2021/01/16 12:42

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىختىكى بۈگۈن « 13 - ئاپرىل »

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/04/16 02:00

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى

2019/04/16 02:00 2019/04/23 01:23 دا تەھرىرلەندى، تەھرىر: سايرام ئوغلانى سەۋەب: ماۋزۇ تولۇق ئەمەس
تارىختىكى بۈگۈن « 13 - ئاپرىل»:

685 - يىلى خەلىپە يېزىد ۋاپات بولغان. « ئۇ ئىسلامدىن بۇرۇنقى مەككە قۇرەيش ئاقساقىلى ئەبۇ سۇفياننىڭ نەۋرىسى بولۇپ، بوۋىسى 630 - يىلى مەككە فەتھى بولغاندا مۇسۇلمان بولغان. دادىسى مۇئاۋىيە 634 - يىلدىن 656 - يىلغىچە شام ۋالىيسى بولغان. ھەزرىتى ئەلى دەۋرىدە ئېلىپ تاشلانغان. 661 - يىلى خەلىپە بولۇپ، 680 - يىلى ۋاپات بولغان. ئورنىغا ئوغلى يېزىد ۋارىسلىق قىلغان. ئۇنىڭ ئۆلۈمى بىلەن سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كېلىدىغان خەلىپىلىك تاكى 1924 - يىلى خەلىپىلىك تۈزۈم ئاخىرلاشقۇچە ئاتىدىن بالىغا مىراس قالىدىغان شاھلىق تۈزۈمگە ئايلىنىپ قالغان».

1154 - يىلى ئەھلى سەلىپكە قارشى مەشھۇر سەركەردە، ئەربىل ۋالىيسى مۇزاففەرىدىن كۆكبۆرە تۇغۇلغان.« ئۇ مەشھۇر شەرق سەركەردىسى، ئېرۇسالىمنى 1187 -يىلى ئەھلى سەلىپ قولىدىن قايتۇرۋالغان سۇلتان سالاھىدىن ئەييۇبى بىلەن بىللە ئىراق، سۈرىيە ۋە مىسىرغا تاجاۋۇز قىلغان ئەھلى سەلىپ قوشۇنىغا قارشى بىرلىكتە كۈرەش قىلغان.
سالاھىددىننىڭ سىڭلىسى بىلەن توي قىلىپ، ئىككى قىزى تۇغۇلغان. ئۇلارنى نۇرىددىن زەنكىنىڭ ئوغۇللىرىغا بەرگەن. 1193 - يىلى سالاھىددىن ۋاپات بولغاندا ئەربىلنى مەركەز قىلىپ، مۇستەقىل ھۆكۈمرانغا ئايلانغان. 1233 - يىلى 24 - ئىيۇن جۈمە / رامىزاننىڭ 8- كۈنى / ۋاپات بولغان».

1517 - يىلى ئەڭ ئاخىرقى مەملۇك سۇلتانى تومانباي / تۈمەنباي/ قازا قىلغان.« 1514 -يىلى ئوسمانلى سۇلتانى ياۋۇز سېلىم پېرسىيە سافاۋىلار شاھى ئىسمائىلنى مەغلۇپ قىلىپ، 1516 - يىلى سۈرىيەنىڭ شىمالىدا مەملۇكى شاھى سۇلتانغورىنى ئۆلتۈرگەن. ئاندىن غەلىبە پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، مىسىرغا يۈرۈش قىلىپ، سىنا چۆلىنى كېسىپ ئۆتۈپ، 1517 - يىلى 5 - ئاپرىل قاھىرەگە باستۇرۇپ كىرگەن.
تومانباينىڭ ئۆلۈمى بىلەن مىسىر ۋە لىۋىيە ئوسمانلىنىڭ ئۆلكىسىگە ئايلاندى. ھازىرقى توپقاپى سارىيىدا ساقلانغان بارلىق تەۋەررۈكلەر مانا شۇ ياۋۇز سۇلتان تەرىپىدىن ئىستانبۇلغا كەلتۈرۈلدى. قاھىرەدىكى كېيىنكى ئابباسىيلار خەلىپىسى ئورنىنى ياۋۇز سۇلتانغا ئۆتۈنۈپ بېرىپ، بىللە ئىستانبۇلغا كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ياۋۇز سۇلتاندىن تاكى 1924 - يىلغىچە ئوسمانلى سۇلتانلىرى غەربىي ئىسلام دۇنياسىنىڭ خەلىپىسى بولۇپ كەلدى».

1743 - يىلى ئامېرىكىنىڭ 3 - نۆۋەتلىك پرىزدېنتى توماس جېففىرسون تۇغۇلغان.

1885 - يىلى ھونگىرىيىلىك پەيلاسوپ جورجى لوكاش تۇغۇلغان.

1909 - يىلى ئوسمانلى ئارمىيىسىدە سۇلتان 2 - ئابدۇلھەمىدكە قارشى ئىسيان كۆتۈرۈلگەن.
« زىددىىيەت 1878 - يىلى سۇلتاننىڭ پارلامېنت تۈزۈمىنى بىكار قىلىۋېتىشى بىلەن باشلانغان. 1908 - يىلى ئارمىيە ئىسيان كۆتۈرۈپ، 1878 -يىلدىكى ئاساسىي قانۇننى تىرىلدۈرگەن. بىراق ئالتە ئايدىن كېيىن سۇلتان يەنە تازىلاشقا باشلىغان. نەتىجىدە 1909 - يىلى 31 - مارت ۋەقەسىنى تۇتقا قىلىۋالغان ئارمىيە / بىرلىك ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى تەرەپدارلىرى/ ئىسيان كۆتۈرگەن. بالقاندىكى ۋە سالونىكتىكى قوشۇنلار ئىستانبۇلغا باستۇرۇپ كەلگەن. نەتىجىدە سۇلتان شۇ يىلى 27 - ئاپرىل تەخىتتىن چۈشۈپ، ئىنىسى سۇلتان بولغان».

1919 - يىلى قەشقەردە ئابدۇقادىر داموللام باشچىلىقىدا قۇتلۇق شەۋقى، شەمسىدىن داموللام ۋە سابىت داموللام قاتارلىقلارنى ئاساس قىلغان 20 - ئەسىردىكى تۇنجى مىللىي ئويغىنش ۋە دىنىي ئىسلاھات ھەرىكىتى باشلانغان. « چاررۇسىيىنىڭ ھالاكىتى، ئاقلارنىڭ باستۇرۇپ كىرىشى ياڭ زېڭشىن بىلەن ماتىتەينىڭ مۇناسىۋىتىنى بۇزۇپ تاشلىغانىدى. نەتىجىدە 1918 - يىلدىكى ئاتۇ پاجىئەسى ۋە قوقان قىرغىنچىلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئابدۇقادىر داموللام يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن 1919 - يىلى غۇلجىدا تۇرۇۋاتقان سابىت داموللام ۋە باشقا ھەر قايسى جايلاردا چېچىلىپ كەتكەن ئالىملارنى توپلاپ 1919 - يىلىلا 1949 - يىلى بېشىمىزغا كەلمەكچى بولغان پاجىئەگە قارشى تەدبىر قوللانغان. تولىمۇ ئەپسۇس 1924 - يىلى 14 - ئاۋغۇست
« ئىچكى - تاشقى دۈشمەنلەر قولىدا ئىنچىكە پىلانلانغان سۇيقەست بىلەن شېھىت قىلىندى»
داھىيلىرىمىزنى قوغدىيالمىغاننىڭ بەدىلىنى يۈز يىلدىن بېرى ھەسسىلەپ ئېغىر ئۆتەۋاتىمىز!».

1934 - يىلى 13 - ئاپرىل جۈمە خوجىنىياز ھاجى سابىت داموللام باشچىلىقىدىكى 1 - جۇمھۇرىيەت باشلىقلىرىنى قولغا ئالغان.
« خوتەن ئەمىرى م. بۇغرا خېلىلا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، بىراق خوجىنىياز ھاجىنى قايىل قىلالمىدى. شۇڭا م. بۇغرا سابىت داموللامغا خوجىنىياز ھاجىنى قورالسىزلاندۇرۇش پىكرىنى بەرگەندە، داموللام رەت قىلدى. ئۆزى بىلەن بىللە خوتەنگە كېتىش تەكلىپىنىمۇ رەت قىلىپ، مۇنداق دېدى :« ئەگەر بىز كەتسەك، ھاجىمنىڭ كاللىسى كېتىدۇ.  شۇڭا بەدەل تۆلىشىمىز كېرەك. ھاجىم ھايات قالسا ھامىنى قايتا باش كۆتۈرۈپ، خەلقنى قۇتقۇزالايدۇ ! خالىغانلار كەتسۇن، خالىغانلار ئۆلۈمگە تەييارلانسۇن!». ئاقىۋەت م . بۇغرا
12 - ئاپرىل يەكەننى مۇداپىئە قىلىۋاتقان خوتەن ئەسكەرلىرىنى تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ، خوجىنىياز ھاجى قوشۇنلىرى بىلەن توقۇنۇشماي، قاغىلىق تەرەپكە چېكىنىشكە بۇيرىدى. ئۆزىمۇ سابىت داموللام بىلەن خوشلىشىپ، 13 - ئاپرىل ۆۈمە يېرىم كېچىدە، خوتەن ئەسكەرلىرى ساقلاۋاتقان دەرۋازىدىن چىقىپ كەتتى. نەچچە سائەتتىن كېيىنلا مامۇت مۇھىتىنىڭ كوماندىرى غوپۇر تۇەنجاڭ مىنىستىرلارنى تۇتقۇن قىلدى .شۇنىڭ بىلەن ساق بەش ئاي داۋام قىلغان تۇنجى جۇمھۇرىيىتىمىز ئۆز قولىمىزدا مۇنقەرز بولدى».

1937 - يىلى گېنىرال ئابدۇنىياز قەشقەردىكى سوۋېت كونسۇلىغا ۋە قەشقەر گارنىزون قوماندانى ليۇبىنغا مەكتۇپ ئەۋەتكەن.

1941 - يىلى موسكۋادا « سوۋېت - ياپونىيە
ئۆز ئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق بىتەرەپلىك كېلىشىمى ئىمزالانغان». بىراق سىتالىن ئەمدى ئۇھ دەپ تۇرۇشىغا، 70 كۈندىن كېيىن گېتلىر باستۇرۇپ كەلگەن.

1945 - يىلى سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى گېرمانىيە مۇستەملىكە قىلغان پىرۇسسىيە ۋە پولشادىكى ئاخىرقى جايلارنى ئىشغال قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش سېپى گېرمانىيە ئىچىگە سۈرۈلگەن. 1945 - يىلى 9 - ماي سوۋېت ئارمىيىسى بېرلىننى ئىشغال قىلغان.

1950- يىلى ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ئورتاق مۇداپىئە كېلىشىمى ۋە ئورتاق ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كېلىشىمىگە ئىمزا قويغان.

1966 - يىلى ئىراق رەھبىرى ئابدۇسالام ۋاپات بولغان.

1999 - يىلى گېرمانىيىلىك سىياسىيون ۋېللى سىتوف ۋاپات بولغان.

2019 - يىلى سۇدان ھەربىي تەرەپ ۋاقىتلىق ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋالغانلىقىنى، بىر يىللىق ھەربىي ھالەت جاكارلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
شۇنىڭ بىلەن 1989 - يىلى تەختكە چىققان سۇدان رەھبىرى ئۆمەر بەشىرمۇ تۈگەشتى.

يېقىنقى ئىككى ھەپتىدىن بۇيان ئالجىرىيە بىلەن سۇداندا ئىككىنچى قېتىملىق ئەرەب باھارى قوزغالدى. 1 - قېتىملىق ئەرەب 2011 - يىلى باھارى تۇنىس ۋە مىسىردىن باشلىنىپ، سۈرىيە بىلەن لىۋىيەدە ئەرەب ۋاباسىغا ئايلانغانىدى. مانا ئەمدى بۇ ئىككى دۆلەتتە 2019 - يىلى ئاپرىلدا قايتا ئەرەب باھارى پارتلىدى. بۇ باھار يەنە ئەرەب ۋاباسىغا ئايلىنىپ كېتەمدۇ يوق؟
ئەرەبلەرنىڭ دىتىغا ۋە دۇنيانىڭ ئىنساپىغا باغلىق!

ئەمدى ئۆزىمىزنىڭ ئىشىغا كەلسەك، ھازىرقىدەك مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەتتە يەنە
خاتالىشىپ، خاتا كۈچلەر بىلەن خاتا ۋاقىتلاردا خاتا مەيدانلاردا بىر سەپتە بولۇپ قالساق ، بۇنىڭ بەدىلى نەسلىمىز قۇرۇش، خەلقىمىزنىڭ ھالاكىتى ھەمدە ۋەتىنىمىزنىڭ ئەبەدى قولدىن كېتىشى بىلەن خۇلاسىلىنىدۇ!

« بىر قوماندان خاتالاشسا بىر ئارمىيە ھالاك بولىدۇ. ئورنىغا يەنە ئادەم سەپلەپ قوشۇن تەشكىللىگىلى بولىدۇ ! ئەگەر سىياسىيون خاتالاشسا پۈتۈن مىللەتنى ھالاك قىلىدۇ. ۋەتەن قولدىن كېتىدۇ !» . شۇڭا سىياسىيون بولۇشقا ئالدىراپ كەتمەيلى ! ئارىمىزدا بار سىياسىيونلارنى قەدىرلەيلى ! سىياسىيونلىرىمىز قاتتىق ھوشيار ۋە سەگەك بولۇشى كېرەك !

2019 - يىلى 4 - 13 - ئاپرىل شەنبە