2020/12/01 00:44

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ يىمىرىلىشى ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋۇجۇتقا كېلىشى

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2020/11/01 06:35

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى


ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ يىمىرىلىشى ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇغۇلۇشى

ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ يىمىرىلىشى 1878 - يىلدىكى « سان - سېتېفانو كېلىشىمى» بىلەن باشلانغان بولۇپ ، بىسماركنىڭ تەشەببۇسى ** بىلەن شۇ يىلى قايتا ئېچىلغان« بېرلىن يىغىنى» سەۋەپلىك ساقلىنىپ قالغان . شۇنىڭدىن كېيىن
1876 - يىلى 31 - ئاۋغۇست تەختكە چىققان
سۇلتان ئابدۇلھەمىتخان 2 ئۇدا 30 يىللىق سون نىسپىي تىنچلىق ۋە گۈللىنىش دەۋرى ياراتقان.

** چاررۇسىيە 1877 - يىلى ئاپرىلدا يەنە ئۇرۇش قوزغىغان. شەرقتە قارس ۋە ئەرزۇرۇمنى، غەرپتە بۇلغارىيەنى ئېلىپ، ئىستانبۇلغا 40 كىلومېتىر قالغىچە قىستاپ كەلگەن. نەتىجىدە 1878 - يىلى ئىككى دۆلەت تەڭسىز كېلىشىم تۈزگەن. بىراق چوڭ دۆلەتلەر قارشى چىققان. شۇڭا بىسمارك شۇ يىلى يازدا « بېرلىن يىغىنى» ئېچىپ، بوسنىيەنىڭ غەربىي شىمالىنى ئاۋستىرىيەگە كېسىپ بەرگەن. سېربلار، بۇلغارلار ۋە ئالبانلارغا ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىلگەن.

بىراق 1908 - يىلى ھەربىي تەرەپ ئىسيان كۆتۈرۈپ ، 24 - ئىيۇل سۇلتاننى قايتىدىن 1876 - يىلى ئېلان قىلغان مەشرۇتىيەتنى ئېلان قىلىشقا مەجبۇرلىغان . ئۇلار بۇنىڭ بىلەنلا قالماي ، 1909 - يىلى 31 - مارت ۋەقەسىنى باھانە قىلىپ ، شۇ يىلى 27 - ئاپرىل سۇلتاننى تەختتىن چۈشۈرۈپ ، ئىنىسى مۇھەممەد رەشادنى تەختكە چىقىرىدۇ . ئەمەلىيەتتە بۇ دۆلەت ، تالات پاشا ، ئەنۋەر پاشا ۋە جامال پاشالارنىڭ قولىغا ئۆتىدۇ .

بۇ ئۈچ پاشانىڭ توققۇز يىللىق سەلتەنەت دەۋرىدە « تەرابۇلۇس غەرب ( لىۋىيە) ئۇرۇشى » دا ئىتالىيە تەرىپىدىن ، « ئىككى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشى » بۇلغارىيە ، يۇنان ، سېربىيە ۋە ماكېدونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھۇجۇملىرىدا كۆپ چىقىمغا ئۇچراپ ، ئۆزىنى ئوڭشاشقا ئۈلگۈرمەيلا 1 - دۇنيا ئۇرۇشىغا كىرىپ كېتىدۇ.

نەتىجىدە ئابدۇلھەمىتخان تىكلىگەن 30 يىللىق كۈچلۈك سەلتەنەت بىراقلا تارىخقا ئايلىنىدۇ. دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغان ئوسمانىلارنى ئانتانتا دۆلەتلىرى ئېغىر جازالايدۇ . ئۇنىڭ ياۋروپا ، ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى بارلىق زېمىنلىرى ئەنگلىيە ، فرانسىيە ، ئىتالىيە ۋە يۇناننىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىدۇ .

بالقان ئۇرۇشىنىڭ مۇقەددىمىسى : لىۋىيە ئۇرۇشى

مەزكۇر ئۇرۇش تارىختا « تەرابۇلۇس غەرب ئۇرۇشى » دەپ ئاتالغان بولۇپ ، 1911 - يىلى 29 - سېنتەبىردىن 1912 - يىلى 18 - ئۆكتەبىر كۈنىگىچە داۋام قىلغان . مۇستاپا كامال پاشا 1911 - يىلى 22 - نويابىر « تابراق ئۇرۇشى » دا ئىتالىيەنى قاتتىق مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن ، ئىتالىيە تەرەپ قوشۇنلىرىنىڭ سانىنى يۈز مىڭغا يەتكۈزگەن . ئەمما لىۋىيەدە ئاران سەككىز مىڭ ئوسمانلى ئارمىيىسى ۋە يىگىرمە مىڭ لىۋىيە پىدائىيلىرىلا بار ئىدى . ئوسمانلى دۆلىتى ئىتالىيە بىلەن 3 - ئۆكتەبىر لوزاندا كېلىشىم تۈزۈپ ، 18 - ئۆكتەبىر ئۇرۇش توختىتىپ ، 30 - ئۆكتەبىر چېكىنىپ چىققان . لىۋىيە خەلقى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ قارشىلىقنى داۋاملاشتۇرغان. 1931 - يىلى 15 - سېنتەبىر ئۇلارنىڭ داھىيسى ئۆمەر مۇختار دارغا ئېسىلغاندىن كېيىن ، لىۋىيە تاكى 1947 - يىلى 10 - فېۋرالدا ئىتالىيەدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىل بولغانغا قەدەر ئىشغال ئاستىدا قالغان . ئىتالىيە 1934 - يىلى بۇ جاينىڭ « تەرابۇلۇس غەرب » نامىنى ، گېرىكچە قەدىمكى نامى « لىۋىيە » گە ئۆزگەرتكەن . لىۋىيە 1951 - يىلى 24 - دېكابىر پادىشاھلىق تۈزۈم بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن ، 1969 - يىلى 1 - سېنتەبىر 27 ياشلىق كازاپى ھەربىي ئىسيان كۆتۈرۈپ ، ئىدرىس خاننى ئاغدۇرۇپ ، تاكى 2011 - يىلى « ئەرەب باھارى » غىچە ھۆكۈم سۈرۈپ ، شۇ يىلى 20 - ئۆكتەبىر يۇرتى سۇرتىدا ئۆلتۈرۈلگەن .

 دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ مۇقەددىمىسى: 

ئىككى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشى

1912-يىلىدىن 1913-يىلىغىچە ئوسمانىلارنىڭ بالقاندىكى تەۋەلىكى مەسىلىسىنى چۆرىدەپ ئۇدا ئىككى قېتىم بالقان ئۇرۇشى يۈز بەردى، بۇ ئىككى قېتىملىق ئۇرۇش 1-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ مۇقەددىمىسى دەپ ئاتالدى.
بىرىنچى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشى بالقان ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ تۈركىيەگە قارشى ئۇرۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئاجىزلاشقان ئوسمانىيە تۈرك ئىمپېرىيەسى 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىمۇ بالقاندىكى ھەر قايسى ئەللەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتاتتى. بالقاندىكى ھەر مىللەت خەلقى مىللىي مۇستەقىللىققا ئېرىشىش ئۈچۈن، بىرلىككە كەلگەن مىللىي مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشقا تەشنا ئىدى. 1911- يىلى ئىتالىيە بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا ئۇرۇشنىڭ پارتلىشى بالقان ئەللىرىدىكى تۈركىيەگە قارشى كۈچلەرنىڭ بىرلىشىشىگە تۈرتكە بولدى. 1912- يىلى 3- ئايدا سېربىيە بىلەن بۇلغارىيە تۈركىيەگە قارشى ئىتتىپاق تۈزدى. ئارقىدىنلا گىرېتسىيە بىلەن مونتېنېگرومۇ بۇ ئىتتىپاققا كەينى-كەينىدىن كېرىپ، بالقان ئىتتىپاقىنى شەكىللەندۈردى. 1912- يىلى 10- ئاينىڭ 9- كۈنى تۈركىيە ماكېدونىيە بىلەن فراكىيىگە ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىشنى رەت قىلغانلىقتىن ئالدى بىلەن مونتېنېگرو تۈركىيەگە قارشى ئۇرۇش قىلدى. 10- ئاينىڭ 17- كۈنىدىن 19- كۈنىگىچە سېربىيە ، بۇلغارىيە ۋە گرېتسىيىلەرمۇ ئارقا-ئارقىدىن تۈركىيەگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشتى. ئۇرۇش تەييارلىقى كەمچىل تۈركىيە قوشۇنى ئۈچ تەرەپتىن دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلغارىيە قوشۇنى ئاساسىي كۈچ قىلىنغان ئىتتىپاقداشلار ئارمىيەسى ئادەم سانى ۋە قورال-ياراغلار جەھەتتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەنلىكى تۈپەيلىدىن، ئۇرۇش جەريانىدا كەينى-كەينىدىن مەغلۇپ بولۇپ چېكىندى. 10- ئاينىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە بۇلغارىيە قوشۇنى تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئىستانبۇل ئەتىراپىغىچە ئىلگىرىلەپ باردى. تۈركىيە دەرھال كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ مۇرەسسەلەشتۈرۈپ قويۇشىنى سورىدى. 12- ئاينىڭ 3- كۈنى بۇلغارىيە، سېربىيە، مونتېنېگرودىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كىلىشىمى ھاسىل قىلدى. كېيىن تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئىتتىپاقداش ئەللەر ئوتتۇرىغا قويغان تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش شەرتىنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن 1913- يىلى 2- ئاينىڭ 3- كۈنى ئۇرۇش ئوتى قايتىدىن ياندى. ئىتتىپاقداشلار ئارمىيەسى ئانىنا، ئەدىرنە  ۋە شكودېرنى كەينى-كەينىدىن ئالدى. تۈركىيە سۈلھى تەلەپ قىلىشقا مەجبۇر بولدى. شۇ يىلى 5- ئاينىڭ 30- كۈنى ياۋرۇپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ئارىغا كىرىپ ھەر ئىككى دۈشمەن مۇرەسسەلەشتۈرۈشى ئارقىسىدا تۈركىيە بىلەن بالقان ئىتتىپاقىدىكى تۆت دۆلەت لوندون تىنچلىق شەرتنامىسىنى ئىمزالىدى. تۈركىيە بۇ شەرتنامىگە ئاساسەن ئىستانبۇل بىلەن فراكىيىدىن ئىبارەت ئازغىنە تەۋەلىكىدىن باشقا ياۋروپادىكى ئۆزىگە قاراشلىق بارلىق تەۋەلىكلىرىدىن مەھرۇم بولدى. ئالبانىيە مۇستەقىللىققا ئېرىشتى. بىرىنچى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشى تۈركىيەنىڭ بالقان يېرىم ئارىلىدىكى 500 يىلدىن ئارتۇق دەۋر سۈرگەن ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بەردى.
لوندون تىنچلىق شەرتنامىسىنىڭ سىياھى قۇرىماي تۇرۇپلا 2-قېتىملىق بالقان ئۇرۇشى پارتلىدى. بۇ بالقان ئىتتىپاقىدىكى ھەر قايسىسى ئەللەرنىڭ زېمىن تالىشىش يولىدىكى سۇلالىلەر ئۇرۇشى ئىدى. بىرىنچى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن بالقان ئەللىرىنىڭ ھۆكۈمرانلار گۇرۇھى ئوتتۇرىسىدا غەلىبە مىۋىلىرىنى تەقسىملەش تۈپەيلىدىن تالاش-تارتىش يۈز بەردى. سېربىيە ئادرىئاتىك دېڭىزىغا چىقىش ئېغىزىغا ئېرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئەڭ كۆپ نەپكە ئېرىشكەن بۇلغارىيىدىن ماكىدونىيە زېمىنىنىڭ بىر قىسىمىنى كېسىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. گىرېتسىيە ماكىدونىيىنىڭ جەنۇبىي قىسىمى ۋە فراكىيىگە ئىگە بولۇشنى تەلەپ قىلدى. رومىنىيىمۇ جەنۇبىي دوبروجانى ئىگىلەش ئارزۇسىدا ئىدى. ئەھدىلەشكەن دۆلەتلەر گۇرۇھى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشكەن دۆلەتلەر گۇرۇھىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىمپېرىيە گۇرۇھىمۇ ئارىغا چاتكىردى. 1912- يىلى 6- ئاينىڭ 1- كۈنى سېربىيە بىلەن گىرېتسىيە بۇلغارىيەگە قارشى ئىتتىپاق تۈزدى، ئارقىدىنلا رومىنىيىمۇ بۇ ئىتتىپاققا كىردى. شۇ يىل 6- ئاينىڭ 29- كۈنى بۇلغارىيە ئارمىيەسى ماكىدونىيەدە تۇرۇشلۇق سېربىيە، گىرېتسىيە قوشۇنلىرىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، ئۇرۇشنى باشلىۋەتتى. ئۇزاق ئۆتمەي مونتېنگورۇ بىلەن تۈركىيەمۇ سېربىيە، گىرېتسىيە ، رومىنىيە تەرەپتە تۇرۇپ، بۇلغارىيەگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشتى. بۇلغارىيە ئارمىيەسى تۆت تەرەپتىن ھۇجۇمغا ئۇچراپ، ئارقا-ئارقىدىن مەغلۇپ بولدى.
7-ئاينىڭ ئاخىرىدا سېربىيە، گىرېتسىيە ، رومىنىيە قوشۇنلىرى بۇلغارىيەنىڭ پايتەختى سوفىيىگە يېقىنلاپ باردى. بۇنىڭ بىلەن بۇلغارىيە سۈلھى تەلەپ قىلىشقا مەجبۇر بولدى. 1913-يىلى 8- ئاينىڭ 12 - كۈنى بۇلغارىيە، سېربىيە، مونتېنېگرو، گىرېتسىيە رومىنىيىدىن ئىبارەت بەش دۆلەت بۇخارىستتا تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالىدى. شەرتنامىگە بىنائەن، بۇلغارىيە ئۆزىنىڭ ماكىدونىيە ۋە فراكىيىدىكى كۆپ قىسىم زېمىنىدىن، شۇنداقلا جەنۇبىي دوبروجادىن مەھرۇم قالدى، تۈركىيەمۇ بۇ ئارىدا بۇلغارىيە-تۈركىيە شەرتنامىسىگە ئاساسەن ئەنۋەر پاشا قوماندانلىقىدا ئەدرىنەنى قايتۇرۇۋالغانىدى.
ئەنۋەر پاشا بۇ زەپىرى ئارقىلىق شۇ يىلى ئۆكتەبىردە ئۇرۇش ۋەزىرى بولۇپ ئۆستى .
ئىككى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشى بوسنىيىلىكلەر بىلەن گرېتسېگوۋىنالارنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە تۈرتكە بولدى. بوسنىيەدىكى سېربلار ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېريىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ، سېربىيەگە قوشۇلۇپ، بۈيۈك سېربىيە دۆلىتى قۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. رۇسىيە تاجاۋۇز قىلىش مەقسىتىدە ئۇلارنى قوللىدى. ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېريىسى بولسا سېربىيەنىڭ كېڭەيمىچىلىكىگە قەتئىي قارشى تۇردى. تېخى سېربىيەنى يۇتۇۋېلىشقىمۇ ئۇرۇنۇپ، گېرمانىيەنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. ئاۋسترىيە-سېربىيە قوشۇنى مۇقەررەر يوسۇندا ئاۋسترىيە-رۇسىيە توقۇنۇشىنى، شۇنداقلا ئىتتىپاق تۈزۈشكەن دۆلەتلەر بىلەن ئەھدىلەشكەن دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشنى پەيدا قىلدى. ئىككى چوڭ ئىمپېرىيە گورۇھىنىڭ بالقاندىكى كۈچ سىنىشىش كۈرىشى بالقاننى ياۋرۇپانىڭ پۇرۇق (پارتلاتقۇچى دورا) ئىسكىلاتىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. بۇخارېست تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالىنىپ بىر يىل ئۆتە-ئۆتمەيلا مىسلى كۆرۈلمىگەن زور كۆلەمدىكى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى بالقان مەسىلىسى تۈپەيلىدىن ئۇشتۇمتۇتلا پارتلىدى.

1 - دۇنيا ئۇرۇشى ۋە ئوسمانىلار :

1915 - يىلى ئوسمان ئىمپىرىيىسى بىلەن ياۋروپا بىرلەشمە دېڭىز ئارمىيىسى ئارىسىدا مەشھۇر گاللىپولى ئۇرۇشى، يەنى « چاناققەلئە ئۇرۇشى» يۈز بەرگەن. بۇ پىلاننى ئەينى ۋاقىتتىكى ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيە ۋەزىرى چېرچىل تۈزگەن بولۇپ، ئەگەر ئۇتۇقلۇق بولغان بولسا، ئوسمان ئىمپىرىيىسى 1916 - يىلغىچە مۇنقەرز بولۇپ، 1 - دۇنيا ئۇرۇشى ئىككى يىل بۇرۇنلا ئاخىرلاشقان بولاتتى. بىراق تۈركلەر ئۈچ ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ بەدىلىگە بۇ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىپ، تۈركىيەنىڭ مۇستەقىللىقىغا ئاساس سالدى . تۈركىيە ھەر يىلى 18 -  مارت كۈنى بۇ ئۇرۇشنى ۋە شېھىتلىرىنى ئەسلەپ كەلمەكتە.

1918 - يىلى 4 - ئىيۇل سۇلتان مۇھەممەد رەشادخان ( 1909 - 1918) قازا قىلىپ،
ئورنىغا سۇلتان 6 - مۇھەممەدخان 5 - ئىيۇل ئاكىسىنىڭ ئورنىغا خەلىپە بولغان. بىراق بىچارە خەلىپىنىڭ تەقدىرى دۆلىتى بىلەن ئوخشاش بولغان. 1918 - يىلى 30 - ئۆكتەبىر كۈنى مودورۇس كېلىشىمىگە قول قويۇپ، دۇنيا ئۇرۇشىدىن چېكىنىپ چىققان. 12 - نويابىردىن باشلاپ ئىشغال قىلىنغان. 1919 - يىلى يۇنان ۋە ئىتالىيە بېسىپ كىرگەن. ئاندىن فرانسىيەمۇ بېسىپ كىرگەن. 1920 - يىلى 10 - ئاۋغۇست ئىمزالانغان سېۋىر كېلىشىمىنى مۇستاپا كامال ئېتىراپ قىلماي، چەتئەل ئىشغالچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئاچقان. 1922 - يىلى نويابىر سۇلتان ئىتالىيىگە پالانغان. 1923 - يىلى يېڭى تۈركىيە قۇرۇلۇپ، پايتەخت ئەنقەرەگە كۆچۈرۈلگەن. 1924 - يىلى 3 - مارت خەلىپىلىك تۈزۈم پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان .

1923 - يىلى ئاناتولىيە قوزغىلاڭچىلىرى بىلەن غالىپ ئانتانتا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا مەشھۇر لوزان كېلىشىمى ئىمزالانغان. بۇ كېلىشىم 1920 - يىلدىكى ئوسمانىلار ۋە ئانتانتا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سېۋىر كېلىشىمىنىڭ ئورنىنى باسقان بولۇپ، ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ غول ئۇمۇرتقىسى بولغان ئاناتولىيە ۋە شەرقىي تىراكىيا ئېتىراپ قىلىنىشقا ئېرىشىپ، شۇ يىلى
29 - ئۆكتەبىردە « تۈركىيە » ئىسىملىك يېڭى بىر دۆلەت قۇرۇلغان. ئىمپىرىيىنىڭ باشقا جايلىرى ئەنگلىيە - فرانسىيە، ئىتالىيە، يۇنان ، سوۋېت ۋە بۇلغارىيە تەرىپىدىن بۆلۈشۈۋېلىنغان.

ئىسيانچى ئەرەبلەرنىڭ ئاقىۋىتى :

ئەرەبلەر 1916 - يىلى 10 - ئىيۇن مەككە ھاكىمى شېرىپ ھۈسەيىن باشچىلىقىدا ئىسيان كۆتۈرۈپ، 1917 - يىلى كۈزگىچە ئوسمانلى ئارمىيىسىنى ئەرەب يېرىم ئارىلىدىن، 1918 - يىلى ئىراق ۋە سۈرىيەدىن قوغلاپ چىقارغان. ئەمما ئەنگلىيە ئۇرۇشتىن كېيىن « خەلىپىلىكنى تۈركلەردىن ئەرەبلەرگە ئېلىپ بېرىش، بارلىق ئەرەبلەرنى بىر دۆلەت قىلىپ بېرىش » كۈچلۈك ۋەدىسىنى بۇزۇپ، ھۈسەيىننى يوقىتىۋېتىش ئۈچۈن ھازىرقى سەئۇدى شاھلىقىنى قۇرغان ئابدۇلئەزىزنى نەجىتتىن ھىجازغا ھۇجۇم قىلغۇزۇپ، 1924 - يىلى بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا ھۈسەيىننىڭ بارلىق قوشۇنىنى قىرغۇزۇۋېتىپ، شۇ يىلى يازدا ئىككى ھەرەمنى قالاق، بەدەۋى سەئۇدى جەمەتىنىڭ قولىغا تاپشۇرىدۇ . ئاندىن ھۈسەيىننى قۇتقۇزغان بولۇپ، سىپرۇسقا ئاپىرىپ نەزەربەنت قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئوغلى پايسالنى سۈرىيە شاھى قىلىپ قويۇپ، ئارقىدىنلا 1916 - يىلى 16 - ماي تۈرۈلگەن « سايكس - پىكوت كېلىشىمى » نىڭ روھى بويىچە سۈرىيەنى فرانسىيەگە بۆلۈپ بېرىدۇ . فرانسىيە 1921 - يىلى پايسالنىڭ ** ئەرەب قوشۇنىنى يوقىتىپ، سۈرىيەنى ئىشغال قىلىدۇ. 1932 - يىلى ئەنگلىيە ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئىراق ۋە مىسىرغا قىسمەن شەكلى مۇستەقىللىق بېرىدۇ . ئابدۇلئەزىزمۇ شۇ يىلى 21 - سېنتەبىر ئەنگلىيەنىڭ ھىمايىسىدە « سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقى » نى قۇرۇپ چىقىدۇ.
ئىراق 1958 - يىلى، سۈرىيە 1960 - يىلى،  مىسىر 1952 - يىلى، كۇۋەيت 1966 - يىلى، قاتار 1968 - يىلى ، يەتتە ئەرەب بەگلىكى 1970 - يىلى ، ئالجىرىيە 1962 - يىلى ئاندىن ئىشغالىيەتتىن قۇتۇلىدۇ .

*** ( شېرىپ ھۈسەيىن ئوغلى فايسال)

1920 ـ يىلى شېرىپ ھۈسەيىن ئوغلى پايسال تاج كىيىپ سۈرىيە پادىشاھى بولغان.( پايسال بىلەن ئاتىسى ئەنگلىيىنىڭ مىسىردىكى نائىبى مېكماخۇن بىلەن كېلىشىپ، 1916 ـ يىلى 10 ـ ئىيۇن ئوسمان ئىمپىرىيىسىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەنىدى.ئەرەبلەرنىڭ ھەمكارلىشىشى نەتىجىسىدە ئەنگلىيە 1917 ـ يىلى 13 ـ مارتتا باغداتنى، 19 ـ دېكابىر ئېرۇسالىمنى ئالدى.

1917 - يىلى ئەنگلىيە ئارمىيىسى باغداتنى تولۇق تىزگىنلىكەنلىكىنى جاكارلاپ، ھەممە جايدىكى ئاي يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى سۆكۈپ تاشلاپ، ئەنگلىيە بايرىقىنى ئېسىشقا باشلىغان.
« ئەنگلىيە بىلەن ئوسمانلى 1 - دۇنيا ئۇرۇشىدا رەقىپلەردىن بولۇپ،ئەنگلىيە 1914  - يىلى  نويابىردىلا ئىراقنىڭ جەنۇبىدىكى بەسرە  شەھىرىنى ئىشغال قىلىۋالغان. بىراق 1916 - يىلى 29 - ئاپرىل ئون مىڭدىن ئوشۇق قوشۇنى  قۇتۇلئەمارەدە تۈركلەرگە تەسلىم بولۇپ،  ئەنگلىيە ئارمىيىسى پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان. ئۇلارنىڭ تەلىيىگە شۇ يىلى 10 - ئىيۇن  مەككە ئەمىرى شېرىپ ھۈسەيىن بىلەن ئوغلى پايسال ئوسمان ئىمپىرىيىسىگە قارشى ئەرەب قوزغىلىڭىنى قوزغىغان.  نەتىجىدە ئەنگلىيە قايتا  پىلان تۈزۈپ، ھىندىستاندىن يېڭى زاپاس قوشۇن تەشكىل قىلىپ، 1917 - يىلى  بىر قانچە غەلىبىلىك ئۇرۇشلار ئارقىلىق  11 -مارت چۈشتىن كېيىن سائەت 4 تە سەلتەنەت دەرۋازىسىدىن باغداتقا كىرگەن.شۇنىڭ بىلەن  ئوسمانىلارنىڭ  باغداتتىكى 400يىللىق ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلاشقان. 1918 - يىلى 14 -
نويابىر ئەنگىلىيە كېلىشىمگە خىلاپ ھالدا  موسۇلنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن ئوسمانىلارنىڭ ئىراقتىكى ھۆكۈمرانلىقى پۈتۈنلەي يىمىرىلگەن».

1918 ـ يىلى سېنتەبىرنىڭ ئاخىرىدا ئەنگلىيە ـ ئەرەب بىرلەشمە ئارمىيىسى دەمەشىقنى ئالدى. 1919 ـ يىلى يانۋاردىكى ۋېرسال شەرتنامىسى بويىچە بىر يىل تالاش ـ تارتىش قىلىش ئارقىلىق،ئاخىرى پايسال سۈرىيە پادىشاھى، دادىسى ھۈسەيىن ھىجاز پادىشاھى بولغان. بىراق 1916 ـ يىلى 16ـ مايدا تۈزۈلگەن سايكس ـ پىكوت كېلىشىمى بويىچە فرانسىيە گېنىرالى گورو 1921 ـ يىلى دەمەشىقنى ئىشغال قىلىپ،پايسالنى ئاغدۇرۋەتكەن. ئەنگلىيە ئۇنى ئىراققا پادىشاھ قىلغان. لېكىن ئەنگلىيە يەنە بىر تەرەپتىن سەئۇدى جەمەتىنى قوللاپ، 1924 ـ يىلى مەككە ـ مەدىنىنى ھۈسەيىندىن تارتىۋالغان. ئەنگلىيە ھۈسەيىننى قوغداش باھانىسىدە سىپرۇستا نەزەربەنت
قىلغان .

خۇلاسە قىلغاندا :

1908 - يىلى ئابدۇلھەمىدخانغا قارشى ھەربىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، ئىستانبۇل مالىمانچىلىققا پاتقان. سېربىيە بىلەن بۇلغارىيە پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تولۇق مۇستەقىللىق جاكارلىغان. ئاۋستىرىيە دەرھال بوسنىيەنى تولۇق ئىشغال قىلىۋالغان. بۇ قىلمىشقا سېربىيە قاتتىق نارازى بولغان. چۈنكى سېربلار بۇ جاينى ئۆزىگە تەۋە دەپ قارايتتى. ئەمما سېربىيە ئۇ ۋاقىتتا ئاۋستىرىيە ئىمپىرىيىسى بىلەن ئۇرۇش قىلغۇدەك دەرىجىدە ئەمەس ئىدى. 1912 - 1913 - يىلدىكى ئىككى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشىدا ئوسمانلى ئارمىيىسى بالقاندىن تولۇق چېكىنىپ چىقتى. بوشناقلار كەڭ كۆلەمدە ئاناتولىيىگە كۆچتى. 1914 - يىلى 28 - ئىيۇن بوسنىيە پايتەختى سارايېۋودا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئاۋستىرىيىنىڭ بىردىنبىر تەخت ۋارىسى بىر سېرب ئاشقۇن تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلاندى. ئاۋستىرىيە دەرھال سېربىيەگە ئۇلتىماتوم تاپشۇردى. سېربىيە شەرتلەرگە تولۇق كۆرمىگەچكە، ئاۋستىرىيە گېرمانىيىدىن مەسىلىھەت سورىدى. گېرمانلار ھەر ۋاقىت قوللايدىغانلىقىنى ئېيتتى . شۇڭا ئاۋستىرىيە 1914 - يىلى 28 - ئىيۇل سېربىيەگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. شۇ كۈنى بېلگىراتنى بومباردىمان قىلىش بىلەن سېربىيەگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. بۇ ئەھۋالدىن كېيىن رۇسىيە31 ئىيۇل - كۈنى ئۇمۇميۈزلۈك سەپەرۋەرلىك ھەركىتى قوزغىدى. چاررۇسىيەنىڭ سەپەرۋەرلىكىنى ئۇرۇش ئېلان قىلغانلىق دەپ چۈشۈنىدىغانلىغىنى جاكارلىغان گىرمانىيە 8- ئاينىڭ 1- كۈنى رۇسىيەگە، 3- كۈنى بولسا فىرانسىيەگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. گىرمانىيە ئالدى بىلەن فىرانسىيەنى ئىشغال قىلىپ ئۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن كۈچى بىلەن رۇسىيەگە ھۇجۇم قىلماقچى بولدى. گىرمانىيە فىرانسىيەنى تىزرەك ئىشغال قىلىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى يول بولغان Flander تۈزلەڭلىكىدىن ئەسكەرلىرىنى ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۈچۈن بىلگىيەدىن ياردەم سورىدى. بىتەرەپ دۆلەت بولغان بىلگىيە قانداق قىلىش توغرۇلۇق ئەنگلىيە بىلەن كۈرۈشكەندىن كېيىن يۈرەكلىك گىرمانىيەنىڭ تەلىۋىنى رەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن گىرمانىيە 1914- 8- 4- كۈنى بىلگىيەگە ھۇجۇم قىلدى. ئەنگلىيە بولسا گىرمانىيەگە ھۇجۇم قىلدى. شۇنداق قىلىپ، 1914-4  - ئاۋغۇست كۈنى گېرمانىيە - فىرانسىيە ئۇرۇش مەيدانى، گىرمانىيە - رۇسىيە ئۇرۇش مەيدانى ۋە ئاۋۇستىريە - سېربىيە ئۇرۇش مەيدانى قاتارلىق ئۇرۇش مەيدانلىرىدا ئۇرۇش باشلاندى.
ئوسمان ئىمپىرىيىسىمۇ 29 - ئۆكتەبىر ئىككى ھەربىي پاراخوت بىلەن ئودېسسا پورتىنى توپقا تۇتۇپ، 2 - نويابىر رۇسىيەگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. 12 - نويابىر رەسمىي ھالدا گېرمانىيە تەرەپكە قېتىلدى. نەتىجىدە بىراقلا سەككىز ئۇرۇش سېپىدا ئۇرۇش قىلىشقا مەجبۇر بولدى. ئۇرۇش تۆت يىل سوزۇلۇپ كەتتى. بۇ ئۇرۇش بارچە ئېمپىرىيىلەرلەرنى يەر شارىدىن يوقاتتى.
1918 - يىلى 11 - نويابىر چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11:11 دە گېرمانىيە ۋە ئىتتىپاقداشلار كېلىشىمگە ئىمزا قويۇپ ، دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غالىپلىرى بولغان ئەنگلىيە ، فرانسىيە قاتارلىق ئانتانتا دۆلەتلىرى مەغلۇپ دۆلەتلەرنىڭ تەقدىرىنى بېكىتىدىغان « ۋېرسال كېلىشىمى» نى 1919 - يىلى يانۋاردىن تاكى ئىيۇلغىچە مۇزاكىرە قىلىپ ، 1920 - يىلى 10 - ئاۋغۇست ئۇنىڭ تارمىقى بولغان « سېۋىر كېلىشىمى » نى ئوسمانىلارغا مەجبۇرىي ئېتىراپ قىلدۇرغان.
ئەمما مۇستاپا كامال پاشا بۇ تەڭسىز كېلىشىمنى ئېتىراپ قىلماي ، لېنىنىڭ ياردىمىدە 1919 - يىلدا باشلىغان « قۇتۇلۇش ئۇرۇشى » داۋام قىلىپ ، 1922 - يىلى غالىپ دۆلەتلەرنى سۆھبەت ئۈستىلىگە كېلىشكە مەجبۇر قىلىپ ،
1923 - يىلى 24 - ئىيۇل لوزان كېلىشىمىنى
« سېۋىر كېلىشىمى » نىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، شۇ يىلى 29 - ئۆكتەبىر ئەنقەرەدە « تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى» نى قۇرۇپ چىققان .

2 - ئافغانىستان ئىران ۋە ھىندىستاننىڭ پوزىتيىسى

1914 - يىلى 28 - ئىيۇل 1 - دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىدى. كۈزدە ئافغان شاھى ھەبىبۇللاخان ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ گېرمانىيە بىلەن بىر سەپتە ئۇرۇشقا كىرگىنىدىن ئەپسۇسلانغىنىنى بىلدۈردى . گېرمانىيە ئافغانىستانغا ئىران ئارقىلىق 50 مىڭ تال مىلتىق، نەچچە مىڭ پېلىموت ئەۋەتىپ، ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق ئەنگلىيە ئارمىيىسىنى تۇتۇپ تۇرۇشىنى ئۈمۈد قىلدى. ئوسمانلى سۇلتانىمۇ تەلەپ ئەۋەتتى . ئەمما ئەنگلىيە « ئۇرۇشتىن كېيىن سىلەرگە مۇستەقىللىق بېرىمىز !» دەپ ئالداپ، ئافغان ھۆكۈمىتىنى بىتەرەپ تۇرغۇزۇپ، ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق قىسىمنى ئوتتۇرا شەرققە ئوسمانلىغا قارشى ئۇرۇشقا يۆتكەپ كەتتى. 1918 - يىلى 11 - نويابىر ئۇرۇش ئىتتىپاقداشلارنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاخىرلاشتى . پايتەخت ئىستانبۇل ئىشغال قىلىندى. ھىندىستاندا كەڭ كۆلەملىك ئازاتلىق قوزغىلىڭى پارتلىدى. ھەبىبۇللاخان ئەنگلىيەنىڭ گېپىدە تۇرمىغىنىدىن نارازى بولۇپ، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولۇشقا ھازىرلىنىۋاتقاندا، 1919 - يىلى شىكارغا چىققان يېرىدە ئۆلتۈرۈلىدۇ.
1919 - يىلى ۋېرسال شەرتنامىسىگە ئىمزا قويۇلۇپ، يېڭى دۇنيا تەرتىپى بېكىتىلىدۇ. 1921 - يىلى ئافغانىستان ئاخىرى مۇستەقىل بولىدۇ. 1923 - يىلى ئۇنىڭ بىر قىسمى بولغان لوزان كېلىشىمى ئىمزالىنىپ، تۈركىيەنىڭ ئازاتلىقى ئېتىراپ قىلىنىدۇ. تۈركىيەمۇ كېلىشىم بويىچە 1924 - يىلى 3 - مارت خەلىپىلىكنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ . نەتىجىدە ھىندىستاندا 1924 - يىلى تارىختىكى ئەڭ كۈچلۈك مۇستەقىللىق ۋە قارشىلىق قوزغىلىڭى كۆتۈرۈلىدۇ. بۇ ھال ئەنگلىيە بىلەن سوۋېتنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدۇ.  ئاقىۋەت 1925 - يىلى ئەنگلىيە مىڭ يىلدىن بېرى ئەجداتلىرىمىز ھۆكۈمران بولۇپ كەلگەن تۇراننىڭ قوشمىقى ئىراننى قايتىدىن پارسلارغا تۇتقۇزىدۇ . 1925 - يىلى ئەڭ ئاخىرقى تۈركىي خانلىق قاچار ئىمپىرىيىسى / 1796 - 1925/ ئاغدۇرۇلۇپ، رىزاخان پەھلىۋى شاھ بولىدۇ. 1935 - يىلى نامىنى « ئىران »غا ئۆزگەرتىدۇ.
ئەمما رىزاخان ئەنگلىيە ۋە سوۋېتنىڭ بوزەك قىلىشىغا چىدىماي، 1941 - يىلى گېتلىر بىلەن ھەمكارلىشىپ، سىتالىن بىلەن چېرچىلدىن بىر قىسىم زېمىنىنى قايتۇرۇۋالماقچى بولىدۇ. تولىمۇ ئەپسۇس، بۇنى سېزىپ قالغان سىتالىن بىلەن چېرچىل گېتلىر قوشۇنى كاۋكازغا يېتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى دەرھال يوشۇرۇن ھالدا تېھرانغا كېلىپ، قورال كۈچى بىلەن رىزاخاننى ئاغدۇرۇپ،ئۇنىڭ غەرپپەرەس قابىل ئوغلى مۇھەممەد رىزاخاننى شاھ قىلىپ تىكلەيدۇ . بۇ بالا شاھ 1946 - يىلدىن 1979 - يىلغىچە ئامېرىكىنىڭ ھىمايىسىدە بولىدۇ. 1979 - يىلى ھازىرقى قارا سەللىلەر تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلىدۇ.
ئەنگلىيەمۇ ھىندىستاننى 962 - يىلدىن بېرى ئىدارە قىلىپ كېلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قولىدىن ھىندىلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزىدۇ . 1947 - يىلى جەنۇبىي ئاسىيادا ھىندىستان ، كەشمىر،  پاكىستان، بېرما ۋە بېنگالدىن ئىبارەت نەچچە دۆلەت شەكىللىنىدۇ . ئافغانىستاندا 1933 - يىلى نادىر شاھ قەستلەپ ئۆلتۈرۈلۈپ، ئورنىغا ياش ئوغلى مۇھەممەد زاھىر شاھ خان بولىدۇ.
2007 - يىلى 23 - ئىيۇل ئەڭ ئاخىرقى ئافغانىستان شاھى مۇھەممەد زاھىر شاھ ۋاپات بولغان. « ئۇ 1933 - يىلى 8  - نويابىر دادىسى مۇھەممەد نادىر شاھ ئورنىغا پادىشاھ بولغان. يەنى ئۇ جۇمھۇرىيىتىمىز قۇرۇلۇشتىن 4 كۈن بۇرۇن تەختكە چىققان. 1973 - يىلى 17 - ئىيۇل تاغىسى داۋۇت قولىدا ئاغدۇرۇلغان.»    « مۇھەممەد زاھىر شاھ: 1914 - يىلى 16 -ئۆكتەبىر تۇغۇلغان. 2007 - يىلى 23 - ئىيۇل 93 يېشىدا ۋاپات بولغان. بۇ كىشىدىن سورايدىغان نۇرغۇن مەخپىيەتلىك بار ئىدى. ئەپسۇس ئۇ يەردىكى يارىماس قاچقۇنلار « خەخ ئۈچۈن ئۆلۈپ بېرىشكە رازى بولدىكى، بۇ كىشى بىلەن بىر قېتىم ئۇچرىشىش خىيالىغىمۇ كەلمىدى». ئۆزىنىڭ كىملىكىنى بىلمەيدىغانلار بۇنى نەدىن بىلسۇن دەيسىز !؟؟». زاھىر شاھ بىرىنچى جۇمھۇرىيەتنى ئاز بولسىمۇ قوللىغان يېقىن خوشنىمىز ئىدى.

3 - مۇستاپا كامالنىڭ قۇتۇلۇش ئۇرۇشى ۋە تۈركىيە مىللىي جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى

ئوسمانلى سۇلتانلىقى 1918 - يىلى 12 - نويابىر كۈنىدىن باشلاپ ئىشغال قىلىنىشقا باشلىدى.
1914 - يىلى 12 - نويابىر ئۇرۇشقا كىرگەنىدى.
1919 - يىلى ئەنگلىيە، فرانسىيە ، ئىتالىيە، ھەتتا يۇنان قاتارلىق دۆلەتلەر ئاناتولىيەنى بۆلۈشۈش ئۈچۈن قوشۇن چىقىرىدۇ . 1919 - 19 - ماي مۇستاپا كامال ئىستانبۇلدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ، 19 - ئاۋغۇستتىن باشلاپ، تاكى 1922 - يىلى 30 - ئاۋغۇست دۇملۇپىنار زەپىرى قازانغۇچە ساق ئۈچ يىل « قۇتۇلۇش ئۇرۇشى » قىلىپ، شۇ يىلى نويابىردا سۇلتاننى ئىتالىيەگە پالايدۇ.لېكىن  يېڭى خەلىپىنىڭ دىنىي ھوقۇقىغا چېقىلمايدۇ. 1923 - يىلى 23 - ئىيۇل «  لوزان كېلىشىمى » گ ئىمزا قويۇپ، شۇ يىلى 29 - ئۆكتەبىر « تۈركىيە » ناملىق بىر دۆلەت قۇرۇپ چىقىدۇ . 1924 - يىلى 3 - مارت خەلىپىلىك ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. 5 - ئىيۇل سىتالىن « تۈركىستان »  نامىنى قەتئىي مەنئىي قىلىدۇ .

« كۇرد مەسىلىسىنى ھەل قىلىش»

1926 - يىلى تۈركىيە ، ئىران ۋە ئافغانىستان قاتارلىق ئۈچ دۆلەت ئارىسىدا ئورتاق بىخەتەرلىك كېلىشىمى ئىمزالانغان. مۇستاپا كامال، رىزاخان پەھلىۋى ۋە ئامانۇللاخان تەستىق سالغان.« بۇ ئۈچ دۆلەت 1 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى بىردىنبىر ھەقىقىي مۇستەقىل ئىسلام دۆلەتلىرى بولۇپ، ئەنگلىيە 1915 - يىلدىن 1919 - يىلغىچە سوزۇلغان مارافونچە سۆھبەتتىن كېيىن ئافغانىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغان. بۇ چاغدا چاررۇسىيە يوقالغاچقا، ئافغانلار ئەنگىلىيىنىڭ ئېتىرا قىلىشى بىلەنلا جاھان ئۇرۇشىدىن كېيىنكى تۇنجى مۇستەقىل ئىسلام دۆلىتىگە ئايلانغان.
تۈركىيە 1924 - يىلى 24 - ئىيۇل لوزان شەرتنامىسىگە ئىمزا قويۇپ، 1 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى تۇنجى دېموكراتىك مىللىي دۆلەتكە ئايلانغان. رىزا پەھلىۋى ئەنگىلىيەنىڭ قوللىشىدا، 130 يىلدىن بېرى پېرسىيىگە ئەمەلى ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان قاچار خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، 1925 - يىلى ئۆزى پادىشاھ بولۇپ، دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى تۇنجى پارس ئىسلام پادىشاھلىقى بولۇپ قالغان. مۇستەقىللىقىنى ئەبەدى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بۇ تەقدىرداش ئۈچ دۆلەت داھىيلىرى تۇيۇقسىزلا مەزكۇر كېلىشىمنى ئىمزالاپ ئۇتۇقلۇق بىرلىكسەپ ھاسىل قىلىپ، كۇرد ۋە ئافغاندىكى باشقا مۇستەقىلچى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىۋالغان .

ئارىدىن يۈز يىل ئۆتتى . دۇنيا يەنىلا « شەرق مەسىلىسى » شوئارىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ ، ئوتتۇرا شەرق خەرىتىسىنى قايتا سىزىپ چىقىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكىلى ئاللىبۇرۇن 20 يىل بولاي دېدى . ئەمما بەزى ئاچكۆزلەر نۆۋەتتىكى ئۇرۇش مەيدانىنى ئوتتۇرا شەرقتىن ئوتتۇرا ئاسىياغا يۆتكەش غەرىزىدە بولماقتا . بۇ ئەھۋاللارنى ياخشى تەھلىل قىلىپ ، ئىدىيە جەھەتتىن ئالدىن تەييارلىق قىلىۋالمىغاندا خۇددى بۇرۇنقىدەك « خاتا ۋاقىتتا ، خاتا مەيداندا ، خاتا ئىتتىپاقداشلار بىلەن بىر قولۋاققا چىقىپ قېلىپ ، قايتىدىن ئەڭ ئاخىرقى تارىخىي پۇرسەتنى قاچۇرۇپ قويىدىغان ئىش چىقىدۇ . ئۇلۇغ ئاللاھ بۇ قېتىم ئاقساقاللارنى، جۈملىدىن پۈتكۈل خەلقىمىزنى قايتا ئالدىنىپ قېلىشتىن ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن !

1923 - يىلى 29 - ئۆكتەبىر قۇرۇلغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلىشىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى يۇقىرىقىلاردىن ئىبارەت .

تۈركلەرنىڭ جۇمھۇرىيەت قۇرۇپ، قايتا ھۆر ۋە ئەركىن ھالىتىنى ساقلاپ قالغان 96 يىللىق خاتىرە كۈنى قۇتلۇق بولسۇن !

2019 - يىلى 29 - ئۆكتەبىر    نۇرلۇق سەيشەنبە

1441 - يىلى رەبىئۇل ئەۋۋەلنىڭ 1 - كۈنى .

مەۋلۇد ئېيىڭلارغا قۇتلۇق بولسۇن !

سايرام ئوغلانى          باقمىچىلىق مەيدانى