2020/11/25 07:03

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


ئۇيغۇرلاردىكى ئەڭ چوڭ بوشلۇق - ئۆزىنىڭ كۈچىنى سەل چاغلاش ۋە داھىيسىز قېلىش

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2020/11/01 06:47

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى


ئۇيغۇرلاردىكى ئەڭ چوڭ مەنىۋىي بوشلۇق -
ئۆزىدىكى مەنىۋىي قۇدرەتنى ھېس مۇكەممەل قىلالماسلىق ۋە يېتەكچى داھىي بولماسلىق

ئۇيغۇرلار ئىپتىدائىي ۋاقىتتا ئوغۇزخاننىڭ خاس قوشۇنلىرى بولغان . كۈچەيگەندە لاياقىتىنى يوقاتقان ئوغۇزخان ئەۋلادلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ، تۇران قاغانلىقىنى قۇرۇپ چىققان.
3800 يىل ئىچىدە ئۈچ قېتىم « قاراخانلىق » قۇرۇپ چىققان. ( تۇنجىسى ئوغۇزخان زامانىدا،
2 - قېتىم مىلادىدىن بۇرۇنقى 13 - ئەسىردە، ئاخىرقى قېتىم مىلادى 840 - يىلى تۇراندا  ) .

تارىختا ئۇيغۇر خەلقىنى ماماتلىق پەيتلەردە ساقلاپ قالغان « بوسات تېكىن » ، « ئاي ئوجرۇ» ، « كۆل بىلگە قادىرخان » ، « بارچۇق ئارت تېكىن » ، « قوچقار تېكىن » ، « ئارسلان تېكىن » ، « ئەرەتنا » ، « ئاتا - بالا يالۋاچلار» كەبى داھىيلار يېقىنقى 400 يىللىق تارىخىمىزدا قايتا ئوتتۇرىغا چىقمىدى . بۇ 400 يىلدا ئۇيغۇر خەلقى ئەجداتلىرىدىن مىراس قالغان يۈكسەك مەدەنىيەت ۋە بۈيۈك قەھرىمانلىق داستانلىرىغا تايىنىپ تۇرۇپ « ئۆزىنى ساقلاپ كەلگەنىدى».

خوشنا ئەللەرنىڭ تارىخىغا نەزەر سالساق ، قىتان، جۇرجىت ۋە موڭغۇللارنى قاراڭغۇلۇقتىن قۇتۇلدۇرغان ، ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى خەۋپكە ئۇچرىغاندا ئۇلارغا ئۈمىد بەخش ئەتكەن ۋە يېڭى ھاياتلىققا ئېرىشىشىگە يول ئاچقان قابىل داھىيلىرى ( لىدېرلىرى) بولغان .

قىتانلاردىن يوللۇغ ئاپاگې ( ئاپوجى ) تارىختا قىتان دېگەن بىر قەۋمنى دۇنيا تارىخىغا قوشۇپ، 200 يىللىق سەلتەنەتكە ئۇل سالغان. ئەمما قىتانلارنىڭ مەدەنىيەت ئاساسى ئاجىز بولغاچ ، ئۇلار تېزلا جۇرجىتلارغا ۋە سېپىل ئىچىدىكى خىتايلارغا سىڭىشىپ كەتتى .

جۇرجىتلاردىن ئاگۇدا چىقتى . ئۇنىڭ غەيرىتى بىلەن تارىختا « ئالتۇن خانلىقى » دەپ ئاتالغان جۇرجىت دۆلىتى پەيدا بولدى . ھەتتا بۇ خانلىق 1616 - يىلى قۇرۇلغان « كېيىنكى ئالتۇن خانلىقى » نىڭ ئاساسى بولۇپ قالدى . مەزلۇم جۇرجىتلار قىتانلارنى يوقىتىپلا ، ئۆزىلىرى ئەڭ چوڭ زالىمغا ئايلىنىپ ، 1114 - يىلى ئاگۇدا تىكلىگەن سەلتەنەتنى 1214 - يىلدىن باشلاپ، ئۆزلىرى قاتتىق ئېزىپ كەلگەن موڭغۇللارنىڭ قاغانى چىڭگىزخانغا تارتقۇزۇپ قويۇشقا باشلىدى. جۇرجىتلار 1236 - يىلى ئۆگەدەيخان زامانىدا مۇنقەرز بولۇپ ، سېپىل ئىچىدىكىلىرى خىتايلارغا سىڭىپ كەتتى . مانجۇرىيەدە قالغان قالدۇقلىرى كېيىنچە موڭغۇللاردىن قۇتۇلۇپ، مىڭ سۇلالىسىنىڭ قوللىشىدا كېيىنكى مانجۇلار نامىدا تارىخ سەھنىسىگە قايتا چىقتى .

نۇرخاچ ئاساس سالغان مانجۇرلار 1644 - يىلى سەددىچىندىن كىرگەندىن كېيىنلا تېز سۈرئەتتە خىتايلاشتى . 1916 - يىلى خىتايدىكى بەش مىللەتنىڭ بىرى ھېساپلانغان مانجۇرلار 1949 - يىلدىن باشلاپ 1959 - يىلغىچە تولۇق يوق قىلىندى. ھازىر ئۇلارنىڭ خىتايلاردىن ھېچبىر پەرقى قالمىدى .

مۇڭغۇللارمۇ چىڭگىزخاندىن كېيىن ، ئۆزلىرى تىزگىنلەپ تۇرغان خىتايلار ، ئەرەبلەر ، تۈركلەر ۋە قىپچاقلارغا سىڭىشىپ كەتتى . بولۇپمۇ مەدەنىيەتتە ئۇلارغا ئۇستاز بولغان ئۇيغۇرلار موڭغۇللارنىڭ ئاساسلىق قەبىلىرىنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىپ ، 13 - 14 - ئەسىرلەردە بىر مەھەل ئۇيغۇر دەۋرى ياراتتى .

ئۇيغۇرلار ماماتلىق پەيتلەردە قالغاندا بىز يۇقىرىدا بايان قىلغان ئۇيغۇر سەركىلىرى دانا ۋە يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن كەسكىن تەدبىر ۋە چارە قوللىنىپ ، مىللىي مەۋجۇتلۇقىمىزنى قوغداپ كەلدى . ئۇلارنى بىرمۇ بىر سانىغىلى تۇرساق تېمىدىن يىراقلاپ كېتىمىز . ئۇنداقتا بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىمىزنى قۇتقۇزۇشتىكى ئەڭ ھالقىلىق ئامىل قايسى !؟ باشقا ئۈلگىلىك ۋە تۈرتكىلىك ئامىللارچۇ !؟؟؟

شەك - شۈبھىسىز ئۇيغۇر مىللىي روھىنىڭ ئاساسى بولغان « كۈچلۈك روھىي قۇدرەت» كە تايىنىش ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى قۇتقۇزۇش يولىدىكى ئەڭ چوڭ ھالقىلىق ئامىلدۇر . ئۇنىڭ كۆتىكى « يادرولۇق ئىشىنىش سېستىمىسى» ،
غولى « ئۈلگىلىك ئەپسانىۋى لىدېرى » ، شاخ - پۇتاقلىرى « ھاياتلىق دەستۇرى » ۋە يېشىل يوپۇرماقلىرى « ئۆرپ - ئادەتلەر » بولۇپ ، بۇلار بىرلەشسە بۇ دەرەخ *شىرىن مېۋە بېرىپ، قايتىدىن ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇيدۇ .

مەرھۇم ئىپارخان « جىگدە دەرىخى» نى مۇنداق سۈپەتلىگەن :« مېۋىسى ئالتۇندىن، يوپۇرماقلىرى كۈمۈشتىن ، غولى تۆمۈردىن ، ھىدى ئىپاردىن بولغان خىسلەتلىك دەرەخ».

دەرۋەقە ئۇيغۇرلار دەل شۇ جىگدە دەرىخىگە ئوخشايدۇ . ئۇنىڭ يىلتىزى ھەم چوڭقۇر ھەم ھەر تەرەپنى قاماللاپ تۇرغان ، غولى تۆمۈردەك قاتتىق ۋە سۇنماس ، يوپۇرماقلىرى كۈمۈشتەك  قىلىچ كەبى يالتىراپ تۇرسا ، چېچەك ھىدى ئىپاردەك ، چىۋىقلىرى ئوقتەك، شاخلىرى ئوقيادەك ، مېۋىسى بولسا ئالتۇن رەڭلىك ۋە شىرىن تەملىك بولۇپ كىشىنى جەلپ قىلىدۇ . ھەتتا ئۇنىڭ « زەخمىلەنگەن جايلىرىدىن چىققان ئاھۇ - زارى بولغان يېلىمى» مۇ دۇنيادا ئاز ئۇچرايدىغان چاچ ئاسراش ۋە قۇۋۋەتلەش رېتسىپى بولۇپ ، ئانىلىرىمىز مىڭلارچە يىللاپ شۇ يېلىمنى چاچلىرىغا چاپقان . شۇ سۇمبۇل چاچلار تارىختا تالاي ئارسلانلارنى قاتارغا قوشقان .

بۇ ھەقتە دوكتۇر مەمتىمىن ئەلا مۇنداق دەيدۇ:

ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى قۇتقۇزۇشىدىكى ھالقىلىق ئامىل بولغان كۈچلۈك روھى قۇدرەتكە تايىنىش ، تۆۋەندىكى ئامىللار بىلەن بىرلەشسە ئۈنۈمى تېخىمۇ زور بولىدۇ - ئۇيغۇرلارنىڭ  يادرولۇق ئىشىنىش سىستېمىسى .
 ئىشىنىش سىستېمىسى بىر كوللېكتىپنىڭ دۇنيانى قانداق كۆرۈشى ، چۈشىنىشى ۋە ئۆزگەرتىشىگە مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدىغان ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدىغان قاراشلارنىڭ بىرلەشمىسىدۇر.

 ئۇيغۇرلارنىڭ يادرولۇق ئىشىنىش سىستېمىسى ئارقىلىق ساقلىنىپ قېلىشىدا يەنە مۇنداق ئۈچ ئامىل مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ - ئۇيغۇرلارنىڭ ئەپسانىۋى لېدىرى ، ھاياتلىق دەستۇرى ۋە قائىدە-يوسۇن مۇراسىملىرى . مانا مۇشۇ ئامىللار ئۇيغۇرلارنىڭ زېھنىيتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ، قاراشلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش ۋە جامائەتلىشىشنى چىڭىتىشتا غايەت زور رول ئوينايدۇ . بولۇپمۇ مۇشۇ ئامىللار ئۇلارنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلىققا ۋە ئۆزگىچىلىككە ئىگە قىلىدۇ . ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ئىدراك قىلىشىنى ئوخشاش بىر يۈز ، ئوخشاش بىر ئوي ۋە ئوخشاش بىر سىمۋول بىلەن تەمىنلەيدۇ- ئۇيغۇر روھىيىتىنى ھەر ۋاقىت رېئاللاشتۇرۇپ تۇرىدۇ . شۇنىڭدەك ، بۇ ئامىللار ئۇلارنىڭ قەلبلىرىدىكى تۇيغۇلارنى ، ئىدراكنى ۋە ئوينى ماس قەدەملەشتۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ۋە ئۆزىنىڭ قۇدرىتىنى ھېس قىلىشى ، ئاڭقىرىشى ۋە ئەمەلىيىتىگە ئېلىپ كىرىشىگە تۈرتكە بولىدۇ .

 دۇنيا تارىخىغا نەزەر سالساق ، نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ تارىخىدا ئۇلارنى قاراڭغۇلۇقتىن قۇتۇلدۇرغان ، ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى خەۋپكە ئۇچرىغاندا ئۇلارغا ئۈمىد بەخش ئەتكەن ۋە يېڭى ھاياتلىققا ئېرىشىشىگە يول ئاچقان لېدىرلىرى بولغان . مەسىلەن :  كونا گىرىكلەرگە ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ، موڭغۇللارغا چىڭگىزخان ، كونا رۇسلارغا ئىسكەندەر ياروسلاۋ ، چاررۇسلارغا ئۇلۇغ پېتېر ، گېرمانلارغا بىسمارك ، فرانسۇزلارغا ناپالېئون ، ئىنگلىزلارغا چېرچىل ئەنە شۇنداق لېدىرلەردىن ئىدى . شۇنىڭغا كۆرە ، مۇشۇنداق لېدىرلارنىڭ ئىش - ئىزلىرى ۋە ئىدىيىلىرى تىللاردا داستان بولۇپ ، خەلق تەرىپىدىن ئۇلۇغلىنىدۇ ۋە ھەتتا ئىدېئاللاشتۇرۇلىدۇ. ئۇلارنىڭ نامى مەڭگۈلۈك قىلىنىدۇ . بۇ بىر سىمۋوللۇق جەرياندۇر. خەلق بۇنداق لېدىر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ مەنىسىنى قايتا - قايتا ئاكتىپلايدۇ ، كوللېكتىپلاشتۇرىدۇ .( تەۋەلىك تۇيغۇسىغا ئېرىشىدۇ ) ھەم ئۇ نامايان قىلغان قىممەتلەرنى ئىچكىيلەشتۈرىدۇ.  ئۆزىنى ئۇنىڭغا پەخىر ، ھۆرمەت ۋە ئۇلۇغلاش بىلەن باغلايدۇ. تەبىئىي شەكىلدە ئۇنىڭ ھاياتىنى ئۆزىنىڭ ھاياتىغا بىئىختىيار تەققاسلايدۇ.  بەزىدە ئاشۇ لېدىرلارنىڭ ۋۇجۇدىدا ئەكس ئەتكەن ئۈمىدۋارلىقنى ھاياتنىڭ خىرىسلىرىدىن ھالقىشتىكى ئەڭ ئىدېئال ئۆلچەم ۋە يول كۆرسەتكۈچ قىلىدۇ .
 كۆپ ھاللاردا لېدىر خەلقنى ئەمەس ، بەلكى خەلق لېدىرنى تاللايدۇ ، چۈنكى مەيلى قانچىلىك دەرىجىدە ئۇلۇغ بولۇپ كەتسۇن ، فۇنكسىيە نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، لېدىر خەلقنىڭ ئېھتىياجىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە خىزمەت قىلغۇچىدۇر .

مەمىتىمىن ئەلانىڭ
* ئۇيغۇرلار پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشتا*
 ناملىق كىتابتىن ئېلىندى .

تولىمۇ ئەپسۇس ، يېقىنقى ئۈچ ئەسىردە رۇسلار ئىچىدە بۈيۈك پېتىر ( 1672 - 1724 ) ئوتتۇرىغا چىقىپ ، رۇسلارنىڭ كېيىنكى 300 يىلدا دۇنيا زومىگىرى بولۇشىغا ئۇل سالدى . **

گېرمانلاردىن 18 - ئەسىردە فېرىدېرىك چىقىپ، بارلىق تارقاق گېرمان قەبىلىرىنى « پىرۇسسىيە» نامىدا ئۇيۇشتۇرغان بولسا ، 19 - ئەسىردە چىققان بىسمارك چىقىپ ، بارلىق ئۇششاق گېرمان تائىپىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ، ئىككىنچى ئىمپېرىيەنى قۇردى . ئاندىن گېتلىر ئۈچىنچى ئىمپېرىيەنى قۇردى . مانا بۈگۈن گېرمانلار ياۋروپانىڭ پاراۋۇزى ۋە سەركىسى .

رۇسلاردىن 18 - ئەسىردە بۈيۈك پېتىر چىقىپلا، كەلگۈسى 300 يىللىق رۇسلار سەلتەنىتىگە ئاساس سالغان بولسا ، فرانسۇزلار 19 - ئەسىردە بىر ناپولىئون چىقىرىپلا ، ياۋروپانىڭ زومىگىرىگە ئايلىنىپ قالدى . ئەنگلىيە بولسا بىر چېرچىل ئارقىلىقلا دۇنيادىكى يوقىلاي دېگەن تەسىرى ۋە كۈچىنى ساقلاپ قالدى .

ئەمما ئۇيغۇرلاردا 17 - ئەسىردە غالداننى باشلاپ كەلگەن ئافاق خوجا چىقتى . 18 - ئەسىردە كاڭشى ۋە چيەنلۇڭنى باشلاپ كەلگەن ئىمىن ۋە يۈسۈپ خوجا چىقتى . 19 - ئەسىردە ئافاق خوجا گۇناھىنى يۇيۇشقا ئۈلگۈرمىگەن ئەۋلادى جاھانگىر خوجىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ كاللىسىدىن مۇنار ياساپ جاللاتلىق قىلغان ۋەلىخان تۆرە چىقتى . 20 - ئەسىردە قان ئىچەر ئۈچ ھاجى چىقتى . ئاخىرىدا ئابباسوفتەك ۋەتەن خائىنلىرى چىقتى . ئۇلارغا قارشى ئادالەت ۋە ھەققانىيەت كۈچلىرى ھەر دائىم ئاجىز كەلدى . 300 يىللىق جاھالەتتىن ئويغىتىپ، يېڭى مۇستەملىكىدىن قۇتقۇزماقچى بولغان ئابدۇقادىر داموللامنى دۈشمەنلەر ئۆز ئىچىمىزدىن قاتىل ياللاپ ئۆزىمىزنىڭ قولى بىلەن يوق قىلىۋەتتى .

ئۇنداقتا يېقىنقى 300 يىلدا بىزدىن داھىي چىقمىغانمۇ !؟ چىققان بولسا قوغدىغانمۇ!؟

قانداق قىلىدىغان ئىشكىن !؟ ئالەم ئاپىرىدە بولغاندىن باشلاپ تاكى مىلادى 1619 - يىلغىچە ئەزىز خەلقىمىز ئىچىدىن سانسىزلىغان چوڭ ئاقساقاللار ، يولباشچىلار ۋە يېتەكچىلەر ئوتتۇرىغا چىققانىدى . ساددا بولسىمۇ ئىخلاسمەن خەلقىمىز ئۇلارنى ھىمايە قىلىپ قوللاپلا قالماي، ئىچكى - تاشقى دۈشمەنلەردىن قوغداش يولىدا ئىسسىق جانلىرىنى ئىككىلەنمەي پىدا قىلالىغاچقا ، ئاقساقاللارمۇ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن شۇ سۈيۈملۈك خەلقىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ، گۈللىنىشى ۋە ئىستىقبالى ئۈچۈن كېچە - كۈندۈز بارلىقىنى بېغىشلاپ يۈرۈپ ، خەلقىمىزنىڭ بۈگۈنگىچە داۋام قىلىشىغا سەۋەپچى بوپتىكەن . ئەمما كېيىنكى 100 يىللىق جاھالەت بىزنى ئۇنداق روھتىن تامامەن يىراقلاشتۇرغاچقا، ئۆز ئىچىمىزدىن چىققان مۆتىۋەرلەر ئەسەرلىرىدە پۈتۈنلەي خەلقىمىزنىڭ رېئاللىقىدىن قاتتىق قايغۇرۇپ ، كېلەچىكىدىن ئەندىشە قىلىپ ، كۆزى ئارقىدا قالغان ئىكەن . « بارنىڭ قەدرى يوق » دەپ ، ئۆزىمىزدىن چىققان يېتەكچىلەر چەتكە قېقىلىپ ، ئاققۇن ۋە شۇم نىيەت جاھالەت پىرلىرى ھەممىسى ھېچيەردە تۇرالماي، ۋەتىنىمىزنى ئۆزىنىڭ جەننىتى قىلىۋېلىش ئۈچۈن سەلدەك ئېقىپ كەلگەندىن كېيىن ، « پېشۋا خەختىن ، مۇرىت بىزدىن / پەتىۋا ياتتىن ، ئىجرا قىلىش بىزدىن / قان تۆكۈش بىزدىن ، ھۇزۇرىنى سۈرۈش يەنىلا شۇ ياتلاردىن ئاشمىدى ». نەتىجىدە 300 يىل ھەم ئىشغالچى دۈشمەنلەر ، ھەم ئەقىلنى ۋە تەپەككۇرنى بوغۇپ قويغان جاھالەت پىرلىرىگە قارشى ھەزرىتى مۇسادەك قۇتقۇزغۇچى داھىيلارنى ئاللاھ بىزگە چىقىرىپ بەردى. ئەمما ئۇلارغا دۈشمەنگە ئىتائەت قىلغانچىلىك ئىتائەت قىلمىدۇق. جاھالەت پىرلىرىگە جان پىدا قىلغاندەك سەمىمىي بولمىدۇق . ئۇلارنى ئىچكى - تاشقى دۈشمەنلەرنىڭ خەتىرىدىن قوغداش ئۇياقتا تۇرسۇن ، ئەكسىچە ئۇلارنى قەستلەپ ئۆلتۈرگەن قاتىللار بىلەن شېرىك بولدۇق . نەتىجىدە دۇنيادىكى ئەڭ پەس ۋە ئەڭ نىجىس باندىتلار تارىختا بارلىق تۈركىي خەلقلەرگە ئۇستاز ۋە خاقان بولغان كۈچلۈك مەدەنىيەتكە ئىگە خەلقىمىزنىڭ شىللىسىغا مىنىۋالدى . شۇ جەرياندا يەنە تالاي قەھرىمانلار ۋە سەركىلەر ئوتتۇرىغا چىقتى ۋە چىقماقتا . ئەمما تېخىچە جاھالەت ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇپ كېتەلمەيۋاتقان بىز ئۇلارنى « قارىلاپ ، سېسىتىپ ، ئابرۇيىنى تۆكۈپ ، پىتنە قىلىپ يۈرۈپ جىمىقتۇرغاچقا ، پۈتۈن زېھنى بىلەن دۈشمەنگە قارشى پىلان تۈزۈپ ، بىر ئىشنى ئاخىرىغا ئېلىپ چىقالايدىغان ئاقساقاللىرىمىز ئازىيىپ كەتتى » . ئىزىنى باسىدىغانلارمۇ ئۇلارنىڭ تەقدىرىدىن تېنى شۈركىنىپ ، ئاستاغىنا ئومۇمىي توپلۇمدىن ئۆزىنى تارتتى . ھازىرمۇ دۈشمەندىن كېلىدىغان دەشنامدىن ، ئۆزىمىزدىن كېلىدىغان بەتنام ۋە دىل ئازارى ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتمەكتە .
« بىزدىن نېمىشقا نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىدىغان ئادەم چىقمايدۇ ؟ دەپ سورىسا ، بىز چىققىلى قويمايمىز ! » دەپ جاۋاپ بەرگەنىكەن مەرھۇم زوردۇن سابىر ئەپەندى . ھازىرمۇ سوئالنىڭ جاۋابى ئوخشاش. قارىغاندا ، يۈز يىل چىرايلىق گەپ ئاڭلىمىغان ئاڭسىز ۋە نادانلارنى دۈشمەنگە ئوخشاش قاتتىق ۋاستىلەر بىلەن ئەدەپلەپ ، ئىبرەت قىلىپ تۇرمىساق ، بۇ قاتماللىقتىن ۋە كىرىزىستىن قۇتۇلغىلى بولمىغۇدەك . شۇنداق بىر ئاپپارات قۇرۇپ چىقايلىكى ، ھەر كىم ئويلاپ سۆزلەيدىغان ، بىراۋنىڭ ھەققىدە بەتنام ۋە تۆھمەت توقۇشنى خىيال قىلىشتىنمۇ قورقىدىغان بولسۇن ! ئەكسىچە ، مەۋھۇم دۇنيادىكى تور چىۋىنلىرى ، تور چوماقچىلىرى ۋە كاللىسى يۇيۇلغان ئاڭسىز نادانلار قالدۇق يېتەكچىلەر ۋە سەركىلەرنى گەپ بىلەن سېسىتىپ، تىلى بىلەن يوقىتىپ تاشلىغۇدەك . بىز خەلقى ئۈچۈن ، ۋەتەننىڭ ۋە ئەلنىڭ بەختى ئۈچۈن پۈتۈن زېھنىنى سەرپ قىلىۋاتقان ئاقساقاللارنىڭ زېھىنى چېچىۋەتسەك بولمايدۇ . ئۇلارنى يېنىدا  تۇرۇپ ياساۋۇل بولۇپ قوغدىيالمىساقمۇ ، ئالاقە ۋاستىلىرىدىكى بەتناملاردىن بولسىمۇ قوغدايلى ! چەتكە قاققۇدەك نە سانىمىز ، يەنە سۆرىلىپ يۈرگىدەك نە ۋاختىمىز ، سەۋر قىلىشقا ئەمدى چارىمىز قالمىدى . ۋەتەندىكى خەلقىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن مۇھاجىرەتتىكى ئاز ساندىكى پىتنىخور جاھىللارنى تازىلىۋېتىش تەخىرسىز مەجبۇرىيەت بولۇپ قالدى . ھەممەيلەن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەي! تاغ پۇتلاشمايدۇ ، تاش پۇتلىشىدۇ . ئاۋارىچىلىق كۆز ئالدىمىزدىلا تۇرۇپتۇ!

2019 - يىلى « خەلقىمىزنى نەس باسقان 17 - ئۆكتەبىر » پەيشەنبە كۈنىدىكى چاقىرىقلار

« ياتلار داھىيلىرىغا ئىتائەت قىلىپ ساداقەت كۆرسەتسە ، بىز داھىيلارغا گەدەنكەشلىك قىلىپ خىيانەت كۆرسەتتۇق ! ئاقىۋەت پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ پەس باندىتلارنىڭ قولىغا قېلىپ ، كۆرۈۋاتقان كۈنىمىز بۇ !» .

بىزدە داھىيلارغا قارىتا ئىتائەت قىلىش، ئۇلارنى قوغداش ۋە ساداقەت كۆرسىتىش روھى بولۇشى كېرەك ! ھېچبولمىسا ، ئاشۇ باندىت خىتايلارغا ئىتائەت قىلغانچىلىك بولسىمۇ ئۆز داھىيلىرىمىزغا ئىتائەت قىلىشىمىز كېرەك !

قوشۇمچە ئۈلگىلىك شەخس :

كونا رۇسلارنىڭ « بارچۇق ئارت تېكىن » ئى
ئىسكەندەر ۋە ئۇنىڭ ھازىرقى رۇسلارغا قالدۇرۇپ كەتكەن تارىخىي تۆھپىسى:

يېقىندا رۇسىيە ئەسلىدە كالىنىنگرادتا ياۋروپاغا قارىتىپ قويغان ئەڭ چوڭ قەبىھ كوزىر قورالى « ئىسكەندەر » ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى قازاقىستاندىن قويۇپ بېرىپ سىناق قىلغان. بومبا نىشانغا دەل تەگكەن. بۇ خەتەرلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا ئىسمى قويۇلغان ئىسكەندەر زادى كىم !؟ نېمىشقا رۇسلار بۇ ئىسىمنى ئەڭ كۈچلۈك قورالىغا قويىدۇ!؟؟

ئىسكەندەر بولسا، ئاددىي رۇس كىنەزى ياروسلاۋنىڭ ئوغلى بولۇپ، مىلادى 1220 - يىلى 13 - ماي موسكۋادىن 140 كىلومېتىر شىمالدىكى « ياروسلاۋ زالىسكىي » رايونىدا تۇغۇلغان . 1263 - يىلى 14 - نويابىر « نوۋگورد ئوبلاستى» دا ۋاپات بولغان . ئۇ پۈتۈن ئۆمرى بويىچە ئالتۇن ئوردا خانى باتۇخان ۋە بەركە خانغا سادىق بولغان . ئۇ خۇددى ئۇيغۇر ئىدىقۇتى بارچۇق ئارت تېكىنگە ئوخشاش ئۆزلىكىدىن سادىق بولۇپ ، رۇسلارنى ساقلاپ قالغان . ئۇنىڭ شۇ تۆھپىسى بىلەن رۇسلار بۈيۈك پېتىرنىڭ دەۋرىگە ئۇلاشقان بولسا ، پېتىرنىڭ تەدبىرى بىلەن بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ئىككىنچى ئاتامانىغا ئايلاندى .

ئۇنىڭ دادىسى ياروسلاۋ 1191 - يىلى ئوغلى ئىسكەندەر تۇغۇلغان جايدا ئاپىرىدە بولغان بولۇپ ، 1201 - يىلدىن 1206 - يىلغىچە شۇ جايلارنىڭ كىنەزى بولغان . 1236 - 1238 - يىللىرى بۈيۈك كىيېۋ كېنەزى بولغان . ئاندىن كېيىن باتۇخان كۆپ ياردەم قىلغاچقا ، شۇ يىلدىن باشلاپ 1246 - يىلغىچە بۈيۈك ۋىلادىمىر كېنەزى بولغان . ئۇ 1245 - يىلدىكى قاغان سايلىمىغا باتۇخان بىلەن بىللە بارغان بولۇپ ، 1246 - يىلى كۈيۈكخان ئۆگەدەيخان ئورنىغا قاغان بولغان نەخ مەيداننى كۆرگەن. ئەمما ئۇ شۇ يىلى 1246 - يىلى 30 - سېنتەبىر ئاغرىپ قېلىپ ، قاراقۇرۇمدا ۋاپات بولغان . شۇ ۋەجىدىن ئىسكەندەر ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرى ئاتا - بوۋىسىنىڭ قەبرىسى بار جايلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز تىزگىنىگە ئېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ ، ئاخىرى 1912 - يىلى ، 1924 - يىلى ۋە 1947 - يىلى موڭغۇلىيەنى
تولۇق تىزگىنىگە ئالغان .

ئىسكەندەرنىڭ زەپەرلىرى سوۇبوتاينى چۆچۈتكەن
 1240 - يىلى شېۋىتسىيە ئەھلى سەلپ قوشۇنى ئۈستىدىن غەلىبە قازانغان . 1242 - يىلى مۇزلۇق كۆل ئۈستىدە گېرمانلار باش بولغان ياۋروپا ئەھلى سەلپ ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئالتۇن ئوردا خانى باتۇخان بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئەڭ ئاخىرقى رۇس دۆلىتىنى ساقلاپ قالغان تارىخىي شەخس بولۇپ، ئۇ خۇددى چىڭگىزخان بىلەن ھەمكارلاشقان ئۇيغۇر ئىدىقۇتى بارچۇق ئارت تېكىنگە ئوخشاش موڭغۇللار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، كېيىنچە ئۇلار ئاجىزلاشقاندا رۇسلارنىڭ مۇستەقىل بولۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان .

ئەنە شۇ ئەقىللىق ئىسكەندەرنىڭ ۋاستىسىدە 1382 - يىلى ئورنىدىن تۇرۇۋالغان رۇسلار 1484 - يىلى پۈتۈنلەي ئالتۇن ئوردۇ خانلىقىدىن ئايرىلىپ چىقتى . 1501 - يىلى ئالتۇن ئوردۇ پارچىلانغاندىن كېيىن، رۇسلار 1547 - يىلى چار پادىشاھلىق قۇرۇپ، 1552 - يىلى قازان خانلىقىنى، 1557 - يىلى ئېتىل بويىدىكى ئاستراخان خانلىقىنى، 1639 - يىلى سىبىرىيە خانلىقىنى ، 1689 - يىلى تاشقى مانجۇرىيەنى ، 1733 - يىلى قازاق دالاسىنى يۇتۇۋېلىپ، 1747 - يىلى ئىمپىرىيەگە ئايلاندى . 1783 - يىلى قىرىمنى ، 1789 - يىلى قارا دېڭىز ساھىللىرىنى ، 1828 - يىلى ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمىنىيەنى،  1847 - يىلى كېنىسارى قوزغىلىڭىنى باستۇرۇپ، 1864 - يىلى كاۋكازنى، 1865 - يىلى قوقاننى بويسۇندۇرۇپ، 1867 - يىلى تۈركىستان ھەربىي ۋالىيلىقىنى قۇرۇپ، 1868 - يىلى بۇخارانى، 1869 - يىلى خارەزىم خانلىقىنى، 1871 - يىلى ئىلى سۇلتانلىقىنى يۇتۇۋېلىپ، 1881 - يىلى مانجۇرلار بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانى قايتا بۆلۈشۈپ، 1895 - يىلى پامىرنى يۇتۇۋالغان . شەرقتە ياپونىيە باش كۆتۈرۈپ، 1904 - 1905 - يىللىرى چاررۇسىيەنى قاتتىق مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، رۇسلار ياپونغا قارشى ئىزچىل خىتايلار بىلەن ھەمكارلىشىپ كەلدى. بۇ خىل ئىتتىپاقداشلىق يۈز يىلدىن بېرى ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلدى . پەقەت 1969 - يىلى سوۋېتلەرگە قارشى خىتاي - ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىقى مەيدانغا كەلدى. ھازىر خىتاي يۈز يىل بۇرۇنقى ياپونىيەنىڭ ئورنىنى ئالدى. رۇسلارمۇ 1969 - يىلدىكى خىيانەتنى ئۇنتۇپ قالغىنى يوق.
« ئىسكەندەر » نى كالىنىنگرادتا ياكى شىمالىي قۇتۇپتا سىناق قىلماي، قازاقىستاندا سىناق قىلغىنى بەلكىم 1969 - يىلى ئىككى مىڭ يادرو قورالىنى تىكلەپ قويۇپ، خىتاينىڭ ھەر بىر چوڭ شەھىرىنى نىشانغا ئالغان قورقۇنچلۇق ۋاقىتلاردىكىدەك ئەھمىيەتكە ئىگە بوماسلىقى مۇمكىن . ئەمما ھەر ھالدا ئادەتتىكى ئىش ئەمەس . چۈنكى رۇسىيە ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن قىلچە ۋاسىتە تاللىمايدىغان بىر دۆلەت . پۇلىنى ئېلىپ تۇرۇپ ئالدىدىلا يۈزسىزلىك قىلالايدۇ .   

يېقىندا رۇسىيەدە ئېلىپ بېرىلغان ئەلرايى سىنىقىدا 500 كۈچلۈك تارىخىي شەخس ئىچىدە ئىسكەندەر تەخمىنەن 50 مىليون ئاۋاز بىلەن ( يەنى رۇسلارنىڭ يېرىمى ) بىرىنچى دەرىجىلىك مىللىي قەھرىمان بولۇپ باھالانغان .

بۇلاردىن رۇسلارنىڭ تارىخىي بىلىمى ، بولۇپمۇ
تارىخىي شەخسلىرىنى قانچىلىك ئېسىدە تۇتۇپ ، ئەسلەپ تۇرىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقتىڭلارمۇ نادان ۋە ھۇرۇن قېرىنداشلار ...
قاچانغىچە خەخنىڭ پالۋانلىرىغا چوقۇنۇپ ، ئاكىسىراپ ئۆتۈپ كېتەي دەۋاتىسىلەر !؟؟؟

ئىزاھاتلار : *****

1 - بۈيۈك پېتىر :

1672 - يىلى 9 - ئىيۇن داڭلىق چارپادىشاھ بۈيۈك پېتىر تۇغۇلغان.« پېتىر قالاق چاررۇسىيىنى رەسمىي كۈچلۈك جاھانگىر دۆلەتكە ئايلاندۇرۇپ، ھەممە يەردە كېڭەيمىچىلىك قىلغان » . 1683 - يىلى يىراق شەرقتە مانجۇر كاڭشى بىلەن ئۇرۇش باشلىغان.
1685 - يىلى تۇرغۇتلاردىن مەجبۇرىي ئەسكەر يىغىپ، ئوسمان ئىمپىرىيىسى ۋە قىرىم قاغانىغا ئۇرۇش ئاچقان. بىراق 1689 - يىلى كاڭشى بىلەن ئۇرۇش توختىتىپ،رۇسىيىنى دېڭىزغا تۇتاشتۇرۇش ئۈچۈن قارا دېڭىزنى ئىگىلەپ ياتقان تۈرك - تاتارلار بىلەن ئۇزاق ئۇرۇشقان. بىراق 1711 - يىلى قىرىم قاغانىغا ئەسىرگە چۈشۈپ،غايەت زور سېلىق تۆلەپ قۇتۇلغان.
1711 - يىلدىن 1721 - يىلغىچە بۈيۈك شىمال ئۇرۇشىنى قوزغاپ، ئاخىرى بالتىق دېڭىزىغا چىقىش ئېغىزىغا ئېرىشكەن. ئۈچ يىل ئۆتۈپ ئۆلگەن. قارا دېڭىزغا چىقىش ئۇنىڭ ۋارىسى يېكاتىرىنا تەرىپىدىن 1771 - يىلى ئەمەلگە ئاشقان. ھازىرمۇ رۇسلار پېتىرنىڭ 12 سىياسى ۋەسىيىتىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن تىرىشماقتا».

2 - ناپولىئون :

1799 ـ يىلى 6 - مارت ناپولىئون پەلەستىندىكى يافانى ئىشغال قىلغان
1799 - يىلى 19 - مارت ناپولىئون باشچىلىقىدىكى فرانسىيە ئارمىيىسى شامدىكى ئەككا شەھىرىنى قورشىۋالغان.« 1789 - يىلدىكى ئىنقىلاپ غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، فرانسىيە ئەنگلىيىنىڭ ھىندىستاندىكى مەۋجۇتلۇقىغا قارشى مىسىرنى ئىشغال قىلىش مەقسىتىدە ناپولىئوننى ئەۋەتىپ، 1798 - يىلى يازدا ( ئىيۇل ) مىسىرنى ئوسمان ئىمپىرىيىسىدىن تارتىۋالغانىدى». سادىر پالۋان دەل مۇشۇ يىلى ( نويابىر) غۇلجىدا دۇنياغا كەلگەن.
1809 - يىلى 20 - مارت ناپولىئون ھابسبۇرگدا ئاۋستىرىيە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان. « 1769 - يىلى 15 - ئاۋغۇست تۇغۇلغان ناپولىئون 30 ياشقا كىرمەيلا يىراققا يۈرۈش قىلىپ، 1798 - يىلى مىسىرنى ئىشغال قىلغان. 1804 - يىلى ئۆزى ئىمپىراتور بولۇپ، ساق 10يىل ئۇرۇش قوزغاپ ياۋروپانىڭ ئورتاق دۈشمىنىگە ئايلانغان. ئۇ 1812 - يىلى 12 - ئىيۇن چاررۇسىيەگە قارشى موسكۋاغا قاراپ يىراققا يۈرۈش قىلغان . ئەمما 1813 - يىلى قىشتا قاتتىق مەغلۇپ بولۇپ ، چېكىنىۋاتقاندا يولبويى پرۇسسىيەنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ، 300 مىڭ ئەسكىرىدىن تولۇق ئايرىلىپ قالغان . ئاقىۋەت 1814 - يىلى تەختتىن چۈشۈرۈلگەن.بىراق ئۇ 1815 - يىلى 100كۈن پادىشاھ بولۇپلا يەنە ئاغدۇرۇلغان. رەقىپلىرى ئۇنى ئوتتۇرا دېڭىزدىكى يېگانە ئارالغا سۈرگۈن قىلغان. ئەمما يەنىلا خاتىرجەم بولالماي، ئۇنى زەھەرلىگەن. ئۇ 1821 - يىلى 5 - ماي ئۆلۈپ كەتكەن».
گېتلىر 1940-يىلى فرانسىيەنى بېسىۋىلىپ، «فرانسىيەنىڭ داڭلىق ھۆكۈمدارى ناپولىئون»نىڭ قەبرىسىگە بېرىپ مۇنداق دەپتىكەن:« سېنىڭ ئەركەك ئەۋلاتلىرىڭ ئاياللارنىڭ ئىچ كىيىملىرىنى لايىھىلەپ، پىچىپ ئۆلچەۋاتقاندا،مېنىڭ ئەركەكلىرىم زەمبىرەك ۋە تانكىلارنىڭ كالبېرلىرىنى لايىھىلەپ  ئۆلچەۋاتاتتى».
غەلىتە يېرى گېتلىرمۇ 1941 - يىلى 22 - ئىيۇن رۇسىيەگە قارشى موسكۋاغا قاراپ يۈرۈش قىلغان . ئەمما 1941 - يىلى موسكۋادا تارىختا كۆرۈلمىگەن سۇغۇق ھاۋارايى تۈپەيلى ، مەغلۇپ بولۇپ ، 1944 - يىلغىچە ئۈچ مىليون ئەسكىرىدىن ئايرىلىپ قالغان .

3 - بىسمارك :

1815 - يىلى 1 - ئاپرىل پرۇسسىيە گېنىرالى، گېرمانىيىنىڭ بىرلىككە كەلتۈرگۈچىسى مارشال فون بىسمارك تۇغۇلغان.« ئۇ 1871 - يىلىدىكى پرۇسسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشى » دا غەلىبە قىلىپ، ئالزاس ۋە لوررىننى گېرمانىيە زېمىنىغا قوشۇۋالغان. داۋدېتنىڭ « ئەڭ ئاخىرقى دەرس » دېگەن ئەسىرى دەل مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن يېزىلغان.
بىسمارك 1866 - 1890 - يىللارغىچە ئاتا - بالا ۋېلھېلىملارنىڭ باش ۋەزىرى بولۇپ، گېرمانىيىنى ئەينى ۋاقىتتىكى ياۋروپادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلاندۇرغان. گېرمانىيە بارلىق جاھانگىر دۆلەتلەر مۇراجىئەت قىلىدىغان دۆلەتكە ئايلانغان. 1890 - يىلى ياش ئىمپراتور ئۇنى ئىشتىن بوشىتىپ، قاراملىق بىلەن تېخىمۇ كۈچەيگەچكە، نەتىجىدە بارلىق خوشنىلىرنىڭ ئورتاق دۈشمىنىگە ئايلىنىپ، 1918 - يىلى دۇنيا ئۇرۇشىدا پارچىلىنىپ، ھالىدىن كەتكەن». باش ۋەزىر بىسمارك 1898 - يىلى 30 - ئىيۇل قازا قىلغان .

مىلادى 1018 - يىلى 24 - ئاۋغۇست بۈيۈك قاغان ئەھمەد توغانخان ( 998 - 1018 ) نىڭ
« قاراخان VS خىتاي » ئۇرۇشىدا قىتانلار خانى يوللۇغ لۇڭشۇنىڭ 200 مىڭ كىشىلىك سەرخىل قوشۇنىنى تارمار قىلىپ ، قىتان خانلىقىنى ئولپان تۆلەيدىغان بېقىندى( قارام )ئەلگە ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقىنىڭ مىڭ يىللىق خاتىرە كۈنىگە ئۈلگۈرتۈپ تەييارلاندى .

2018 - يىلى 24 - ئاۋغۇست   جۈمە

مەزكۇر تارىخىي ئەسەرنىڭ ئاساسلىق قىسمى، بولۇپمۇ رۇسلار ۋە گېرمانلارغا ئائىت قىسمى
ئاغام « كۆك ئەرۋاھ » قا تەۋە بولۇپ ، مەن ئۇنىڭ رۇخسىتى بىلەن بىر يىل ئاۋۋالقى بۇ يازمىنى ئازراق كېڭەيتىپ ، قايتا ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇم . ( خۇدا ئۇنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي)! چۈنكى بىز ئۇيغۇرلار ھازىر ھالقىلىق پەيتلەردە تۇرۇۋاتىمىز . ئەمدى بۇ سىياسىي ۋە مەنىۋىي بوشلۇقنى تولدۇرمىساق ، نەسلىمىز قۇرۇپلا قالماي ، بۇ دۇنيادا خۇددى قىتانلار ، مانجۇرلار كەبى ئۇنتۇلۇپ كەتكەننى ئاز دەپ ، ئۇ دۇنياغا بارغاندا « خۇدانىڭ بۇ دۇنيادىكى ئادالەت قامچىسى ۋە زالىملارنىڭ ئەزرائىلى بولغان ئۇيغۇر خەلقى » نى يوقاتقانلىق جىنايىتى بىلەن مەڭگۈ جەھەننەم ئازابىدا قېپقالىمىز !

سايرام ئوغلانى

2019 - يىلى 28 - ئۆكتەبىر  تەپەككۇرلۇق دۈشەنبە    كېچە سائەت 00 : 00 دە تامام

1441 - يىلى ماھى سەپەرنىڭ ئاخىرقى كۈنى .