2021/01/16 13:14

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىختىكى بۈگۈن « 12 - ئاپرىل »

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/04/16 01:54

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى

2019/04/16 01:54 2019/04/23 01:21 دا تەھرىرلەندى، تەھرىر: سايرام ئوغلانى سەۋەب: ماۋزۇ تولۇق ئەمەس
تارىختىكى بۈگۈن « 12 - ئاپرىل » :

812 - يىلى ئون ئىككى ئىمامنىڭ توققۇزىنچىسى ھەزرىتى ئىمام مۇھەممەد جەۋۋاد تۇغۇلغان.

1734 - يىلى ئىپارخان دۇنياغا كەلگەن. « ئىپارخان، يەنى مەمۇرە ئەزىزەم 1717 - يىلى
تۇغۇلغان خان خوجا « باتۇرخان» نىڭ خوتۇنى بولۇپ، مەمۇرە ئەزىزەم 16 ياشقا كىرگەن يىلى ، يەنى 1750 - يىلى  خوجا جاھان بىلەن توي قىلغان. 1745 - يىلى جۇڭغار خانى غالدان سېرىن ئۆلگەندىن كېيىن، جۇڭغار خانلىق تەختىگە كەينى - كەينىدىن سېۋان دورجى، لاما دارجا، سېۋان داش قاتارلىقلار ئولتۇرغان، 1753 - يىلىغا كەلگەندە، خانلىق تەختى چوڭ سېرىن دوندوپنىڭ نەۋرىسى داۋاچىنىڭ قولىغا ئۆتكەن. داۋاچى چوڭ سىياسىي سۈيىقەستچى ئامۇرسەنانىڭ ياردىمىدە جۇڭغار تەختىنى ئىگەللەيدۇ. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا زىددىيەت كۆرۈلىدۇ، ئاخىر ئامۇرسەنا يېڭىلىپ، مەنچىڭ سۇلالىسىدىن مەدەت تىلەپ 1754 - يىلى كۈزدە بېيجىڭغا بارىدۇ ۋە مانجۇ قوشۇنلىرىنى باشلاپ كېلىپ 1755 - يىلى 14 - ماي جۇڭغار خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ.  1756 - يىلى جۇڭغار خانلىق تەختى قولىغا تەگمىگەن ئامۇرسەنا چىڭ سۇلالىسىغا قارشى ئىسيان كۆتىرىدۇ ۋە مەغلۇپ بولۇپ قاچىدۇ. 1757 - يىلى ئەتىيازدا قايتا خانلىقنى تىرىلدۈرىدۇ. بىراق تەڭ كېلەلمەي يەنە روسىيە تەۋەسىگە قېچىپ بارغاندا 21 - سېنتەبىر چېچەك كېسىلى بىلەن ئۆلىدۇ. 1757 - يىلى 5 - ئاپرىل خوجا جاھان خان بولغاندىن كېيىن،
ئىپارخان « نۇرئەلانۇر خېنىم» دەپ ئاتىلىدىغان بولىدۇ. « داۋامى توغرىلىق ۋاپات بولغان كۈنىدە توختىلىمىز».

1861 - يىلى ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىدىكى شىتاتلىرىدا ئىچكى ئۇرۇش باشلانغان. كېيىنچە بۇ ئۇرۇش جەنۇپ - شىمال ئۇرۇشىغا ئايلانغان.

1872 - يىلى ياپونىيە يوشىما زالىدا تۇنجى خەلقئارالىق يەرمەنكە ئۆتكۈزگەن.

1877 - يىلى توكيو ئۇنۋېرسىتېتى قۇرۇلغان.

1877 - يىلى زوزۇڭتاڭ قوشۇنى ئۈرۈمچى تەۋەسىدە بەدۆلەت قوشۇنى بىلەن ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلغان.

1933 - يىلى ئۈرۈمچىدە ئاق ئورۇسلارنىڭ ياردىمىدە ھەربىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، ئەپيۈنكەش جىن شۇرېن قېچىپ كەتكەن.
« ئەتىسى شېڭ شىسەي قولىدىكى ھەربىي قوشۇننى ئىشقا سېلىپ، ھەربىي ئۆزگىرىشكە قول تىققان. نەتىجىدە 14 - ئاپرىل جاللات شېڭ سىسەي ھوقۇقنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان».

1942 - يىلى ھازىرقى جەنۇبى ئافرىقا رەھبىرى زۇما تۇغۇلغان.

1945 - يىلى ئامېرىكا پىرىزدېنتى فرانكىلىن روزۋېلت ۋاپات بولغان. مەشھۇر سۆزى :
« ئەركىنلىكىنى ۋاقىتلىق خاتىرجەملىك ئۈچۈن قۇربان قىلىۋەتكەنلەر نە ئەمىنلىككە، نە ئەركىنلىككە ئېرىشەلمەيدۇ!».

1945 - يىلى روزۋېلت ۋاپات بولۇپلا، نائىبى ھاررى ترۇمېن ئامېرىكىنىڭ 33 - نۆۋەتلىك پىرىزدېنتى بولۇپ قالغان.

1946 - يىلى سۈرىيە ئاخىرى فرانسىيىنىڭ 1919 - يىلدىن بۇيانقى مانداتلىق ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ، مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن.

1947 - يىلى ئەخمەتجان قاسىمى ئۈرۈمچىدە نۇتۇق سۆزلەپ، 25 - فېۋرال ۋەقەسىدىن بۇيانقى جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتكەن. بىر كۈن ئىگىلىرى، يەنى 11 -  ئاپرىل خوجىنىياز ھاجى بىلەن شەرىپخان تۆرىنىڭ جەسىتىنى خاڭچېڭدىن ھازىرقى شامالباغ شېھىتلىقىغا يۆتكەپ، مېيت نامىزىنى ئوقۇپ، دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزگەنىدى. نەتىجىدە ئۈرۈمچى تىنىچلىنىپ كەتكەن. ئەخمەتجان قاسىمىمۇ خاتىرجەم جاڭ جىجۇڭنى باشلاپ، جەنۇپتىكى تۆت ۋىلايەتنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن 16 - ئاپرىل يۈرۈپ كەتكەن.

1954 - يىلى شىمالىي ۋېيتنام فرانسىيىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن.

2019 - يىلى 4 - 12 - ئاپرىل جۈمە