2020/10/27 04:53

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


موسكۋا ۋە قەشقەر ھەققىدە قىسقىچە تارىخىي ئۇچۇرلار

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2020/09/17 06:40

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى

2020/09/17 06:40 2020/09/17 08:06 دا تەھرىرلەندى، تەھرىر: سايرام ئوغلانى
موسكۋا ۋە قەشقەرنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

كىرىش سۆز ئورنىدا :

2020 - يىلى 5 - 6 - سېنتەبىر كۈنلىرى رۇسىيە ئاھالىسى موسكۋا شەھىرى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 873 يىللىقىنى تەبرىكلىدى . گەرچە خىتاي ۋىرۇسىنىڭ خەتىرى تېخى تولۇق دېگىدەك ئاخىرلاشمىغان بولسىمۇ ، بىراق ۋىلادىمىر پۇتىن ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلىپ ، بۇ يىل موسكۋا شەھىرىنىڭ 873 يىللىقىنى تەبرىكلەپ ، نۇتۇق سۆزلەپ ، پايتەخت ئاھالىسىگە سالام ئېيتتى.

ئۇنداقتا ئورۇس تارىخچىلىرى ئورۇسلار ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ، جۈملىدىن قەشقەر ۋە موسكۋا ھەققىدە نېمىلەرنى ئېيتقان ؟ ھازىرقى موسكۋا بۇرۇن قانداق ئىدى ؟ ھازىر قانداق بولۇپ قالدى ؟ ئورۇسلار بۇرۇن كىم ئىدى ؟ ھازىر كىم بولدى ؟ ئۇيغۇرلار بۇرۇن كىم ئىدى ؟ كېيىن كىمگە ئايلىنىپ قالدى ؟ ئەمدى كىم بولۇشى كېرەك ؟

« ئورۇسلار ئەمدىلا ئىپتىدائىي ئورمان ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، موسكۋا شەھىرىنى قۇرغاندا ، ئۇيغۇرلارنىڭ قەشقەر شەھىرى مەدەنىيەتنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە ئىدى ». ۋاسىلىيېۋ. 

بۇ يىل 6 - سېنتەبىر ئەسلىدە سازلىق بولغان موسكۋا شەھىرى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 873 يىللىقى بولۇپ ، 1147 - يىلى كېنەز يورى دولگوروكى تەرىپىدىن قۇرۇلغان . دېمەك موسكۋا شەھىرى قۇرۇلماستا ، قەشقەر شەھىرى ھازىرقى ئوتتۇرا شەرقتىكى تۈگىمەس نىزالار ۋە چۈشكۈنلۈك سەۋەپلىك ئاللىبۇرۇن توپا - چاڭ بېسىپ ، خارابلىشىپ كەتكەن باغدات ، دەمەشىق ، قاھىرە ، ئىسپاھان، سەمەرقەند ۋە بۇخارالاردىن شۆھرىتى ئېشىپ كەتكەن تەۋەررۈك شەھەر ئىدى . چۈنكى بۇ ۋاقىتتا قەشقەر شەھىرى تۇنجى تۈرك - ئىسلام ئىمپىرىيىسى بولغان بۈيۈك قاراخانىلارنىڭ پايتەختى ئىدى . ئىسلام ۋە تۈرك - ئىسلام مەدەنيىتى مۇشۇ شەھەر ئارقىلىق بارچە تۈرك يۇرتلىرىغا يېيىلىپ ، ئىران ۋە خۇراساندا سالجۇقىلار سەلتەنىتى ، غەزنىنى مەركەز قىلىپ ، جەنۇبىي ئاسىياغا توختىماي كېڭىيىۋاتقان غەزنەۋىلەر سەلتەنىتىنى مەنىۋى جەھەتتىن ئوزۇقلاندۇرۇپ تۇراتتى.

1 . قەشقەرنىڭ قىسقىچە جۇغراپىيىسى، مىللىي مەدەنىيىتى ۋە تارىخى ھەققىدە :

قەشقەر شەھىرى ئانا ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي جەنۇبى قىسىمىغا جايلاشقان بولۇپ ، بۈگۈنكى ئاتالمىش قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مەمۇرىي مەركىزى. قەشقەرنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى شىمالىي كەڭلىك 39° 24' 26؛ شەرقىي ئۇزۇنلۇق 76° 6' 47، دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىگى 1290 مىتىر. قەشقەر شەھرىنىڭ 1999-يىلى ئېلان قىلىنغان نوپۇسى 205،000. قەشقەردە ھازىرقى بار بولغان قەدىمى شەھەر كوچىلىرىدىن ھېيتگاھ جامىئەسىنى مەركەز قىلغان چاسا كوچا، ئوردا ئالدى، بۇلاق بېشى، ئوردا مەسچىتى، دۈڭمەسچىت، جانقۇرغان، تۆريارباغ، كونا دەرۋازا يولى، يار بېشى كولالىچىلار مەھەللىسى قاتارلىق جايلار ئۆستەڭ بويى ئەتراپلىرىغا مەركەزلەشكەن. ئوردا بېشى يولى، كونا دەرۋازا يولى، يارباغ يولى، ئارىيا يولى ئوتتۇرىسىدىكى قەدىمىي تۇرالغۇ- كوچىلار قەشقەر شەھىرىنىڭ يارباغ ئىش باشقارمىسى تەۋەسىدە بۇلۇپ، جانقۇرغان كوچىسى بىلەن بۇلاق بېشى كوچىسىنى ئاساس قىلغان ھالدا يەنە 20 نەچچە تار كوچىلارغا ئايرىلغان. ئومۇمىي دائىرىسى 2 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئون نەچچە مىڭ ئاھالە ئولتۇراقلاشقان. بۇ كوچىلارنىڭ بەرپا قىلىنىش تارىخىنى مىلادى 10- ئەسىرلەرگىچە سۈرۈشكە بولىدۇ. چۈنكى قەشقەر شەھىرى مىلادى 893 - يىلدىن تاكى 932 - يىلى ئوغۇلچاق بۇغراخان ئاغدۇرۇلغىچە قاراخانىلارنىڭ تالاستىن كېيىنكى قوشۇمچە پايتەختى بولغان . 932 - يىلدىن 1041 - يىلى قاغانلىقنىڭ ئاساسلىق پايتەختى بولغان . 1042 - يىلدىن 1141 - يىلغىچە شەرقىي قىسىم قاراخانىلارنىڭ پايتەختى بولغان . 1141 - يىلدىكى قەتۋان ئۇرۇشىدىن كېيىن ھەر ئىككى قاراخانىلار قاراخىتايلارغا بېقىندى بوپقالغاندىن تاكى 1212 - يىلى كۈچلۈك قەشقەرنى خاراب قىلغۇچە داۋاملىق پايتەخت بولغان .

جۇغراپىيەلىك ئورنى ۋە كىلىماتى :

قەشقەر شەھىرى قەشقەر دەرياسى دېلتىسىنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى قىسمىغا جايلاشقان. ئۇنىڭ شەرق، شىمال، غەرب تەرىپى قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇب تەرىپى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 13 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 19 كىلومېتىر، شەھەر رايونى كۆلىمى 15.5 كۋادرات كىلومېتىر.

يەر تۈزۈلۈشى: شىمالىي تەرىپى ئېگىز، جەنۇبىي تەرىپى پەس، تارىختىن بۇيان دەريا ئېقىنلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرۇشى، تىنىشى بىلە، يەر تۈزۈلۈشى مۇرەككەپ بولۇپ كەتكەن. تەۋەسىدە قىزىل دەرياسى ۋە تۈمەن دەرياسى بار. ئونىڭ يىللىق ئېقىن مىقدارى 2 مىليارد 185 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك يەر ئاستى زاپاس سۇ مىقدارى 67 مىليون كۇب مېتىر.

قەشقەر شەھىرى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.7. ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 40.1، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى-24.4. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ۋاقتى 2874 سائەت. 10 جۇغلانما تېمپېراتۇرىسى 4250.5. قىروسىز مەزگىلى 218 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 61.5 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايللىنىش مىقدارى 2487.1 مىللىمېتىر.

قەشقەر شەھىرى ئىقتىسادىي جەھەتتە سانائەتنى ئاساس قىلىدۇ. سانائىتى توقۇمىچىلىق سانائىتى، بۇياقچىلىق، ئېلېكتر قۇۋۋىتى، خىمىيە سانائىتى، خۇرۇمچىلىق، يېمەكلىك، كىيىم-كېچەك، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ماشىنسازلىق ۋە رېمونتچىلىق، مەتبۇئات ۋە ئەنئەنىۋى قول ھۆنەرۋەنچىلىكى قاتارلىق 20 خىلدىن ئاشىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، توقۇمىچىلىق، مىللىي، ئالاھىدە سانائەت ۋە ساياھەتچىلىك بۇ شەھەردىكى تۆت چوڭ تۈۋرۈك كەسىپ ھېسابلىنىدۇ. شەھەر ئەتراپى رايونى يېزا ئىگىلىكىدە شەھەر ئاھالىسىنى «كۆك تاق» بىلەن تەمىنلەش ئاساس قىلىنىدۇ. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، شال، كېۋەز، مېۋە-چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار.

قەشقەر شەھىرىدىكى بۇ قەدىمى كوچا- تۇرالغۇلار، بۇ يەردە ياشاۋاتقان ئاھالىلەرنىڭ قول- ھۈنەر سەنئىتى، ئۆرپ- ئادىتى، بىناكارلىق مەدەنىيىتى ئۇزۇن تارىخىنىڭ ئەينى سىماسىدۇر. بۇ جاي بىزگە يىراق قەدىمى دۇنيانىڭ تەسىراتىنى بېرىدۇ. قەشقەر شەھىرىنىڭ بۇ قەدىمى كوچا تۇرالغۇلىرىنى ئايلانغاندا، ھەر بىر دۇقمۇشتىن قايرىلىپ، خىلمۇ خىل مەدەنىيەت ئىزنالىرىنى بايقىغاندا، نەچچە يۈز يىل، ھەتتا مىڭ يىل ئالدىدىكى دەۋردە تۇرىۋاتقاندەك، قىسقىغىنا ھاياتتا نەچچە دەۋىرنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرگەندەك بىلىنىدۇ.

قەشقەر شەھىرى مىلادىدىن بۇرۇنقى 7 - ئەسىردە تۇران قاغانى ئالپ ئەرتۇڭا قاغاننىڭ پايتەختى بولغان بولسا ، مىلادى 10 - ئەسىردىن باشلاپ قاراخانىلارنىڭ ئاساسلىق پايتەختى بولغان . بۇ ھەشەمەتلىك شەھەر 1212 - يىلى قاراخىتايلار ( 1142 - 1212 ) تەختىنى تارتىۋالغان نايمان خانزادىسى كۈچلۈك تەرىپىدىن تولۇق خاراپ قىلىدىغاندىن كېيىن ، خارەزملىك ئۇيغۇر سودىگەر مەھمۇد يالۋاچ ۋە ئوغلى مەسئۇد چاغاتايخاندىن رۇخسەت ئېلىپ ، شەھەرنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ، بۇرۇنقى ساچىيە كۇتۇپخانىسى ئورنىغا داڭلىق مەسئۇدىيە كۇتۇپخانىسىنى قۇرۇپ چىققان . بىراق قەشقەر شەھىرى 1388 - يىلى ئەمىر تۆمۈرنىڭ ئوغلى جاھانگىر مىرزىنىڭ قولىدا يەنە بىر قېتىم خاراپ بولغان . ھەتتا مىرزا ئۇلۇغبەگ بىر مەزگىل ئىشغال قىلىپ تۇرۇپ ، ئامالسىز چېكىنىدىغان چاغدا خاراپ قىلىۋەتكەن . ئۇزاق ئۆتمەي مىرزا ئابابەكرى قولىدا يەنە بىر قېتىم ۋەيران بولغان . ئاخىرى سۇلتان سەئىدخان 1514 - يىلى سەئىدىيە خانلىقىنى قۇرۇپ چىقىپ ، قەشقەر شەھىرىنى قايتىدىن مەركىزىي ئاسىيانىڭ مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلاندۇرغان. شۇنىڭ بىلەن قەشقەر شەھىرى تاكى غالدان ئىستىلاسىغىچە گۈللەپ - ياشنىغان. ئۇندىن كېيىنكى 350 يىللىق تارىخى ھەممىگە مەلۇم.

2 . موسكۋا شەھىرى ھەققىدە قىسقا بايان :

شەرقىي ياۋروپا تۈزلەڭلىكىدىكى موسكۋا دەرياسى بويىغا جايلاشقان موسكۋا ئەسلىدە ئادەم ياشىمايدىغان سازلىق بولۇپ ، مىلادى 914 - يىلدىن 1090 - يىللىرىغىچە داۋام قىلغان ھازارلار ، قىپچاقلار ۋە پېچەنەكلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز ھۇجۇملىرى ۋە غەرپكە كۆچۈشى سەۋەپلىك ئورۇس قەبىلىلىرى جان ساقلاش ئۈچۈن بۇ سازلىق رايونغا ماكانلىشىپ قالغان . مىلادى1147 - يىلى موسكۋا شەھىرىنىڭ ئۇلى قوپۇرۇلۇپ ، ياغاچ قۇرۇلمىلىق ئۆيلەر ئىنشا قىلىنىشقا باشلىغان . بىراق 1221 - يىلى مەركىزىي ئاسىيا بوستانلىقلىرىنى تولۇق ئىستىلا قىلغان چىڭگىزخاننىڭ قىپچاقلارنى قوغلاپ كەلگەن ئوغلى جۇچىغا قارشى 1223 - يىلى يازدا ئۇرۇش ئاچقان ئورۇسلار كالكا دەرياسى بويىدا ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولۇپ ، موڭغۇل قاغانلىقىنىڭ خارەزمشاھلاردىن كېيىنكى دۈشمىنىگە ئايلىنىپ قالغان . موڭغۇل قوشۇنى 1224 - يىلى غەرپتىن ۋاقىتلىق چېكىنىپ چىقىپ ، تاڭغۇت خانلىقىنى يوقىتىپ ، شىمالىي خىتاينى بېسىپ ياتقان ئالتۇن خانلىقىنى يوقاتماقچى بولغاندا چىڭگىزخان ئۆلۈپ كېتىپ ، 1229 - يىلى ئوغلى ئۆگەدەي قاغان بولغاندا قايتىدىن تەشكىللىنىپ ، ئالدىن بىلەن ئامۇ دەرياسىدىن ئۆتۈپ ، قايتا تىرىلگەن خارازمشاھ جالالىددىنغا قوغلاپ زەربە بېرىپ ، 1231 - يىلى ئۆكتەبىردە ئۇنى ئۆلتۈرۈپ ، ئاندىن ئاساسلىق قوشۇننى قايتۇرۇپ كېتىپ ، 1232 - يىلى سەددىچىندىن كىرىپ، ئۇدا تۆت يىل ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق جۇرجىتلارنىڭ ئالتۇن خانلىقى ( 1124 - 1236 ) نى يوقاتقان. ئاندىن چاقماق تېزلىكىدە غەرپكە يۈرۈش قىلىش كېڭىشى ئاچقان . كېڭەشتە قاراخانىلار ۋە خارەزمشاھلار تەۋەسىدىن ئەل بولغان مۇسۇلمان قوماندانلار ئىسلام دۇنياسىغا يۈرۈش قىلىش پىكرىگە نارازى بولغان . ئۆگەدەيخان ئۇلارنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلىپ ، تۇنجى قېتىملىق غەرپكە يۈرۈش قىلىشنى ئۇرال ۋە قىرىمدىن باشلىماقچى بولغان .

غەرپكە يۈرۈش قىلىشقا چىڭگىزخاننىڭ ئەڭ چوڭ نەۋرىسى باتۇخان مەسئۇل قىلىنغان. باتۇخان 1237 - يىلى ھازىرقى ئېتىل( ۋولگا ) دەرياسى بويىدا پايتەختى « ساراي » نى قۇرۇپ ، كېيىنكى يىلى غەربىي شىمالدىكى بەيئەت قىلمىغان ئورۇس كېنەزلىرىگە ھۇجۇم قىلغان . شۇنداق قىلىپ يېڭى قۇرۇلغان موسكۋا
1238 - يىلى ئالتۇن ئوردا خانى باتۇخان تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان . ئورۇسلاردىن پەقەت ۋىلادىمىر كىنەزى ياروسلاۋ بىلەن ئوغلى ئىسكەندەرلا باتۇخانغا بەيئەت. قىلىپ ، ئۆمۈر بويى سادىق بولغان . شۇڭلاشقا ئەڭ ئاخىرقى ئورۇس سەلتەنىتىنى ساقلاپ قالغان ئىسكەندەر ھازىر رۇسىيەدىكى 1 - دەرىجىلىك مىللىي قەھرىمان دەپ ئاتىلىدۇ .

1312 - يىلى تەختكە چىققان ئالتۇن ئوردا خانى ئۆزبىكخان ئورۇسلارغا ، بولۇپمۇ موسكۋا كىنەزلىكىگە زور ئىمتىياز بەرگەچكە ، 1341 - يىلى ئۆزبىكخان  ئۆلگەندىن كېيىن ، موسكۋا كىنەزلىكى ئايرىلىپ چىقىش قەستىدە بولغان . 1380 - يىلى سېنتەبىردە كېنەز دېمىترى ئالتۇن ئوردىغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈپ ، ئۇلارنى مەغلۇپ قىلغان . بىراق توختامىشخان 1382 - يىلى 24 - ئاۋغۇست موسكۋانى خاراب قىلىپ ، دېمىترىنى تىرىك تۇتۇپ ، بۇ جايدا قايتا تەرتىپ ئورناتقان. شۇ قېتىم ۋەيران بولغان موسكۋا 1427 - يىلغا كەلگەندە ئاندىن تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىشكە باشلىغان . شۇنىڭ بىلەن موسكۋا تاكى 1480 - يىلغىچە ئالتۇن ئوردا قولىدا قالغان . بىراق شۇ يىللىرى ئەسلىدىكى ئالتۇن ئوردا ئۇلۇسى ئۈچ خانلىققا پارچىلىنىپ كەتكەندىن كېيىن ، موسكۋا كىنەزى ئىۋان ئىسيان كۆتۈرۈپ ، مۇستەقىللىق جاكارلىغان . ئۇنىڭ ئەۋلادى قەھىرلىك ئىۋان 1547 - يىلى تۇنجى چارپادىشاھلىقنى قۇرغاندىن كېيىن ، ئورۇسلار چاررۇسىيە نامىدا كۈچىيىشكە باشلىغان . بۇنىڭغا دىققەت قىلىۋاتقان سۇلتان سۇلايمان ئورۇسلارنى تىنجىتماقچى بولغان. بىراق ئۇنىڭ ئورۇس خوتۇنى ھۈررەم سۇلتان بارلىق كارامىتىنى ئىشقا سېلىپ ، سۇلتاننى شەرقتىكى سافاۋىلار ۋە غەرپتىكى ئەھلى سەلپ ئەللىرى بىلەن ئۇرۇشۇشقا قايىل قىلغان . بۇنى پۇرسەت بىلگەن ئىۋان 1552 - يىلى قازان خانلىقىنى ، 1558 - يىلى ئاستراخاننى يۇتۇۋالغان . بىراق بۇ چاغدا ياۋروپادىكى ئالدىنقى سەپتە ئۇرۇش قىلىۋاتقان سۇلتان سۇلايمان 1566 - يىلى 6 - سېنتەبىر ۋېنگىرىيەدىكى سېگىتۋاردا قازا قىلغان. ئوسمانىلار 1571 - يىلى قىرىم قاغانلىقىنىڭ يول باشلىشى بىلەن موسكۋاغا يۈرۈش قىلىپ ، شۇ يىلى 24 - ماي موسكۋانى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋەتكەن . ئىۋان قېچىپ قۇتۇلغان . ئۇلار موسكۋادىن يۈزمىڭ قۇلنى تۇتۇپ كېلىپ، قىرىمدا ساتقان . ئورۇسلار شۇ پەسكويغا چۈشكەنچە ، 1685 - يىلغا كەلگەندىلا ئاندىن ماغدۇرىغا كېلىپ ، بۈيۈك پېتىرنىڭ يېتەكچىلىكىدە 1711 - يىلىغىچە ئۇدا ئۇرۇشۇپ ، ئاخىرى قارا دېڭىزغا چىقىش يولىغا ئېرىشكەن. بىراق شۇ يىلى پېتىر ئەسىرگە چۈشۈپ قېلىپ ، قايتىدىن ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتىگە ئايلىنىپ قالغان. پېتىر يەنە موسكۋانى تاشلاپ ، 1712 - يىلى پايتەختنى ھازىرقى سانكت پېتىربۇرگقا يۆتكەپ كەتكەن . پېتىر تارتقان زىياننى يىراق شىمالدىكى خوشنىسى شېۋىتسىيەگە بۈيۈك شىمال ئۇرۇشى قوزغاپ ، ئاخىرى بالتىق دېڭىزىغا چىقىش ئېغىزىغا ئېرىشىپ تولۇقلىۋالغان . ئاندىن ئۇدا يۈز يىل كېڭىيمىچىلىك قىلغان چاررۇسىيە 1812 - يىلى ناپولىئوننىڭ 680 مىڭ مۇنتىزىم قوشۇنىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان . بىراق ناپولىئونمۇ قۇرۇق موسكۋا شەھىرىنى تاشلاپ چېكىنىپ كەتكەن . يەنە يۈز يىلدىن كېيىن ، گېرمانىيە يۈرۈش قىلىپ ، پېتىربۇرگقا ئاز قالغاندا ، دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ قالغان . 1917 - يىلى چاررۇسىيە غۇلاپ چۈشۈپ ، 1918 - يىلى بولشېۋىكلار پايتەختنى قايتىدىن موسكۋاغا يۆتكىگەن. 1941 - يىلى گېتلىر موسكۋانى ئاخىرقى قېتىم خاراپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق يەنىلا چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان. شۇندىن بېرى ھېچكىم موسكۋانى قايتا خاراپ قىلىپ بويسۇندۇرۇپ باقمىغان. ئەكسىچە مۇشۇ موسكۋا ۋە ئۇنىڭ قىزىل يۈرىكى كېرمىل سارىيىدا تالاي ئەللەرنىڭ تەقدىرى پىچىلىپ ، كېلەچىكى بېكىتىلىدىغان ھالەتكە كەلگەن . ئەنە شۇ كېرمىل سارىيى يېقىنقى 150 يىلدىن بېرى ئۇدا بەش قېتىم قەشقەرنىڭ ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھازىرقىدەك ئېچىنىشلىق تەقدىرىنى بېكىتىپ قويغان .

خاتىمە ئورنىدا :

كېرمىل تېمىغا بىرلىكتە سوئال قويۇش :

« موسكۋا خىياللىرى » نىڭ ئاپتورى دوكتۇر نەبىجان تۇرسۇن ئەپەندى « موسكۋا خىياللىرىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئۇيغۇر » ناملىق ماقالىسىدە ،« ئۇيغۇرلارنىڭ موسكۋادىكى كونسۇلى» دەپ ئاتالغان مەرھۇم شەرىپ ئاكا بىلەن ئۆزىنىڭ قىزىل مەيداندىكى كېرمىل تېمىغا بىرلىكتە سوئال قويغانلىقى ھەققىدە مۇنداق ئەسلىمىلىك ئۇچۇرلارنى بەرگەن :

1990-يىلى، 21-مارت، دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك ئىككى دۆلەتنىڭ بىرى، يەنى ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىكى قۇدرەتلىك رەقىبى سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ پايتەختى موسكۋاغا قەدەم بېسىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپادىكى 8 يىللىق ئوقۇش ۋە تەتقىقات ھاياتىمنى باشلىدىم. قىزىل مەيداندىكى كرېمل سارىيىنىڭ ئېگىز تاملىرىغا قاراپ سانسىز قېتىملاپ ئاچچىق سوئاللارنى قويدۇم. چۈنكى بۇ تامنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەقدىرى تالاي قېتىم مۇزاكىرە قىلىنىپ پىچىلغانىدى. ئەگەر بۇ تام قەتئىي قارار بەرگەن بولسا، 1921-يىلىدىن، ياكى 1933-يىلى ۋەياكى 1944-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر خەلقى دۇنيادىكى مۇستەقىل دۆلەتنىڭ ئىگىسى بولغىنىغا ئازغىنا كەم بىر ئەسىر بولۇپ قالار ئىدى. ھېچ بولمىسا، بۇ تام خۇددى پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا، يىراق شەرق ۋە باشقا زېمىنلارنى قوشۇۋېلىپ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىمپېرىيەگە ئايلىنىش جەريانىدا ئۇيغۇرلار زېمىنىمۇ قوشۇۋالغان بولسا، ئۇنىڭ بىر ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى بولۇپ ئاخىرقى ھېسابتا خۇددى ئۆزبېك، قازاق، قىرغىزلاردەك مۇستەقىل دۆلەت بولغىنىغا 20 نەچچە يىللار بولغان بولار ئىدى. مىڭ ئەپسۇس! تەلەي كاج بولسا، ئىمپېرىيەلەر، مېنى بېسىۋال، قوشۇۋال، ساڭا تەۋە بولاي دېسەڭمۇ ئالمايدىكەن، ئەمما ئۇنىڭغا زۆرۈر بولسا، مىڭلىغان ئادىمىنى چىقىم قىلىپ بېسىۋالىدۇ ياكى قوشۇۋالىدىكەن. ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئەگەر تارىخىي ھۆججىتى ئاشكارىلىنىپ دەلىللەنسە، خۇددى شاھىتلار ئېيتىشقاندەك ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ستالىندىن ئەگەر مۇستەقىللىقنى قوللىمىسا، ھېچ بولمىغاندا شەرقىي تۈركىستاننى ئۆزىگە قوشۇۋېلىپ، ئۇنىڭ بىر ئىتتىپاقداش جۇمھۇريىتى بولۇشنى تەلەپ قىلىشىمۇ بۈگۈنكى نۇقتىدىن قارىغاندا خاتا ئەمەستەك كۆرىنىدۇ.
ماڭا ئوخشاش ئەنە شۇنداق ئاچچىق سوئال قويغۇچىلارنىڭ بىرى، ھەتتا مەندىن خېلى بۇرۇن كرېمىلغا قاراپ بۇ خىل سوئال قويۇشنى باشلىغان موسكۋالىق ئۇيغۇر، موسكۋادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئاخىرقى ۋەكىلى قەشقەر بەشكېرەملىك شەرىپجان ئاكا، يەنى شەرىپ ئەخمىدى ئەپەندىمۇ بار ئىدى. بىز ھەر دائىم بۇ تامنىڭ ئۇيغۇر قىسمەتلىرىدىكى ئورنى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پاجىئەلىك قىسمەتلىرى ھەققىدە سۆزلىشەتتۇق. غەزەپلىنەتتۇق، ئېچىناتتۇق. بۇنداق سۆھبەتلىمىز يېقىنقى يىللاردا تېلېفون ئارقىلىق كۆرۈشۈپ تۇرغاندىمۇ داۋاملاشتى. بىراق، 2019-يىلى،16-ئاۋغۇست كۈنى مانا شۇ شەرىپ ئاكا بۇ دۇنيادىن ئەبەدىي خوشلاشتى! ئۇنىڭ كرېمل تېمىغا توختىماي سوئال قويۇپ، ئۆز خەلقىنىڭ تەقدىرىگە ئېچىنىپ چارچىغان يۈرىكى ئەبەدىي توختىغانىدى!
مەن شەرىپجان ئاكا بىلەن 1991-يىلى ئەتىيازدا تونۇشقان ۋە ئۇنىڭ ئۆيىدە موسكۋادىكى تۇنجى لەغمەننى يېگەن ئىدىم. بۇ دەل ئۇنىڭ موسكۋا ھاياتىغا 36 يىل بولغان چاغلار ئىدى. ئۇ كىشى بىلەن تونۇشۇپلا ئۇنىڭ كەڭ بىلىمگە ۋە چوڭقۇر ئانالىز قىلىش ھەم توختىماي مۇنازىرە قىلىش ئادىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ئۇ مېنىڭ ئەينى ۋاقىتتا دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندىكى ئىلىم-پەن تەتقىقات ئورگىنى بولغان سوۋېتلەر ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيەسى قارمىقىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى بويىچە ئاسپىرانتى ئىكەنلىكىمنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن ئىككىمىز ئارىسىدىكى مۇنازىرە تېمىلىرى كۆپەيدى ۋە دوستلۇقىمىز كۈچەيدى، ئەسلى كان ئىنجېنېرى بولغان بۇ كىشى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، سىياسىي ھاياتى ۋە قىسمەتلىرىگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلەتتى ۋە كۆپ بىلىمگە ئىگە ئىدى. بولۇپمۇ، موسكۋانىڭ 1960-1980-يىللىرىدىكى خىتاي-سوۋېت رەقىبلىك دەۋرىدىكى «ئۇيغۇر قەرتى»نى قانداق ئوينىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا ئائىت ئەھۋاللاردىن خېلى ئەتراپلىق خەۋەردار ئىدى. قىسقىسى، ئۇ قەرت سورۇنىدىكى ئىشلارنىڭ شاھىتلىرىدىن بىرى ئىدى. بۇ مېنى تېخىمۇ قىزىقتۇردى.
شەرىپ ئاكا 1995-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنىم مېنىڭ موسكۋادىكى رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىدا دىسسېرتاتسىيە ياقىلاپ، تارىخ بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەندە ئۆتكۈزۈلگەن داغدۇغىلىق مۇراسىم ۋە زىياپەت سورۇنىغا قاتنىشىپ، رۇسىيەنىڭ ئاتاقلىق تۈركولوگلىرى، تارىخشۇناس ئاكادېمىك، پروفېسسورلىرى ئالدىدا سۆز قىلىپ، رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىنىڭ 200 يىلغا يېقىن تارىخىدا تۇنجى قېتىم قەشقەرىيە ياكى شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ دوكتورلۇق ئۈچۈن دىسسېرتاتسىيە ياقىلاپ، دوكتور بولغانلىقى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئالىملارغا رەخمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، رۇسلارنىڭ ئۇيغۇر قىسمەتلىرىدىكى ئورنىنى ئەسلىتىپ ئاچچىقراق تەلەپپۇزدا ئېيتقان سۆزلىرى مۇراسىم قاتناشقۇچىلىرىنى سۈكۈتكە چۆمدۈرگەنىدى.

قەشقەر بىلەن موسكۋانىڭ ھېكايىسى بىزگە نېمىنى ئۆگەتتى ؟!؟

ھازىرغىچە خەلقىمىز ئىشلارنىڭ تاشقى پوستىدىنلا خەۋەردار بولۇپ كەلدى  . ئادەملەرنىڭمۇ سىرتقى قىياپىتىنى كۆرۈپلا قارىسىغا باھالاپ كەلدى . ئەمما ئىشلارنىڭ ھەقىقىي يۈزى بىز ئۇنتۇپ كەتكەن تارىخلار بىلەن دۈشمەننىڭ قولىدىكى مەخپىي ئارخىپلاردا . ھەر ھالدا تارىخىمىزنى توغرا ئۆگىنىش ئارقىلىق دۈشمەنلەرنىڭ قولىدىكى ئارخىپلارنى پەرەز قىلىپ بولسىمۇ ئىستراتېگىيە بېكىتىپ ، يولىمىزنى داۋام قىلالايمىز ! 
تارىخ پەنلىرى دوكتۇرى نەبىجان تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ « 12 توملۇق ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى » نىڭ يورۇق كۆرۈشكە باشلىغانلىقى بۇ بوشلۇقنى تولدۇرغۇسى . بۇ ھازىرقى ماماتلىق پەيتتىكى نىمجان ئۇيغۇرلارغا قايتا تىرىلىش ۋە ئورنىدىن دەس تۇرۇشتىكى غايەت زور مەنىۋىي ئېنىرگىيە بوپقالغۇسى.
تارىختىن پەقەت روھىي كۈچ - قۇۋۋەت  ياكى ئىبرەت ئالىمىز . بىراق بىز ئۆتكەن تارىختا ئەمەس ،  بەلكى تېخىمۇ مۇرەككەپ بولغان دۇنيادا ياشاۋاتىمىز . سوۋېت ئىتتىپاقى تارقىلىپ كەتكەندىن قارا كۈچنىڭ ئورنىنى ئىقتىساد ۋە تېخنولوگىيە ئىگىلىدى. ھازىر دۇنيانى چۆرگىلىتىدىغان كۈچ - بىلىم  ، ئىقتىساد ۋە تېخنولوگىيە بولۇپ قالدى. شۇڭا مەنىۋىيىتىمىزنى ئۇرغۇتقاندىن كېيىنلا ، بۇ ساھەلەردىمۇ يېتەرلىك كۈچ ھاسىل قىلمىساق ، « يىرتقۇچلار  داستىخىنىدىكى سېمىز پاخلان » بولۇپ قېلىۋېرىمىز .

« كۈچلۈك مۆمىن ئاجىز مۆمىندىن ياخشى » مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام .

بىز ئەقلىمىزدىن ۋە ئەسلىمىزدىن شۇنچىلىك ئاداشتۇقكى ، ئەلەم بىلەن مۇنداق دەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدۇق : « نادان دوستتىن ئەقىللىق دۈشمەن ياخشى » . دېمىسىمۇ
 ھازىر بىزگە ھەر جەھەتتە ئۆزىمىزدىن بەكرەك ئۆزگىلەر ئىجابىي يول كۆرسەتمەكتە. بىرلا مىسال ئالساق :

نېتانىياخۇ ئىسرائىلىيەنىڭ يېرىم ئەسىر ئىچىدىلا بارلىققا كەلتۈرگەن « مۆجىزىلىك ئىشلىرى» تۆۋەندىكى جۈملىگە يىغىنچاقلاپ بەرگەن :
« بىز دۆلەت قۇرالىدۇق . ئەمما ئۇنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن كۈچلۈك ھەربىي كۈچ بولمىسا بولمايتتى . كۈچلۈك ھەربىي كۈچلا بىزنىڭ غەلىبە مېۋىمىزنى قوغداپ قالالايتتى . ئەمما كۈچلۈك ھەربىي كۈچ غايەت زور ئىقتىسادىي كۈچكە مۇھتاج . بىز بۇ كۈچنى كىشىلەردىن ئېغىر باج ئېلىش بىلەن ھەل قىلغان بولساق ، كۈچىيىش تۈگۈل تېزلا ۋەيران بولغان بولاتتۇق . سوۋېت ئىتتىپاقىغا قاراپ بېقىڭلار . ئىقتىسادنى ئەركىن قويۇپ بەرمىگىنى ئۈچۈن شۇنچە قابىل ساناقسىز ئالىملىرى تۇرۇپمۇ يەنىلا يىمىرىلىپ كەتتى . شۇڭا بىز توختىماي مەبلەغ جەلپ قىلدۇق . دۇنيادىكى بارلىق ئېھتىياجلىق تېخنولوگىيە ۋە كەشپىياتلارغا بىز ئالدىن يۈرۈش قىلىپ ، ئىقتىسادىي قىممەت ياراتتۇق . نەتىجىدە كۈچلۈك ئىقتىساد ۋە كۈچلۈك ھەربىي كۈچ بىزگە كۈچلۈك سىياسىي كۈچنى بارلىققا كەلتۈرۈپ بەردى . بىز مۇشۇ كۈچلۈك سىياسىي نوپۇز بىلەن دۇنيادىكى 160 دىن ئارتۇق دۆلەت بىلەن ئۆز ئارا يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتتۇق . خىتاي ، ھىندىستان، قازاقىستان ۋە ئەزەربەيجان قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ ئىسرائىلىيەگە كېلىپ - كېتىپ يۈرىدۇ . مۇشۇ ئۈچ پۇتلۇق بىرىكمە كۈچ بىزنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىشلىرىمىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلماقتا . ئەمما يۇقىرىقى ئۈچ ماددىي كۈچ ئۇزاققا پايلىمايدۇ . ئۇنى چىرىشتىن ۋە قولدىن كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بىر « مەنىۋىي كۈچ » بولۇشى كېرەك . شۇندىلا بۇ تۆت بىرىكمە كۈچكە ئىگە بولغان دۆلەت ئۇزاققىچە سەلتەنەت سۈرۈپ گۈللىنەلەيدۇ» . (ئۇنىڭ سۆزى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى) .

تارىخقا قاراپ باقىدىغان بولساق ، كۆپىنچە دۆلەتلەر ئالدى بىلەن ئىقتىسادىي كۈچ ئارقىلىق سىياسىي كۈچ ھاسىل قىلىپ، ئاخىرىدا يەنە ھەربىي كۈچ بەرپا قىلىپ مۇستەقىللىقىنى قولىغا ئالغان .

مىسىردىكى مىللىي ئويغىنىش پېشۋاسى ھەسەن بەننامۇ : « ئىقتىسادىي مۇستەقىللىق بولماي تۇرۇپ ، سىياسىي مۇستەقىللىق بولمايدۇ » دېگەن . ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى مىسىر مەنىۋىي داھىيسى مۇستاپا كامىل ( ئابدۇقادىر داموللامنىڭ يېقىن دوستى ۋە مەسلەكدىشى ) : « بىز يەيدىغىنىمىزنى، كىيىدىغىنىمىزنى ۋە باشقا بارلىق ئېھتىياجلىرىمىزنى ئۆزىمىز ئىشلىيەلمەي تۇرۇپ، بېقىندىلىقتىن قۇتۇلالمايمىز دېگەن » . ئەڭ ئاخىرقى داڭلىق مىسىر مۇتەپەككۇرى مۇھەممەد غەززالىمۇ دەل مۇشۇ نۇقتىنى كۆزدە تۇتۇپ : « بىر زاۋۇت ( فابرىكا ) قۇرۇش بىر مەسچىت قۇرغان بىلەن ئوخشاش ساۋاپ » دەپ تەكىتلىگەن .

شۇڭلاشقا ئۇيغۇرلارمۇ بىر مەيدان مەرىپەت ۋە سانائەت ئىنقىلابى قوزغاپ ، زامانىمىزدىكى دۇنياغا لايىق بىلىملەر بىلەن قوراللىنايلى . ئورۇسلار ۋە موسكۋانىڭ بۈگۈنكىدەك ئۇرۇش مىللىتى ۋە رەھىمسىز خەلق دەپ ئاتىلىپ قېلىشى ، شۇنداقلا دۇنيادىكى تەسىرى كۈچلۈك ئەنئەنىۋى جاھانگىر دۆلەت بولۇشى ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭمۇ بۇرۇنقى چاغلاردا بىزدەك بوزەك قىلىنغان ۋە ئېزىلگەن قاراڭغۇ دەۋرلىرىنىڭ بولغانلىقىدىن بولغان. بىراق ئورۇسلار تىز پۈكمىدى . ھۈنەرۋەنلىرى ئۆلۈم ئالدىدا باتۇخانغا دادىل يۈزلىنىپ تۇرۇپ ،
« بىز دۈشمەنلىرىمىزگە ھۈنەر - كەسپلىرىمىزنى ئۆگىتىپ قويمايمىز ! » دېيەلىدى . ئۇيغۇر خەلقىمۇ ئۇدا ئۈچ ئەسىر قاتتىق ئېزىلگەن تۇرۇپمۇ 21 - ئەسىرگە ئۇلىشالىغان ئىكەن ، ئەمدى ئورنىدىن دەس تۇرۇپ كېتىشنىمۇ قاملاشتۇرالايدۇ .

« سېنى ئۆلتۈرۈپ قويمىغان قىيىنچىلىق سېنى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىدۇ » .

موسكۋا شەھىرى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 873 يىللىقى ، قەشقەر شەھىرى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 2666 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەسلەندى.

2020 - يىلى 6 - سېنتەبىر. يەكشەنبە.