2021/01/16 12:23

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىختىكى بۈگۈن « 8 - ئاپرىل »

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/04/15 13:30

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى

2019/04/15 13:30 2019/04/23 01:08 دا تەھرىرلەندى، تەھرىر: سايرام ئوغلانى سەۋەب: ماۋزۇ تولۇق ئەمەس
تارىختىكى بۈگۈن « 8 - ئاپرىل » :

1513 - يىلى ئىسپانىيىلىك دېڭىزچى بونس ليۇن ھازىرقى فىلورىدا تەۋەسىدە ئىسپانىيە بايرىقىنى تىكلىدى. شۇنىڭ بىلەن شىمالىي ئامېرىكا يېڭى مۇستەملىكىچىلەرنىڭ نىشانىغا ئايلىنىپ قالدى.

1514 - يىلى سەئىدخان ھەربىي كېڭەش چاقىرىپ، دەشتى قىپچاق ئۆزبېكلىرى بىلەن جان تىكىپ ئۇرۇشۇپ، ئەنجاننى قوغداش ياكى تېرەك داۋاندىن ئېشىپ، 50 يىلدىن بېرى تارىم ۋادىسىنى بېسىپ ياتقان مىرزا ئابابەكرىگە جازا يۈرۈشى قىلىپ، ئەنجاندىن ۋاز كېچىش توغرىلىق مۇنازىرە ئېلىپ بارغان.« نەتىجىدە قەشقەرگە تېگىش قىلىش قارار قىلىنىپ، ئىككى ئاي جىددىي تەييارلىق قىلىش نەتىجىسىدە
ئۈچ ئايغا يەتمىگەن ئۇرۇشلار ئارقىلىق 55 يىللىق مىرزا ئابابەكرى ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ،
1514 - يىلى سېنتەبىردە يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنى قۇرۇپ چىققان».

1730 - يىلى نيويۇركتا يۇنجى يەھۇدى ئىبادەتخانىسى قۇرۇلغان.

1755 - يىلى چوڭ - كىچىك خوجىلار جۇڭغار قالماقلىرىدىن قۇتۇلۇپ، مانجۇ قوشۇنلىرىغا تۇتۇلغان. « ئامۇرسانانىڭ مەسلىھەتى بويىچە ئەسلىدە بېيجىڭدا تۇرغاقلىققا ئېلىپ كېتىلمەكچى بولغان خوجىلار يۇرتىغا قايتۇرۇلۇپ، تارىم ۋادىسىنى ئىشغال قىلىشتىكى قورال قىلىنماقچى بولغان. بىراق بۇ سۇيقەستنى سېزىپ قالغان سەزگۈر خوجىلار كۇچاغا كېلىپلا، مانجۇلاردىن ئادا - جۇدا بولغان».

1757 - يىلى ئامۇرسانا ئۆزىنى قونتاجى دەپ ئاتاپ، جۇڭغار خانلىقىنى تىرىلدۈردى.

1757 - يىلى خوجا جاھان 3 مىڭ كىشىلىك مۇنتىزىم قوشۇن توپلاپ، تۇنجى ئارمىيىسىنى قۇرۇپ، ئىلىدىن ھەر ۋاقىت كېلىش ئېھتىمالى بولغان مانجۇ ئارمىيىسى ۋە تۇرپان - قۇمۇلدىن كېلىدىغان قاراتاغلىق خوجىلارنىڭ ھۇجۇمىغا قارشى كۇچادا ئىككى مۇداپىئە سېپى تۈزگەن.

1831 - يىلى گوللاندىيىلىك پەيلاسوپ، ئېتىكا ئالىمى، تارىخچى ۋە شائىر ئالارد بايرسۇن تۇغۇلغان.1896 - يىلى 27 - ماي قازا قىلغان.

1859 - يىلى گېرمانىيىلىك پەيلاسوپ ئىدموند ھوسرىل تۇغۇلغان.

1879 - يىلى خىديېۋى ئىسمائىل ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە قاتارلىق قەرز بەرگۈچى دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىلىرىنى مىسىردىن قوغلاپ چىقىرىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن. لېكىن ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى يەنىلا سۇلتان 2 - ئابدۇلھەمىتنىڭ شۇ يىلى ئۇنى ئېلىپ تاشلىشىنى توسۇپ قالالمىغان.

1898 - يىلى مىسىر ئارمىيىسى ئەنگلىيىنىڭ يېتەكچىلىكىدە سۇداندىكى مەھدى ھەرىكىتى قوزغىلاڭچىلىرىنى دەريا بويىدا مەغلۇپ قىلىپ، 6 مىڭ سۇدانلىقنى ئۆلتۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن 20 نەچچە يىل داۋاملاشقان مەھدى ھەرىكىتى مەغلۇپ بولۇپ، ئەنگلىيە ئافرىقا قىتئەسىنىڭ جەنۇبىدىن شىمالىغىچە قايتا تىزگىنلىۋالغان.

1902 - يىلى چاررۇسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ۋە KGB رەئىسى سېيباگېن پېتىربۇرگدا ئۆكتىچىلەر تەرىپىتىن ئېتىۋېتىلگەن.

1904 - يىلى ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە ئارىسىدا گېرمانىيىگە قارشى ئىتتىپاق تۈزۈلگەن.

1913 - يىلى خىتايلار قىزىل ھاكىمىيەتتىن بۇرۇنقى تۇنجى قانۇن چىقىرىش قۇرۇلتىيىنى ئاچقان.

1914 - يىلى ئامېرىكا بىلەن پاناما كېلىشىم تۈزۈپ، پاناما قانىلى ھەققىدىكى تالاش - تارتىشلارنى ھەل قىلغان.

1916 - يىلى نورۋىگىيىدە ئاياللار بېلەت تاشلاش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن.

1918 - يىلى پارىژ گېرمانىيىنىڭ يىراق مۇساپىلىق زەمبىرەكلىرىدە توپقا تۇتۇلغان.

1919 - يىلى جەنۋە خەلقئارا ئىتتىپاقنىڭ باش شىتابى قىلىپ تاللانغان. « بۇ ئىتتىپاق ۋېرسال شەرتنامىسى ئاساسىدا 1 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى دۇنيا تەرتىپىنى باشقۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان. بىراق بۇ ئورگان بىر نەچچە جاھانگىر دۆلەتنىڭ قورالىغا ئايلىنىپ قېلىپ، 1939 -يىلى ئەھمىيىتىنى يوقاتقان. 1945 - يىلدىكى يالتا كېلىشىمى ئارقىلىق، خەلقئارا ئىتتىپاق بىكار قىلىنىپ، ب د ت قۇرۇلغان. بىراق ئۇمۇ 5 چوڭ دۆلەتنىڭ قولىدىكى قورچاق ئورگان بولغاچقا، نۆۋەتتە بىكار قىلىنىش خەۋپىدە تۇرماقتا ».

1934 - يىلى سابىت داموللام ھۆكۈمىتى ئالتايدىكى قازاق ئاقساقىلى شەرىپقان تۆرىگە
« 1931 - يىلى ياپونىيىدىن مەغلۇپ بولۇپ، سوۋېتقا قېچىپ كىرگەن ساقاللىق خىتايلارنىڭ چۆچەك چېگرىسدىن كىرىپ، جۇڭغارىيە ئارقىلىق ئۈرۈمچىگە كىرىشىنى توسۇپ قېلىش توغرىلىق مەكتۇپ يېزىپ، سودىگەر سىياقىدىكى بىر ئەلچى ئارقىلىق جىددىي يولغا سالغان».
ئەسلىدە ياپونىيىنىڭ بېسىمىدىن قۇتۇلۇش ھەمدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى يوق قىلىش ئۈچۈن شېڭ شىسەيگە سەپلەپ بەرمەكچى بولغان سىتالىن ھۆكۈمىتى خوجىنىياز ھاجى بىلەن پۈتۈشكەن 12 ماددىلىق كېلىشىمنىڭ 6 - ماددىسىدا مانجۇرىيىلىك ساقاللىق خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ بىمالال چېگرىدىن كىرىشى ئۈچۈن خوجىنىياز ھاجى شېڭ  - سىتالىن ھۆججىتىگە تەستىق سالىدۇ* دېيىلگەنىدى. بىراق داموللام بۇنى رەت قىلدى.
« 1931 - يىلى 18 - سېنتەبىر ياپونىيە مانجۇرىيىگە باستۇرۇپ كىرىپ، ئىككى ئاي ئىچىدىلا تولۇق ئىشغال قىلىپ، 1932 - يىلى 3 - مارتتا مانجۇرىيە دۆلىتىنى قۇرۇپ بەردى . جاڭ شۆلياڭ بۇيرۇق بويىچە سەددىچىننىڭ ئىچىگە چېكىندى. ئۈلگۈرەلمىگەن ساقاللىق خىتاي ئەسكەرلەر سوۋېتقا قاچتى. شۇ كۈندىن بېرى سىتالىننىڭ يۈرىكى دۈپۈلدەشكە باشلىدى. 1937 - يىلى 7 - ئىيۇل ياپونىيە بېيجىڭغا ھۇجۇم قىلىپ ئىشغال قىلدى. دەل شۇ ۋاقىتتا ئابدۇنىياز ئارمىيىسى شېڭ شىسەينى قەشقەردىن تاكى قاراشەھەرگىچە چېكىندۈرۈپ، ئىككى ئاي ئىچىدىلا مىڭ چاقىرىم زېمىننى ئازات قىلىپ، 1877 - يىلدىكى زوزۇڭتاڭنىڭ رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى. ئاقىۋەت ۋەتىنىمىزنىڭ 2 - مانجۇرىيە بولۇپ كېتىشىدىن قورققان سىتالىن دەرھال شۇ يىلى ئاۋغۇست ۋە سېنتەبىردە بىۋاستە ئەسكەر چىقىرىپ، ئابدۇنىياز قوشۇنىنى يوقاتتى. پەقەت 1941 - يىلى « سوۋېت - ياپون بىتەرەپلىك كېلىشىمى » تۈزۈلۈپلا سىتالىن ئارام تاپتى. بىراق 70 كۈن ئۆتمەيلا گېتلىر سوۋېتقا ھۇجۇم قىلدى».

1937 - يىلى كوماندىر ئابدۇنىياز كامال سايلام ئارقىلىق بارلىق ئۇيغۇر قوشۇنلارنىڭ باش قوماندانى بولغان.« مامۇت سىجاڭ 2 - ئاپرىل ھىندىستانغا چىقىپ كەتكەندە، ئابدۇنىيازنى ئۆز ئورنىغا تەيىنلىگەنىدى. بىراق بۇ دانا كوماندىر قايتا سايلام ئۆتكۈزۈپ، 8 - ئاپرىل كۈنى مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن قايتا سايلاندى. شۇ كۈنىلا ھەربىي قۇرۇلتاي ئېچىلىپ، قوشۇن قايتا تەشكىللىنىپ، قوماندانلىرى بېكىتىلدى. نەتىجىدە « 1 - جۇمھۇرىيەتنىڭ مىللىي ئارمىيىسى قايتا قۇرۇلدى».

1945 - يىلى غۇلجىدا شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازاتلىق ئارمىيىسى قۇرۇلۇپ، بايراق تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. شۇ كۈنى ھەربىي مەجلىس ئېچىلىپ، ئۈچ يول بويىچە گومىنداڭنىڭ بارلىق قوشۇنلىرىنى بىتچىت قىلىپ، بىر يىل ئىچىدە پۈتۈن ۋەتىنىمىزنى ئازات قىلىش پىلانى تۈزۈلدى.

1945 - يىلى سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى بېرلىن مۇداپىئە رايونىغا قىستاپ كەلدى. بىر يېرىم مىليون كىشىلىك گېرمانىيە ئارمىيىسى ماماتلىق ئۇرۇش ئۈچۈن ھازىرلاندى.

1998 - يىلى مەرھۇم نىزامىدىن ھۈسەيىن
8 - ئاپرىل ۋاپات بولغان.  مەرھۇم 1998 - يىلى
3-ئاينىڭ 3-كۈنى خىتاي تۈرمىسىدىن ئۆيىدە داۋالىنىشقا قويۇپ بېرىلىپ، بىر ئايدىن كېيىن، يەنى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالىشىدۇ.

2019 - يىلى 4 - 8 - ئاپرىل  دۈشەنبە