2021/01/16 13:58

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىختىكى بۈگۈن « 6 - ئاپرىل »

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/04/15 12:48

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى

2019/04/15 12:48 2019/04/23 01:26 دا تەھرىرلەندى، تەھرىر: سايرام ئوغلانى سەۋەب: ماۋزۇ تولۇق ئەمەس
تارىختىكى بۈگۈن « 6 - ئاپرىل »:

1483 - يىلى ئىتالىيىلىك رەسسام رافائىل سانتى تۇغۇلغان.

1527 - يىلى ئوسمان ئىمپىرىيىسى بىلەن فرانسىيە دوستلۇق كېلىشىمى ئىمزالىغان.

1754 - يىلى ئامۇرسانا باشلاپ كەلگەن مانجۇ قوشۇنى بورتالاغا يېتىپ كەلگەن. جۇڭغار خانى داۋاچى دەرھال مەشھۇر قوماندانى قارا بۇقىغا توسۇپ جەڭ قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن.

1757 - يىلى خانخوجا ئاكىسى بۇرھانىددىننى قەشقەردىن يېڭى قوشۇن يىغىپ، تېزدىن كۇچاغا ئېلىپ كېلىشكە بۇيرىغان. ئۇ ئىلىدىن كېلىدىغان مانجۇ قوشۇنلىرىنى كۇچادىلا بىتچىت قىلىپ، مانجۇلارنى تارىم ۋادىسىغا يېقىن يولاتماسلىقنى قارار قىلغانىدى .« بۇ ۋاقىتتا چىيەنلۇڭ قوشۇنى جاللات جاۋخۇي باشچىلىقىدا ئىلىدا جۇڭغارلارنى پۈتۈنلەي قىرىپ تۈگىتىۋاتقان بولۇپ، گەرچە بىر مىليوندەك كىشىنى ئۆلتۈرۋەتكەن بولسىمۇ، چيەنلۇڭ تاكى ئامۇرسانا تۇتۇلغىچە ئۇرۇش توختاتماسلىق بۇيرۇقى چۈشۈردى. نەتىجىدە 1754 - 1757 - يىللاردا ھەر قېتىم مانجۇلار بېسىپ كەلگەندە ئۇدا ئۈچ قېتىم قازاق خانى ئابلايخان يېنىدا پاناھلانغان ئامۇرسانا ئۇ يەردىمۇ تۇرالماي چاررۇسىيە تەۋەسىگە قاچتى. ئۇزاق ئۆتمەي 1757 - يىلى 17 - سېنتەبىردە سىرلىق ھالدا ئۆلۈپ كەتتى. قىش يېقىنلاپ قالغاچقا، مانجۇلارمۇ بەك چارچاپ ئاجىزلاپ كەتكەچكە، 1758 - يىلى ئەتىيازدا تارىم ۋادىسىغا ئۆتۈپ، خوجىلار بىلەن ئۇرۇشماقچى بولدى.

1890 - يىلى ئامېرىكىلىق ئايروپىلان ياسىغۇچى مۇتەخەسسىس ئانتونى فوكېر تۇغۇلغان.

1896 - يىلى ئافېنادا 1500 يىلدىن بېرى ئىزچىل ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئولىمپىك ئويۇنلىرى قايتا باشلانغان.« بۇ ئويۇنلار ساسانىيلار بىلەن رىم ئوتتۇرىسىدىكى پېرسىيە - يۇنان ئۇرۇشلىرىنى تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان. كېينچە رىم ئىمپراتورى 1 - تيودور تەرىپىدىن چەكلەنگەنىدى».

1924 - يىلى ئامېرىكىلق خىمىيە ئالىمى ۋاتسون DNA نى بايقاش ھەرىكىتىگە قاتناشقان.

1941 - يىلى گېرمانىيە ھاۋا ئارمىيىسى سابىق يۇگۇسلاۋىيە پايتەختى بېلگىرادنى بومباردىمان قىلغان. قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى بولسا 24 دېۋىزىيە، 1200 تانكا بىلەن يۇنانغا باستۇرۇپ كىرگەن.

1956 - يىلى ئىسرائىلىيە مىسىرغا ھەربىي بېسىم قىلىش ئۈچۈن غەززەنى توپقا تۇتقان.

1968 - يىلى ئىككى كۈن ئاۋۋال قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن مارتېن لۇتېر كىڭ سەۋەپلىك ئامېرىكىدىكى ئىرقىي كەمسىتىش قىلمىشلىرى كۆپىيىپ كەتكەن. نەتىجىدە 19 كىشى قازا قىلغان.

1972 - يىلى فېدىراتىپ گېرمانىيىنىڭ 1959- 1969- يىللاردا ۋەزىپە ئۆتىگەن پىرىزدېنتى ھېنرى لوبكى ۋاپات بولغان.

1975 - يىلى بوئىن 747 تىپلىق بىر ئايروپىلان سايخوندىن ئۇدا 18 سائەت ئۇچۇپ، 99 ۋېيتناملىق يېتىم بوۋاقلارنى ئۇتۇقلۇق لوندونغا ئېلىپ كەلگەن. بۇلار ئىچىدە نەچچە ئايلىق بوۋاقلارمۇ بولغاچقا ئەنگلىيىلىك دوختۇر - سېستىرالار بۇ قېتىمقى سەپەردە بىللە بولغان.

1992 - يىلى سېربىيە ئارمىيىسى سارايېۋو شەھىرىنى قورشىۋالغان.« 1991 - يىلى سابىق يۇگۇسلاۋىيە ئالتە دۆلەتكە پارچىلىنىپ كېتىپ،
1992 - يىلى 5 - ئاپرىل ياۋروپا ئىتتىپاقى بوسنىيە - گېرىتسوگوۋىنا جۇمھۇرىيىتىنى ئېتىراپ قىلغانىدى. مانا شۇ كۈندىن بېرى تاكى 1995 - يىلى ب د ت قىسمى ئورۇنلاشقۇچە بوسنىيە خەلقى سېربىيە ئارمىيىسىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئۇچرىدى. 1998 - يىلى ئىيۇلدا سېربىيە ئارمىيىسى ب د ت قىسىملىرىنى قارىتىپ قويۇپ قىرغىنچىلىق قىلغاندىن كېيىن ناتو 1999 - يىلى بېلگرادنى ئۇدا 78 كۈن قاتتىق بولباردىمان قىلىپ 2 - قېتىملىق كوسوۋۇ ئۇرۇشىنى قوزغىغان. نەتىجىدە بوسنىيەدىن سىرت كوسوۋۇ خەلقىمۇ سېربلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلغان.

1996 - يىلى تۇنجى يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپراتسىيىسى ئامېرىكا خيۇستۇندىكى بىر دوختۇرخانىدا ئۇتۇقلۇق بولغان.

1997 - يىلى مىنادا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 343 ھاجى كاۋاپ بولۇپ كەتكەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە شامال چىقىپ، نەچچە مىڭلىغان ھاجىلار چېدىرلىرى كۆيۈپ كەتكەن.

1998 - يىلى پاكىستان ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياساپ چىققان. بۇ بومبا ھىندىستان قۇرۇقلۇقىنى بىمالال قاپلىيالايدىغان بولغاچقا ھىندىستانمۇ بۇ جەھەتتە ھەربىي ھازىرلىق مۇسابىقىسى باشلىغان.

2019 - يىلى ۋاشىنگتوندا « بارىن ئىنقىلابى» نى خاتىرىلەش چوڭ نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەن.
ئاۋسترالىيىنىڭ مىلبورن شەھىرىدىمۇ رايون خارەكتېرلىق زور نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن.

2019  - يىلى 6 - ئاپرىل  شەنبە