2020/11/30 23:45

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


ھىندىستاندىكى موغۇل ئىمپىرىيىسىنىڭ ئەڭ سەلتەنەتلىك ھۆكۈمدارى ئالەمگىر ئەۋرەڭزېپ

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2020/11/04 10:42

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى


بابۇرىلار شاھى ئالەمگىر ئەۋرەڭزېب ھەققىدە :

كىرىش سۆز ئورنىدا :

ئالەمگىر ئەۋرەڭزېپ بابۇرىلار ھۆكۈمرانلىرى ئىچىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق گۈللىنىش ۋە كۈچىيىش دەۋرىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن ئەڭ قابىل ۋە دانا پادىشاھ بولۇپ ، شاھجاھاننىڭ ئوغلى ئىدى. شاھجاھاننىڭ دادىسى دەل نۇرىددىن جاھانگىرخان ئىدى . ئۇنىڭ دادىسى جالالىددىن مۇھەممەد ئەكبەر شاھ ، ئۇنىڭ دادىسى نەسرىددىن ھۇمايۇن ، ئۇنىڭ دادىسى دەل زەھىرىدىن مۇھەممەد بابۇر شاھ ئىدى. بابۇر شاھ ئانا تەرەپتىن تۇغلۇق تۆمۈرخانغا ، ئاتا تەرەپتىن ئەمىر تۆمۈرگە تۇتىشاتتى. ئۇنىڭ دادىسى ئۆمەر شەيىخ مىرزا يۇنۇسخاننىڭ كۈيئوغلى ئىدى . يەنى ، ئۇنىڭ ئانىسى بىلەن سۇلتان سەئىدخاننىڭ دادىسى سۇلتان ئەھمەدخان يۇنۇسخاننىڭ ئۆز بالىلىرى ئىدى.

1 . بوۋىسى نۇرىددىن مۇھەممەد سېلىم جاھانگىرشاھ ھەققىدە  :

1605 - يىلى 3 - نويابىر جاھانگىرشاھ دادىسى جالالىددىن مۇھەممەد ئەكبەر شاھ ئورنىغا ھىندىستان ھۆكۈمدارى بولغان . جاھانگىر شاھنىڭ ئەڭ چوڭ مۇۋەپپىقىيىتى دەل دادىسى ئەكبەر شاھ پەيدا قىلغان دىنىي مالىمانچىلىقنى تۈزەش بولسا ، ئۇنىڭ ئەڭ ئەجەللىك خاتالىقى چەتئەل كۈچلىرى كېڭەيمىچىلىك قورالى قىلىۋالغان سودا شىركەتلىرىگە ئىمتىياز بېرىپ ، دۆلىتىنىڭ ئىستىقبالىنى ۋەيران قىلىدىغان ئەجەللىك يوچۇق ئېچىپ قويغانلىقىدۇر . ئەڭ چوڭ داۋالغۇش ۋە مۇنقەرىز بولۇش خەۋپى ئۇنىڭ ئەجنەبىي خوتۇنى پىرەنسىس مانماتى دېگەن ئايالدىن تۇغۇلغان نانقېپى ئوغلى شاھجاھاننىڭ دەۋرىدە كۆرۈلگەن.

بابۇر شاھنىڭ 1542 - يىلى 14 - ئۆكتەبىر تۇغۇلغان نەۋرىسى ئەكبەر شاھ 1605 - يىلى 13 - ئۆكتەبىر ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ، ئاتىسىنىڭ بىدئەت دىنىي ئېتىقاد سىياسىتى جەھەتتىكى خاتالىقىنى تۈزەتكەن جاھانگىر شاھ تېخىمۇ ئەجەللىك تارىخىي خاتالىق ئۆتكۈزۈپ ، 1600 - يىلى 31 - دېكابىر ئايال پادىشاھ ئېلزابىت بىۋاستە ئارقا تېرەك بولغان ئەنگلىيە شەرقىي ھىندىستان شىركىتىگە بابۇرىلار ئىگىلىكىدىكى جەنۇبىي ئاسىيادا ئالاھىدە ئىمتىياز بېرىدۇ . 1627 - يىلى 28 - ئۆكتەبىر جاھانگىر شاھ 58 يېشىدا ۋاپات بولىدۇ . ئۇ  1569 - يىلى 31 - ئاۋغۇست تۇغۇلغانىدى. گەرچە مەزكۇر شىركەت دەسلەپتە پەقەت سودا ئىمتىيازىغا قانائەت قىلغان بولسىمۇ ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى كۈچلۈك  ھۆكۈمدار ئالەمگىر ئەۋرەڭزېپ 1709 - يىلى ۋاپات بولغاندىن يۈرەكلىك ھالدا سىڭىپ كىرىشنى كۈچەيتىپ ، 1758 - يىلدىن 1858 - يىلغىچە ھىندىستاننى يۇتۇۋالىدۇ .

2 . دادىسى شىھابىددىن مۇھەممەد شاھ جاھان ھەققىدە :

ئەسلى ئىسمى غىياسىدىن ھۆررەم جاھانگىر بولۇپ ، بوۋىسى ئەكبەر شاھ ھايات چاغدا،
1592 - يىلى 5 - يانۋار لاھوردا تۇغۇلغان .
ئۇنىڭ ئانىسى ھىندى مەلىكىسى ئىدى. ئۇ كىچىك ۋاختىدىلا ئۈچ ئوغۇل ئىچىدە ئەڭ زېرەك ۋە تەدبىرلىك بولغاچقا ، بوۋىسى ئەكبەر شاھ ئۇنى ئىنتايىن ئەركە ئۆگەتكەن . بىراق ئەكبەر شاھ 1605 - يىلى ئۆلۈپ كېتىپ ، 13 ياشلىق شاھجاھاننىڭ ئەركە دەۋرى پۈتۈنلەي ئاخىرلاشقان. شۇنداقتىمۇ ئۇ ياش تۇرۇپلا ھەربىي جەھەتتىمۇ كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەن . بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئەسلى كېلىپ چىقىشى ئافرىقىلىق ھەبەشلەردىن بولغان ئەڭ چوڭ ئىسيانچى ھەربىي قوماندان مەلىك ئەنبەر (1548 - 1626 ) نى مەغلۇپ قىلىپ ، كېلىشىم تۈزۈشى ، ئۇنىڭغا تەخت ۋارىسى بولۇش شەرىپىنى ئاتا قىلغان. 1628 - يىلى 19 - يانۋار دادىسى جاھانگىر شاھ ئورنىغا پادىشاھ بولغان . دەسلەپكى دەۋرىدە ھەر خىل ئىسيانلارنى تىنجىتىپ ، پورتۇگالىيە دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ ئەدىپىنى بېرىپ تۇرغان . ھەر ئېھتىمالغا قارشى ئوغلى ئەۋرەڭزېپنى 1635 - يىلى نائىپ پادىشاھ قىلىپ تەيىنلىگەن . ئۇنىڭ ئۇتۇقلۇق ھەربىي يۈرۈشلىرى تاكى پارسلاردىن قەندەھارنى قايتۇرۇۋېلىشىغىچە داۋاملاشتى .

كۈتۈلمىگەندە ئۇنىڭ ئامراق خوتۇنى مۇمتاز مەھەل ئۆلۈپ كەتكەن . ئۇ ئەسلىدە بۇرۇنقى پارس خانلىرىنىڭ نەسلىدىن بولۇپ ، 1593 - يىلى 27 - ئاپرىل تۇغۇلغان . شاھجاھان ئۇنى 21 ياش ۋاختىدا ئەمرىگە ئالغان . بۇ خوتۇن 1631 - يىلى 17 - ئىيۇن ئۆلگەندىن كېيىنلا، شاھجاھاننىڭ بۇرۇنقى جەڭگىۋارلىقى ۋە ئىرادىسى بوشىشىپ ، بارغانسىرى دېۋەڭ ۋە نانقېپى بوپقالغان . ئۇنى مەڭگۈ ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن شاھجاھان 1632 - يىلدىن تاكى 1653 - يىلغىچە 21 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، 21 مىڭدىن ماھىر ئۇستا ئىشلىتىش ئارقىلىق ، پايتەختتە غايەت زور مازار ياساتقان . ئۇ دەل ھازىرقى دۇنيادىكى يەتتە ئاجايىباتنىڭ بىرى دەپ نام ئالغان « تاجمەھەل مەقبەرىسى » ئىدى . دۆلەت خەزىنىسىنى قۇرۇتۇپ قويغان بۇ قىلمىش ۋە دۆلەتنىڭ ئىشلىرىنى تاشلاپ قويۇش ، ئىمپىرىيەنىڭ داۋالغۇپ كېتىپ ، مۇنقەرىز بولۇش خەۋپىنى پەيدا قىلغان .

دادىسىنىڭ تۈگىشىپ كەتكىنىنى كۆرگەن دانا ئوغلى ئۇنى بىكار قىلىپ ، ئۆزى تەختكە چىققان . شۇنداق قىلىپ ، 1658 - يىلى 31 - ئىيۇل ۋەتەنپەرۋەر ۋە يۈكسەك ئىرادىلىك ئوغلى ئالەمگىر ئەۋرەڭزېپ تەرىپىدىن تەختتىن چۈشۈرۈلگەن . شۇنداقتىمۇ خوتۇنىنىڭ دەردىدە ئاساسەن ساراڭ بولغان دادىسىغا ئوردىدىن بىر يوچۇق ئېچىپ، يوغان بىر ئەينەكنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، تاجمەھەل مەقبەرىسى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان شارائىتنى يارىتىپ بەرگەن . شاھجاھان ئاشۇ ئەينەككە قاراپ ياتقان پېتى سەككىز يىلنى ئۆتكۈزۈپ، 1666 - يىلى 22 - يانۋار 74 يېشىدا ئاگرادا قازا قىلغان .

3 . پادىشاھ ئالەمگىر ئەۋرەڭزېپ ھەققىدە :

« ئۇلۇغ پادىشاھ ئالەمگىر ئەۋرەڭزېپ ھەزرىتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىزىنى بېسىپ ماڭالىغان خەلىپىلەر قاتارىدىن ھېساپلىنىدۇ ».
ئەللامە ئەلى تانتاۋى .

تولۇق ئىسمى ئەبۇ مۇزەففەر مۇھىددىن مۇھەممەد ئەۋرەڭزېپ ئالەمگىر 1618 - يىلى 4 - نويابىر ھازىرقى گوجارات تەۋەسىدە تۇغۇلغان. ئەبۇ مۇزەففەر ئۇنىڭ ئەرەبچە تەخەللۇسى بولسا ، « ئەۋرەڭزېپ » ئەسلىدە « سەلتەنەت زىننىتى » مەنىسىدىكى پارسچە سۆز بولۇپ ، « ئالەمگىر » ئاتالغۇسىمۇ پارسچە « جاھاننىڭ خوجىسى » مەنىسىدىكى سۆز ئىدى . ئۇنىڭ ۋاختىدا بابۇرىلار شاھلىقى دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ۋە قۇدرەتلىك تۈرك - ئىسلام دۆلىتىگە ئايلانغان بولغاچقا ، بىر قاتار ھۆرمەت ناملار بىلەن نامى ئەبەدىي ياد ئېتىلىپ كەلمەكتە . ئۇ دەل ھېلىقى مۇمتاز مەھەلدىن تۇغۇلغان ئوغۇل ئىدى .

ئۇ كىچىكىدىنلا دىنغا ئالاھىدە بېرىلىپ ، راھەت - پاراغەتكە قەتئىي بېرىلمەس بولۇپ ئۆسكەن .
ئۇنىڭ ئۇلۇغ بوۋىسى ئەكبەر شاھ پەيدا قىلغان بىدئەت دىنىنى مىڭ تەستە ئوغلى جاھانگىر قولى بىلەن يىغىشتۇرغان شەيىخ ئەھمەدنىڭ ئوغلى مۇھەممەد مەخسۇم شاھجاھاننىڭ بۇ ئوغلىنى كىچىكىدىنلا قۇرئاننى ئۆلچەملىك ئوقۇيدىغان قىلىپ تەربىيىلەپ ، ئۇنى ھەنەپى مەزھىپى بويىچە مۇكەممەل بىر مۇسۇلمان قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىققان . ئۇ ھەر ھەپتىنىڭ دۈشەنبە ، پەيشەنبە ۋە جۈمە كۈنلىرى روزا تۇتۇشنى ، تاراۋا نامىزىغا ئىمام بولۇشنى ۋە بارلىق نامازلارنى جامائەت بىلەن ئوقۇشنى بىر ئۆمۈر ئادەتكە ئايلاندۇرغان. بۇ جەھەتتە ئۇ خۇددى ئۇلۇغ بوۋىسى يۇنۇسخاندەك ھەم ئىلىم - ئىبادەتتە ، ھەم ئۇرۇش - سىياسەتتە تەق يېتىلگەن يېگانە ھۆكۈمدارغا ئايلانغان. ئۇندىن باشقا ئۇنىڭغا تۈرلۈك جەڭ سەنئىتى ۋە ئۇرۇش ماھارەتلىرىنى ئۆگەتكەن . بۇ خىل تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش ئۇنى ئۇلۇغ بوۋىسى بابۇرشاھتىنمۇ ئېشىپ چۈشكىدەك سەلتەنەتكە يەتكۈزگەن .

تېخى كىچىك ئۆسمۈر تۇرۇپلا ئۇستا چەۋاندازغا ئايلانغان . ئۇنىڭ قەھرىمانلىقى ھەققىدىكى مۇنۇ تارىخ ھازىرغىچە ئۇنتۇلغىنى يوق :

ئۇ 14 ياشقا كىرگەندە دادىسى قاتناشقان بىر قېتىملىق ھەربىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈلگەن . بۇ چاغدا پاراتتىن ئۆتۈۋاتقان پىللاردىن بىرى توپتىن ئايرىلىپ چىقىپلا ، ئۇدۇل ئۇ مىنگەن ئاتنى نىشانلاپ ، خارتۇمى بىلەن ئۇرغان . كىچىك خانزادە ئاتتىن موللاق ئاتقان . بىراق ئۇ قىلچە ھودۇقماستىن ، قىلىچىنى سۇغۇرۇپ، ئۆزىگە قاراپ كېلىۋاتقان چوڭ پىلغا قىلىچ ئۇرۇشقا تەييارلانغان . ھالقىلىق پەيتتە بىر نەچچە قوغدىغۇچى ئەسكەر پىلنى ئۈركۈتۈپ ئاران كەينىگە ياندۇرغان. بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئانىسى يېڭىلا ۋاپات بولغانىدى . شاھجاھان ئوغلىنىڭ باتۇرلىقىدىن سۆيۈنۈپ ، ئۇنى 17 ياشقا كىرىشىگىلا ، 1635 - يىلى ئۆزىنىڭ تەخت ۋارىسى ۋە نائىپ پادىشاھ قىلىپ تەيىنلىگەن .

ئۇنىڭ ئىككى قېرىندىشىنىڭ بىرى ھازىرقى بېنگال تەرەپنى ، يەنە بىرى ھازىرقى پاكىستان تەۋەسىنى سورايتتى . ئەۋرەڭزېپ ئوتتۇرا قىسىمنى سورىغان . بۇ جەرياندا دۆلەتنى ياخشى ئىدارە قىلىپلا قالماي ، بەلكى تۈرلۈك ئىسيانلارنى باستۇرۇش جەريانىدا ھەم ئەلەمدەھەم قەلەمدە يېتىشكەن ، ھەم دانا ھۆكۈمدار ، ھەم داڭلىق قوماندان بوپقالغان .

شاھجاھان 1653 - يىلى 21 يىلدا ئاران پۈتكەن ئاپئاق رەڭلىك تاجمەھەلنىڭ يېنىغا قاپقارا رەڭلىك شاھجاھان مەقبەرىسى ياسىتىشقا پەرمان بەرگەن . بۇ چاغدا ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى ئۇنى نەزەربەنت قىلىپ ، دادىسىنىڭ نامىدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن . بىراق ئۇ بارا - بارا بوۋىسى ئەكبەر شاھ دەۋرىدىكى بىدئەت دىننى تىرىلدۈرمەكچى بولغان. سەگەك ۋە كەسكىن ئىرادىلىك ، مۇستەھكەم ئېتىقادلىق ئالەمگىر ئاكىسىنىڭ بۇ سۇيقەستىنى بىتچىت قىلىپ ، دادىسى تاشلاپ قويغان زەئىپ دۆلىتىنى قايتا گۈللەندۈرۈشكە بەل باغلىغان .

ئۇ 1657 - يىلى ئاساسەن ئېغىر سەۋدالىق كېسىلىگە دۇچار بولغان دادىسىنى دەم ئېلىشقا چىقىرىپ ، قالغان ئىككى بۆلگۈنچى ئاكىسىنى يىغىشتۇرۇپ ، 1658 - يىلغىچە ئۆزى يېگانا ھالدا ۋەزىيەتنى تولۇق تىزگىنلەپ ، شۇ يىلى 31 - ئىيۇل رەسمىي ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى باشلاپ كەتكەن . ئەمما تاج كىيىش مۇراسىمى 1659 - يىلى 13 - ئىيۇن دېھلىدىكى شالىمار باغدا ئۆتكۈزۈلگەن .

شاھجاھان دەۋرىدە ئۆزىگە ئۆزى پادىشاھ بولۇۋالغان ھىندى خانلىقلىرى ھەممىسى دېگىدەك قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن . ئالەمگىرخان تەختكە چىققان كۈندىن باشلاپلا ، ئۇرۇش بىلەن ۋاختى ئۆتكەن . 50 يىللىق تىرىشچانلىق ئارقىلىق ، ھازىرقى ئافغانىستان ، پاكىستان ، ھىندىستان ، كەشمىر ، نېپال ، بۇتان ، سىككىم، بېنگال ۋە بېرما قاتارلىق جايلارنى تىزگىنلىگەن.
4 مىليون كۋادرات كىلومېتىرلىق غايەت زور جۇغراپىيەنى باشقۇرغان ئالەمگىرخان ئۇدا 30 قېتىمدىن كۆپرەك چوڭ ئۇرۇش قىلغان. ئۇنىڭ ئىچىدىكى 11 چوڭ ئۇرۇشقا ئۆزى قوماندانلىق قىلغان .

ئۇندىن باشقا ئۇ دادىسى دەۋرىدىكى 80 نەچچە خىل ھەر خىل باجنى بىكار قىلغان. خەزىنىدىن بىر تىللامۇ خەجلىمەي ، ئۆز قولى بىلەن يازغان قۇرئاندىن كىرىم قىلغان پۇلدا جان ساقلىغان . پۈتۈن ئۆمرى ھەربىي ھالەتتە ئۆتكەچكە ھەرەمگە ھەجگە بارالمىغان. بۇنىڭ بەدىلىگە ئۆز قولى بىلەن يازغان قۇرئان كەرىمدىن ئىككىنى مەككە ۋە مەدىنىگە ئەۋەتىپ بەرگەن .

كىندىك قېنى لاھورغا تۆكۈلگەن دادىسىنى خاتىرىلەش 1671 - يىلى ئۈچۈن لاھوردىكى قەدىمىي جامە « پادىشاھ مەسچىتى » نى سالدۇرغان ئالەمگىرخان دەۋرىدە پۈتۈن جەنۇبىي ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان . مەزكۇر مەسچىت ھازىرغىچە ئۇنىڭ شۆھرىتىگە گۇۋاھ بولۇپ تۇرماقتا .

ھىندىستاندىكى بابۇرىلار ئىمپىرىيىسىنىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك ھۆكۈمدارى پادىشاھ ئالەمگىر ئەۋرەڭزېپ ھازىرقى لاھوردا 1671 - يىلى سالدۇرغان پادىشاھ مەسچىتى ھازىرمۇ شۇ پېتى قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا . مەزكۇر مەسچىت ئېچىۋېتىلگەن مەزگىل دەل ئافاق خوجا ئىشان ۋەتىنىمىزدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ ، بەدەخشان ۋە كەشمىردە تېنەپ يۈرگەن ۋاختى ئىدى. بەلكىم ئۇ ئۆزى بۇ مەسچىتنى زىيارەت قىلىپ باققان بولۇشى مۇمكىن. 

ئالەمگىر ئەۋرەڭزېپ بابۇرشاھلار ئىچىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئىستىداتلىق ھۆكۈمران بولۇپ ، ئۇنىڭ دەۋرىدە موغۇل ئىمپىرىيىسى ھازىرقى جەنۇبىي ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى ئاساسەن ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا كىرگۈزۈپ بولغان. بۇنچە سەلتەنەتكە ئۇل سالغان ۋە ئاخىرىغىچە قوغداپ قالغان ھىممەتلىك پادىشاھ ئەۋرەڭزېپ ئالەمگىرخان 88 يېشىدا ئەھمەد ناگاردا 1707 - يىلى 3 - مارت ۋاپات بولغان .

ئۇ بابۇرىلار سەلتەنىتىنىڭ 6 - ھۆكۈمدارى بولۇپ ، بابۇرشاھ ، ھۇمايۇنخان ، ئەكبەر شاھ ، جاھانگىرخان ۋە شاھجاھانخاندىن كېيىن ئۇدا 50 يىل ھۆكۈم سۈرۈپ ، بابۇرىلار ئىمپىرىيىسى
( 1526 - 1858 ) تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن ۋە ئەڭ شانلىق سەلتەنەت سۈرگەن قابىل پادىشاھ بولۇپ قالدى .

4 . دالاي لامانىڭ قالماقلاردىن ھەربىي ياردەم تەلەپ قىلىشى :

ئەۋرەڭزېپ ئالەمگىر شاھ ھىندى ئوكياندىكى پورتۇگالىيە دېڭىز قاراقچىلىرىنى تازىلىغاندىن كېيىن ، دىققىتىنى تىبەتكە قاراتقان . بۇ چاغدا تىبەتتە دالاي لاما 5 ھۆكۈمران ئىدى . ئۇ خېلى يىراقنى كۆرەر روھانىي دىنىي رەھبەر بولۇپ ، ئالەمگىر يېڭىلا تەختكە چىققان چاغدىن باشلاپلا ئۇنىڭدىن مۇداپىئە كۆرۈشكە تۇتۇش قىلغان . چۈنكى ئۇنىڭغا مەدەت بېرىۋاتقان ۋە چوقۇنۇۋاتقان قالماقلار مەركىزىي ئاسىيادىكى قازاق ۋە ئۆزبېك ئەللىرىنى قارام ئەللەرگە ئايلاندۇرۇپ ، دالاي لامانى ئامبۇردەك ئىككى تەرەپتىن ئىسكەنجىگە ئېلىپ تۇرغان قوشماق ئىككى خانلىق - سەئىدىيە خانلىقى بىلەن بابۇر شاھلىقىغا چىشىنى بىلەپ تۇرغانىدى . دەل شۇ چاغدا ئافاق خوجا كەشمىر ئارقىلىق تىبەتكە چىقىپ ، دالاي لامانى خۇش قىلىۋەتكەن . نەتىجىدە دالاي لاما بۇرۇنقى ياغاچ قۇلاق شاگىرتى غالدان قونتاجى ( 1645 - 1697 ) غا
« بوشۇكتۇخان » مەرتىۋىسى بېرىپ ، خوجا ھىدايىتۇللا ئىشانغا « ئافاق بىسيار » دەپ نام بېرىپ ، غالدانغا مەكتۇپ يېزىپ بەرگەن . 1677 - يىلى ھازىرقى كەڭسۇ ئارقىلىق، غالدان يېڭىلا يۇتۇۋالغان قۇمۇل ، تۇرپان ۋە بەشبالىقنى كېسىپ ئۆتۈپ 1678 - يىلى باش باھاردا غۇلجىغا يېتىپ كەلگەن ئافاق خوجا مەكتۇپنى غالدانغا بەرگەن . دالاي لاما تېخى بەش يىل بۇرۇنلا ئۇنىڭ راھىپلىق نامىنى بىكار قىلغان ئىدى . ئەمدى ئۇنىڭغا بىراقلا خانلىق مەرتىۋىسى بەرگەن . ئۇنىڭ دادىسى قونتاجىمۇ 1635 - يىلى مۇشۇ دالاي لاما 5 تەرىپىدىن
« باتۇر قونتاجى » دېگەن نامغا ئېرىشكەن ئىدى . قونتاجى بۇ خىل دىنىي ئىمتىيازدىن ياخشى پايدىلىنىپ ، 1640 - يىلى ھازىرقى موڭغۇل ۋادىسىنى سوراۋاتقان قالقالار بىلەن بىرلىشىپ ، قالماق خانلىقىنى قۇرۇۋالغانىدى.
بۇ چاغلاردا سەئىدىيە خانلىقى بىر نەچچە شاھزادە ۋە ئىككى تاغلىق خوجىلار ئارىسىدا پارچىلىنىپ بەكلا ئاجىزلىشىپ كەتكەنىدى.
بابۇر شاھلىقىنىڭ ئەھۋالىمۇ ئوخشاش ئىدى . بەختكە يارىشا ئابدۇرېشىتخاننىڭ 12 - ئوغلى ئابدۇرەھىمخان ( تۇرپاندىكى نائىپ خاقان) نىڭ ئوغلى ئابدۇللاخان ( 1638 - 1666 - يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان ) خانلىقنى قايتىدىن بىرلىككە كەلتۈرۈپ ، قۇدرەت تاپقۇزغان . بابۇرىلاردىنمۇ ئالەمگىرخان تەختكە چىقىپ، دۆلەتنى قايتا كۈچەيتىپ ، تېخىمۇ قۇدرەت تاپقۇزغان . بۇ ھال ئالەمگىرخاندىمۇ خۇددى سەئىدخانغا ئوخشاش تىبەتنى ئىسلاملاشتۇرۇش ئويى پەيدا قىلغان . دالاي لامانىڭ بېشى قېتىپ تۇرغاندا ، يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن غالدان ئۇنىڭ باش ئاغرىقىنى تۈگەتكەن . كېيىنكى ئىشلار ھەممىگە مەلۇم.
ئالەمگىرخانمۇ ياشىنىپ قالغاچقا، دۆلەت ئەركانلىرى ئۇنى ئېگىز تاغلىق تىبەتكە يۈرۈش قىلىشتىن توسۇپ قالغان .

گەرچە ئابدۇللاخان 1638 - يىلى يەكەننى ئىگىلەپ، باشقا شاھزادىلەرنى تىنجىتىپ، سەئىدىيە خانلىقىنى قايتا قۇدرەت تاپقۇزۇپ، ئاخىرقى 30 يىللىق گۈللىنىشنى بارلىققا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، بىراق قالماق تەھدىتىنى يوقىتىشقا كېچىكىپ قالغانىدى. 1644 - يىلى مانجۇلار سەددىچىندىن كىرىپ 10نەچچە يىل ئىچىدىلا خىتاينى تولۇق ئىشغال قىلدى.
شەرقتىكى موڭغۇللار جۇڭغار خانلىقىغا قېچىپ كەلدى. قېرىشقاندەك سەئىدىيە خانلىقىدا 1648 - يىلى باشلانغان ئاقتاغلىق ۋە قارا تاغلىق زىددىيىتى 1678 - يىلى قۇدرەتلىك ۋەئاچكۆز قالماق خانى غالداننى باشلاپ كېلىپ، ئۆز قولىمىز بىلەن دۆلىتىمىزنى مۇنقەرز قىلىش بىلەن ئاياغلاشتى.

تۇراندىكى سەلتەنەتىمىز قالماقلارنىڭ قولىدا ۋەيران بولغاندىن كېيىنلا ، ھىندىستاندىكى يەنە بىر سەلتەنەتىمىزمۇ زاۋاللىققا يۈزلەنگەن .
تولىمۇ ئەپسۇس ، ئالەمگىرنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ، مەزكۇر خانلىق 1709 - يىلدىن باشلاپ تەدرىجىي زەئىپلەشتى. تۇنجى ئەجەللىك ھۇجۇم سافاۋىلار خانلىقى ( 1502 - 1736 ) خارابىسىدا ئافشار خانلىقىنى قۇرۇپ چىققان نادىر شاھتىن كەلدى . نادىر شاھ 1744 - يىلى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىنكى ھۇجۇم ئافغانىستان شاھى ئەھمەدخان دۇررانىدىن كەلدى.

مەزكۇر ئەھمەدخان مەركىزىي ئاسىيا خانلىقلىرىنىڭ مەنچىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى ئىسلام ئىتتىپاقى بىرلەشمە ئارمىيىسنىڭ باش قوماندانى بولۇپ ، 1765 - يىلدىكى ئۇچتۇرپان قوزغىلىڭىنى ئاغزاكى قوللىغان . بىراق ئۇلار قوشۇن تارتقۇچە ، مانجۇرلار ئۇچتۇرپان ئاھالىسىنى تولۇق قىرىپ تاشلىغان . شۇنىڭ بىلەن بۇ ئاقماس ئىتتىپاق چۇۋۇلۇپ ، ئەھمەدخان قايتىش يولىدا 1759 - يىلى 17 - ئۆكتەبىر چوڭ - كىچىك خوجىلارنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ چيەنلوڭغا سوۋغا قىلغان بەدەخشان ئەمىرى سۇلتانشاھنى ئۆلتۈرۈپ ، « ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىنتىقام ئالغان » ھالەت پەيدا قىلىپ ، بەدەخشاننى قوشۇۋالغان . شۇندىن بېرى سەئىدىيە خانلىقى ۋە خوجا جاھانغا ئولپان تاپشۇرۇپ ياشايدىغان بۇ جاي ئافغانىستاننىڭ بىر قىسمى بوپقالغان. 

خاتىمە : بابۇر مەسچىتى ۋە ھازىرقى قىسمىتى :

بابۇر شاھ ۋاپات بولۇشتىن ئىككى يىل ئىلگىرى ئۆز نامى بىلەن ئىنشا قىلغان « بابۇر مەسچىتى » 1528 - يىلى بىنا قىلىنغان بولۇپ ، 1992 - يىلى ھىندىلار تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان ئىدى . مانا ئەمدى بۇ تارىخىي مەسچىت ئۆزىنىڭ 500 يىللىق تەۋەللۇت كۈنىگە ئۇلاشمايلا پۈتۈنلەي چېقىۋېتىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن . 2019 - يىلى 9 - نويابىر سوت بۇ جاينى ھىندىلارغا كېسىپ بەرگەن بولۇپ ، ۋاختىدا تەدبىر قوللىنىلمىسا ، 500 يىللىق تارىخقا ۋەكىللىك قىلىدىغان ، شۇنداقلا ھىندىستاندا 333 يىل سەلتەنەت سۈرگەن « موغۇل ئىمپېرىيىسى » مۇشۇ مەسچىت بىلەن قوشۇلۇپ خەلقنىڭ زېھنىدىن ئۆچىدۇ . بابۇر شاھقا ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر بولغاچقا ، ئۆزىنى بابۇرشاھقا ئەڭ ھەقلىق دەپ قاراۋاتقان ئافغانىستان ۋە ئۆزبېكىستان ھۆكۈمەتلىرىدىن قىلچە سادا چىقمىغان . چۈنكى ھىندىستاننى بويسۇندۇرۇپ ، كابۇلغا دەپنە قىلىنغان بابۇر شاھنىڭ ۋارىسلىرى دەل ئۇنىڭ نەۋرە ئىنىسى سەئىدخاننى يەكەندە ، تاغىسى سۇلتان ئەھمەدنى ئاقسۇدا ۋە ئۇلۇغ بوۋىلىرى بولغان ئۇۋەيسخان ۋە تۇغلۇق تۆمۈرخاننى غۇلجىدا مۇھاپىزەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىدى. مانا ئەمدى 492 يىللىق مەسچىت چېقىۋېتىلىش ئالدىدا تۇرىدۇ . ئاتالمىش مۇسۇلمان ئەللىرى لېدىرلىرىدىن قىلچە سادا يوق . ۋەتىنىمىزدە 16 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىتلەر چېقىپ تاشلاندى.  ئەمما تۈرك - ئىسلام دۇنياسى 2020 - يىلى 28 - ئۆكتەبىر باندىتلار سېلىپ بەرگەن دۇنيا بويىچە 3 - چوڭ مەسچىتنى مەدھىيىلەپ ، دىللىرىدىكى خىتاي سۆيگۈسىنى ئاشكارا ئىپادىلەش بىلەن ئالدىراش .

سۈرەتتە : ئەۋرەڭزېپ ئالەمگىر خاقان ۋاختىدا ئەڭ گۈللەنگەن ۋە كېڭەيگەن بابۇرىلار زېمىنى . ( 1705 - يىل).
شۇنى ئۇنۇتماسلىق كېرەككى ، بابۇرىلار خانلىقى سەئىدىيە خانلىقى بىلەن قوشماق خانلىقى بولۇپ ، بىرى مەركىزىي ئاسىيانى ، يەنە بىرى جەنۇبىي ئاسىيانى سورىغان . بىرى 180 نەچچە يىل ، يەنە بىرى 333 يىل داۋام قىلغان. بۇ ئىككى دۆلەتنى « بىر مىللەتنىڭ ئىككى دۆلىتى » دەپ ئاتاشتىن باشقا تاللاش يوق.

ئۇيغۇر تارىخى سەھىپىسى

2020 - يىلى 4 - نويابىر. چارشەنبە.