇپ ، مىڭ تەستە قۇتۇلۇپ تۇرغاندا مانجۇر ئالۋاستىلىرى كەلدى . شۇنداق قىلىپ خەلقىمىز قايتا بۇرۇنقى ئەسلىگە كېلەلمىدى . 1820 - 1830 - 1840 - 1850 - يىللىرى تەكرار قوپۇپ يۈرۈپ ، 1878 - يىلى يەنە چاررۇسىيە ، ئەنگلىيە تەرىپىدىن پۇتلاپ يىقىتىلدى . 1912 - يىلى يەنە قوپتى . ئەمما تۇڭگان مۇسۇلمانلىرى ئالداپ كەتتى . 1933 - يىلى قايتا قوپقاندا يەنە پۇتلاپ يىقىتىلدى .
1944 - يىلى ئاخىرقى قېتىم ئورنىدىن دەس تۇرۇۋېدى ، يەنىلا تارىخىي پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇپ ، ئەڭ ئەشەددىي دۈشمىنى قولىغا تاپشۇرۇلۇپ ، ئۆزىمىزنى شۇلارنىڭ ئىنساپىغا تاشلاپ قويدۇق . 70 يىللىق خىتاي ئىنساپىنى كۆرۈپمۇ يەنە ھوشىنى تاپمىغان
« تىرىك جەسەتلەر » نىڭ قايتا مىللەتنىڭ شىللىسىغا مىنىۋېلىشىگە يول قويماسلىق كېرەك !

1 . تۇغلۇق تۆمۈرخان ئەۋلادى يۇنۇسخان ھەققىدە

سۇلتان يۇنۇسخان ئۇۋەيسخاننىڭ چوڭ ئوغلى بولۇپ، 1415 - يىلى تۇغۇلغان . 1428 - يىلى دادىسى ۋاپات بولغاندا ، ئىنىسى ئېسەن بۇقا يۇنۇسخاننى قوغلاپ چىقىرىپ سۇلتان بولغان .
يۇنۇسخان ھەم سەئىدخان ، ھەم بابۇر شاھنىڭ بوۋىسىدۇر . چۈنكى سەئىدخاننىڭ ئاتىسى سۇلتان ئەھمەدخان بىلەن قىزى قۇتلۇقنىگار خېنىم ئوخشاشلا يۇنۇسخاننىڭ ئۆز بالىلىرى ئىدى.

11 ياشلىق ئۇكىسى تەرىپىدىن قوغلانغان 13 ياشلىق يۇنۇسخان دادىسىنىڭ سادىق ئەمىر لەشكەرلىرىدىن ئىرازان بايرىن ۋە مىرەك تۈركمەنلەرنىڭ ھىمايىسىدە 30 مىڭ ئائىلە بىلەن سەمەرقەندكە يولغا چىققان . ئەمما ئەمىر تۆمۈر نەۋرىسى ياش مۇھەممەد تاراغاي مىرزا ئۇلۇغبەگ ئۇلاردىن 30 مىڭ كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، قالغانلارنى يۇنۇسخان بىلەن قوشۇپ غەنىمەت سۈپىتىدە ئاتىسى شاھرۇخ مىرزىغا ئەۋەتكەن.
ئەمىر تۆمۈر ئوغلى شاھرۇخ مىرزا ئوغلى مىرزا ئۇلۇغبەگنى قاتتىق ئەيىپلەپ ، تۇغلۇق تۆمۈرخان ئەۋلادى يۇنۇسخاننى ئىززەت - ئىكرام بىلەن ئەينى ۋاقىتتىكى ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئەللامىسى مەۋلانە شەرەپىدىن ئەلى ھۇزۇرىغا ئەۋەتكەن . يۇنۇسخان 1440 - يىلغىچە ساق 12 يىل ئىلىم تەھسىل قىلىپ ، ئۇستازى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئىراققا بېرىپ داۋاملىق بىلىم ئالدى . ئەمما مەركىزىي ئاسىيادا كەسكىن ئۆزگىرىشلەر بولۇپ ، 1449 - يىلى ئۇلۇغبەگ ئۆز ئوغلى ئابدۇلېتىپ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى.
ئۇمۇ ئالتە ئايدىن كېيىن ئۆلتۈرۈلدى . نەتىجىدە ئەمىر تۆمۈر ئەۋلادلىرى يەنە تەخت تالىشىپ ،
ماۋرائۇننەھر مالىمانچىلىققا پاتتى . ئېسەن بۇقا خانمۇ تۆمۈر ئەۋلادلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، غەرپكە كېڭەيدى . 1452 - يىلى سەمەرقەندنى قولغا ئالغان تۆمۈرزادە ئەبۇ سەئىد مىرزا تېزدىن ئىراقتىكى سۇلتان يۇنۇسخاننى چاقىرىپ كېلىپ،
1453 - يىلى ئوسمانلى سۇلتانى ئىستانبۇلنى فەتھى قىلىشتىن بىر ھەپتە بۇرۇن شەرقىي چاغاتاي ( موغۇلىستان ) سۇلتانى قىلدى .
نەتىجىدە ئېسەن بۇقاخان خانلىقنىڭ غەربىي قىسمىدىن مەھرۇم بولۇپ قالدى . 1454 - يىلى ئالتۇن ئوردا خانلىقىدا تەپرىقىچىلىك چىقتى . قازاق سۇلتانلىرى زالىم ئوبۇلخەيرىخان بىلەن ئادا - جۇدا بولۇپ شەرققە قېچىپ كەلدى . ئېسەن بۇقاخان ئۇلارغا 1455 - يىلى يەتتە سۇنى كېسىپ بەردى . ئۇلار 1456 - يىلى تۇنجى قازاق خانلىقىنى بۇ يەردە قۇرۇپ چىققان . ئوبۇلخەيرىخان جازا يۈرۈشى قىلىپ يول ئۈستىدە قازا قىلغان . شۇنىڭ بىلەن ئۆزبېك ئۇلۇسى مالىمان بولغان . 1462 - يىلى ئېسەن بۇقاخان ۋاپات بولغان . يۇنۇسخان ۋارىسلىق قىلغان . 1465 - يىلى قازاقلار يۇنۇسخاننىڭ قوللىشىدا قوشۇن تارتىپ دەشتى قىپچاقتىن ھالقىپ ئۆتۈپ ، ئالتۇن ئوردا ھاكىميىتىنى قولىغا ئالغان . يۇنۇسخان ئۇكىسى ئېسەن بۇقا خاننىڭ ھۆرمىتىنى ئۈچۈن ، ھازىرقى تۇرپان - قۇمۇل ، بەشبالىق ، ئىلى - ئالتاي ۋە كورلىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان جىيەنى دوست مۇھەممەدخان ۋە ئۇنىڭ ئوغلى كېپەك سۇلتان قاتارلىقلارنى يوقاتماستىن ، ئەكسىچە ئەمىر تۆمۈر ئەۋلادلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ، مىرزا ئابابەكرىدىن تارىم ۋادىسىنى قايتۇرۇپ ئېلىش ۋە شەرقتە قالماقلارنى موڭغۇل دالاسىغا قوغلاپ چىقىرىش بىلەن مەشغۇل بولغان.

ئەبۇ سەئىدخانمۇ 1466 - يىلى ئەزەربەيجانغا يۈرۈش قىلىپ ، قاراباغدا ئۇزۇن ھەسەن بىلەن تىركىشىپ تۇرۇپ قېلىپ ، يا چېكىنەلمەي يا ئىلگىرىلىيەلمەي قىيىن ئەھۋالدا قالغان . بىراق يۇنۇسخان بۇ قېتىم ياردەمگە كېلەلمىگەن . چۈنكى شۇ يىلى دۇغلات ئەمىرلىرىدىن ئەمىر خۇدايداتنىڭ ئەۋلادى مىرزا ئابابەكرى تارىم ۋادىسىدا ئىسيان كۆتۈرۈپ ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا يەكەن ، قەشقەر ، خوتەن ۋە ئاقسۇنى ئىلكىگە ئېلىۋالغانىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەبۇ سەئىدخان يۈزى چۈشۈپ كېتىشتىن قورقۇپ يۇنۇسخاندىن قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلمىغان .

ئاقىۋەت ئەمىر تۆمۈر ئەۋلادى ئەبۇ سەئىدخان 1469 - يىلى قاراباغدا ئاق قويچىلار ( ئاق قويۇنلۇ ) بېگى ئۇزۇن ھەسەن تەرىپىدىن قاتتىق مەغلۇپ قىلىنىپ ، ئەسىرگە چۈشۈپ 5 - فېۋرال ئۆلتۈرۈلگەن . ئۇ 1424 - يىلى تۇغۇلغان. دادىسى مۇھەممەد مىرزا ئەمىر تۆمۈرنىڭ ئوغلى مىرانشاھنىڭ ئوغلى ئىدى . بۇسەيت سۇلتان ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن يۇنۇسخان ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلىنى كۈيئوغۇل قىلىپ، ئۈچ قىزى خۇبنىگار خېنىم ، مېھرىنىگار خېنىم ۋە قۇتلۇقنىگار خېنىمنى ياتلىق قىلىپ ، ھەم تۇغلۇق تۆمۈرخان ھەم ئەمىر تۆمۈر تەرەپنىڭ ئورتاق سۇلتانىغا ئايلىنىپ ، شەرقتە ئالتايدىن غەرپتە كاۋكازغىچە ، شىمالدا بالقاشتىن جەنۇپتا ئىران ۋە ئافغانىستانغىچە سوزۇلغان بىپايان زېمىننىڭ ھۆكۈمرانىغا ئايلانغان . كىچىك كۈيئوغلى ئۆمەر شەيخ مىرزا بىلەن قۇتلۇقنىگار خېنىمدىن بابۇر شاھ تۇغۇلغان . ئۇلار 1475 - يىلى نىكاھلانغان . ئەمما تۇغلۇق تۆمۈرخان ئەۋلادى يۇنۇسخان سادىق ئۇلۇسبەگ كەبىر ئەمىر بولاجى ئەۋلادى ، ئەمىر خۇدايداتنىڭ نەۋرىسى سانىز مىرزا ئوغلى مىرزا ئابابەكرى قولىدا مەغلۇپ بولۇپ ، تارىم ۋادىسىدىن ئايرىلىپ قالغان .

مىرزا ئابابەكرى تاكى يۇنۇسخاننىڭ ئوغلى سۇلتان ئەھمەدتىن تۇغۇلغان ئوغلى سۇلتان سەئىدخان 1514 - يىلى ئۇنى ئاغدۇرغىچە ساق ئەللىك يىل تارىم ۋادىسىدا ھۆكۈم سۈرگەن .

ئۇزۇن ئۆتمەي ئوسمانىلار سۇلتانى مۇھەممەد فاتىھ ئۇزۇن ھەسەننى مەغلۇپ قىلىپ ، شەرقىي ئاناتولىيەنى قايتۇرۇۋالغان . ئۇ 1432 - يىلى سۇلتان مۇراد 2 نىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . 1453 - يىلى ئىستانبۇلنى فەتھى قىلىپ ، ئىسلامبۇلغا ئۆزگەرتكەن . 1476 - 1477 - يىللىرى شەرقتىكى قۇدرەتلىك رەقىبى ئۇزۇن ھەسەننى مەغلۇپ قىلىپ ، 1481 - يىلى مىسىرغا يۈرۈش قىلغاندا يول ئۈستىدە گەبزەدە ۋاپات بولغان . مىسىرنى ئۇنىڭ نەۋرىسى ياۋۇز سېلىمخان 1517 - يىلى فېۋرالدا ئېلىپ ، 255 يىللىق مەملۇكىلار سەلتەنىتىنى يوقاتقان .

1481 - يىلى 6 - يانۋار ئوسمانلى سۇلتانى ۋاپات بولۇشتىن سەل ئىلگىرى ، ئالتۇن ئوردىدىن بۆلۈنۈپ چىققان تاتارلار ( خانلىقنىڭ شەرقى قازاقلارغا، غەربى تاتارلارغا تەۋە بولغان ) پايتەختنى ئېتىل ( ۋولگا) بويلىرىدىن قىرىمدىكى باغچەسارايغا يۆتكىگەن .

شۇنىڭ بىلەن ياۋرو - ئاسىيا چوڭ قورۇقلۇقىنىڭ شەرقىي قىسمى ئۇيغۇرلار بىلەن قازاقلارنىڭ بىرلەشمە ھۆكۈمرانلىقىدا ، غەربىي قىسمى تاتارلار بىلەن ئوسمان تۈركلىرىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا بولغان .

ئۇزۇن ھەسەن 1425 - يىلى تۇغۇلغان بولۇپ ،
يۇنۇسخاندىن ئون ياش كىچىك ، مۇھەممەد فاتىھتىن يەتتە ياش چوڭ ئىدى . ئۇ ئاۋۋال ئۆزىدىن بۇرۇنقى ئاق قويچىلار ( ئاق قويۇنلۇ ) دۆلىتىنى يىقىتىپ ، قارا قويچىلار دۆلىتىنى قۇرۇپ چىققان . تىزگىنىدە ئەزەربەيجان ، ئەرمەنىيە ، گرۇزىيە ، شەرقىي ئاناتولىيە ۋە ئىراق بىلەن ئىران قاتارلىق جايلار بولغان . ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا ئوسمانىلار تەرىپىدىن ئۇدا مەغلۇپ قىلىنىپ ، 1478 - يىلى 6 - يانۋار
53 يېشىدا ۋاپات بولغان .

1487 - يىلى 8 - ئىيۇن شەرقىي چاغاتاي خاقانى سۇلتان يۇنۇسخان ۋاپات بولغان. « يۇنۇسخان سۇلتان ئۇۋەيسخاننىڭ چوڭ ئوغلى بولۇپ، ئەمىر تۆمۈر ئەۋلادى ئەبۇ سەئىد مىرزا تەرىپىدىن 1453 - يىلى تۇنجى قېتىم تەختكە چىقىرىلغان . 1462  - يىلى شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ بىردىنبىر ئەمەلىي ھۆكۈمرانىغا ئايلانغان. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن يۇۋاشراق چوڭ ئوغلى مەھمۇدخان تاشكەنتتە چوڭ پادىشاھ، يولۋاس سۈپەت كىچىك ئوغلى سۇلتان ئەھمەدخان تۇرپاندا نائىپخان بولغان».

يۇنۇسخاننىڭ نەۋرىسى زەھىرىددىن مۇھەممەد بابۇر شاھ 1483 - يىلى 14 - فېۋرال ئەنجاندا تۇغۇلۇپ ، 1526 - يىلى موغۇل ئىمپىرىيىسنى قۇرۇپ ، 1530 - يىلى 26 - دېكابىر ئەگرەدە ۋاپات بولغان . يۇنۇسخاننىڭ يەنە بىر نەۋرىسى سۇلتان سەئىدخان بولۇپ ، ئۇ يۇنۇسخاننىڭ ئامراق ۋە ئارزۇلۇق قەھرىمان ئوغلى سۇلتان ئەھمەدخاننىڭ ئوغلى ئىدى .

تارىخشۇناسلارنىڭ ئورتاق ئېتىراپ قىلىشىچە
« سۇلتان يۇنۇسخان 12 يىل داۋامىدا مەۋلانا يەزدىنىڭ ھۇزۇرىدا ئوقۇپ، تەڭدىشى يوق ئالىم بولغان بولۇپ ، مىرزا ئۇلۇغ بەگدىن كېيىن سۇلتان يۇنۇسخاندەك ھەم ئىلىمدە ھەم سەلتەنەتتە كامالەتكە يەتكەن ئالىم پادىشاھ ئۆتمىگەن ئىكەن » .

2 . شاھرۇخبەگ ۋە ئوغلى مىرزا ئۇلۇغبەگ :

شاھرۇخبەگ ئەمىر تۆمۈرنىڭ ئوغلى بولۇپ ، 1377 - يىلى 20 - ئاۋغۇست سەمەرقەنتتە تۇغۇلغان . 1447 - يىلى 13 - مارت ئىراندىكى رەي شەھىرىدە ۋاپات بولغان. ئۇ ئىزچىل ھازىرقى ئىران ۋە خۇراساننى مەركەز قىلىپ، ھازىرقى ئۆزبىكىستانغا ئوغلى مۇھەممەد تاراغاينى « ئۇلۇغبەگ » مەرتىۋىسى بىلەن سەمەرقەند ھۆكۈمرانى قىلىپ تىكلىگەن.

مۇھەممەد تاراغاي مىرزا ئۇلۇغ بەگ 1394 - يىلى 22 - مارت ئىراندىكى سۇلتانىيە شەھىرىدە تۇغۇلغان . تۆمۈرىيلەر ئېمپىرىيسى سەمەرقەنت ھۈكۈمدارى ،مەشھۇر ئاستىرونومىيە ئالىمى،15-ئەسىردىكى ئەڭ مەشھۇر كىشى. ئۇ ئەمىر تۆمۈرنىڭ نەۋرىسى،شاخرۇخ مىرزىنىڭ چوڭ ئوغلى.ئۇنىڭ ئۆيدىكىلەر كىچىكىدىن باشلاپ ئۇنى ئۇلۇغ بەگ دەپ ئاتايدىغان بۇلۇپ ئەسلى ئىسمى مۇھەممەد تاراغاي .ئۇنىڭ ئاپىسى گۆھەر شاد بىگىم .مىرزا ئۇلۇغ بەگ كىچىكىدىن باشلاپ ئوردا ئىچىدىكى خاننىڭ قۇبۇلىغا ئىرىشكەن سارايمۈلۈك خانىمنىڭ تەربىيسىدە بولغان.3-4ياش ۋاقىتلىرىدا شەيخ ئورىف ئوزارىي ئۇنىڭ ئۇقۇتقۇچىسى بولغان. كىچىك ۋاقتىدىلا قۇرئاننى ياتقا ئېلىپ بولغان. مىرزا ئۇلۇغ بەگ كىيىن ئوتتۇرا شەرق ۋە ھىندىستاندا ئىلىم ئۆگەنگەن. ئەمىر تۆمۈر ۋاپات بولغاندىن كىيىن شاخرۇخ مىرزا تەختكە چىقىپ تۆمۈرىيلەر ئېمپىرىيسىنىڭ پايتەختىنى ھىراتقا يۆتكەپ ، 1410 - يىلى 16ياشلىق مىرزا ئۇلۇغ بەگنى سەمەرقەنت ھۈكۈمدارى قىلغان. 1411-يىلى پۈتكۈل ماۋارەئۇننەھىر ھۈكۈمدارى بولغان. كىچىكىدىن ئوردىدا ياخشى بولغان دىنىي ۋە مەدەنىيەت تەربىيسى ئالغان مىرزا ئۇلۇغ بەگ چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى،پارىس يېزىقى ۋە ئەرەپ يېزىقىغا پىششىق بۇلۇپ شېئىرنى ناھايىتى ياخشى كۆرگەن .كىينچە ئاستىرونومىيەگە يۈكسەك ئىشتىياق باغلىغان.مىرزا ئۇلۇغ بەگ سەمەرقەنتكە ھۈكۈمدارلىق قىلغان 30نەچچە يىلدا سەمەرقەنت يۈكسەك گۈللىنىش دەۋرىنى باشتىن كەچۈرگەن بۇلۇپ ئىقتىساد گۈللىنىپ ،ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سودىگەرلىرى ئۈزۈلمەي كىلىپ ،دۆلەت غەزىنىسى تۇلۇپ تېشىپ كەتكەن.ئىلىم مەدەنىيەت ئىشلىرى گۈللەنگەن.ئۇ 1420-يىلى زور مەبلەغ ئاجرىتىپ سەمەرقەنتتە ئۇلۇغ بەگ رەسەتخانىسىنى سالدۇرغان.ئەبۇ قاسىمنى رەسەتخانا باشلىقى قىلغان.غايەت چوڭ كىۋادرانتورنى ئورناتقۇزغان.30يىلغا يېقىن كۈزىتىش ئۆلچەش ئارقىلىق ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسدە 1000دىن ئارتۇق تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ ئورنى ئۆلچەپ چىقىلغان.نۇرغۇن تۇرغۇن يۇلتۇز ۋە پىلانتىلارنىڭ ھەركىتىگە ئائىت ئۆلچەش ماتىرىياللىرىنى توپلىغان.مۇشۇ ماتىرىياللار ئاساسىدا 1446-يىلى "ئۇلۇغ بەگ يېڭى ئاستىرونومىيە جەدۋىلى"نى تۈزۈپ چىققان.بۇكىتاپتا ئوتتۇرغا قۇيۇلغان جەدۋەل 16-ئەسىردىن بۇرۇنقى بىرقەدەر توغرا بولغان ئاستىرونومىيە جەدۋىلىنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ.بۇكىتاپ قۇياش بىلەن پىلانتىلارنىڭ ھەركەت جەدۋىلى ۋە 1018 تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ ئورۇن جەدۋىلى بىلەن تەمىنلىگەن.بۇ تولومىدىن كىيىنكى تۇنجى مۇستەقىل تۈزۈلگەن يۇلتۇزلار جەدۋىلى ھېساپلىنىدۇ. ھەمدە 16-ئەسىردىن بۇرۇنقى ئەڭ توغرا دەرىجىگە يەتكەن يۇلتۇز جەدۋىلىدۇر.مىرزا ئۇلۇغ بەگ يەنە ماتىماتىكا ۋە ئىلمىي نۇجۇم ھەققىدىمۇ تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭ بۇ تەتقىقات نەتىجىللىرىگە ئەينى ۋاقىتتا بىرقىسىم كىشىلەر قوللىغان بولسىمۇ لىكىن يەنە بىر قسىم كىشىلەر بۇنى بىدئەتلىك دەپ قاراپ قارشى چىققان.شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ سەۋەبلىك خانلىق ھۇقۇق تالىشىش كۈرىشىدە يېڭىلىپ زىندانغا تاشلانغان مىرزا ئۇلۇغ بەگ1449-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى ئوغلى ئابدۇللېتىپ خان تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.
تارىخشۇناسلار مىرزا ئۇلۇغ بەگنى "خانلىق تەختىدىكى ئالىم"دەپ ئاتايدۇ.ئۇ ئىسلام مەدەنىيەت مائارىپىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا زور تۆھپە قوشقان.سەمەرقەنتتە نۇرغۇن مەدرىسلەرنى ئاچقۇزغان. بۇ مەدرىسلەردە دىنىي ئىلىم ۋە تىل دەرسلىكى تەسىس قىلىشتىن باشقا يەنە ماتىماتىكا، ئاستىرونومىيە، ئەدەبىيات ۋە تارىخ دەرسلىكلىرىنى تەسىس قىلدۇرغان. نۇرغۇن مۇسۇلمان ئىلىم ئەھللىلىرىنى يىتىشتۈرۈپ چىققان.سەمەرقەنتمۇ تەدرىجى ھالدا شۇ دەۋرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلانغان. بۇ ئالىمنى ھۆرمەتلەپ 1830-يىلى گېرمانىيەلىك ئاستىرونومىيە ئالىمى يوھان مىدلى ئاي شارىدىكى بوران دېڭىزىنىڭ غەربىدىكى بىرھالقىسىمان تاغنىڭ نامىنى مىرزا ئۇلۇغ بەگنىڭ نامى بىلەن ئاتىغان. بۇ ئۇنىڭ نەتىجىللىرىنى دۇنيا ئالىملىرى ئېتراپ قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ .

3 . يۇنۇسخاننىڭ ئىتتىپاقدىشى ئەبۇ سەئىدخان ھەققىدە :

ئەبۇ سەئىد ئەمىر تۆمۈرنىڭ قابىل نەۋرىلىرىدىن بولۇپ ، مىرزا ئۇلۇغبەگ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ، تەخت دەۋاسىغا كىرىشكەن . بىراق ئۇلۇغبەگنىڭ ئوغلى ئابلىتىپ ئۇنى تۇتقۇن قىلىشقا ئەسكەر ئەۋەتكەن . بەختكە يارىشا ئەبۇ سەئىد دارغا ئېسىلىش ئالدىدا ئابلىتىپنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىك خەۋىرى كەلگەن. ئۇنى تۇتقۇن قىلغان كۈچلەر دەرھال ئۇنى ئازات قىلىپ خان بولۇشقا تەكلىپ قىلغان .

ئەبۇ سەئىدخان باشقا تۆمۈرزادىلەرنى باستۇرۇشتا دەشتى قىپچاق ئۆزبىكلىرىدىن پايدىلانغان بولسا ، شەرقتىكى تارىم، جۇڭغارىيە ، يەتتە سۇ ۋە ئىسسىق كۆل بويلىرىنى سوراۋاتقان كۈچلۈك خوشنىسى ئىسەن بۇقاخاندىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن ئۇنىڭ قېرىندىشى يۇنۇسخاننى ئىراقتىن چاقىرىپ كېلىپ ، چاغاتاي خانلىقىنىڭ غەربىگە خان قىلغان . شۇندىلا ئۇنىڭ ئىران ، ئافغانىستان ، ئەزەربەيجان ۋە ئەرەبىستانلارغا يۈرۈش قىلىشىغا ئىمكانىيەت تۇغۇلغان .

ئەپسۇس ، ئۇ 1466 - يىلدىكى قاراباغ ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولۇپ ، 1467 - يىلى قارا قويچىلار شاھى ئۇزۇن ھەسەننىڭ قولىدا ئۆلتۈرۈلگەن. تۆمۈرىلەر خاندانلىقى يەنە بىر قېتىم پارچىلىنىپ كەتكەن. سۇلتان يۇنۇسخان 1466 - يىلى يەكەندە مىرزا ئابابەكرى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغاچقا ، ئىتتىپاقدىشىغا ياردەم بېرەلمىگەن بولسىمۇ ، بىراق ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلىنى كۈيئوغۇل قىلىۋالغان . چوڭ كۈيئوغلى سەمەرقەندنى مەركەز قىلغان ئۆزبىكىستاننى ، ئوتتۇرانچىسى ھېراتنى مەركەز قىلغان خۇراساننى ، كىچىك كۈيئوغلى ئۆمەر شەيىخ مىرزا پەرغانىنى باشقۇرغان. ئەنە شۇ ئۆمەر شەيختىن بابۇر شاھ تۇغۇلغان .

4 . مەركىزىي ئاسىيا ، جەنۇبىي ئاسىيا ۋە غەربىي ئاسىيانى سوراۋاتقان ئۈچ تۈرك - ئۇيغۇر ئىمپىرىيىسىنىڭ زەئىپلىشىشى :

يۇنۇسخان ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا چوڭ ئوغلى مەھمۇدخاننى تاشكەنتتە چوڭ خان ، كىچىك ئوغلى سۇلتان ئەھمەد ( سەئىدخاننىڭ دادىسى)نى تۇرپاندا كىچىك خان قىلىپ تەيىنلىگەن . يۇنۇسخان 1487 - يىلى ۋاپات بولۇپ ، تاشكەنتكە دەپنە قىلىنغان .

سۇلتان ئەھمەدخان ئالدى بىلەن ئىشغالچى مىڭ سۇلالىسىنى قۇمۇل ۋە دەشتئاتادىن سۈرۈپ ، بىراقلا سەددىچىننىڭ ئىچىگە قوغلىۋەتكەندىن كېيىن ، بوۋىسى ۋە دادىسىنى كۆپ پاراكەندە قىلغان قالماقلارغا قارشى ئۇزۇن ئۇرۇشلارنى قوزغاپ، ئاخىرى 125 يىل داۋاملاشقان تۇنجى قالماق خانلىقىنى مۇنقەرز قىلغان . ئاخىرىدا مىرزا ئابابەكرىنى يەكەن سېپىلى ئىچىگە قاماپ ، قورشاپ تۇرغاندا ، ئاكىسىنىڭ ئۆزبەك خانزادىسى شايبانىخان تەرىپىدىن بوزەك قىلىنغانلىقىنى ئاڭلاپلا ، ئاكىسىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن تاشكەنتكە كەلگەن. بىراق ئۇلار شايبانىخان قولىدا مەغلۇپ بولۇپ ، سۇلتان ئەھمەدخان 1502 - يىلى ئاقسۇدا ۋاپات بولغان. مىرزا ئابابەكرى قوشۇن باشلاپ كېلىپ، ئاقسۇ خەلقىنى قىرىپ ، ئاۋات ئاقسۇنى چۆلگە ئايلاندۇرۇۋەتكەن .

يۇنۇسخاننىڭ شايبانىخاندىن ئۇدا مەغلۇپ بولۇپ ، تاكى كابۇلغىچە قېچىپ بارغان ئىككى نەۋرىسى ئون نەچچە يىللىق جاپا - مۇشەققەتلىك ئۇرۇشلاردىن كېيىن ، بىرى يەكەندە ، يەنە بىرى دېھلىدا قوشماق سەلتەنەتلىك ئىككى قۇدرەتلىك دۆلەتنى قۇرۇپ ، ئەسلىدىكى بوۋىسى تۇغلۇق تۆمۈرخان ۋە ئەمىر تۆمۈر سەلتەنىتىدىنمۇ ئۇزۇن داۋام قىلغان قۇتلۇق خانلىقلارنى قۇرۇپ چىققان.

سۇلتان سەئىدخان 1514 - يىلى 24 - ئاۋغۇست سەئىدىيە خانلىقىنى قۇرغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارمۇ موڭغۇل ئىستىلاسىدىن بۇيانقى ئومۇميۈزلۈك مەدەنىيەت گۈللىنىش دەۋرىگە قەدەم قويدى . قاببلىيەتلىك سۇلتان ئابدۇرەشىدخان تەخىتتە ئولتۇرغان 1533 - 1560 - يىللاردا خەلقىمىز ئەڭ گۈللەنگەن ئالتۇن دەۋرگە قەدەم قويدى .

سەئىدخاننىڭ نەۋرە ئاكىسى بابۇر شاھ 1526 - يىلى 14 - ماي موغۇل ئىمپىرىيىسىنى قۇرغاندىن كېيىن، خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيىتى ھىندىستاندىمۇ گۈللەپ - ياشناشقا باشلىدى. ئۇنىڭ نەۋرىسى جالالىددىن مۇھەممەد ئەكبەر شاھ تەخىتتە ئولتۇرغان 1540 - 1570 - يىللاردا پۈتۈن جەنۇبىي ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى ئەڭ يۈكسەك گۈللىنىش دەۋرىنى ياراتتى.

شۇنداق قىلىپ، شەرقتە بەدەخشان ۋە پامىر ئېتەكلىرىدىن تاكى سەددىچىن سېپىلىغىچە، ئالتايدىن كەشمىرگىچە سوزۇلغان بىپايان ۋەتىنىمىزدە قۇدرەتلىك سەئىدىيە خانلىقى ، جەنۇبىي ئاسىيادا ئۇنىڭ قوشمىقى كۈچلۈك موغۇل ئىمپىرىيىسى ۋە غەرپتە ياش ئوسمان ئىمپىرىيىسىدىن ئىبارەت ئۈچ سەلتەنەتلىك ھاكىمىيەت غەربىي ياۋروپا ۋە خىتايدىن باشقا قەدىمكى مەدەنىيەتلىك جايلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئالدى. شۇنىڭ بىلەن 16 - ئەسىر دۇنيا تارىخىدا « تۈرك ئەسىرى » دەپ ئاتالدى .

تولىمۇ ئەپسۇس مىلادى 1678 - يىلى ئافاق خوجا غالداننى چاقىرىپ كېلىپ، 35 يىللىق ئۇرۇش ئارقىلىق ، 1713 - يىلى سېۋان ئاراپتان ۋەتىنىمىزنى بىۋاستە ئىشغال قىلىۋالدى. 1735 - يىلى ئىچكى جەھەتتە قايتا مۇستەقىللىققا ئېرىشتى. 1757 - يىلى تولۇق مۇستەقىل بولدى. ئەمما 1759 - يىلى قالماقلارنى قىرىپ تاشلىغان مەنچىڭ تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئىشغالى ئاستىغا چۈشۈپ قالدى. يۈز يىللىق ئۇدا قارشىلىق ئارقىلىق، 1862 - يىلىدىن 1878 - يىلغىچە ھۆرلۈككە چىققان بولسىمۇ، ئەينى ۋاقىتتىكى خەلقئارالىق تەرتىپنىڭ قۇربانى بولۇپ، قايتا خىتايلىشىپ كەتكەن مانجۇرلارغا سېتىۋېتىلدى. ئۇندىن كېيىنكى ئىشلار ھەممىگە مەلۇملۇق .

موغۇل ئىمپىرىيىسىمۇ داڭلىق پادىشاھ ئەۋرەڭزېپ ئالەمگىرنىڭ 1709 - يىلى ۋاپات بولۇشى بىلەن ئاستا - ئاستا چۈشكۈنلەشتى.
1758 - يىلى ئەنگىلىيە كەلدى . 1858 - يىلى بابۇر شاھنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئەۋلادى باھادىر شاھ ئاغدۇرۇلۇپ، ۋېكتورىيە « ھىندىستان ئايال پادىشاھى » بولدى. 1947 - يىلى ھاكىمىيەت مۇسۇلمان تۈركلەر قولىدىن بۇددىست ھىندىلارغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.
1949 - يىلى بىزگە تەۋە كەشمىر ھىندىلارنىڭ ئاپتونۇم رايونىغا ئايلىنىپ قالدى. چۈنكى بىز شۇ يىلى ئاخىرقى قېتىم ئاسارەتكە دۇچار بولغانىدۇق. 2019 - يىلى 5 - ئاۋغۇست كەشمىرنىڭ ئاپتونۇم ھوقۇقى بىكار قىلىنىپ،
« ئېچىۋېتىش ۋە پارچىلاش ئاساسىدا ئۈچ شىتات تەسىس قىلىپ، يېڭى دېھلىغا بىۋاستە باغلىماقچى بولدى » .

ئوسمانىلارمۇ 1571 - يىلى دېڭىزدا مەغلۇپ بولدى. 1688 - يىلى ۋېنادا مەغلۇپ بولدى.
1699 - يىلى چېكىنىشكە باشلاپ، تاكى 1912 - يىلغىچە ئۇدا چېكىنىپ ئىستانبۇلغا قايتىپ كەتتى. 1918 - يىلى دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغان ھېساپتا ئىشغال قىلىندى . 1919 - يىلدىن باشلاپ مۇستاپا كامال باشچىلىقىدا ئۈچ يىلغا سوزۇلغان مۇستەقىللىق ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىلدى .
1922 - يىلى 30 - ئاۋغۇستتىكى دۇملۇپىنار زەپىرىدىن كېيىن، مۇستاپا كامال پاشا غەلىبەسېرى ئىلگىرىلەپ، 9 - سېنتەبىر ئىزمىرنى قايتۇرۇۋېلىپ، يۇنان ئارمىيىسىنى ئاناتولىيەدىن قوغلاپ چىقارغان. 1918 - يىلى 30 - ئۆكتەبىر ئوسمانىلار 1 - دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغۇچىغا ئايلىنىپ قالغاچقا، 12 - نويابىردىن باشلاپ ئىشغالىيەتكە ئۇچرىغان. شۇ قاتاردا يۇنانمۇ ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە ئىتالىيە بىلەن بىرلىكتە 200 مىڭ ئەسكەر بىلەن 1919 - يىلى 19 - ماي ئىزمىردا قۇرۇقلۇققا چىقىپ، ئىككى يىل ئىچىدىلا ئوتتۇرا ئاناتولىيەگە قەدەر ئىشغالىيەت يۈرگۈزگەنىدى . ئوسمانلى سۇلتانى قورچاققا ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، تۈرك خەلقى پەقەتلا مۇستاپا كامالنىڭ قوشۇنىغا ئىشەنچ قىلغانىدى.
1922 - يىلى 9 - سېنتەبىر غەرپتىكى ئىزمىر قايتۇرۇۋېلىندى. شۇنىڭ بىلەن تۈركلەرنىڭ ئۈچ يىلغا سوزۇلغان مۇستەقىللىق ئۇرۇشى ئاساسەن غەلىبە قىلدى. بىر ئايدىن كېيىن ئىستانبۇلمۇ قولغا كېلىپ ، سۇلتان 17 - نويابىر سۈرگۈن قىلىندى. ئاندىن ساق ئالتە ئايغا سوزۇلغان مارافونچە سۆھبەت ئارقىلىق ھازىرقى تۈركىيە تەۋەسى قانۇنلۇق ئېتىراپ قىلىنىپ ، 1923 - يىلى 24 - ئىيۇل لوزان كېلىشىمى ئىمزالاندى. ئاندىن كېلىشىمگە ئاساسەن شۇ يىلى 29 - ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىدىكى تۇنجى مىللىي دۆلەت « تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى » قۇرۇلدى. شۇنداق قىلىپ 1923 - يىلى داھىي مۇستاپا كامال پاشا ئىمپىرىيە خارابىسى ئۈستىدە ھازىرقى تۈركىيە دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقتى . ئۇ بۇ تۆھپىسى ئۈچۈن 1935 - يىلى 1 - يانۋار ئۇنىڭغا « ئاتا تۈرك » نامى بېرىلدى.

1934 - يىلى 27 - دېكابىر رىزاخان پەھلىۋى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، پېرسىيە نامىنى « ئىران » غا ئۆزگەرتكەن. ئۆزىنى شاھىنشاھ دەپ ئاتىغان .  تۆت كۈندىن كېيىن 1935  ـ يىلى  1 ـ يانۋار تۈركىيە داھىيسى مۇستاپا كامالغا تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدىن « تۈركىيەدىكى تۈركلەرنىڭ ئاتىسى» مەنىسىدىكى« ئاتا تۈرك»نامى بېرىلگەن . مۇستاپا كامال پاشا 1 - دۇنيا ئۇرۇشى ۋە مىللىي مۇستەقىللىق ئۇرۇشىدا تۈركىيەنى مۇنقەرز بولۇشتىن ساقلاپ قالغان تۆھپىكار بولسا، رىزاخان پەھلىۋى تۈركلەرنىڭ ئىراندىكى مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بېرىپ ، ئۆزىنى ئىراننىڭ خوجايىنى دەپ قارايدىغان پارس مىللىتىنى ۋە ئارىئان نامىنى تىرىلدۈرۈپ، تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئوتتۇرىدا بىر پارس سەلتەنىتىنى تىكلەپ چىققان ئىران پارس قەھرىمانى ئىدى .
دېمەك پارسلار بىلەن تۈركلەر 1935 - يىلىلا مىللىي ئىپتىخارلىق روھىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە يەتكەن.

ئەمما ئەزىزانە قەشقەردە خەلقىمىز 1924 -يىلى 300 يىللىق جاھالەت ئۇيقۇسىدىن ئويغاتقان ئۇلۇغ داھىيسى ئابدۇقادىر داموللامنى قوغداپ قالالمىغان . نەتىجىدە جاھالەت قايتىدىن شۇ قەدەر كۈچىيىپ كەتكەنكى ، 1931 - يىلى قەشقەرگە كەلگەن مۇسا جارۇللاھ « ئىسلام بۇ يەرگە كەينىچە كىرىپتۇ !» دەپ ياقىسىنى چىشلەپ قالغان . 1932 - يىلى بۈيۈك ياپونىيە ئاكىسىراپ قالغان خەلقىمىزگە يىراق تۈركىيەدىن خاقان ئىمپورت قىلىپ، ئەزىز ۋەتىنىمىزگە سۇلتان قىلىشقا تەييارلانغان. 1933 - يىلى ئىيۇلدا تۆمۈر سىجاڭ قەشقەردە مادوتەينىڭ تامغىسىنى تارتىۋېلىپ شەھەردە ئۈچ كۈن كۆز - كۆز قىلىپ ، ئۆزىنى سىلىڭ ياكى سىجاڭ دەپ ئاتىغان . 1933 - يىلى ئىيۇندا خوجىنىياز ھاجى ماجۇڭيىڭنىڭ ناچار قىلمىشىغا قاتتىق غەزەپلىنىپلا ، « شېڭ شىسەي بىلەن بىرلەشكىنىم بىرلەشكەن!» دەپ چىڭ تۇرۇپ 4 - ئىيۇن « ئۆلۈمنامىسىگە قول قويۇۋەتكەن » . 1934 - يىلى بىزنىڭ ھەممە ئاتامانلارنى بىر - بىرىنىڭ قولى بىلەن جايلاپ تەختكە چىققان قۇۋ جاللات ۋە قانخور ساموراي شېڭ شىسەي
1937 - يىلدىن 1944 - يىلغىچە بىزنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى سەركىلەرنىڭ ھەممىسىنى يوقاتقان .

دېمەك ئاكىسىراش خاھىشى مۇستەقىل دۆلەتنىڭ پىرىزىدېنتلىقىنى دۈشمەننىڭ قورچاق مەنسىپىگە تىگىشىۋېتىشتەك پاجىئەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ خەلقىمىزنىڭ يېقىنقى يۈز يىللىق قورقۇنچلۇق تەقدىرىگە يول ئېچىپ قويغان . بۇ  مەنىدىن 20 - ئەسىر تارىخىدا ھەم جاھالەت پىرلىرى ھەم چەتئەل جاھانگىرلىرى بىلەن مۇرەسسە قىلماي ، 300 يىل نىمجان بولۇپ جاھالەتكە پاتقان خەلقنى ھاياتى ئارقىلىق سىلكىپ ، قېنى ئارقىلىق ئويغىتىپ چىققان مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللامدىن كېيىنكى ھېچبىر يولباشچىمىزنى « داھىي » دەپ ئاتىغىلى بولمايدۇ . بەلكى ئۇلار « دىنىي يولباشچى » ، « جامائەت ئەربابى» ،« يۇرت ئاقساقىلى» ، « قوزغىلاڭ پېشۋاسى » ۋە « خەلق رەھبىرى » بولۇشقا لايىق . تارىخىمىزدا تۆھپە كۆرسەتكەن « تۆھپىكارلار » نى ئەسلا
« قەھرىمان » دەپ قارىۋالماسلىق لازىم. بولمىسا ئۈلگە قىلغۇدەك ئادەم قالمايدۇ.

5 . ھىندىستاندىكى سەلتەنەتىمىزنىڭ ئاخىرلىشىشى :

1526 - يىلى مايدا سۇلتان سەئىدخاننىڭ نەۋرە ئاكىسى ، مەشھۇر يۇنۇسخاننىڭ قىز تەرەپ نەۋرىسى بابۇرشاھ ئاگرادا قۇرۇپ چىققان غايەت زور ئىمپىرىيە 333 يىلدىن كېيىن مۇنقەرز بولدى.

بابۇر شاھنىڭ 1542 - يىلى 14 - ئۆكتەبىر تۇغۇلغان نەۋرىسى ئەكبەر شاھ 1605 - يىلى 13 - ئۆكتەبىر ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ، ئاتىسىنىڭ دىنىي ئېتىقاد سىياسىتى جەھەتتىكى خاتالىقىنى تۈزەتكەن جاھانگىر شاھ تېخىمۇ ئەجەللىك تارىخىي خاتالىق ئۆتكۈزۈپ ، 1600 - يىلى 31 - دېكابىر ئايال پادىشاھ ئېلزابىت بىۋاستە ئارقا تېرەك بولغان ئەنگلىيە شەرقىي ھىندىستان شىركىتىگە بابۇرىلار ئىگىلىكىدىكى جەنۇبىي ئاسىيادا ئالاھىدە ئىمتىياز بېرىدۇ . 1627 - يىلى 8 - ئۆكتەبىر جاھانگىر شاھ 58 يېشىدا ۋاپات بولىدۇ . ئۇ  1569 - يىلى 31 - ئاۋغۇست تۇغۇلغانىدى. گەرچە مەزكۇر شىركەت دەسلەپتە پەقەت سودا ئىمتىيازىغا قانائەت قىلغان بولسىمۇ ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى كۈچلۈك  ھۆكۈمدار ئالەمگىر ئەۋرەڭزېپ 1709 - يىلى ۋاپات بولغاندىن يۈزەكلىك ھالدا سىڭىپ كىرىشنى كۈچەيتىپ ، 1758 - يىلدىن 1858 - يىلغىچە ھىندىستاننى يۇتۇۋالىدۇ . 19 - ئەسىردە شەرقىي ھىندىستان شىركىتىنىڭ ئىمتىيازى بۈيۈك بېرىتانىيەنىمۇ قاتلاپ تاشلاپ ، مەنچىڭ خانلىقىغا ئەپيۇن ئۇرۇشى قوزغاش ، ھىندىستاندىكى بابۇرىلار ئىمپىرىيىسىنى يىقىتىش قاتارلىق سەۋىيەگە يېتىدۇ . شۇڭلاشقا ئايال پادىشاھ ۋېكتورىيە 1874 - يىلى مەزكۇر شىركەتنى تارقىتىۋېتىپ، 1876 - يىلى ھىندىستانغا ئۆزى بىۋاستە ئىمپىراتور بولىدۇ . 1858 - يىلدىكى خەلق قوزغىلىڭى ئايال پادىشاھنىڭ ھىندىستان خانىشى بولۇش ئىستىكىنى 18 يىل چەكلەپ قويىدۇ.

1837 - يىلدىن 1857 - يىلىغىچە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ئاخىرقى بابۇرشاھ سىراجىددىن باھادىر شاھ شۇ يىلى 14 - سېنتەبىر ئەنگلىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، چىدىغۇسىز ھاقارەتلەرگە ۋە خورلۇقلارغا ئۇچىرىغاندىن كېيىن ، 1858 - يىلى ھىندىستاننىڭ رەسمىي ھالدا ئەنگلىيەنىڭ زېمىنى بولغانلىقى جاكارلاندى. باھادىر شاھ ھازىرقى بېرما پايتەختى رانگۇندا 1862 - يىلى 7 - نويابىر ھەسرەت ئىچىدە قازا قىلدى.
14 - سېنتەبىر مەزكۇر پادىشاھ تۇتقۇن قىلىنىپ ، دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى قاراڭغۇدا قالغان قايغۇلۇق كۈن بولۇپ ، ئەينى ۋاقىتتا بۇ دۆلەت ھازىرقى پاكىستان ، كەشمىر ، ھىندىستان، بېنگال ۋە بېرمىلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتاتتى .

شۇنداق قىلىپ ، قاراخانىلار يۆلەپ چىقىپ، غەرپكە سۈرگەن سالجۇقىلار بىلەن ئەسلىدە قاراخانىلاردىن كېلىپ چىققان غەزنەۋىلەر دەۋرىدىن باشلاپ ئەجداتلىرىمىز سوراپ كەلگەن جەنۇبىي ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى 1858 - يىلى قولىمىزدىن چىقىپ كەتتى . ئېنگلىزلار ھاكىمىيەتنى 1947 - يىلى ھىندىلارغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ چىقىپ ئاندىن كەتتى.
ئىران ۋە خۇراساندىكى سەلتەتىمىزمۇ 1921 - يىلى مۇستەقىل بولغان ئافغانىستان ۋە 1925 - يىلى ھاكىيەتنى قاچار تۈركلىرىدىن ئېلىۋالغان پارس گېنىرال رىزاخان پەھلىۋىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى . پېرسىيە نامى « ئىران » غا ئۆزگەردى. خۇراسان نامى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ ، تۆت دۆلەت ئارىسىدا تەقسىم قىلىۋېتىلدى. پەقەت كىچىك ئاسىيادىكى ئاناتولىيە تۈركلىرىلا بەختكە يارىشا مۇستاپا كامالنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۇرۇش قىلىپ ، ئەڭ ئاخىرقى تۈرك يۇرتىنى ساقلاپ قېلىپ ، بۇ جايدا تۇنجى تۈرك مىللىي دۆلىتى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ چىقتى. ئۈچ ئەسىرلىك تارىخىمىزدىن كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەسكى ، بۈيۈك بېرىتانىيە بىلەن چاررۇسىيە، ئىران ۋە خىتاي ئۇيغۇرلار ۋە باشقا بەش قان - قېرىندىشىنىڭ دۆلەت قۇرۇشىنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئۇتۇقلۇق توسۇپ قالغان . 

ئاخىرقى سۈرەتتە : بېرما پايتەختى رانگوندا ئېنگلىز مۇستەملىكىچىلىرى تەرىپىدىن
خورلىنىۋاتقان ۋە خاتىرە سۈرەتكە زورلاپ چۈشۈرۈلگەن ئاخىرقى بابۇرشاھ - باھادىرخان.

تارىخىي مەنبەلەر :

1 . تۈرك ئىنىسكلوپىدىيىسى .
2 . ئوسمانلى سۇلتانلىرى شەجەرىسى .
3 . ئىستانبۇلنىڭ فەتھى قىلىنىشى .
4 . تارىخىي رەشىدى .
5. تارىخىي ھەمىدى .
6. تەلفىقۇل ئەخبار .
7. شەرقىي چاغاتاي خانلىرى .
8. ئەمىر تۆمۈردىن كېيىنكى ماۋرائۇننەھر.
9. ئەزەربەيجان تارىخى .
10. ئاق قويۇنلار ۋە قارا قويۇنلار سۇلالىسى.
11. ئوتتۇرا ئاسىيا تېزىسلىرى.
12. بابۇرنامە .
13. تارىختىكى سىرلار ۋە ئۇنتۇلغان ئۇلۇغلىرىمىز.