2020/12/01 01:13

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


رۇسىيە - موڭغۇلىيە دوستلۇقى ۋە ئۇنىڭ ۋەتىنىمىزگە كۆرسىتىدىغان سىياسىي تەسىرلىرى

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2020/11/04 10:50

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى


رۇسىيە - موڭغۇلىيە ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭ ۋەتىنىمىزگە كۆرسىتىدىغان سىياسىي تەسىرى ھەققىدە :

1 . پۇتىن موڭغۇلىيەدە نېمىش قىلىۋاتىدۇ ؟!

تۇنجى قېتىملىق رۇسىيە - موڭغۇلىيە بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېرى « سېلىنگا 2020 » قىزىپ  كەتتى :

بۇ يىل 8 - ئىيۇل رۇسىيە دۆلەت دۇماسى تەستىق سالغان رۇسىيە - موڭغۇلىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئۈنۈمىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى . باندىتلار شۇ كۈنىلا چوقان كۆتۈرۈپ ، مەزكۇر كۈچلۈك ھەربىي ئىتتىپاقنىڭ دەل ئۆزلىرىنى نىشانلىغانلىقىدىن قاقشاپ كەتكەن ئىدى . ئۇنداقتا رۇسىيە - موڭغۇلىيە ئىتتىپاقى قاچاندىن باشلانغان ؟! ئورۇسلار بىلەن موڭغۇللارنىڭ ئىتتىپاقى قاچاندىن باشلاپ داۋام قىلغان ؟!

2 . ئورۇس - موڭغۇل مۇناسىۋىتىنىڭ باشلىنىشى ۋە كۈنسىرى راۋاجلىنىشى :

ھەممىگە مەلۇمكى ، چىڭگىزخان 1221 - يىلى خارەزىم شاھلىقىنى يوقىتىپ ، دەشتى قىپچاقتىكى كۆچمەن قەۋملەرگە ھۇجۇم قىلغان. موڭغۇل قوشۇنى 1223 - يىلى ئىيۇندا ئورۇسلارنى تۇنجى قېتىم مەغلۇپ قىلغان .

1223 - يىلى 31 - ماي جەبە بىلەن سۇبوتاي باشچىلىق قىلغان قوشۇن ئورۇس - قىپچاق بىرلەشمە ئارمىيىسى بىلەن كالكا دەرياسى بويىدا جەڭ قىلغان . چىڭگىزخان 1221 - يىلى خارەزىم خانلىقىنىڭ ئاساسلىق شەھەرلىرىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن ، ئىككى يىل ئۇدا قوغلاپ زەربە بېرىپ ، شاھزادە جالالىددىننى ھىندىستانغا ، قالدۇق قوشۇنلارنى ئىرانغا ، قىپچاق قەبىلىلىرىنى قارا دېڭىز بويلىرىغا قېچىشقا مەجبۇرلىغان. ئىككى نويان دەشتى قىپچاقنى كېسىپ ئۆتۈپ قىپچاق بەگلىرىگە ھوجۇم قىلىشقا كەلگەندە بىزدىنلا ئۆزلىرىنى كۈتۈپ تۇرغان ئورۇس - قىپچاق بىرلەشمە ئارمىيىسىگە دۇچ كەلگەن . ئەمما موڭغۇللار ئارىسىدىكى تۈركىي چەۋەندازلار ۋە كاماندازلارغا تايىنىپ ئۇلارنى قاتتىق مەغلۇپ قىلغان . كېيىنچە چىڭگىزخاننىڭ چوڭ نەۋرىسى باتۇخان 1236 - يىلى ئالتۇن ئوردا خانلىقىنى قۇرۇپ غەرپكە يۈرۈش قىلغاندا تۇنجى ئورۇس خانلىقى 1239 - يىلى يوق قىلغان . 1240 - يىلى پۈتۈن ياۋروپا ۋەھىمىدە قالغان .

1223 - يىلى چىڭگىزخاننىڭ چوڭ ئوغلى جوچىخان باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر - تاتار بىرلەشمە ئارمىيىسى قىپچاقلارنى قوغلاپ كەلگەندە ،  كالكا دەرياسى بويىدا ئورۇس - قىپچاق بىرلەشمە ئارمىيىسىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن ، ئۆگەدەي قاغان قۇرۇلتاي چاقىرىپ ، ئىسلام دۇنياسىغا جازا يۈرۈشى قىلىش  ھەققىدە قۇرۇلتاي ئاچقان. قۇرۇلتايدا ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىرى بىلەن قەشقەر ۋە سەمەرقەندتىكى ئۇيغۇر ۋە تۈرك نويانلار قارشى چىقىپ، ئىسلام دۇنياسىغا ئۇرۇش ئاچسا، موڭغۇل قوشۇنلىرىنىڭ 70% نى ئىگىلەيدىغان مەركىزىي ئاسىيالىق مۇسۇلمان ئەسكەرلەرنىڭ ئىسيان كۆتۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قاغاننى ئورۇسلارغا ۋە ياۋروپاغا ئەسكەر تارتىشقا كۆندۈرگەن . 1236 - يىلى جوچىخان ئوغلى باتۇخان ئۇيغۇرلاردىن بىر زەربىدار  ئەترەتنى يول باشلىتىپ، 1237 - يىلى ئورۇسلارغا ھۇجۇم قىلغان . 1238 - يىلى ۋىلادىمىر كىنەزى ئىسكەندەر تەسلىم بولغان. ئەمما قىرىم ۋە كىيېۋدىكى ئورۇسخان قارشى چىققان. ئاقىۋەت، 1239 - يىلى قىرىمنى ئىشغال قىلىپ، 1240 - يىلى ئورۇسلارنى مۇنقەرز قىلغان باتۇخان يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ، ئۇكرائىنا ئارقىلىق شەرقىي ياۋروپاغا كىرىپ ، 1241 - يىلى پۈتۈن شەرقىي ياۋروپانى ئىشغال قىلغان . ئارقىدىنلا غەربىي ياۋروپاغا بېسىپ كىرگەن .

1241 - يىلى 9 - ئاپرىل تاتار ۋە ئۇيغۇرلارنى تۇرشاۋۇل قىلغان موڭغۇل قوشۇنى باغدار نوياننىڭ باشچىلىقىدا ھېنرى باشچىلىقىدىكى پولشا - گېرمان بىرلەشمە ئارمىيىسىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ ، غەربىي ياۋروپاغا كىرىشتىكى توسالغۇنى سۈپۈرۈپ تاشلىغان . غەزەپلەنگەن كاتولىك دۇنياسى موڭغۇللارغا ئەل بولغان ئورۇسلارنى باش جىنايەتچى ، موڭغۇللارنى كاتولىك دۇنياسىغا باشلاپ كەلگەن مىللىي مۇناپىقلار دەپ قاراپ ، گېرمان ئەھلى سەلپ ئارمىيىسى قۇرۇپ ، ئورتودوكۇس مەزھىپىدىكى ئورۇسلارغا دىنىي ئۇرۇش قوزغىغان . بىراق 1242 - يىلى مۇز كۆل ئۈستىدە ئورۇس كىنەزى ئىسكەندەر ياروسلاۋ ئۇلارنى قاتتىق مەغلۇپ قىلغان . ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي قاغان ئۆگەدەيخاننىڭ ئۆلۈم خەۋىرى تۈپەيلى ، باتۇخان غەربكە يۈرۈش قىلغان ئارمىيىسىنى قايتۇرۇپ كەتكەن . يۇقىرىقى ئىسكەندەرنىڭ غەلىبىسىمۇ باتۇخاننى چېكىنىش قارارى بېرىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن . چۈنكى ئەگەر ئىسكەندەر خائىنلىق قىلىپ ، ئېتىل ۋە ئۇرالنى بېسىۋالسا، موڭغۇل قوشۇنىنىڭ شەرق بىلەن بولغان ئالاقىسى ۋە ئارقا سەپ تەمىناتى ئۈزۈلۈپ قالاتتى . شۇڭا باتۇخان تېزلىكتە ئۇرال ۋە ئېتىل بويىغا قايتىپ كېلىپ ، بارلىق ئىستراتېگىيىلىك جايلارغا ئەسكەر قويغان . ئەپسۇس ، ئۇنىڭغا قايتا غەرپكە يۈرۈش قىلىش پۇرسىتى نېسىپ بولمىغان . بەلكى ئۇنىڭ جىيەنى ھىلاكۇخان ئاكىسى مۆڭكۈخاننىڭ قوللىشى بىلەن شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان موڭغۇللاردىن قان ئىچەر قوشۇن تەشكىللەپ ، ئىسلام دۇنياسىغا يۈرۈش قىلغان . چۈنكى ئەينى ۋاقىتتىكى قاراخانىلار ۋە خارەزمشاھلارنىڭ تەۋەسىدىكى مۇسۇلمان جەڭگىۋارلار موڭغۇل قوشۇنىنىڭ ئاساسلىق قىسمىنى تەشكىل قىلغان بولۇپ ، ئۇلار ھەم دىنىي ھەم مىللىي قېرىنداشلىرىغا ئۇرۇش ئېچىشقا قارشى ئىدى .
1242 - يىلى پولشانى ئېلىپ ، مۇقەددەس رىم ئىمپىراتورى ئاستانىسى بېرلىن بىلەن رىمغا يۈرۈش قىلماقچى بولغاندا ، ئۆگەدەينىڭ قازا قىلغان خەۋىرى كېلىپ، ئامالسىز چېكىنىپ كەتكەن. غەربىي ياۋروپا ئىشغالىيەتتىن قۇتۇلۇپ قالغان .ئىسكەندەر تاكى 1260 - يىللىرى ئۆلگىچە سادىق بولۇپ، ئورۇس خەلقىنى ساقلاپ قالغان .

قاراقۇرۇمغا قايتىش ياكى ياۋروپانى تولۇق بويسۇندۇرۇش ، ئىسكەندەرنى يىغىشتۇرۇش ياكى چېقىلماسلىق ھەققىدە باتۇخان كېڭەش چاقىرىدۇ . كېڭەشتە سۇبۇتاي ۋە چىڭگىزخاننىڭ سادىق نۆۋكەرلىرى بىردەك ئۇنىڭ « ئاخىرقى دېڭىزغىچە ئىشغال قىلىش ۋەسىيىتىنى ئورۇنلاش » نى تەشەببۇس قىلغان.
سوبۇتاي ئارقىدىن بۇ ۋەسىيەتنىڭ شەرقتە ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى ، ئەمدى غەرپتىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئابدۇراھمان ۋە خېلى بىر قىسىم مۇسۇلمان ئەسكەرلەرمۇ داۋاملىق يۈرۈش قىلىشنى قوللىغان. ئەمما موڭغۇللارنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ھىلاكۇ ۋە تولۇي جەمەتىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشىنى خالىمىغان باتۇخان قايتىشقا مايىل بولغان . چۈنكى ئۇ ھازىر چىڭگىزخان جەمەتى ئىچىدىكى ھەم ياشتا ھەم مەرتىۋىدە يۇقىرى خان بولۇپ ، چوڭ قاغاننى ۋە چاغاتاي خانىنى سايلاش ئىشى ئۇنى كۈتۈپ تۇراتتى . ئورتاق قارارغا كېلەلمىگەن ئىككى تەرەپ ئاخىرى ئايرىلىشنى توغرا تاپتى .

سوبۇتاي ئىسكەندەر ھەققىدە :« سۈت ئېمىۋاتقان يولۋاس بالىسى ئانچە قورقۇنچلۇق ئەمەس. ئەمما ئۇ بىر كۈنى تۇيۇقسىزلا تاغقا چىقىۋېلىپ ، تىرناق ۋە سۆڭەكلىرى قېتىۋالسا ئۇ چاغدا زور بالا - قازاغا ئايلىنىدۇ » دەپ باتۇخاننى ئاگاھلاندۇرغان . ئەمما ئىسكەندەر باتۇخانغا قىلچە سەمىمىيەيسىزلىك قىلمىغاچقا، باتۇخان ئىسكەندەرگە جازا يۈرۈشى قىلشىنى توغرا كۆرمىگەن . سۇبۇتاي بۇنىڭدىن قاتتىق نارازى بولۇپ ، ئىنتىقامچى ئابدۇراھمان ۋە باشقا مۇسۇلمان - تاتار جەڭچىلىرى بىلەن بىللە ياۋروپادا قېپقالغان . باتۇخان ئابدۇراھماننى ياۋروپادا تۇرۇشلۇق نائىپ خان ، يېسۇنوغاينى سۇباشى ، سۇبوتاينى باش مۇشاۋۇر قىلىپ قالدۇرۇپ ، ئۆزى قاغان سايلاش ئۈچۈن قارا قۇرۇمغا قايتىپ كەتكەن .

ئۆگەدەيخان 1241 - يىلى 12 - دېكابىر ئۆلگەندىن كېيىن ...

ئۆگەدەيخان ئۆلۈپلا ، ئۇنىڭ خوتۇنى تۈركىنا خوتۇن ئۇدا بەش يىل موڭغۇل قاغانلىقىنى باشقۇرۇپ ، ئاندىن تەختنى ئوغلى كۆيۈكخانغا ئۆتكۈزۈپ بەردى . 1246 - يىلى 25 - ئاۋغۇست كۆيۈكخان رەسمىي قاغان قىلىپ سايلاندى . بىراق بۇ كالۋا كۆيۈكخان تاغىسى باتۇخانغا قارشى ھەرىكەت قىلىپ مەغلۇپ بولغاننى ئاز دەپ ، 1248 - يىلى ئالتۇن ئوردىغا جازا يۈرۈشى قىلىش يولىدا ئۆلدى . ئاقىۋەت باتۇخان قاغانلىقنى ئۆگەدەي جەمەتىنىڭ قولىدىن تولۇي جەمەتىنىڭ قولىغا ئېلىپ بەردى . 1251 - يىلى باتۇخان كۆيۈكخاننىڭ خوتۇنى ئوغۇل قايمىشنى يوقىتىپ ، تولۇينىڭ ئوغلى مۆڭكۈ( مەڭگۈخان ) نى قاغان قىلدى . مەڭگۈخان ئىنىسى ھىلاكۇنى ئالامۇت قورغىنى ، ئابباسىيلار ، سالجۇقىلار ۋە ئەييۇبىلارنى يوقىتىشقا ئەۋەتتى . ئۆزى خىتاينى تولۇق بويسۇندۇرۇش يولىدا 1259 - يىلى يازدا سىچۇەندىكى دايۈي تېغىدا ئوق تېگىپ ئۆلدى .
1265 - يىلغىچە ئۇنىڭ يەنە بىر ئىنىسى ئارىق بۇقا يەنە بىر ئىنىسى قۇبلاي بىلەن تەخت تالاشتى . ھىلاكۇ ئىككى قېرىندىشىنى ئەپلەشتۈرەلمەي ، قۇبلاينى قوللاپ ، ئاخىرى قۇبلاينىڭ رۇخسىتى بىلەن تەبرىزدىكى ئىلخانىلار خانلىقىنى قانۇنلۇق قىلىۋالدى. بىراق ئۇمۇ 1265 - يىلى 8 - يانۋار تەبرىزدە ئۆلدى.

ئۇنداقتا بۇ ئىسكەندەر زادى كىم بولىدۇ ؟! ئۇنىڭ ئورۇسلار ئىچىدىكى ئورنى قانچىلىك ؟!

3 . ئىسكەندەر ۋە ئۇنىڭ ھازىرقى رۇسلارغا قالدۇرۇپ كەتكەن تارىخىي تۆھپىسى:

ئىسكەندەر بولسا، ئاددىي رۇس كىنەزى ياروسلاۋنىڭ ئوغلى بولۇپ، مىلادى 1220 - يىلى 13 - ماي موسكۋادىن 140 كىلومېتىر شىمالدىكى « ياروسلاۋ زالىسكىي » رايونىدا تۇغۇلغان . 1263 - يىلى 14 - نويابىر « نوۋگورد ئوبلاستى» دا ۋاپات بولغان . ئۇ پۈتۈن ئۆمرى بويىچە ئالتۇن ئوردا خانى باتۇخان ۋە بەركە خانغا سادىق بولغان . ئۇ خۇددى ئۇيغۇر ئىدىقۇتى بارچۇق ئارت تېكىنگە ئوخشاش ئۆزلىكىدىن سادىق بولۇپ ، رۇسلارنى ساقلاپ قالغان . ئۇنىڭ شۇ تۆھپىسى بىلەن رۇسلار بۈيۈك پېتىرنىڭ دەۋرىگە ئۇلاشقان بولسا ، پېتىرنىڭ تەدبىرى بىلەن بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ئىككىنچى ئاتامانىغا ئايلاندى .

ئۇنىڭ دادىسى ياروسلاۋ 1191 - يىلى ئوغلى ئىسكەندەر تۇغۇلغان جايدا ئاپىرىدە بولغان بولۇپ ، 1201 - يىلدىن 1206 - يىلغىچە شۇ جايلارنىڭ كىنەزى بولغان . 1236 - 1238 - يىللىرى بۈيۈك كىيېۋ كېنەزى بولغان . ئاندىن كېيىن باتۇخان كۆپ ياردەم قىلغاچقا ، شۇ يىلدىن باشلاپ 1246 - يىلغىچە بۈيۈك ۋىلادىمىر كېنەزى بولغان . ئۇ 1245 - يىلدىكى قاغان سايلىمىغا باتۇخان بىلەن بىللە بارغان بولۇپ ، 1246 - يىلى كۈيۈكخان ئۆگەدەيخان ئورنىغا قاغان بولغان نەخ مەيداننى كۆرگەن. ئەمما ئۇ شۇ يىلى 1246 - يىلى 30 - سېنتەبىر ئاغرىپ قېلىپ ، قاراقۇرۇمدا ۋاپات بولغان . شۇ ۋەجىدىن ئىسكەندەر ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرى ئاتا - بوۋىسىنىڭ قەبرىسى بار جايلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز تىزگىنىگە ئېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ ، ئاخىرى 1912 - يىلى ، 1924 - يىلى ۋە 1947 - يىلى موڭغۇلىيەنى تولۇق تىزگىنىگە ئالغان .

 1240 - يىلى شېۋىتسىيە ئەھلى سەلپ قوشۇنى ئۈستىدىن غەلىبە قازانغان . 1242 - يىلى مۇزلۇق كۆل ئۈستىدە گېرمانلار باش بولغان ياۋروپا ئەھلى سەلپ ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئالتۇن ئوردا خانى باتۇخان بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئەڭ ئاخىرقى رۇس دۆلىتىنى ساقلاپ قالغان تارىخىي شەخس بولۇپ، ئۇ خۇددى چىڭگىزخان بىلەن ھەمكارلاشقان ئۇيغۇر ئىدىقۇتى بارچۇق ئارت تېكىنگە ئوخشاش موڭغۇللار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، كېيىنچە ئۇلار ئاجىزلاشقاندا رۇسلارنىڭ مۇستەقىل بولۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان بولۇپ، ئەنە شۇ ئەقىللىق ئىسكەندەرنىڭ ۋاستىسىدە 1382 - يىلى ئورنىدىن تۇرۇۋالغان رۇسلار 1484 - يىلى پۈتۈنلەي ئالتۇن ئوردۇ خانلىقىدىن ئايرىلىپ چىقتى . 1501 - يىلى ئالتۇن ئوردۇ پارچىلانغاندىن كېيىن، رۇسلار 1547 - يىلى چار پادىشاھلىق قۇرۇپ، 1552 - يىلى قازان خانلىقىنى، 1557 - يىلى ئېتىل بويىدىكى ئاستراخان خانلىقىنى، 1639 - يىلى سىبىرىيە خانلىقىنى ، 1689 - يىلى تاشقى مانجۇرىيەنى ، 1733 - يىلى قازاق دالاسىنى يۇتۇۋېلىپ، 1747 - يىلى ئىمپىرىيەگە ئايلاندى . 1783 - يىلى قىرىمنى ، 1789 - يىلى قارا دېڭىز ساھىللىرىنى ، 1828 - يىلى ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمىنىيەنى،  1847 - يىلى كېنىسارى قوزغىلىڭىنى باستۇرۇپ، 1864 - يىلى كاۋكازنى، 1865 - يىلى قوقاننى بويسۇندۇرۇپ، 1867 - يىلى تۈركىستان ھەربىي ۋالىيلىقىنى قۇرۇپ، 1868 - يىلى بۇخارانى، 1869 - يىلى خارەزىم خانلىقىنى، 1871 - يىلى ئىلى سۇلتانلىقىنى يۇتۇۋېلىپ، 1881 - يىلى مانجۇرلار بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانى قايتا بۆلۈشۈپ، 1895 - يىلى پامىرنى يۇتۇۋالغان . شەرقتە ياپونىيە باش كۆتۈرۈپ، 1904 - 1905 - يىللىرى چاررۇسىيەنى قاتتىق مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، رۇسلار ياپونغا قارشى ئىزچىل خىتايلار بىلەن ھەمكارلىشىپ كەلدى. بۇ خىل ئىتتىپاقداشلىق يۈز يىلدىن بېرى ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلدى . پەقەت 1969 - يىلى سوۋېتلەرگە قارشى خىتاي - ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىقى مەيدانغا كەلدى. ھازىر خىتاي يۈز يىل بۇرۇنقى ياپونىيەنىڭ ئورنىنى ئالدى. رۇسلارمۇ 1969 - يىلدىكى خىيانەتنى ئۇنتۇپ قالغىنى يوق. « ئىسكەندەر » نى كالىنىنگرادتا ياكى شىمالىي قۇتۇپتا سىناق قىلماي، قازاقىستاندا سىناق قىلغىنى بەلكىم 1969 - يىلى ئىككى مىڭ يادرو قورالىنى تىكلەپ قويۇپ، خىتاينىڭ ھەر بىر چوڭ شەھىرىنى نىشانغا ئالغان قورقۇنچلۇق ۋاقىتلاردىكىدەك ئەھمىيەتكە ئىگە بولماسلىقى مۇمكىن . ئەمما ھەر ھالدا ئادەتتىكى ئىش ئەمەس . چۈنكى رۇسىيە ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن قىلچە ۋاسىتە تاللىمايدىغان بىر دۆلەت . پۇلىنى ئېلىپ تۇرۇپ ئالدىدىلا يۈزسىزلىك قىلالايدۇ .

  2019 - يىلى 21 - سېنتەبىر  شەنبە

4 . « يېڭى سىتالىن » ۋىلادىمىر پۇتىن چوڭ ئىشنى يەنىلا موڭغۇلىيەدىن باشلىماقتا :

رۇسىيە ئاۋام پالاتاسى كېڭىشى بۇ يىل 8- ئىيۇل بېلەت تاشلاپ ، موڭغۇلىيە بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى. رۇسىيە دۆلەت دۇماسى 2 ھەپتە بۇرۇنلا كېلىشىمنى تەستىقلىدى. شۇنداق قىلىپ يېڭى سىتالىن قايتىپ كەلدىدە ، چوڭ ئىشنى يەنىلا موڭغۇلىيەدىن باشلىدى .

1939 - يىلى يازدا سىتالىن موڭغۇلىيەگە بولۇشۇپ ، ياپونىيە كانتون ئارمىيىسى بىلەن ئۇرۇشقان . 1945 - يىلى يەنە موڭغۇلىيە ئارقىلىق مانجۇرىيەگە بېسىپ كىرىپ ، ياپونىيە ئارمىيىسىنى تارمار قىلغان . مانا ئەمدى پۇتىنمۇ ئىشنى موڭغۇلىيەدىن باشلاپتۇ . نىشان ئېنىقلا خىتاي . چۈنكى ھازىرقى خىتاي دەل يۈز يىل ئىلگىرىكى ياپونىيەنىڭ ئۆزى بوپقالدى .

سىتالىنمۇ موڭغۇلىيەنى بازا قىلىپ دۈشمىنى ياپونىيەنى يەڭگەن . يېڭى سىتالىنمۇ شۇنداق قىلىپ ، يېڭى دۈشمىنى خىتاينى گەجگىسىدىن بوغماقچى بوپتۇ . ھەممىگە مەلۇمكى پۇتىن قىستاپ كېلىۋاتقان يۆنىلىش ۋە نىشان بەئەينى غالدان 1690 - يىلى 5 - ئىيۇلدا مەنچىڭ ئاستانىسى پېكىنگە 700 چاقىرىملا كېلىدىغان ئۇلانبۇتۇن يولى دەل شۇ . تېخى باياملا يىراق شەرقتە ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان راكېتا سىناق قىلغان ئىدى . ئەمدى موڭغۇلىيەنى بالا قىلىۋاپتۇ :

5 . « يالتا يىغىنى روھى ۋە سوۋېت - خىتاي دوستلۇقى » :

« يالتا يىغىنى » روھىغا ئاساسەن سىتالىن ئۈچ ئاي ئىچىدە ياپونلارغا ئۇرۇش ئېلان قىلىدىغان بولغان . بۇنىڭ مۇھىم شەرتى خىتاينىڭ سىتالىن ئوتتۇرىغا قويغان بارلىق تەلەپلىرىگە شەرتسىز قوشۇلۇشى ئىدى . ئەمما ئامېرىكىنىڭ ئىككى ئاتوم بومبىسى ، ھەمدە سىتالىننىڭ 8 - ئاۋغۇست ئىككى يېرىم مىليون ئەسكەر بىلەن مانجۇرىيەگە باستۇرۇپ كىرىپ، 19 - ئاۋغۇستقىچە مانجۇرىيەنى تولۇق ئىشغال قىلىشى ، ئەسلىدە بەش يىلدا مەغلۇپ قىلىش بەلگىلەنگەن ياپونىيە ئارمىيىسىنى 14 - ئاۋغۇست تەسلىم بولۇشقا مەجبۇرلىغان .
ياپونلارنىڭ بالدۇر تەسلىم بولۇشى مىللىي مۇستەقىللىقىمىز ئۈچۈن ئەڭ چوڭ پالاكەت بولغان . خىتاي تارىخچىلىرىمۇ بۇنى ئوچۇق ئېتىراپ قىلغان . شۇ  كۈنى موسكۋادا
« سوۋېت - خىتاي دوستلۇقى كېلىشىمى » تۈزۈلگەن . ئەمما سىتالىن ئارمىيىمىزنىڭ تاكى 14 - سېنتەبىر ماناس دەرياسى بويىغىچە ئىلگىرلىشىنى توسمىغان . پەقەت 11 - 12 - 13 - سېنتەبىر ۋەتىنىمىزدىكى ئىشغالچى خىتاي گېنىرالى جۇشاۋلىياڭ جاڭ كەيشىدىن ئۈچ قېتىم جىددىي قۇتقۇزۇش تەلەپ قىلغاندىن كېيىنلا،جاڭ كەيشى بىر تەرەپتىن ئۈرۈمچىگە تۈلكە جاڭ جىجۇڭنى ئەۋەتىپ سوۋېت كونسۇلى ئارقىلىق سىتالىنغا يالۋۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكىنىڭ ۋاستىسىدا سىتالىننىڭ بارلىق مەنپەئەتلىرىگە ماقۇل بولغان . نەتىجىدە
15 - سېنتەبىر موسكۋادا مۇھىم يىغىن ئېچىلىپ، « ماناس دەرياسى بويىدا توختاپ قېلىش » قارارى ماقۇللانغان . لېكىن سىتالىن جاڭ كەيشىنى تېخىمۇ تېزراق تىز پۈكتۈرۈش ئۈچۈن شىمالدىكى ئارمىيەنى توختىتىپ قويۇپ، جەنۇپتىكى پامىر تاغلىرىدا يېڭى ئىنقىلاپ چىقارغان . ئۇلار 111 كۈن ئىچىدىلا قەشقەر ۋە يەكەن شەھىرىدىن باشقا ئاساسلىق قەشقەر تەۋەسىنى قولغا ئېلىپ بولغان .

جاڭ كەيشى ئاخىرى موڭغۇلىيەنى سىتالىندىن تالاشماي، تاشقى مانجۇرىيەنى ئېتىراپ قىلىپ ، ( 1860 - يىلى ئىشغال قىلىنغان . 1922 - يىلى سۇنجۇڭشەن تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان )، سىتالىننىڭ يىراق شەرق ۋە لۇشۈن پورتىدىكى ئىمتىيازىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغاندىن كېيىن ، سىتالىن ھەم ماۋ باشلىق خىتاي كامىنىسلىرىنى ھەم ئىلىدىكى مۇستەقىل جۇمھۇرىيىتىمىزنى قوللىمايدىغان بولغان . ( دېمەك سىتالىن يالغۇز بىزنىلا ئەمەس، خىتاي كومپارتىيىسىنىمۇ ئالىي مەنپەئەتى ئۈچۈن كۆزىنى مىت قىلماي گومىنداڭغا سېتىۋەتكەن . بۇ قىلمىش ماۋنىڭ سىتالىندىن يۈز ئۆرۈشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق تۆت سەۋەپنىڭ بىرى ئىدى ) . تىرومىن باشلىق
ئامېرىكىمۇ جاڭ بىلەن ماۋنى ياراشتۇرغان.

1945 يىلى - 12 - ئاۋغۇست ، سىتالىن شىمالى كورىيەنى ئىشغال قىلغان. ئەمما ياپونىيە 14 - چېسلا تەسلىم بولغاچقا، جەنۇبى كورىيەنى ئىشغال قىلىشقا ئۈلگۈرەلمىگەن. سىتالىن 9 - چېسلا مانجۇرىيەگە باستۇرۇپ كىرگەن ئىدى.
14 - ئاۋغۇست موسكۋادا « سوۋېت - خىتاي دوستلۇق كېلىشىمى » ئىمزالانغان . بىراق سىتالىن مەنپەئەتىنى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن مىللىي ئارمىيەنىڭ تاكى 14 - سېنتەبىرگىچە ئىلگىرىلىشىنى ، يەنە كېلىپ جىڭ بىلەن شىخۇنى ئېلىپ، ماناس دەرياسى بويىغىچە بېسىپ كېلىشنى توسمىغان . 11 - سېنتەبىر داڭلىق خىتاي گېنىرالى جۇشاۋلىياڭ جاڭ كەيشىدىن قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلغان. 12 - سېنتەبىر جاڭ كەيشى سىتالىنغا يالۋۇرۇپ، تۈلكە جاڭ جىجۇڭنى 13 - سېنتەبىر ئۈرۈمچىگە ئەۋەتكەن . سىتالىن ئىلى كونسۇلى ئارقىلىق گومىنداڭنى خاتىرجەم قىلغان . 14 - سېنتەبىر گومىنداڭ سىتالىننىڭ بارلىق مەنپەئەتىگە     تولۇق كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى قايتا - قايتا تەكىتلىگەندىن كېيىن ، 15 - سېنتەبىر موسكۋادا يىغىن ئېچىلىپ **،« ماناس دەرياسى بويىدا توختاپ قېلىش » توغرىلىق قارار چىقىرىلغان . 15 - ئۆكتەبىر سۆھبەت باشلانغان . 1946 - يىلى 6 - ئىيۇن بىتىم تۈزۈلگەن. 28 - ئىيۇن جۇمھۇرىيەت نامى ئەمەلدىن قالغان. ئارقىدىنلا ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئارىسىدا سوغۇق ئۇرۇش ئەۋجىگە چىققان . بۇ ۋەزىيەت 1947 - يىلى يازدا گومىنداڭنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىگە ئومۇمىي ھۇجۇم قىلىشىغا تۈرتكە بولغان . ھىلىگەر ماۋ بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ، سىتالىننىڭ قايتىدىن ئېتىۋارىغا ئېرىشكەن. ( ئەمما بىزنىڭ لېدىرلار سىتالىنغا ياخشىچاق بولۇش تۈگۈل ، ئۇ چىن قەلبىدىن يامان كۆرىدىغان تۈركچىلىكنى كەڭ تارقىتىپ ، سىتالىننىڭ غەزىپىنى كۈچەيتكەن ) . ھىلىگەر ماۋ يەنە بىر تەرەپتىن تېخى دۆلەت قۇرماي تۇرۇپلا، 1947 - يىلى مايدا « ئىچكى موڭغۇل ئاپتونۇم رايونى » قۇرۇپ بېرىپ، ئىچكى موڭغۇلنى بازا قىلىپ، سىتالىن مانجۇرىيەدە تاشلاپ بەرگەن قوراللار بىلەن ئۇرۇش قىلغان . سىتالىنمۇ ئۇنى 12 - ماي تاشقى موڭغۇلنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرلىغان. ماۋ غىڭ قىلماستىن سىتالىننىڭ ئارزۇسى بويىچە ئىش قىلغان . شۇڭلاشقا سىتالىن قايتىدىن ئۇيغۇر مىللىي ئارمىيىنى قوزغاپ، گومىنداڭنىڭ ۋەتىنىمىزدىكى ئامېرىكىچە قوراللانغان ئەڭ سەرخىل 100 مىڭ ئەسكىرىنى ئىسكەنجىگە ئېلىپ، تۇتۇپ تۇرۇپ، ماۋنىڭ غەلىبە قىلىشىغا ئاساس يارىتىپ بەرگەن .

دېمەك ، بىز سىياسەت ئويناشتا شېڭ شىسەي بىلەن ماۋ زېدوڭچىلىك بولالمىغان . شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ سايىسىدە دۇنيادىكى ئەڭ پەس بىر قەۋم پۈتۈن دۇنيانى يۇتقۇدەك ھالغا كەلدى. ئەمما بىزنىڭ خەلقىمىز « ئۆز ۋەتىنىدە تۇتقۇن، چەتئەللەردە قاچقۇنغا ئايلاندى » .

6 . « گومىنداڭنىڭ پانتۈركىزىم قارتىنى ئوينىشى ۋە چوڭ قىماردىكى پاجىئەلىك ئۇتتۇرۇش » :

قۇۋ ۋە ھىلىگەر گومىنداڭمۇ بىزنىڭ سىتالىننىڭ نەزىرىدىكى ئورنىمىزنى ۋە ئېتىبارىمىزنى يوق قىلىش ئۈچۈن پانتۈركىزىمچى ئۈچ ئەپەندىنى ۋەتىنىمىزنىڭ ئەمەلدارلىرى قىلىپ سايلاپ، 1947 - يىلى 28 - مايدىن ئېتىبارەن سىياسىي جەھەتتە خەلقىمىزنىڭ ئىككىگە پارچىلىنىشى ۋە سىتالىننىڭ ئۇيغۇرلاردىن بىئارام بولۇپ، ئىلىدىن يەنئەنگە مايىل بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان . 1949 - يىلى ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان گومىنداڭنىڭ گۇمران بولىدىغانلىقىنى سېزىپ، غەربىي شىمالدىكى بەش ما فامىلىلىك تۇڭگاننى ۋەتىنىمىزگە چېكىندۈرۈپ، ئىسلام دۆلىتى قۇرۇپ، ۋەتىنىمىزنى تەسىرى ئاستىدا تۇتماقچى بولغان. بۇ خەۋەردىن چۆچىگەن سىتالىن ئامېرىكىنىڭ ئارقا ھويلىسىدا پەيدا بولۇشىنى توسۇش ئۈچۈن دەرھال ماۋنى شۇ يىلى ئۆكتەبىرگىچە دۆلەت قۇرۇپ بولۇشقا قىستاپ،  بىر تەرەپتىن ئايروپىلان چىقىرىپ، لاتا خەيلىك، شۇم نىيەتلىك خىتاي باندىتلىرىنى ۋەتىنىمىزگە توشۇسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىگە سادىق بولغان رەھبەرلىرىمىزنى كۆزىنى مىت قىلمايلا بىر تەرەپ قىلىۋەتكەن . نەتىجىدە 70 يىللىق پالاكەت باشلانغان.

شۇنداق قىلىپ، شەرقتە ياپونىيەنىڭ كۈچىيىشى رۇسلارنى يۈز يىلدىن بېرى خىتاي بىلەن دوست بولۇشقا مەجبۇرلىسا، غەرپتە گېرمانىيەنىڭ قايتا كۈچىيىشى رۇسلارنىڭ ئەنگلىيە بىلەن قايتىدىن يارىشىپ، ئىتتىپاقداش بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. نەتىجىدە، ۋەتىنىمىز 1870 - يىللىرى
« چاررۇسىيە بىلەن ئەنگلىيە ئارىسىدىكى يۈز يىللىق بۈيۈك ئويۇن » نىڭ قۇربانلىقى بولۇپ، مانجۇرلارغا بېرىۋېتىلگەن بولسا، 1921 - يىلى ياپونىيەگە قارشى ئىتتىپاقداشتىن مەھرۇم قالماسلىق ئۈچۈن لېنىن ۋەتىنىمىزدىكى مىللىي مۇستەقىللىق ئىنقىلابىنى ئەمەلدى قالدۇردى. 1934 - يىلى ئارقا ھويلىسىدىلا دۈشمەنلىرىنى قوينىغا ئالغان ، كوممۇنىزىمغا ۋە جاھانگىرلىككە قارشى بولغان تۇنجى جۇمھۇرىيىتىمىزنى سىتالىن « ياپون تەھدىتى ۋە مانجۇرىيە دۆلىتى تەجرىبىسى »نىڭ قايتىلىنىشىدىن قورقۇپ خائىن تۇڭگانلارنىڭ قورال كۈچى بىلەن يوقاتقان بولسا، 1944 - يىلى ئۆزى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن 2 - جۇمھۇرىيىتىمىزنى يەنىلا ئۆزىنىڭ ئەڭ ئالىي دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن قۇربان قىلىپ يوقىتىۋەتتى .

قىسقىسى ، يىراقتىكى ياپونىيەنىڭ كۈچىيىشى، تېخىمۇ يىراقتىكى گېرمانىيەنىڭ قايتا تىرىلىشى، ئۇنىڭدىنمۇ يىراق ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە بىلەن تاسادىپىي ھالدا بىردىنلا مەنپەئەتىمىزنىڭ بىر يەرگە كېلىپ قېلىشى سىتالىننى كەسكىنلىك بىلەن ئىش كۆرۈشكە مەجبۇرلىدى. ئۇ ھەتتا ئۆزىگە ئەڭ سادىق بولغان جۇمھۇرىيەت رەھبەرلىرىنى سىرلىق ھالدا يوق قىلىۋەتتى. پۈتۈن ئىشلار بىر ئاي ئىچىدىلا تاماملاندى. 25 - ئاۋغۇست ئايروپىلان ۋەقەسى خەۋىرى ئوتتۇرىغا چىقىپ دەل بىر ئاي بولغاندا، يەنى 26 - سېنتەبىر ۋەتىنىمىزنىڭ جەنۇبىدىكى يەتتە ۋىلايەتنى ئىشغال قىلىپ تۇرغان گومىنداڭ تاجاۋۇزچىلىرى گۇڭسەنداڭغا تەسلىم بولدى. 17 - ئۆكتەبىر ئىلى ئاسمىنىدا لەپىلدىگەن ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقمۇ چۈشۈرۈلدى . مانا بۇ يىل بۇ پالاكەتلىك ۋە ھاقارەتلىك تارىخىمىزغا دەل 71 يىل توشۇپ قاپتۇ .

2020 - يىلى 9 - ئىيۇل.  مەستخۇش پەيشەنبە.

7 . ھەر يىللىق « سېلىنگا ھەربىي مانىۋېرى » ھەققىدە قىسقا ئەسلەتمە :

روسىيە - موڭغۇلىيە مانېۋىرىنىڭ «سېلىنگا -2017» پىلانىنى يولغا قويۇشنىڭ بىرىنچى قېتىملىق مۇزاكىرىسى ئۇلانباتوردا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

روسىيە ۋە موڭغۇلىيە تەرەپلەر «سېلىنگا -2017» بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنىڭ تەييارلىق يىغىنىنى ئۆتكۈزۈش ۋاقتى ۋە ئورنى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىپ ، بۇ تەييارلىقلارنىڭ بۇ يىل مارتتا ئۇلان-باتور (موڭغۇلىيە) دا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

روسىيە شەرقىي ھەربىي رايونى ۋە موڭغۇلىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىرىنچى باسقۇچلۇق كېڭىشىش جەريانىدا ، پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مانېۋىر ۋە مانېۋىرنىڭ ئورنى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىدۇ ، ئۇندىن باشقا مانېۋىرغا قاتنىشىدىغان كۈچ ۋە ۋاسىتىلەرنىڭ سانى ، ھەربىي مانېۋىرغا قاتناشقۇچىلارنىڭ دۆلەت چېگراسىدىن ئۆتۈش ۋە ئەشيا ئوبوروتى مۇلازىمىتىنى تەشكىللەش يوللىرى قاتارلىقلارمۇ ئورتاق مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى ، روسىيە-موڭغۇلىيە بۇندىن بۇرۇن «سېلىنگا - 2016» بىرلەشمە مانېۋىرى ئۆتكۈزگەن بولۇپ ، 2016 - يىلى 20-ئاۋغۇستتىن 7-سېنتەبىرگىچە رۇسىيەنىڭ زابايكالې (بايكال كۆلى) رايونىدىكى «تسۇگول» مەشىق مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلغان . 2016 - يىلى 17 - مارت رۇسىيە شەرق ھەربىي رايونى باياناتچىسى ئالېكساندىر گوردىيېفنىڭ ئېيتىشىچە ھەر ئىككى تەرەپتىن مىڭ ئەسكەرنىڭ قاتنىشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن ئىدى.

مەنبە : رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى تور بېتى . 2017 - يىلى 1 - فېۋرال 08:39

بۇ يىل مارتتا ، موڭغۇلىيە زېمىنى رۇسىيە - موڭغۇلىيەنىڭ تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش مانېۋىرىغا شاھىت بولىدۇ ، ھەربىي مانىۋېر  ئىسمى «سېلىنگا - 2017» بولىدۇ. كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان نۇقتا شۇكى ، شى جىن پىڭ دەل مۇشۇ ھەربىي مانىۋېر باشلىنىش ھارپىسىدا ۋەتىنىمىزدە قوزغىغان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايەتلەر كىشىنى چوڭقۇر ئويلاندۇرىدۇ.

ئەنە شۇ 2017 - يىلى فېۋرالدىن باشلاپ ،
مىللىتىمىز كۆڭۈل قويۇپ ئالدىن پىلانلانغان زور سۇيقەستلەرنىڭ قۇربانى بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتاتتى. 2017 ـ يىلدىكى 14 ـ فېۋرال «گۇما پىچاقلاش ۋەقەسى»،1 ـ مارتتىكى «ئۇيغۇر زۇۋان دائىشلارنىڭ خىتايدا چاڭجياڭ دەرياسىدەك قان ئاققۇزۇش تەھدىتى»،2 ـ مارتتىكى « تىمساھنىڭ كۆز يېشى»، شى جىن پىڭنىڭ 10ـ مارتتىكى 5800 كىلومېتىرلىق سەددىچىن سېپىلى قۇرۇش چاقىرىقى، 11 - مارتتىكى ئىسرائىلىيە ئىستىخبارات تەرەپنىڭ بىردىنلا « ئون مىڭ ئۇيغۇر جىھاتچى سۈرىيەدە ئۇرۇش قىلماقتا » دېگەن خەۋىرى ، ئارقىدىنلا
ھاپىلا ـ شاپىلا ساختا ئاۋازغا قويۇلۇپ،شۇ
ھامان ماقۇللانغان«ئەسەبىيلىككە ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى»،2017 ـ يىلى 1 ـ ئاپرىلدىن باشلانغان«قىزىل قىيامەت» تا ھازىرغىچە داۋاملاشماقتا !!! بۇ سىرلارنىڭ جاۋابى تېخىچە ئوتتۇرىغا چىققىنى يوق . چۈنكى بىز ئەتراپىمىزدا بولۇۋاتقان ئىشلار ۋە ئوينىلىۋاتقان ئويۇنلاردىن بىخەۋەر ھالدا ئۆز ئىچىمىزدە ئويۇن قويۇپ يۈرۈۋاتىمىز.

« سېلىنگا 2020 ھەربىي مانىۋېرى » ھەققىدە :

قەھرىتان سوغۇققا قارىماستىن باشلىنىپ كەتكەن مەزكۇر ھەربىي مانىۋېر ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ يەنىلا كىمنى ئەڭ چوڭ تەھدىت دەپ قارايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى . مەزكۇر مانىۋېر ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى سىن لېنتىسى بۈگۈن 2 - نويابىر رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن تارقىتىلدى .

خۇلاسە :

چاررۇسىيە ( ئاق ئورۇس ) ئىمپىرىيىسى مىلادى
1852 - يىلى ۋەتىنىمىزدە تۇنجى كونسۇلخانا قۇرۇپ ، ئالمائاتادا « ۋېرنىي قورغىنى » نى ياساپ ، شۇ يەرنى بازا قىلىپ بىاپايان غەربىي تۈركىستاننى ئىستىلا قىلىپ ، 1867 - يىلى ئىيۇندا تۈركىستان ھەربىي گوبېرناتورلۇقىنى قۇرۇپ چىقىپ ، ئون يىلدىلا خىۋە خانلىقى ، بۇخارا خانلىقى ، قوقان خانلىقى ۋە ئىلى تارانچى سۇلتانلىقىنى يۇتۇۋېلىپ كۈچىيىپ كەتكەن ئورۇسلارغا ئوبدان قاراپ باقساق ،
1869 - يىلى مۇز داۋانغا تاجاۋۇز قىلغىنىدىن باشلاپ ھېساپلىغاندا ، ئۆتكەن 151 يىل جەرياندا ئەجداتلىرىمىز رۇس مەسىلىسىنى لايىقىدا بىر تەرەپ قىلالمىغاچقا ، چاررۇسىيە
1871 - يىلى ئىلى سۇلتانلىقىنى بېسىۋېلىپ ،
1881 - يىلى 12 - فېۋرال سېسىق نامى پۇر كەتكەن « تۈركىستاننى بۆلۈشۈش كېلىشىمى» ئارقىلىق غەربىي تۈركىستاندىكى مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىنى قانۇنلاشتۇرۇۋالغان بولسا ، ئەسلىدە ۋەتىنىمىزگە تەۋە جايدىن ئۆزبېكىستان چوڭلۇقىدا مۇنبەت تۇپراقنى يۇتۇۋالغان . 1945 - يىلىدىكى يالتا كېلىشمىدە ۋەتىنىمىز قايتىدىن موڭغۇلىيە ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنغان بولسا ، 1950 - يىلى 14 - فېۋرالدىكى كېلىشىمدە بەلگىلەنگەن ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت قۇرۇش پىلانى سىتالىننىڭ ئۆلۈمى تۈپەيلىدىن سۇغا چىلىشىپ ، ئورنىغا 1955 - يىلى 10 - ئايدا ساختا ھەم ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى شەكىل ئاپتونومىيە بېرىلگەن . بىز يەنىلا 151 يىللىق رۇس مەسىلىسىنى توغرا ھەل قىلماي تۇرۇپ نۆۋەتتىكى پاتقاقتىن تولۇق قۇتۇلالمايمىز !
تارىختىكى بارلىق مەسىلىلەر يىغىلىپ قالدى. ئوشۇق ۋاختىمىز ۋە ئوشۇق ئادەم كۈچىمىز يوق . پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن بىر - بىرلەپ ھەل قىلماقتىن باشقا ئىلاجىمىز يوق .

بۇ يىل 5 - مارت رۇسىيە ئاساسى قانۇننى تۈزىتىپ ماقۇللىدى . مەزكۇر ئاساسى قانۇن رۇسىيەنىڭ بۇندىن كېيىنكى تاشقى ئىشلار سىياسىتىنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدۇ . بىز ئۇيغۇرلارمۇ بۇ ئۆزگىرىشتىن نېسىۋېمىزنى ئېلىۋېلىشىمىز كېرەك ! « يامانلىغان تىلەمچىنىڭ خورجۇنىغا زىيان ! » دەيدۇ ئەجداتلار ! بىز رۇسلاردىن 150 يىل يامانلاپ يۈردۇق . پەس خىتايلار 150 يىل قانچە خورلۇق تارتسىمۇ ئورۇسلارنىڭ كەينىدىن سوكۇلداپ يۈرۈپ بۈگۈنكى دۇنياۋىي كۈچلۈك ئەلگە ئايلاندى.
« بىز ھەم ئۆزىمىزدىكى كىبىرلىك ، ھەم ئۆزىنى كەمسىتىدىغان ئاكىسىراش ئىللەتلىرىنى كېلەر يىلغا قالدۇرماي تۈپتىن يوقىتىشىمىز كېرەك !».

« ئەجداتلارنىڭ خۇشاللىقى بىزنىڭ خۇشاللىقىمىز، ئۇلارنىڭ قايغۇسى بىزنىڭ قايغۇمىز ۋە دەردىمىزدۇر! ئەگەر بۇنداق بىر ئورتاقلىق بولمايدىكەن، ئۇنداقتا تارىخ بىر دۆۋە كېرەكسىز ئەخلەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ!» . 
سايرام ئوغلانى

يۇقىرىقى مەزمۇنلار ئاساسلىقى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى تور بېتىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى . بىزگە ئالاقىدار قىسىملىرى دوكتۇر نەبىجان تۇرسۇننىڭ ئىككىنچى جۇمھۇرىيىتىمىزگە ئالاقىدار ئەسەرلىرىنىڭ خۇلاسىسى ، شۇنداقلا ئومۇمىي دۇنيا ۋەزىيىتىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ۋەتىنىمىزنىڭ تەقدىرىنى تەھلىل قىلغان ئاكادېمىك يازمىلىرىدىن قىسقارتىپ سۇنۇلدى.

ئۇيغۇر تارىخى سەھىپىسى.

2020 - يىلى 2 - نويابىر.  دۈشەنبە.