2021/01/16 11:57

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىختىكى بۈگۈن « 9 - ئاپرىل »

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/04/16 01:17

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى

2019/04/16 01:17 2019/04/23 01:07 دا تەھرىرلەندى، تەھرىر: سايرام ئوغلانى سەۋەب: ماۋزۇ تولۇق ئەمەس
تارىختىكى بۈگۈن « 9 - ئاپرىل » :

1066  - يىلى ئىمام بەيھەقى ۋاپات بولغان.

1462 - يىلى ئۇۋەيسخان ئوغلى يۇنۇسخان  ئەمىر تۆمۈر ئەۋلادى ئەبۇ سەئىدخاننىڭ قوللىشىدا رەسمىي ھالدا شەرقىي چاغاتاي
خانلىقىنىڭ سۇلتانى بولغان. ھەر قايسى ئەمىرلەر ئۇنى شۇ كۈنى ئاق كىگىز ئۈستىدە تەختكە چىقىرىپ، بەيئەت قىلغان.

1626 - يىلى ئەنگلىيە مۇتەپەككۇرى ۋە سىياسىيونى فرانسىس بىكون ۋاپات بولغان.

1755 - يىلى جۇڭغار خانى داۋاچى پايتەختىنى موڭغۇلكۈرەدىكى گېلدىن تېغىغا كۆچۈرۈش پەرمانى چۈشۈرگەن. داۋاچى سېۋان ئاراپتاننىڭ چوڭ ئىنىسى چوڭ سېرىن دوندۇپنىڭ نەۋرىسى بولۇپ، ئۇنىڭدىن يامانلاپ قاچقان ئامۇرسانا باشلاپ كەلگەن مانجۇ قوشۇنلىرىغا تەڭ تۇرالمايدىغانلىقىنى پەملەپ، ۋاختىنچە موڭغۇلكۈرە تاغلىرىدا مۇداپىئەدە تۇرۇپ، مانجۇلار چېكىنىپ كەتكەندىن كېيىن قايتا غۇلجىغا قايتماقچى بولغانىدى. بىراق تەقدىر بۇ قېتىم جۇڭغار خانلىقىنى داۋاچى بىلەن قوشۇپ ھالاك قىلدى».

1865 - يىلى گېرمانىيە مارشالى لودىندورف تۇغۇلغان.

1912 - يىلى سولۇم رايونى مىسىرغا قوشۇپ بېرىلگەن.

1922 - يىلى گېرمانىيلىك يازغۇچى كارل تۇغۇلغان.

1934 - يىلى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا يەكەنگە كېلىپ، قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ يىرىكلىشىپ قالغان ھۆكۈمەت ئەزالىرىنى ئەپلەشتۈرۈش ئۈچۈن پائال ھەرىكەتكە ئۆتكەن. خوتەن ئەمىرى يەنىلا تەسىر كۈچى زور شەخس ھېساپلىناتتى.

1940 - يىلى گېرمانىيە بىر يولىلا نورۋېگىيە بىلەن دانىيەنى ئىشغال قىلغان.

1953 - يىلى ئەرەب پوچتا بىرلىكى قۇرۇلغان.

1981 - يىلى ئامېرىكىنىڭ يادرو ئېنىرگىيىلىك سۇ ئاستى پاراخوتى ياپونىيىنىڭ يۈك پاراخوتى بىلەن سوقۇلۇپ كەتكەن.

2004 - يىلى ئالجىرىيە پىرىزدېنتى ئابلىز بوتېفلىقا 8% كە قارشى 83% ئاۋاز بىلەن بىرىنچى سايلامدىلا قايتا بەش يىل پىرىزدېنت بولۇپ سايلانغان.

2019 - يىلى بوتېفلىقا گەرچە نەچچە كۈن بۇرۇن ئىستىپا بەرگەن بولسىمۇ، بىراق ئالجىرىيە خەلقى « بىز لىۋىيە ياكى سۈرىيە بولۇشنى خالىمايمىز! مىسىر بولۇشنى تېخىمۇ خالىمايمىز! ئەركىن سايلام يولغا قويۇلسۇن ! ھەربىيلەر دىموكراتىك ھەرىكەتلەرگە توسقۇنلۇق قىلمىسۇن ! » دېگەن شوئارلار بىلەن داۋاملىق قارشىلىق نامايىشى ئۆتكۈزمەكتە.

2019 - يىلى لىۋىيە گېنىرالى ھافتار پايتەختتىكى بىرلەشمە ھۆكۈمەت ئارمىيىسىگە  قارشى ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇمغا ئۆتكەن. لىۋىيە قىل ئۈستىدە قالدى. بۇ دۆلەت ئافرىقىدىكى سۈرىيە بولۇپ قالامدۇ !؟ ياكى 2 - ئافغانىستان بولۇپ قالامدۇ؟ ھازىرچە بىر نېمە دېمەك تەس.

2019 - يىلى 4 - 9 - ئاپرىل سەيشەنبە