2020/11/30 23:59

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


ئۇيغۇر تارىخىدىكى نەس باسقان ۋە خورلۇقنىڭ سىمۋولى بولغان 17 - ئۆكتەبىر يىلنامىسى

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2020/11/01 07:30

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى



تارىخىمىزدا 17 - ئۆكتەبىر يۈز بەرگەن ئىشلار :

مىلادىدىن بۇرۇنقى 624 - يىلى ھىلىگەر ئىران شاھى كەيخۇسراۋ 1 ( 630 - 584 ) بوۋىسى تۇران قاغانى ئالپ ئەرتۇڭا خاقان ( ئەپراسىياپ
م . ب 690 - م . ب 624 ) نى زىياپەتكە چاقىرىپ ، دۆلەت ئەركانلىرى بىلەن قوشۇپ زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن . ( بۇ شالغۇت شاھ سىياۋۇش بىلەن قاز خاتۇندىن تۇغۇلغانىدى ).

مىلادىدىن بۇرۇنقى 538 - يىلى ئاھمانىلار شاھى كەيخىسراۋ 2 بابىلنى ئىشغال قىلىپ ، 50 يىلدىن بېرى قۇللۇقتا تۇرۇۋاتقان يەھۇدى خەلقىنى ئانا ۋەتىنىگە يولغا سېلىپ قويغان.
( 2017 - يىلى ئىسرائىلىيە بۇ كىشى بىلەن دوللار ترامپنى تارىخىي خاراكتېرلىق تەڭگىگە بېسىپ چىقاردى . بىزمۇ دوست بىلەن دۈشمەننى مۇشۇنداق ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەك).

مىلادىدىن بۇرۇنقى 529 - يىلى ئىران ئاھمانىلار
( م . ب 550 - م . ب 330 ) ئىمپىرىيىسىنىڭ قۇرغۇچىسى كەيخۇسراۋ 2 ( 559 - 529 ) زور ھەربىي كۈچ بىلەن ئامۇ دەرياسىدىن ئۆتۈپ تۇراننى قانغا بويىغان . ئەمما شۇ يىلى دېكابىردا تۇمارس خاتۇن قولىدا ئۆلتۈرۈلگەن .

مىلادىدىن بۇرۇنقى 115 - يىلى خەن سۇلالىسى ھونلارنىڭ مۇنبەت يايلىقى ئوردۇسنى ئىشغال قىلىپ ، قورال تۇتالايدىغان ھونلارنى قىرىپ تۈگىتىپ ، ئاياللارنى قۇللۇققا ئېلىپ كەتكەن .

مىلادىدىن بۇرۇنقى 36 - يىلى خەن سۇلالىسى سانغۇنى چېن تاڭ تەڭرىقۇت ( مەشھۇر باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ 6 - ئەۋلادى ) نىڭ شەھەردە ئاز ئەسكىرى كۈچ بىلەن دەم ئېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، خاندىن رۇخسەت سورىمايلا 70 مىڭ قوشۇن بىلەن ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈرۈش قىلىپ، چىچى تەڭرىقۇتنىڭ يېڭى پايتەختى تالاسقا ھۇجۇم قىلىپ ، چىچى تەڭرىقۇت باشلىق 1518 ھون ئېسىلزادىلىرى ۋە دۆلەت ئەركانلىرىنى قىرىپ تاشلىغان . چىچى تەڭرىقۇت تالاسنى مەركەز قىلىپ كۈچەيگىلى 7 يىل بولغانىدى.

مىلادى 454 - يىلى ئاتىللانىڭ چوڭ ئوغلى ئىلەك دوناي دەريا ۋادىسىدىكى پاننونىيەدە گوتلارنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىدا قازا قىلغان . شۇنىڭ بىلەن ھونلار ياۋروپانى تاشلاپ ، ئۇرال بويلىرىغا چېكىنىپ كەتكەن . ( ئاتىللا 400 - يىلى دۇنياغا كەلگەن بولۇپ ، ئۇ باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ 15 - ئەۋلادى ، چىچى تەڭرىقۇتنىڭ 9 - ئەۋلادى ئىدى . ئۇ 453 - يىلى مارتتا شەرقىي رىم مەلىكىسى بىلەن بولغان توي كېچىسىدە سىرلىق ھالدا ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ، ھونلاردىن نۇسرەت قاچقان ) .

690 - يىلى تاڭ سۇلالىسىدە ئايال پادىشاھ ۋۇزېتيەن خان بولغان . شۇنىڭ بىلەن زەھەرلىك ۋە قانلىق تاڭ ئىشغالىغا دۇچار بولغان شەرقىي ۋە غەربىي تۈرك خەلقلىرى كەينى - كەينىدىن 628 - يىلدىن 678 - يىلغىچە 50 يىلدا قولدىن كەتكەن بارلىق ئىمتىيازىنى قايتۇرۇۋالغان .

747 - يىلى مارتتا گاۋشەنزى قوشۇن تارتىپ چىقىپ ، 17 - ئۆكتەبىر كۈنىگىچە تارىم ۋە پامىر
ۋادىسىنى قانغا بويىغان . 750 - يىلى 17 - ئۆكتەبىرگىچە بۇخارا ، سەمەرقەنت ۋە باياشات تاشكەنتنى قانغا بوياپ ، بارلىق بايلىقلارنى بۇلاپ كەتكەن . ( 751 - يىلى تالاس ئۇرۇشىدا قاتتىق مەغلۇپ بولۇپ ، 756 - 27 - يانۋار ئۆڭلۈك تەرىپىدىن چاناپ تاشلانغان ).

1759 - يىلى چوڭ - كىچىك خوجىلار ساتقۇن بەدەخشان ئەمىرى سۇلتانشاھ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ، كاللىسى جاۋخۇي ئارقىلىق مەنچىڭ خانى چىيەنلۇڭغا ھەدىيە قىلىنغان .

1762 - يىلى مەنچىڭ ئىشغالچىلىرى غۇلجىدا
« ئىلى گېنىرال مەھكىمىسى » نامىدا ھەربىي مۇستەملىكە ئاپپاراتى قۇرۇپ ، ۋەتىنىمىزدىكى يۈز يىللىق قانلىق ئىشغالىيىتىنى باشلىغان.

1765 - يىلى چارىسىز قالغان ، ئەتراپتىكى خوشنا قېرىنداش ئەللەر تاشلاپ قويغان يەتتە قەيسەر قىز خۇدانىڭ رەھمىتىگە ئېرىشكەن.

1876 - يىلى زوزۇڭتاڭ ئۈچ ئاي تىركىشىپ يۈرۈپ ماناسنى ئىشغال قىلىپ ، قانلىق قىرغىن يۈرگۈزگەن .

1877 - زوزۇڭتاڭ ، ھېكىمخان تۆرە ۋە نىياز ھېكىمبەگ بىلەن ئۇدا ئۇرۇشۇپ ئاجىزلاپ ۋە چارچاپ كەتكەن بەگقۇلىبەگكە ( ياقۇپبەگنىڭ ئوغلى) قارشى ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇمغا ئۆتۈپ ، ئاقسۇ دەرياسىنى ئۈچ يىلغىچە سۇ ئىچكىلى بولماس دەرىجىدە خەلقىمىزنىڭ ئۆلۈكلىرى بىلەن توشقۇزۇۋەتكەن .

1937 - يىلى 17 - ئۆكتەبىر گېنىرال ئابدۇنىياز كامال ھاراپتىكى گازارمىسىدا سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى تەرىپىدىن پارتلىتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.
خەلقىمىز ئۇنى « قىلىچ بۇغراخان مازىرى»
( مىلادى 998 - يىلى سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئەۋرىسى ئەلى ئارسلانخان نامازغا تۇرغاندا خوتەن قوشۇنى تەرىپىدىن شېھىت قىلىنىپ، دەپنە قىلىنغان تارىخىي مازار ) غا دەپنە قىلغان .

1938 - يىلى شېڭ شىسەي بىرلا ۋاقىتتا ئەڭ سەرخىل ئاقساقاللاردىن خوجىنىياز ھاجى باشلىق مىڭغا يېقىن كىشىنى تۇتقۇن قىلغان . شۇنىڭ بىلەن 1944 - يىلى 11 - سېنتەبىرگىچە داۋام قىلغان ئېغىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق باشلانغان .

1949 - يىلى خىتايلار بىلەن موڭغۇللار سىتالىن بۇيرىغان بويىچە ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشىپ ، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان . ( شۇنداق بولغاندا ، موڭغۇلىيە 1912 - 1924 - يىللىرى ئىككى قېتىم چاررۇسىيە ۋە سوۋېتنىڭ قوللىشى بىلەن مۇستەقىللىق جاكارلىغاندىن كېيىن ، 1947 - يىلى مايدا 3 - قېتىم يەنە بىۋاستە سىتالىننىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن مۇستەقىللىق جاكارلاپ، خىتايغا 1949 - يىلى ئۆزىنى ئېتىراپ قىلدۇرغان . سىتالىن ھەتتا ماۋنى دۆلىتى قۇرۇلماي تۇرۇپلا ، ئىچكى موڭغۇلغا 1947 - يىلى مايدا ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىشكە مەجبۇر قىلغان ) . تولىمۇ ئېچىنىشلىق بولغىنى دەل شۇ ئىككى دۈشمەن بىر - بىرىنى ئېتىراپ قىلىۋاتقان 24 سائەت ئىچىدە غۇلجا ئاسمىنىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئاي يۇلتۇرلۇق كۆك بايراق كۆكتىن چۈشۈرۈلۈپ، ئورنىغا باندىتلارنىڭ بەش يۇلتۇزلۇق قانلىق ئىشغالىيەت بايرىقى ئېسىلغان.

1949 - يىلى 17 - ئۆكتەبىر ئىلى ئاسمىنىدىكى دۆلەت بايرىقىمىز چۈشۈرۈلۈپ ، ئورنىغا ئاتا قىساسقا بوغۇلغان باندىتلارنىڭ بايرىقى ئېسىلغان . ( نەبىجان تۇرسۇن . ئىلى تارىخ ماتېرياللىرى - ئۈچ ۋىلايەت دەۋرىدىكى چوڭ ئىشلار يىلنامىسى ) .
مانا بۈگۈن بۇ ھاقارەتلىك كۈنگە توپتوغرا 70 يىل توشتى . ئەسلىدە ئۇيغۇرلارنى ھەقىقىي ئازاپلايدىغان ۋە بىئارام قىلىدىغان كۈن 1 - ئۆكتەبىر ئەمەس ، بەلكى 17 - ئۆكتەبىردۇر.

1950 - يىلى باندىتلار تىبەتكە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ ئۇ جاينىمۇ ئىشغال ئاستىغا ئالغان . ئەمما تىبەتلەر ھەر ھالدا ئىمكانىيىتى يار بەرگىنىچە قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتكەن . دالايمۇ 1959 - يىلى 17 - مارت قاچقان .

1964 - يىلى 16 - ئۆكتەبىر ئۈرۈمچى ۋاختى چۈشتىن كېيىن 13 : 13 تە باندىتلارنىڭ تۇنجى ئاتوم بومبىسى لوپنۇر كۆلىدە پارتلىتىلغان . خروشىما ۋە ناگاساكىغا تاشلانغان ئاتوملاردىن زىيىنى ۋە ئېغىرلىقى مىڭ ھەسسە ئېشىپ كەتكەن بۇ زەھەرلىك قورالنىڭ كاساپىتىدىن 17 - ئۆكتەبىر لوپنۇر كۆلى قۇرۇپ كەتكەن . يېقىن ئەتراپتىكى كروران قەدىمىي شەھىرى ۋەيران بولۇپ ، تارىخىمىزنىڭ شانلىق پاكىتلىرى قايتا كۆمۈلۈپ كەتكەن . چۈمۈلىلەر يەر يۈزىدە تىرىك ھاشارەت ۋە يېمەكلىك تاپالماي ، تارىم يولۋىسىنىڭ ئاسلانلىرىنى يەۋېتىپ، يولۋاسنىڭ نەسلى قۇرۇغان . مىڭ يىللارچە تارىخقا پۈتۈلۈپ داڭقى ئالەمگە پۇر كەتكەن « مۇشكى خوتەن » ناملىق ئېسىل  ئىپار چىقىدىغان خوتەن كىيىكلىرى ئاتوم زەھىرىدىن قېچىپ، كەشمىر ۋە تىبەت تاغلىرىغا ئۆتۈپ كەتكەن .
جانلىقلاردىن ئۆلگىنى ئۆلۈپ ، قاچىدىغىنى قېچىپ قۇتۇلغان . ئەمما تارىم ۋادىسىغا ئون مىڭ يىلدىن بېرى باغلىنىپ كەلگەن ئەزىز ئۇيغۇر مىللىتى ھېچيەرگە قاچالماي ، 55 يىلدىن بېرى دۇنيانىڭ ئەڭ ئېغىر ۋە زەھەرلىك ئاتوم بومبا سىناقلىرى ئارىسىدا ھەر خىل خىمىيىلىك ئېغىر كېسەللەرگە دۇچار بولۇپ ، دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ بۈگۈنگە ئۇلاشقانىدى. ئەمما باندىتلار شۇنچىلىك ئەقەللىي ھوقۇقىنىمۇ تارتىۋېلىپلا قالماي يەنە ، « ئاش بەرگەنگە مۇش بېرىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نەسلىنى قۇرۇتۇش ئۇرۇشىنى باشلىۋەتتى » . ئەمدى بىزنىڭ بۇ ئۇرۇشنى ئاداققىچە قىلىپ ، تارىخىتىكى بارلىق ئىنتىقامنى ئېلىپ ھېساپ سورايدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلدى.

« دەۋاگەر بوش بولسا ، قازى مۇتتەھەم ، ئوغرى داپ يۈز بولۇر »

2019 - يىلى 17 - ئۆكتەبىر 

قايغۇلۇق پەيشەنبە