2020/12/01 00:38

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


ئافېنادا سېلىنغان تۇنجى مەسچىت بىلەن ئاتۇشتىكى چېقىۋېتىلگەن قەدىمى مەسچىتلەر

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2020/11/04 10:47

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى


ئافېنادا تۇنجى مەسچىت سېلىندى ، ئاتۇشتا ئەڭ قەدىمقى تۇنجى مەسچىت چېقىلدى :

يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ سەيشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە ، 14 يىلغا يېقىن تالاش-تارتىش ۋە بيۇروكراتلارچە ( مونوپولچە زورلاپ كەينىگە تارتىش) كېچىكتۈرۈلگەندىن كېيىن ، تۇنجى مەسچىت ئاخىرى گرېتسىيەنىڭ پايتەختى ئافىنادا ئېچىلغان.

كورونا ۋىرۇسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك چەكلىمىلەر پۇختا يولغا قويۇلغاندىن كېيىن ، تۇنجى ناماز دۈشەنبە كۈنى كەچتە ئاز ساندىكى دۇئا-تىلاۋەتچىلەرنىڭ ئىشتىراك قىلىشى ئاستىدا ئۇتۇقلۇق ئۆتكۈزۈلدى ، يۇقۇم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تۇنجى مەسچىتنىڭ ئېچىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تېخىمۇ چوڭ تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش مۆلچەرلەنمەكتە .

كاتىمىرىنى گېزىتى دىنىي ئىشلار مىنىستىرى گىئورگوس كالانتىزىسنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مەسچىتنىڭ ئېچىلىشى دېموكراتىيە ، دىنىي ئەركىنلىك ۋە دىنغا ھۆرمەت قىلىش توغرىسىدا پۈتۈن دۇنياغا ئىجابىي ۋە ئېنىق ئۇچۇر بېرىدۇ».

گرېتسىيە پراۋۇسلاۋىيە چېركاۋىنىڭ قارشى تۇرۇشى 1979-يىلدىن باشلاپ مەسچىتنىڭ ئېچىلىشىنى كېچىكتۈردى ۋە ھۆكۈمەت 2006-يىلى ئېچىشنى تەستىقلىغاندىن كېيىنمۇ يەنىلا 14 يىل تالاش - تارتىش قىلىنىپ ، جىق ۋاقىت كەتتى.

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى ، ئافىنا مەسچىتىنىڭ تۇنجى ئىمامى ، ماراكەشتە تۇغۇلغان گرېتسىيەلىك كۆچمەن زاكى مۇھەممەد ئىسىملىك ​​كىشى بولۇپ ، ئۇ ھازىر گرېتسىيەلىك ئىكەن . دىنىي بىلىملەر ۋە ماتېماتىكىدا پۇختا بولغاندىن سىرت ، ، ئەرەب ، گرېكچە ۋە فىرانسۇز تىللىرىدا راۋان سۆزلەيدۇ.

تۈركىيە بىلەن بولغان قۇرۇقلۇق چېگراسىدا بىر تۈركۈم ئاز سانلىق مۇسۇلمان بار ، ئۇندىن باشقا بۇ دۆلەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقالغان تۈمەنلىگەن مۇسۇلمان ئىشچى ۋە مۇساپىرلار بار . تولىمۇ ئەپسۇس ، تۈرك - گېرىك ئىككى مىللەتنىڭ تارىخىي زىددىيىتى سەۋەبىدىن پايتەخت ئافېنا دۇنيادىكى مەسچىت بولمىغان بىردىنبىر مەركىزىي شەھەر بولۇپ قالغان . شۇنداقتىمۇ ، ھازىرقى نوپۇس نىسبىتىدە پراۋۇسلاۋىيە خىرىستىيانلىرى ئومۇمىي سانى گرېتسىيەلىكلەرنىڭ 97 % نى ئىگىلەيدۇ .

بۇ مەسچىت پايتەختنىڭ سابىق سانائەت رايونى ئېلىئوناسقا جايلاشقان بولۇپ ، ئافىنادىكى 1821-يىلى مۇستەقىللىق ئۇرۇشىدىن كېيىن ئوسمانىلاردىن قۇتۇلغاندىن بۇيانقى تۇنجى مەسچىت. ئوسمانىلار گېرىتسىيەنى سۇلتان مۇھەممەد فاتىھ ( 1432 - 1481 ) دەۋرىدە تولۇق ئىزشغال قىلغان بولۇپ ، ئۇدا تۆت ئەسىر ئوسمانىلارنىڭ « يۇنان » ۋىلايىتى بولۇپ كەلگەن . 1832 - يىلى كېنەزلىك ئورنىغا ، 1878 - يىلى مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن . 1909 - يىلدىن باشلاپ كېرىت قاتارلىق ئوسمانلى زېمىنلىرىنى ئىشغال قىلىپ ، 1921 - يىلغا كەلگەندە ئوتتۇرا ئاناتولىيەگىچە قىستاپ كەلگەن . بىراق مۇستاپا كامال پاشا 1922 - يىلى ئۇلارنى قوغلاپ چىقىرىپ ، ئىزمىرنىمۇ قايتۇرۇۋالغان . 1923 - يىلدىكى لوزان كېلىشىمىدە تۈركىيە قۇرۇقلۇقىغا ناھايىتى يېقىن ئاراللارنىڭ ھەممىسى يۇنانغا بۆلۈپ بېرىلگەن بولغاچقا ، ھازىرقى تۈركىيە ھەققىنى قايتىدىن تەلەپ قىلىپ ، ۋەزىيەت جىددىيلەشمەكتە.

گرېتسىيەدە ئوسمانلى دەۋرىدىكى بىردىنبىر ئامان قالغان مەسچىتلەر تراكيا (شەرقىي شىمال) غا جايلاشقان بولۇپ ، بۇ جاي تۈركىيە بىلەن بىۋاستە چېگرىلىنىدىغان رايون ، بۇ يەردە 150،000 نەپەر تۈرك ئاز سانلىقلىرى بار.

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى ، ئافىنا مەسچىتى دۆلەتنىڭ مەبلىغى بىلەن سېلىنغان بولۇپ ، قۇرۇلۇش 2019-يىلىلا تاماملانغان ، ھەتتا 2019 - يىلى 7 - ئىيۇن جۈمە ئاۋامغا ئېچىۋېتىلمەكچى بولغان . ئەمما يۇقۇم سەۋەبىدىن ئېچىۋېتىش كېچىكتۈرۈلگەن.

مەزكۇر خەۋەرنى رۇسىيە دۆلەت تاراتقۇسى تەمىنلىگەن. ( 2020 - 3 - نويابىر 21:21 )

1 . تۇنجى قېتىملىق دەھشەتلىك بالا - قازا :

1142 - يىلىدىن 1212 - يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ۋەتىنىمىز قاراخىتاي (غەربىي لياۋ) سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا قالدى . قاراخىتاي خانلىقى ھۆكۈمرانلىق قىلغان بىر ئەسىرگە يېقىن مەزگىلدە، ئۇنىڭ تېررىتورىيىسى ئاساسەن بۇرۇنقى قاراخانىلار ۋە قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقىغا تەۋە جايلار بولۇپ، شەرق تەرىپى تاڭغۇتلار ۋە موڭغۇللارنىڭ كېرەي، نايمان قەبىلىلىرى تۇرغان جايغا تۇتىشاتتى. شىمال تەرىپى ئىمىل دەرياسى بىلەن بالقاش كۆلىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى، غەرب تەرىپى ئاساسەن ئامۇ دەرياسىغا تۇتىشاتتى، جەنۇب تەرىپى خوتەن رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى، پايتەختى بالاساغۇن ئىدى.

قاراخىتايلار ( قىتانلار ) ئارىسىدا ئەنئەنىۋى كوڭزىچىلىق ئىدىيىسى ۋە بۇددىزم ئىدىيىسى ھۆكۈمران ئورۇندا تۇراتتى. لېكىن، مەركىزىي ئاسىيا رايونىدىكى مىللەتلەر ئارىسىدا يەنە ئىسلام دىنى، خرىستىئان دىنى، مانى دىنى، زوروئاستېر دىنى، تويىن دىنى، شامان دىنى قاتارلىق كۆپ خىل دىنىي ئېتىقاد تەڭ مەۋجۇت ئىدى. بولۇپمۇ، ئەسلىدىكى قاراخانىلار زېمىنىدا ئىسلام دىنى ھۆكۈمران ئورۇندا ئىدى. شۇڭا، قىتان ھۆكۈمرانلىرى دەسلەپتە ئىسلام دىنىغا قارىتا بىرقەدەر كەڭ ۋە مۆتىدىل سىياسەت قوللانغان. چۈنكى، ئىسلام دىنى بىر خىل ئېتىقاد بولۇپلا قالماي، يەنە بىر خىل سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈم بولۇش سۈپىتى بىلەن، مۇسۇلمانلارنىڭ مەنىۋى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ، زور سىياسىي كۈچ پەيدا قىلغانىدى.

لېكىن بۇ خىل ۋەزىيەت ئۇزۇنغا بارمىدى. 1212 - يىلى قاراقىتان خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقى كۈچلۈكنىڭ قولىغا ئۆتۈشى بىلەن، ئىسلام دىنى تارقىلىپ كىرگەندىن بۇيان ئەڭ چوڭ زەربىگە ئۇچرىدى. ئۇ مۇسۇلمانلارنى ئۆز ئېتىقادىدىن يېنىپ بۇددا دىنىغا كىرىشكە زورلىدى. قەشقەردە ئىسلام دىنىنى تامامەن يوقاتقاندىن كېيىن ، كۈچلۈكنىڭ ئىلى ۋادىسى ۋە خارەزىمگە سەپەر قىلىپ كەتكىنىدىن پايدىلانغان خوتەنلىكلەر ئىسلام دىنىنى قايتىدىن قەشقەرگە تارقاتتى . نەتىجىدە كۈچلۈك ئەڭ قانخور قوشۇنلىرىنى باشلاپ كېلىپ ، خوتەندە ئىمام ئالائىدىن قاتارلىق 3000 دىن ئارتۇق ئالىم - ئۆلىمانى قىرغىن قىلدى. قەشقەر ، خوتەنلەردە قاراخانىيلار دەۋرىدە بىنا قىلىنغان «ساچىيە مەدرىسى» قاتارلىق بارچە مەسچىت، مەدرىسلەرنى ئاساسەن ۋەيران قىلدى، بارلىق كىتابلارنى كۆيدۈردى. كۈچلۈكنىڭ زوراۋانلىق قىلمىشلىرى قەشقەر ۋە خوتەن خەلقىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىنى قوزغىدى. 1218 - يىلى چىڭگىزخان (1162-1227 - يىللار) غەربكە يۈرۈش قىلغۇچى باش سانغۇن جەبە نوياننى 20 مىڭ ئەسكەر بىلەن كۈچلۈككە جازا يۈرۈشى قىلىشقا ئەۋەتكەندە، قۇچۇ ئىدىقۇتى بارچۇق ئارت تېكىن (1208-1235) مۇ بۇ يۈرۈشكە ئاۋاز قوشۇپ قاراخانىلار تەۋەسىنى ئىشغال قىلىپ تۇرغان كۈچلۈكنى ئۆلتۈردى. ئاندىن دىنىي ئەركىنلىك جاكارلاپ ، ئاۋامنىڭ كۆڭلىنى تىندۇردى . ئارقىدىنلا چىڭگىزخان 1219 - يىلى ئۆزى بىۋاستە 200 مىڭ موڭغۇل ئەسكىرىنى باشلاپ كېلىپ ، مەركىزىي ئاسىيانىڭ غەربىي قىسمىنىمۇ ئۆز قولىغا ئالدى. شۇنىڭ بىلەن ئەينى چاغدا چىڭگىزخاننىڭ ياخشىلىقىنى كۆرگەن ، ئۇنىڭ ياردىمىدە قايتىدىن قەددىنى رۇسلىۋالغان بىردىنبىر تۈركىي مىللەت يەنىلا ئىدىقۇت ئۇيغۇر ئېلى ۋە قاراخانىلار قاغانلىقىنىڭ ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلار بولۇپ قالدى . ھازىرمۇ 1212 - 1218 - يىللاردىكى دەھشەتلىك پاجىئە تېخىمۇ زامانىۋى شەكىلدە، ئىنتايىن قورقۇنچلۇق ۋە ياۋۇز ۋاستىلەر بىلەن ئومۇميۈلۈك تەكرارلانماقتا .

2 . ۋەتىنىمىزدىكى ئاللىبۇرۇن چېقىۋېتىلگەن مەسچىتلەرنىڭ تەخمىن قىلىنغان ئومۇمىي سانى :

ئاۋسترالىيە ئىستىراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنىستىتۇتى 2020 - يىلى 25-سېنتەبىر ئۇيغۇرلار ھەققىدە يەنە دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي باندىتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىدە يېقىنقى 3 يىل ئىچىدە 16 مىڭدەك مەسچىدنى چېقىپ تاشلىغانلىقى ۋە بۇزغانلىقىنى بىلدۈرگەن . دوكلاتتا تەكىتلىشىچە، 16 مىڭدەك مەسچىد ئىچىدە 8500 مەسچىد پۈتۈنلەي چېقىپ تاشلانغان. بۇ مەزكۇر ئىنىستىتۇتنىڭ يېقىنقى 3 كۈن ئىچىدە ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى 2-دوكلاتى. مەزكۇر ئىنىستىتۇت 3 كۈن ئاۋۋال ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى لاگېرلار ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، جەمئىي 360 لاگېرنى ئېنىقلاپ چىققان. ئۇلار سۈنئىي ھەمرا سۈرەتلىرىنى ئانالىز قىلىپ، ۋەتىنىمىزدىكى لاگېرلارنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا داۋاملىق كېڭەيگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

مەزكۇر ئورگاننىڭ 25-سېنتەبىر كۈنى ئېلان قىلىنغان دوكلاتىدا ۋەتىنىمىزدە قېپقالغان چوڭ مەسچىدلەرنىڭ 15، كىچىك مەسچىتلەرنىڭ 500 گە يەتمەيدىغانلىقى، نۇرغۇن قەدىمى مەسچىدلەرنىڭ قۇببە ۋە مۇنارلىرىنىڭ ئېلىپ تاشلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. دوكلاتتا يەنە  مازار، قەبرىستانلىق، تاۋابگاھلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇقەددەس جايلارنىڭ ئۈچتىن بىرىنىڭ تولۇق تۈزلىۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. مەزكۇر دوكلاتتىكى سانلىق مەلۇماتلار كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلىرىغا يېقىن كەلگەن. ئاۋسترالىيە ئىستىراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنىستىتۇتىنىڭ دوكلاتىدا تەكىتلىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى مەسچىتلەر ، يەنى مۇسۇلمانلار دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ سانى خىتاينىڭ «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قالغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن مەزكۇر دوكلاتتىن بىر ھەپتە بۇرۇن ئۇيغۇرىستاندا ( شەرقىي تۈركىستان ) 24 مىڭ مەسچىد بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن . ھالبۇكى، تۆت يىل بۇرۇنقى باياناتلاردا ۋەتىنىمىزدىكى مەسچىتلەرنىڭ سانى 28 مىڭ ، ۋەزىپىدىكى دىنىي زاتلارنىڭ سانى 32 مىڭ دەپ ئېنىق ئېتىراپ قىلىنغان ئىدى .

ئاتۇشتىكى بىر يەرلىك دېھقاننىڭ 2019 - يىلى فېۋرالدا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ، ئاشتۇشتىكى ئەمەت خېتىپھاجىمنىڭ قورۇسىنىڭ پېچەتلەنگەنلىكى، بۇ ئائىلىنىڭ 1980‏-يىللىرىدا ئازغانغا سالغان مەسچىتىنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكىنى دەلىللىگەن . مەزكۇر ئۇچۇر خىتاي ھۆكۈمىتى بەزى دۆلەتلەردىكى كوممۇنىستىك پارتىيە ۋە رادىكال سولچى سىياسىي پارتىيە-گۇرۇھلارنى ۋەكىللىرىنى ئۈرۈمچىگە تەكلىپ قىلىپ، « ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىنىۋاتقانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن بىر ۋاقىتتا دەلىللەنگەن . ئاتۇشتىكى يۇقىرىقى يەرلىك ئاھالە مۇخبىرىمىزغا قىلغان سۆزىدە، «ھازىر ئاتۇشتەك بىر يەردە مەسچىتنىڭ نېمە ئىش قىلىدىغانلىقى» نى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن : «ھازىر ئاتۇشتەك يەردە مەسچىت نېمە ئىش قىلىدۇ؟».....

3 . ۋەتىنىمىزدىكى ۋاختىنچە چېقىلمىغان مەسچىتلەرنىڭ نومۇسلۇق قىسمەتلىرى :

ئاتۇش سۈنتاغدىكى تۆكۈل مەسچىت ئوبۇرنىغا ئايلاندۇرۇلغان :

باندىتلار دىنىي ئېتىقادقا قارشى جەڭ ئېلان قىلغان يېقىنقى ئۈچ يىلدا، ۋەتىنىمىزدىكى  مەسچىتلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى چېقىش ۋە يوق قىلىش بىلەن قانائەت قىلماستىن؛ ئۇنىڭ ئورنىغا ئىسلام ئېتىقادىغا ۋە مىللەتنىڭ غۇرۇرىغا تېگىدىغان ئىشلارنى قىلغان ياكى مۇلازىمەت ئورۇنلىرىنى تەسىس قىلغان. ئاتۇشنىڭ سۈنتاغ يېزىسىدىكى تۆكۈل مەسچىت تۆۋەنگە چۈشكەن غالچا كادىرلارنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈنلا ئوبۇرنىغا ئۆزگەرتىلگەن؛ چېقىلغان ئازنا مەسچىتى ئورنىغا ھاراق-تاماكىمۇ سېتىلىدىغان تاللا بازىرى بەرپا قىلىنغان.

خىتاي دائىرىلىرى لاگېرلار ھەققىدە خەلقئارا جامائەتنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى ئاقلىغاندا، بولۇپمۇ ئىسلام دۇنياسىغا چۈشەنچە بەرگەندە، ئۆزلىرىنىڭ ئىسلام دىنىغا قارشى ئەمەسلىكى، پەقەت تېررورلۇققا ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەنىدى. ئەمما ئاشكارىلىنىۋاتقان مىڭلارچە پاكىت، خىتاينىڭ دىنىي ئېتىقاد ۋە ئېتىقاد ئەھلىگە قارشى خورلاش ۋە دەپسەندە قىلىش خاراكتېرىدە ھۇجۇم ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى دەلىللىمەكتە. ئاتۇشتىكى بىر ئون ئائىلە باشلىقى، سۈنتاغدىكى تۆكۈل مەسچىتىنىڭ ئوبۇرنىيغا ئايلاندۇرۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان . مەلۇم بولۇشىچە، ئاتۇش شەھەر ئىچىدىن 3 كىلومېتىرچە ئۇزاقلىقتىكى بۇ مەسچىتنىڭ ئوبۇرنىيغا ئايلاندۇرۇش قۇرۇلۇشى، بۇنىڭدىن ئىككى يىل بۇرۇن مەلۇم بىر خىتاي قۇرۇلۇش شىركىتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان. ئالاقىدار خادىمنىڭ ئاشكارىلىشىچە، سۈنتاغنىڭ تۆكۈل مەھەللىسىدە ھەممە ئائىلىلىكلەر قورۇسىدا ئوبۇرنى بولغانلىقى ئۈچۈن ئاممىۋى بىر ھاجەتخانىغا ئېھتىياجلىق كىشىلەر يوق ئىكەن ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مەھەللە، شەھەردىن 3 كىلومېتىر ئۇزاقلىقتا بولۇپ، بۇ مەھەللىگە ساياھەتچىلەرنىڭمۇ كېلىش نىسبىتى نۆۋەت ئىكەن. ئەسلىدە بۇ مەھەللىدە ئاممىۋى بىر ھاجەتخانىغا قارىتا رېئال بىر ئېھتىياجنىڭ يوقلۇقىنى ئېتىراپ قىلغان بۇ خادىم؛ بۇ مەسچىتنىڭ ئورنىغا نېمە ئۈچۈن ھاجەتخانا سېلىنغانلىقىنى ئۆزىمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىش بىلەن بىرلىكتە، بۇنىڭ پەقەت خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلارنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈنلا سېلىنغانلىق ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈردى. دېيىلىشىچە تۆكۈل مەسچىتنىڭ ئورنىغا سېلىنغان بۇ ئوبۇرنىي قۇرۇلۇشى تاماملانغان بولسىمۇ، تېخى رەسمىي مۇلازىمەت باشلىمىغان.

يەنە سۈنتاغدا چېقىۋېتىلگەن ئازنا مەسچىتىنىڭ ئورنىغا ھاراق-تاماكىمۇ سېتىلىدىغان بىر تاللا بازىرى سېلىنغان. ئۇندىن باشقا خوتەننىڭ لوپ ناھىيەسىدىكى بىر مەسچىتنىڭ كەنت كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىغا ئايلاندۇرۇلغانلىقى ئاشكارىلانغان؛ خوتەن شەھىرى ئىلچى يېزىسىدىكى بىر مەسچىتنىڭ بولسا، سىچۈەندىكى بىر ئىچ كىيىم فابرىكىسىنىڭ شۆبىسىگە ئايلاندۇرۇلغانلىقى دەلىللەنگەن .

ئۇنىڭدىن باشقا ئاتۇشتىكى بىر ئاددىي كەنت ساقچىسى: «65 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ ناماز ئوقۇشىغا قەتئىي رۇخسەت يوق» دەپ كېسىپ ئېتىراپ قىلغان .

چەتئەلدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر سەرخىللىرى خىتاينىڭ مەسچىتلەرنى چېقىش بىلەنلا قانائەت قىلماي، ئۇنىڭ ئورنىغا مىللىي ئۆرپ-ئادەت ۋە دىندا قاتتىق چەكلىنىدىغان ئىش ۋە مۇلازىمەت ئورۇنلىرىنى تەسىس قىلىش ئارقىلىق، ئېتىقاد ئەھلىنىڭ روھىنى سۇندۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە ، خىتاينىڭ مەسچىت چېقىشنى ئىسلام دىنىغا ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتا بىر ئۆچمەنلىك ۋە كۈچلۈك ئىنتىقام تۇيغۇسى بىلەن بىللە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە بۇنىڭ يالغۇز ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، پۈتۈن تۈرك - ئىسلام دۇنياسىغا قارىتا بىر جەڭ ئېلان قىلىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

4 . ئۇيغۇرىستاندا مەسچىتلەرنى چېقىپ ، بۈيۈك ئەرەبىستاندا غايەت زور مەسچىت سېلىش :

« بىر لاما ئىبادەتخانىسى يۈز مىڭ لەشكەرگە تېتىيدۇ » . مەنچىڭ ئىمپىراتورى چيەنلوڭ
( تىبەتنى ئەسكەرسىز مۇستەملىكە قىلىپ تۇرۇشنىڭ ئاساسى تىبەت خەلقىنىڭ قەلبىنى ئۇتۇۋېلىش ئىكەنلىكى ھەققىدىكى كۆرسەتمىسى ).

« بىر جامە مەسچىت بىر مىليون ئەسكەرگە تېتىيدۇ » . دېڭ شىياۋپىڭ
( ئىسلاھات ئېچىۋېتىشتا بىر مىليون ئەسكەرنى قىسقارتىش ۋە ئۇيغۇر ۋەتىنىنى ئەبەدىي قولدا تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ ھەم ئىسلام دۇنياسىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشتىكى جانلىق تاكتىكا ئىكەنلىك ھەققىدىكى كۆرسەتمە )

2020 - يىلى 28 - ئۆكتەبىر ئالجىرىيە تەرەپ ھەزرىتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن قۇرۇلۇش باشلىنىپ بىر يېرىم يىلدىن كېيىن پۈتكەن دۇنيادىكى ئۈچىنچى چوڭ ۋە ئافرىقىدىكى ئەڭ چوڭ مەسچىتنى ئاۋامغا ئېچىۋەتتى.

 بۇ مەسچىتنىڭ رەسمىي خىراجىتى 750 مىليون ياۋرودىن ئاشىدۇ ، ئۇنىڭ دۇئا-تىلاۋەت زالى 120 مىڭ دۇئا-تىلاۋەتچى ئاۋامنى بىمالال قوبۇل قىلالايدۇ ۋە سىغدۇرالايدۇ . مۇنارىنى پايتەختنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كۆرگىلى بولىدۇ ، چۈنكى ئۇ شەھەر بويىچە ئەڭ ئېگىز مۇنار بولۇپ ، ئېگىزلىكى 267 مېتىر كېلىدۇ .

ئالجىرىيەدىكى دۇنيا بويىچە 3 - چوڭ مەسچىت تۈنۈگۈن مەۋلۇد كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېچىلغان . بۇ مەسچىت كۆلەم جەھەتتىن مەككىدىكى ھەرەم مەسچىتى ۋە مەدىنە مۇنەۋۋەردىكى پەيغەمبەر مەسچىتىدىن كېيىنلا تۇرىدىكەن . باندىتلار مەيلى بۇ مەسچىتنىڭ نوقۇل قۇرۇلۇشىنى قىلغان بولسۇن ، ياكى مەبلەغ ۋە تېخنىكا ياردىمى قىلغان بولسۇن، ئەرەبلەرنى ۋە ئىسلام دۇنياسىنى ئالدىماقنىڭ نەقەدەر ئاسانلىقىنى بىلىۋالساق بولىدۇ . ئەرەبلەرمۇ ھاياجانلىنىشتا ئۇيغۇرلاردىن قېلىشمايدۇ . باندىتلارنىڭ بىر تەرەپتىن ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ ساغلام باشلامچىسى ۋە قۇرۇلۇش مۇتەخەسسىسى بولغان ئۇيغۇر مىللىتىنى تۈپتىن يوقىتىش جىنايەتلىرى ۋە ئىسلام دۇنياسىغا قىلىۋاتقان ئاتالمىش ئالىيجاناپلىقى بىلەن تۈرك - ئىسلام ئەللىرىنىڭ غەرپكە ئۆچمەنلىك قىلىپ ، باندىتلارغا دوستلۇق ئىزھار قىلىشى ۋە ئۇيغۇر مىللىتىگە قارشى قىلىۋاتقان ئورتاق خىيانەتلىرى بىزگە ئالاھىدە ھەم پەۋقۇلئاددە ۋاقىتتا كەسكىن ۋە ئۆزگىچە يول تۇتمىساق ، ئاتالمىش مەدەنىي دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدىلا ئىنتايىن قورقۇنچلۇق شەكىلدە مىللەت سۈپىتىدە ئۈن - تىنسىز يوقىلىپ كېتىش بىلەن تۈگەللىنىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىشىمىز كېرەك ! بۇ چۈش ئەمەس ، بۇ مىڭبىر كېچىنىڭ ھېكايىلىرىمۇ ئەمەس ، بەلكى قەشقەردە ، خوتەندە ، ئاقسۇدا ، كورلىدا ، ئاتۇشتا ، تۇرپان - قۇمۇلدا ، ئالتاي - چۆچەكتە ، بۆرتالا ۋە غۇلجىدا ، ئىككى مىليون كۋادرات كىلومتېرلىق غايەت زور ئۈستى ئوچۇق تۈرمىدە چوڭ - كىچىك مەسچىتلەر چېقىلىپلا قالماي ، گۆردىكى ئۆلۈكلەرمۇ قەبرىسىدە ياتالمايۋاتقاننى ئاز دەپ ، قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ يوق قويدەك يۇۋاش تىرىك خەلقىمىزگە قارشى تولىمۇ ۋەھشىي ۋە ئۆكتەملىك بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كۆپ قىرلىق ، ئومۇميۈزلۈك ۋە سېستىمىلىق ھالدا مىللەت سۈپىتىدە ئومۇميۈزلۈك نەسلىنى قۇرۇتۇپ تاشلاش رەزىل قىلمىشىدۇر . بۇ قىلمىش ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋاستىلەر ، كىشىنىڭ ئەقلىگە سىغمايدىغان ئەڭ پەس ۋە يىرگىنىشلىك ئۇسۇللار بىلەن ئىجرا قىلىنغاچقا ، ئەركىن دۇنيادىكى ئىنسانلارغا خۇددى رىۋايەتلەردىكى ئەپسانە ۋە توقۇلمىلاردەك بىلىنمەكتە . ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قويدەك يۇۋاش ، گاچىدەك تىلسىز ، تولىمۇ قورقۇنچاق ۋە پەرۋاسىزدەك تۇيغۇ بېرىشى ، نامايىشلار ۋە كۈچ كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىدىكى ئادەملەرنىڭ سانىنىڭ بەكلا ئازلىقى ، مېدىيادىكى ئاكتىپلارنىڭمۇ ساناقلىق بولۇشى ، قاتتىق قىزىپ كەتكەن تۈرلۈك كەيىپ - ساپا ۋە ئويۇن - تاماشا سورۇنلىرىمۇ ئۇلارنىڭ بۇ خىل كۆز قارىشىنى قۇۋۋەتلەپ قويماقتا .

مىللىتىمىز قىل ئۈستىدە تۇرۇۋاتىدۇ. چەتئەلدىكىلەر ھالقىلىق پەيتلەردە تۇرۇۋاتىدۇ . بىز بىر قابىل ۋە ئۇنۋېرسال يېتەكچى كۈچى ۋە يېتەكلەش مېخانىزىمىغا مۇھتاج. خۇدانىڭ بىزگە قالدۇرغان مۆھلىتى ئۇنچە ئۇزۇن ئەمەس. ئەڭ يامان بولغىنى بىز تېخى خۇدا بەرگەن ئىمكانلاردىن تولۇق پايدىلانغىنىمىز يوق . ۋەتەندە بىر پۈتۈن مىللەت ، بۈشۈكتىن لەھەتكىچە بولغان تىرىك ۋە ئۆلۈك ئۇيغۇرلار ھەممىسى ئېغىر بەدەل تۆلىمەكتە . بىراق ئەركىن دۇنيادا پەقەت ساناقلىق ئەزىمەتلەر ۋە ئاز بىر قىسىم نامسىز قەھرىمانلارلا ئۆز كۈچىگە تايىنىپلا ئىزچىل توغرا يۆنىلىشتە پارتىزانلارچە كۈرەش قىلماقتا . داڭدارلار ۋە تەشكىلاتلار كۆپىنچىسى تۇرۇشلۇق ئەللەرنىڭ غالچىسىغا ۋە سادىق چاكارلىرىغا ئايلىنىپ قالغاچ ، بارا - بارا قارشىلىق ئاۋازىمۇ چىقمايۋاتىدۇ . چىققاندىمۇ ساپلا مىللەتنىڭ ئىناۋىتىنى تۆكىدىغان ، ھەتتا ۋەتەندىكى خەلقىمىزنى تېخىمۇ ئېغىر پالاكەتلەرگە دۇچار قىلىدىغان ۋاختى ئۆتكەن ئىمپىرىيال شوئارلار دېگەندەك رېئاللىققا ئۇيغۇن بولمىغان بىر دۆۋە كېرەكسىز باياناتلار شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ . ئەڭ ئەقەللىسى قولىمىزدىكى مېدىيالارنى توغرا شەكىلدە ئىشلىتىشنىمۇ بىلمەيۋاتىمىز . كۆپىنچە ئۆزىدىن ھالقىپ بولالمىغان كىشىلەر ئالاقە ۋاستىسىنى تېخىچە « ئۇيغۇرچە غەيۋەت - شىكايەت » ۋە « باندىتلارچە قىزىل قوغدىغۇچىلار -- ئادەم سازايى قىلىپ قورساق كۆپىكىنى چىقىرىش » سەۋىيىسىدە ئىشلەتمەكتە. ئۆزىدىن ھالقىغانلار بەك ھالقىپ كېتىپ ، خەلقئارالىق ئويۇنلاردا بىكالىق رول ئېلىپ ، ۋەتەندىكى خەلقىنىڭ گۆرىنى ئۆز قولى بىلەن قازماقتا . ئۇيغۇرنىڭ ماماتلىق مەسىلىسىنى ئۆزى تۇرۇشلۇق ئەللەرنىڭ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىشتىلا پايدىلىنىدىغان ئەرزان باھالىق پېشكىسى ، بىر قېتىملا قول سۈرتۈپ تاشلايدىغان تازىلىق قەغىزى قىلىپ قويماقتا . بۇ ھالەتتە بالا - قازادىن قۇتۇلۇش مۇمكىنمۇ ؟!  ئەجەبا مەرھۇم ئابدۇكېرىمخان مەخسۇمنىڭ 1949 - يىلى ئۆكتەبىردە ۋەتەندىن چىقىپ كېتىش ئۈچۈن قوزغالغان ئۆمەك ئەزالىرىغا ئېيتقان گەپلىرى ئۇنىڭ ھازىرقى تايىنلىق ھالىتىمىزنى ئالدىن كۆرەرلىكى بولغىيمىدى ياكى مەنسىتمەسلىك بولغىيمىدى ؟! 

ئۇيغۇر تارىخى سەھىپىسى.

2020 - يىلى 4 - نويابىر. چارشەنبە.