2020/12/01 01:06

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


قاراخانىلارنىڭ سامانىلارنى ئىستىلا قىلىپ ئۆزبېكىستاننى قولىغا ئالغانلىقى ھەققىدە

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2020/11/01 07:22

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى



قاراخانىلارنىڭ سامانىلارنى مۇنقەرز قىلىپ ، شەرقىي ۋە غەربىي تۈركىستاننىڭ مۇتلەق خاقانى بولغانلىقىنىڭ 1221 يىللىقى ھەققىدە :

قاراخانىلار ۋە سامانىلارنىڭ قىسقىچە تارىخى :

قاراخانىلار ئەسلىدە 744 - يىلى ئەتىيازدا ھازىرقى ئۆتۈكەندە قۇرۇلغان ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ قانۇنلۇق ۋارىسى بولۇپ ، ئۇنىڭ شۆھرىتى بۇرۇنقى كۆكتۈرك قاغانلىقى ( 552 - 582 ) ، كېيىنكى كۆكتۈرك خانلىقى ( 679 - 744) ۋە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى ( 744 - 840 ) دىن ئېشىپ كەتكەن . ئۇنىڭ ئۆمرىمۇ يۇقرىقى بارلىق خاقانلىقلارنىڭ ئۆمرىنىڭ يىغىندىسىدىن ئېشىپ كەتكەن . قاراخانىلار دەسلەپتە ئاددىي بىر خانلىق دەرىجىسىدە بولۇپ ، بىلگە قادىرخاننىڭ زور تىرىشچانلىقىدا ئوتتۇز يىل ئىچىدىلا 120 يىللىق قارلۇق خانلىقى ( 756 - 876) دىن ئېشىپ كېتىپ ، 878 - يىلدىن باشلاپ ، قارلۇقلارغا « يابغۇ » نامىنى بېرىپ ، قاراخانىلار خاقانلىقىغا ئايلانغان . « يابغۇ » نامىنى ئەسلىدە قارلۇقلارغا 823 - يىلى ئىلى - ئىسسىقكۆل ۋە تالاس ۋادىسىنى قايتا بويسۇندۇرغان ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى بەرگەن ئىدى . ئوغۇزلارمۇ 755 - يىلدىن تاكى 1055 - يىلغىچە ئۆزىنى « ئوغۇز يابغۇلىقى » دەپ ئاتىغان . پەقەت قاراخانىلارلا « قاغان » ئۇنۋانى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ ، بۇرۇنقى تۈرك ۋە ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ ۋارىسى بولغان . ھەتتا ئوغۇزلارمۇ 956 - يىلدىن 998 - يىلغىچە بىر مەزگىل قاراخانىلارغا بېقىنىپ ياشىغان .

بىلگە قادىرخان زامانىدا ، يەنى 874 - يىلى ھازىرقى ئۆزبېكىستاندا سامانىلار خانلىقى قۇرۇلۇپ ، ئابباسىيلار خەلىپىسى تەرىپىدىن
« ئەمىر » دەپ ئېتىراپ قىلىنغان . سامانىلار ئەسلىدە بەھرامگۇرنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئەسەد ساماننىڭ بالىلىرى بولۇپ ، خۇراساندىكى تۇنجى پارس ئىسلام خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى تاھىر يېقىن سەركەردىسى ئەسەدنىڭ تۆت ئوغلىنى، پەرغانە ، سەمەرقەند ، بۇخارا ۋە ھېراتنىڭ ۋالىيلىقىغا تەيىنلىگەن . كېيىنچە پەرغانىدىكى ئەھمەدنىڭ كۈچى زورىيىپ ، 824 - يىلدىن 865 - يىلى ئۆلگىچە خانلىق ئاساس تىكلىۋالغان . ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى ناسىر 874 - يىلى خەلىپىنىڭ قوللىشىدا خانلىق قۇرۇپ ، كۈمۈش پۇل بېسىپ چىقارغان . ئەمما ئۇنىڭ كېڭەيمىچىلىك ھەرىكىتى بىلگە قادىرخاننىڭ كەسكىن قارشىلىقىغا ئۇچرىغاچقا ، ئۇ قاراخان بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورناتقان . خەلىپە سامانىلارنىڭ قولى ئارقىلىق شەرقتىكى تاھىرىلار ۋە سافارىلارغا ئوخشاش خەتەرلىك قارام ئەللەرنى تىزگىنلەپ تۇرغان . 888 - يىلى بۇخارادىكى ئىنىسى ئىسمائىل ئاكىسى ناسىرنى مەغلۇپ قىلىپ ، سامانىلار شاھى بولۇۋالغان.

قاراخانىلار ۋە سامانىلار ئارىسىدىكى ئۇرۇش :

882 - يىلى بىلگە قادىرخان چوڭ ئوغلى بازىر ئارسلانخاننى بالاساغۇندا ، كىچىك ئوغلى ئوغۇلچاق بۇغراخاننى تالاستا ئىشقا قويغان.
892 - يىلى بىلگە قادىرخان ، ناسىر سامانى ۋە خەلىپە مۇئتەمەد قاتارلىقلار تەڭلا ۋاپات بولغان.

ئوغۇلچاق بۇغراخان ئۇرۇشتىن سەل ئىلگىرى سامانىلار بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزۈپ، يۈزسىز ئىسمائىلنىڭ ھەربىي غازاتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن . ئەمما ئىسمائىل تېخىمۇ جانلانغان.

893 - يىلى ئاپرىلدا سامانىلار شاھى ئىسمائىل زور قوشۇن بىلەن قاراخانىلارنىڭ 2 - پايتەختى تالاسقا قورشاپ ھۇجۇم قىلغان. قىرىق نەچچە كۈنگە سوزۇلغان مۇھاسىرىدىن كېيىن، نائىب خان ئوغۇلچاق بۇغراخان تالاستىن چېكىنىپ، پايتەختنى بالاسۇنغا يېقىن بولغان قەشقەرگە كۆچۈرگەن .

« تالاس ئۇرۇشى » ئىسمائىلنىڭ قاراخانىلار بىلەن قىلغان تۇنجى ۋە ئاخىرقى ئۇرۇشى بوپقالغان . چۈنكى كېيىنكى 14 يىل ئۆمرى خەلىپە ئۈچۈن ئىسيانچىلارنى باستۇرۇش، ئىران ۋە ئافغانىستاندا زېمىن ئىگىلەش ۋە ئىچكى توپىلاڭلارنى تىنجىتىش بىلەن ئۆتۈپ كەتكەن .

907 - يىلى ئىسمائىل ئەھمەد سامانى ئۆلۈپ ، ئوغلى ئەھمەد ئىسمائىل سامانى شاھى بولغان.
914 - يىلى بازىر ئارسلانخان ۋاپات بولغان . بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتقان يامان نىيەتلىك  قارلۇق يۇقىرى تەبىقە كىشىلىرى قانلىق قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ ، بالاساغۇندىكى قاراخانىلار خان جەمەتى ۋە دۆلەت ئەركانلىرىنى قىرغىن قىلىپ ، قارلۇق خانلىقىنى تىرىلدۈرگەن . پەقەت شاھزادە سۇتۇق تېكىن بىلەن ئانىسىنى بىر قىسىم سادىق سەركەردىلەر ساق ئېلىپ كېلىپ ، قەشقەردىكى ئوغۇلچاق بۇغراخانغا تاپشۇرۇپ بەرگەن .

غەزەپلەنگەن ئوغۇلچاق بۇغراخان جازا يۈرۈشى قىلىپ ، قارلۇقلارنى قايتا بېقىندۇرۇپ ، ئاستانە بالاساغۇننى قەھرىمان سانغۇنىغا تۇتقۇزۇپ ، چوڭ پايتەختنى قەشقەرگە كۆچۈرۈپ كەلگەن .

دەل شۇ يىلى سامانىلار خانى ئەھمەد ئىسمائىل بوغۇزلاپ تاشلىنىپ ، ئورنىغا گۆدەك ئوغلى يەتتە ياشلىق ناسىر بۇخارادا تەختكە چىققان . ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ قوللىشىدا ئۇنىڭ دانا ئاكىسى ئەبۇ نەسىر سامانى سەمەرقەنتتە خان دەپ ئېلان قىلىنغان . كىچىك ناسىر زور قوشۇن ئەۋەتىپ ، سەمەرقەندتىكى ئۆزىنى قوللىمىغان مانى دىنى ئۇيغۇرلىرىنى قىرغان . بۇ قانلىق قىرغىندىن چۆچىگەن مۇسۇلمان ئەمەس ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەر سامانىلار تەۋەسىدىن كۆچۈپ قەشقەردىكى بۇغراخانغا بېقىنغان. شۇنىڭ بىلەن بۇغراخان بىراقلا كۈچىيىپ كەتكەن . ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانىمۇ ناسىرغا ئالاھىدە مەكتۇپ يوللاپ « دۆلىتىمىزدىكى مۇسۇلمانلار سېنىڭ دۆلىتىڭدىكى مۇسۇلمانلاردىنمۇ كۆپ ، ناۋادا سەن ئەمدى بىر مانى ئۇيغۇرنى ئۆلتۈرسەڭ، مەن تەۋەيىمىزدىكى بارلىق مۇسۇلمانلارنى ئۆلتۈرۈپ ھېساپ ئالىمەن!» دەپ قاراخانىلار نامىدىن تەھدىت سالغان . بۇنىڭدىن چۆچىگەن سامانىلار شۇنىڭدىن كېيىن ، مۇسۇلمان ئەمەس تۈركىي خەلقلەرنى قىرغىن قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان .

920 - يىلى ئوغۇلچاق بۇغراخان سامانىلارنىڭ خان تاغىسى ئىسھاق بىلەن ،  شاھزادىسى ئىلياسنى قوللاپ ، سەمەرقەندتە ئىسيان چىقارغان . ئەمما ناسىر تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ ، بۇ قېتىمقى ئىسياننى ئوڭۇشلۇق تىنجىتىۋالغان.

922 - 932 - يىللىرى ئارىسىدا ھەقىقي تەخت ۋارىسى ئەبۇ نەسىر سامانى ( 888 - 952 ) پەرغانىدىكى يوشۇرۇن ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بۇغراخاننى پاناھ تارتىپ كەلگەن . ئوغۇلچاق بۇغراخان ئۇنى قىزغىن قارشى ئېلىپ ، ئۇنىڭغا
« ئىنىڭىز سىزگە جاپا قىلغان بولسا مەن ۋاپا قىلاي !» دېگەن ، ھەمدە ئۇنى ئاتۇشنىڭ ئەمەلدارى قىلىپ قويغان . سامانىلارنىڭ دانا شاھزادىسىنىڭ قاراخانىلار پايتەختىدە ئەمەل تۇتۇشى ئەزەلدىن ئوغۇلچاق بۇغراخاندىن قورقۇپ كېلىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان ئوتتۇرا ئاسىيا سودىگەرلىرىنى جەلپ قىلغان .
نەتىجىدە ئاتۇش شۇ ۋاقىتتىن باشلاپلا ئەڭ قايناق سودا بازىرىغا ئايلانغان . ( ھازىرقى ئاتۇش خەلقىدىمۇ شۇ خىل تالانت ساقلىنىپ قالغان).

مىلادى 932 - يىلى نويابىرنىڭ تۇنجى زۇلمەت ئاخشىمى قاراخانىلار خاقانلىقىنىڭ تارىخىي يۈزلىنىشىنى ئۆزگەرتكەن ۋەقە يۈز بېرىدۇ .
932 - يىلى 2 - نويابىر جۈمە چاشگاھ ۋاختى بىلەن ( ھىجىرىيە 320 - يىلى زۇلھەججە 1 ) قەشقەر شەھىرى تېنچ قولغا كېلىدۇ . كېيىنكى بىر ھەپتىدە قەشقەر ۋە ئاتۇشتىكى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار سۇتۇق تېكىنگە ياردەمگە كېلىدۇ .

شۇنىڭ بىلەن 932 - يىلى 12 - نويابىر دۈشەنبە كۈنى قەشقەر شەھىرىدە تارىختىكى تۇنجى قۇربان ھېيت نامىزى ئوقۇلۇپ ، قۇتلۇق جۈمە خۇتبىسىدە سۇتۇق بۇغراخان مەدھىيلىنىدۇ .

بۇ خەۋەر چاقماق تېزلىكىدە بالاساغۇنغا يېتىپ كېلىدۇ . قاراخانىلارنىڭ ئوغۇلچاق بۇغراخان ۋە مانى دىنىدا چىڭ تۇرغان قارا خاقان جەمەتى ئەزالىرى ۋە دۆلەت ئەركانلىرى جەم بولۇپ ، ياشتا ۋە ھۆرمەتتە چوڭ ،ئەلەمدە پىشقان بىرىنى « ئارسلانخان » دەپ ئاتاپ ، بىر پۈتۈن قاراخانىلار قاغانلىقىنى بۆلۈپ تاشلايدۇ . سۇتۇق تېكىن ئۆزىگە « بۇغراخان » نامىنى تاللاپ ، ئۇستازى ئەبۇ نەسىر سامانىنىڭ دانا پىكرى بويىچە ئالدى بىلەن ئۆزىنى كۈچەيتىش ۋە قەشقەر تەۋەسىنىڭ ئامانلىقىنى قوغداش ئۈچۈن ھەرىكەت باشلايدۇ . ئارىدا نەچچە قېتىم بالاساغۇنغا ئەلچى ئەۋەتىپ ئۇلارنى ئىسياندىن ۋاز كېچىش ۋە مۇسۇلمان بولۇشقا دەۋەت قىلغان . ئەمما ئۇلار دائىماكەسكىن رەت قىلغان.

941 - يىلى كۈچى تولۇپ تاشقان ، جەڭگىۋار مۇسۇلمان ئەسكەرلەردىن خىل قوشۇنى بار بولغان سۇتۇق بۇغراخان بالاسۇندىكى ئىسيانچى « ئارسلانخان »غا قارشى جازا يۈرۈشى قىلىپ ، 942 - يىلى 22 - ئاپرىلدا
بالاساغۇننى قايتۇرۇۋېلىپ ، قاراخانىلارنى قايتىدىن بىرلىككە كەلتۈرگەن . ئاندىن ئۇدا يۈرۈش قىلىپ ، 943 - يىلى 20 - ئاپرىلدا
( يەنى ئىسمائىل سامانى تالاسنى تارتىۋالغانغا دەل ئەللىك يىل بولغان كۈنى ) ئەللىك يىل ئىلگىرى سامانىلار دادىسى ۋە تاغىسىدىن تارتىۋالغان تالاسنى قايتۇرۇپ، پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىنى ھاڭ - تاڭ قالدۇرغان . چۈنكى ئۇلار تېخىچە قاراخانىلار توغرىلىق ھېچنىمە بىلمىگەن ئىدى . شۇڭا ئىسلام تارىخچىلىرىنىڭ قاراخانىلار تارىخىنى 942 - يىلدىن باشلىشى ئانچە ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس .

ئىسلام تارىخشۇناسلىرى :« توققۇز ئوغۇزلارنىڭ خاقانى ئەڭ كۈچلۈك بولۇپ ، زامانىمىزدا ( يەنى 943 - يىلىدا ) ھېچكىم بۇ خاقان بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ » دەپ سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ھەيۋىسىنى بايان قىلغان.

956 - يىلى فېۋرالدا ( قۇربان ھېيتتا) سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان زەھەرلىنىپ يېتىپ قالغان.
بۇ خەۋەر چاقماق تېزلىكىدە ئوتتۇرا ئاسىياغا پۇر كەتكەن . كىمنىڭ زەھەرلىگىنى ئېنىقلانمىغاچقا، خان جەمەتى ئەزالىرىدىن باشقا ئاز ساندىكى ئىشەنچىلىك كىشىلەرلا بۇغراخاننى يوقلاپ تۇرالىغان . خەۋەر قاتتىق كونترول قىلىنغاچقا ، بۇغراخاننىڭ كېيىنكى ئەھۋالدىن خەۋەرسىز ئىسلام تارىخچىلىرى يەڭگىللىك بىلەن شۇ يىلقى قۇربان ھېيت مەزگىلى بولغان ھىجىرىيە 344 - يىلىنى بۇغراخاننىڭ ۋاپات بولغان ۋاختى قىلىپ خاتىرىلەپ قويغان . ئەمما دىۋاندىكى پولاتتەك پاكىتلار ۋە بۇغراخان ۋاپات بولغان « ئاقمەت » خارابىسىنىڭ تېپىلىشى ، بۇ جاينىڭ سالقىن ھاۋالىق بولۇپ ، بۇغراخان زەھەرلەنگەندىن كېيىن بىر مەزگىل مۇشۇ سالقىن جايدا ئارام ئالغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ . شۇنداق بولغاندا سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان 28 - ئىيۇندىن 28 - ئىيۇلغىچە بولغان ئەڭ تىنجىق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ۋاپات بولغان بولىدۇ .

بۇغراخاننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن چوڭ ئوغلى مۇسا بۇغراخان ( 956 - 958) چوڭ قاغان ، ئۇكىسى سۇلايمان ئارسلانخان ( 958 - 970 ) نائىپ قاغان بولۇپ ، بالاساغۇندا ھۆكۈم سۈرگەن .

سۇلايمان ئارسلانخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن، جىيەنى « ئەلى ئارسلانخان ( مۇسا بۇغراخان ئوغلى 970 - 998 ) چوڭ قاغان بولۇپ قەشقەردە ، ئوغلى ھارۇن بۇغراخان نائىپ قاغان بولۇپ بالاساغۇندا ھۆكۈم سۈرگەن.

ھارۇن بۇغراخان ( 970 - 997 ) مىلادى 990 - يىلى ئىسپىجاپنى سامانىلار قولىدىن ئېلىپ ،
سامانىلارغا قارشى ھەل قىلغۇچ ئۇرۇشنى باشلاپ، مەركىزىي ئاسىيانى قاراخانىلارنىڭ سەلتەنىتى ئاستىغا ئالماقچى بولغان . ( مەزكۇر ئىسپىجاپنى نۇھ سامانى 840 - يىلى ئۇيغۇر قاغانلىقى غۇلىغاندا بېسىۋالغانىدى ). ئاقىۋەت 993 - يىلى سامانىلارنى مۇنقەرز قىلغان . ( بۇ دەل ئىسمائىل سامانى تالاسقا ھۇجۇم قىلىپ، قاراخانىلارغا جەڭ ئېلان قىلغىلى ساق 100 يىل بولغان چاغ ئىدى . تارىخىمىز مۆجىزە بىلەن توشقان . بۇنى سىتالىن ، چېرچىل ۋە باندىتلار بىزدىن ئوبدان بىلگەچكە كۈنىمىز بۇ ) .

ھارۇن بۇغراخان ئۈچ يىل سەمەرقەندنى ئىدارە قىلغان . ئەمما ئېغىر كېسەل بولۇپ، ساقىيىشقا كۆزى ئىلمەي ، قەشقەرگە قايتىۋاتقاندا يول ئۈستىدە 997 - يىلى ۋاپات بولغان . ئوغلى يۈسۈپ قادىرخان ( 997 - 1007 - يىلغىچە نائىپ قاغان ، 1015 - يىلغىچە مەشرىق پادىشاھى ، 1024 - يىلغىچە چىن ۋە كۈن چىقىش ئەللىرىنىڭ پادىشاھى ، 1026 - 1032 - يىلى قاراخانىلارنىڭ تارىختىكى ئەڭ يۈكسەك سەلتەنەتلىك ۋە ئىستىداتلىق بۈيۈك خاقان)
ئورنىغا ۋارىسلىق قىلغان . ئەمما سەمانىلار ھارۇن بۇغراخاننىڭ ۋاپاتىدىن پايدىلىنىپ سالجۇق ئوغۇللىرى ۋە خۇراساندىكى سۇبۇق تېكىننىڭ ياردىمىدە قايتا تىرىلىپ چىققان .

998 - يىلى ئەلى ئارسلانخان جىيەنى يۈسۈپ قادىرخان بىلەن ئىنىسى ئەلى تېكىننى قايتا تىرىلگەن سامانى خانلىقىنى بېقىندۇرۇشقا ئەۋەتكەن . قاراخانىلارنىڭ چوڭ قوشۇنىنىڭ كۆكئارتنىڭ ( پامىرنىڭ ) غەربىدىكى ئۇرۇشقا كەتكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان ئۇدۇن بۇددىست خانلىقى قاراخانىلاردىن يەنە يۈز ئۆرۈپ، ئىسيان كۆتۈرۈپلا قالماي ، مۇداپىئە قىلغۇدەك ئەسكەر قالمىغان قەشقەرگە قاراپ يۈرۈش قىلغان . ئەلى ئارسلانخان قىلچە ھودۇقماستىن ئازغىنە ئەسكەرلىرى بىلەن ھازىرقى ئوردام مازىرىغىچە كېلىپ ، ئۇدۇن قوشۇنلىرىنى توسقان . جەڭدە ئارسلانخانغا تەڭ كېلەلمىگەن ئۇدۇنلۇقلار نامەردلىك قىلىپ ، نامازغا تۇرغان ئەلى ئارسلانخانغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ ، كۆپىنچە ئەسكەرلەر بىلەن بىللە شېھىت قىلغان .

سامانىلارنىڭ ئاخىرقى كۈچىنى تارمار قىلىشقا كېتىۋاتقان يۈسۈپ قادىرخان بۇ دەھشەتلىك خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ، ئەلى ئارسلانخان ئورنىغا قاغان بولغان تاغىسى توغانخاندىن رۇخسەت سورىغان ۋە ھەربىي ياردەم تەلەپ قىلغان . ئەمما توغانخان قوشۇن ئاجرىتىپ بېرىشكە قوشۇلماي ، ئاۋۋال سامانىلارنى ئۈزۈل- كېسىل يوقىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن .

شۇنداقتىمۇ يۈسۈپ قادىرخان كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇسۇلمان پىدائىيلاردىن نەچچە تۈمەن ئەسكەر ئېلىپ ، قاپيۈرەكلىك بىلەن مۇنتىزىم قوشۇنى بار ، جەڭدە پىشقان ئەشەددىي دىنغا سادىق ئۇدۇن بۇددىستلىرىغا قارشى ئاتلانغان.

999 - يىلى 23 - ئۆكتەبىر ( ھ 389 - يىلى قۇربان ھېيت كۈنى ) ئەلى تېكىن ياڭراق تەكبىر ئاۋازى بىلەن بۇخاراغا زەپەر قۇچۇپ كىرگەن.
24 - ئۆكتەبىر ئالدىن يۈرەر تۇرشاۋۇل قىسىم ئامۇ داريا بويىنى تىزگىنلىگەن . شۇنىڭ بىلەن
120 يىل سەلتەنەت سۈرگەن سامانىلار خانلىقى قاراخانىلارنىڭ غەربىي ئىلىكخانلىقىغا ئايلانغان.

يۈسۈپ قادىرخانمۇ شۇ يىلى قۇربان ھېيتتىن سەل ئىلگىرى ئۇدۇنلۇقلارنى قەشقەردىن قوغلاپ چىقىرىپ ، 1000 - يىلدىن 1006 - يىلغىچە خوتەننى ئىسلاملاشتۇرۇپ بولغان.
ئاندىن 1007 - يىلدىن 1017 - يىلغىچە خان جەمەتى ئارىسىغا توختىماي سوغۇقچىلىق سېلىپ، قاراخانىلارنى پارچىلاشقا ھەرىكەت قىلغان مەھمۇد غەزنەۋىگە قارشى ئۇرۇش قوزغىغان . ئەمما مەھمۇد ھەر قېتىم سۈلھى تەلەپ قىلىپ ، 1025 - يىلى « ئەبەدىي ئىناق ئۆتۈش كېلىشىمى » تۈزۈشنى تەلەپ قىلغان.
شۇنىڭ بىلەن قاراخانىلار تارىخىدىكى ئەڭ سەلتەنەتلىك 130 يىللىق ئالتۇن دەۋر باشلانغان.

خۇلاسە قىلغاندا :

893 - يىلى ئاپرىلدا سامانىلار شاھى ئىسمائىل زور قوشۇن بىلەن قاراخانىلارنىڭ 2 - پايتەختى تالاسقا قورشاپ ھۇجۇم قىلغان. قىرىق نەچچە كۈنگە سوزۇلغان مۇھاسىرىدىن كېيىن، نائىب خان ئوغۇلچاق بۇغراخان تالاستىن چېكىنىپ، پايتەختنى بالاسۇنغا يېقىن بولغان قەشقەرگە كۆچۈرگەن.« 893 - يىلى سامانىلار ئىشغال قىلغان تالاسنى، ساتۇق بۇغراخان 50 يىلدىن كېيىن، يەنى 943 - يىلى قايتۇرۋالدى. يەنە 50 يىلدىن كېيىن، يەنى 993 - يىلى بۇغراخاننىڭ نەۋرىسى ھارۇن بۇغراخان سامانىلارنى مۇنقەرز قىلدى. 999 - يىلى يەنە بىر نەۋرىسى ئەلى تېكىن سامانىلارنى تۈپتىن يوق قىلىۋەتتى».

قەشقەردە سامانى ، ھەلەپتە فارابى :

916 - يىلى 22 - ئىيۇن ھامادانى دۆلىتىنىڭ ئەمىرى سەيفۇددەۋلە تۇغۇلغان. « مىلادى 966 - يىلى 10 - مارت ھەلەپنى مەركەز قىلغان ھەمەدانىلار خانلىقىنىڭ ئەمىرى سەيفۇددەۋلە ھەمەدانى ۋاپات بولغان.« ھەمەدانىلار 930- يىلى سەركىسى ناسىرۇدەۋلە باشچىلىقىدا موسۇلدا خانلىق ئاساسىنى تىكلىگەن.943- يىلى بۇۋەيھى شىئەلىرى باغدات ئابباسىي خەلىپىسىنى تىزگىنلىۋالغاچقا،916- يىلى تۇغۇلغان ئىنىسى سەيفۇددەۋلە 944- يىلى ھەلەپكە كۆچۈپ، ھەمەدانىلار خانلىقىنى ئالتۇن دەۋرگە ئېلىپ كىرگەن. دەل مۇشۇ چاغدا شەرقتە سۇتۇق بۇغراخان 942- يىلى بالاساغۇننى،943- يىلى بۇندىن 50يىل ئىلگىرى تاغىسى ئوغۇلچاق بۇغراخان / 892- 932/ نىڭ قولىدىن سامانى شاھى ئىسمائىل/ 874- 907/ تارتىۋالغان تالاس شەھىرىنى قايتۇرۋالغان. 943- يىلى بۇخارادا قوزغىلاڭ چىقىپ، سامانىي خانلىقى لىڭشىپ قالغان. 942- يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەن بۈيۈك ئالىم ئەبۇنەسىر فارابى / 870 - 950 / بىر تەرەپتە ئانا ۋەتىنى خاقانى سۇتۇق بۇغراخان، يەنە بىر تەرەپتە ئۆزىگە تۇنجى ئىلىم ئۆگەتكەن سامانىي خانلىقى ئارىسىدا قىيىن ئەھۋالدا قالغان. شۇڭا ئامالسىز ھەر ئىككى تەرەپتىن ۋاز كېچىپ ھەلەپكە قايتا بېرىپ، 945- يىلى ئەمدىلا بېلىنى رۇسلىغان ھەلەپ  ئەمىرى سەيفۇددەۋلەنىڭ ھۇزۇرىدا تەۋەررۈك ئەسەرلىرىنى يېزىپ چىققان. شۇنىڭ بىلەن شەرقتىكى قەشقەردە ئەبۇ نەسىر سامانى بىلەن سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان باشچىلىقىدا، غەرپتىكى شامدا ئەبۇ نەسىر فارابى بىلەن سەيفۇددەۋلە باشچىلىقىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر قېتىملىق مەدەنىيەت گۈللىنىش دەۋرى يارىتىلغان. فارابى 950 - يىلى، سامانى 952-  يىلى ، سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان 956- يىلى، ئەمىر سەيفۇددەۋلە 966-يىلى ئارقا ئارقىدىن ۋاپات بولغان. / باشقا بىر قاراشتا ئەمىر سەيفۇلدەۋلەت 967-يىلى 9- فېۋرال ۋاپات بولغان.

بۈگۈن 24 - ئۆكتەبىر قاراخانىلارنىڭ سامانىلار خانلىقىنى مۇنقەرز قىلىپ ، مەركىزىي ئاسىياغا خوجا بولغانلىقىنىڭ ، جۈملىدىن مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىكى ئەڭ سەلتەنەتلىك 130 يىلى باشلانغانلىقىنىڭ 1020 يىللىق خاتىرە كۈنىدۇر !  تولىمۇ ئەپسۇس ، مۇشۇنداق ئالتۇن بىلەن يېزىش كېرەك بولغان ، پۈتۈن ئۇيغۇر دۈشمەنلىرى ئۇنتۇپ قالمىغان، ئەمما بىز ئۇنتۇپ قالغان بۇ ھاياجانلىق تارىخنىڭ 1020 يىللىق قۇتلۇق خاتىرە كۈنىنى ئۆزۈم يالغۇز غېرىبانە كەپەمدە قۇتلۇقلاپ ئولتۇرۇپتىمە . ھەر ھالدا تور دۇنياسى ئارقىلىق بولسىمۇ ، ئۇنۇتقاق خەلقىمىزنىڭ ئېسىگە سېلىپ قوياي!

1999 - يىلى ئۆكتەبىردە باندىتلار كېلىپ چىقىشى تاجىك بولغان ئىسلام كەرىموف ( سوۋېت كومپارتىيە ئەزاسى ھارامدىن تاپقان بالا ) بىلەن بولغان يېپىق سۆھبەتتە بۇ ئىشنى تىلغا ئېلىپ ، ئۇيغۇرلارنى شېپى كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئۆزبېكلەرنى دوست تارتىش ئۈچۈن يۇقىرىقى تارىخنى ئەسلىتىپ بولۇپ ، ئۆزبېكىستاندا ھازىر قانچىلىك ئۇيغۇر بار دەپ سورىغاندا ، غەزەپلەنگەن ئىسلام كەرىموف :« ئۆزبېكىستاندا ئۇيغۇر دەپ مىللەت يوق ! » دەپ كېسىپ جاۋاپ بەرگەن .
بۇ كۈتۈلمىگەن جاۋاپ باندىتلار باش ۋەزىرى لى پىڭنى قاتتىق ھەيران قالدۇرغان . بەلكىم بۇمۇ باندىتلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى ۋە ئۆز ئانا ۋەتىنىدە 1999 - يىلدىن باشلاپ قاتتىق باستۇرۇشتا مەدەت بولغان بولۇشى مۇمكىن . چۈنكى ئۇيغۇرلار تېخىچە ئۆزىنىڭ ئايرىم بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ بولالمىغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنتۇلغان زەپىرىگە ساق مىڭ يىل توشقانىدى. يەنى مىلادى 999 - يىلى 24 - ئۆكتەبىر ھازىرقى ئۆزبېكىستاننى ئۆزىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرغان ئىدى . ئىسلام كەرىموف بۇنداق ئالاھىدە كۈندە ئۇيغۇر نامىنى ئاڭلاشقا قانداقمۇ سەۋر قىلالىسۇن ؟!

مەنبەلەر :

1 - تۈرك - ئىسلام ئېنىسكلوپىدىيىسى

2 - ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ئۇيغۇرلار

3 - تارىخىمىزدىكى سىرلار ۋە ئۇنتۇلغان ئۇلۇغلىرىمىز

4 - سامانىلار تارىخى ( خانلار شەجەرىسى) .

5 - قاراخانىلار ( خاقانى تۈرك توققۇز ئوغۇز).

6 - ماۋرائۇننەھىر تارىخى .

7 - دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك .

8 - ھاجى قۇتلۇق شەۋقىنىڭ نەسەپنامىسى.

9 - تارىختىكى تۈرك قاغانلىقلىرى .

10 - ئۇيغۇرلار

11 - « ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي تارىخى» .

سايرام ئوغلانى

2019 - يىلى 24 - ئۆكتەبىر    قۇتلۇق پەيشەنبە
ھىجرىيە 1441 - يىلى ماھى سەپەر25 - كۈنى .