2020/11/25 05:58

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


پولشا مىللىي مۇستەقىللىقى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر ئۈمۈد ۋە ياخشى ئۈلگە

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2020/11/01 06:43

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى


پولشا مىللىي مۇستەقىللىقىنىڭ 100 يىللىق ھارپىسىدا تۇغۇلغان جەڭگىۋار ۋە ئاچچىق ئويلار

كىرىش سۆز :

«  پولشالىقلار  دۈشمەننى زېمىنلىرىدىن تولۇق قوغلاپ چىقىرىدىغان بىر خاسىيەتلىك كۈننىڭ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى ۋە ئۆزلىرىنى شۇ كۈنگە تەييارلىماقتا ئىدى. بۇ ئىشەنچ پەقەت بىر قاتلامدىلا ئەمەس، پۈتكۈل خەلقنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىغا ئورۇنلاشقانىدى » .
خوش ، ئۇنداقتا بۇ پولشالىقلارنىڭ 200 يىل بۇرۇنقى ئىمكانلىرى بىلەن بىزنىڭ ھازىرقى ئىمكانلىرىمىزنى ئوبدان سېلىشتۇرۇپ باقايلى ! شۇ چاغدىلا ھازىرقى بىزلەرنىڭ نەقەدەر ھۇرۇن ، بوشاڭ ، ئۈمىدسىز ۋە چۈشلۈنلۈككە پاتقىنىمىزنى ئېتىراپ قىلالماي تۇرۇۋاتىمىز .

قولىدا نە ھەربىي كۈچى ، نە ئىقتىسادىي كۈچ بولمىغان بىچارە پولشالىقلار ئۆزىنىڭ كۈچلۈك دىنىي ئىخلاسى ۋە مىللىي سۆيگۈسى ئارقىلىق
« ئانا تىل مائارىپى ۋە پولەكچە يېڭى تەپەككۇر » قورالى ئارقىلىق ھەر جەھەتتە ئۆزلىرىدىن كۆپ ئۈستۈن بولغان دۈشمەنلىرىنىڭ قاتمۇ - قات توزاقلىرىنى بىتچىت قىلىپ ، مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرۇۋالدى . ئەمما ئۇيغۇر خەلقى بۇ كوزىرنى ئىشقا سالاي دېگەندە ، تۈنۈگۈن ئۆز مىللىي كىملىك نامىنى ئىنكار قىلىپ، زادىلا ئەپلەشمەي قالغاندا تېنىۋالغان تەنتەك زاتلار تەييار تاۋاقتىكى ئاشقا توپا چاچماق قەستىدە.

ئەگەر قولىدا « مىللىي مائارىپى » دىن باشقا ھېچقانداق كوزىرى قالمىغان بىر مىللەت پەقەت شۇ « مائارىپ » ئارقىلىق مۆجىزە يارىتىپ ، ئۈچ ئاچكۆز ۋە كۈچلۈك خوشنىسى ئارىسىدا تۇرۇپ، بۇندىن 100 يىل بۇرۇن مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقالىدى دېيىلسە ، ئۇ ھالدا ئۇيغۇرلار بۇ يولنىڭ كۈچىنى سەل چاغلىماسلىقى كېرەك!

شۇنىسى ئېسىمىزدە بولسۇنكى ، پولشالىقلار ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىشتا ھەرگىزمۇ بىر قىسىم ئەقلى گەجگىسىگە ئۆتۈپ قالغان ئۇيغۇرسىمان « تۈركپەرەس ۋە ئۆزبېكپەرەس زىيالىلىرى»غا ئوخشاش « ئانا تىلىنى قىرىققا يېرىپ ، يېڭى مەسىلە پەيدا قىلىپ ئەمەس، بەلكى ئانا تىلىغا كىرىۋالغان رۇسچە سۆزلەر ۋە تاۋۇشلارنى تولۇق چىقىرىپ تاشلاشنى نىشان ۋە ئۆلچەم قىلغان » .

كىمدە - كىم ھازىر ئىشلىتىۋاتقان ئۇيغۇرچىدىن پۇتاق چىقىرىدىكەن ، ئۇنى ئاز دەپ 100 يىلدا ساناقسىز ئالىملىرىمىزنىڭ غەيرىتى بىلەن بىزگە يېتىپ كەلگەن ئانا تىلىمىزنى « خىتايغا نىسبەت بېرىپ، ئېتىۋارسىزلاشتۇرماقچى بولىدىكەن ، ئۇ ئۆزىنى ئۆزى پاش قىلغان ۋە رەسۋا قىلغان بىرى» . رېئاللىقتىن قېچىش ئۈچۈن ھەر خىل
« قاچان قىلسا بولىدىغان ئىشلار » نى ھازىرقى تەخىرسىز ئىشلارنىڭ ئورنىغا دەسسەتمەكچى بولغان ، ئاۋامنىڭ دىقىتىنى مىللىتىمىزنىڭ ئەڭ خەتەرلىك ئىشلارغا قارشى تەدبىر تۈزۈشىدىن ئۇششاق ئىشلارغا بۇرۇۋېتىدىغان چالا تېۋىپلار ئۆزىنى سورىسۇن ! ئەكسىچە ۋابالى ئۆزىگە !

1 - پولشالىقلارنىڭ مۇستەقىللىق ھاياتى

پولشالىقلار رۇسلارنىڭ ياۋۇز ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى چېغىدىلا،  جەم بولغان ھەرقانداق يەردە بىر نەرسىلەرنى ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىشنى بىر مىللىي ئالاھىدىلىككە ئايلاندۇرۇپ بولغان.  بارغان يېرىدىن كېلىپ - كېلەلمەيدىغانلىقىنى بىلمەيدىغان،  ئۆگەنگەن نەرسىسىدىن پايدىلىنىپ - پايدىلىنالمايدىغانلىقىغا جەزم قىلالمايدىغان بۇ كىشىلەرنىڭ،  بارغانلا يېرىدە ۋە ھەرقانداق شارائىت ئاستىدا ئىمتىھانغا تەييارلىنىۋاتقاندەكلا دەرس ئۆگىنىشلىرى ،  ئۇلارنىك ناھايىتى كۈچلۈك مىللىي ئاڭغا ئىگە بولغانلىقلىرىنى كۆرسىتىپ بېرەتتى.
ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بارغان يەرلىرىدىن قايتىپ كېلەلمەيتتى،  بۇنى ئۆزىمۇ،  باشقىلارمۇ بىلەتتى. بىراق ھايات قالغانلار دۈشمەن پۈتۈن كۈچى بىلەن يەر يۈزىدىن يوقۇتۇپ تاشلاشقا تىرىشىۋاتقان بىر مىللىي كۈلتۈرنى ۋە بۇ كۈلتۈر بىلەن بىرلىكتە ئىلىمغا،  ئىستىقبالغا،  سەنئەتكە ۋە ئېرپانغا خۇمار بىر روھنى ياشنىتاتتى ۋە كەلگۈسى ئەۋلاتلارغا بۇ روھنى جانلىق ھالەتتە يەتكۈزەتتى. ئۇلار يەنە نەزەرلىرىنى كېلەچەككە مەركەزلەشتۈرگەن ھالدا ھەردائىم ۋە ھەرقانداق ھالەتتە غايىلىرى ۋە كېلەچەكلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان بولغاچقا،  شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە دۇچار بولۇۋاتقان ئېغىرچىلىقلىرىنى ئۇنتۇپ قالاتتى.  تاشلانغان ھەر بىر قەدەم،  تۈزۈلگەن ھەر بىر پىلان،  ئۆگىنىلگەن ۋە ئۆگىتىلگەن ھەر بىر ئۇچۇر كېلەچەك ئۈچۈن ئىدى.  دۈشمەن كۈچلىرىنىڭ يەر ئۈستىدىكى ۋەھشىيانە قىلمىشلىرىنىڭ قانچىنچى قېتىم تەكرارلىنىۋاتقانلىقىنى ھىچكىم بىلەلمىسىمۇ، يەرنىڭ ئاستىدا ئەتىلەر گۈللەنمەكتە ئىدى ۋە بۇنى بىر مىللىي غايىگە كۆڭۈل بۆلگەن كىشىلەرلا كۆرەلەيتتى.

باشقىلار مۇستەقىللىق ئۈچۈن نىمىلەرنى قىپتىكەن؟؟ ئويلانمىغانلار قاتتىق ئويلانسۇن!!!

1849 - يىلى 17 - ئۆكتەبىر پولشانىڭ « پېتوفى » سى ۋە « ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى » بولغان پولشا مىللىي مۇستەقىللىق سەركىلىرىدىن بىرى فىرىدېرىك شوبان (شابان ) پارىژدا ۋاپات بولغان . ۋەسىيىتى بويىچە يۈرىكى پولشاغا ئېلىپ بېرىلىپ دەپنە قىلىنغان . تەقدىردىشىمىز پولەكلەر « ئاجىز مىللەتنىڭ ھالاكەتلىك شۇم تەقدىردىن قۇتۇلۇشى »دا دۇنياغا ئۈلگە بولغان.

مۇستەقىللىق كۈرىشى دېيىلگەن ھامان ئىنسان ئەقلىگە ئۇرۇش مەيدانلىرى كېلىدۇ. دەرۋەقە، ئاساسەن دېگۈدەك بارلىق مىللەتلەرنىڭ تارىخىدا قان بىلەن يېزىلغان مۇستەقىللىق داستانلىرى بولىدۇ. لېكىن، ئىلىم - ئېرپان، كۈلتۈر ۋە سەنئەت ساھەلىرىدە مۇستەقىللىق كۈرىشىنى ئومۇميۈزلۈك ھالەتتە ئۇزۇن مۇددەت يەلكىسىگە ئالغان مىللەتلەر ئۇنچىۋالا كۆپ ئەمەس. پولشالىقلار، تارىخنىڭ ناھايىتى نادىر كۆرۈلىدىغان ئۇتۇقلىرىدىن بىرىنى قولغا كەلتۈرگەن بىر مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ھازىرمۇ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
پولشالىقلار بارلىق مىللىي قىممەت - قاراشلىرى بىلەن بىرلىكتە يوقىلىپ كېتىش خەۋپىنى بىر ئەمەس، بىر قانچە قېتىم يەڭدى. ئۇلارنىڭ دۆلەتلىرىگە قەدەم باسقان ھەربىر مۇستەملىكىچى - تەبىئىتىنىڭ تەقەززاسى بويىچە - بىۋاسىتە ھالدا دىققىتىنى بۇ نىشانغا مەركەزلەشتۈرگەنىدى: ئۇدا بىر قانچە قېتىم پولشادا يېڭىدىن تۇغۇلۇش ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى ۋە ئۇنىڭ سىرتىدا قالغان بارلىق نەرسىلەر يوق ھېسابلاندى. تىل، ئەدەبىيات، سەنئەت، كۈلتۈر چەكلىمىلەر دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى. ئۇنىڭ ئورنىغا مۇستەملىكىچىنىڭ ئۆز قىممەت - قاراشلىرى تېڭىلدى. بۇ قىممەت - قاراشلار بويىچە تەربىيەلەنگەن يېڭى ئەۋلادلار يېڭى بىر ئەۋلاد زىيالىيلار قاتلىمىنى شەكىللەندۈرەتتى ۋە بۇ قاتلام مۇستەملىكىچىلەرنىڭ شۇم پىلانلىرىنى ئۇلارغا ۋاكالىتەن ئىجرا قىلاتتى، شۇ يوسۇندا بىر قانچە ئەۋلاد ئۆتكەندە بولسا، پولشالىقلارنىڭ يەر يۈزىدە نە دۆلەت، نە مىللەت سۈپىتىدە ھېچقانداق ئىزى قالمايتتى.پولشالىقلار دۈشمەن بىلەن ئۇرۇش مەيدانلىرىدىمۇ ئېلىشتى. پولشا زېمىنلىرىدا قانچە قېتىملاپ قانلىق قوزغىلاڭلار يۈز بەردى. بىراق، پولشانىڭ ھەقىقىي مۇستەقىللىق كۈرىشى يەر ئاستىدا داۋاملاشتۇرۇلغان ئىلىم ۋە كۈلتۈر ئۇرۇشى ئىدى. بۇ ئۇرۇشتا پولشالىقلار ئىزچى تەشكىلاتلىرىدىن تارتىپ قانۇنسىز ئۇنىۋېرسىتېتلارغىچە، ئۆگزىلەردىكى لېكسىيەلەردىن تارتىپ يەر ئاستى نەشرىياتچىلىققىچە ئىنسان ئەقلىگە كېلىدىغان - كەلمەيدىغان ناھايىتى نۇرغۇن ئۇسۇللاردىن پايدىلاندى ۋە كۆپلىگەن يېڭىلىقلارنى ياراتتى. شۇنداق چاغلارمۇ بولدىكى، ئوقۇتقۇچىلار بىلەن باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھەمكارلىق ئورنىتىپ، رۇسىيەنىڭ دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى تاشلاپ، رەسمىي مەكتەپلەردە غەيرىي رەسمىي دەرسلەرنى ئۆتتى؛ يەنە شۇنداق چاغلارمۇ بولدىكى، گېستاپونىڭ يېنىدىلا يۈز مىڭلارچە ئوقۇغۇچى مۇنتىزىم يەر ئاستى مەكتەپلەردە ئوقۇشلىرىنى داۋاملاشتۇردى، يۈز مىڭلارچە تەشۋىقات ۋەرەقىسى ئىشىكمۇ ئىشىك تارقىتىلدى. قانۇنسىز ئۇنىۋېرسىتېت سىنىپلىرى ئۆيمۇ-ئۆي ئايلاندى. تۈرمىلەردە، سۈرگۈنلەردە، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا، بىر قانچە پولشالىق بار جايلارنىڭ ھەممىسىدە يەنە مەخپىي سىنىپلار ئېچىلدى، قۇلاقتىن قۇلاققا ئۇچۇرلار يەتكۈزۈلدى. بالىلار چەكلەنگەن شېئىرلارنى يادلاپ، مەنئى قىلىنغان رەسىملەرنى كۆرۈپ چوڭ بولدى. كونسېرتلار، سەنئەت پائالىيەتلىرى يەر ئۈستىدىكىسىگە پاراللېل ھالدا يەرنىڭ ئاستىدىمۇ داۋام قىلدى. ئادەملەر يىللار بويىچە كۈنلىرىنى ۋە كېچىلىرىنى ھەرتۈرلۈك خەۋپلەرنىڭ ئاستىدا فورمىلالارنى يادلاپ، تۈگۈنلەرنى يېشىپ، شېئىر ئوقۇپ، مۇزىكا ئاڭلاپ ئۆتكۈزدى. ئۇلار دۈشمەننى زېمىنلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىدىغان بىر كۈننىڭ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى ۋە ئۆزلىرىنى شۇ كۈنگە تەييارلىماقتا ئىدى. بۇ ئىشەنچ پەقەت بىر قاتلامدىلا ئەمەس، پۈتكۈل خەلقنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىغا ئورۇنلاشقانىدى.

پولشا دەسلەپتە  ئۈچ قوشنىسى تەرىپىدىن ئارقا - ئارقىدىن بىر قانچە قېتىم پارچىلىنىپ، زورلۇق بىلەن قوشۇۋېلىندى *** . ئارقىدىن ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ھەر ئىككىسىنى پۈتكۈل شىددىتى بىلەن باشتىن كەچۈردى. جازا لاگىرلىرى ئاساسەن پولشاغا قۇرۇلغان. ناتسىستلارنىڭ ئىشغالىدىن كېيىن سوۋېتلەر كەلدى. لېكىن، نەتىجىدە ئوتتۇرىدا نە پىرۇسسىيە، نە چاررۇسىيە ، نە ئاۋسترىيە ، نە فاشست ناتسىستلار، نە قانخور سوۋېتلەر قالمىدى. بەلكى ، قەيسەر پولشالىقلار ئۇرۇش مەيدانلىرىدا تۆكۈلگەن قانلار، بولۇپمۇ ئۇنىڭدىن بۇرۇن يەر ئاستىدا ( مائارىپ ئۈچۈن) تۆكۈلگەن تەرلەرنىڭ سايىسىدا، ئۆزلىرىنى دۇنياۋى تارىخ سەھنىسىدىن پۈتۈنلەي يوقىتىپ تاشلاشقا بەل باغلىغان دۈشمەنلىرىنى ئارقا - ئارقىدىن تارىخقا دەپنە قىلغان بىر خەلق بولۇش سۈپىتى بىلەن بۈگۈنمۇ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۇ كىشىمۇ 1810 - يىلى 1 - مارت ۋارشاۋادا پولشا ئەڭ قىيىن كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان كۈنلەردە تۇغۇلغان . 6 يېشىدىلا پىئانىنو/ گارمون چالالايدىغان بولغان . 8 يېشىدا ئاشكارا ھالدا سەنئەت تالانتىنى جارى قىلدۇرۇشقا باشلىغان . 1824 - يىلى گېرمانىيەلىك داڭلىق مۇزىكانت ، ۋارشاۋا سەنئەت مەكتەپنىڭ مۇدىرى ئارسنادىن مۇزىكا نەزەرىيىسىنى ئۆگەنگەن . 1829 - يىلى مەزكۇر ئىنىستىتۇتنى پۈتتۈرگەن . ئەينى ۋاقىتتا پولشا مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتى يۇقىرى پەللىگە يەتكەن بولۇپ ، ئەجنەبىلەرنى قوغلاپ چىقىرىپ، ئۆزى خوجا بولغان مۇستەقىل مىللىي دۆلەت بەرپا قىلىپ ، پولەك مىللىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۇلۇغ مەپكۇرىسى ياش شائىرنىڭ ئەسلىدە بار بولغان ۋەتەن ۋە مىللەت سۆيگۈسىنى كۈچەيتىۋەتكەن. شۇڭا ئېسىل تۇرمۇشنى رەت قىلىپ ، 1830 - يىلى چەتئەلگە چىقىپ ، جاھان كېزىپ ، 1832 - يىلى لوندونغا بېرىش پىلانىدىن ۋاز كېچىپ ، پارىژدا يەرلىشىپ ، ھەر قايسى پولشا مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتى خادىملىرى بىلەن بىللە مىللىتى ۋە دۆلىتىنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن كۆپ ئىزدەنگەن . 1835 - يىلى فرانسىيە پۇخرالىقىغا ئۆتۈپ ، پائالىيەتلىرىنى يۈرەكلىك ئېلىپ بارغان. بەختكە يارىشا ، 1848 - يىلى مارتتا ( باھاردا) فرانسىيەدىن باشلانغان « ياۋروپا باھارى» تېز سۈرئەتتە ئاۋسترىيە ، ۋېنگرىيە ۋە پولشاغىچە كېڭەيگەن.باشقا جايدىكى مىللىي مۇستەقىللىق  ھەرىكەتلىرىنى تېزلا باستۇرالىغان ياۋروپا ئىشغالچى خانلىرى چارپادىشاھ نىكولاينى تەكلىپ قىلىپ ، بۇ ئىككى جايدىكى ھۆرلۈك ئۈچۈن قوزغالغان ئىككى مىللەتنى باستۇرغان . پېتوفى 1849 - يىلى 31 - ئىيۇل چاررۇسىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن سېگىتۋاردا كۆمۈۋېتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ ھەرىكەت پەسكويغا چۈشكەن. دۆلىتى ۋە مىللىتىنىڭ يەنە بىر قېتىم پىرۇسسىيە، چاررۇسىيە ۋە ئاۋسترىيە ئارىسىدا ئۇزۇن مەزگىل ئاسارەتتە قېلىشىنى كۆرۈپ يەتكەن شابان سەۋر قىلالماي ، دەرت يۇتۇپ ، 1849 - يىلى 17 - ئۆكتەبىر پارىژدا ئارمانسىز ۋاپات بولغان . ۋاپات بولۇش ئالدىدا « يۈرىكىنى سۇغۇرۇپ پولشاغا ئاپىرىپ دەپنە قىلىش » نى ۋەسىيەت قىلغان .
دوستلىرى 1850 - يىلى ئاخىرى بىر ئاماللارنى قىلىپ، ئۇنىڭ يۈرىكىنى پولشاغا ئېلىپ كەلگەن.
مېنىڭ بىلىشىمچە شوباننىڭ يۈرىكى ھازىرغىچە ۋارشاۋادىكى بۈيۈك « مۇقەددەس كېرىست چېركاۋى» دا ساقلانماقتا . پولشا مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ، شوباننىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە
د ن ئا  تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ ، ئەمما فرانسىيە تەرىپىدىن رەت قىلىنغان . دېمەك ، ئەينى ۋاقىتتىكى فېئودال پادىشاھلىقلاردىن بىرى بولغان فرانسىيە « ياۋروپا باھارى » نىڭ غوللۇق كىشىلىرىدىن بىرى بولغان شوباننىڭ داۋاملىق ھايات يۈرۈشىدىن ئەندىشە قىلىپ قەستلىگەن ياكى چاررۇسىيەنىڭ بېسىمى بىلەن شوبانغا زىيانكەشلىك قىلغان بولۇشى مۇمكىن .
بۈگۈن ئۆزىمىزنىڭ دەردى بىر تالاي بولغاچقا، مەرھۇمنىڭ ئىش - ئىزلىرى بەكلا قىسقارتىلدى.

*** ئىزاھاتلار :

1774 - يىلى 21 - ئىيۇل بۇلغارىيەدە كىچىك قاينارجا كېلىشىمى ئىمزالىنىپ، قىرىم خانلىقى، ئۇكرائىنا ۋە رومىنىيەدىكى ئىككى كىنەزلىك قولدىن كەتكەن. ئوسمانلى دۆلىتى تارىختا تۇنجى قېتىم رۇسلارغا ئېغىر ئۇرۇش چىقىمى تۆلىگەن. تۆلەم جەمئىي 15 مىڭ خالتا ئالتۇن بولغان.« ئەسلى ئىككى دۆلەت ئارىسىدا 1768 - يىلغىچە قىسقا تېنچلىق بولغان بولۇپ، يېكاتېرىنا 1762 - يىلى كاۋكاز ، قىرىم ۋە ئۇكرائىناغا ئۇدا تاجاۋۇز قىلغاچقا، ئۇرۇش باشلانغان . بۇ پۇرسەتتە پرۇسسىيە، ئاۋسترىيە ۋە ئاچكۆز چاررۇسىيە بىرلىشىپ، پولشانى بۆلۈشۈۋېلىپ، ھەممىسى بىردەك رۇسلارنى قوللىغان. ئاخىرىدا تەختكە چىققىلى بىر يىل توشمىغان سۇلتان 1 - ئابدۇلھەمىد تەنھا قېلىپ ، بۇ چوڭ ئۇرۇشنى توختىتىپ، تەڭسىز سۈلھى تۈزۈشكە مەجبۇر بولغان ». نەتىجىدە ئوسمانىلارنىڭ ئوتتۇرا ياۋروپادىن چېكىنىشى بىلەنلا چاررۇسىيە ، پرۇسسىيە ۋە ئاۋسترىيەلەر
1787 - 1792 - يىللاردىكى چاررۇسىيە ۋە ئوسمانىيە ئارىسىدىكى ئۇرۇشلاردىن كېيىن ،
( بۇ ئۇرۇشلار رۇسلارنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلاشقان. جۈملىدىن سۇلتان ئابدۇلھەمىت1 1789 - يىلى ئاپرىلدا « ئاناپا » قەلئەسىنىڭ رۇسلار قولىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ، غەزەپتىن مېڭىسىگە قان چۈشۈپ قازا قىلغان)
1792 - 1795 - يىللاردا پولشانى ئۈزۈل - كېسىل پارچىلاپ، يەڭ ئىچىدە بۆلۈشۈۋالغان.

170 يىلدىن كېيىنكى پولشا ۋە پولشا خەلقى :

1940 - يىلى 17 - ئىيۇن ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە ئىتتىپاقداش ئارمىيە فرانسىيىدىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان.

1940 - يىلى 17 - ئىيۇن لاتۋىيە، ئىستونىيە ۋە لىتۋانىيە سىتالىننىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن. بۇ قارا نىيەت سىتالىننىڭ 1939 - يىلى گېتلىر بىلەن كېلىشكەندىن كېيىن پولشانى يۇتۇۋېلىپ، فىنلاندىيىدە تۇمشۇقىغا يېگەندىن كېيىنكى تۇنجى كېڭەيمىچىلىكى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

1944 - يىلى 22 - ئىيۇل پولشا مۇستەقىللىق ئېلان قىلىپ، جۇمھۇرىيەت قۇرغان. 1944 - يىلى 22 - ئىيۇل : پولشا ئاخىرى مۇستەقىل بولۇپ، جۇمھۇرىيەت جاكارلاندى. 1918 - يىلى  11 - نويابىر تۇنجى جۇمھۇرىيەت قۇرغان. بىراق سىتالىن 1939 - يىلى سېنتەبىردە گېتلىر بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ ، پولشانى تەڭ يۇتۇۋالغان .
« پولشا تۇنجى قېتىم 966 - يىلى بەگلىك
بولۇپ شەكىللەنگەن. ( بۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ خوجىسى بولۇپ ، شەرقىنى ئۇيغۇر ئىدىقۇتلۇقى ، غەربىنى قاراخانىلار سورايتتى . ھەر ئىككى تەرەپنىڭ قاغانى سۇتۇق بۇغراخاننىڭ كىچىك ئوغلى بۈيۈك سۇلايمان ئارسلانخان ئىدى ) . ئاندىن پولشا شاھلىقى 1025 - يىلى قۇرۇلۇپ، تاكى ئالتۇن ئوردا خانى باتۇخان 1241 - يىلى ئىشغال قىلغانغا قەدەر داۋام قىلغان. قايتا كۈچىيىش دەۋرى 1469 - 1769 - يىللار بولۇپ، مىلادى 1772 - 1815 - يىللىرىدا جاھانگىر، ئاچكۆز خوشنىلىرى بولغان رۇس،گېرمان،ئاۋستىرىيە ئارىسىدا ئولجا بولۇپ قالغان.1916 - يىلى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدا گېرمانىيىنىڭ ياردىمىدە قايتا تىرىلگەن. لېنىنمۇ گېرمانىيە بىلەن ئۇرۇش توختاتقاندا پولشانى سوۋغا قىلىش بەدىلىگە كېلىشىم تۈزگەن. ئەمما گېرمانلار 1918 - يىلى 11 - نويابىردا مەغلۇپ بولغان. پولشا دەرھال 1919 - 12 - نويابىردا تۇنجى دۆلىتىنى قۇرۇپ چىققان. ئەمما سىتالىن 1939 - يىلى سېنتەبىردە گېتلىر بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ قايتا يۇتۇۋالغان. ئاندىن گېرمانلار 1941 - يىلى ئىيۇلدا ئازات قىلغان.1944 - يىلى 23 - ئىيۇل مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت قۇرۇپ بەرگەن. ئەمما

سىتالىن 1945 -يىلى پولشانى يەنە يۇتۇۋالدى. بىراق يالتا روھى بويىچە، 21 - ئاپرىل ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇپ بەردى. 28 - ئىيۇن قايتا جۇمھۇرىيەت ئېلان قىلدى. ئامېرىكا 5 - ئىيۇل ئېتىراپ قىلدى. 16 - ئۆكتەبىر ب د ت غا كىردى. 1952 - يىلى يېڭى دەستۇر تۈزۈپ، خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. 1955 - يىلى 14 - ماي ناتوغا قارشى ۋارشاۋا تەشكىلاتى پولشا پايتەختى ۋارشاۋادا قۇرۇلغان. 1991 - 1 - ئىيۇل بىكار قىلىنغان.1999 - 12 مارت ناتوغا كىرگەن. 2004 - 1 ماي ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا
بولغان».

« 30 - ئۆكتەبىر » بولسا سابىق سوۋېتلەرگە قاراشلىق بارلىق جۇمھۇرىيەتلەردە « سىياسىي تەقىپلەر ۋە دۆلەت تېررورلۇقىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان مەسۇملارنى خاتىرىلەش كۈنى » بولۇپ ، ھازىرغىچە ئەمەل قىلىنىپ كەلمەكتە.

تولىمۇ ئەپسۇس ، بۇلار ھەسرەت بىلەن ئەسلەپ ، قايتا سادىر بولماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىۋاتقان « سىتالىنچە سىياسىي تەقىپ ۋە گېتلىرچە ئىرقىي قىرغىنچىلىق » بۇ دۇنيادىكى جەھەننەمگە ئايلانغان ئەزىز ۋەتىنىمىزدە ھەر جەھەتتە تېخىمۇ قورقۇنچلۇق ۋە ئومۇميۈزلۈك شەكىلدە خەلقىمىزنىڭ بېشىغا كەلمەكتە.

پايدىلىق خەلقئارا ۋەزىيەتنى چىڭ تۇتساق، بىز پولشادىنمۇ ئەۋزەللىككە ئىگە بولىمىز. پولشانىڭ ئۈچ ئاچكۆز خوشنىسى چاررۇسىيە، پىرۇسسىيە ۋە ئاۋستىرىيە ئىدى.ئەمما ئادولف گېتلىرنىڭ ئاچكۆزلىكى پۇرسەت بەردى. بەلكىم «شى» نىڭ ئاچكۆزلىكى بىزگە شۇ پۇرسەتنى قايتا بېرىشى مۇمكىن. ئاپەتنى ئامەتكە ئايلاندۇرايلى!

سايرام ئوغلانى                 ماھاچكالا

2019 - يىلى 30  - ئۆكتەبىر    چارشەنبە
ھىجىرىيە 1441 - يىلى مەۋلۇد ئېيى، 2 - كۈن.