2021/01/16 11:58

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


قېزىم: دادا،تۇغۇلغان كۇنۇمنى بىللە ئۆتكۈزەمدۇق؟

يوللىغۇچى: Tahir Imin, 2019/03/28 10:24

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

Tahir Imin

قېزىم: دادا،تۇغۇلغان كۇنۇمنى بىللە ئۆتكۈزەمدۇق؟

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

بۇگۇن سەھەر ئ‍ويغانسام كاللامدا ھەر كۈندىكى تاتلىق ئەمما ئازاپلىق ئەسلىمە، قىزىمنى كۆرۇپتىمەن ،ئۇ چوڭ ئۆيدە ئۆزى يالغۇز ئولتۇرغۇدەك، تېلېۋىزۇرنىمۇ ئاچماپتۇ، ئەزەلدىن چىرايلىق كىيملەرگە ئامراق قېزىم تۈزۈكرەك كيىممۇ كەيمەپتۇ.
ئۇ تام تۈۋىگە قويۇۋالغان تاختايغا مىنىڭ رەسمىمنى سزىپ توختىتىپ قويۇپتۇ. پەقەت باش قسمنى سزىپتۇ.
ئۆيدىن كىرىشىمگە، ئۇ ماڭا قاراپ قويدى، يېقىنلاپ كەلمىدى، ئۇ ھەممە نەرسدىن قورقىدىغاندەك تۇراتتى.ئۇ ھەممە نەرسدىن سوۋۇپ كەتكەندەك تۇراتتى.
مەن يېقىنلاپ بىرىپ،ئۇنى قۇچىقىمغا بېسپ : ئاپىڭىز قىنى دەپ سورىدىم،
 :ئاپام ماڭا «دادىڭىزنىڭ ئ‍سمىنى چىقارسڭىز بولمايدۇ ،ئادىل دادىڭىز،پاتىگۇل ئاپىڭىز دادىڭىزنىڭ سەۋەبىدىن يوقاپ كەتتى،ئەلقەمجان ئۇكىڭىز،سۇبھىنۇر ئاچىڭىز ھەممىسى ئاتا-ئانىسز قالدى »دىگەنىدى.شۇڭا ئاپام سنى كۆرۇشنى خالىماسلىقى مۇمكىن دىدى.مەن بىلىدىغان بۇ گەپلەردىن ئۆزۇمنى قاچۇردۇم:
-قورسقىڭىز ئاچتىمۇ ؟سورىدىم مەن؛
-مەن  تۇخۇم پشۇرۇپ يېدىم دادا دىدى ئۇ،
-نىمىشقا تاماق يېمىدىڭىز قىزىم؟
-ئاپام ئۇن ،ياغ تاپالماپتۇ،ناۋايخانىلار يوقكەن، شۇڭا تۇخۇم بىلەن سەي يەيمىز.
-نىمىشقا يالغۇز ئولتۇرسز،قېزىم ؟
-مەھەللىدە ئوينايدىغان بالىلار يوق،خوشنىلارمۇ يوق.

مەن قېزىمنى كۆتۈرۈپ دەرىزىدىن پەسكە قارىدىم، مەھەللە جىمجىت ۋە سۈرلۈك ئىدى،
قۇشلارغا،دەل-دەرەخكە ئامراق قىزىم مانا ئەمدى ئۇلارغا قاراپمۇ قويمايتتى،باھار پەسلى كەپتۇ، بىراق ھاۋا ئىللىغاندەك تۇيۇلمايتتى، كوچىلاردا بىرەرمۇ تونۇش چىراي كىشى ئۇچرىمايتتى. ئادەملەر ئاز ئىدى، ھىچكىم بىرىگە  قاراپ سالام-سائەت قىلىشمايتتى.قېزىم ماڭا قاراپ سورىدى:
- دادا تۇغۇلغان كۈنۈمنى بىللە ئۆتكۇزەمدۇق ؟
-چوقۇم بىللە ئۆتكۇزىمىز قېزىم! مەن مەڭگۇ سز بىلەن بىللە.
كىلىش ئالدىدا تۇرغان 10-ئاپرىل شەھرىبانۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى،كاللامدىن ئۇنىڭغا يەنە ھەمرا بولالمايدىغانلىقىم ،ھەتتا ئۇنىڭغا تىلفۇندا :تۇغۇلغان كۇنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن دىيەلمەيدىغانلىقىم كەچتى.ئۇنىڭ ئاپىسى، تاغىسى،چوڭ ئاپىسى،ئۇكىلىرىغا كەلگەنلەر بەلكىم ئۇنى باشقا بىر شەھرىبانۇ قىلىۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن،ئەمما ئۇ يەنىلا مىنى دادا دەپ چاقىردى ،بەلكىم بۇ بىر چۇشۇم بولۇشى مۇمكىن.