2020/06/04 23:42

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


13 - ئاپرىل 1 - جۇمھۇرىيىتىمىز مۇنقەرز بولغان كۈن

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/04/16 02:36

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى

« 13 - ئاپرىل :  بىرىنچى جۇمھۇرىيىتىمىز مۇنقەرز بولغان كۈن » :

ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغىنىدەك مىلادى 1918 - يىلى 30 - ئۆكتەبىر ئوسمان ئىمپىرىيىسى ئانتانتا دۆلەتلىرى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، مەغلۇپ بولغان ھېساپتا 1 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن چىقتى. 1919 - يىلدىن باشلاپ، ئۇنىڭ غەربىي ئاسىيا، شىمالى ئافرىقا ۋە بالقاندىكى زېمىنلىرى مۇستەملىكىگە چۈشۈپ قالدى. ھەتتا دۆلەتنىڭ يۈرىكى بولغان ئاناتولىيەمۇ ئەنگلىيە ، فرانسىيە، ئىتالىيە ۋە گېرتسىيىنىڭ ئىشغالىغا دۇچ كەلدى.

1919- يىلى مايدىن 1923 - يىلى سېنتەبىرگە قەدەر  قۇتۇلۇش ئۇرۇشى قىلغان تۈركىيە ئاخىرى شۇ يىلى 29 - ئۆكتەبىر تۈركىيە نامىدا دۆلەت قۇردى. بۇنىڭدىن چۆچىگەن سوۋېت ئىتتىپاقى سىتالىن بىر كېچىدىلا سىزىپ چىققان يېڭى خەرىتە ئاساسىدا ئەسلىدىكى تۈركىستان ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتىنى بەش ئىتتىپاقداش ئۇششاق جۇمھۇرىيەتكە پارچىلاپ، 1924 - يىلى 5 - ئىيۇل قانۇن چىقىرىپ، « تۈركىستان» نامىنى مەنئىي قىلىپ « ئوتتۇرا ئاسىيا » نامىغا ئۆزگەرتتى. گەرچە ئەنۋەر پاشا 1922 - يىلى ئاۋغۇستا ئېتىۋېتىلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ باشلىغان« ئازات تۈركىستان قۇرۇش يولى» دا  قولىغا قورال ئالغان « باسمىچىلار » دەپ ئاتالغان ئەركىنلىك جەڭچىلىرى، ساق ئون يىل سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ 200 مىڭ كىشىلىك قوشۇنىغا قارشى جەڭ قىلىپ، 1932 - يىلى ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم قوراللىقلار ئاتۇش ۋە قەشقەر تاغلىرىغا چېكىندى.

ۋەتىنىمىزدە 1931 - يىلى فېۋرالدا قۇمۇلدىن باشلانغان قوزغىلاڭ نەتىجىسىدە، 1933 - يىلىغا كەلگەندە ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان مىللىي مۇستەقىللىق ئىنقىلابى تولۇق غەلىبە قىلىپ، 1933 - يىلى 12 - نويابىر سابىت داموللامنىڭ دانالىق بىلەن ھەر قايسى قوراللىق گۇرۇھلارنى بىرلەشتۈرۈپ، قەشقەردە ئوسمان ئىمپىرىيىسى يىقىلغاندىن كېيىنكى تۇنجى ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇشى بىلەن تاماملاندى.

ھىجىرىيە 1352 - يىلى رەجەپنىڭ 24 - كۈنى يەكشەنبە/ 1933 -يىلى 12 - نويابىر قەشقەر شەھىرىدە تۇنجى جۇمھۇرىيىتىمىز بولغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى. ئۇنىڭ دۆلەت ئارمىيىسى ئاددىي قوراللار بىلەن قوراللانغان خوتەن ئەسكەرلىرى،
تۆمۈر سىجاڭدىن قالغان ئەسكەرلەر، سابىت داموللام ئاتۇشتا تەشكىللىگەن يەرلىك ئەسكەرلەر، ئوسمان ئەلىنىڭ قىرغىز قىسمى، سېتىۋالدىجاننىڭ ئۆزبېك قىسمى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىن قەشقەرگە قېچىپ كەلگەن پىشقان- تەجرىبىلىك ئەسكەرلەر بولۇپ، يۈسۈپچان قۇربېشى / تۈمەن بېشى بولغانلارنىڭ ھەربىي ئۇنۋانى/ قوراللىق قىسىملارنىڭ قوماندانى ئىدى. 1934 - يىلى يانۋاردا خوجىنىياز ھاجى 1500 سەر خىل ئەسكىرى بىلەن قەشقەرگە كىرگەندىن كېيىن دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ كۈچى تېخىمۇ ئاشتى. بىراق ھىيلىگەر يۈسۈپچان يېڭىشەھەرنى ئېلىش ئۇرۇشى ئاخىرلاشسا، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇشتىن ئەنسىرەپ، ئۇرۇشنى قەستەن كەينىگە سوزۇپ، مەخپىي ھالدا تۇڭگانلارنى ئاشلىق بىلەن تەمىنلەپ تۇرغانلىقتىن، يېڭىشەھەر ۋاختىدا ئېلىنمىدى.
ئاقىۋەت 1934 - يىلى 6 - فېۋرال ماجۇڭيىڭ يېڭىشەھەردىكى تۇڭگانلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئەۋەتكەن مافۇيۈەن قىسمى گومىنداڭنىڭ ئىلغار قوراللىرى بىلەن جەڭ قىلىپ، جۇمھۇرىيەت ئارمىيىسىنى تارمار قىلىپ، قەشقەرنى ئىشغال قىلىدۇ. سابىت داموللام ھۆكۈمەتنى يېڭىسارغا كۆچۈرۈپ كېتىدۇ. ئەتىسى يۈسۈپچانغا قاراشلىق قوچقارباي قاتارلىقلار تۇڭگانلارنىڭ ئاتۇشقا بۇلاڭچىلىققا چىقىپ كەتكەن پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، يېرىم كۈن قەشقەرنى ئىگىلەيدۇ. بىراق تېزلا قايتىپ كەلگەن تۇڭگانلار شەھەرگە باستۇرۇپ كىرىپ،
ئۈچ كۈن « باندىت تازىلاش » نامىدا قەتلىئام پەيدا قىلىپ، 10 مىڭدىن ئوشۇق كىشىنى قىرىپ تاشلايدۇ. ھەتتا ئەنگلىيىنىڭ قەشقەردىكى كونسۇلىنىڭ خوتۇنى ماكارتېنى خانىممۇ ئېغىر يارىلىنىدۇ.

يېڭىساردا بۇ پاجىئەلىك ۋەقەدىن خەۋەر تاپقان سابىت داموللام ئەدىلىيە مىنىستىرى زېرىف قاراجىم بىلەن كېڭىشىپ، ۋەقەگە سەۋەپچى بولغان يۈسۈپچاننى چاقىرتىدۇ. يۈسۈپچان تولۇق تەييارلىق بىلەن داموللامنىڭ ئەيىپلىشىنى جىمجىت قوبۇل قىلىدۇ. ئاخىرىدا داموللام تاھارەت ئېلىش باھانىسىدا ھۇجرىدىن چىقىپ كېتىدۇ. ئارقىدىنلا بىر خوتەنلىك ئەمىر قورالىنى بەتلەپ ھۇجرىغا كىرىپ،« قولۇڭنى كۆتۈر!» دەپ بۇيرۇق قىلىدۇ. لېكىن ئاللىبۇرۇن قورالىنى تەييار قىلىپ تۇرغان يۈسۈپچان ئاۋۋال ئوق چىقىرىپ، ئەمىرنى ئېتىۋېتىپ، دەھلىزنى چېقىپ چىقىپ، يېڭىسار سېپىلىگە چىقىپ ئەسكەرلىرىنى توپلايدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇنى قورالسىزلاندۇرۇش مەغلۇپ بولىدۇ. بىراق سابىت داموللام ئۇنى ئېلىپ تاشلاش ئۈچۈن سېتىۋالدىجانغا بۇيرۇق بېرىدۇ.

دەل شۇ پەيتلەردە تۇڭگانلار يېڭىسارغا كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلىدۇ. يۈسۈپچان ئۆز قوشۇنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، « ئاشلىق ئەكىلىش» باھانىسى بىلەن يېڭىساردىن چىقىپ كېتىدۇ. يولدا تۇڭگانلاردىن ئېغىر زەربە يەپ، تاشمىلىققا قېچىپ كېتىدۇ.

1934 - يىلى مارتتىن باشلاپ تۇڭگانلارنىڭ ھۇجۇمى كۈچىيىپ كەتكەچكە، سابىت داموللام پايتەختنى يەكەنگە كۆچۈرىدۇ. مەھمۇت مۇھىتى داموللامنى مۇھاپىزە قىلىپ ئاپىرىپ قويۇپ، يېڭىسارغا قايتىپ كېلىپ، ئاكا - ئۇكا ئەمىرلەرنى يەكەنگە چېكىنىشكە دالالەت قىلىدۇ. چۈنكى ئوق - دورىلار تۈگىگەن، خوتەن ئەسكەرلىرى بولسا، ئاساسلىقى چوماق، قىلىچ ۋە نەيزىلەر بىلەن قوراللانغانىدى. بىراق تۇڭگانلارنىڭ قولىدا گومىنداڭنىڭ ئىلغار قوراللىرى، قەشقەردىكى مادوتەيدىن قالغان زاپاس قوراللىرى بار ئىدى. كۈچ پەرقى زور بولغاچقا ئۇزاققىچە بەرداشلىق بەرگىلى بولمايتتى. ئەمما م . بۇغرانىڭ ئىنىلىرى ئاداققىچە يېڭىسار بىلەن بىللە بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، رەت قىلدى. نەتىجىدە  مامۇت سىجاڭ يەكەنگە چېكىندى. 26 - مارت ئەمىرلەر قۇربان ھېيت نامىزى ئوقۇۋاتقاندا، تۇڭگانلار يېڭىسار سېپىلىنى ئىشغال قىلىۋالدى. ئاقىۋەت قۇربان ھېيت كۈنى يېڭىسار شېھىتلەرنىڭ قانلىرى بىلەن بويالدى. بارلىق قوشۇن شېھىت بولدى.

سىتالىننىڭ قاتمۇ - قات بېسىمى ، بىر تەرەپتىن خوجىنىياز ھاجىنى شېڭ شىسەي بىلەن بىرلىششكە قىستىشى، يەنە بىر تەرەپتىن تۇڭگانلارنى جۇمھۇرىيەت قوشۇنلىرى ۋە خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈشكۈتىشى نەتىجىسىدە، ئىنقىلاپ رەھبەرلىرى ئارىسىغا دەز كەتتى.

ئاپرىلدا خوجىنىياز ھاجى يەكەنگە كېلىپ، سوۋېت تەرەپ بىلەن تۈزگەن 12 ماددىلىق كېلىشىمنى مۇنازىرە قىلدى. نەتىجىدە بۇ كېلىشىم رەت قىلىنىپ، خوجىنىياز ھاجى يا ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىش، يا كېلىشىمنى بىكار قىلىش، ياكى جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىنى بىكار قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ تاللاش ئارىسىدا قالدى.
گەرچە ئىنىلىرىنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپ، تېزدىن يەكەنگە كەلگەن م . بۇغرا كۆپ كۈچىگەن بولسىمۇ، بىراق ھالاكەتلىك تەقدىرنىڭ ئالدىنى ئالالمىدى. خوجىنىياز ھاجىنى تېنچ ھالدا قورالسىزلاندۇرۇپ، بارلىق قوشۇننى يېڭىساردىن كېلىدىغان تۇڭگانلارغا قارشى قايتا تەشكىللەش پىكرى رەت قىلىشقا ئۇچرىغاندىن كېيىن خوجىنىياز ھاجى ئۆز قوشۇنلىرى جايلاشقان گازارمىغا چىقىپ كەتتى. ئەھۋالنىڭ چاتاقلىقىنى پەملىگەن م . بۇغرا سابىت داموللامنى بىللە خوتەنگە قايتىپ كېتىشكە دەۋەت قىلدى. بىراق داموللام يەنە رەت قىلدى. داموللام ئاخىرىغىچە جۇمھۇرىيەت بىلەن بىللە بولۇشنى تاللىغانىدى.

شۇنداق قىلىپ، 1934 - يىلى 13- ئاپرىل جۈمە سابىت داموللام باشلىق جۇمھۇرىيەت رەھبەرلىرى تۇتقۇن قىلىندى. م . بۇغرا بۇ چاغدا قاغىلىققا چېكىنىپ كەتكەنىدى. يەكەندىكى بۇ ئۆزگىرىشلەر دەرھال تۇڭگانلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. شۇنىڭ بىلەن يەكەندە يېگانە ھالدا قالغان خوجىنىياز ھاجى تەڭ كېلەلمەسلىكىنى پەملەپ، يەكەندىن مارالبېشىغا قاراپ قاچتى.
ئەمما تۇڭگانلار يېرىم يولدا يېتىشىۋېلىپ، قورال - ياراق ۋە تۆگىلەرنى بۇلىۋالدى. بۇنىڭدىن تولىمۇ خورلۇق ھېس قىلغان مامۇت سىجاڭ قورال - ياراقلارنى قايتۇرۋېلىش ئۈچۈن، ھاجىنى ئاقسۇغا يولغا سېلىۋېتىپ، مەخپىي ھالدا تۇڭگانلارنىڭ ئىزىغا چۈشتى. دەرۋەقە ئۇلار بىر كەنتتە ئارام ئېلىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، بارلىق نەرسىلەرنى قايتۇرۋالدى. ئۇندىن باشقا خېلى قوراللار ۋە ماددىي ئەشيالارنى ئولجا ئالدى. تۇڭگانلار يەكەنگە قېچىپ كەتتى.

يۇقىرىقى قالايمىقانچىلىقتا سابىت داموللام، زېرىف قاراجىم ۋە سۇلتانبەگلەر پۇت - قولىدا تاقاق بولغانلىقتىن، يېقىن ئەتراپتىكى يۇلغۇنلۇقتا پاناھلانغان ئىدى. خوجىنىياز ھاجى   ئۇلارنى تاپالماي، تۇڭگانلارغا ئەسىرگە چۈشكەن ئوخشايدۇ دەپ ئاقسۇغا قاراپ كېتىۋەردى. بىر مەكىتلىك ئوۋچى كىشى داموللاملارنى ئۆيىگە ئاپىرىپ، كىشەنلەرنى پاچاقلاپ تاشلىدى.
ئەتىسى جۈمە كۈنى بولغاچقا، سابىت داموللام ئاخىرقى جۈمەنى مۇشۇ كەنتتە ئوقۇماقچى بولدى. شۇنداق قىلىپ، ھازىرغىچە بىر قېتىممۇ جۈمە ئوقۇلۇپ باقمىغان خىلۋەت كەنتتە تۇنجى قېتىم تارىخىي خارەكتېرلىق جۈمە نامىزى ئوقۇلدى. بۇ دەل 1353 - يىلى مۇھەررەمنىڭ 7 - كۈنى / 1934 - يىلى 20 - ئاپرىل ئىدى. ئاۋام تەڭلا دۇئاغا قول كۆتۈردى. ناتونۇش مېھمانلارنى تونۇمىسىمۇ ئۇلارنىڭ ئادەتتىكى كىشىلەردىن ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىشتى. جۈمەدىن كېيىن سابىت داموللام جامائەت بىلەن بىرمۇ - بىر ۋىدالاشقاندىن كېيىن، قايتا كېڭەش ئۆتكۈزۈپ مۇنداق دېدى :
« ھاجىمنىڭ بوينى سىتالىننىڭ قولىدا باغلاقتا، ئەگەر بىز جېنىمىزنى ئېلىپ قاچساق، ھاجىمنىڭ كاللىسى كېتىدۇ. نېمىلا دېگەن بىلەن ھاجىم كۆپنى كۆرگەن. ئەمەلىي ئۇرۇش تەجرىبىسى بار. ھايات قالسا ھامان قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئەل - يۇرتقا ئىگە چىقالايدۇ. ئەمما بىز ئۇنداق قىلالمايمىز. شۇڭلاشقا مەن خوجىنىياز ھاجىنىڭ كەينىدىن يېتىشىپ، ئۆزۈمنى قۇربان قىلىپ، ئۇنىڭ كاللىسىنى ساقلاپ قالماقچى. سىلەر قانداق قىلىسىلەر !؟ دەپ سوئال تاشلىغان. زېرىف قاراجىم قوشۇلۇپ، بىللە بارىدىغان بولغان. سۇلتانبەگ م . بۇغرا ھەزرىتىم بىلەن جەم بولۇپ، نېمە قىلىشنى قارار قىلاي دەپ خوشلاشقان. ئوۋچى سابىت داموللامنى خوتەنگە سالامەت يەتكۈزۈپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، كۆپ نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ، بىراق داموللام قارارىدىن يانمىغان. ئاخىرىدا ئوۋچى كىشى ئىككى ئېشەك تېپىپ، داموللامنى سالامەت خوجىنىياز ھاجى بىلەن ئۇچراشتۇرۇش ئۈچۈن يول باشلاپ ماڭغان.
1934 - يىلى 27 - ئاپرىل جۈمە سابىت داموللاملار خوجىنىياز ھاجىغا يېتىشىۋالغان.
ھاجىم ئۇلارنى قۇرۇق ئېلىپ كەلگەن قەپەسلىك ھارۋىغا سېلىپ، پۇت قولىنى - كىشەنلەپ يولىنى داۋام قىلغان.

سىتالىننىڭ كۈچلۈك بېسىمى، شېڭ شىسەينىڭ ماجۇڭيىڭ بىلەن خوجىنىياز ھاجى ئارىسىغا سالغان زىددىيىتى نەتىجىسىدە، بەش ئاي مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان 1 - جۇمھۇرىيىتىمىز سىتالىننىڭ ئەپچىللىك بىلەن تۈزگەن پىلانى بويىچە، رەئىس جۇمھۇرنىڭ بۇيرىقى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ ئىجرا قىلىشى بىلەن
مۇنقەرز قىلىنغان. « ئۆز گۆشىنى ئۆز يېغىدا قورۇش » دېگەن مۇشۇ بولسا كېرەك !
تارىخقا پۈتۈلگەن بۇ ئۇچۇرلار ئۇيغۇرلارنى شۇ دەرىجىدە ئۈمۈتسىز ۋە چۈشكۈنلۈك يولىغا باشلىدىكى، ئۇلار تەپتارتماي « سوۋېتلەردەك ئېنگلىزلاردەك، ھەتتا خىتايلاردەك كۈچلەرنى چۆچۈتكەن، بىۋاستە قول تىقىشقا مەجبۇرلىغان بىر دۆلەتنى قۇرغان داھىيلىرىغا تىل ئۇزارتماقتا!
تارىخنىڭ يۈزىنىلا كۆرۈپ، تېگىنى كۆرەلمەيۋاتماقتا!

« ئەجداتلىرىمىز سىلە - بىزدىن ئەقىللىقراق ئىدى. ئەمما دۈشمەنلەر شۇ چاغدىمۇ بىزنىڭ باش كۆتۈرىشىمىزنى پەقەتلا خالىمايتتى. شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار ئۈچ جاھانگىرنىڭ قورشاۋىدا تۇرۇپمۇ ئۆز دۆلىتىنى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ قۇرۇپ چىقتى».

« ئەجداتلارنىڭ خۇشاللىقى بىزنىڭ خۇشاللىقىمىز، ئۇلارنىڭ قايغۇسى بىزنىڭ قايغۇمىز ۋە دەردىمىزدۇر! ئەگەر بۇنداق بىر ئورتاقلىق بولمايدىكەن، ئۇنداقتا تارىخ بىر دۆۋە كېرەكسىز ئەخلەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ!»

سايرام ئوغلانى

2019 - يىلى 4 - 13 - ئاپرىل شەنبە

Tahir Imin

ناھايتى ياخشى تەييارلانغان تارىخى تېما ئىكەن،سايرام ئوغلى سزگە كۆپ رەھمەت ،ئەجىر قىلىۋاتىسز.