2020/11/25 05:50

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


500 يىللىق ئىنتىقامچى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىنتىقام ئېلىش روھىنى كۈچەيتىش ھەققىدە

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2020/11/01 07:11

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى


« 500 يىللىق ئىنتىقامچىنى بىلەمسىز » !؟؟

مىلادى 453 - يىلى ياۋروپانى تارىخىتىكى ئەڭ كىچىك ھالغا كەلتۈرگەن ئاتىللا تەڭرىقۇت ( مىلادىدىن بۇرۇنقى 43 - يىلى ۋەتىنىمىزنى بازا قىلىپ ، خەن سۇلالىسىغا قارشى تۇرۇپ، يەتتە يىلدىن كېيىن تالاستا سۇيقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن چىچى تەڭرىقۇتنىڭ 11 - ئەۋلادى) ۋاپات بولۇپ ، 565 - يىلى ئاۋارلار ( جۇجانلار) ۋەتىنىمىزدىن سۈرۈلۈپ، ئىككىنچى قېتىملىق ياۋروپانى ئىستىلا قىلىشنى باشلىدى . ئۇلار 616 - يىلى ئىستانبۇلنى قورشاپ شەرقىي رىمنى مۇنقەرز قىلاي دېگەندە ، ئىلاھىي تەقدىر شۇ چاغدا نازىل بولغان سۈرە رۇمدىكى مۆجىزە ئۈچۈن ئۇلارنى توختىتىپ قويغان . ئاۋارلار تاكى 717 - يىلغىچە ئىشغال قىلىنماي قالغان غەربىي ياۋروپاغا ئىزچىل تەھدىت سالغان .
دەل شۇ ۋاقىتتا كىچىكلەپ كەتكەن ياۋروپانىڭ غەربىدە بىر كۈچلۈك دۈشمەن پەيدا بولغان .

711 - يىلى 18 - ئىيۇل تېخى يېڭىلا ماراكەش ئارقىلىق ئىسپانىيەدە قۇرۇقلۇققا چىققان تارىق ئىبنى زىياد بىلەن گوت سانغۇنى لازرىق ئوتتۇرىسىدا لاككا ۋادىسى ئۇرۇشى يۈز بەرگەن . ( ئاتىللانىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن گوتلار ئىسيان كۆتۈرۈپ ، غەربىي گوتلار  ئىسپانىيە بىلەن فرانسىيەنى ئىدارە قىلىۋاتاتتى ). تارىق غەلىبە قىلىپ، ئىسپانىيىدە سەككىز ئەسىر سەلتەنەت سۈرگەن ئىسلام تارىخى ئۈچۈن ئاساس سالغان.

گېرمان - فرانسۇز نەسىللىك كارل مارتېل ساكسون ۋە باشقا ياۋايى گېرمان قەبىلىلىرىنى زەربىدار ئەترەت قىلغان غەربىي رىم كاتولك كۈچلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ، شەرقتە ئاۋارلارغا ئولپان تۆلەپ مۇقۇملۇقنى ساقلىسا ، غەرپتە 718 - يىلدىن تاكى 729 - يىلغىچە ئۆزىگە قارشى بولغان ساكسون ، ئالمان ۋە باشقا پەرەڭ خەلقىنى قانلىق باستۇرۇپ ، 730 - يىلىغا كەلگەندە ۋەزىيىتى تۇراقلىشىپ ، غەرپتىن باستۇرۇپ كېلىۋاتقان مۇسۇلمان قوشۇنىغا قارشى ئۇرۇش ئاچقۇدەك كۈچكە ئىگە بولغان .
بۇ ۋاقىتتا مۇسۇلمانلار پۈتۈن ئىسپانىيەنى ئېلىپلا قالماي پارىژغا 70 كېلومېتىر قالغىچە قىستاپ كەلگەنىدى . دەل شۇ جايدا دۇنيا تارىخىنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتكەن ئۇنتۇلماس ئۇرۇش « تۇر / شېھىتلەر گۈلىستانى » ئۇرۇشى يۈز بەردى .

مەزكۇر ئۇرۇش 732 - يىلى 10 - ئۆكتەبىر باشلاندى . ئۇدا ئون كېچە - كۈندۈزلۈك قاتتىق ئۇرۇشتىن كېيىن ، مۇسۇلمانلار قوشۇنى خۇددى مىلادى 625 - يىلى 24 - مارت يۈز بەرگەن ئوھۇد ئۇرۇشىدىكى خاتالىقنى قايتا سادىر قىلىپ، ئاخىرقى بىر كۈندە ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان . ( كارل مارتېل ئۇدا ئون كۈن قاتتىق تۇتۇشۇپ يېڭىشكە كۆزى ئىلمەي ، 20 - ئۆكتەبىر مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقا سېپى ۋە غەنىمەت ئورنىغا ھۇجۇم قىلغان . غايەت زور بايلىق ۋە ئاشلىقلارنىڭ نىشانغا ئايلانغانلىقىنى كۆرگەن بىر قىسىم نادانلار ئۇرۇش سېپىنى بۇزۇپ ، بۇيرۇقسىزلا ئارقا سەپ تەرەپكە ئات سېلىپ ، غەنىمەتلەرنى قوغدىماقچى بولغان  . قوماندان ئابدۇراھمان غافىقى دۈشمەننىڭ توزىقىغا چۈشكەنلىكىنى ئاڭقىرىپ ، پۈتۈن كۈچى بىلەن بۇزۇلغان قوشۇنلىرىنى قايتا تەرتىپكە سېلىش بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقىنىدا دۈشمەننىڭ ئوقى يۈرىكىگە سانجىلغان . بۇ پاتپاراقچىلىقتىن پايدىلانغان كارل مارتېل شۇ كۈنى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن . بۇ 21 - ئۆكتەبىر ئىدى . شۇ كۈنى كەچتە ھەر ئىككى تەرەپ ئۇرۇش توختىتىپ بارگاھلىرىغا قايتقان . 22 - ئۆكتەبىر كېچىسى يېرىم كېچىگىچە ھەربىي كېڭەش قىلغان مۇسۇلمان سەركەردىلەر يەنە ئۇرۇش قىلىش توغرىلىق بىر قارارغا كېلەلمەي، يولبويى يىغىپ كەلگەن بارلىق غەنىمەتلەرنى بارگاھتا قالدۇرۇپ ، يېرىم كېچىدە ئىسپانىيە چېگرىسىغا چېكىنىپ كەتكەن . 22 - ئۆكتەبىر كارل مارتېل خەۋەرچىلەر ئارقىلىق ئۇلارنىڭ چېكىنىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ ، ناھايىتى خۇشال بولغان . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ قولغا چۈشۈرگەن بايلىقلارنىڭ ھەددى - ھېسابى بولمىغاچقا ، شۇنىڭغا قانائەت قىلىپ ، دەرھال قوشۇنىنى باشلاپ شەرقتىن بېسىپ كەلگەن ئاۋارلارغا قارشى ئاتلانغان .

741 - يىلى 22 - ئۆكتەبىر ( يەنى مەزكۇر ئۇرۇش ئاخىرلاشقان 9 - يىللىق خاتىرە كۈنى) كارل مارتېل ئۆلۈپ كەتكەن . ئورنىغا 714 - يىلى 28 - نويابىر تۇغۇلغان ئوغلى « پەتەك بېبىن » پەرەڭ كېنەزى بولغان . ئۇ 752 - يىلدىن 768 - يىلغىچە « پەرەڭ پادىشاھى » بولغان . ئۇ 768 - يىلى 24 - سېنتەبىر ئۆلگەن.

« پاكار بېبىن » نىڭ ئورنىغا چوڭ ئوغلى ،
742 - يىلى 2 - ئاپرىل تۇغۇلغان مۇقەددەس رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ قۇرغۇچىسى چارلىمان تەختكە چىققان . « ئۇ ئابباسىيلار خەلىپىسى مەنسۇر بىلەن بىرلىشىپ، 768 - يىلى ئىسپانىيىدىكى كېيىنكى ئۇمەييەلەر سۇلالىسىسىنى تىكلىگەن ئابدۇراخمانغا قارشى تۇرغان. ئۇ 732 - يىلى بوۋاتىيە ئۇرۇشىدا ئىسلام قوشۇنىنى فرانسىيىدىن چېكىندۈرگەن چارلىز مارتېلنىڭ نەۋرىسى ئىدى . ئارىدىن مىڭ يىل ئۆتۈپ، 1699 - يىلى ئوسمانلى ئارمىيىسى ياۋروپادىن چېكىنىشكە باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بارلىق مىللەتلەر پەيدىنپەي غەرب جاھانگىرلىرى، چاررۇسىيە ۋە مانجۇلارنىڭ مۇستەملىكىسىگە چۈشۈپ قالغان».

چارلىمان 800 - يىلى پاپانىڭ تاج كىيگۈزۈشى بىلەن « مۇقەددەس رىم ئىمپىراتورى » دەپ ئاتىلىپ ، ياۋروپا خىرىستىئان دۇنياسىنى غەرپتە ئەرەب ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھۇجۇمىدىن ، شەرقتە ئاۋار / ئۇيغۇر ۋە تۈركىي خەلقلەرنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغداپ قالغان تۆھپىكار پادىشاھ بوپقالغان . ئۇ 804 - يىلى ئاۋارلارنى مۇنقەرز قىلغاندىن 814 - يىلى ئۆلگەن .

732 - يىلى 21 - ئۆكتەبىر جەڭگاھتا شېھىت بولغان ئابدۇراھمان غافىقى ئەسلىدە مىلادى 670 - يىللىرى شىمالىي ئافرىقىنى ئۇمەييەلەر سۇلالىسىغا قوشقان داڭلىق ساھابە ئۇقبە ئىبنى نافى ( 622 - 683 ) نىڭ ئوغلى ئەبۇ ئۇبەيدە ئوغلى ھەبىبنىڭ ئوغلى ئىدى . ئۇ 10 - بوۋىسى فىھرىدە پەيغەمبىرىمىزنىڭ نەسەبى بىلەن تۇتىشاتتى . ئابدۇراھمان جەڭدە شېھىت بولۇپ، كارل مارتېل شىمالغا ، مۇسۇلمانلار جەنۇپقا چېكىنىپ كەتكەندىن كېيىن ، ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز ئارا ئۇرۇش قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەپ ، ئۆز تەۋەسىنى ئىدارە قىلغان .

ئابدۇراھمان قازا قىلغان ۋاقىتتا ئاسىيانىڭ شەرقىي شىمالىدا تۈرك قاغانى بىلگە قاغاننىڭ ئىنىسى كۆلتېكىن ( 685 - 732 ) ئاغرىپ قازا قىلغانىدى . بىلگە قاغانمۇ 734 - يىلى قازا قىلىپ كەتكەن . نەتىجىدە تاڭ سۇلالىسى قايتا پاراكەندىچىلىك سېلىپ ، كۆپلىگەن قارام ئەللەرنى ئىسيان كۆتۈرۈشكە كۈشكۈرتۈپ ، تۈرك قاغانلىقىنى قايتا يىمىرىپ تاشلىغان .
غەربىي تۈرك قاغانى سۇلۇ قاغانمۇ 738 - يىلى ۋەزىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ ، تاڭ سۇلالسى توققۇز يىل ئارىنى بۇزۇش ھىلىسى ئىشلىتىپ ، غەربىي تۈركلەرنى تولۇق پارچىلاپ بولغاندىن كېيىن ، 747 - يىلدىن باشلاپ گاۋ شەنزى ( 707 - 756 ) نى ئەۋەتىپ، بىپايان غەربىي تۈرك يۇرتلىرىنى بېسىۋېلىشقا باشلىغان.

بۇ ۋاقىتتا شەرقىي تۈركلەر زېمىنىدا قۇدرەتلىك ئۇيغۇر قاغانلىقى قۇرۇلۇپ ، دانا كۆل بىلگە قادىرخان  744 - يىلى « ئۇيغۇر خاقانلىقى » نى ئېلان قىلىپ ، 745 - يىلى شەرقىي تۈرك قاغانلىقىنى ئۈزۈل - كېسىل ئاخىرلاشتۇرغان .
دەل شۇ يىلى ئۇمەييەلەر تەختىنى مەرۋان ئىگىلەپ ، ئەڭ ئاخىرقى خەلىپە بوپقالغان .

مىلادى 747 - يىلى ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى ،
غەربىي تۈرك قاغانلىقى ۋە ئەرەب ئۇمەييەلەر
خەلىپىلىكىدە تارىخنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتكەن تۆت مۇھىم ھادىسە يۈز بەردى . ئالدى بىلەن ئۆتۈكەندە كۆل بىلگە قادىرخان ۋاپات بولۇپ، ئورنىغا ئوغلى « بايانچۇر قاغان ( 747 - 759)
» چىقتى . فېۋرالدا خۇراساندا تۈرك قانلىق ئەبۇ مۇسلىم خۇراسانى ئۇمەييەلەرگە قارشى ئۇرۇش باشلاپ ، 750 - يىلى يانۋاردا 89 يىللىق ئەرەب ئۇمەييەلەر سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇپ ، ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنى قۇرغۇچى تۆھپىكار بوپقالدى .
ئاپرىلدا گاۋ شەنزى ئەسكەر باشلاپ چىقىپ، تۇرپان - قۇمۇل ، تارىم ۋادىسىنى قانغا بوياپ، 750 - يىلغىچە ئالتايدىن تالاسقىچە، بالقاشتىن تاشكەنتكىچە ، كەڭسۇدىن كەشمىرگىچە بولغان بىپايان غەربىي تۈرك زېمىنلىرىنى بېسىۋالغان.
ئىسپانىيەدە ئاۋام مەرھۇم ئابدۇراھماننىڭ ئوغلى يۈسۈپ ( 711 - يىلى تۇغۇلغان . 747 - يىلى فېۋرالدا ئەندۇلۇس ھۆكۈمدارى بولغان . 759 - يىلى قازا قىلغان . ئۇ بايانچۇر قاغان بىلەن تەڭ تەختكە چىقىپ ، تەڭ ۋاپات بولغان)
نى ئەمىر قىلىپ سايلىغان .

750 - يىلى بايانچۇر قاغان ئەسلىدىكى سابىق شەرقىي تۈرك قاغانلىقىغا قاراشلىق بارلىق ئەللەرنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن ، قارلۇقلارغا جازا يۈرۈشى قىلىپ ، غەربىي تۈرك ئەللىرىنىڭ بىر قىسمىنى بېقىندۇرغان . دەل شۇ يىلى گاۋ شەنزى تاشكەنت شاھىنى ناھەق ئۆلتۈرۈپ ، ھېساپسىز بايلىقلارنى بۇلاپ ئېلىپ كەتكەن. بۇ قەتلىئام مەركىزىي ئاسىيا تۈركىي خەلقلىرىنىڭ يېڭى قۇرۇلغان ئابباسىيلار بىلەن يېقىنىلىشىپ ،
يۈز يىللىق ئەرەب / تۈرك دۈشمەنلىكىنى تېز ئاخىرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولغان . تاشكەنت شاھزادىسى باشقا ئەللەرنىڭ ئەلچىلىرى بىلەن
ئابباسىيلارنىڭ دۆلەت ئاتىسى ئەبۇ مۇسلىمغا بەيئەت قىلىپ، ياردەم تەلەپ قىلغان . ئۇلارنى ھىمايە قىلىش قوشۇنى ئەۋەتىلگەندىن كېيىن، گاۋشەنزى 751 - يىلى 70 مىڭ مۇنتىزىم خىتاي - تىبەت ئەسكىرى ۋە 30 مىڭدەك قارلۇق ياللانما ئەسكىرى بىلەن تالاسنى قورشىۋالغان.
ئەبۇ مۇسلىم قابىل سەركەردىسى زىيادنى سەر خىل قوشۇن بىلەن ئەۋەتىپ ، 27 - ئىيۇلدىن 4 - ئاۋغۇستقىچە داۋام قىلغان « تالاس ئۇرۇشى» دا تاڭ سۇلالىسىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ، ئۇلارنى سەددىچىندىن كىرگۈزۈۋەتكەن . 756 - يىلى ئۆڭلۈك بىلەن سۆيگۈن ئىسيان كۆتۈرۈپ، تاڭ سۇلالىسىنى ئاغدۇرغان . ئۇيغۇر قاغانلىقى تەلەپكە بىنائەن ئەسكەر چىقىرىپ، بۈيۈك تاڭ خانلىقىنى قارام ئەلگە ئايلاندۇرۇپ قويغان . بۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان بايانچۇر قاغانغا ئەل بولغان قارلۇقلار ئالتايدىن ئېشىپ ، ئىلى ئارقىلىق ئىسسىق كۆل بويلىرىغا قېچىپ كېلىپ، شۇ يىلى « قارلۇق خانلىقى » نى تىكلىگەن .
ئوغۇزلارمۇ كاسپى دېڭىزىدا « ئوغۇز يابغۇلۇقى» نى قۇرغان . ئەمما ئۇلار ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ئۆزىنى قاغان دەپ ئاتىمىغان . بەلكى
2 - 3 - دەرىجىلىك مەنسەپ نامىنى قوللانغان.

  « 500 يىلدىن كېيىنكى ئىنتىقامچى » :

تارىخ چاقى 732 - يىلدىن باشلاپ چۆرگىلەپ
مىلادى 1221 - يىلغا كەلگەندە ، يۇقىرىقى بەش ئەسىر بۇرۇنقى ۋەقەدىكى بۈيۈك قەھرىمان ئابدۇراھماننىڭ 14 - ئەۋلادى بولغان يېڭى بىر ئابدۇراھمان ئوتتۇرىغا چىقتى . ئۇ ئىسپانىيەدە تۇرۇپ ، ھاجىلاردىن ئابباسىيلار سەلتەنىتىنىڭ قىل ئۈستىدە قالغانلىقى ، يىراق كۈن چىقىش تەرەپتىن ھونلار ۋە ئاۋارلار كەبى قۇدرەتلىك بىر كۈچنىڭ ھەدەپ غەرپكە سۈرۈلۈۋاتقانلىقىدىن
خەۋەر تېپىپ ھاياجانلاندى . ئۇ دەرھال باغدات خەلىپىسىنىڭ يېنىغا سەپەر قىلدى . بۇ چاغقىچە چىڭگىزخان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يېڭى ئوتتۇرىغا چىقىپ ، قاراخانىلارنىڭ ئورنىنى ئالاي دېگەن قۇدرەتلىك خارەزىم خانلىقىنىڭ كۈلىنى كۆككە سورۇغان ۋاختى بىلەن ئۇدۇل كەلدى . مەزكۇر يىگىت ئاتا - بوۋىسىدىن ئاڭلاپ چوڭ بولغان ئۇلۇغ بوۋىسىنىڭ ئارزۇسىنى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى كىچىكىدىنلا كۆڭلىگە پۈككەنىدى. ئەمما نە ئەندۇلۇستىكى ھۆكۈمرانلار ، نە قوشقا قىرغاقتىكى شىمالىي ئافرىقا ھۆكۈمرانلىرى ، ھەتتا باغداتتىكى ئابباسىيلار خەلىپىلىكىمۇ بۇ ۋاقىتتا بەش ئەسىر بۇرۇنقى شۆھرىتىنى تولۇق يوقاتقانىدى . ئەكسىچە 1096 - يىلدىن 1192 - يىلغىچە ئىسلام دۇنياسى غەرپتە ئۇدا ئەھلى سەلپنىڭ ئىستىلاسىغا دۇچ كەلگەن بولسا ، شەرقتە 1141 - يىلدىن 1212 - يىلغىچە قارا خىتاي ئىستىلاسى ، 1218 - يىلغىچە كۈچلۈك خانىۋەيرانچىلىقى ۋە 1219 - 1279 - يىللىرى موڭغۇل ئىستىلاسىغا دۇچ كەلدى . قەيسەر يىگىت ئابدۇراھمان ئۆز دەۋرىدىكى ھەممە خانلىقلارنىڭ خىزمىتىگە كىرىپ ئەھۋالنى كۆزەتتى . ئەمما ھېچكىم ئۇنىڭ تەستىقىدىن ئۆتەلمىدى . چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئېغىر چۈشكۈنلەشكەن بولۇپ ، ھامان يوقىلىشقا مەھكۇم ئىدى .

شۇڭلاشقا باغداتقا كېلىپ ، ئابباسىيلارنىڭ ئەسلى ئويلىغاندىنمۇ بىچارە ھالدا ئىكەنلىكىنى كۆرگەن ئابدۇراھمان پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىغا دەھشەت قورقۇنچ سېلىۋاتقان موڭغۇللارغا قىزىقىپ قالدى . ئەمما 1227 - يىلى چىڭگىزخاننىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ، خارەزىم شاھ جالالىددىن ئىران ۋە ئەزەربەيجاننى بازا قىلىپ تۇرۇپ ، قايتا تىرىلىپ موڭغۇللارغا قارشى ئۇرۇش باشلاپ ، مەركىزىي ئاسىيادىكى ئانا تۇپراقلىرىنى قايتۇرۇۋالماقچى بولدى . موڭغۇل نويانلىرى 1229 - يىلى ئۆگەدەينى قاغان قىلىپ سايلىغاندىن كېيىن ، ئۇ ئالدى بىلەن خىتاينىڭ شىمالىنى بېسىپ ياتقان ئەشەددىي ئاتا دۈشمىنى جۇرجىتلارنىڭ ئالتۇن خانلىقى ( 1124 - 1236) غا ھۇجۇم باشلىدى . شۇنىڭ بىلەن بىللە غەرپنى پاراكەندە قىلىۋاتقان يېڭى خارەزىمشاھ جالالىددىنغا قارشى ئامۇ دەرياسى بويىدا زور مىقداردا مۇداپىئەچى ئەسكەر تۇرغۇزدى . بۇ ئارىدا جالالىددىننىڭ كۈچىيىپ كېتىپ ، ئۆزلىرىنى بېقىندى قىلىۋېلىشىدىن ئەندىشە قىلغان ئاناتولىيە سالجۇقىلار خانى
ئالائىددىن كەيقۇباد ( 1220 - 1237 / تىرىلىش ئەرتوغرۇلدىكى ئەڭ چوڭ خان ) بىلەن مەرھۇم سالاھىددىن ئەييۇبى ( 1171 - 1193) نىڭ سۈرىيەدىكى ئەۋلاتلىرى بىرلىشىپ، 1230 - يىلى جالالىددىنغا ئىككى تەرەپتىن تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ ، ئۇنى مەغلۇپ قىلىدۇ . ئۇزۇن ئۆتمەي جالالىددىن 1231 - يىلى ئاۋغۇستتا
كۇردىستان تاغلىرىدا بىر قىسىم ئىنتىقامچى كۇردلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ . تولىمۇ ئەپسۇس ئۇنىڭ ئۆلۈمى مۇداپىئەدە تۇرغان موڭغۇللارنى ئوتتۇرا شەرققە چىللاپ كېلىدۇ . موڭغۇللار 1236 - يىلى ئالتۇن خانلىقىنى يوقاتقاندىن كېيىن ، ئۆگەدەي قاغان ئەڭ قابىل سەردارى سۇبۇتاي بىلەن شىرمەت جىيەنى باتۇخان ( جۇچىنىڭ ئوغلى 1236 - يىلى ئالتۇن ئوردا خانلىقىنى قۇرۇپ ، مەزكۇر ئابدۇرراھمان بىلەن بىللە غەرپكە يۈرۈش قىلغان . 1256 - يىلى ۋاپات بولغاندا ، مۇسۇلمان ئىنىسى بەركەخان ئالتۇن ئوردا خانى بولۇپ ، ھىلاكۇغا جەڭ ئېلان قىلغان )نى ياۋروپانى بويسۇندۇرۇشقا ئەۋەتكەن.

ئەينى ۋاقىتتا موڭغۇللار ياۋروپاغا ئەمەس ، بەلكى ئىسلام دۇنياسىنى بويسۇندۇرۇشقا قوشۇن تارتىشنى تەشەببۇس قىلغان. بۇ مۇھىم خەۋەر تېزلا باغداتقا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن ، خەلىپە ۋە ئاھالە جىددىيلىشىپ كەتكەن. بەختكە يارىشا چاغاتاي خانلىقىنىڭ مۆتىۋەر ئۇيغۇر ئەمىرلىرى ۋە قاراخانىلاردىن قېپقالغان مۇسۇلمان مەمۇرىي ئەمەلدارلار بۇ قارارغا قارشى چىقىپ ، موڭغۇل قوشۇنىنىڭ ئاساسلىق قىسمىنىڭ مۇسۇلمان تۈركىي قەۋم ۋە قەبىلىلەردىن تەركىپ تاپقانلىقىنى ، ئەگەر ئىسلام دۇنياسىغا ھۇجۇم قىلغاندا ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ، ئۆگەدەينى قايىل قىلغان . نەتىجىدە ئۆگەدەي ياۋروپاغا يۈرۈش قىلىدىغان قوشۇنلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى مۇسۇلمان ئۇيغۇر ، تاتار، قىپچاق ۋە ئوغۇزلاردىن تەشكىللىگەن . ئىسلام دۇنياسىنى بويسۇندۇرغان قوشۇنلار كېيىنچە ھىلاكۇ تەرىپىدىن ئالاھىدە تاللانغان قان ئىچەر موڭغۇللارنى ئاساس قىلغان . شۇڭا ئۇ بوۋىسى چىڭگىزخاندىن ئاشۇرۇپ جاللاتلىق قىلغان .

خەلىپە مۇستەنسىر بىللاھ ( 1226 - 1243 ) ئابدۇراھماننى ئەلچى قىلىپ ، موڭغۇل قاغانلىقىنىڭ غەرپكە يۈرۈش قىلىش قوشۇنى جايلاشقان ئېتىل ( ھازىرقى ۋولگا ) دەرياسى بويىغا ئەۋەتكەن . ئابدۇراھمان كاۋكاز ئارقىلىق داغىستانغا ئۆتۈپ ، ئۇ يەردىن سودا كېمىسى بىلەن ئېتىلدىكى باتۇخاننىڭ ئوردىسىغا بارغان .
باتۇخان ئابدۇراھماننى قىزغىن قارشى ئالغان .
بولۇپمۇ ئۇنىڭ بەش يۈز يىل بۇرۇن ياۋروپانى زىلزىلىگە سالغان بىر ئەزىمەتنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقىنىدا ، ئۇنى تېخىمۇ ھۆرمەتلەپ ، غەرپكە يۈرۈش قىلىشتا بىللە ھەمراھ بولۇشىنى تەلەپ قىلغان . ئەسلىدە بۇ قېتىم « موڭغۇللارنىڭ زادى ئوتتۇرا شەرققە يۈرۈش قىلامدۇ ياكى ياۋروپاغا يۈرۈش قىلامدۇ؟» شۇنى بىلىش ئۈچۈنلا بۇ يەرگە كەلگەن ئابدۇراھمان بۇ تەكلىپتىن ھەم خۇشال بولىدۇ ھەم غەمگە پاتىدۇ .

ئاخىرى ئۇ تېز ماڭىدىغان يەلتاپان ئۇچۇرچى ئارقىلىق خەلىپىگە مەكتۇپ يوللاپ ، قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى سورايدۇ . خەلىپە بۇ خۇش خەۋەردىن سۆيۈنۈپ ، ئابدۇرراھماننىڭ تېخىمۇ كۆپ موڭغۇللار ھەققىدە مەلۇمات توپلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا غەرپكە يۈرۈش قىلىشقا رۇخسەت بېرىدۇ . شۇنداق قىلىپ 1237 - يىلدىن باشلاپ ، خىتاينى بويسۇندۇرۇش ئۇرۇشىدا پىشىپ كەتكەن تەجرىبىلىك نويانلار كەينى - كەينىدىن ئېتىلغا يېتىپ كېلىپ ، باتۇخان ۋە سۇبۇتايغا قوشۇلىدۇ . باتۇخاننىڭ يېڭىلا مەخپىي مۇسۇلمان بولغان ئۇكىسى بەركەخان ( 1256 - 1266) ئابدۇراھمان بىلەن پەۋقۇلئاددە يېقىن ئاغا - ئىنىلەردىن بولۇپ قالىدۇ .

ئابدۇرراھمان ۋە ئۇنىڭ ئەجداتلىرى بەش ئەسىر كۈتكەن ياۋروپانى ئىسلاملاشتۇرۇش ئارزۇسى ۋە پارىژنىڭ جەنۇبىدىكى « 732 - يىل ئۇرۇشى » يۈز بەرگەن جەڭگاھنى قايتا زىيارەت قىلىش پۇرسىتى باتۇخاننىڭ غەرپكە يۈرۈش قىلىشى بىلەن باشلىنىدۇ . ئابدۇراھمان ھەر قېتىملىق جەڭدە ئالاھىدە تۆھپە كۆرسىتىپ ماڭىدۇ . ئالدى بىلەن قىپچاق خانلىقى ( 1016 - 1236) ئىستىلا قىلىنىدۇ . ئارقىدىن قىرىم يېرىم ئارىلى
1237 - يىلى ،  ئاندىن كىيېۋ رۇس كېنەزلىكى
( 960 - 1239) ، ئاندىن 1241 - يىلى بۇلغار، ھونگىرىيە ، پولشا ، ھەمدە بالقاننىڭ شىمالىدىكى بارلىق شەرقىي ۋە ئوتتۇرا ياۋروپا ئىستىلا قىلىنىدۇ . 1242 - يىل بېشىدا باتۇخان ئالبانىيەدە ئادرىئاتىك دېڭىزىغا قەدەر يۈرۈش قىلىپ ، ئاخىرقى دېڭىزغا يەتكەنلىكىنى ، بۇ ئارقىلىق بوۋىسى چىڭگىزخاننىڭ ۋەسىيىتىنى ئورۇنلىغانلىقىنى جاكارلاپ ھەربىي يۈرۈشنى توختاتماقچى بولىدۇ . ئەمما ئۇ يەرلىكلەردىن بۇ دېڭىزدىن كېيىن يەنە ئىتالىيە ، فرانسىيە ۋە ئىسپانىيە بارلىقىنى ئاڭلايدۇ . ئابدۇراھمانمۇ بۇنى تەستىقلاپ ، باتۇخانغا چۈشەنچە بېرىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن قوشۇن داۋاملىق ئىلگىرىلەپ ئىتالىيەگە ئاۋسترىيە ئارقىلىق ئايلىنىپ يۈرۈش قىلىپ ، قېچىپ كەتكەن ۋېنگىرىيە كارولى بېللىنى تۇتۇپ جاھانغا ئىبرەت قىلماقچى بولىدۇ . پولشادىن گېرمانىيەگە كىرىۋاتقىنىدا،
تۇيۇقسىز ئىككى شۇم خەۋەر يېتىپ كېلىدۇ .
بىرى ئۆگەدەي بىلەن چاغاتاينىڭ ئارقا - ئارقىدىن ۋاپات بولۇشى ، يەنە بىرى موسكۋا شاھزادىسى ئىسكەندەرنىڭ مۇز كۆل ئۈستىدە گېرمان ئەھلى سەلپ كاتولىك قوشىنىنى مەغلۇپ قىلغانلىق خەۋىرى ئىدى .

باتۇخان كېڭەش چاقىرىدۇ . كېڭەشتە سۇبۇتاي ۋە چىڭگىزخاننىڭ سادىق نۆۋكەرلىرى بىردەك ئۇنىڭ « ئاخىرقى دېڭىزغىچە ئىشغال قىلىش ۋەسىيىتىنى ئورۇنلاش » نى تەشەببۇس قىلغان.
سوبۇتاي ئارقىدىن بۇ ۋەسىيەتنىڭ شەرقتە ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى ، ئەمدى غەرپتىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئابدۇراھمان ۋە خېلى بىر قىسىم مۇسۇلمان ئەسكەرلەرمۇ داۋاملىق يۈرۈش قىلىشنى قوللىغان. ئەمما موڭغۇللارنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ھىلاكۇ ۋە تولۇي جەمەتىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشىنى خالىمىغان باتۇخان قايتىشقا مايىل بولغان . چۈنكى ئۇ ھازىر چىڭگىزخان جەمەتى ئىچىدىكى ھەم ياشتا ھەم مەرتىۋىدە يۇقىرى خان بولۇپ ، چوڭ قاغاننى ۋە چاغاتاي خانىنى سايلاش ئىشى ئۇنى كۈتۈپ تۇراتتى . ئورتاق قارارغا كېلەلمىگەن ئىككى تەرەپ ئاخىرى ئايرىلىشنى توغرا تاپتى .

سوبۇتاي ئىسكەندەر ھەققىدە :« سۈت ئېمىۋاتقان يولۋاس بالىسى ئانچە قورقۇنچلۇق ئەمەس. ئەمما ئۇ بىر كۈنى تۇيۇقسىزلا تاغقا چىقىۋېلىپ ، تىرناق ۋە سۆڭەكلىرى قېتىۋالسا ئۇ چاغدا زور بالا - قازاغا ئايلىنىدۇ » دەپ باتۇخاننى ئاگاھلاندۇرغان . ئەمما ئىسكەندەر باتۇخانغا قىلچە سەمىمىيەيسىزلىك قىلمىغاچقا، باتۇخان ئىسكەندەرگە جازا يۈرۈشى قىلشىنى توغرا كۆرمىگەن . سۇبۇتاي بۇنىڭدىن قاتتىق نارازى بولۇپ ، ئىنتىقامچى ئابدۇراھمان ۋە باشقا مۇسۇلمان - تاتار جەڭچىلىرى بىلەن بىللە ياۋروپادا قېپقالغان . باتۇخان ئابدۇراھماننى ياۋروپادا تۇرۇشلۇق نائىپ خان ، يېسۇنوغاينى سۇباشى ، سۇبوتاينى باش مۇشاۋۇر قىلىپ قالدۇرۇپ ، ئۆزى قاغان سايلاش ئۈچۈن قارا قۇرۇمغا قايتىپ كەتكەن .

يازما بەك ئۇزىراپ كەتكەچكە مۇشۇنچىلىك توختىلىشنى توغرا تاپتۇق . بۇ يەردىكى مەركىزىي ئىدىيە قانداقتۇر ياۋروپاغا قارشى دۈشمەنلىك كەيپىياتى پەيدا قىلىش ئەمەس ، ئەكسىچە ھازىرقىدەك دۈشمىنىنى ناھايىتى يۈزەكى تونۇيالىغان نادان ئۇيغۇرلارنى ، بولۇپمۇ ياشلارنى يۇقىرىقى 500 يىللىق جەمەت ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تەربىيىسى ، ئاتا - بوۋىسىنىڭ تارىختا كىملەر ئىكەنلىكى ، قانداق ئارزۇلىرى بارلىقى ، كىملەر تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچراپ قازا قىلغانلىقى قاتارلىقلارنى قىلچە ئۇنتۇپ قالماي ، جاھان نەچچە قېتىم ئاستى - ئۈستۈن بولۇپ كەتكەن 500 يىل جەرياندىمۇ ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ۋە بۇرچىنى قىلچە ئۇنتۇپ قالماستىن تارىخىي پۇرسەت كەلگەن ھامان ، تومۇرىدىكى بەش ئەسىرلىك قان ئۇرغۇپ چىقىپ ، ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ يولىنى داۋام قىلىپ ، ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا جان تەسلىم قىلغان « ئابدۇرراھمانلار » دىن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشتۇر !

ئۇلۇغ ۋە قۇدرەتلىك ئاللاھ بىزدىنمۇ ئەنە شۇنداق جاسارەتلىك ئابدۇراھمانلارنى كۆپلەپ مەيدانغا چىقىرىپ بەرسۇن ! ئەگەر سەن زادى كىمنىڭ بالىسى ئىكەنلىكىڭنى ، ئاتا - بوۋاڭنىڭ 400 يىلدىن بېرى قانداق ئېغىر زىيانكەشلىك ۋە خىيانەتلەر نەتىجىسىدە پاجىئەلىك ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقى ، سەندەك پەرزەنتىگە نېمە دەپ ۋەسىيەت قىلغانلىقىنى ( قىلماقچى ئىكەنلىكىنى ) ، سېنىڭ بۈگۈن نېمە قىلىشىڭ كېرەكلىكىنى ئۇنتۇپ قالغان بولساڭ، ياكى ئاتا - ئاناڭ سۆزلەپ بەرمىگەن بولسا ، ئۇنداقتا بىزنى ئىزدىگىن ! بىزنى ئىزدەڭلار ، ئەڭ ياخشىسى ئالدى بىلەن ئۆزۈڭلار بىر ئىزدىنىپ بېقىڭلار ! شۇندىلا ئەمەلىيەتتە ھەر بىر ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ
ھازىرقى دەۋرىمىزدىكى « ئابدۇراھمانى » ئىكەنلىكىنى شەكسىز ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولىسىلەر !

« تارىخىمىزدىكى سىرلار » دىن ئۈزۈندە

« ئىنتىقامچىلار ئۈچۈن قوللانما » دىن تاللانما.

سايرام ئوغلانى

2019 - يىلى 24 - ئۆكتەبىر     پەيشەنبە

1441 - يىلى ماھى سەپەرنىڭ 25 - كۈنى

جەڭگىۋار پەيشەنبە