2020/10/27 05:21

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


قاراخانىلارنىڭ ئىككىگە بۆلۈنۈشى ئابباسىلار خەلىپىسىنى ئالاقزادە قىلغان

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2020/09/18 00:25

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى

قاراخانىلار پارچىلانغاندىن كېيىن خەلىپە جىددىيلەشكەن:

يۈسۈپ قادىرخان 1032 - يىلى نويابىردا ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، ئون يىلدەك تىنچلىق ھۆكۈم سۈردى . بىراق 1037 - يىلدىن باشلاپ غەرپتە سالجۇقىلار ، شەرقتە قاراخىتايلار تەرىپىدىن كۈشكۈرتۈلگەن ياباقۇلار ۋە يەمەكلەرنىڭ بەزى ئىسيانلىرى چىقىشقا باشلىغان . 1040 - يىلغا كەلگەندە ئەھۋال ئېغىرلاپ كېتىپ ، يۈسۈپ قادىرخاننىڭ جەسۇر ئوغلى مۇھەممەد بۇغراخان ئوغلى ھۈسەيىن چاغرى تېكىن بىلەن ئالتايغا جازا يۈرۈشى قىلغان. ئۇلار زەپەر قۇچقان شۇ مىنۇتلاردا سالجۇقىلارمۇ غەزنەۋىلەرنى داندانقان ئۇرۇشىدا مەغلۇپ قىلغان . بۇ ئەھۋالدا قاراخانىلار غەزنەۋىلەرنى قوغداش ۋە تاشلاپ قويۇش مەسلىسىدە ئىختىلاپلىشىپ قالغان . سۇلايمان ئارسلانخان غەزنەۋىلەرنى ساقلاپ قېلىشقا مايىل ، ئىنىسى مۇھەممەد بۇغراخان بۇرۇنقى مەھمۇد غەزنەۋىنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلى ئۇلارنى تاشلاپ قويۇشنى تەشەببۇس قىلغان . ئاقىۋەت بۇ كىرىزىس بىر پۈتۈن قاراخانىلارنىڭ ئىككىگە بۆلۈنۈپ كېتىشىنى ئاساس بىلەن تەمىنلىگەن. قاغانلىقنى پارچىلاش ئىشىنى يەنىلا غەربىي قىسىمدىكى ئەلى جەمەتى ( مۇسا بۇغراخاننىڭ نەۋرىلىرى) پەيدا قىلغان . ھەسەن جەمەتى ( ھارۇن بۇغراخاننىڭ ئەۋلادلىرى ) باغرى يۇمشاقلىق قىلىپ ، ئۇلارنىڭ غەربىي قىسىمنى مۇستەقىل سورىشىغا يول قويغان.

بۇ ئۆزگىرىش باغداتتىكى خەلىپىنى جىددىيلەشتۈرۈپ ۋە ھودۇقتۇرۇپ قويغان. چۈنكى بۇ چاغدا خەلىپە قاراخانىلار بىلەن غەزنەۋىلەرنىلا ئېتىراپ قىلاتتى . سالجۇقىلارنى تېخى ئېتىراپ قىلمىغانىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە باغدات خەلىپىلىكى 945 - يىلدىن باشلاپ ئۇدا يۈز يىل ئىراننىڭ شىمالىدىن بېسىپ كەلگەن ئۈچ ئاكا - ئۇكا شىئەلەرنىڭ قورچىقىغا ئايلىنىپ قالغان بولۇپ ، قاراخانىلار ، غەزنەۋىلەر ۋە سالجۇقىلار ئۆز ئىشلىرى بىلەن بەنت بوپقالغان ھالقىلىق پەيتلەردە ، ئۇلاردىن ھامان زەربە يەيدىغانلىقىنى سېزىپ قالغان بۇھەيھىلەر خانلىقى 70 يىلدىن بۇيان مىسىرنى بازا قىلىپ ، غەربىي ئىسلام دۇنياسىنى تىزگىنلەپ بولغان فاتىمىيلار خانلىقى ( 909 - 1174 ) بىلەن يوشۇرۇن ئالاقىلىشىپ ، خەلىپىلىكنى ئابباس جەمەتىدىن ئەلى جەمەتىگە تاپشۇرۇپ بەرمەكچى بولغان. ئەينى چاغدا قاراخانىلار بىلەن خەلىپىنىڭ مۇناسىۋىتى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ ، قاراخانىلار 999 - يىلى ھازىرقى ئۆزبىكىستاندا غەربىي ئىلىكخانلىق قۇرۇپ ، سامانىلارغا خاتىمە بەرگەندىن كېيىنلا ، باغداتتىكى خەلىپىنى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى . شۇندىن بېرى قاراخانىلار باغداتنى ئاشلىق بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتقان ئىدى . ئەكسىچە غەزنەۋىلەر ھۆكۈمدارى سۇلتان مەھمۇد بىر نەچچە قېتىم خەلىپىنى قاراخانىلارغا ئوخشاش مەرتىۋە نامى بېرىشكە قىستاپ، خەلىپىنى رەنجىتىپ قويغانىدى . شۇڭا ئۆزىگە كۈچلۈك ئارقا تېرەك بولۇپ كېلىۋاتقان ، قورچاق خەلىپىگە سۈر - ھەيۋە بېرىۋاتقان قاراخانىلارنىڭ ئىككىگە پارچىلىنىپ كېتىشى خەلىپىنى ھودۇقتۇرغان. بىراق ئىككى تەرەپ ئۇرۇشۇپ كەتمەي ئىناق ئۆتكەچكە ، خەلىپە 1042 - يىلى ئەلى تېكىن ئوغۇللىرىنى مەغلۇپ قىلىپ غەربىي ئىلىكخانلىقنى قولىغا ئالغان ئىبراھىم بۆرە تېكىنگە يۇقىرى مەرتىۋە نام ئىنئام قىلغان . سۇلايمان ئارسلانخانمۇ ئۇنىڭ « تاۋغاچ بۇغراخان » دېگەن نامىنى ئېتىراپ قىلغان . شۇڭا خەلىپىمۇ ئەمەلىي ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ ،  غەربىي قىسىمدىكى « تاۋغاچ بۇغراخان » لارغا يېڭى مەرتىۋە نامى بېرىشكە مەجبۇر بولغان .

1044 - يىلى نويابىردا ئىبراھىم بۆرە تېكىننىڭ ئاكىسى مۇھەممەد تېكىن ( غەربىي ئىلىكخان ناسىر ئەلىنىڭ ئوغۇللىرى ) باغداتقا كېلىپ ، خەلىپىنى زىيارەت قىلغان. خەلىپە ئۇنىڭغا « دۆلەتنىڭ كۆزى » دېگەن مەرتىۋە نامىنى بېرىپ ، ئۇنىڭ پەرغانە ، ئەشرۇسىنە ۋە خوجەنتكە بولغان ھۆكۈمرانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان . بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشنى ئىسلام تارىخچىلىرى يىل ۋە ئايلىرىغىچە تەپسىلىي پۈتۈپ قويغان .

1054 - يىلغا كەلگەندە ئەھۋالدا زور ئۆزگىرىشلەر بولدى. بۇۋەيھىلەر ( 932 - 1055 ) نىڭ ئۆزىنى ئاغدۇرۇش سۇيقەستىنى سەزگەن خەلىپە قائىم بىئەمرىللا ( 1030 - 1074 ) دەرھال سالجۇقىلاردىن ھەربىي ياردەم تەلەپ قىلدى . نەتىجىدە توغرۇلبەگ 1055 - يىلى باغداتقا كىرىپ ، بۇۋەيھىلەرنى يوقاتتى . بۇ ئارىدا قاراخانىلاردا ئىچكى نىزا يۈز بېرىپ ، سۇلايمان ئارسلانخان بىلەن مۇھەممەد بۇغراخان ئارىسىدا ئۇرۇشلار بۇلۇپ ، مۇھەممەد بۇغراخان 1056 - يىلنىڭ ئاخىرى ئاكىسىنى يېڭىپ ، قەشقەردە قاغان بولدى. بىراق 15 ئايدىن كېيىنلا ئورنىنى ئەڭ ياراملىق ئوغلى ، 10 يىل بارسخان ھاكىمى بولغان ھۈسەيىن چاغرىتېكىنگە ئۆتۈنۈپ بەردى . ئەپسۇس ، ئۇنىڭ 1041 - يىلى غەزنەۋىلەر ھەربىي ياردەم تەلەپ قىلىپ كەلگەندە تارتۇق قىلىنغان توقىلى زەينەپ خاتۇن ( مەھمۇد غەزنەۋىنىڭ سىڭلىسى) بۇ ئىشقا نارازى بولۇپ ، 1058 - يىلى مايدىكى قاغان ئالمىشىش زىياپىتىدە مۇھەممەس بۇغراخان ۋە سۇلايمان ئارسلانخان باشلىق بارلىق خان جەمەتى ئەزالىرى ، ئوردا ئەمەلدارلىرى ۋە دۆلەت ئەركانلىرىنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈپ، ئەمدىلا 17 ياشقا كىرگەن ئوغلى ئىبراھىمنى سۇلتان قىلدى. بۇ قېتىمقى سۇيقەستتىن شاھزادە مەھمۇد قەشقىرىلا مۆجىزىلەرچە قۇتۇلۇپ قالدى . مۇھەممەد بۇغراخاننىڭ ئىنىسى مەھمۇد توغرۇلخان بىلەن جىيەنى ھەسەن بۇغراخان خوتەندە بولغاچقا ئامان قالدى . ئىبراھىم تەختكە چىقىپلا ھۈسەيىن بۇغراخاننىڭ كۈيئوغلى ئىنال تېكىنگە ھۇجۇم قىلغاندا ئۆلتۈرۈلدى . ئىنال تېكىن ياشتا چوڭ مەھمۇد توغرۇلخاننى تەكلىپ قىلىپ ، ھوقۇقنى تاپشۇرۇپ بەردى.
بۇ ۋەقەدىن كېيىن قاراخانىلار بىراقلا ئاجىزلاپ كەتتى. ئۇنىڭ ئورنىنى سالجۇقىلار ئېلىشقا باشلاپ ، خۇراساندىن كاۋكازغا، ھېراتتىن قۇددۇسقا ، پارس قولتۇقىدىن قىزىل دېڭىز ۋە ئاق دېڭىزغىچە بولغان جايلاردا ئاكتىپ كېڭىيىش ئېلىپ باردى.

گەرچە قاراخانىلار 15 يىلدەك مالىمان بولغان بولسىمۇ ، بىراق سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ ئوغلى ھەسەن بۇغراخان كۆپ تىرىشىپ ، دۆلەت قايتىدىن گۈللىنىشكە باشلىغان.
« ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمدارلىق دەستۇرى - قۇتادغۇ بىلىگ» مۇ 1069 - يىلى بۇغراخانغا تەقدىم قىلىنغان . كېيىنچە ئۇنىڭ جىيەنى مەھمۇد قەشقىرىمۇ قايتىپ كەلگەن. بىراق مەھمۇد قەشقىرى تەخت دەۋاسى قىلماستىن ، ئەكسىچە داۋاملىق مەرىپەت بىلەن شۇغۇللانغان. قاغانلار يەنىلا سۇلايمان ئارسلانخان نەسلىدىن داۋاملاشقان . مەزكۇر ئۇنۋېرسال گۈللىنىش 1126 - يىلى ئالىمنىڭ ۋاپات بولۇشى ، 1128 - يىلى قاراخىتايلارنىڭ بېسىپ كىرىشى ، 1134 - يىلى شىمالىي ئىلىكخانلىقنىڭ قولدىن كېتىشى ، 1142 - يىلى ھەر ئىككى قاراخانىلارنىڭ قاراخىتايلارغا بېقىندى بولۇپ قېلىشىغىچە داۋام قىلدى . بىراق مەدەنىيەت گۈللىنىشى تاكى 1212 - يىلى كۈچلۈك قەشقەرنى خاراب قىلغۇچە داۋاملاشتى.

سۈرەتتە : ئىلىك ناسىرخاننىڭ ئوغلى مۇھەممەد بۆرە تېكىن خەلىپىگە مەكتۇپ يازماقتا. 

سايرام ئوغلانى

2020 - يىلى 17 - سېنتەبىر.