2020/10/21 09:06

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


خىتاينىڭ غەرب نەزىرىيسى (3)

يوللىغۇچى: Azat Arkal, 2019/04/08 00:19

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

Azat Arkal


ئىقتىسادتىن باشقا بىزدە يەنە نېمە بار

جۇڭگونىڭ ئىقىتىسادىي كۈچىنىڭ كۈچىيشىگە ئەگىشىپ، دۆلەتنىڭ مەمۇرى ئىستىراتىگىيسىگە مۇناسىۋەتلىك مەبلەغ سېلىنمىلىرى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئاشتى،ھەتتا غەرب دۆلەتلىرىمۇ كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ قېلىشتى. بىراق، پۇل كۆپ دېگەنلىك پەقەت دۆلەتنىڭ قاتتىق كۈچىنىڭ ئاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ،
يۇمشاق كۈچىنىڭمۇ ماس ھالدا ئاشقانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. چۈنكى نۇرغۇنلىغان مەسىللەرنى پەقەت پۇلغا تاينىپلا ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. بۈگۈنكى جۇڭگو جەمئىيتىدە كىشىنى ئويغا سالىدىغان بىر ھادىسە : يۇقىردىن تۆۋەنگىچە پۇل بولسا جىننىمۇ ئۇسۇلغا سالغىلى بولدۇ دەيدىغان ئىدىيە يامراپ كەتكەن. بۇنداق بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆردىغان، پۇل بىلەن مۇناسىۋەت سېتۋالىدىغان تەپەككۇر ئەندىزىسى، ئۇزۇن مەزگىللىك خىزمەتتە كەم بولسا بولمايدىغان ئىنچىكىلىك، پۇختىلىق ۋە ياخشى ئوبرازنىڭ تىكلىنىشى قاتارلىقلارنى نەزەردىن ساقىت قىلۋەتكەن. پۇل بىلەن مۇناسىۋەت ئاچقاندا، پەقەت سۇنىڭ ئۈستىدىكى مايدەك يۈزەكى مۇناسىۋەت بولۇپ، بېلىق بىلەن سۇنىڭكىدەك يېقىن مۇناسىۋەت باغلىغىلى بولمايدۇ.
جۇڭگونىڭ ئافرىقىدىكى مەبلەغ سېلىش ئىشلىرىنى مىسال قىلساق، جۇڭگو سودىگەرلىرىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى پۇل بىلەن ئەمەلدارلاردىن مۇناسىۋەت سېتىۋالدىغان قائىدىسى ئافرىقىدا ھەق دادىغا يەتكۈدەك ئىشلىدى. بىراق ئافرىقا ھۆكۈمىتىنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە كونتىرول قىلىش ئىقتىدارىنى جۇڭگونىڭكى بىلەن سېلىشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. پۇل بىلەن ئەمەلدارلارنى سېتۋالغان بىلەن پۇقرالارنى سېتۋالغىلى بولمايدۇ. يەرلىك قەبىلىلەرنىڭ پارتىزانلىرى ئارىلاپ-ئارىلاپ تەھدىد خېتى ئەۋەتىدىغان، بىرەر تال بومبا تاشلاپ قويىدىغان ئىشلار دائىم دېگۈدەك يۈز بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، پۇل بىلەن يول ئېچىش بۇ ئەمەلدارلارنىڭ قارنىنى بارغانسېرى يوغانتىپ قويۇپلا قالماي، يەنە جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو كارخانىلرىنىڭ ئوبرازىغا داغ چۈشۈرۈپ ، يەرلىك خەلىقلەرنىڭ بىزارلىقىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ.
بۇنىڭ ئەكىسچە، غەرب دۆلەتلىرى ئافرىقا دۆلەتلىرىگە كىرگەندە ھەم سەۋرىچانلىق بىلەن ئەمەلدارلارنى قايىل قىلىدۇ ھەم قاتتىق شەرتلەر بىلەن سۇ كەلگۈچە توغان تۇتىدۇ، ھەم يەرلىك جەمىيەتكە ئۈنۈملۈك سىڭىشىپ پسىخكىلىق خىزمەتلەرنىمۇ تەڭ ئېلىپ بارىدۇ. ئىقتىسادتىن ئىبارەت ئالدى پۇت كىرىپ بولغۇچە، مەدەنىيەت ۋە سىياسىيدىن ئىبارەت ئارقا پۇتمۇ كىرىپ بولىدۇ. پۇلغىلا تاينىپ يول ئاچقاندا، يامغۇر كەلسە يامغۇردا بوران كەلسە بوراندا قالىدىغان گەپ. ئۈچىنىچى دۇنيا ئېلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگونىڭ ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەت تەجىربىسى يەنىلا غەرب دۆلەتلىرىگە يەتمەيدۇ.
ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ گېپى بولۇنسا، بىزنىڭ نەزىرىمىز ئالدى بىلەن رۇسىيە ۋە ئامېرىكىدىن ئىبارەت رەقىبلىرىمىزگە چۈشىدۇ. لىكىن سەل ئارىلىق تاشلاپ قارىغاندا، ئەڭ كۈچلۈك رەقىب رۇسىيە ۋە ئامېرىكا بولماستىن بەلكى تۈركىيە بولۇشى مۇمكىن.
رۇسىيەنىڭ ھەربىي كۈچى بار،لېكىن ئىقتىسادىي كۈچى يوق. ئەخلاقىي ۋە مەنىۋى چاقىرىق كۈچى تېخىمۇ يوق. ئامېرىكىدا ھېچنىمە كەم ئەمەس، لېكىن ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇنىڭ ئۈچۈن پەقەت << ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە >> ۋە قوراللىق ئىستىراتىگىيە جەڭ مەيدانى بولۇپ، ئۆزىمۇ بىلمىگەن ھالدا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىشلىرىغا ئارلىشىپ كېلىۋاتىدۇ. بىراق تۈركىيە ئوخشىمايدۇ. گەرچە ئۇنىڭ يېتەرلىك ھەربىي كۈچى ۋە ئىقتىسادىي كۈچى بولمىسىمۇ، لىكىن تۈركىي خەلقلىرىنىڭ ئىچىدە تەڭداشسىز يېتەكچىلىك قىممىتىگە ۋە مەدەنىيەت چاقىرىق كۈچىگە ئىگە.
سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئاڭ شەكلى جەھەتتە، تۈركىيە ئىسلام دۇنياسى ۋە تۈرك دۇنياسىدا ھاكىمىيەت دىندىن خالىيلىىشش ۋە دېموكراتىيەلىشىشتە ياخشى بىر ئۈلگە. مەدەنىيەت جەھەتتە، تۈركىيە ئۆزىنى بارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ۋەتىنى دەيدۇ. گەرچە ئىقتىسادى باي بولمىسىمۇ، لىكىن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا كۆپ مىقداردا مەدەنىيەت تارقىتىش ئېلىپ بېرىپ، ئۈنۋېرىستىت ۋە كۈتۈپخانا قۇرۇش، باشقا مەدەنىي مائارىپ ئىشلىرىغا ياردەم قىلىدى.  تۈركىيەنىڭ يېزىق سېستىمىسىنى ۋە مەدەنىيتىنى تارقىتىپ، تۈركىيەدىكى بارلىق تۈركىي مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا كۆپ مىقداردا ياردەم پۇلى تارقاتتى.
20 يىلغا يېقىن ۋاقىتتا، ئادرىياتىك دېڭىزىدىن (Adriatic sea) جۇڭگونىڭ يۈمېن قوۋۇقىغىچە (玉门关) بولغان <<تۈرك كارىدورى>> نىڭ ھەممە يېرىدە تۈركىيە ناخشا -مۇزىكىلىرى، تۈركىيە كىنولىرى ئەۋج ئالغان. ياشلار چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقماق بولسا، ياكى تەرەققىي قىلغان غەرب دۆلەتلىرىنى ياكى بولمسا  تۈركىيەنى تاللايىتتى.
توغرا، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 5 دۆلەتنىڭ بازارلىرىدا ھەممە يەردە دېگۈدەك جۇڭگونىڭ تاۋارلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. خىتاي سودىگەرلەر ئوتتۇرا - يۇقىرى دەرىجىلىك ماللارنى ساتىدۇ. ئۇيغۇر سودىگەرلەر ئوتتۇرا - تۆۋەن دەرىجىلىك ماللارنى ساتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيانى ئۆز ماللىرىنى تۆكمە قىلىپ ساتىدىغان ھەم  خام ماتىرىيال ئىشلەپچىقىردىغان جايغا ئايلاندۇرۋالدى دەيدىغان گۇمان پەيدا بولدى. تۈركىيە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى جۇڭگو بىلەن بولغان رىقابەتتە ئىقتىسادىي جەھەتتە بولۇپمۇ ئېنىرگىيە بايلىقلىرىنى تالىشىش جەھەتتە تۆۋەن ئورۇندا تۇرۇپ قالغىنى بىلەن، يەرلىك خەلىقلەرنىڭ قەلبىنى ئۇتۇشتا ئىزچىل ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ كەلدى.
پەقەت پۇلغىلا تايانغاندا، جۇڭگونىڭ چېگرا سىرتىدىكى دۆلەت مەنپەئەتىگە ئۇزۇن مۇددەت  كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايلا قالماستىن، بەلكى چېگرا ئىچىدىكى بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىققىمۇ كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ.
پۇلنىڭ كۈچىگە قارىغۇلارچە ئىشىنىدىغان مىللەت نادان ۋە قالاق مىللەتتۇر. مەيلى ئۇ ھاكىمىيەت مۇقىملىقىغا ئىشىلتىلسۇن ياكى كېڭەيمىچىلىك قىلىشقا ئىشىلتىلسۇن. ئىقتىسادىي كۈچكە، مەدەنىيەتكە ۋە ئىجتىمائىي ئاڭغا ئىگە بولغان مىللەت ھەقىقي قۇدرەتلىك مىللەت، ئاپىرىن ئېيتىشقا ئەرزىيدىغان مىللەت ۋە كەڭ چاقىرىق كۈچىگە ئىگە مىللەتتۇر.
مىللىي رىقابەت بىرخىل كۆپ تەرەپلىك، ئومۇمىي ساپادىكى رىقابەتتۇر. مىللەتنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغىنى پەقەت ھەربىي كۈچ ۋە ئىقتىسادلا ئەمەس، بەلكى مەدەنىيەت شەكلىدۇر. مىللەتنىڭ مەۋجۇتلىقى بىزنىڭ چوقۇم سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشىمىزنى تەقەززا قىلىدۇ. ئىنسانىيەت جەمئىيتىدە 10يىلدا بىر قېتىم سىياسىي دولقۇن (گۈللىنىش ۋە زاۋاللىق) كۆتۈرۈلىدۇ، 100 يىلدا بىر قېتىم ئىجتىمائىي دولقۇن كۆتۈرۈلىدۇ، 1000 يىلدا بىر قېتىم مەدەنىيەت دولقۇنى كۆتۈرۈلىدۇ. دېمەك 10 يىل ئىچىدە ھاكىممۇتلەق سىياسەتتىن دېموكراتىك سىياسەتكە بولغان بىر مەيدان ئالمىشىشتىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ. جۇڭگودا چوڭ بىر ۋەزىيەت ئۆزگىرىشى بولىدۇ. سىياسىي تۈزۈلمىدىكى ئىسلاھات بىزنىڭ تارىخى بۇرچىمىز، ئەمدى چېكىنىش يولىمىز يوق.
جۇڭگونىڭ بۈگۈنگىچە بولغان ئىسلاھاتىدا، ئاسانلىرى ئاللىقاچان ئىسلاھات قىلىنپ بولدى، قېلىپ قالغانلىرى ئەڭ تەسلىرى بولۇپ، ھەربىر قەدەم  بىر مۈشكۈلات.  سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىسلاھاتى قىيندىن ئاسانغا ماڭغان بولۇپ، ئۇلار ئەڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ بولدى.  لىكىن جۇڭگو ئەڭ قىيىن ئۆتكەلدىن تېخى ئۆتكىنى يوق. سوۋېت ئىتتپاقى ھەرۋاقىت جۇڭگونىڭ (ئىبرەت ئالىدىغان) ئەينىكى، ئۇلارنىڭ مەغلۇب بولۇشى ئچىكى سەۋەبتىن بولۇپ، دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇب بولماي، تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا مەغلۇب بولدى. ئەگەر بىر تۈزۈلمە پۇقرالارنى ئەركىن نەپەس ئالغىلى قويمايدىكەن ۋە پۇقرالارنىڭ ئىجادچانلىقىنى ئەڭ چوڭ دەرىجىدە قويۇۋەتمەيدىكەن، مۇشۇ تۈزۈلمىگە ۋە پۈتۈن خەلىققە ئەڭ ۋەكىللىك قىلالايدىغان كىشىلەرنى رەھبەرلىك ئورنىغا قويمايدىكەن، ئۇنداقتا بۇ تۈزۈلمە مۇقەررەر ھالدا ھالاك بولىدۇ.
ئەيلى يىللىرى سوۋېت ئىتتپاقىنىڭ بارلىق مەسىلىسىمۇ تۈزۈلمىدىكى مەسىلە ئىدى. يۇقىرىدىكىلەر قالايمىقان بولسا تۆۋەندىكىلەرنى ئىدارە قىلغىلى بولمايدۇ. سوۋېت ئىتتپاقىمۇ ئىلگىرى مۇقىملىقنى تەكىتلىگەن، مۇقىملىقنى مەقسەت - نىشان قىلغان، ھازىرقى ھالەتنى ساقلاشنى مۇقىملىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ۋاستىسى قىلغان، مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ، پۇل ھەممىنى توغىرلايدۇ دەپ قارىغان. نەتىجىدە زىددىيەت كەسكىنلىشىپ كېتىپ، ئەكىسچە ھەممىسى يوپۇرلۇپ كېلىپ مۇقىملىقنى بېسىپ كەتكەن.
بىر يۈكسەك غايە ۋە ئارزۇ- ئارمانلارنى كۆڭلىگە پۈككەن مىللەت ھەرگىزمۇ پۇلنىڭ بىردەملىك كۈچىگە قارىغۇلارچە ئىشەنمەسلىكى كېرەك.
ئىشىنىشكە بولىدىغىنى ئالدى بىلەن ئاڭ - ئىدىيەنىڭ كۈچى.  جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى سىياسى تۈزۈلمىسى شاڭياڭ دەۋرىدە (商鞅: يېغىلىق دەۋرىدىكى سىياسەتچى ) ئۇل سېلىنىپ، چىن شىخۇاڭ دەۋرىدە شەكىللىنىپ، خەن ۋۇدى دەۋرىدە چوڭايغان. كۇڭزىچىلىققا ئېتقاد قىلىش دېمەك خانىلق ھوقۇققا ئېتقاد قىلىش دېمەكتۇر. دەل مۇشۇنداق تارىخى ئارقا كۆرۈنۈش بولغاچقا، جۇڭگو نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان غەربنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسىدىن كۆپ قېتىم ئۆرنەك ئالغان بولسىمۇ ھەممىسى يېرىم يولدا مەغلۇب بولغان. يەنى ئىسلاھاتلار باشقا ساھەلەردە ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتكەن بىلەن سىياسىي ساھەگە كەلگەندە دەرھال قىينچلىققا يولۇققان. ئاخىرىدا ھەمىشە تۇيۇقسىز ۋەقەلەر پارتىلاپ چىقىپ ئىسلاھاتچىلارنى تەمتىرىتىپ قويغان ھەمدە پۈتۈن قوشۇن تارمار بولغان.  دېڭ شىياۋپىڭمۇ سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئېلىپ بارماقچى بولۇپ، قاتتىق ئىرادىگە كەلگەن. بىراق ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، سىياسىي ئىسلاھات بىلەن ئەنئەنىۋى سىياسي ھوقۇق قۇرۇلمىسىنىڭ سىغىشالماسلىقى كۈنسېرى گەۋدىلىنىپ، پۈتۈن دۆلەتنىڭ قالايمىقانچىلىققا پېتىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
ئىشىنىشكە بولىدىغىنى ئاندىن تۈزۈلمىنىڭ كۈچى. ئامېرىكىنىڭ مۇۋاپپەققىيەت قازىنىشىنىڭ سىرى ۋول كوچىسى، كىرمىنىي جىلغىسىدا ئەمەس بەلكى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى تۈزۈلمە. ئامېرىكىنىڭ تۈزۈلمىسى << تالانتلىقلار لاھىيەلىگەن ھاماقەتلەرنى باشقۇردىغان سېستىما >> دەپ ماختىلىدۇ. ناچار تۈزۈم  ياخشى ئادەملەرنى يامان ئىش قىلغۇزىدۇ، ياخشى تۈزۈم  يامان ئادەملەرنى ياخشى ئىش قىلغۇزالايدۇ. دېموكراتىيە ئەڭ مۇھىم ۋە جىددىي ئىش، ئۇ بولمىسا ئۇزۇنغىچە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغىلى بولمايدۇ. دېموكراتىك ئىدىيەنىڭ تارقىلىشى دۆلەت چېگراسىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، شۇنداقلا تارىخنىڭ چەكلىمىسىگىمۇ ئۇچرىمايدۇ. جۇڭگونىڭ جەمئىيەت سەرخىللىرىدا  كېيىنكى ئەۋلادلار ئۈچۈن ھەم جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان ھەم ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ، ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان بىر تۈزۈلمىنى تاپالايدىغان جاسارەت بولشى كېرەك. چوقۇم ئىنقىلابىي قۇربان بولۇش زۆرۈر ئەمەس، لېكىن چوقۇم ئىنقىلابىي ئاۋانگارت بولۇش كېرەك.
ئىشىنىشكە بولىدىغىنى يەنە چىن ھەقىقەتنىڭ كۈچى. ھەقىقەت - بىلىم دېمەكتۇر. بىلىم - كۈچ دېمەكتۇر.  جۇڭگودا ھەقىقەت كەم ئەمەس، بەلكى ھەقىقەتنى سىغدۇرىدىغان تۇپراق كەم. غەرب دۆلەتلىرىدىكى بۇرژۇئازىيە سىنىپى ئىنقىلابىدا ئىدىيە ئۇچقۇنلىرى ئىنقىلاب يالقۇنلىرىنى قوزغىغان بولسا جۇڭگودىكى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا ئىنقىلاب يالقۇنلىرى ئىدىيە ئۇچقۇنلىرىنى ئۆچۈرۈپ تاشلىدى. بىزدە كەم بولۇۋاتقىنى دەۋرىمىزدە ئەڭ قىممەتلىك بولغان قارشى- ئىدىيە ئېڭى. ئىدىيمىز تەسلىم بولسا ھەقىقەتكە ئۆزىنى قويدىغان يەر قالمايدۇ. بۈگۈن كۈندە بىز كۆزقارىشىمىزنى بايان قىلالايمىز، لىكىن دۇنياغا يېتەكچىلىك قىلۋاتقىنى كۆزقاراش ئەمەس بەلكى ئىدىيە. كۆزقاراش -  كۈچ  ئەمەس، ئىدىيە - كۈچ. ئىدىيە بولمىسا قانداق قىلىپ << ئىدىيەنى ئازاد >> قىلالايمىز؟  مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ بىر روشەن ئالاھىدىلىكى : مۇنازىرە قىلىشقا رۇخسەت قىلماسلىق. مىللەتنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلە بولسىلا ئاشكارە  مۇنازىرە قىلىشقا رۇخسەت يوق.  ئاشكارە مۇنازىرە قىلىشقا رۇخسەت قىلىنغىنى بولسا ئۇششاق مەسىللەر. ئەمەلىيەتتە ئۇششاق مەسىللەرنى مۇنازىرە قىلمايلا بىر تەرەپ قىلۋەتسىمۇ بولىدۇ، چوڭ ئىشلارنىلا ئاشكارە مۇنازىرە قىلىش زۆرۈر. دېڭ شىياۋپىڭ ئەينى يىلى قوزغىغان <<ھەقىقەتنىڭ ئۆلچىمى ھەققىدە مۇنازىرە >> جۇڭگولۇقلارنىڭ قەلبىگە شۇنچىلىك تەسىر قىلغان. بۇ بىر مەيدان مۇنازىرە كەڭ خەلقنىڭ قەلبىگە مۇستەقىل پىكىرنىڭ ئۇرۇقلىرىنى  چاچقانىدى.  دۆلەت كۈچىنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر قىسمى خەلقنىڭ پىكىر قىلىش ۋە ئۇنى بايان قىلىش كۈچىدۇر.

مەنبەسى: <<سۇمۇرۇغ ھەپتىلىك ژۇرنىلى>> 2008- يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى
来源:《凤凰周刊》2010 年 08 月 05
 
بەزى ئاتالغۇلار، كىشى ۋە يەر- جاي ئىسىملىرىنىڭ ئەسلىسى تەپسىلاتىغا قىزىققۇچىلارئۈچۈن تىرناق ئىچىدە ئىزاھات قىلىندى.
ئەسلى ماقالە توردا كەڭرى تېپىلدىغان بولۇپ، <<西部论>>دەپ ئىزدەلسە بولىدۇ.
پ د ف لازىم بولسا ئالاقىلىشىڭ.