2020/11/30 23:50

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


ئىككىنچى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى ۋە ئاسارەتنىڭ قايتا باشلىنىشى

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2020/11/01 07:29

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى


« 70 يىل بۇرۇنقى 30 - سېنتەبىر باشلانغان قارا كۈنلەر »

1949 - يىلى 25 - ئاۋغۇست ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق رەھبەرلەرنى بىر تەرەپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن ، 9 - سېنتەبىر كومپارتىيىگە تەسلىم بولغان تۈلكە جاڭ جىجۇڭ ۋەتىنىمىزنىڭ جەنۇبىنى ئىشغال قىلىپ تۇرۇۋاتقان 100مىڭ گومىنداڭ تاجاۋۇزچى ئارمىيىسىگە كۈچلۈك سوۋېتنى شېپى كەلتۈرۈپ يۈرۈپ ، تەسلىم بولۇشقا دەۋەت قىلغان . ئاقىۋەت گومىنداڭچىلار 26 - سېنتەبىر باندىتلارغا تەسلىم بولغان . لېكىن باندىتلار يەنىلا خاتىرجەم بولالماي، بىۋاستە ئىشغال قىلىش ئۈچۈن 27 - سېنتەبىر جىددىي يىغىن ئاچقان . 28 - سېنتەبىر تاجاۋۇزچى قوشۇنلىرىنى ئىككى تارامغا بۆلۈپ ، بىر تارامنى قۇمۇل ، گۇچۇڭ ، ئۈرۈمچى ، ئالتاي ۋە ئەسلىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى پايتەختى غۇلجىنى ئىشغال قىلىشقا ، يەنە بىر تارامنى تۇرپان ، قاراشەھەر ، كورلا ، ئاقسۇ ، قەشقەر ۋە خوتەننى ئىشغال قىلىشقا بۇيرىغان . 29 - سېنتەبىر باندىتلار ئەڭ قانخور قوماندانى ، يەنە كېلىپ زوزۇڭتاڭنىڭ يۇرتدىشى جاللات ۋاڭ جېننى بۇ قېتىمقى ئىشغال ھەرىكىتىنىڭ « زوزۇڭتاڭى » قىلىپ تاللىغان . جاللات ۋاڭجېن 30 - سېنتەبىر تەييارلىقىنى باشلىغان . 1 - ئۆكتەبىر باندىتلار دۆلەت قۇرغانلىقىنى جاكارلىغان . ئەمما ۋەتىنىمىز تېخىچە ئىشغال قىلىنماي قالغان . نەتىجىدە باندىتلار سىتالىن ئەۋەتكەن ئايروپىلانلار بىلەن 10 - ئۆكتەبىر تۇنجى تۈركۈم چوشقىلىرىنى ئۈرۈمچىگە ئەۋەتكەن . جاللات ۋاڭجېنمۇ شۇ كۈنى بور بۇلاق ( جيۇچۇەن ) دىن چىقىپ ، ۋەتىنىمىزگە يۈرۈش قىلغان . 17 - ئۆكتەبىر ئىلى ئاسمىنىدىكى ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ئاستاغىنا چۈشۈرۈلگەن . شۇڭلاشقا گەرچە 1 - ئۆكتەبىر باندىتلارنىڭ دۆلەت قۇرغان كۈنى بولغىنى ئۈچۈن بىزگە پرىنسىپ جەھەتتىن سىمۋول خاراكتېرلىك پالاكەت كۈن بولسىمۇ ، ئەمما ھەقىقىي ھاقارەتلىك كۈن دەل 17 - ئۆكتەبىردۇر . باندىتلارنىڭ ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئارامىنى بۇزغان ، قەدىمقى كروران مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلىۋەتكەن ، 55 يىلدىن بېرى بىر مىليونغا يېقىن خەلقىمىزنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۋەتكەن، پۈتۈن دۇنيادا زومىگەر ئورنىنى تىكلىگەن تۇنجى ئاتوم بومبىسىمۇ دەل 1964 - يىلى 17 - ئۆكتەبىر لوپنۇر كۆلىدە پارتلىدى . سېۋىن ھېدىن 30 يىل ئىلگىرى « كۆچمە كۆل » دەپ ئالاھىدە تەرىپلىگەن لوپنۇر كۆلى نەچچە كۈن قاينىغاندىن كېيىن بىراقلا پارغا ئايلىنىپ قۇرۇپ كەتتى . مانا ئەمدى پۈتۈن خەلقىمىزمۇ شۇ لوپنۇر كۆلىدەك ئۈن - تىنسىز نەسلى قۇرۇپ كېتىش خەۋپىدە تۇرماقتا . بۇ ئىككى ۋەقەلىك پەقەت تارىختىكى 17 - ئۆكتەبىر بولغان ھاقارەتلىك ۋەقەلەردىن بىر تامچە خالاس . باشقا ۋەقەلەرنى شۇ كۈنى كەلگەندە ئېلان قىلىمىز .  70 يىل بۇرۇنقى 30 - سېنتەبىر مانا مۇشۇنداق زور سۇيقەست خەلقىمىزنىڭ بۈگۈنكى تەقدىرىدىن شەپە بېرىپ بولغانىدى . ئەمما بىز بىلمەيتتۇق.

2019 - يىلى 30 - سېنتەبىر        غەزەپلىك دۈشەنبە