2021/01/16 13:00

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىختىكى بۈگۈن « 15 - ئاپرىل »

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/04/16 03:07

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى

2019/04/16 03:07 2019/04/23 01:24 دا تەھرىرلەندى، تەھرىر: سايرام ئوغلانى
تارىختىكى بۈگۈن « 15 - ئاپرىل» :

1452- يىلى ئىتالىيىلىك داڭلىق رەسسام داۋىنچى تۇغۇلغان. ئۇ ياۋروپادىكى گۈللىنىش دەۋرىنىڭ ئاتاقلىق كىشىلىرىدىن بىرى بولۇپ، 1519 - يىلى 2 - ماي ۋاپات بولغان.  ۋەكىل خاراكتېرلىق ئەسەرلىرى « مونالىزا»،« ئەڭ ئاخىرقى كەچلىك تاماق».

1642 - يىلى ئوسمانلى پادىشاھى 2 - سۇلايمان تۇغۇلغان.

1707 - يىلى شېۋىتسارىيىلىك ماتېماتىكا ئالىمى ئوۋلېر تۇغۇلغان.

1765 - يىلى رۇس ئالىمى ۋە يازغۇچىسى مىخائىل لومونوسوف ۋاپات بولغان.

1858 - يىلى فرانسىيىلىك جەمئىيەتشۇناس ۋە پەيلاسوپ ئېمىل دوركايم تۇغۇلغان.

1865 - يىلى ئامېرىكا پېرىزدېنتى ئابراھام لىنكولن قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن.

1888 - يىلى ئېنگلىز شائىرى ئارنولد تۇغۇلغان.

1894 - يىلى سوۋېت رەھبىرى نىكىتا خروششوف تۇغۇلغان. ئۇ 1953 - يىلى 5 - مارت سىتالىن ئۆلگەندىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي رەھبىرى بولغان.

1912 - يىلى تىتانىك ناملىق پاراخوتنىڭ كاپىتانى ئىدۋارد جون سېمىت قازا قىلغان. بۇ
پاراخوت 14 - ئاپرىل كەچ ئاتلانتىك ئوكياندا دېڭىزدىكى مۇز تاغقا سوقۇلۇپ چۆكۈپ كەتتى.

1920 - يىلى گېرمانىيۈ پرىزدېنتى رېچارد فون فاسكىر تۇغۇلغان.

1929 - يىلى ئوساكادىكى ئومىدا ۋوگزالىدا تۇنجى مال سېتىۋېلىش مەركىزى ئېچىلغان.

1934 - يىلى ماخۇسەن قوشۇنى مۇداپىئەسىز قالغان يەكەننى كۈچىمەيلا ئىشغال قىلىپ، خوجىنىياز ھاجىلارنىڭ كەينىدىن قوغلىغان.

1955 - يىلى تۇنجى ماكدونالدىز زەنجىرسىمان ئاشخانىسى ئامېرىكىدا تىجارەت باشلىغان.

1961 - يىلى ئامېرىكا ئارمىيىسى « توڭگۇز قولتۇقى ئۇرۇشى » دائىرىسىدە كۇبانىڭ ئايروپورتلىرى ۋە پايتەخت ھاۋانانىڭ ئولتۇراق جايلىرىغا ھۇجۇم باشلىغان.

1983 - يىلى دىزنى لاند توكيودا « توكيو دىزنى لاند » نامى بىلەن ئاۋامغا ئېچىۋېتىلگەن.

1988 - يىلى مەككىدىكى ھاجىلار چېدىرلىرىدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 343 ھاجى قازا قىلغان.

1989 - يىلى خىتايدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تيەنئەنمېن مەيدانىدا كەڭ كۆلەمدە دېموكراتىيە تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغان. بىراق ياۋۇز خىتاي ھۆكۈمىتى 4 - ئىيۇن بۇ مەيداندا قەتلىئام ئېلىپ بېرىپ، 10 مىڭدىن ئوشۇق كىشىنىڭ بېشىغا چىققان. بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى تېخى ئەنگلىيە يېقىندىلا دۇنياغا ئاشكارىلىدى».

2010 - يىلى قىرغىزىستان پىرىزدېنتى قۇربانبېك باقىيېف ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىپ، قازاقىستانغا قېچىپ كەتكەن. قىرغىز خەلقىنىڭ ھەپتىلەرچە نامايىشى ئۇنى مانا مۇشۇنداق قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر قىلغانىدى.

2019 - يىلى 4 - 15 - ئاپرىل  دۈشەنبە