2020/10/21 08:34

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


ب د ت دا قۇرۇلتاي رەئىسى بىلەن خىتاي دېپلوماتلىرى ئارىسىدا كەسكىن تالاش - تارتىش

يوللىغۇچى: ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى, 2019/03/06 13:55

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى د ۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ب د ت دا جازا لاگىرلىرى توغرىسىدا نۇتۇق سۆزلىگەن. خىتاي دېپلوماتلىرى ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قارشى چىقىپ، <<تېررورىست دولقۇن ئەيسا يالغان سۆزلەۋاتىدۇ، ئىنتەرپولدا ئۇنىڭ ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى بار، ئۇنىڭ ب د ت غا كىرىشى خاتا بولغان، ب د ت يىغىنلىرىدا سۆزلىشى تېخىمۇ خاتا، ئۇنىڭ بۇنداق مۇنبەرلەردە سۆز قىلىش سالاھىيىتى يوق، شىنجياڭدا جازا لاگىرى يوق، تەربىيىلەش مەركىزى بار ... >> دەپ دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ پىكىرلىرىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنغان. بۇنىڭ بىلەن دولقۇن ئەيسا ۋە غەرب دۆلەتلىرى بىر تەرەپ، خىتاي بىر تەرەپ بولۇپ كەسكىن مۇنازىرە باشلىنىپ كەتكەن. نەتىجە ئىتىبارى بىلەن، دولقۇن ئەيسا ھەم غەرب ئەللىرى خىتاي ئۈستىدىن غالىپ كەلگەن. خىتاي ھاكىمىيىتى ب د ت دا يۈزلىگەن دۆلەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى ئالدىدا يەنە بىر قېتىم قاتتىق رەسۋا بولغان.