2020/07/04 06:54

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


1933 - 1949 - يىللاردىكى ئۇنتۇلغان ئىشلار ۋە سىرلىق پاجىئەلەردىن ئۈزۈندە

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/04/16 01:48

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى

« 11 - ئاپرىلغا يوشۇرۇنغان بەزى سىرلار ۋە ئۇنتۇلغان ئۇلۇغلىرىمىز ھەققىدە قىسقىچە تارىخىي مەلۇماتلار»:

خوجىنىياز ھاجى، شېرىپخان تۆرە ۋە ئەخمەتجان قاسىمى توغرىسىدا:

جاللات شېڭ شىسەي 1933 - يىلى 12 - ئاپرىل تاسادىپىي ھالدا ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ قالغاندا، تۇرپان - قۇمۇللار، ئىلى - ئالتاي خىتايلار قولىدىن چىقىپ كەتكەنىدى. كورلىدىن قەشقەرگىچە بولغان جايلارمۇ پۈتۈنلەي ئازات بولغانىدى.
خوتەندە بولسا ساق بىر ھەپتە بۇرۇن، يەنى 1933 - يىلى 5 - ئاپرىل خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى قۇرۇلغانلىقى جاكارلىنىپ، يەكەندىن تاكى چاقىلىققىچە سوزۇلغان، ۋەتىنىمىزنىڭ ئۈچتىن بىرىگە تەڭ زېمىن ئاللىبۇرۇن ئۆز ئۆزىگە خوجا ھالەتكە كەلگەنىدى. بۇ دېگەنلىك جاللات شېڭنىڭ قولىدا پەقەت ئۈرۈمچىلا قالغان ئىدى.

بىراق سوۋېتلەر بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئاجىز، لېكىن ئۆزىگە تەھدىت ئەكەلمەيدۇ دەپ قارىغان شېڭ شىسەينى قوللاش تەرىپىنى تۇتتى. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار 1933 - يىلى 12 - نويابىر تۇنجى جۇمھۇرىيىتىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، سىتالىن شېڭ شىسەينى قوللاشنى كۈچەيتىپ، بىر تۈركۈم قىزىل ئارمىيىنى« ئالتايىسكى» نامىدا ئەۋەتىپ، ئالدى بىلەن ئۈرۈمچىنى 1934 - يىلى يانۋاردا ماجۇڭيىڭدىن قۇتقۇزۇپ، ئارقىدىنلا تۇڭگانلارنىڭ كەڭسۇغا چېكىنىش يولىنى ئۈزۈۋېتىپ، ئۇلارنى زورلاپ كورلا تەرەپكە قوغلىدى. نەتىجىدە ئىككى يولۋاس تارىم ۋادىسىدا تازا بوغۇشۇپ كۈچىنى خوراتتى. ئاخىرىدا يەنە شۇ سىتالىن خوجىنىياز ھاجىنى 1933 - يىلى يازدا شېڭ شىسەي بىلەن تۈزگەن فۇكاڭ كېلىشىمى ئاساسىدا يارىشىشقا ئۈندەپ، ھەر ئېھتىمالغا قارشى ماجۇڭيىڭ قىسمىغا ئەسلىدىكى خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى تەۋەسىنى بۆلۈپ بەردى.

نەتىجىدە 1934 - يىلى 13 - ئاپرىل تۇنجى جۇمھۇرىيەت مۇنقەرز بولۇپ، ئۈچ ئاي ئارىسالدى بولۇپ قالغان خوجىنىياز ھاجى ئاخىرى شۇ يىلى 8 - ئايدا ئۆز ئايىغى بىلەن ئۈرۈمچىگە كەلدى. شۇنىڭ بىلەن تاكى 1937 - يىلى يازغىچە نىسبەتەن تىنچ ئۆتۈپ، 1937 - يىلى مايدا گېنىرال ئابدۇنىياز بىلەن ماخۇسەن شېڭ شىسەيگە جازا يۈرۈشى قىلىپ، ئىككى ئاي ئىچىدىلا پۈتۈن تارىم ۋادىسىنى قايتۇرۋالدى.

ئاقىۋەت سىتالىن بۇ قېتىم ماتورلاشقان زامانىۋى ئارمىيە ئەۋەتىپ، 22 - سېنتەبىرگە قەدەر 8000 ئۇيغۇر ئەسكەر، 5610 تۇڭگان ئەسكەرنى ئۆلتۈرۈپ، ئەركىنلىك ئىنقىلابىنى ئۇجۇقتۇردى. شېڭ شىسەي بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، شۇ يىلى ئۆكتەبىردىن باشلاپ بارلىق ئەرباپلىرىمىزنى قولغا ئالدى. 12 - ئۆكتەبىر خوجىنىياز ھاجى قولغا ئېلىنىپ، 1938 - يىلى دېكابىردا ماشاۋۋۇ قاتارلىق 108 داڭدار شەخسلەر بىلەن بىللە بوغۇپ ئۆلتۈرۈلدى.

گەرچە شېڭ 1939 - يىلى ئۆكتەبىردە ئۇيغۇر ، قازاق ۋە موڭغۇللارنىڭ ئاقساقاللىرىنى يىغىنغا چاقىرىپ تۇتقۇن قىلماقچى بولغان بولسىمۇ، بىراق شەرىپقان تۆرىنىڭ ئىناۋىتى قازاق خەلقىنىڭ ئىچىدە تولىمۇ يۇقىرى بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە سوۋېتمۇ بۇنداق نازۇك ئىشتا ئۇنى قوللاپ كەتمەيدىغان بولغاچقا، ئامالسىز بىر مەزگىل ئۇنى قەستلىيەلمەيدۇ. / شەرىپقخان تۆرە كۆگەبايئوغلى: شەرقىي تۈركىستان قازاقلىرىنىڭ خان نەسلىدىن كەلگەن ئېسىلزادىلىرىدىن بولۇپ، 1900 - يىلى ئالتايدا تۇغۇلغان. 1933 ـ يىلى ئالتاي رايونىغا ۋالىي بولغان. 1940 ـ يىلى 11 - ئاپرىل تۇتقۇن قىلىنىپ، 1942 - يىلى ئاپرىلدا شېڭ شىسەي زىندانلىرىدا شېھىت قىلىنغان /

1937 - 1939 - يىللاردىكى چوڭ تازىلاش تۈگىمەيلا، جاللات شېڭ 1940 - يىلى يەنە بىر قېتىملىق تازىلاشنى باشلىدى. بۇنىڭغا قارشى ئۇيغۇرلاردا قارشىلىق قىلغۇدەك مادار قالمىدى.
چۈنكى ئاللىبۇرۇن مىللەتنىڭ ئەڭ قىممەتلىك ئاقساقاللىرى، رەھبەرلىرى ۋە مائارىپچىلىرىدىن 250 مىڭ كىشى ئۆلتۈرۈلۈپ، ئۇيغۇرلار چارىسىز ھالغا چۈشۈپ قېلىپ، قوزغىلاڭ قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمىگەنىدى.شۇڭا
1940 - يىلى فېۋرالدا ئالتاي خەلقى قوزغىلاڭ كۆتۈردى. بۇنى پۇرسەت بىلگەن جاللات شېڭ « يىغىن » باھانىسىدە ئالتاي قازاقلىرىنىڭ ئاقساقىلى، ئالتاي ۋالىيسى ۋە ھەربىي باش قوماندانى شەرىفخان تۆرىنى ئۈرۈمچىگە ئالداپ كېلىپ، 1940 - يىلى 11 - ئاپرىل تۈرمىگە تاشلىدى. شۇ قاتاردا ئىلى، ئالتاي، تۇرپان - قۇمۇل، كورلا - ئاقسۇ ۋە خوتەن قەشقەردىن يۈزمىڭلىغان كىشىلەر تۇتقۇن قىلىنىپ، مەخپىي ئۆلتۈرۈلدى.

1941 - يىلى 22 - ئىيۇن گېتلىر سوۋېتقا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن سىتالىن پۈتۈن دىققىتىنى گېرمانلارغا قاراتتى. شېڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، شۇ يىلى سوۋېتنىڭ بارلىق خادىم ۋە مۇتەخەسسىسلىرىنى تۇتقۇن قىلىشقا باشلىدى. شەرىپقان تۆرىنىمۇ 1942 - يىلى تۈرمىدە قىيناپ ئۆلتۈرۋەتتى.

ﺳﻮﯞﯦﺖ-ﮔﯧﺮﻣﺎﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﻨﯩﯔ ﺩەسلەپكى ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻟﯩﻚ ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥﺗﯜﮔﻪﺷﺘﻰ ﺩەپ ﻫﯧﺴﺎﺑﻼﭖ، ﺋﺎﺳﺘﺎ-ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻳﯜﺯ ﺋﯚﺭﯛﭖ، ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍﯓ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﺋﻮﺭﻧﺎﺗﺘﻰ. 1943-ﻳﯩﻠﻰ، 3-ﺋﺎﻳﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱﻧﯩﻘﺎﺑﯩﻨﻰ ﻳﯩﺮﺗﯩﭗ ﺗﺎﺷﻼﭖ، ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ ھالدا سوۋىت ئىتتىپاقىدىن ياردەمگە كەلگەن ھەر كەسىپتىكى بارلىق خادىملارنى ھﻪﺗﺘﺎ ﻗﯘﻣﯘﻟﺪﯨﻜﻰ 8-ﭘﻮﻟﻚ ﻧﺎﻣﺪﯨﻜﻰﻗﯩﺰﯨﻞ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﻗﻮﺷﯘﻧﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻨﻰ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺗﯘﺩﻭﯕﺨﺎﺑﺎﺩﯨﻜﻰﺋﺎﻳﺮﻭﭘﯩﻼﻥ ﻳﺎﺳﺎﺵ ﺯﺍﯞﯗﺗﯩﻨﻰ ﻫﻪﻡ ﻣﺎﻳﺘﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﻧﯧﻔﯩﺘﻠﯩﻜﻨﻰ ﺗﺎﻗﺎﺷﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺑﯘﻧﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺷﯘﺭﺩﻯ

شېڭ شىسەي 1942-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ئاشكارا مەيدانغا چىقتى. 1942-يىلى، 10-ئايدا  سوۋېت ئىتتىپاقى  بىلەن تۈزگەن " كونسېسسىيە كېلىشىمى" نى بىكار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ  كانچىلىرى ۋە گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان خادىملىرى، ھەربىي، تېخنىكا خادىملىرىنى  ئۈچ ئاي ئىچىدە ئېلىپ چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلدى (77). بىراق، سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ بۇنى رەت قىلىپ،  كەسپىي دىپلومات ۋە رازۋېتچىك گېئورگىي پۇشكىننى ئۈرۈمچىدىكى باش كونسۇللۇققا  ئەۋەتىپ، شېڭ شىسەي بىلەن سۆزلىشىپ، ئۇنى ئىدىيىسىدىن ۋاز كەچتۈرۈشكە تىرىشقان بولسىمۇ، بىراق ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن، پۇشكىن شېڭ شىسەي بىلەن ئېلىپ بارغان  ئۇزۇن ۋاقىتلىق سۆھبەتتە ئۇنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرۇشتىن ياندۇرۇشقا  يەنە بىر  قېـىم تىرىشقان بولسىمۇ، بىراق شېڭ قەتئىي پوزىتسىيىسىدە چىڭ تۇرىدۇ(78). ئاخىرى 1943-يىلى، 10-ئاپرىل كۈنى گېئورگىي  پۇشكىن شېڭ شىسەيگە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بارلىق گېئولوگىيە خادىملىرى ۋە كانچىلىرىنىڭ خىزمىتىنى توختاتقانلىقىنى ھەمدە ئۇلارنى ۋە كانچىلىق  ئۈسكۈنىلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.        شېڭ شىسەي  بولسا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 6-ئايغىچە  بارلىق كانچىلىرى ۋە گېئولوگىيە خادىملىرىنى ئېلىپ كېتىشىنى يەنە بىر قېتىم تەلەپ قىلدى.  پۇشكىن ئارقىدىن شېڭ شىسەي بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ تەلىپىگە بىنائەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قۇمۇلدىكى 8- پولكى ۋە ئاۋىئاتسىيە ئەترىتىنى ئېلىپ كېتىدىغانلىقىنى، بىلدۈردى. نەتىجىدە، قۇمۇلدا  6 يىل تۇرغان سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى 5-ئاينىڭ14-كۈنىدىن ئېتىبارەن چېكىنىشنى باشلىدى. شېڭ شىسەي  جاڭ كەيشىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە يەنە  ئۈرۈمچى تۇدۇڭخابادىكى ئايروپىلان زاۋۇتىنى ھەمدە ئىلى، ئۈرۈمچى، گۇچۇڭ ۋە قۇمۇل قاتارلىق جايلاردىكى  سوۋېت ئىتتىپاقى ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ بارلىق ئالاقە سىستېمىسى ۋە ھاۋا ئارمىيە بازىلىرىنى تاقاپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ  بۇ ئۆلكىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىغا بولغان كونتروللۇقىنى بىكار قىلدى (79). شۇنداق قىلىپ، 1943-يىلى، 5-ئايغا  كەلگەندە  سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ شىنجاڭدا تىكلىگەن بارلىق ئىمتىيازلىرىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ قالدى.

1943-يىلى، 16-ماي كۈنى كرېمىل سارىيىدا ئېچىلغان يىغىن قارارى ئەمەلىيلىشىپ، ئاخىرى 1944-يىلى، 8-10-ئايلاردا نىلقا قوزغىلىڭى پارتلاپ غەلىبىسېرى كېڭەيگەن ھەمدە شۇ يىلى، 7-نويابىر كۈنى غۇلجا قوزغىلىڭى پارتلاپ، جۇمھۇرىيەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان، 1944-يىلى، 9-ئاينىڭ بېشىدا شېڭ شىسەي ئۆلكە ھاكىمىيىتىدىن قالدۇرۇلۇپ، 21- سېنتەبىر ۋەتىنىمىزدىن مىليونلىغان مەسۇملارنىڭ قېنىغا تويۇپ، بەخىرامان قۇمۇلدىن ئۆتۈپ چوڭچىڭغا كەتكەن.

1938 - يىلى دېكابىردا ئۆلتۈرۋېتىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقساقىلى خوجىنىياز ھاجى بىلەن
1942 - يىلى ئاپرىلدا ئۆلتۈرۋېتىلگەن قازاقلار ئاقساقىلى شەرىپخان تۆرە مانا مۇشۇنداق پاجىئەلىك تارىخنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتكەنىدى. ئارىدىن ساق بەش يىل ئۆتۈپ بۇ ئىككى رەھبەرنىڭ مېيت نامىزى ئوقۇلۇپ، دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ قايتا يەرلىككە قويۇلدى :

1947 - يىلى 4- ئاينىڭ 11 - كۈنى كۈنى ئۈرۈمچى شەھەر كوچىلىرى ئاپئاق سەللە ئورىغان مويىسپىتلەر ، ئاق باغلىغان ئىشچى - خىزمەتچى ، ھۈنەرۋەن كاسىپلار ، ئاق لېچەك سالغان مەزلۇملار ، رەت - رەت تىزىلىپ پلاكات كۆتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ماتەم بەلگىسى تاقىغان شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى ۋە ئوماق بالىلار بىلەن تولغانىدى . كوچا - كوچىدىن ئايىغى ئۈزۈلمەي چىقىۋاتقان خەلق توپى ماتەم مۇراسىمى مەيدانىغا قاراپ ئاقماقتا ئىدى .
نەچچە مىڭ ئادەم توپلانغان ماتەم مۇراسىمى مەيدانىدا پىغانلىق يىغا ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى .
رەئىس سەھنىسى ئۈستىگە تارتىلغان پلاكاتقا : ‹‹ مەرھۇم خوجىنىياز ھاجىم ۋە شېرىپخان تۆرىلەرنىڭ ماتەم مۇراسىمى ›› دەپ يېزىلغان ئىدى .
رەئىس سەھنىسىدە  شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ رەھبەرلىرى ، ئۆلكە بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ ھەيئەت ئەزالىرى ، ئىنقىلابىي ياشلار ۋەكىللىرى ، ھەربىيلەر ، ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى ، ئەينى ۋاقىتتا قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىغا قاتناشقان كىشىلەر ماتەم بىلدۈرۈپ سۈكۈتتە تۇراتتى .

بۇ ماتەم مۇراسىمى  شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلغانىدى ،
ئەخمەتجان قاسىمى تەزىيە نۇتقىدا قۇمۇل دېھقانلار ئىنقىلابى ۋە خوجىنىياز ھاجىمنىڭ پائالىيىتى توغرىسىدا قىسقىچە توختالغاندىن كېيىن ، ئۆلكىمىزدە ئەسىرلەپ ھۆكۈم سۈرگەن فېئوداللىق ئىستىبداتلىق تۈزۈم ۋە ئۇنىڭ ئىجراچىسى بولغان ياڭ زېڭشىن ، جىن شۇرىندىن ئىبارەت ئىستىبدات ھاكىمىيەتنىڭ خەلققە كەلتۈرگەن بالايى - ئاپىتى ، زۇلۇمغا قارشى قوزغالغان قۇمۇل خەلقىنىڭ جىن شۇرىننىڭ ئىستىبدات ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغانلىقى ، ئۇنىڭ مېۋىسىگە ئىگە بولۇۋالغان جاللات شىڭ شىسەينىڭ ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان 10 يىل جەريانىدا خەلققە كەلتۈرگەن ئازاب - ئوقۇبەتلىرى ئۈستىدە توختىلىپ : قۇمۇل دېھقانلار ئىنقىلابى فېئودال ئىستىبدات ھاكىمىيەتنىڭ زۇلۇمىغا قارشى قوزغالغان ئىنقىلاب ، بۇ ئىنقىلاب ۋەتىنىمىزنىڭ  يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ھەر قانداق ئىنقىلابتىن ئىلغار دەۋر بۆلگۈچ ئىنقىلابتۇر . ئۇ ، خەلقىمىزنىڭ ئىستىبدات ھاكىمىيەتكە قارشى كۈرىشىنىڭ باشلىمىسى ، خەلقمىز بۇ ئىنقىلابنى مەڭگۈ قەدىرلەيدۇ ، ئىنقىلاب يولىدا قۇربان بولغان شېھىتلەرنى مەڭگۈ ئەسلەيدۇ ، خوجىنىياز ھاجىم مەڭگۈ ھايات ! دەپ ئۈنلۈك خىتاب قىلدى ،
شىڭ شىسەي ۋە ئىستىبدات ھاكىمىيەتكە قارشى توۋلانغان غەزەپلىك شوئارلار ۋە ‹‹ ئامىن ›› ساداسى ئۈرۈمچىنى لەرزىگە كەلتۈردى .
خوجىنىياز ھاجىم بىلەن شېرىپخان تۆرىنىڭ جەسىتى شامالباغ ( ھازىرقى رادىئو ئىستانسى يېنى ) دىكى شېھىتلىككە قاراپ داغدۇغا ۋە يىغا - زارە بىلەن ئېلىپ كېتىلدى.

/ مەزكۇر شامالباغ شېھىتلىكى تاكى 2008 - يىلغىچە خوجىنىياز ھاجىم ، سابىت داموللام، شېرىپخان تۆرەم قاتارلىق ۋەتەن داھىيلىرىنى قوينىغا  ئالغان بولسا، 2009 - يىلى بۇ شېھىتلىق تۈزلىنىپ، ئۈستىگە ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونلۇق ساقچى ئىدارىسى قۇرۇلغان. شەرىپخان تۆرىنىڭ مېيتى 1990 - يىلىلا ئالتاي خەلقى تەرىپىدىن يۇرتىغا ئەكىتىلگەن. بىراق ھايات ۋاختىدا راھەت ياشىيالمىغان ئاقساقاللىرىمىزنىڭ مېيتلىرىمۇ خاتىرجەم ياتالماي، نەچچە قېتىم قايتا دەپنە قىلىنغان. ھازىر ئۇلارنىڭ نەدىلىكى نامەلۇم/.     

ئارىدىن تۆت كۈن ئۆتۈپ، يەنى 1947 - يىلى 16 - ئاپرىل ئەخمەتجان قاسىمى، مەسئۇدبەگ ۋە ئەيسابەگلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 كىشى ئايروپىلان بىلەن ئاقسۇغا كەلدى. 21 - ئاپرىل قەشقەرگە كەلدى. بىراق جاڭ جىجۇڭ قەشقەر خەلقىنىڭ يوللۇق تەلەپلىرىگە جاۋاپ بەرمىگەچكە، 22 - ئاپرىل ۋە 7 - ماي قەشقەردە ئاممىنىڭ قورشاۋىدا قالدى. قورقۇپ كەتكەن جاڭ دەرھال قەشقەردىكى ھەربىي ئەمەلدارىدىن قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلىپ، مىڭ تەستە يېڭىشەھەرگە چىقىۋېلىپ، 8 - ماي مۇددەتتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدى. 23 كۈنلۈك ھال سوراش جەنۇپتا گومىنداڭ زۇلمىنىڭ نەقەدەر ۋەھشىيلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. خىتايلارنىڭ تۈلكىسى جاڭ جىجۇڭ 15 - ئىيۇل ساختا مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق ۋەزىيەت كۈنسىرى كەسكىنلىشىپ كەتتى. بولۇپمۇ 1947 - يىلى 21 - ماي مەسئۇتبەگ جاڭ جىجۇڭنىڭ ئورنىغا چىققاندىن كېيىن « گومىنداڭ بىلەن ئىلى تەرەپنىڭ زىددىيىتى، بىردىنلا ئۇيغۇر سىياسىيونلىرى ئارىسىدىكى ئىچكى زىددىيەتكە ئايلىنىپ كېتىپ، ھەر ئىككىسى بىر - بىرىنى ھاقارەتلەپ، سوۋېتپەرەس ۋە خىتايپەرەس دەپ تۆھمەت قىلىشتى». نەتىجىدە 1947 - يىلى 28 - مايدىكى چوڭ يىغىن ئىككى تەرەپنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يىغىنى بولۇپ قالدى.

ئەسلىدە 1945 - يىلى ئۆكتەبىردە سۆھبەتكە مەجبۇرلانغان ئۇيغۇرلاردا 1946 - يىلى 6 - ئىيۇن سىتالىننىڭ بېسىمى بىلەن مۇستەقىللىق ئەمەلدىن قېلىپ ، 11 ماددىلىق بىتىم تۈزۈلۈپ، 1 - ئىيۇل بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغانىدى. بىراق گومىنداڭ شۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، 1946 - يىلى نويابىرغىچە قوشۇنىنى 100 مىڭغا يەتكۈزدى.
مىللىي ئارمىيە بولسا، 10مىڭغا قىسقارتىلدى.

1947 - يىلى 12 - ئاۋغۇست ئەخمەتجان قاسىمى ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا قايتىپ كەتتى.
ئۇزاققا قالماي، باشقا يەتتە ۋىلايەتنىڭ ئۇيغۇر ۋەكىللىرىمۇ غۇلجىغا كېلىۋالدى.

شۇنىڭ بىلەن 1947 - يىلى سېنتەبىردىن 1949 - يىلى 26 - سېنتەبىر ۋەتىنىمىزدە تۇرۇۋاتقان 100 مىڭ كىشىلىك گومىنداڭ ئارمىيىسى كومپارتىيىگە تەسلىم بولغىچە ساق ئىككى يىل ئىلى تەرەپ بىلەن گومىنداڭ تەرەپ قايتىدىن ئۇرۇش ھالىتىگە ئۆتتى. مىللىي ئارمىيىمۇ قايتىدىن كۈچەيتىلىپ، سانى تولۇقلاندى.

ئەڭ ئاخىرىدا 1948 - يىل ئاخىرىدا كومپارتىيە مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەندىن كېيىن ، سىتالىن ۋەتىنىمىزنى قايتا قۇربانلىق قىلىش ئىشىنى باشلىۋەتتى. 1949 - يىلى يانۋاردا مىكويان شىبەيپودا زىيارەتتە بولدى. ئايدا مولوتۇف زىيارەتكە كەلدى. ئىيۇلدا ليۇشاۋچى موسكۋادا زىيارەتتە بولدى. 14 - ئاۋغۇست دېڭ لىچۈننىڭ غۇلجىغا كىرىشى بىلەن ئويۇن باشلاندى. 17 - ئاۋغۇست سۆھبەتلەشتى. 19 - ئاۋغۇست « ساختا چاقىرىق» كەلدى. 23 - ئاۋغۇست ئە. قاسىمى باشلىق رەھبەرلەر ئالمۇتىغا كەتتى. 24 - ئاۋغۇستتىكى سىرلىق سۆھبەتتىن كېيىن، سوۋېت تەرەپ، ئۇلارنىڭ 26 - ئاۋغۇست ئۆلگەنلىكىنى، خىتايلار 27 - ئاۋغۇست ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
11 - سىنتەبىر سەيپىدىن ئەزىزى بېيجىنگە باردى. 26 - سىنتەبىر گومىنداڭ تەسلىم بولدى. 1 - ئۆكتەبىر ۋەتەن مۇنقەرز بولدى.
ۋاڭ جىن ئۈچ مىڭ ئاقساق - چولاق ئەسكەر بىلەن 30 مىڭ ئەسكىرىمىز بار ۋەتىنىمىزگە بەھۇزۇر كىردى. قىزىل ئارمىيە ئۈرۈمچىگە كىرىپ ساق ئىككى ئايدىن كېيىن، ئاندىن مىللىي ئارمىيە 25- دېكابىر ئۈرۈمچىگە كىردى.

1949 - يىلى دېكابىردىن 1950 - يىلى فېۋرالغىچە موسكۋادا ئاخىرقى تەقدىرىمىز پىچىلدى. مارتتا ئەخمەتجان قاسىمىلارنىڭ جەسەتلىرى غۇلجىغا ئېلىپ كېلىندى. بىراق ئايالى ماينۇر قاسىمى جەسەتنىڭ ئۇچىسىنى سىلاپلا، ئۇنىڭ ئېرى ئەمەسلىكىنى دەپ تاشلىدى. ئەخمەت ئەپەندىمنىڭ بۇ يېرىدە مېڭى بارلىقىنى خوتۇنىلا بىلگەچ، ساختا جەسەتلەر چېنىپ قالغان.

1911 - 1951- يىللاردىكى 50 يىللىق سىرلىق سەرگۈزەشتىلىرىمىز بىزنىڭ ھەقىقىي ئەھۋاللارنى ئاشكارىلىشىمىزنى كۈتمەكتە.
« ئۆتمۈشى نۇرانە بولمىغان جاينىڭ ، پارلاق كەلگۈسىمۇ بولمايدۇ »! « تارىخىنى بىلمىگەن مىللەتلەر يوقىلىشقا مەھكۇمدۇر»!

سايرام ئوغلانى

2019 - يىلى 4 - 11 - ئاپرىل  پەيشەنبە