2021/01/16 13:39

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىختىكى بۈگۈن « 10 - ئاپرىل »

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/04/16 01:29

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى

2019/04/16 01:29 2019/04/23 01:05 دا تەھرىرلەندى، تەھرىر: سايرام ئوغلانى سەۋەب: ماۋزۇ تولۇق ئەمەس
تارىختىكى بۈگۈن « 10 - ئاپرىل » :

1758 - يىلى مانجۇلار ئىلىدىن كۇچاغا يۈرۈش قىلغان. 5 - ئايدا كۇچارغا يېتىپ كەلگەن. بۇ مانجۇلارنىڭ تارىم ۋادىسىغا تۇنجى قېتىم تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشى، شۇنداقلا مىلادى 751 - يىلىدىكى « تالاس ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولۇپ سەددىچىنگە كىرىپ كەتكەن تاڭ سۇلالىسىدىن توپتوغرا 1007 يىلدىن كېيىن خىتاينى مەركەز قىلغان مەنچىڭ خانلىقىنىڭ تۇنجى قېتىم سەددىچىندىن چىقىپ، ئۇيغۇرىستانغا تاجاۋۇز قىلىشى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. « ئاكا - ئۇكا خوجىلار 1757 - يىلى 5 - ئاپرىل مۇستەقىللىق جاكارلىغاندىن كېيىن، مانجۇلار قازاق دالىسىدا ئامۇرسانانى قوغلاۋاتقاچ قازاق خانى ئابلايخان قوشۇنلىرى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغاچقا، خوجىلار كۇچاردىكى ھاكىمىيەت ئاساسىنى پۇختىلاپ، بىر يىل ئىچىدىلا ئاقسۇ، قەشقەر ، خوتەن ۋە كورلىنىڭ بىر قىسمىنى بىرلىككە كەلتۈرگەنىدى. 1757 - يىلى 7 - ئىيۇن ئابلايخان قازاقلارنى مانجۇلارنىڭ قىرغىنىدىن ۋە بۆلۈنۈشتىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مانجۇلارغا ئەل بولدى. ئامۇرسانامۇ قېچىپ كېتىۋېتىپ،شۇ يىلى 21 - سېنتەبىر سىبىرىيەدە سىرلىق ھالدا 35 يېشىدىلا ئۆلۈپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن خوجا باتۇرخان ھاكىمىيىتى مانجۇ خانلىقىنىڭ مەركىزى ئاسىيادىكى بىردىنبىر ئەشەددىي دۈشمىنىگە ئايلىنىپ قالدى. بىراق تەڭرىتاغنى قار - مۇز قاپلاپ كەتكەچكە، مانجۇلارمۇ چارچاپ كەتكەچكە، 1758 - يىلى تاغ يولى ئېچىلغاندا تاجاۋۇز قىلماقچى بولدى.

1865 - يىلى چوقان ۋەلىخانوف ۋاپات بولغان. ئۇ
1757 - يىلى 7 - ئىيۇن قازاق قەۋمىنى دانالىق بىلەن ئاسارەتتىن ۋە قىرغىنچلىقىتىن ساقلاپ قالغان ئابلايخاننىڭ ئەۋرىسى بولۇپ، 1835 - يىلى تۇغۇلغان. ئۇنىڭ جۇڭغارىيە ۋە قەشقەرىيىگە قىلغان سەپىرى ۋە يازمىلىرى 1850 - 1860 - يىللاردىكى ۋەتىنىمىزنىڭ ھەر قايسى جەھەتلەردىكى ئەھۋالىنى سۈرەتلەپ بەرگەن.

1931 - يىلى جىبران خېلىل جىبران ۋاپات بولغان. ئۇ ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى داڭلىق شائىر بولۇپ، تېگى لىۋانلىق، مىللىتى ئەرەب ، دىنى خىرىستىئان ئىدى.

1941 - يىلى گېرمانىيە ئارمىيىسى « چۆل تۈلكىسى » دەپ نام ئالغان داڭلىق گېنىرال روممېلنىڭ قوماندانلىقىدا لىۋىيەدىكى سۇرتىنى ئىگىلەپ، ئەنگلىيە ئارمىيىسىنى مىسىرغا چېكىنىشكە مەجبۇر قىلغان. «  ئارىدىن ساق 70 يىل ئۆتۈپ، سابىق لىۋىيە رەھبىرى كازاپى 2011 - يىلى دەل مۇشۇ جايدا ئېچىنىشلىق ھالدا ئۆلتۈرۋېتىلدى».

1944 - يىلى روزۋېلت جاڭ كەيشىگە تېلېگرامما يوللاپ، دۇنياۋى فاشىزىمغا قارشى بىرلىكسەپنىڭ ئومۇمىيلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، خىتاي بىلەن سوۋېتنىڭ ئۇيغۇرىستاندىكى جىددىي مۇناسىۋىتىنى پەسەيتىش ئۈچۈن سىتالىننىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلدى. بۇ دېگىنى « ئىككى يۈزلۈك شېڭ شىسەينى ئېلىپ تاشلا !» دېگەننىڭ سىلىق ئىپادىلىنىشى ئىدى. « 1944 - يىلى 10 - ئىيۇن سىتالىن موسكۋادىكى ئامېرىكا باش ئەلچىسى خاررىمان بىلەن كۆرۈشكەندە شېڭ شىسەينى ئۇيغۇرىستاننىڭ باشلىقلىقىدىن قالدۇرۋېتىش خىتاي بىلەن يارىشىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دېگەن بولسا، 1944 - يىلى ئۈرۈمچىدە قىسقا توختاپ، 18 - ئىيۇن ئۇدۇل موسكۋاغا يېتىپ كەلگەن ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرىزدېنتى ھېنرى ۋاللىسقا جاللات شېڭنىڭ سوۋېت ھامىيلىقىدىكى موڭغۇلىيە بىلەن توقۇنۇش پەيدا قىلغىنىنى ئەيىپلەپ، ئۇنى قالدۇرۋېتىشنىڭ خىتاي بىلەن دوست بولۇشتىكى ئىجابىي تەدبىر ئىكەنلىكىنى يەنە تەكىتلىگەن. 24 - ئىيۇن ۋاللىس ئۇدۇل موسكۋادىن چۇڭچىڭغا كېلىپ جاڭ كەيشىگە بۇنى يەتكۈزگەن.لېكىن ھىلىگەر شېڭ شىسەي ئاخىرقى قېتىملىق ھۈنىرىنى ئىشقا سېلىپ « سۇيقەستلىك توپىلاڭ دېلوسى » ئويدۇرۇپ چىقىپ، بارلىق گومىنداڭچىلارنى قولغا ئېلىپ، جاڭ كەيشىگە ئۇلارنى ماۋزېدۇڭچىلار دەپ چاقسا، سىتالىنغا بارلىق گومىنداڭچىلارنى تازىلاپ قايتىدىن ساداقەت كۆرسەتكەنلىكىنى پەش قىلىپ مەكتۇپ ئەۋەتكەن. بۇ قېتىم سىتالىن ئۇنىڭ خېتىنى جاڭ كەيشىگە ئەۋەتىپ بەرگەن. بۇنى كۆرۈپ غەزەپلەنگەن جاڭ كەيشى ھەربىي ۋە سىياسىي بېسىم ئىشلىتىپ، شۇ يىلى 11 - سېنتەبىردە جاللات شېڭنى يۆتكەپ كەتكەن».

1946 - يىلى ياپونىيە 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى تۇنجى سايلىمىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شۇ قاتاردا 39 ئايال سايلىنىپ چىققان.

1957 - يىلى ئىئوردانىيە ھۆكۈمىتى باشلىقى سۇلايمان پادىشاھ ھۈسەيىن بىلەن « باغدات ئىتتىپاقى » غا قوشۇلۇشتا پەرقلىق پىكىردە بولغانلىقتىن كوللىكتىپ ئىستىپا بەرگەن.

1960 - يىلى ئامېرىكا ئاقساقاللار كېڭىشى قانۇن ماقۇللاپ، نېگىرلارنىڭ ئامېرىكا پۇخراسى بەھرىمەن بولىدىغان بارلىق ھەق - ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقى توغرىلىق ئۇختۇرۇش قىلغان.

1972 - يىلى ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە باشقا 70 دۆلەت بىرلىكتە بىئولوگىيىلىك ۋە ۋىرۇسلۇق قوراللارنى چەكلەش خەلقئارا ئەھدىنامىسىگە قول قويغان.

1988 - يىلى شىكوكۇ ئارىلى بىلەن ھونشۇ ئارىلىنى تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈك پۈتكەن.بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن بولغان، ھەم ماشىنىلار ھەم پويىز قاتنىيالايدىغان قوش قەۋەتلىك كۆۋرۈك بولۇپ قالغان.

2003 - يىلى ئىراق شىئە مەزھىپىنىڭ پېشۋاسى ئاياتۇللا ئابدۇمىجىت قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئامېرىكا تەرەپ بۇ ۋەقەنى يەنە بىر ئىراق ئۆكتىچى شىئە رەھبىرى مۇقتادا سادىر  بىر قوللۇق پىلانلىغان دەپ ئەيىپلىگەن. ئامېرىكا 2003 - يىلى مارتتا ئىراق ئۇرۇشىنى قوزغىغان بولۇپ، بىر ئاي بولا - بولمايلا بۇنداق چوڭ ۋەقەنىڭ چىقىشى ئامېرىكىنىڭ ئىراق دىنىي تەبىقە كىشىلىرىنىڭ قوللىشىدىن مەھرۇم قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىراتتى. چۈنكى ئۇزۇندىن بېرى ئىراق شىئە مەزھىپى ئاتامانلىرى سادامغا ئۆچمەنلىك ساقلاپ يۈرەتتى. داڭلىق دىنىي ئالىم، ھازىرقى سادىردىن بۇرۇنقى چوڭ ئاياتۇللا سادىرنىمۇ سادام ھۈسەيىن 1990 - يىلدا قازاندا قايناۋاتقان ياغقا تاشلاپ ئۆلتۈرۋەتكەنىدى. ئاقىۋەت ئىراقتىكى سۈننىي ۋە شىئە جېدەللىرى دۆلىتىنىڭ خاراب بولۇشى، خىتاي ۋە رۇسىيە قوللاۋاتقان ئىران بىلەن ئامېرىكا ۋە خىتاي قوللاۋاتقان سەئۇدىنىڭ « ۋاكالەتچىلەر ئۇرۇشى » قىلىش مەيدانىغا ئايلاندى. تېخىمۇ ئەلەم بولغىنى 2011 - يىلى باشلانغان ئەرەب باھارى نەتىجىسىدە، 2013 - يىلدىن باشلاپ، سۈرىيە تۇپراقلىرى كىچىك جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا تۈركىيە - ئىراندىن ئىبارەت ئەرەب ئەمەس دۆلەتلەر بىلەن سەئۇدى ۋە مىسىر قاتارلىق ئەرەب دۆلەتلىرى تەسىر - دائىرە تالىشىدىغان، چوڭ جەھەتتىن ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرى بىلەن رۇسىيە، خىتاي باشلىق شەرق لاگىرى ۋە ئۇنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى غالچىلىرىنىڭ ۋاكالەتچىلەر ئۇرۇشى قىلىش ھەمدە يېڭى قوراللىرىنى سىناق قىلىشتىكى سەھنىسىگە ئايلىنىپ قالدى. ئادەمنى قان قۇستۇرىدىغان ئاچچىق ئەمەلىيەت  شۇكى بۇ يەرگە ئىختىيارى ياكى ئىختىيارسىز بېرىپ قالغان ئۇيغۇر قوراللىقلىرى ھەم ئامېرىكا باشلىق غەرب ئەللىرىگە قارشى، ھەم رۇسىيە باشلىق شەرق لاگىرىغا، ھەم ئىسرائىلىيىگە ھەم ئوتتۇرا شەرق غالچا دۆلەتلىرىنىڭ ھەممىسى دۈشمەن كۆرىدىغان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئىچىدە سەلبىي رول ئېلىپ، خىتاينىڭ پۈتۈن دۇنياغا ئۇيغۇرنىڭ نەقەدەر خەتەرلىك بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىشى ئۈچۈن ئۆزىمۇ بىلمەيلا ماسلىشىپ بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن غەرب ، شەرق ، ئىسرائىل ۋە ئەرەب دۆلەتلىرىگە  ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتۈن دۇنيانىڭ ۋە خەلقئارا تەرتىپنىڭ ئورتاق دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى ئەمەلىي تونۇتۇپ قويدى . گەرچە ھەقىقەت ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىغان بەزى خەلقئارالىق مۇخبىرلار ئۇ يەردىكى ئۇيغۇر قوراللىقلارنىڭ خەلقئارا جىھادىي گۇرۇھلار بىلەن زادىلا مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان بولسىمۇ، بىراق دۈشمەننىڭ ساختا تەشۋىقاتى ھەممىنى بېسىپ چۈشتى. خەلقئارا سىياسەتتە بىزدەك ئەرزان تاۋار ھېچيەردە يوق بولسا كېرەك!».

2010 - يىلى پولشا پىرىزدېنتى كاچىنىسكى ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق دۆلەت ئەرباپلىرى ئولتۇرغان ئايروپىلان سىمولنسىك شەھىرىدىكى ئايروپورتقا يېقىن جايدا پاچاقلىنىپ كېتىپ، ھەممە كىشى قازا قىلغان. « بۇ يەردە ئادەمنىڭ گۇمانىنى قوزغايدىغان نۇقتا، كاچىنىسكى ئەسلى ئىككى دۆلەت ئارىسىدا 70 يىلدىن بېرى ھەل بولماي كېلىۋاتقان 1940 - يىلدىكى « كاتېن ئورمانلىقى » ۋەقەسى ۋە شۇ يىلدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى سىتالىننىڭ گېتلىر بىلەن پولشا ۋە بالتىق دېڭىزى دۆلەتلىرىنى يەڭ ئىچىدە بۆلۈۋالغاندا، پولشانىڭ 50 مىڭ ئەسكىرىنى كاتېن ئورمانلىقىغا كۆمۈۋېتىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈپ، پاجىئە پەيدا قىلىشى نەتىجىسىدە قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالغان ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن پۇتىن بىلەن كۆرۈشكىلى كەلگەنىدى. ئۇنىڭدىن نەچچە يىل ئىلگىرى كىچىك بۇش پولشادا باشقۇرىلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سېستىمىسىنى قۇرىدىغانلىقى توغرىلىق پۇتىنغا بېسىم قىلغانىدى. نەتىجىدە پۇتىن شۇ سىرلارنى ئاشكارىلاش بەدىلىگە پولشا بىلەن ياراشماقچىب بولغان. بىراق بۇ يارىشىىش يەنە پاجىئە بىلەن ئاخىرلاشقان.

2019 - 4 - 10 - ئاپرىل   چارشەنبە