2020/11/25 05:55

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


260 يىللىق ئۇرۇش سەھنىسى، 160 يىللىق قىممەت باھالىق تاۋار

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/05/28 12:06

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى


« 160 يىلدىن بېرى ئۈچ مۇستەملىكىچى ئىمپىرىيە ئارىسىدا قولدىن قولغا سېتىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر دۆلىتى ۋە ئۇيغۇرلار »

ھەممىمىزگە مەلۇم،مىلادى 1759 ـ يىلدىن بۇيان دۆلەتسىزلىك، ۋەتەنسىزلىك ۋە ئەركسىز قۇللار بولۇشقا مەجبۇرلانغان ئەزىز ئۇيغۇر مىللىتى 260 يىلدىن بۇيان ئۈزلۈكسىز قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىپ،ئەينى ۋاقىتتىكى ئۈچ چوڭ جاھانگىر دۆلەتنى چارچىتىپ توختاتتى.

ئالدى بىلەن ئەينى ۋاقىتتا ئەجداتلىرى چىڭگىزخان ۋە ئەۋلاتلىرى تەرىپىدىن قۇل قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ھاقارەتلىك « جۇرجىت»نامىنى«مانجۇ»نامىغا ئۆزگەرتىپ، 1616 - يىلى دۆلەت قۇرۇپ، 1636 - يىلى نامىنى مەنچىڭغا ئۆزگەرتكەن، 1644 - يىلى سەددىچىندىن ھالقىپ ئۆتۈپ ئون يىل ئىچىدىلا پۈتۈن خىتاينى ئىشغال قىلغان، رەھىمسىزلىكتە موڭغۇللاردىن كۆپ ئېشىپ كەتكەن، 1655 ـ يىلدىن باشلاپ قالماق موڭغۇللار بىلەن ئۈستۈنلۈك تالاشقان مەنچىڭ خاندانلىقى(1644 ـ 1911)ساق يۈز يىلدىن كېيىن كۈچلۈك رەقىبى بولغان ئويرات(جۇڭغار)خانلىقىنى مۇنقەرز قىلىپ، 1755 - يىلى ئىيۇلدا قالماق خانى داباچىنى تۇتقۇن قىلدى. كېيىنچە جۇڭغارلارنى 1757 ـ يىلى پۈتۈنلەي قىرىپ تۈگىتىپ،1759 ـ يىلى تارىم ۋادىسىغا بېسىپ كىرىپ،دۆلىتىمىزنى مۇنقەرز قىلدى.

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ۋاپاسىزلار قورققىنىدىن ئارقا ـ ئارقىدىن مانجۇلارغا ياخشىچاق بولۇپ،ئۇيغۇرلارنى ياردەمسىز تاشلاپ قويدى.ئافغان
شاھى ئەھمەد دۇررانىنىڭ تەلىپى بىلەن قۇرۇلغان«مەنچىڭغا قارشى ئىتتىپاق»تېخى ھەرىكەت قىلماستا،قەيسەر ئۇچتۇرپان خەلقى
بۇ يالغان ئىتتىپاقتىن ئۈمۈتۋار ھالدا ئۆزى يالغۇز 1765 ـ يىلى فېۋرالدىن ئاۋغۇستقىچە ساق ئالتە ئاي مەنچىڭغا قارشى ئۇرۇش قىلدى.

بۇخارا،قوقان ۋە خارەزم خانلىقلىرىنىڭ توسقۇنلۇقى سەۋەپلىك بۇ ئاتالمىش ئىتتىپاق ئۇچتۇرپانغا ھەربىي ياردەم بېرەلمىدى.ئاقىۋەت پۈتكۈل ئۇچتۇرپان ئاھالىسى قىرىپ تاشلاندى.
 مەشھۇر يەتتە قىز ئۆز ئالدىغا مەنچىڭ ئارمىيىسىگە قارشى نەچچە ئاي مۆجىزىلەرچە ئۇتۇقلۇق جەڭ قىلىپ،ئاخىرىدا مەزكۇر يەتتە قىزلىرىم  قورشاۋدا قېلىپ،ئۆزىنى تاغدىن تاشلىۋالدى.

«كالىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن موزاينىڭمۇ بېشىغا كېلىدۇ»دېگەندەك، دەل شۇ ئەنسىز يىللاردا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ جەنۇبىدىكى خوشنا ھىندىستاندا ئەنگلىيە ئارمىيىسى خۇپيانە ھالدا شىمالدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تەرەپكە تېز يۈرۈش قىلماقتا ئىدى. شىمالدىكى سىبىرىيە تەرەپتىمۇ يەنە بىر تاجاۋۇزچى كۈچ چاررۇسىيە ئارمىيىسى ھەدەپ جەنۇپتىكى ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراپ كېڭەيمىچىلىك قىلىۋاتاتتى.

مىلادى 1820 ـ يىلدىن 1828 ـ يىلغىچە بولغان 4 قېتىملىق «جاھانگىر خوجا قوزغىلىڭى»دىن كېيىن،ئەنگلىيىنىڭ مەنچىڭنى يېڭىۋېتىش ئىشەنچىسى ئاشتى.نەتىجىدە 1840 ـ يىلدىكى ئەپيۇن ئۇرۇشى ئارقىلىق،شىياڭگاڭنى ساق 156 يىل ئىگىلەپ تۇردى.چاررۇسىيىمۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇرۇپ،1858 ـ يىلى بىر كېچىدىلا يىراق شەرقتىن بىر مىليون كۋادرات كلومېتىردەك يەرنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالدى .

مانجۇلار ئۇيغۇرلارنى باش ئەگدۈرۈپ بولالماي،ئەزەلدىن ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنى بولغان بالقاش كۆلىنىڭ جەنۇبىدىكى زور بىر قىسىم تۇپراقنى خەلقى بىلەن قوشۇپ رۇسلارغا سېتىۋەتتى.(بۇ جايلارنى ئەمىر تۆمۈرمۇ تارتىۋالالمىغانىدى.ئىسان بۇقاخان بۇ جايلارنى 1455ـ يىلى بىر مەزگىل ئۇبۇلخەيرىخاندىن قېچىپ كەلگەن ئاكا ـ ئۇكا قازاق شاھزادىلىرىگە بېرىپ تۇرغان. ئۇلار بۇ جايدا 1464 ـ يىلى قازاق خانلىقىنى قۇرۇپ چىققان.كېيىن بۇ جاي قالماقلار،ئاخىرىدا مانجۇلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن).

بېرىتانىيە بىلەن چاررۇسىيە ئارىسىدىكى يۈز يىللىق ( 1808 ـ 1908)بۈيۈك ئويۇندا بۈيۈك ۋەتىنىمىز ھەر ۋاقىت« توقۇنۇش پەسەيتىش ئورنى» بولۇپ كەلدى.رۇسلار 1859 ـ يىلى ئىمام شامىلنى تۇتۇپ،كافكازنى تىزگىنلەپلا،كېيىنكى 10 يىل ئىچىدە چاقماق تېزلىكىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ۋاپاسىز قوقان،بۇخارا ۋە خارەزم خانلىقلىرىنى بىراقلا يۇتۇۋالدى.

ئەنگلىيىمۇ 1858 ـ يىلى « بابۇرىلار»نىڭ ئاخىرقى پادىشاھى 2 ـ باھادىرشاھنى يىقىتىپ ھىندىستاننى تولۇق ئىشغال قىلىپلا،3 ـ قېتىملىق ئافغانىستان ئۇرۇشىنى قوزغىدى.بۇندىن بۇرۇنقى ئىككى قېتىملىق ئۇرۇش مەغلۇپ بولغانىدى.ئەنگىلىيىنىڭ ھەرىكىتىگە قارشى رۇسلار « ھىندىستانغا بېسىپ كىرىش»پىلانى تۈزۈشكە باشلىدى.

« ئافغانىستان مەسىلىسى ئۈچۈن قۇربان قىلىنغان ئىلى مەسىلىسى»

1865 ـ يىلى ۋەتىنىمىزدە ياقۇپبەگ تەرىپىدىن« قەشقەرىيە ئۇيغۇر خانلىقى » قۇرۇلدى.ئۇ 1870 ـ يىلى ئۈرۈمچىگە يۈرۈش قىلىپ،1871 ـ يىلى يانۋاردا داۋاملىق يۈرۈش قىلىپ،ماناس تەۋەسىدە « ئىلى سۇلتانلىقى» قوشۇنلىرى بىلەن ئۇچراشتى.بۇنىڭدىن نارازى بولغان رۇسلار ئالدىن قول سېلىپ،1871 ـ يىلى 4 - ئىيۇلدا ئىلى سۇلتانلىقىنى ئىشغال قىلىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن ئەنگلىيە « ئىلى مەسىلىسىنى رۇسلارغا يەمچۈك قىلىپ،ئافغانىستاننى ئۆز تەسىرىدە تۇتۇش ئىستراتېگىيىسى» بويىچە ھەرىكەت قىلىدۇ.ئۇلار رۇسلارغا رەسمىي تەلەپ قويۇپ،ئافغانىستاننى ئەنگىيىنىڭ تەسىرىدىكى ئىككى دۆلەتنى ئايرىپ تۇرىدىغان ئارىلىق دۆلەت قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.رۇسلار رەت قىلسا ئىلىنى خۇددى 1856 - يىلى قىرىمنى قولدىن چىقىرىپ قويغاندەك ئاقىۋەتكە قېلىشنى خالىماي قوبۇل قىلىدۇ.(چۈنكى ئەنگلىيە قوللىمىسا،رۇسلارنىڭ ئىشغالى قانۇنسىز بولۇپ قېلىپ،ئىلىنى ياقۇپبەگكە ياكى ئىلى خەلقىگە قايتۇرۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولۇپ قالاتتى).
ئىنگلىزلار قەستەن ئافغان چېگرىسىنى تاكى ۋەتىنىمىزنىڭ قەشقەر چېگرىسىغىچە سوزۇپ،رۇس ۋە ئېنگلىز ئارىسىدا ئافغانىستان ۋە قەشقەرىيە دۆلىتىنى ئارىلىق دۆلەت قىلىپ، رۇسلار بىلەن بىۋاستە تۇتۇشۇپ قېلىشتىن ساقلىنىدۇ.

بىراق 1875 ـ يىلى ئەھۋال ئۆزگىرىدۇ.قۇۋ ئىنگلىزلار بىر دومىلاپلا زوزۇڭتاڭنىڭ يۈرۈش قىلىپ،رۇسلارنى چەكلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.
رۇسلارمۇ ئوسمانلىغا بەيئەت قىلغان.سابىق دۈشمىنى ياقۇپبەگدىن خىتتايلارنى ئەۋزەل بىلىپ،ئاشلىق ياردىمى بېرىپ قوللايدۇ.
زوزۇڭتاڭ 1878 ـ يىلى ئۆزىمۇ ئويلاپ باقمىغان ئۇتۇققا ئېرىشىپلا، رۇسلارغا ھەيۋە قىلىشقا باشلايدۇ. رۇسلار ئۇنى باشلاپ كەلگىنىگە پۇشايمان قىلىپ،ياقۇپبەگنىڭ ئوغلى بەگقۇلى بەگ باشچىلىقىدا قەشقەردە ئۇيغۇر دۆلىتى، ماناستا بەيياڭخۇ باشچىلىقىدا تۇڭگان دۆلىتى قۇرۇپ خىتتايلارنى قوغلاپ چىقارماقچى بولىدۇ.

ھالقىلىق پەيتتە يەنە ئەنگلىزلار مادارا قىلىپ،
ئاخىرى 1881 ـ يىلى چاررۇسىيە پايتەختى سانكىت پېتىربۇرگدا سېسىق نامى پۇر كەتكەن« تۈركىستاننى بۆلۈشۈش كېلىشىمى»تۈزۈلىدۇ.
كېلىشىم بويىچە مانجۇلار رۇسلارغا ئۆزبېكىستان چوڭلۇقىدىكى ئۇيغۇر زېمىنىنى بېرىۋېتىش ۋە بارلىق ئۇرۇش چىقىمىنى تۆلەش بەدىلىگە
ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرىستاننى 100يىللارچە قانلىق تىزگىنلەپ تۇرغان ھەربىي مەھكىمىسى جايلاشقان ئىلى ۋىلايىتىنى قايتا ئىگىلىۋالىدۇ.

1911 ـ يىلى مانجۇلار مۇنقەرز بولۇپ يوقىلىدۇ.
1917 ـ يىلى چاررۇسىيىمۇ غۇلاپ يوق بولىدۇ.
1923 ـ يىلى لېنىن بىلەن سۇنجۇڭشەن ئۆز ئارا ھەمكارلىق تۈزۈپ،ياپونىيىدىن مۇداپىئىلىنىدۇ.

1920 ـ يىلدىن 1932 ـ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە سىتالىن مىڭ  تەستە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئەمدى باستۇرۇپ ئۇھ دەپ تۇرسا،ئامان قېلىپ ۋەتىنىمىزگە چېكىنگەن قوراللىقلارنى ئاساس قىلغان 1 ـ شەرقي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلىدۇ.شۇنىڭ بىلەن« دۆلىتىمىز سوۋېتنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇتلەق ئالىي مەنپەئىتىنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىدۇ».

1937 ـ يىلى 7 ـ ئىيۇلدا ياپونىيە خىتتايغا ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم قىلىپ كىرىدۇ.غەرپتە گېتلىر 1941 ـ يىلى 22 ـ ئىيۇن سوۋېتقا تۇيۇقسىز بېسىپ كىرىدۇ.ياپونىيىمۇ شەرقتىن ماسلىشىپ، 1939 - يىلى مايدا قوزغىغان «نومېنكان ئۇرۇشى»نى قايتا قوزغىماقچى بولىدۇ.
زوزۇڭتاڭ 1878 ـ يىلى رۇسلارغا قىلغاننى،1941 ـ يىلى جاللات شېڭشىسەي سىتالىنغا قىلدى.سىتالىن ئارقا ھويلىسىنىڭ تېنچلىقى ئۈچۈن ئاۋۋال ئۇيغۇرلارنى قوللاپ 2 ـ جۇمھۇرىيىتىمىزنى قۇرۇشىمىزغا قارشى تۇرمىدى. بىراق 1949 ـ يىلى يەنە بىر قېتىم سوۋېتنىڭ ئالىي مەنپەئىتىنىڭ قۇربانى قىلىۋەتتى. سىتالىننىڭ مۇشۇ ئىككى قېتىملىق تارىخىي ۋە ئستراتېگىيىلىك خاتالىقى بەلكىم رۇسلارنى ھامان بىر كۈنى ئېغىر بەدەل تۆلىتىشى مۇمكىن.قىزىل خىتاي ئىمپىرىيىسى كاتتىۋاشلىرى ھامان بىر كۈنى زوزۇڭتاڭ ۋە شېڭشىسەي قىلغان خىيانەتنى پۇرسەت تاپسىلا قايتا سادىر قىلىدۇ.

1948 ـ يىلى 15 ـ ماي ئىسرائىلىيە قۇرۇلدى.1969 ـ يىلدىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئەرەپ ئەللىرىدە بازارلىق بۇيۇمغا ئايلىنىپ قالدى.
« خىتتاي پەلەستىن مەسىلىسىدە ئەرەپ ئەللىرىنى قوللاش،ئەرەپ ئەللىرى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خىتتاينى قوللاش ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنىڭ يادروسىدۇر».شۇڭلاشقا ھازىرقى ئېشەك ئەرەپلەرنىڭ جىم تۇرۋېلىپلا قالماي خىتتاينى قوللىشى زادىلا ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس.

1991 ـ يىلى 2 ـ نويابىر چېچىنىيە رۇسىيىدىن ئايرىلىپ چىقىپ،مۇستەقىللىقىنى جاكارلىدى.رۇسلار ۋاستىلىق چەكلەپ ئۈنۈم قازىنالماي، 1994 ـ يىلى 12 ـ دېكابىر  چېچىنىيىگە قوشۇن ئەۋەتتى.بىراق رۇسلارنىڭ ھەربىي ھەرىكىتى گېرمانىيە باشلىق غەرپ ئەللىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. رۇسلار دىپلوماتىك جەھەتتە قوللاشقا مۇھتاج بولدى. ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى 5 دائىمىي ئەزانىڭ بىرى بولغان خىتتاي « چېچىن مەسىلىسى»دىن پايدىلىنىپ،ئۇيغۇر مەسىلىسىنى زورلاپ چېچىن مەسىلىسى بىلەن باغلاپ،خۇددى
«ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى» دىكىدەك :« چېچىن مەسىلىسىدە رۇسلارنى شەرتسىز قوللاش،ئۇيغۇر مەسىلىسىدە رۇسلار خىتتاينى شەرتسىز قوللاش ئاساسلىق يادرو قىلىنغان ئىستراتېگىيىلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋەت »
1996 ـ يىلى ئورنىتىلدى. بىراق چېچىنلەر كېيىنكى ئالتە ئايدا رۇس ئارمىيىسىنى ئېغىر چىقىملارغا ئۇچرىتىپ،رۇسىيىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن. رۇسىيە 1997 ـ يىلى 5 ـ يانۋار قوشۇن چېكىندۈرگەن. 1997 - يىلى مايدا رۇسىيە 400 يىلدىن بېرى تۇنجى قېتىم كاۋكاز خەلقى بىلەن تېنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان.چېچېن خەلقى رامىزان ئېيىنى ۋە روزا ھېيتنى مۇستەقىللىق شاتلىقى بىلەن كۈتۈۋالغان.

كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان سىرلىق تەرىپى شۇكى،ئارىدىن ساق بىر ئاي ئۆتۈپلا،يەنى دەل 1997 ـ يىلى 5  ـ فېۋرال ۋەتىنىمىزنىڭ غۇلجا
شەھىرىدە بەئەينى مىلوشوۋىچنىڭ 1992  ـ 1998 ـ يىللىرى بوسنىيىلىكلەرگە قارىتا ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن قېلىشمىغۇدەك,قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ يوق ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان بىر قېتىملىق ئىرقىي ۋە مىللىي قىرغىنچىلىق چىش ـ تىرنىقىغىچە قوراللانغان خىتتاي قوراللىق باندىتلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان.

1996 ـ يىلى 21 ـ ئاپرىل چېچىن داھىيسى دودايېفنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى،24 ـ ئاپرىلدا يېلىتسىننىڭ خىتتايغا زىيارەتكە كېلىپ،ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 3 دۆلەتنى گۇۋاھ قىلىپ،« رۇسىيە  ـ خىتتاي ئىستراتىگىيىلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى» تۈزۈشى،شۇ يىلى 9 ـ ئايدىكى موسكۋادىكى ئىككى تەرەپ باش مىنىستىرلار ئۇچرىشىشى،1997 ـ يىلى 5 ـ يانۋاردىكى رۇسىيىنىڭ چېچىنىيىدىن قوشۇن چېكىندۈرۈشى،خىتتاينىڭ 4 ـ فېۋرالدىكى رۇسىيە ۋە چېچەن مەسىلىسى توغرىسىدىكى باياناتى،ھەمدە 5 ـ فېۋرال خىتتاينىڭ 300مىڭ كىشىلىك قوشۇنى بىلەن 150 مىڭ نوپۇسى بار غۇلجىنى قورشاۋغا ئېلىپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىشى،1997 ـ يىلى 24 ـ ئاپرىل جاڭ زېمىن موسكۋادا ئوتتۇرىغا قويغان « چېگرا جايلاردىكى ھەربىي كۈچلەرنى كېمەيتىپ،ئۆز ئارا قوللاپ مەدەت بېرىش » تەكلىپى ....
.......  بۇلار پەقەت « رۇس ـ خىتتاي » ئارىسىدا كۆرۈلگەن تاشقى كۆرۈنۈشتىنلا ئىبارەت. ئەجەبا 1997 ـ يىلدىكى غۇلجا ۋەقەسى 2017 ـ يىلدىكى ئومۇميۈزلۈك ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئالدىدىكى ئالدىن پىلانلانغان سىناقمۇ يا تاسادىپىيلىقمۇ !؟؟؟

ۋاقىت بۇلارنى ھامان تولۇقى بىلەن ئاشكارىلايدۇ. ئىلاھىم شۇ چاغدا ۋىجدان ئازابىغا قېلىشتىن ساقلىسۇن!

« ئۇيغۇر مىللىتى ئەزەلدىن تەمىنى تېتىپ باقمىغان ئۈچ خىل مانتىنىڭ ( ئاتالمىش مىللىي بۆلگۈنچىلىك،ئاتالمىش دىنىي ئاشقۇنلۇق،
ئاتالمىش زوراۋان تېررورچىلىق)پۇلىنى جانلىرى، بارلىقى بىلەن تۆلەپ كەلمەكتە».

نۆۋەتتە دۇنيادا باش ئاغرىقى يوق دۆلەت يوق!
ناۋادا خىتتاي تۈنۈگۈن « ئۇيغۇر مەسىلىسىنى پەلەستىن مەسىلىسىگە،چېچىن مەسىلىسىگە»چېتىپ بولۇپ،بۈگۈن « كۇردلار مەسىلىسى»نى، ئەتە « قىرىم ياكى قاراباغ مەسىلىسى»بىلەن  زورلاپ چېتىپ،ئاللىبۇرۇن بىزنى قىمىرلىيالماس قىلىپ قويۇش نىشانىغا يەتكەن بولسىچۇ»!؟

ئويلىنىش ۋە خۇلاسە چىقىرىش سىلەرگە قالدى.بىزنىڭ خوراتقاچ تۇرىدىغان ھېچبىر زاپاس كۈچىمىز ياكى زېھنىمىز يوق. شۇڭا
« ئۆز ئارا قوڭ كولاشماي ، قوللىشىپ،كۈنسىرى يېقىنلاپ كېلىۋاتقان يېڭى پالاكەتلەردىن قۇتۇلۇشقا ھەرىكەت قىلايلى !» .

ئۇلۇغ رەببىمدىن ھەممەيلەنگە ساغلام تەن، سەگەك كاللا،ساپ ئەقىل،سالماق مىجەز ،ۋە تەپەككۇرلۇق ھايات تىلەيمە !

تارىخىمىزدىن ئىبرەت ئالايلى ! ئاپەتنى ئامەتكە ئايلاندۇرالايدىغان قابىللاردىن بولايلى ! مەسىلە پەيدا قىلىدىغان ئەمەس، مەسىلە ھەل قىلالايدىغان كىشىلەرنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەيلى ! كۆپەيتەيلى! گەپنى ئاز، ئىشنى جىق قىلايلى !

ۋەتەندىكى بارلىق خەلقىمنى قۇدرەتلىك رەببىم  ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي ! ياخشىلىققا يامانلىق قىلغان دۈشمەنلەرنىڭ جاجىسىنى بەرگەي !

2019 / 2  / 5  ـ فېۋرال سەيشەنبە

1871 - يىلى 28 - مايدىكى ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ چاررۇسىيە ئۈستىدىن قازانغان بۈيۈك زەپىرىنىڭ 148 يىللىق خاتىرە كۈنى، شۇنداقلا 1877 - يىلى 28 - ماي دۈشەنبە كەچ كورلىدا قازا قىلغان قەشقەرىيە ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ھۆكۈمدارى مۇھەممەد ياقۇپبەگ - بەدۆلەتنىڭ ئۆلۈمىنىڭ 142 يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن قايتا يوللاندى.

سايرام ئوغلانى

2019 - يىلى 5 - 28 - ماي  سەيشەنبە