2020/12/01 00:43

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


قاراخانىلارنىڭ سامانىلارنىڭ سالجۇقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2020/11/01 07:24

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى


قاراخانىلارنىڭ سامانىلارنى تەلتۆكۈس بويسۇندۇرۇشى :

« 23 - ئۆكتەبىر زەپىرىمىز، 24 - ئۆكتەبىر خىسلەتلىك خاتىرە كۈنىمىز قۇتلۇق بولسۇن »

999 - يىلى 23 - ئۆكتەبىر ( ھ 389 - يىلى قۇربان ھېيتقا ساق بىر ئاي قالغاندا ) ئىلىك ناسىرخان ۋە ئەلى تېكىن ياڭراق تەكبىر ئاۋازى بىلەن سامانىلار پايتەختى بۇخاراغا زەپەر قۇچۇپ كىرگەن.

24 - ئۆكتەبىر ئالدىن يۈرەر تۇرشاۋۇل قىسىم ئامۇ داريا بويىنى تىزگىنلەپ، قاراۋۇلخانىلارغا ئورۇنلىشىپ بولغان . شۇنىڭ بىلەن تارىختا
128 يىل سەلتەنەت سۈرگەن سامانىلار خانلىقى ( 870 - 999 ) بۈيۈك قاراخانىلارنىڭ غەربىي ئىلىكخانلىقىغا ئايلانغان.

1 . قەشقەرنى قايتۇرۇۋېلىپ ، خوتەننى بويسۇندۇرۇش :

يۈسۈپ قادىرخانمۇ شۇ يىلى قۇربان ھېيتقا ئۈلگۈرۈپ ئۇدۇنلۇقلارنى قەشقەردىن قوغلاپ چىقىرىپ ، ئارقىدىن ئۈچ قېتىم ئۇرۇش قوزغاپ، 1000 - يىلدىن 1006 - يىلغىچە ئۇدۇن ئۇيغۇر خانلىقى ( 750 - 1006 ) ، يەنى ھازىرقى خوتەن تەۋەسىنى تەلتۆكۈس ئىسلاملاشتۇرۇپ بولغان.

ئۇدۇن خانلىقى ئەسلىدە 998 - يىلى بارلىق قاراخانىلار قوشۇنلىرىنىڭ سامانىلارغا قارشى ئۇرۇشقا كېتىپ قالغانلىقىدىن پايدىلىنىپ ، بوش قالغان پايتەخت قەشقەرگە ھۇجۇم قىلغان . قاراخانىلارنىڭ چوڭ قاغانى سەئىد ئەلى ئارسلانخان ( مۇسا بۇغراخاننىڭ ئوغلى ) قالدۇق قوشۇنلارنى توپلاپ ، ھازىرقى « ئوردام پادىشاھىم مازىرى » دا خوتەن قوشۇنلىرىنى توسۇپ ئۇرۇش قىلغان . بىراق ئارسلانخان قاراخانىلار قوشۇنلىرى ناماز ئوقۇۋاتقاندا ، تۇيۇقسىز ھۇجۇمغا ئۇچراپ ، ئارسلانخان ۋە قوشۇنلىرى ئاساسەن شېھىت بولۇپ كەتكەن . خوتەن خانلىقى قەشقەرنى قولغا ئېلىپ ، قاراخانىلارنىڭ تارىم ۋادىسىدىكى سەلتەنىتىنى قىسقا مەزگىل يوقاتقان. بىراق 999 - يىلى كۈزدە يۈسۈپ قادىرخاننىڭ قايتۇرما ھۇجۇمىدا مەغلۇپ بولۇپ ، قەشقەردىن چېكىنگەن. يۈسۈپ قادىرخان پەيدىنپەي ئىلگىرىلەپ، يېڭىسار ، يەكەن ۋە قاغىلىقلارنى قايتىدىن قولىغا ئېلىپ ، 1000 - يىلى خوتەنگە يېتىپ كەلگەن . بىراق بۆكتۈرمىگە ئۇچراپ ، ئېغىر چىقىم تارتىپ چېكىنىپ كەتكەن. ئاخىرىدا ئۇدا ئۈچ قېتىملىق ھەربىي يۈرۈش ئارقىلىق مىڭ تەستە خوتەن خانلىقىنى ئىسلاملاشتۇرالىغان.

2 . قاراخانىلار ۋە غەزنەۋىلەرنىڭ خارەزىم ، خۇراسان ۋە ئىراننى تالىشىپ قىلغان ئۇرۇشلىرى :

خوتەن خانلىقى بىلەن قاراخانىلارنىڭ چارەك ئەسىرگە سوزۇلغان ئۇرۇشلىرىغا خاتىمە بەرگەن يۈسۈپ قادىرخان خوتەندىن قايتىپلا ،  1007 - يىلدىن 1017 - يىلغىچە خان جەمەتى ئارىسىغا توختىماي سوغۇقچىلىق سېلىپ، قاراخانىلارنى پارچىلاشقا ھەرىكەت قىلغان مەھمۇد غەزنەۋىگە قارشى ئۇرۇش قوزغىغان . ئەمما مەھمۇد غەزنەۋى ھەر قېتىم تەشەببۇسكارلىق بىلەن سۈلھى تەلەپ قىلىپ ، قاراخانىلار قوشۇن چېكىندۈرگەندىن كېيىنلا ، ۋەدىسىنى بۇزۇپ ، يەنىلا قاراخانىلار خان جەمەتى ئارىسىنى بۇزۇپ، ئۇلارنى پارچىلاش ھەرىكىتىنى توختاتمىغان . شۇڭلاشقا يۈسۈپ قادىرخان قايتىدىن ئامۇ دەرياسىدىن ئۆتۈپ مەھمۇد غەزنەۋى بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا مەجبۇر بولغان . شۇنداق قىلىپ ، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا 1007 - يىلدىن 1024 - يىلغىچە پات - پات ئۇرۇشلار بولۇپ تۇرغان . بۇ ئۇرۇشلارنىڭ كۆپىدە قاراخانىلار غەلىبە قىلالماي ، ئامۇ دەرياسىنىڭ شىمالىغا چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان . چۈنكى ئۇرۇشلار ئاساسەن مەھمۇد غەزنەۋىنىڭ تەۋەسىدە بولغاچقا ، ئۇنىڭ ئارقا سەپ تەمىناتى ياخشى ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قاراخانىلار خان جەمەتى ئىچىدىكى يوشۇرۇن پۇت تېپىشىش تېخى تۈگىمىگەن بولۇپ ، ئەلى تېكىن ۋە باشقا خانزادىلەر مەھمۇد غەزنەۋى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ ، ئۇرۇشتا قەستەن مالىمانچىلىق چىقىرىپ ، ئارقىدىنلا ئۆزلىرى جەڭگاھتىن قېچىپ ، قاراخانىلارنىڭ كۆپىنچە ئۇرۇشلاردا غەلىبە قىلالماسلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان .

3 . سەمەرقەند كېلىشىمى ۋە سالجۇقىلارنى تارقىتىۋېتىش :

يۈسۈپ قادىرخان ئىچكى ئامىلنىڭ تاشقى ئامىلدىن مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتىپ ، 1024 - يىلى بارچە مالىمانچىلىققا خاتىمە بېرىپ ، ئاندىن غەزنەۋىلەرگە قارشى قوشۇن تارتقان.
يۈسۈپ قادىرخاننىڭ بىردىنبىر ھۆكۈمرانغا ئايلانغىنىنى ھېس قىلغان ، غەربىي ئىلىكخان ئەلى تېكىننىڭ پاراكەندىچىلىكىدىن چارچاپ كەتكەن مەھمۇد غەزنەۋى بۇ قېتىم سەمىمىي ھالدا قايتىدىن سۈلھى تەلەپ قىلغان . ئۇ ھەتتا
1025 - يىلى يۈسۈپ قادىرخاندىن « ئەبەدىي ئىناق ئۆتۈش كېلىشىمى » تۈزۈشنى تەلەپ قىلغان. يۈسۈپ قادىرخان قوشۇلۇپ ، 1026 - يىلى ئاپرىلدا  ھەر ئىككى ھۆكۈمدار غەربىي ئىلىكخاننىڭ مەركىزى سەمەرقەند شەھىرىدە ئۇچراشقان. ئىككى تەرەپ ئارىسىدا تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈلگەن . مەزكۇر كېلىشىمدە خۇراسان ۋە غەربىي ئىلىكخانلىقنىڭ ئەمىنلىكى ئۈچۈن مەھمۇد غەزنەۋىنىڭ تەلىپى بويىچە سالجۇق ئوغۇللىرى توپلىغان كۈچلۈك ھەربىي كۈچنى تارقىتىۋېتىش قارار قىلىنغان .

كېلىشىمنىڭ روھى بويىچە مەھمۇد غەزنەۋى سالجۇقنىڭ ئوغلى ئىسرائىل ئارسلان يابغۇنى زىياپەتكە چىللىغان . سالجۇق 1007 - يىلى جۇند كەنتىدە ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، مەزكۇر چوڭ ئوغۇل ئىسرائىل ئارسلان « يابغۇ » مەرتىۋىسى بىلەن سالجۇقىلار ۋە ئۇلارغا قوشۇلغان ئوغۇزلارغا باشچىلىق قىلاتتى . مەھمۇد غەزنەۋى ئىسرائىل ۋە نەۋكەرلىرىنى زىياپەت ئۈستىدە تۇتقۇن قىلىپ ، ئۇنى ۋە ئائىلىسىنى يېڭىدىن ئىگىلىگەن كالانجىر قەلئەسىگە سولاپ ، ئۆمۈرلۈك نەزەربەند قىلغان. گەرچە ئۇنىڭ ئوغلى قۇتۇلمىش دادىسىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كۆپ ھەرىكەت قىلغان بولسىمۇ ، بىراق مەغلۇپ بولۇپ ، ئاران قېچىپ قۇتۇلغان . مەھمۇد غەزنەۋى ئۇلارنى بىر قوغلىغانچە تاكى قارا قۇم چۆللىرىگىچە سۈرۈۋەتكەن. مەھمۇد غەزنەۋى ئارقىدىنلا خۇراساندىكى سالجۇقىلارغا ھۇجۇم قىلىپ ، ئۇلارنى ھازىرقى ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستانلارغا قېچىشقا مەجبۇرلىغان .

4 . سالجۇقىلارنىڭ قاراخانىلارغا بېقىنىشى :

ئەينى چاغدا سالجۇقىلار غەربىي ئىلىكخان ئەلى تېكىن بىلەن كۆپ ئۇرۇشۇپ يامانلىشىپ قالغاچقا ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوغۇز يابغۇلىقى بىلەن ئاداۋىتى بولغاچقا ، بىردىنلا مەھمۇد غەزنەۋى ، ئەلى تېكىن ۋە ئوغۇز يابغۇسىدىن ئىبارەت ئۈچ ئەشەددىي دۈشمەن ئارىسىدا يېتىم پاخلاندەك قورشاۋدا قالغان . زادىلا چىقىش يولى قالمىغان ۋە پاناھ جاي تاپالمىغان سالجۇقىلار ئاخىرى قاراخانىلارنىڭ يۈكسەك سۈر - ھەيۋىلىك قاغانى يۈسۈپ قادىرخاندىن پاناھلىق تىلىگەن . چۈنكى مەيلى ئوغۇز يابغۇسى بىلەن ئەلى تېكىن بولسۇن ، ياكى غەزنەۋىلەر بولسۇن ، ھەممىسى پەقەتلا مۇشۇ  يۈسۈپ قادىرخاندىن ھېيىقاتتى ۋە تەپتارتاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قادىرخان نامى چىققان دانا ۋە ئىستىداتلىق ھۆكۈمران ئىدى . مەرتلىك ۋە كەڭ قورساقلىقنى ، قەھرىمانلىق ۋە سەمىمىيلىكنى ئەلا بىلەتتى. ئۇلارنىڭ تەلىيىگە قاراخان قوبۇل قىلىپ ، ئۇلارنى قەشقەرگە سالامەت يولغا سېلىپ قويۇش ھەققىدە ئىنىسى ئەلى تېكىنگە پەرمان چۈشۈرگەن . ئىسرائىل يابغۇ تۇتقۇنغا ئايلانغاندا سالجۇق ئوغۇللىرىغا ئۇنىڭ ئىنىسى مىكائىل سەردار بولغانىدى . بىراق ئۇمۇ غەزنەۋىلەر بىلەن ئۇرۇشلاردا جېنىدىن ئايرىلىپ ، سالجۇق ئوغۇللىرىغا ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى چاغرىبەگ داۋۇت بىلەن توغرۇلبەگ مۇھەممەد سەردار بولغان . ئۇلار قەۋمىنى باشلاپ ، 1026 - يىلى كەچكۈزدە قەشقەرگە يېتىپ كەلگەن . يۈسۈپ قادىرخان ئۇلارنى قەشقەردىكى ھاۋاسى ۋە ئوت - چۆپلىرى مول جايلارغا ئورۇنلاشتۇرغان .

5 . يۈسۈپ قادىرخاننىڭ سالجۇق ئوغۇللىرىنى قويۇپ بېرىشى :

ئۇلار تاكى 1028 - يىلغىچە يۈسۈپ قادىرخانغا سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلغان . شۇنداقتىمۇ تاغىسىنىڭ قىسمىتىنى ئۇنتۇپ قالماي ، ھەر ۋاقىت ھوشيارلىقنى ساقلىغان . ھەتتا ئۇلارنىڭ سەزگۈرلىكى شۇ قەدەر ئېشىپ كەتكەنكى ، يۈسۈپ قادىرخان ئۇلارنى ئوردىغا چاقىرتسا ، چوقۇم بىرسى بىرەر باھانە تېپىپ ، يەنە بىرسىلا سالامغا كېلەتتى. ئۇ قىلىقلار يۈسۈپ قادىرخاننى رەنجىتىپ قويغان . شۇنىڭ بىلەن بىر قېتىم قادىرخان ئۇلارنى تەڭلا چاقىرتقان. بۇ قېتىممۇ ئۇلار مەسلىھەتلىشىپ ، چاغرىبەگ قېچىشقا تەييار تۇرىدىغان ، توغرۇلبەگ ئوردىغا سالامغا بارىدىغان بولۇپ كېلىشىدۇ . ئۇلارنىڭ يەنە نەيرەڭ ئىشلەتكەنلىكىنى كۆرگەن يۈسۈپ قادىرخان غەزەپلىنىپ ، توغرۇلبەگنى تۇتقۇن قىلغان . بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان چاغرىبەگ داۋۇت دەرھال ئۆزىنىڭ ھامىلىدار خوتۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق تەۋەلىكىنى باشلاپ ، قەشقەردىن قاچقان . ئۇنىڭ تەلىيىگە يول ئۈستىدە شىكار قىلىۋاتقان خانزادىلەردىن بىر نەچچىسى ئۇچراپ قالغان . چاغرىبەگ ئۇلارنى تۇتۇۋېلىپ ، چېگراغا بېرىۋېلىپ ، يۈسۈپ قادىرخانغا تۆۋەنچىلىك بىلەن مەكتۇپ يېزىپ، ئۆزىنىڭ چارىسىز قالغانلىقىنى ، قاراخانىلارغا قارىتا ھېچقانداق يامان نىيىتى يوقلىقىنى ، ئىنىسىنى قويۇپ بەرسىلا ، خانزادىلەرنى ئامان - ئېسەن يولغا سېلىپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ، قاراخانىلارغا ئەبەدىي ئالا كۆڭۈللۈك قىلماسلىق ھەققىدە ۋەدە بەرگەن .

يۈسۈپ قادىرخان مەكتۇپنى ئوقۇپ ، چاغرىبەگ داۋۇتنىڭ پاراسىتىگە قول قويغان . ئۇنىڭ تەدبىرى قاراخانغا ياراپ كەتكەچكە ، ئىنىسى توغرۇلبەگ قۇتۇلغان . ئۇ يۈسۈپ قادىرخانغا قاراخانىلارغا ئاۋارىچىلىق سالماسلىققا قەسەم بېرىپ ، ئوردىدىن چىقىپ ، ئاكىسى بىلەن ئۇچراشقان. ئۇلار شۇ ھامان خانزادىلەرنى ئىززەت - ئىكرام بىلەن يولغا سېلىپ قويۇپ ، ئۆزلىرى غەرپكە كۆچكەن . ئۇلار ئەمدىلا يېڭى جايدا قىشلاش ئۈچۈن چېدىرلىرىنى تىكىپ جايلاشقاندا ، چاغرىبەگنىڭ قەشقەردىكى ۋاختىدا ئېغىر ئاياق بولغان خوتۇنى بىر ئوغۇل تۇغقان . چاغرىبەگ ئۇنىڭغا مۇھەممەد دەپ ئات قويغان . بۇ دەل كېيىنكى مەشھۇر سۇلتان ئالپ ئارسلان ئىدى. ئۇ 1029 - يىلى 28 - يانۋار تۇغۇلغان .

6 . سالجۇقىلارنىڭ باش كۆتۈرۈشى ۋە غەزنەۋىلەرنىڭ ئورنىنى ئېلىشى :

تارىخ چاقى 1037 - يىلغا قەدەم قويغاندا ، غەزنەۋىلەر ۋە غەربىي ئىلىكخانلىقنىڭ چوڭ قارا قاغانلىق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى كۈنسىرى يامانلىشىشقا باشلىغان . شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ قادىرخاننىڭ ئوتتۇرانچى ئوغلى ياغان تېكىن ( مۇھەممەد بۇغراخان - مەھمۇد كاشغەرىنىڭ بوۋىسى ) سالجۇقىلارغا قورال - ياراق ۋە ھەربىي ياردەم بېرىپ ، قاراخانىلارغا غەرپتىن كېلىدىغان ئىككى چوڭ تەھدىتكە قارشى ئۇلارنى قوللانغان . ئارقىدىنلا ئوغلى ھۈسەيىن چاغرى تېكىن بىلەن يىراق ئالتايغا قوشۇن تارتىپ ، قاراخىتايلار قاراخانىلارغا قارشى كۈشكۈرتۈۋاتقان ياباقۇ ۋە يەمەكلەرنىڭ زور ئىسيانىنى باستۇرۇپ ، ياباقۇلار ئاقساقىلى بۇدراچنى ئۆلتۈرۈپ ، قايتا تەرتىپ ئورنىتىپ، 1040 - يىلى زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلگەن . شۇ مىنۇتلاردا سالجۇقىلارمۇ غەزنەۋىلەرنى داندانقان ئۇرۇشىدا قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ، سۇلتان مەسئۇدنى ئىران ۋە خۇراساننى بۆلۈپ بېرىشكە مەجبۇر قىلغان .

سالجۇقىلارنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىگە نارازى بولغان غەربىي ئىلىكخانلىقتىمۇ ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ ، ئەلى تېكىننىڭ ئوغۇللىرى ئىلىكخانلىق ھوقۇقىدىن سىقىپ چىقىرىلىپ ، بۇرۇنقى تۇنجى غەربىي ئىلىكخان ناسىرنىڭ ئىككى ئوغلى ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەن . سۇلايمان ئارسلانخان كەسكىن تەدبىر قوللانمىغاچقا ، ئۇلار 1042 - يىلدىن باشلاپ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئىش كۆرۈشكە باشلىغان . بۇ ئەھۋال سالجۇقىلارنىڭ تېخىمۇ راۋاجلىنىشىغا ، ھەمدە مۇھەممەد بۇغراخان تەرىپىدىن داۋاملىق دەستەكلىنىپ تۇرۇشىغا سەۋەپ بولغان .

7 . سالجۇقىلارنىڭ قاراخانىلارنىڭ ئورنىنى ئېلىشى :

«داندانقان ئۇرۇشى»دىن كېيىنلا سالجۇقىلار
خۇراسان،ئىران،غەربىي ئافغانىستان،خارەزم
قاتارلىق جايلارنى ئىگىلەپ،غەربىي ئىلىكخان
تەۋەلىكىگە پات ـ پات تېگىش قىلىپ تۇردى.
قاراخانىلارنىڭ غول قوشۇنى بۇ چاغدا ئالتاي ۋە ئىلى تەرەپتە ياباقۇلار ۋە يەمەكلەرنىڭ ئىسيانلىرىنى تىنجىتىۋاتقان بولغاچقا يىراقتىكى ماۋرائۇنەھرگە يېتەرلىك ھەربىي ياردەم بېرەلمىدى.

يۇقىرىقى ئامىللار ئىلىكخان ئوغلى ئىبراھىمدا
سۇلايمان ئارسلانخانغا قارشى كەيپىياتنى
پەيدا قىلىپ قويدى.سالجۇقىلارمۇ خاتىرجەم
ئامۇ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى«مەرۋە شاھ جاھان» نى پايتەخت قىلىپ ، غەربىي قىسىم قاراخانىيلار ۋە غەزنەۋىلەرگە ئەڭ چوڭ ھەربىي تەھدىت بولۇپ قالدى.

1041 ـ يىلى سۇلتان مەسئۇتنىڭ ئەلچىلىرى
قەشقەرگە كېلىپ،سۇلايمان ئارسلانخاندىن
سالجۇقىيلارغا قارشى ھەربىي ياردەم تەلەپ قىلىپ كەلدى. ئارسلانخان كېڭەش چاقىردى.
مۇھەممەد بۇغراخان ۋە غەربىي ئىلىكخانلار قارشى تۇردى.(چۈنكى مۇھەممەد بۇغراخان
مەسئۇتنىڭ دادىسى مەھمۇد غەزنەۋىنى
قاراخانىيلارغا كۆپ زىيان سالغان كىشى دەپ قارايتتى . ئۇنىڭ ئۈستىگە مەھمۇد غەزنەۋى ھايات چېغىدا قاراخانىلارنىڭ باغداتتىكى ئابباسىيلار خەلىپىلىكى ( 750 - 1258 )  خەلىپىسى بىەن بىۋاستە ئالاقە قىلىشىنى زادىلا خالىمايتتى.ئىلىكخانلار چېغىدا باغدات
خەلىپىسىدىن 3 چو مەرتىۋە نامغا ئېرىشكەن چاغدا مەھمۇدنىڭ بىرەر مەرتىۋە نامىمۇ يوق ئىدى.بىراق مەھمۇد غەزنەۋى مەينەت ھىيلە ئىشلىتىپ،قاراخانىلار ئىلىكخانىنىڭ خەلىپە  ئالدىدىكى ئوبرازىنى يەرگە ئۇرۇپ، مەرتىۋە نامغا ئېرىشكەنىدى*  سىياسەتنامە).

سۇلايمان ئارسلانخان تولىمۇ قىيىن ئەھۋالدا قالغان .ئەلچىلەر ساق 3 يىل ساقلىغان .بۇ ئارىدا سابىق غەربىي ئىلىكخان ناسىرنىڭ ئوغلى ئىبراھىم بۆرە تېكىن ئۆزىنى «تاۋغاچخان»دەپ ئاتىدى.بۇ ئېنىقلا ئۇنىڭ مۇستەقىللىق جاكارلىغىنى ئىدى.ئەمما قاراخان سۇلايمان ئارسلانخان بۇنىڭغا ئانچە كەسكىن ئىنكاس بىلدۈرمىدى.(بەلكىم ئارسلانخان شۇ ۋاقىتتىكى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ يەنە بىر ئىچكى ئۇرۇش قىلىشنى خالىمىغان بولۇشى مۇمكىن.چۈنكى ئىككى يولۋاس سوقۇشسا پايدىنى سالجۇقىلار ئالاتتى.بەلكىم ئارسلانخان سەل رەھىمدىللىك قىلغان بولۇشى مۇمكىن ).

1041 ـ يىلدىن باشلاپ غەربىي ئىلىكخانلىقنىڭ
ئالاھىدە بولۇۋېلىشى،كەنجى خاقان ـ قوشۇمچە
شىمالىي ئىلىكخان مۇھەممەد بۇغراخاننىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ.ئۇ ئاكىسىغا يارلىق چۈشۈرۈپ غەربىي ئىلىكخانغا ۋاختىدا تەنبىھ بېرىپ قويۇشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. بۇ ئىشقا
سۈكۈت قىلسا خاقانلىقنىڭ ھەيۋىسى يوقىلىپ،
رەقىپلەر ئالدىكى نوپۇزى ئاجىزلايدۇ دەپ
نەسىھەت قىلىدۇ.بىراق غەربىي ئىلىكخانلىق
مەركەزگە قارشى بىرەر ئىش ھەرىكەتتە
بولمىغاچقا ئارسلانخان بۇنىڭغا سەل قارايدۇ.

ئاقىۋەت 1043 ـ يىلى قايتا قۇرۇلتاي ئېچىلىپ،
غەربىي ئىلىكخانلىقنىڭ مۇستەقىللىقى ئېتىراپ
قىلىنىدۇ.شىمالىي ئىلىكخانلىق بىلەن غەربىي ئىلىكخانلىقنىڭ چېگرىسى ئېنىق بېكىتىلىپ،
«غەربىي ئىلىكخانغا كۆپ ئىمتىياز بېرىلىدۇ».
ئەمما غەربىي ئىلىكخان يەنىلا قارا خان سۇلايمان ئارسلانخانغا ھۆرمەت قىلىدۇ.شۇڭا
«خاقان » نامى ئىشلەتمەي دۆلەتنى باشقۇرىدۇ.

1041ـ يىلدىن ئېتىبارەن ئەمەلىي ھالدا،1043ـ يىلدىن ئېتىبارەن بىر پۈتۈن قاراخانىيلار
رەسمىي ھالدا ئىككىگە بۆلۈنۈپ كېتىدۇ.
«شەرقىي قاراخانىيلار(1041 ـ 1212)»يەنىلا
«قەشقەر»نى ئاساسلىق پايتەخت،بالاساغۇننى
قوشۇمچە پايتەخت قىلىپ،شەرقتە ئالتاي ۋە
ئىدىقۇت خانلىقىدىن،غەرپتە پامىر ۋە چۇ دەرياسى ۋادىسىغىچە،شىمالدا قازاق دالىسى ۋەبالقاش بويلىرىدىن،جەنۇپتا خوتەندىكى قاراقۇرۇم تاغلىرىغىچە بولغان جايلارغا
ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.
«غەربىي قاراخانىيلار(1041 ـ1212)»بولسا
سەمەرقەندنى پايتەخت قىلىپ،ئاساسلىقى
ماۋرائۇننەھرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.

1056 ـ يىلى «كەڭ قورساق،رەھىمدىل ۋە يۇمشاق قول سۇلايمان ئارسلانخان»بىلەن
ئىنىسى«چۇس مىجەز،كەسكىن ۋە قاتتىققول
سەركەردە مۇھەممەد بۇغراخان»ئارىسىدا
ئۇرۇش پارتلايدۇ.(بۇ ئۇرۇشقا سەۋەپچى بولغان ئامىلنىڭ سالجۇقىلارنىڭ ئارىنى بۇزۇش ھىيلىسى ياكى غەربىي قاراخانىيلارنىڭ  كۈشكۈرتىشى ۋە ياكى ئاكا ـ ئۇكىلار ئارىسىغا
سوغۇقچىلىق سالغان ھەسەتخور،يامان نىيەتلىك ئوردا ئەركانلىرى ئىكەنلىكىنى 
تېخىمۇ چوڭقۇر تەتقىق قىلىش كېرەك ).
1056 ـ يىلدىكى ئۇرۇشتا سۇلايمان ئارسلانخان
غەلىبە قىلىپ ئىنىسىنىڭ زېمىنلىرىنى ئىشغال قىلىدۇ.بىراق 1057 ـ يىلدىكى ھەل قىلغۇچ ئۇرۇشتا مۇھەممەد بۇغراخان ئاكىسى سۇلايمان ئارسلانخاننى ئەسىر ئېلىپ،قەشقەرنى قولىغا
ئېلىپ،قاراخانىيلارنىڭ چوڭ خاقانى بولىدۇ.

1058 ـ يىلى ئەمدىلا بىر يىلدىن كۆپرەك(15
ئاي)ھۆكۈم سۈرگەن مۇھەممەد بۇغراخان
تەختنى چوڭ ئوغلى،ئەينى ۋاقىتتىكى بارسخان
ھاكىمى«ھۈسەيىن تېكىن(1044 ـ 1058)»گە
ئۆتۈنۈپ بېرىدۇ.بىراق بۇغراخاننىڭ توقىلى
زەينەپ(مەھمۇد غەزنەۋىنىڭ سىڭلىسى ، سۇلتان مەسئۇتنىڭ ھاممىسى بولۇپ،يۈسۈپ قادىرخان بىلەن مەھمۇد غەزنەۋى 1026 - يىلى سەمەرقەنتتە ئۇچراشقاندا چاي ئىچۈرۈپ قويۇلغان.بىراق توي ئىشى تاكى مەسئۇت دەندانقاندا قاتتىق مەغلۇپ بولۇپ، قاراخانىيلاردىن ياردەم تەلەپ قىلغۇچە ساق
15يىل كېچىكىپ كەتكەن.).دەل مۇشۇ قارا
نىيەت خوتۇن«تەختكە ئولتۇرۇش كۈنىدىكى
شاھانە زىياپەتتە،مەھمۇد قەشقەرىنىڭ بوۋىسى
مۇھەممەد بۇغراخان،ئاتىسى ھۈسەيىن تېكىن،
ئۆز تەرەپدارى بولمىغان بارلىق ئوردا ئەركانلىرىنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۋەتكەن. ئۇ يەنە پېشقەدەم قاغان سۇلايمان ئارسلانخاننىمۇ ئاياپ قويماي بوغۇپ زىنداندا ئۆلتۈرگۈزگەن .
(مۇشۇ خوتۇننىڭ قىلمىشىدىنلا سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن. چۈنى ھەر ئىككىسىنىڭ تومۇرىدا ئاققان قان ئوخشاش ئىدى. قان بىلەن كىرگەن خۇي جان بىلەن چىقار دېگەن شۇ بولسا كېرەك ).

1058 ـ يىلدىكى بۇ سۇيقەست قاراخانىلارنى
ئەڭ سەرخىل خاقانلار،دانىشمەنلەر،ھەربىي ئالىملار،جەسۇر سەركەردىلەر ھەمدە باشقا دۆلەت ئەركانلىرىدىن بىراقلا ئايرىۋەتتى.

نەتىجىدە شەرقىي قاراخانىيلار 1058ـ يىلدىن تاكى 1066ـ يىلغىچە ئېغىر داۋالغۇش ئىچىدە قالدى.تەخت ماجىرالىرى دۆلەتنىڭ ئەسلىدىكى
گۈللەنگەن باي ھالىتىنى يوق قىلىۋەتتى.كۆپ قان تۆكۈلۈپ،ئەل ـ يۇرت خاراپ بولدى.

بۇ قالايمىقانچىلىق ۋە يېغىلىق باسقان 10 6يىلدا سالجۇقىلار تېز سۈرئەتتە نوپۇزىنى كۈچەيتىپ،ھازىرقى پالۇجىستان،ئافغانىستان،
خۇراسان،خارەزم،پۈتكۈل ئىران،ئەزەربەيجان،
كۇردىستان،ھەتتا ئىراقتىكى ئابباسىيە خەلىپىسىنىمۇ كونترول قىلىپ،ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھامىيسىغا ئايلىنىپ،بۇجەھەتتە
قاراخانىلارنىڭ ئورنىنى ئېلىۋالدى.بۇنىڭ بىلەنلا بولدى قىلماستىن،شەرقىي قاراخانىيلار داۋالغۇشتا تۇرۇۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ
ماۋرائۇننەھرگە بېسىپ كىرىپ،غەربىي قاراخانىيلارنى ئۆزىگە قوشۇۋالماقچى بولدى.
(چۈنكى ئىككى قاراخانىيلار بۇندىن بۇرۇن ھەرقانداق تاشقى تەھدىتكە بىرلىشىپ قارشى تۇرۇپ كەلگەچكە،ئۇلارنىڭ ئۇنۋېرسال كۈچى
سالجۇقىلاردىن كۆپ كۈچلۈك بولغاچقا،
توغرۇلبەگ ۋە چاغرىبەگلەر 1041ـ يىلدىن تاكى1055ـ يىلغىچە غەربىي قاراخانىيلارغا
يۈرەكلىك كەڭ كۆلەمدە تىگىش قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغانىدى.ئۇلار ھەممىدىن بەك
يۈسۈپ قادىرخاننىڭ ئەڭ ئىستىداتلىق چۇس مىجەز،كەسكىن ئوغلى ياغان تېكىن(دەل
مۇھەممەد بۇغراخان)دىن ئېھتىيات قىلاتتى ۋە ئەيمىنەتتى. چۈنكى ئۇلار دەل مۇشۇ مۇھەممەد بۇغراخاننىڭ قوللىشىدا ۋە ياردىمىدە مۇشۇ ھالغا كەلگەنىدى . ئۇندىن باشقا ياغان تېكىن
غەزنەۋىلەرگە قارشى ئۇرۇشلاردا،دىپلوماتىك
سۆھبەتلەردە قاراخانىلارنىڭ ۋەكىلى ئىدى.
1057ـ يىلى مۇھەممەد بۇغراخان خاقان بولغاندا سالجۇقىلار باغداتتىن باشقا جايلارغا يۈرۈش قىلماي،ئورنىنى پۇختىلاپ پۇرسەت كۈتتى.(مۇھەممەد بۇغراخانلا ھايات بولىدىكەن ئامۇ دەرياسىدىن ئۆتۈپ ، غەربىي قاراخانلىققا تېگىش قىلىش بەسىي مۈشكۈل ئىش ئىدى).

1058ـ يىلى مۇھەممەد بۇغراخان باشلىق بارلىق ئىستىداتلىق قاراخانىلار سەرخىللىرى بىراقلا زەھەرلىنىپ ئۆلۈپ كەتتى.سالجۇقىلار بۇ تېپىلغۇسىز پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ،تېزدىن
غەربىي قاراخانىلارغا ھۇجۇم قوزغىدى.بىراق
ھېچكىم غالىپ بولالماي،ئاكا ـ ئۇكا سالجۇق
ئوغۇللىرى كەينى ـ كەينىدىن ۋاپات بولدى.

توغرۇلبەگ ۋە چاغرىبەگلەرنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئۇرۇش توختىدى.توغرۇلبەگنىڭ ئورنىغا سۇلتان بولغان جىيەنى ئالپ ئارسلان(1029 - 1072)(1063 - 1072تەختتىكى ۋاختى)ئۇدا 3 يىل
باشقا سالجۇق ئوغۇللىرىنىڭ توپىلىڭىنى باستۇرۇپ،قايتا قوشۇن باشلاپ ماۋرائۇننەھرگە
بېسىپ كىردى. 1068ـ يىلى تۇنجى غەربىي
قاراخانىيلار ھۆكۈمدارى «تاۋغاچ ئىبراھىم بۇغراخان(1041 ـ1068)»ئالپ ئارسلان بىلەن بولغان ئۇرۇشلاردا ھالاك بولدى.ئۆلىمالارنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئۇرۇش توختاپ،ئىبراھىم
بۇغراخاننىڭ ئوغلى ئالپ ئارسلانغا كۈيئوغۇل بولۇپ،ئالپ ئارسلان قايتىپ كەتتى.

1071 ـ يىلى ئالپ ئارسلان مالازگىرت ئۇرۇشىدا زەپەر قۇچۇپ،بىر يىلغا يېقىن تەييارلىق قىلىپ
قايتا ماۋرائۇننەھرگە بېسىپ كىردى.بىراق ئۇ
خارەزملىك قەلئەلەر مۇداپىئە قوماندانى  يۈسۈپبەگ تەرىپىدىن خەنجەرلىنىپ قازا قىلدى. 1071 - يىلى زور زەپەر قۇچۇپ ، سەلتەنەتنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە يەتكەن بۇ سۇلتان ئۆز قېرىندىشىغا جازا يۈرۈشى قىلىپ ھاياتىنى پاجىئەلىك ھالدا ئاخىرلاشتۇردى . بۇندىن كېيىنكى ئىشلار ھەممىگە مەلۇملۇق.

مەنبەلەر :

1 - تۈرك - ئىسلام ئېنىسكلوپىدىيىسى

2 - ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ئۇيغۇرلار

3 - تارىخىمىزدىكى سىرلار ۋە ئۇنتۇلغان ئۇلۇغلىرىمىز

4 - سامانىلار تارىخى ( خانلار شەجەرىسى) .

5 - قاراخانىلار ( خاقانى تۈرك توققۇز ئوغۇز).

6 - ماۋرائۇننەھىر تارىخى .

7 - دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك .

8 - ھاجى قۇتلۇق شەۋقىنىڭ نەسەپنامىسى.

9 - تارىختىكى تۈرك قاغانلىقلىرى .

10 - ئۇيغۇرلار

11 - « ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي تارىخى» .

2019 - يىلى 24 - ئۆكتەبىر    قۇتلۇق پەيشەنبە
ھىجرىيە 1441 - يىلى ماھى سەپەر25 - كۈنى .