2020/12/01 00:47

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


قىزىل پاشا ھاكىموفنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر قىسمىتى

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2020/11/01 07:27

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى


« قىزىل پاشا » كىم ئىدى ؟

« قىزىل پاشا » دەپ داڭقى چىققان كەرىم ھاكىموف 1924 - يىلى سەئۇدى جەمەتى بىلەن ھۈسەيىن جەمەتى ئەرەب يېرىم ئارىلىنى تالىشىۋاتقان نازۇك پەيتلەردە سەئۇدىغا يېتىپ كەلگەن . ئۇ ئىلگىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇخارادىكى كونسۇلى ۋە قوشۇمچە ئىراندىكى ۋاكالەتچىسى ئىدى. ئۇ 1926 - يىلى فېۋرالدا تېخى تولۇق قۇرۇلۇپ بولمىغان سەئۇدى ئەرەبىستاننى سىتالىننىڭ ئېتىراپ قىلغانلىقى توغرىلىق مەكتۇپنى پادىشاھ ئابدۇلئەزىزگە تاپشۇرغان . بىراق ئۇنىڭ ھەرىكىتى ئەنگلىيەنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغان . شۇنداقتىمۇ ئۇ يەنىلا ئۇتۇقلۇق ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاپلا قالماستىن بەلكى يەمەنگە ئۆتۈپ ، تاكى 1932 - يىلغىچە تۇرۇپ قالغان. دەل شۇ يىلى سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقى قۇرۇلغان . شاھزادە فايسال ( 1964 - 1975 - يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان ) شۇ يىلى موسكۋاغا زىيارەتكە بارغاندا « قىزىل پاشا » ئۇنى باشلاپ بارغان . بىراق سەئۇدىنىڭ شۇ چاغدىكى ئەنگلىيە بىلەن زىيادە يېقىنلىقى سەۋەبىدىن سىتالىن ۋە يۇقىرى رەھبەرلەر فايسال بىلەن كۆرۈشمىگەن. پەقەت كومپارتىيە ئىجرائىيە مۇدىرى مىخائىل كالىنىنلا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەن . بۇ ئىش ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا سوغۇقچىلىق پەيدا قىلغان . شۇڭلاشقا 1933 - يىلى 12 - نويابىر قەشقەردە قۇرۇلغان تۇنجى جۇمھۇرىيىتىمىزگە ئېنگىلىزلار قىزغىن بولغان . سوۋېتلەر بىئارام بولغان بولۇشى مۇمكىن .

كېيىنچە سىتالىننىڭ نېفىتقا بولغان جىددىي تەلىپى نەتىجىسىدە « قىزىل پاشا » يەنە قايتىدىن سەپەر قىلىپ ، 1935 - يىلدىن باشلاپ سەئۇدىنى قايتا ئىندەككە كەلتۈرگەن . چۈنكى بۇ ۋاقىتتا پەلەستىنگە سەلدەك ئېقىپ كېلىۋاتقان كۆچمەن يەھۇدىلار دولقۇنى ئەرەبلەر بىلەن ئېنگلىزلار ئارىسىدا يىرىكلىك پەيدا قىلغانىدى . تولىمۇ ئەپسۇس ، 1937 - يىلى سېنتەبىر سىتالىن ۋەتىنىمىزنى تولۇق تىزگىنلەپ ، باكۇ ۋە مايتاغ نېفىتلىكى ئارقىلىق ئېھتىياجىنى قامدىغان . خوجىنىياز ھاجى ئۈرۈمچىدە تۇتقۇن قىلىنغان پەيتلەردە « قىزىل پاشا » مۇ  1937 - يىلى  كۈزدە سىتالىن تەرىپىدىن چاقىرتىلىپ، شۇ قېتىمقى « چوڭ تازىلاش ھەرىكىتى » نىڭ قۇربانىغا ئايلانغان .

دەل شۇ يىلى كۈزدە سوۋېتنى زىيارەت قىلغان جاللات شېڭ شىسەيمۇ كۆز ئالدىدىكى قورقۇنچلۇق ۋەزىيەتنى كۆرۈپ ، موسكۋاغا كەلگەنگە بەكلا پۇشايمان قىلغان . ئۇ ھەتتا ئۆزىنىڭمۇ يوق قىلىنىدىغانلىقىنى پەملەپ چۈشكۈنلىشىپ كەتكەن . ئەمما سىتالىن ئۇنى ئۆلتۈرمەيلا قالماستىن ئەكسىچە ئۇدا تۆت قېتىم قوبۇل قىلىپ ، تارىختا ھېچقانداق خىتاي باندىتلىرىغا كۆرسەتمىگەن ئىززەتنى كۆرسەتكەن . چۈنكى سىتالىن ماۋ بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈپلا ، ئۇنىڭدىن ئۈمۈدسىزلىنىپ ، موسكۋاغا ئىككى ئاي قاماپ قويغان . كېيىن ئامېرىكىنىڭ تەشۋىقات بېسىمىغا چىداپ بولالماي ، 1950 - يىلى فېۋرالدا قايتا قوبۇل قىلغان. ماۋ سىتالىندا ياخشى تەسىر قالدۇرمىغاچقا ، سىتالىن يەنە بىر قېتىم سەيپىدىن ئەزىزىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ ، موسكۋادا باندىتلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇنى كۆتۈرۈپ ، يېقىنچىلىق ئىزھار قىلىپ ، ئالاھىدە ئىمتىياز بىلەن 30 يىللىق مەخپىي كېلىشىمگە ئىمزا قويۇش مۇراسىمىغا قاتناشتۇرغان .

بۇ كېلىشىمنىڭ ئەڭ كىشىنى خۇشال قىلىدىغان تەرىپى شۇكى، سىتالىن تەشەببۇس قىلغان بويىچە شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە ئىچكى موڭغۇلدا بەش يىل ئىچىدە سوۋېتنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىگە ئوخشاش تەڭ دەرىجىلىك « ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت » قۇرۇپ، سوۋېت ۋە خىتاي تەرەپ تاكى ئۇلار ئۆز دۆلىتىنى قۇرۇپ بولغانغا قەدەر ئورتاق ياردەم بېرىش بەلگىلەنگەن ئىدى .
ئەمما سىتالىننىڭ 1953 - يىلى 5 - مارت تۇيۇقسىز ۋاپات بولۇشى بىلەن باندىتلار چوڭ بىر باش ئاغرىقىدىن قۇتۇلۇپ، ئىككى يىل ھەر خىل ھىلە - مىكىر ئىشلىتىپ خەلقىمىزنى قايمۇقتۇرۇپ يۈرۈپ ، 1955 - يىلى ئۆكتەبىرگە كەلگەندە « يالغان ئاپتونومىيە » دىن بىرنى بېرىپ ، كېيىنكى 66 يىللىق ئىشغالىيىتىگە ئاساس سېلىۋالغان . مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرى 1957 - 1959 - ، 1962 - 1964 - ، 1966 - 1978 - يىللىرى ئۇدا باستۇرۇلغان . 1989 - يىلدىن 1999 - يىلغىچە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىدىن كېلىپ چىققان ئەنسىزلىكنى باھانە قىلىپ ، قايتا زىيانكەشلىك قىلغان بولسا ، 2001 - يىلدىن باشلاپ « تېررورلۇق قالپىقى» بىلەن كۆزدىن يوقىتىپ كەلگەن . ئاخىرىدا ئۇنىڭغىمۇ قانائەت قىلماي ، 2017 - يىلدىن باشلاپ ، تارىختا سىتالىن ۋە گېتلىرنىڭمۇ خىيالىغا كېلىپ باقمىغان بىر مىللەتنى تۈپتىن يوقىتىش « ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى دۆلەت تېررورلۇقى ئارقىلىق تېز سۈرئەتتە ئېلىپ بارماقتا » .

« قىزىل پاشا » قۇربانلىققا ئايلانغان چوڭ تازىلاش ھەرىكىتى سىتالىننىڭ پۈتۈن سوۋېتقا قاراتقان بىردىنبىر غايەت زور دۆلەت تېررورلۇق ھەرىكىتىدۇر . ئۇندىن باشقا كاۋلازلار ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرىگە قاراتقان زىيانكەشلىكىمۇ ھەر ھالدا باندىتلاردەك ھەر ئون يىلدا بىر قايتىلانمىغان . پەقەت 2 - دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدى كەينىدە بىر قېتىم بولغان . ئەمما 70 يىللىق قىزىل باندىتلار مۇستەملىكە دەۋرىدە ئەزىز خەلقىمىز ئون نەچچە قېتىملىق « سىتالىنچە باستۇرۇش» يۈز نەچچە قېتىملىق « گېتلىرچە ئىرقىي قىرغىنچىلىق » قا دۇچار بولغان . بۇ 70 يىل ئىچىدە خىتاي باندىتلىرىنىڭ قولىدا يوق بولغان « قىزىل پاشالىرىمىزنىڭ ھېسابى يالغۇز بىر ئاللاھقا مەلۇم » . 

يەھۇدىلارچە ھېساپ - كىتاپ ئېلىش پىلانى ، ئەرمەنىلەرچە ئىنتىقام ئېلىش ھەرىكىتى قوزغىيالمىغان ئۇيغۇر مىللىتى شەكسىز ئۈن - تىنسىز يوقىلىدۇ . ئەمما قانغا - قان ، جانغا - جان ئېلىپ ، قايتىدىن ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ، پۈتۈن تۈرك - ئىسلام دۇنياسى ، ھەتتا پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئەيمىنىدىغان باندىتلارنى بىتچىت قىلىپ بېشىنى تىك تۇتۇپ ئوتتۇرىغا چىققان ئۇيغۇر مىللىتىگە پۈتۈن دۇنيا ھەۋەس قىلىدۇ . بارچە دىنلار ۋە ئىرقلار ھۆرمەت بىلدۈرىدۇ . ئەمما يىغلاڭغۇ ۋە شىكايەتچى ، غەيۋەتخور ئۇيغۇرلارنى دۇنيا كۆزگە ئىلمايدۇ.

مەنبەلەر :

رۇسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئارخىپلىرى

نەبىجان تۇرسۇن ئەسەرلىرى

2019 - يىلى 22 - ئۆكتەبىر     تەدبىرلىك سەيشەنبە