2020/11/30 23:37

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تەلەيلىك لالما ئىت ۋە بىتەلەي ئەزىز ئۇيغۇر خەلقى

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2020/11/01 06:51

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى


« تەلەيلىك لالما ئىت ۋە بىتەلەي ئەزىز ئۇيغۇر خەلقى »  ھەققىدە ئاچچىق سېلىشتۇرما

مىسىردا ئاچارچىلىقتىن ئۆلۈپ قالاي دېگەن بىر ئىتنى شۇ يەردىكى ھايۋاناتلارنى قوغداش ئورنى قۇتقۇزۇپ قالغان. ئۇنىڭ خاراب ھالىنى توردىن كۆرگەن ئامېرىكىلىق بىر ھايۋان سۆيەر ئائىلە بۇ ئىتنى ئامېرىكىغا ئەكىلىپ ، ئۇنى ھەر خىل ئىلغار ئۈسكۈنىلەر بىلەن داۋالاپ ئەسلىگە كەلتۈرگەن . ئەمما بۇ ئىتنىڭ د ن ئا سىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى دوختۇرلارنى ھەيران قالدۇرغان . چۈنكى بۇ ئىت بۇندىن 15000( ئون بەش مىڭ يىل ) بۇرۇنقى ئىپتىدائىي ئىتنىڭ بىۋاستە ئەۋلادى بولۇپ چىققان . ( يەنى ئۇنىڭدا ھېچقانداق سۈنئىي ئۇسۇلدا چاڭلىشىپ ، سورتى يېڭىلانغانلىق ئالامىتى بايقالمىغان . ئەكسىچە بەش مىڭ يىللىق مەدەنىيىتى بار مىسىردىكى ئەڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىت نەسلى ئىكەنلىكى ئايان بولغان ).

ئەمدى سوئال :« كۈنلەر كېلىپ ، ئەڭ ئاخىرقى قالدۇق ئۇيغۇر خەلقى مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالغاندا ، زامانىۋى تەتقىقات ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئەڭ قەدىمقى ئەجدادى ، پارسلارنىڭ ، ھەتتا ياۋروپالىقنىڭ ئەجدادى چىقىپ قالسا ، ئۇلار قانداق قىلار !؟ » ياكى ۋىجدان ئازابى تارتقۇدەك قەلبى بار ئىنسانلار تۈگەپ كەتتىمۇ !؟؟؟

مېنىڭ بىلىشىمچە ، قازاقىستاندا بىر ئۇيغۇر بوۋاينىڭ د ن ئا تەكشۈرۈلۈش نەتىجىسىدە بۇندىن 20 مىڭ يىل بۇرۇنقى مۇ قۇرۇقلۇقىدىن كۆچۈپ بۈيۈك ئۇيغۇر ئىمپىرىيىسىنى قۇرغان خەلقنىڭ بىۋاستە ئەۋلادى ئىكەنلىك خەۋىرى تارقالغانىدى.

يۇقىرىقى تارىخىي ئۇچۇرلار جېمىس چېرچىۋارد ئەپەندىنىڭ قەدىمقى مۇ قۇرۇقلۇقى ھەققىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرى بىلەن بىردەك بولۇپ ، ئۇنىڭ قارىشىچە قەدىمقى ئۇيغۇرلار بۇندىن 17 مىڭ يىل بۇرۇن مەدەنىيەتنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە يەتكەن . مىسىر بۇندىن 15 مىڭ يىل بۇرۇن ئاندىن ئىپتىدائىي مەدەنىيەت دەۋرىگە كىرگەن . بۇ ئىتنىڭمۇ دەل 15 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكى ئادەمنى چوڭقۇر ئويلاندۇرسا ، بۇ ئىتقا شۇنچە پەيغەمبەلەرنىڭ بۆشۈكى بولغان مىسىردىن ئىگە چىقماي ، يىراق ئامېرىكىلىقنىڭ ئىگە چىققانلىقى كىشىنى بەكلا خىجىل قىلىدۇ . بىر ئىتقا يىراق ئەلنىڭ پۇخراسىنىڭ ئىگە چىقىشى بىلەن، شانلىق تارىخ يارىتىپ تۈركىي مىللەتلەرگە مەدەنىيەت ئۆگەتكەن ، مۇقەددەس مەركىزىي ئاسىيانى ئەزەلدىن بېرى گۆش ۋە قانلىرى بىلەن قوغداپ ، غەرپتىكى قېرىنداشلىرىنى خىتاي ئىستىلاسىدىن ساقلاپ كەلگەن ئالىيجاناپ ئۇيغۇر مىللىتىنى بارلىق مىللىي ۋە دىنىي قېرىنداشلىرى تاشلاپ قويۇپ ، بىزنى تېخى يېقىنغىچە تونۇمايدىغان يات ئەللەر ھېسداشلىق قىلىۋاتقانلىقنى سېلىشتۇرۇپ بېقىلسا ئادەمنى غەزەپكە سالىدىغان  يەكۈن چىقىدۇ . بۇ تەرىپى كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ ۋە قاتتىق غەزەپلەندۈرىدۇ .

تۈرك - ئىسلام دۇنياسىغا زادى نېمە بولدى !؟
بۇلار مىلادى 719 - يىلى تارىخقا يېزىلغۇدەك مۇنۇ پەرماننى بەرگەن ئادىل خەلىپە « ئۆمەر ئابدۇلئەزىز » نى ئوتتۇرىغا چىقىرالىغان ئىدىغۇ ......

« قارلىق تاغلارغا بۇغدايلارنى چېچىڭلار ! ئەگەر بىزنىڭ تەۋەلىكتىكى قۇشلار دان ئىزدەپ شەرقىي رىم تەۋەسىگە كىرسە ، رۇملار خەلقىگە * مانا كۆردۈڭلارمۇ !؟ مۇسۇلمانلار ئېلىدىكى قۇشلارمۇ دۆلىتىمىزگە كېلىپ ، جېنىنى باقىدۇ ..* دەپ تەتۈر تەشۋىقات قىلىپ ، خەلقىنى ھەق دىندىن سەسكەندۈرۈپ توسۇپ قويىدۇ . ( يەنى ھەر جەھەتتە خوشنا ئەللەرگە ناچار تەسىر بەرمەسلىك ۋە ئىسلامنىڭ شەنىگە داغ چۈشۈرۈش ۋە قارىلاشقا سەۋەپ بوپقالماسلىق ئۈچۈن شۇنچىلىك يىراقنى كۆرۈپ ئىنچىكە تەدبىر ئالغان ) .

تورۇس ۋە ھومۇس ۋالىيلىرىغا بۇيرۇق

ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز.   719 - يىل ئاخىرى ( قىش )

دەمەشىق

مەزكۇر خەلىپە ئۆمەر ئانا تەرەپتىن ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ « سۈت ساتقۇچى كېلىنى » دىن تۇغۇلغان لەيلا خانىمنىڭ ئوغلى بولۇپ ، لەيلا خانىم كېيىنچە ئۇمەييەلەر سۇلالىسىنىڭ خان جەمەتىدىكى ئابدۇلئەزىزگە ياتلىق بولغان . ئابدۇلئەزىز ئۇمەييەلەرنىڭ داڭلىق خەلىپىسى ئابدۇلمەلىكنىڭ ئەۋلادى بولۇپ ، پەۋقۇلئادە خەلقسۆيەر ۋە ئادالەتپەرۋەر كىشى ئىدى . شۇڭا سۇلايمان ئابدۇلمەلىك ( 715 - 718- يىللاردىكى خەلىپە)
( قۇتەيبەنى ۋە ھەججاج تەرەپدارلىرىنى يوقاتقان  ئادىل خەلىپە) ئۆلۈش ئالدىدا ، ھاكىمىيەتنى قېرىنداشلىرىغا ئەمەس ، بەلكى « ئىككىنچى ئادىل ئۆمەر فارۇق » دەپ ئاتالغان جىيەنى ئۆمەرگە ھاۋالە قىلغان . ئۆمەر 718 - يىلدىن 721 - يىلى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلگىچە بولغان ئىككى يېرىم يىل ئىچىدىلا ئىسپانىيەدىن تۈركىستانغىچە سوزۇلغان غايەت زور دۆلەت تەۋەسىدە زاكات قوبۇل قىلىدىغان ئادەم قويمىغان . دۆلەت خەزىنىسى توشۇپ كەتكەندە ، بارلىق تويلۇق ۋە باشقا چىقىملارنى خەزىنىدىن چىقىرىپ ، بارلىق بويىغا يەتكەن ئوغۇل - قىزلارنى ئۆيلەپ قويۇپ ، تارىختا ئىككىنچى قېتىم كۆرۈلۈپ باقمىغان ئۈلگە كۆرسىتىپ ۋاپات بولغانىدى .

ئەمما ئەرەب ئەللىرىدىن نېفىت بايقىلىپ ، قېزىلىۋاتقىلى يۈز يىل بولاي دېدى . خەلققۇ بىر يەردە تۇرسۇن ، يۇقىرىقىدەك لالما ئىتلارمۇ ئاچارچىلىقتىن ئۆلىدىغان ھالغا كېلىپ قالغان. ئەرەبلەر دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئاران 5% نى ئىگىلەيدۇ . ئەمما بۇلار سېتىۋالغان قوراللار دۇنيا قورال ياراق ئىمپورتىنىڭ 50 % نى ئىگىلەيدۇ . نەتىجىدە دۇنيادىكى ئۇرۇشلارنىڭ 70 % ئى ئوتتۇرا شەرقتە ، دۇنيادىكى مۇساپىرلارنىڭ 80 % ئىنى ئەرەبلەر ئىگىلەيدۇ . خەلىپە ئۆمەر ئىككى يىلدا ئەمەلگە ئاشۇرغان پاراۋانلىقنىڭ مىڭدىن بىرىنىمۇ  ئەرەبلەر يۈز يىلدىن بېرى ئەمەلىلەشتۈرەلمەي ، ئۆزلىرىنىڭ دۆلىتىنى ئۆزلىرى پۇل خەجلەپ خاراپ قىلىپ ، ئارقىدىن يەنە ئۆزلىرىنىڭ پۇلى بىلەن قايتا قۇرۇپ ، « بىر ئىستاكان سۇنى ئىككى قۇرۇق ئىستاكانغا ئالماشتۇرۇپ يۈرۈپ ئۆزىنى خۇش قىلىدىغان ساراڭلارغا ئايلىنىپ قالماقتا » . بۇ ساراڭلار پەيدا قىلغان خاتا ئىدىيەلەرنىڭ بەدىلىنى خەلقىمىز ئۆتەۋاتماقتا.

ئارىدىن ساق 1300 يىل ئۆتتى . مانا بۈگۈن بىر ئامېرىكىلىق كىچىككىنە بىر ياخشىلىقى بىلەن مىليونېر بوپكېتىدىغان بولدى بۇ 15 مىڭ يىللىق ئىتنىڭ شاراپىتىدە ......

بۇ ئىت ۋەقەسى ئادەمنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ . بۇ ئىتنىڭ ئەھۋالىنى خەلقىمىزنىڭ ئەھۋالىغا سېلىشتۇرۇپ باقساق ئادەمنى ئاچچىق يىغا تۇتىدۇ ...

نېمىشقا بىز ئادەم بولغاندىكىن مۇشۇ نۇقتىدىن بولسىمۇ ئۆزىمىزنىڭ « قىممەتلىك ئىنسانلار » ئىكەنلىكىنى دۇنياغا تەشۋىق قىلمايمىز !؟؟؟

سايرام ئوغلانى

2019 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر     قايغۇلۇق يەكشەنبە

1441 - يىلى ماھى سەپەرنىڭ 28 - كۈنى