2020/11/30 23:39

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


ھەبىب نۇرمۇھەممەدوف ۋە ئارتۇر پېتىربايېف ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2020/11/01 07:09

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى


ھەبىب نۇرمۇھەممەدوف ۋە ئارتۇر پېتىربايېف ھەققىدە تەپسىلىي بايانات :

مۇۋەپىقىيەتنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە چېكىنىش قەھرىمانلارچە روھتۇر ! 

ھەبىبىنىڭ پوزىتسىيىسى ھەر بىر ئۇيغۇر ياشقا ئۈلگە بولالايدۇ . چۈنكى بىزدىكى ئۈزۈلمەس بالا - قازالار دەل مۇشۇ روھنى يوقىتىپ قويۇشتىن كېلىپ چىقىۋاتىدۇ . ئۇتۇقلۇق ھەرىكەت قىلىشقۇ ياخشى ئىش . ئەمما نە ئۇتۇقلۇق ھەرىكىتى ، نە تەشەببۇسكارلىق بىلەن چېكىنىش قابىلىيىتى بولمىغان ئەپەندىلەرنىڭ قولىغا مىللەتنىڭ تەقدىرىنى تۇتقۇزۇپ قويۇش پەقەت يېڭى بالا - قازانى چىللاپ كېلىشتىن باشقىغا يارىمايدۇ .

شۇڭلاشقا ھەبىبنىڭ بۇ روھىدىن ئۆگىنەيلى.
بىزنىڭ ياشلارمۇ ئەڭ ئەھمىيەتلىك ئىشقا ئۆزىنى پۈتۈنلەي بېغىشلىشى زۆرۈر. ياشلىقى كەتسە ، كۆڭلىگە پۈككەن ئارزۇ - ئارمانلىرىنى قېرىغاندا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. ئۇ چاغدا ئەكسىچە باشقىلار يۆلەپ ماڭىدىغان ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدىغان ئىش چىقىدۇ.  زامان ئادەمنى شاللاپ تۇرىدۇ. ئۆزىنى سورىغان شەھەر سورار. شۇڭا ھەبىبمۇ ئۆزىنى سوراپ ئىززىتى بىلەن چېكىنمەكچى بوپتۇ. ئىززىتى بىلەن چېكىنمىگەنلەرنىڭ پەقەت ئۈچ خىللا تاللىشى بار ، يەنى ، « يا باشلا ، يا ئەگەش ، بولمىسا يوقال ! » . قىزىق يېرى ، ھازىر يا توغرا ئىشقا باشلىيالمايدىغان ، يا توغرا يولغا باشلىغانلارغا ئەگىشەلمەيدىغان ، يا يوقالمايدىغان يا يۈتۈپ كەتمەيدىغان داپشاقلىق مودا بولغان زاماندا ياشاۋاتىمىز .

1 . ئۇنداقتا ھەبىب چېكىنىش شەپىسىنى قاچان بەرگەن ؟

31 ياشلىق ھەبىب نۇرمەمەت بۇ يىل 24 - ئۆكتەبىر ئەرەب ۋاڭلىقىدا ئامېرىكىلىق رەقىبى جاستىن گايتچى بىلەن بىر مەيدان ئېلىشىدۇ.

ھەبىب مۇنداق دېدى : « مەن ھازىرغىچە مەغلۇپ بولمىغان بولساممۇ ئاز زەخمە يېمىدىم. ھەر ھالدا باشقىلاردىن ئاز زەخمە يېدىم. شۇڭا مەن ۋاختىدا تېزراق چېكىنىشنى ئارزۇ قىلىمەن. 40 ياشقا كىرگەندە پالەچ بولۇپ قالغۇم يوق ».  مانا بۇلار ئۆمرىدە يېڭىلىپ باقمىغان پالۋاننىڭ مەيدانى. تەكرار راسۋا بولۇپمۇ ، يەنە نەيرەڭۋازلىق قىلغىلى قانداق چىدايدىغان قېلىن يۈزكىن بىزدىكى ؟!

خەۋەر مەنبەسى : رۇسىيە دۆلەت تاراتقۇسى.

2020 - يىلى 9 - سېنتەبىر. چارشەنبە.

2 . ھەبىب ، مەسئۇت ئۆزەلدىن كېيىنلا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاۋاز چىقارغان يىگىت ئىدى :

ھەبىب مەزلۇم خەلقىمىزنى قوللاشتا يېڭى ئۇسلۇب ياراتتى

رۇسىيە فېدىراتسىيىسى داغىستان جۇمھۇرىيىتى پۇقراسى ، دۇنياۋى داڭلىق بوكس چىمپىيونى ھەبىب نۇر مۇھەممەدوف بۈگۈن ( 2019 - يىلى 19 - دېكابىر كەچ ) قۇتلۇق جۈمە كېچىسى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنياۋى مەشھۇر پۇتبول چولپىنى مەسئۇت ئۆزىلنىڭ 13 - دېكابىر خەلقىمىزگە يوللىغان سالىمى ۋە مەدىتىگە ھەمدەمدە بولۇپ ، كېيىنكى قېتىملىق جۈمە كۈنىگە ئۈلگۈرتۈپ خەلقىمىزگە سالام يوللاش بىلەن بىرگە ، مىليونلىغان رۇس تىللىق مەستانىلىرىگە ئۆلچەملىك رۇس تىلىدا ئالتە مىنۇتلۇق ھۆججەتلىك فىلىمنى سۇنۇپ ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى خەلقلىرىگە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن پاجىئەلىك قىسمىتىنى قىسقا ۋە توغرا ئاڭلاتقان .

ھەممىگە مەلۇمكى ، تاتارىستان ۋە شىمالىي كاۋكازدىكى مۇسۇلمان جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز بىزنىڭ مەسىلىمىزنى بۇ چاغقىچە خىتاينىڭ ئىچكى تۈزۈلمىسىدىكى مەسىلە ، خۇددى سوۋېت ئىتتىپاقىدا سىتالىن ئۆلگەندىن كېيىن ، تۈزۈم ئۆزگىرىپ خەلق ئەركىنلىككە چىققاندەك ئەھۋالى ياخشى بولۇپ كېتىدۇ دەيدىغان قاراش ئاساسلىق سالماقنى ئىگىلەيتتى. بولۇپمۇ كاۋكازىيە مۇسۇلمانلىرى رەزىل خىتايلارنىڭ جىنايەتلىرىنى پەقەتلا « دىنىي نۇقتىغا مەركەزلەشكەن  » دەپلا بىلەتتى . باشقا سىياسىي ، ئىقتىسادىي ، مىللىي مەدەنىيەت ۋە مىللىي مەۋجۇتلۇق جەھەتلەردىكى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايەتلىرىنى ئۇلار بىلمەيتتى .

رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا مەنپەئەت بىرلىكى بولغاچقا ، بىز داغىستان ئالىملىرىغا تەكلىپ بەرگەندە ھەبىبنىڭ پوزىتسىيىسىنىڭمۇ چاغلىق بولۇشى پەرەز قىلىنغانىدى . ئەمما ھەبىب بۈگۈن ئۆزگىچە بىر ئۇسلۇب بىلەن رۇس تىلىدا ئالتە مىنۇتلۇق رۇسچە خەتلىك ۋە پاكىتلىق كۆرۈنۈشلۈك ۋىدىئو تارقىتىپ، مەستانىلىرىنى ۋە رۇس تىللىق مۇسۇلمان خەلقلەرنى نۆۋەتتىكى پاجىئەلىك ئەھۋالىمىزنى توغرا ۋە پاكىتلىق تارىخىي ئاساسلىرى بىلەن قىسقىچە بىلىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان .

مەسئۇت ئۆزىل ئۆزىگە خاس بىر ئۇسلۇب ياراتقان بولسا ، ھەبىبمۇ ئۆزگىچە ئۇسلۇب يارىتىپ ، بۇندىن كېيىنكى خەلقئارا تەشۋىقاتنى قانداق ئېلىپ بېرىش ، « كىمگە ، نېمە دېسە ئەڭ تەسىر قىلىدىغىنىنى بىزگە بىلدۈرۈپ قويدى ».
بۇ ۋىدىئونى كۆرگەن مۇسۇلمان خەلق ۋە ھەبىب مەستانىلىرى ئانچە قىينالمايلا ، تارىختىكى چاررۇسىيەنىڭ 100 يىللىق كاۋكازنى ئىستىلا قىلىش ئۇرۇشى ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سىتالىنچە رەزىللىكلىرىنىڭ تېخىمۇ قورقۇنچلۇق ، تېخىمۇ تېز ، تېخىمۇ زامانىۋى ھالەتتە ئومۇميۈزلۈك ھالدا خەلقىمىزگە تەتبىقلىنىۋاتقانلىقىنى بىلىۋالالايدۇ .

ھازىر رۇس خەلقى سىبىرىيەدىكى ۋە يىراق شەرقتىكى يەرلىق خەلقتىن سانى ئېشىپ كەتكەن خىتاي ئاققۇنلىرىدىن زېرىكىۋاتقان بولۇپ ، بۇ ۋىدىئو ئۇلارنى تېخىمۇ سەگەكلەشتۈرسە ئەجەپ ئەمەس . ھەممىگە مەلۇمكى ، گەرچە رۇسىيە ھازىر خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئىستراتېگىيىلىك ھەمراھلاردىن بولسىمۇ ، ئەمما دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسىلىسىدە يەنىلا خىتاي رۇسلارنىڭ ئەڭ چوڭ رەقىبى دەپ قارىلىپ كەتمەكتە .

رۇسىيە تاراتقۇلىرى ، بولۇپمۇ دۆلەت تاراتقۇلىرى تاكى ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ۋەتىنىمىزدىكى ئېچىنىشلىق ئەھۋاللاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ يۈرگەنىدى . ئەمما بۇندىن ساق بىر يىل ئىلگىرى ، يەنى 2018 - يىلى 18 - دېكابىر رۇسىيە دۆلەت تېلىۋىزىيسى ( ر ت ) جازا لاگىرلىرى ھەققىدە روشەن ئابباس خانىمنى نەخ مەيدان زىيارىتىگە تەكلىپ قىلىپ ، رۇسلارنى ئەھۋالدىن خەۋەردار قىلغان .

شۇندىن كېيىن ، خىتاينىڭ ۋەتىنىمىزدىكى رەزىللىكلىرى ئازدۇر - كۆپتۇر رۇسىيە تاراتقۇلىرىدا تارقىتىلىشقا باشلىدى . بولۇپمۇ ئۆتكەن ھەپتە مەسئۇت ئۆزىل قوزغىغان داغدۇغا رۇسىيە دۆلەت تاراتقۇسى تەرىپىدىن ئىزچىل تارقىتىلدى .
غەرپكە نىسبەتەن مۇستەبىت ، ئەمما شەرق ئەللىرىگە نىسبەتەن خېلى دىموكراتىك بولغان ، بولۇپمۇ جامائەت پىكرىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان رۇسىيەدە تەشۋىقات ساھەسىدىكى بۇ ئۆزگىرىش بىزنى ئاز - تولا خۇشال قىلماقتا . قىسقىسى بىز ئۇيغۇرلار مەزكۇر ئاكادېمىك سەۋىيىدىكى ھۆججەتلىك فىلىمنى تەييارلىغان نامسىز قەھرىمانغا ۋە ئۇنى كۆپلىگەن كىشىلەرگە تارقىتىشقا ۋاستىچى بولغان ، ئالاقە ۋاستىلىرىدا ۋە باشقا جايلاردا بەش يۈز مىليوندەك ئەگەشكۈچىسى بولغان داڭلىق بوكس ماھىرى ھەبىب نۇر مۇھەممەدوفقا ۋەتەندىكى مەزلۇم خەلقىمىز نامىدىن رەھمەت ئېيتىمىز!

ئەركىنلىك مۇنبىرى سەھىپىسىگە :

https://www.facebook.com/1117218518/posts/10214517932878215?sfns=mo
قۇتلۇق جۈمە كېچىسى ھارپىسىدا ھەبىب يوللىغان بۇ ئالتە مىنۇتلۇق فىلىمدە نۇرغۇن تارىخ يورۇتۇلغان . ئۇيغۇرلارنىڭ ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى دەۋرىدە خىتاينى قارام ئەلگە ئايلاندۇرۇپ قويۇشىدىن، ھازىر مۇستەملىكىسىگە ئايلانغۇچە ، مەھمۇد كاشغەرىي زامانىسىدىكى پارلاق ۋە يۈكسەك مەدەمىيەتتىن ، بۈگۈنكى پاجىئەلىك قىسمەتكە دۇچار بولغىنىغىچە پاكىتلىق ۋە قىسقا چۈشەنچە بېرىلگەن . ئورخۇن ئۇيغۇر دەۋرىدىن تاكى 20 - ئەسىرگىچە 1300 يىل مۇستەملىكە ئەل بولغان يالاڭتۆش خىتايلارنىڭ يۈز يىل بۇرۇنقى « شەرقىي ئاسىيا كېسەل كۆرپىسى » ھالىدىن بۈگۈنكى ھالغا كەلگەنلىكىنى ، خەلقىمىزگە قاراتقان سىتالىنچە رەزىل جىنايىتىنى خېلى ئەتراپلىق يورۇتۇپ بېرىپتۇ . ئاساسلىقى دىنىي  ۋە ئىقتىسادىي نۇقتىدىن كۆپرەك چىقىش  قىلىنىپ بايان قىلىنىپتۇ ! ھەبىبنىڭ ئۇيغۇر پاجىئەسىنى ئالتە مىنۇتتىلا پۈتۈن رۇس تىللىق مەستانىلىرىگە قىسقا ۋە توغرا يەتكۈزۈپ قويغىنىغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز ! ئۇندىن باشقا 22 داغىستانلىق يىگىت ۋە باشقا ئۇنىڭغا ئۇچۇريوللىغان بارلىق قېرىنداشلارغا رەھمەت ئېيتىمىز !

ھەبىب بۈگۈن داغىستان ۋاختى كەچ سائەت 19:19 دا ئىنىستاگرام ھېسابىدا تارقاتقان ئەسلى ئۇلىنىش :

https://www.instagram.com/tv/B6ONMJOHv-r/?igshid=qsm1xdegr9wg

« تاما تاما  كۆل تولار ! » دېگەن گەپ بار . قېنى ئەمىسە تېخىمۇ غەيرەت قىلايلى !

2019 - يىلى 19 - دېكابىر  پەيشەنبە

« ئۇيغۇر تارىخى » سەھىپىسىدىن باھا :

« سىلەر ئىنسانلارغا  ئۇلار چۈشىنەلەيدىغان تىل بىلەن خىتاپ قىلىڭلار ! »  ھەزرىتى ئەلى

كاۋكازدىكى داغىستانلىق بوكس ماھىرى ھەبىب نۇرمۇھەممەدوف خەلقىمىزنىڭ قورقۇنچلۇق قىسمىتىنى تارىخىي ، سىياسىي ، دىنىي ۋە مىللىي نۇقتىدىن يورۇتۇپ بېرىپ يېڭىچە ئۇسلۇپ ياراتتى .

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى مۇسۇلمان خەلقلەر بۇ ئالتە مىنۇتلۇق ۋىدىئودىن تېزلا خەلقىمىزنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭقىرالايدۇ . چۈنكى ئۇلارمۇ 1930 - يىللىرى ، بولۇپمۇ 1942 - يىلدىن كېيىن بۇنداق ئىرقىي قىرغىنچلىققا كۆپ ئۇچراپ كەتكەن . شۇ باھانىدە رۇس تىللىق خەلقلەر بۇ فىلىمدىن ئەسلى ئۇيغۇرلارنىڭ نەقەدەر سەلتەنەتلىك ۋە مەدەنىيەتلىك بىر مىللەت بولغانلىقىنى ، خىتاينىڭ ئۆچمەنلىكىنىڭ تارىخىي ، دىنىي ، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تارىخىي ئارقا كۆرۈنىشىنى بىلىش ئىمكانىيىتىگە بولغان .

2019 - يىلى 20 - دېكابىر  قۇتلۇق جۈمە

3 . ھەبىبنىڭ ئانىسىغا بەرگەن ۋەدىسىنى مۇكەممەل ئورۇنلىشى :

2020 - يىلى 24 - ئۆكتەبىر ( يەنى كۈچلۈك قاراخانىلار قاغانلىقىنىڭ ھازىرقى ئۆزبېكىستاندا ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان پارس نەسىللىك سامانىلار خانلىقىنى يوقىتىپ ، ماۋارائۇننەھىرنى يېڭىدىن تۈركلەرنىڭ ئانا ۋەتىنىگە ئايلاندۇرغانلىقىنىڭ 1221 يىللىق قۇتلۇق خاتىرە كۈنىدە **) ئەرەب ۋاڭلىقىنىڭ پايتەختى ئەبۇزەبىدىكى «ئۇرۇش ئارىلى» دا ئەركىن مۇشتلاش مۇسابىقىسنىڭ بىر نەچچە مەيدان مۇسابىقىسى ئوينالدى.
بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ يارقىن نۇقتا دۇنيا ئەركىن مۇشتلاش چىمپىيونى ۋە  يېڭىلمەس چولپان «كىچىك بۈركۈت» ھەبىب نۇرمۇھەممەدوف بىلەن ئامېرىكىلىق ۋاقىتلىق چىمپىيون جاستىن گايتجى ئارىسىدا ئوينالدى.
يېنىك دەرىجىلىكلەر ئارىسىدىكى ئەڭ يۇقىرى شەرەپكە خىرىس قىلغۇچى ئىككى ماھىر بولسا كەسپىي ھاياتىدا 22 مەيدان رەسمىي مۇسابىقە ئويناپ 20 مەيدان يەڭگەن گايتجى ۋە 28 مەيدان مۇسابىقىدە پەقەتلا يېڭىلمىگەن ھەبىب نۇرمۇھەممەدوف ئىدى.

تاماشىبىنلارنى ئىنتىزار قىلغان مۇسابىقە باشلىنىپ ئىككىنچى مەيداننىڭ 1:34 مىنۇت يېرىگە كەلگەندە ھەبىب رەقىبىنى چىرماپ ، خورىتىپ ۋە ھوشىدىن كەتكۈزۈپ يەڭدى.
كەسپىي ھاياتىنى تولۇق غەلىبە بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان ھەبىب مۇسابىقىدىن كېيىنلا ئۆزىنىڭ بۇ كەسپتىن چېكىنگەنلىكىنى، ئانىسىغا بۇ مۇسابىقىنىڭ ئاخىرقى قېتىملىق مۇسابىقە بولىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەنلىكىنى ۋە بۇ ۋەدىسىدە تۇرىدىغانلىقىنى سۆزلىدى.

غەلىبىسىدىن شادلانغان مەستانىلىرى ھەبىبنىڭ بۇ قارارىدىن ھەيران قېلىشتى. كەسپى ھاياتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىققان، ئۇتۇق قازانغان بىر ماھىرنىڭ 32 يېشىدا پەلىيىنى تاشلىشى ئىشەنگۈسىز رېئاللىق ئىدى. لېكىن رىۋايەت ياراتقان بۇ چولپاننىڭ ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىشىنىڭ ئۆزىلا بىزنىڭ بۇ قارارغا ھۆرمەت قىلىشىمىزغا ۋە ئۈلگە ئېلىشىمىزغا يېتەرلىك .

ھەبىبنىڭ دادىسى ئابدۇلمەننان نۇرمۇھەممەد
( نۇرمۇھەممەدوف ) 2020 - يىلى 9 - مايدا خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بولۇپ ، 14 - ماي موسكۋاغا جىددىي يۆتكىلىپ ، شۇ يەردىكى بىردىنبىر خىتاي ۋىرۇسى بىمارلىرىنى داۋالايدىغان ئىلغار دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان . تولىمۇ ئەپسۇس ، ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتمەيلا،
3 - ئىيۇل جۈمە كۈنى نۇرمۇھەممەدوف ساقىيالماي ۋاپات بولغان . ئۇندىن كېيىن ھەبىبنىڭ ئانىسى ئوغلىدىن مۇسابىقە ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، دادىسىنىڭ ئىزىنى بېسىشنى تەلەپ قىلغان . ھەبىبمۇ ئاڭلىق ھالدا ئانىسىغا ۋەدە بېرىپ ، 2020 - يىلى 24 - ئۆكتەبىردىن كېيىن بوكس ھاياتىدىن چېكىنىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن . شۇنىڭ بىلەن بۇ يىل 24 - ئۆكتەبىردىكى مۇسابىقە ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى مۇسابىقىسى بولۇپ قالغان . توغرا نىيەتلىك ۋە سەمىمىي بۇ يىگىت ۋەدىسىنى ھەم غەلىبە ھەم ۋاپادارلىق بىلەن قوشۇپ ئورۇندىغان .

4 . يەنە بىر داغىستان يولۋىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇسابىقىنى بايقۇت قىلىشى :

ئارتۇر ئاسېلبېكوۋىچ بېتىربايېف كىم !؟

بېتىربايېف داغىستانلىق داڭلىق ياش بوكس ماھىرلىرىدىن بىرى بولۇپ ، نەچچە قېتىملىق چوڭ مۇسابىقىلەردە ئۇدا چىمپىيون بولغان .

ئۇ 1985 - يىلى 21 - يانۋار داغىستاننىڭ غەربىدىكى ھاساۋيۇرتتا ( پايتەخت ماخاچقەلئە بىلەن چېچىنىيە پايتەختى گىروزنى ئارىسىدا ، خۇددى قەشقەر ۋە خوتەن ئارىسىدىكى قاغىلىققا ئوخشاش ) تۇغۇلغان بولۇپ ،
2006 - يىلى ئىيۇلدا بۇلغارىيەنىڭ پىلوۋدىۋدا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا چىمپىيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولۇپ ئالتۇن مېدال ئالغان . 2010 - يىلى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا چىمپىيونلۇقى مۇسابىقىسىدىمۇ ئۇتۇپ چىقىپ چىمپىيون بولغان ۋە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن . 2007 - يىلى چىكاگودا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا چىمپىيونلۇقى مۇسابىقىسىدە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن . 2009 - يىلى مىلاندا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا چىمپىيونلۇقى مۇسابىقىسىدە يەنە ئالتۇن مېدال ئېلىپ چىمپىيون بولغان . ئۇ گەرچە ھەبىب نۇرمۇھەممەدوفقا ئوخشاش بەك تونۇلمىغان بولسىمۇ ، ئەمما ھەققانىيەتتە چىڭ تۇرۇش ، خەير - ساخاۋەت ۋە ئالىيجاناپلىقى بىلەن رۇس تىللىق مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ، بولۇپمۇ ۋەتىنى داغىستاندا يۈكسەك ھۆرمەتكە سازاۋەر بىرىدۇر .

ئۇ ئاۋار مىللىتىن بولۇپ ، ۋىزانتىيە تارىخچىلىرى ئاۋارلارنىڭ كاۋكازغا ۋە بالقانغا كۆچۈپ كېلىش سەۋەبى ھەققىدە مۇنداق خاتىرە قالدۇرغان :
« كۆكتۈركلەر باش كۆتۈرگەندە ئاسىيانىڭ شەرقى ، شىمالىي ۋە مەركىزىي قىسمىنى ئۇيغۇر ئاتلىق ئەسكەرلىرىنى ئاساس قىلغان ئاۋارلار سورايتتى . كۆكتۈركلەر ئاۋارلارنى مۇنقەرز قىلغاندا ، ئۇلار قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىپ ، 300 مىڭدىن كۆپرەكى قىرىلىپ كەتكەن . ئەمما قالغانلىرى يەنىلا كۆكتۈركلەرگە بويسۇنۇشنى خالىماي شەرقىي ياۋروپا ۋە شىمالىي كاۋكازغا سۈرۈلگەن . ئۇلار ئەسلىدە ئۇيغۇرلاردىن كېلىپ چىققان » . تارىخىي مەنبەلەردە ئۇلارنىڭ بايان ( ساپ ئۇيغۇرچە ئىسىم ) قاغاننىڭ يېتەكچىلىكىدە 555 - يىلى ئۇرالدىن ئۆتۈپ ، 558 - يىلى كاۋكاز ئارقىلىق
شەرقىي رىم بىلەن ئالاقە ئورناتقان . كېيىن كۆكتۈركلەر ھۇجۇم قىلغاندا ، بايان قاغان ئۇرال ۋە كاۋكازنى تاشلاپ ، ئۇكرائىنا ئارقىلىق دوناي دەرياسىدىن كېچىپ ، 564 - يىلى بالقانغا كىرگەن . 565 - يىلى ياۋروپا ئاۋار ئىمپىرىيىسى قۇرۇلغان . دەرۋەقە ئاشۇ ئاۋارلار توغرىسىدا ئېستەمى قاغان بىلەن ئىمپىراتور جۇستنىياننىڭ ئارىسى بۇزۇلۇپ ئېستەمى قاغانىڭ قوشۇنى 576 - يىلى قىرىمنى ئىشغال قىلىپ ، بالقانغا يۈرۈش قىلىش ھارپىسىدا ئېستەمى قاغان ۋاپات بولغان . نەتىجىدە يېڭى قولغا كەلگەن زېمىندا يەنىلا مۇقۇم شەھەرلەشكەن ئۇيغۇر قەۋمى باش بولۇپ ، ھازار قاغانلىقىنى قۇرۇپ چىققان . بايانخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، ئاۋارلار بەكلا كۈچىيىپ كەتكەن . شەرقىي رىم ئىمپىرىيىسى ئۇلارغا كۆپ قېتىم سۇيقەست ئىشلەتكەچكە ، ئاۋارلار شەرقىي رىمغا ھۇجۇم قىلغان . 614 - يىلى ساسانىلار ۋىزانتىيەنى شامدا مەغلۇپ قىلىپ ، 616 - يىلى پۈتۈن ئاناتولىيەنى تارتىۋېلىپ ، ئىستانبۇلغا قىستاپ كەلگەن . ئاۋارلارمۇ ھەمكارلىشىپ 616 - يىلى ئاۋغۇستتا ئىستانبۇلنى قاتمۇ - قات قورشاۋغا ئالغان . تولىمۇ ئەپسۇس ، دەل شۇ مىنۇتلاردا قۇرئاندىكى سۈرە رۇمنىڭ بېشىدىكى بەش مۆجىزىلىك ئايەت نازىل بولغان . ئاقىۋەت سىرلىق ئىلاھىي كۈچ مەككىدىكى يۈز نەچچە مۇسۇلماننىڭ ئىمان - ئىشەنچىسىنى قاتتىق كۈچەيتىش ئۈچۈن ئاۋارلار بىلەن پارسلارنىڭ قولىدا تاۋاقتىكى ئاشتەك تەييار بوپقالغان ئىستانبۇلنى ساقلاپ قالغان .( كېيىنچە بۇ شەرەپ ئوسمانىلارغا 1453 نېسىپ بولغان ).

ئاۋارلار گەرچە ئىستانبۇلغا كىرەلمىگەن بولسىمۇ ئەمما شەرقىي ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا ياۋروپانىڭ خوجىسىغا ئايلىنىپ ، تاكى 795 - يىلغىچە پۈتۈن ياۋروپانى دىر - دىر تىترىتىپ بارلىق خانلىقلارنى ئولپان تۆلەشكە مەجبۇرلىغان .

ئەمما ئۇلارمۇ ئاخىرىدا ئاجىزلىشىپ ، يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن فرانك ( پەرەڭ ) پادىشاھى چارلىمان تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ ، 805 - يىلى ياۋروپادىن چېكىنىپ چىقىپ كاۋكازىيەگە، بولۇپمۇ داغىستانغا كۆچۈپ كېلىپ يەرلەشكەن.
ھازىرمۇ ئاۋارلار داغىستاننىڭ ئەڭ ئاساسلىق يەرلىك ئاھالىسىدۇر . خۇلاسە قىلغاندا ئۇلارمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يىراق تۇققانلىرىدۇر . مەشھۇر ئىمام شامىلمۇ ئاۋارلاردىن كېلىپ چىققان بولۇپ، چېچېن خەلقىنىڭ پۈتۈنلەي ئىسلام دىنىغا كىرىپ ، كاۋكازلىقلارنىڭ چاررۇسىيەگە قارشى ئاخىرىغىچە باش ئەگمەي كۈرەش قىلىشىدا ھالقىلىق رول ئوينىغان .

بېتىربايېف 2019 - يىلنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا خەلقىمىزنى سۆيۈندۈرگىدەك ، تارىخقا ئالتۇن بىلەن يېزىلغۇدەك تارىخىي قاراردىن بىرنى چىقارغان . ئۇ بولسىمۇ 2020 - يىلى فېۋرالدا خىتايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان مۇسابىقىنى بايقۇت قىلىشىدۇر .

خۇلاسە قىلغاندا ، رۇسىيەنىڭ داغىستان جۇمھۇرىيىتىلىك ئاۋار مۇسۇلمان بوكسچى ئارتۇر بېتېربايېف، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى لاگېرلارغا قامىشى ۋە كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشى سەۋەبلىك خىتايدا بوكس مۇسابىقىگە چۈشۈشنى رەت قىلغان.

«بەدلېفت خۇك» ناملىق تەنتەربىيە تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر ئېغىر دەرىجىلىكلەر بوكس چىمپىيونى ئەسلى 2020  يىلى 1‏-فېۋرال كۈنى خىتاي بوكسچىسى مېڭ فەنلوڭ بىلەن مۇسابىقىغە چۈشۈشى ئويلاشقان ئىدى. لېكىن، ئاقىۋەتتە ئارتۇر بېتېربايېف خىتايدا مۇسابىقىغە چۈشۈشنى خالىمىغان. خەۋەردە ئامېرىكالىق بوكس مۇلاھىزىچىسى گەبى ئوپېنھېيىمنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلىشىچە، ئارتۇر بېتېربايېف ئۆزىنىڭ «خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىنداشلىرىغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى بىر مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىدە ئېغىر جىنايەت» دەپ ھېسابلىغان.

ئارتۇر بېتېربايېف گېرمانىيەلىك پۇتبول چولپىنى مەسئۇت ئۆزىل، يېڭى زېللاندىيەلىك زەيتۇن توپ چولپىنى سونىي بىل ۋىللىئامىسدىن كېيىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى ئەيىبلىگەن يەنە بىر ئاتاغلىق تەنتەربىيە چولپىنىدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى مەسئۇت ئۆزىل بىلەن سونىي ۋىللىئامىسنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سۆزلىرىگە قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ «ساختا خەۋەرلەر» نىڭ ئازدۇرۇشىغا ئۇچراپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئاۋار يىگىت بۇ ھەرىكىتىدىن قانچىلىك زىيان تارتتى !؟؟

بىز بۈگۈن قالماقىيەدىكى ۋەكىلىمىز ئارقىلىق داغىستاندىكى مەزكۇر شەھەرنىڭ مۇپتىسىنى تاپتۇرۇپ ، ئۇنىڭدىن بېتېربايېفنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرىنى ئىگىلىدىم . ئۇلارنىڭ يەتكۈزۈشىچە
بېتېربايېف بۇ كېتىم 70 مىليون رۇبلى پۇلدىن ۋاز كەچكەن . يەنى بۇ ھەققانىي پوزىتسىيىسى ئۇنى 1 مىليون 133 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى زىيان تارتقۇزغان . ئەمما مەن ۋە مۇھاجىرەتتىكى بارلىق خەلقىم شاھىدكى ، ماماتلىق پەيتلەردە قىلچە پايدا - مەنپەئەتى بىلەن ھېساپلاشماي، يەر شارىنىڭ ئىستىقبالى ۋە خەۋپسىزلىكى ئۈچۈن ، ئادالەت ۋە ھەققانىيەت ئۈچۈن غايەت زور بەدەل تۆلەۋاتقان ئەزىز خەلقىمىز بىلەن بىر سەپتە تۇرغانلار مەڭگۈ ھۆرمەت بىلەن ئەسلىنىپ تۇرىدۇ . ماماتلىق پەيتلەردە بىزنى دۈشمەنگە ساتقان ، قېنىمىزغا شېرىك بولغان ، سۈكۈتتە تۇرغان كاززاپ ئەلباشلار ۋە خائىن سىياسەتچىلەر ئەبەدىي لەنەت بىلەن تارىخنىڭ ئەڭ مەينەت بەتلىرىگە يېزىلىدۇ .

« ئەڭ چوڭ جىھاد زالىم پادىشاھ ئالدىدا ھەقىقەتنى قورقماي سۆزلەشتۇر » .
ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسالام

قىزىق يېرى ، ئۇيغۇرغا يەنە شۇ تومۇرىدا ئازدۇر - كۆپتۇر ئۇيغۇر قېنى ، ئارىئان قېنى ئېقىۋاتقان ئەزىمەتلەر ھېسداشلىق قىلىۋاتىدۇ . تومۇرىدا خىتايلار بىلەن ئوخشاش قان ئېقىۋاتقان تۈرك ۋە ئەرەب تونىغا ياكى مۇسۇلمانچە تونغا ئورۇنۇۋالغان تۈمەنلىگەن ئەلباش ، سىياسەتچى، دەۋەتچى ، ئۆلىمالار ۋە چولپانلاردىن مۇنۇ ئۈچ كىشى ئېشىپ كەتتى . ھەر ھالدا مۇشۇلار ۋاستىسىدە خىجىل بولۇپ بولسىمۇ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلار كۆپىيىۋاتىدۇ .

گېرمانىيەلىك پۇتبول چولپىنى مەسئۇت ئۆزىل،
يېڭى زېللاندىيەلىك زەيتۇن توپ چولپىنى سونىي بىل ۋىللىئامىس ۋە داغىستانلىق ئاۋار بوكس چىمپىيونى ئارتۇر ئاسىلبېكوۋىچ بېتىربايېف 2019 - يىلنىڭ شانلىق سەھىپىلىرىگە ، شۇنداقلا ئۇيغۇر تارىخىنىڭ ئەڭ قاراڭغۇ مەزگىلىنى يورۇتۇپ تۇرغان زۇلمەتلىك سەھىپىلىرىگە ھىلال ئايدەك پۈتۈلىدۇ .

« پاجىئەلەر ئاخىرلاشقاندا ئەسلەيدىغىنىمىز  دۈشمەننىڭ قىلمىشلىرى ئەمەس ، بەلكى دوستلىرىمىزنىڭ سۈكۈتىدۇر ! »

ئەلى ئىززەت بىگوۋېچ   ( بوشناق ).

ھۆرمەت بىلەن : ئۇيغۇر تارىخى سەھىپىسى.

2020 - يىلى 25 - ئۆكتەبىر. يەكشەنبە.